مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1083|ئىنكاس: 17

ئىدىقۇت شەھرى ۋە “ئىدىقۇت”نىڭ مەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:00:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىدىقۇت شەھرى—— مىلادىنىڭ 500-يىللىرىدىن 600-يىللىرىغىچە قۇجۇ خانلىقىنىڭ نىڭ ئاستانىسى بولغان شەھەر, كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىشلىق ئاستانىسى)پايتەختى(بولغان , 1500يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر。
ئىدىقۇت - “بەخىت بەرگۇچى” مەنىسىدە بولۇپ , ”ئىدى“ , ”ئىگە“ ,”قۇت“ ,”بەخىت“ دېگەنلىكتۇر , 7-ئەسىردە باشبالىق ) ھازىرقى جىمىسار ئەتراپىدا (دا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ باسمىل قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھۆرمەت نامىمۇ ”ئىدىقۇت“ئىدى; 12-13-ئەسىرلەردە قۇجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ ۋە خانلىرىنىڭ ھۆرمەت نامىمۇ بولغان , بۇ ئىسىم تاكى يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرغىچە قوللىنىلغان 。

مەنبە: قەلەم

——————————————————————————

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

                                                                                      پەرھات جىلان  

           ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى 844-يىلى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى.ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچۈپ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي تۈركۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى .ئۈچىنچى بىر تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بولسا،قاراخانىيلار سۇلالىسىنى تىكلىدى.
بۇ ئۈچ خانلىق ئىچىدە مەۋجۇت ۋاختى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇنىڭ سەلتەنەت دەۋرى مىلادى 860-يىلدىن 1369-يىلغىچە بولغان 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ خانلىقنىڭ 5 ئەسىرلىك تارىخى جەريانىدا چېگرا-پاسىللىرى ئۆزگىرىپ تۇرغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ زىمىن دائىرىسى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكى شەرقتە قۇمۇلنى،غەربتە ئىلى رايونى،جەنۇپتا كۇچا ۋە ئاقسۇنى،شىمالدا ئىمىل دەريا ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.لېكىن چېگرىنىڭ بۇنداق ھالىتى ئۇزاق داۋاملاشمىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەلىكىدىن كۇچا ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يەرلەر بۆلۈنۈپ چىقىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتتى. رۇس تارىخچىسى ئا.مالياۋكىن ئۆزىنىڭ《 9-10ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى 》ناملىق ئەسىرىدە :《تۇرپان (ئىدىقۇت) خانلىقى كۇچا رايونىنى ئانچە ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالمىدى ...كۇچانىڭ قولدىن كېتىشى،ئېھتىمال،بۇ رايوندا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك 》دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەش شەھىرى بار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ،بۇ بەش شەھەر_قۇجۇ،سۇلمى،بەشبالىق،چانبالىق،ياڭىبالىق دەپ كۆرسىتىلىدۇ.《قۇجۇ》دىيىلگىنى ھازىرقى تۇرپاننىڭ ئورنىدابولغان. 《سۇلمى》دىگىنى ھازىرقى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئورنىدا بولغان دەپ پەرەز قىلىنماقتا. 《بەشبالىق》شەھىرى ھازىرقى جىمسار ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. 《چانبالىق》شەھىرى ھازىرقى سانجى شەھىرىنىڭ ئورنىدا دەپ قارالماقتا.ۋەھالەنكى،《ياڭىبالىق》شەھىرىنىڭ ئورنى ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇ شەھەر كۇچا ئەمەس،چۈنكى كۇچا تارىختا ئىزچىل تۈردە كۈسەن،كۇچار دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.
《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا يەنە كۇچا ئەتراپىدىكى جايلاردا دىنىي ماجرالارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھىچنىمە دىيىلمىگەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا،كۇچا دىيارىنىڭ ئىسلاملىشىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىشى نىسبەتەن تىنىچ يول بىلەن ئەمەلىيلەشكەن بولسا كېرەك.
بۇنىڭ ئەكسىچە ،مەھمۇد قەشقىرى ئۆز ئەسىرىدە ئىلى ۋە ئىمىل دەريالىرى ۋادىلىرىدا مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى دىندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭلەر تېما قىلىنغان بىرمۇنچە قوشاقلار خاتىرىلەنگەن.ئەنە شۇ جەڭلەر نەتىجىسىدا ئىلى ۋە ئىمىل رايونلىرىمۇ قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان ۋە ئىسلاملاشتۇرۇلغان.
11-ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ چېگرىسى جەۇپتا كۇچا بىلەن قاراشەھەرنىڭ ئارىلىقىدا،غەرب ۋە شىمالدا ئىلى ۋە ئىمىل ۋادىلىرىغا يەتمىگەن يەرلەردە بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ چېگرىلار تاكى 1369-يىل ئىدىقۇت خانلىقى موغۇلىستان خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ساقلانغان دىيىش مۇمكىن.13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇللار بىلەن ئىتىپاقلاشقانىدى.مۇڭغۇللار گەرچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ،ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزمىگەنىدى.ئەتراپتىكى باشقا خانلىقلارمۇ چىڭگىزخانغا بېقىنىپ،ئىدىقۇت خانلىقنىڭ چېگرىلىرىغا تەھدىت سالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ۋە ئومۇمەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىرقەدەر تىنچ ئۆتتى.مۇڭغۇل خانلىرى باشتىن-ئاياغ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يەرلىرىنى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولمىغان.دىمەك مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋىردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ چېگرىلىرى ئۆزگەرمىگەن دىيىشكە بولىدۇ.
13-14-ئەسىرلەردىكى ئاسىيا تارىخىدا ئۇيغۇرلار خېلى كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى.چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىزلىرى بار.چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئورنىتىلغان يېڭى تەرتىپتە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغانىدى.چىڭگىزخان ئۆز قول ئاستىدىكى يەرلەرنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە ئىدىقۇت خان بارچۇق ئارت تېگىننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنىي خاقانى دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئۇيغۇر زېمىنىلىرىغا مۇڭغۇل قوشۇنى ۋە نازارەتچى ئەمەلدارلىرى كىرمىدى.
مىلادى 1209-يىلى چىڭگىزخان بىلەن ئىدىقۇت خان ئۆز ئارا ئەلچىلەر ئەۋەتىشىپ،رەسمىي يوسۇندا ئىتىپاقلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.1211-يىلى چىڭگىزخان ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بېرىدىغانلىغىنى جاكارلىدى.
بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈزشى قانداق ئىدى؟نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى؟ 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قىتانلارنىڭ شەرقتىن غەرپكە كۆچۈش ھەركىتى باشلاندى.12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،شەرقتىكى تاڭغۇت خانلىقى باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.ئىدىقۇت خانلىقى قارا قىتانلار ۋە تاڭغۇتلاردىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىككى خانلىقنىڭ ئوتۇرىسىدا سىقىلىپ قېلىپ،سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى.شۇڭا،قارا قىتانلاردىن قۇتۇلۇش ۋە تاڭغۇتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ئىدىقۇت خانلىرىنى بىر كۈچلۈك ئىتىپاقداشنىڭ تېپىلىشىغا تەققەززا قىلاتتى.

ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

1) ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت تارقىتىش رولىنى ئوينىدى.مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور يېڭىلىق ۋە ئىلگىرىلەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.ئىلگىرى مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئەمىر –پەرمانلىرى ئەئەنىۋى ئادەت بويىچە قوشاق ئېيتىش شەكلى بىلەن ئېغىزچە يەتكۈزىلەتتى.تاتاتۇڭا (ئۇيغۇر ،دۆلەت ئۇستازى) كېيىن تامغا بېسىلغان مەكتۈپ شەكلى بىلەن يەتكۈزىلىدىغان قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا باج-سېلىق ۋە تۈرلۈك ھاكىمىيەت ئىشلىرىمۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلىنىدىغان بولدى.مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىگە يېزىق ئۈگىتىلىپ،مائارىپ ئىشلىرى يولغا قويۇلدى.ئۇلار مۇڭغۇل تىلىنى ئۇۇيغۇرۇ يېزىقى بىلەن يېزىپ ۋە كېيىنچە بۇيېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ،مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈردى.
2) ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.تاتاتۇڭا چىڭگىزخان تەرىپىدىن دۆلەت ئۇستازى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن تارتىپ،قۇبلايخان قۇرغان يۇەن سۇلالىسىنىڭ تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئىش ئىزلىرى خاتىرىلىنىپ قالغان.1271-يىلى يۇەن سۇلالىسى تىكلىنىپ،پۈتۈن جۇڭگو زىمىنى يېڭىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇبلايخان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان.شۇ دەۋىردە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى ئۇيغۇرچە《خانىبالىق》(خان تۇرىدىغان شەھەر)دەپ ئۆزگەرتىلگەن.بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئوردىسىدا مەسلەھەتچى،تەرجىمان،ئوقۇتقۇچى،باجگىر بولۇپ خىزمەت قىلغان.
3) ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى. ئىدىقۇت ئۇغۇرلىرى چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى كەنت،خارەزىم،سەمەرقەند،بۇخارا ۋە ئېراندىكى مەرۋى،نىشاپۇر شەھەرلىرىنى ئېلىشتا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىننىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان.چىڭگىزخان ئۇلارنى《ئىتىزامى ئىنتايىن كۈچلۈك،تەڭدىشى يوق بىر قوشۇن بولۇپ،بىزگە ناھايىتى زور تۆپە قوشتى 》دىگەنىدى.ئىدىقۇت قۇماندانلىرىدىن ئالابارس يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنى 1219-يىلى قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردا نايمانلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.ئۇيغۇر قوماندانلاردىن يولۇن تەمۈر،بولۇق،گەسمەرى قاتارلىقلار چىڭگىزخاننىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن.
قۇبلايخاننىڭ جۇڭگونى بىرلىككا كەلتۈرۈپ،يۇەن سۇلالىسىنى تىكلەش ۋە بۇ سۇلالىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە ھەم شىزاڭ رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەبىي ھەركەتلىرىدە باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغان.ئۇيغۇر قوشۇنلىرى كېيىن يەنە ھىندىچىن يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ ۋېيتنامنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىغىمۇ قاتناشقان.
شىنجاڭ تارىخى ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا شۇ دەۋلەردىكى ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇڭغۇللار قۇرغان ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر،خۇسۇسەن يۇەن سۇلالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە ئوينىغان رولى يېتەرلىك دەرىجىدە تولۇق ۋە مەخسۇس يورۇتۇلۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا كەمتۈكلۈك پەيدا بولىدۇ.

http://uyghur.xjass.com/uyghur/lishisuo/content/2008-06/10/content_12518.htm

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://nazim.blogbus.com/logs/40381951.html
بۇ ئۇلنىشتىكى تېمىنىمۇ قىستۇرۇپ قويسىلىرى بوپتىكەن ! [s:86]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت xamxarka كە 2010-10-02 05:15 PMئەۋەتىلدى :
http://nazim.blogbus.com/logs/40381951.html
بۇ ئۇلنىشتىكى تېمىنىمۇ قىستۇرۇپ قويسىلىرى بوپتىكەن ! [s:86]

بلوگىردىن روخسەت ئىلىشقا توغرا كىلىدىكەن !

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئېغىزىڭ قانغا تو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12451
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9201
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 4399 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسمىڭىزنى ماتېماتىكا قويماي تارىخ قويسىڭىز بوپتىكەن.

تېمىلىرىڭىز بەك ئېسىلكەن.

ئېغىزىڭ قانغا تولسىمۇ،دۈشمىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە...

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90741
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:27:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە  كۆپ  تەشەككۈر  دوستۇم [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 2220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6801
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:33:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي شۇ زاماندىكى تارىختا ياشاپ قالساق بۇپتىكەن.

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت matimatika كە 2010-10-02 05:20 PMئەۋەتىلدى :

بلوگىردىن روخسەت ئىلىشقا توغرا كىلىدىكەن !

پوقىنى يەپتۇ ،مەن  ئۇ تېىمىنى نەچچە تور بېتىدىن كۆرىگەن .

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت xamxarka كە 2010-10-02 05:38 PMئەۋەتىلدى :

پوقىنى يەپتۇ ،مەن  ئۇ تېىمىنى نەچچە تور بېتىدىن كۆرىگەن .

بىراق ئۇ تېمىدا ئاتالمىش مۇنبەرگە يوللاشقا بولمايدىغان ”ئۆلچەم “ گە چۇشمەيدىغان سۆزلەر بارىكەن!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 05:51:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    موڭغۇل يايلىقىدا ئىش باشلاپ،جاھاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىشقا باشلىغان، كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنغا ئېگە چىڭگىزخانغا نىسبەتەن  قاراقىتانلارغا ئۇلپاڭ تۆلەپ خاراپلاشقان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قارخانىيلار خانلىقى ھېچقانچە قارىشلىق كۆرسەتكۈدەك كۈچ ئەمەس ئىدى!
   چىڭگىزخان ئىستىلاسىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىمىغان ئىككى خانلىقمۇ مۇشۇ ئىدىقۇت ۋە قارىخانىيلار ئىدى!
   چىڭگىزخان ئىدىقۇت خانىغا قىزىنى ياتلىق قىلمىسىمۇ بولىۋېرەتتى!
   نېمىشقا...؟   نېمىشقا...؟ نېمىشقا...؟
   بۇ پاكىتلار تۆمۈرچىننىڭ (چىڭگىزخاننىڭ)  موڭغۇل ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلامدۇ قانداق؟(بۇ گەپلىرىم كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مۇمكىن)
   مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا تۆمۈرچىن تەۋە بولغان قىيان قەبىلىسى ئاق تاتار دەپ خاتىرلىنىپتىكەن!

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش