مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: matimatika

ئىدىقۇت شەھرى ۋە “ئىدىقۇت”نىڭ مەنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 06:02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت shungqar كە 2010-10-02 05:51 PMئەۋەتىلدى :
    موڭغۇل يايلىقىدا ئىش باشلاپ،جاھاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىشقا باشلىغان، كۈچلۈك ھەربىي قوشۇنغا ئېگە چىڭگىزخانغا نىسبەتەن  قاراقىتانلارغا ئۇلپاڭ تۆلەپ خاراپلاشقان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قارخانىيلار خانلىقى ھېچقانچە قارىشلىق كۆرسەتكۈدەك كۈچ ئەمەس ئىدى!
   چىڭگىزخان ئىستىلاسىدا ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىمىغان ئىككى خانلىقمۇ مۇشۇ ئىدىقۇت ۋە قارىخانىيلار ئىدى!
   چىڭگىزخان ئىدىقۇت خانىغا قىزىنى ياتلىق قىلمىسىمۇ بولىۋېرەتتى!
   نېمىشقا...؟   نېمىشقا...؟ نېمىشقا...؟
   بۇ پاكىتلار تۆمۈرچىننىڭ (چىڭگىزخاننىڭ)  موڭغۇل ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلامدۇ قانداق؟(بۇ گەپلىرىم كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مۇمكىن)
.......


جۇڭگۇ تارىختا يات خاننىڭ راس قىزىنى ئالغان ئۇيغۇر مىللىتىدۇر , تاڭ دەۋرىدە تاڭ قىزىنى ئالغان ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى ئىدى, چىڭگىزخاننىڭ قىزىنى ئالغانمۇ ئۇيغۇر ! تاڭ قىزىنىڭ ياتلىق قىلىنىشى ئامالسىزلىقتىن بولغان, موڭغۇل قىزىنىڭ ياتلىق قىلىنىشى مۇشۇ ئەلنىڭ كىيىنكى ئەمىن سورىلىشى ”ئىھتىياج “دىن يەنى, زۆرۇرىيەتتىن بولغان!
چىڭگىزخان قىزىنى بەرمىسە, 200 مىڭ ئۇيغۇر قوشۇنى چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ غەرىپكىئۇرۇشقا ماڭمىغان بولاتتى。

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 06:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

ماتېماتىكا ئەپەندىم :
   200 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىللىيەلىگۈدەك قۇدۇرەتكە ئېگە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ 1125-يىلى يەنسەي بويلىرىدىن قېچىپ قارخانىيلاردىن پاناھ ئىزلىگەن قىتانلار{ ئۇلار شىمالىي ئىلىكخاننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېمىل(ھازىرقى دۆربىلجىندە)دە ماكانلاشقان،ئۇلار شۇ چاغدا  40مىڭ تۈتۈن بولۇپ ئاھالە سانى200مىڭچە بار ئىدى.} تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنىپ ئولپاڭ تۆلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ؟
    بۇ يەردە ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قارخانىيلار خانلىقىنىڭ چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىشى -  مېنى  ئۇلار ئوتتۇرسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ قالامدۇ قانداق ؟ دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى.

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 06:44:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:9-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 10قەۋەت shungqar كە 2010-10-02 06:19 PMئەۋەتىلدى 9-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا :
     ماتېماتىكا ئەپەندىم :
   200 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىللىيەلىگۈدەك قۇدۇرەتكە ئېگە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ 1125-يىلى يەنسەي بويلىرىدىن قېچىپ قارخانىيلاردىن پاناھ ئىزلىگەن قىتانلار{ ئۇلار شىمالىي ئىلىكخاننىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېمىل(ھازىرقى دۆربىلجىندە)دە ماكانلاشقان،ئۇلار شۇ چاغدا  40مىڭ تۈتۈن بولۇپ ئاھالە سانى200مىڭچە بار ئىدى.} تەرىپىدىن مۇنقەرىز قىلىنىپ ئولپاڭ تۆلەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشى كىشىنى گۇمانغا سالىدۇ؟
    بۇ يەردە ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن قارخانىيلار خانلىقىنىڭ چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىشى -  مېنى  ئۇلار ئوتتۇرسىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ قالامدۇ قانداق ؟ دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى.

ھا,ھا,ھا。。。。。。。。
20مىڭ 200 مىڭ بولۇپ قاپتۇ, بىراق بۇ سانمۇ ئاز ئەمەس, شۇ ۋەقەدىن كىيىن تۇرپاندا ئاھالە ئازلاپ ,شەھەر  چۆلدىرەپ قالغانلىقى تارىخى كىتاپلاردا يىزىلىدۇ ,سىز دېگەندەك ئۇرۇش قىلماي ئەل بولۇش ھازىرغىچە تارىختىكى بىر سىر , شۇنداقلا چىڭگىزخاننىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرغان بىر تارىخى ۋەقە!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 07:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قۇدا- باجىلىق بىر قېتىم بولغان ئەمەس كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ھەم  ئىدىقۇت مەلىكىسىنى مۇڭغۇللارغا بەرگەن ، ئۇ مەلىكىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن بىراق  ئەركەكلەر قىلالمىغۇدەك ئىشنى قىلغان ، شۇ چاغدىكى بىر ئېغىز سۆزى بەك يارايدۇ : مۇڭغۇلغا ياتلىق بولغىنىمدىن ئۆلگىنىم ئەۋزەل ، بىراق ئۆلسەم خەلقىم  ۋەيران بۇلۇپ كىتىدۇ ، يەنىلا تىرىك باراي .... دىگەن ، ئەينى چاغدا بۇ مەلىكە  ۋەزىرنىڭ ئوغلى بىلەن چاي ئىچۈزلۈپ بولغان ، لېكىن ئۆز رازىلىقى بىلەن قوشۇلۇپ مۇڭغۇلغا ياتلىق بولغان .  ئىسسىققا چىدىمىغان مۇڭغۇللار شۇ مەلىكىنى ئەمرىگە ئېلىش شەرتى بىلەن سۈلھىلەشكەن .  ئىدىقۇتلۇقلار ھەم  يىمەك- ئىچمەكتە قىينىلىپ ئامالسىز سۈلھىلەشكەن،ھەم خانبالىققا بارغاندا  يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى نۇرغۇن ئالتۇن ، زىبۇ -زىننەت ...لەر بىلەن تارتۇقلىغان  ...   لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تېنىچلىققا ئېرىشەلمىگەن كىيىن يەنە تالان-تاراجقا ئۇچۇرغان .....

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 08:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

12-قەۋەت (KAREZ) نىڭ يازمىسىغا

كارىز زئەپەندىم:
    ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تالان -تاراج قىلىنىشى چىڭگىزخان دەۋىرىدىكى ئىش بولماستىن(چىڭگىزخان دەۋىرىدە بارچۇق ئارت تېكىن چىڭگىزخانغا كۆيۈئوغۇل بولغان،ھەم 5-ئوغۇللۇق دەرجىسىگە كۆتۈرۈلگەن،مۇشۇنداق ئىمتىيازغا ئېگە بولغان  ئىدىقۇت خانى بار چاغدا  تۇرپاننى تالان -تاراج قىلىشقا كىمنىڭ ھەددى)،چاغاتاينىڭ ئىسلاملاشقان ئەۋلادلىرى خىزىز خوجا ۋاقتىدا بولغان ئىش. شۇ كىشى ئىدىقۇتقا بولغان تالان -تاراجلىقنى تۇرپان قۇمۇلنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن تاماملىغان. ناۋادا شۇنىڭدىن بۇرۇن شۇنداق تالان -تاراجلىق بولغان بولسا،ۋاقتى ،شۇ چاغدىكى كىشى ئىسىملىرى بىلەن يوللاپ قويغان بولسىڭىز،تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
   پەرىزىم خاتا بولمىسا سىز سىز دەۋاتقان شۇ مەلىكە قارا قىتانلارغا ياتلىق قىلىنغانغۇ دەيمەن؟ سەۋەبى شۇ مەلىكە بارمىغان بولسا،باھانە تاپالماي تۇرغان قارا قىتانلار ئىدىقۇتقا بېسىپ كېلىپ ،تالان -تاراج قىلاتتى.
لېكىن مەندە ئېنىق ئىسپات يوق!

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-2 09:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

13-قەۋەت (shungqar) نىڭ يازمىسىغا

ئىدىقۇت مەلىكىسى دىگەن ئەسەردىن كۆرگەن ئۇزۇن بولغاچ  تازا  ئىسىمدە  قالماپتۇ ؟؟؟   بولسا  شۇ  ئەسەر گە قاراپ باقسىڭىز ، مەندە ھازىر يوقتى ؟؟؟ [s:79]  [s:79]  [s:79]   ئۇنىڭدا  مۇڭغۇللار دەپ  ئېلىنىپتىكەن ...

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:59:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

14-قەۋەت (KAREZ) نىڭ يازمىسىغا

قېرىندىشىم كارىز ئەپەندى:
    سىز بايان قىلغان يوقارقى "ئىدىقۇت مەلىكىسى" دېگەن ئەسەردە ئىدىقۇت مەلىكىسى ياتلىق قىلىنغان تەرەپ  موڭغۇل دەپ ئېلىنىپتىمۇ ياكىي قالماق دەپ ئېلىنىپتىمۇ؟ مۇشۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، مەن كۆرۈپ باقاي دېسەم ئۇ  ئەسەرنى تاپالمىدىم.

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 12:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىدىقۇتتا كالېندارچىلىق

ئىسمائىل تۆمۈرى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىدىن

كالېندارچىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدىكى زور ئىلگىرىلەش. ئىنسانلار تەبىئەت ۋە جەمئىيەت قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە خېلى مول چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ھاياتنىڭ قەدىر – قىممىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىلگىرىكى ئىشلارنى كېيىنكىلەرگە ئۆرنەك ئۈچۈن قالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتتى. كۈن، ئاي، پەسىللەرنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىش ئىستىكىنى قوزغىدى، نەتىجىدە پەسىللەرنى ئايرىش، كالېندار تۇرغۇزۇش، ئاي-يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش ئىشلىرى بارلىققا كەلدى. ئىنسانلارنىڭ تىنىمسىز پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى خاتىرىگە ئېلىشى كالېندارچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۆپ ئاسانلاشتى ۋە كونكىرېتلاشتى.
ھازىر مۆچەللىك كالېندارنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن چىقىرىش تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن كالېندارچىلىق تېمىسىدا كۆپ ۋاقىت ئىزدەنگەن ۋە «قازاقنىڭ قەدىمكى كالېندارى» ناملىق كىتابنى يازغان مىڭباي ئىسقاقبايوفنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشىنى كۆرۈپ ئۆتۈش زۆرۈر. بۇ كىتابقا ئاساسلانغاندا «مۆچەلنى بۇنىڭدىن 3000 – 4000 يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ. مۆچەل ھەرخىل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، مىلادىيىنىڭ بېشىدا تۇراقلاشقان. تارىخىي تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، دەسلەپكى مۆچەلدە تۆتلا ھايۋان بولغان، ئۇلار ئۇلۇ، بۆدۈنە، بارس ۋە تاشپاقا ئىدى. بۇلار دۇنيانىڭ تۆت تەرىپى بىلەن تۆت پەسىلنى ئىپادىلىگەن. ئۇلۇ شەرق بىلەن باھارنىڭ، بۆدىنە جەنۇب بىلەن يازنىڭ، بارس غەرب بىلەن كۈزنىڭ، تاشپاقا شىمال بىلەن قىشنىڭ بىشارىتى بولغان. كېيىنكى ۋاقىتتا بۇخىل مۆچەل ئستېمالدىن قېلىپ، ئالتە ھايۋاندىن تەركىب تاپقان مۆچەل مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدا توڭگۇز، ئىت، كالا، توخۇ، قوي، ئات بار ئىدى. توڭگۇز بىلەن كالا شىمالنى، ئات بىلەن قوي جەنۇبنى، توخۇ شەرقنى، ئىت غەربنى ئىپادىلىگەن. بۇلارغا دەسلەپكى مۆچەلدىكى ئۇلۇ بىلەن بۆدۈنە (بەزىدە قىرغاۋۇل دەپ ئېلىنغان) قوشۇلۇپ سەككىز ھايۋانلىق مۆچەل شەكىللەنگەن. ئاخىرى يىلان، مىشىن، توشقان، چاشقان قوشۇلۇپ مۆچەل ھايۋانلىرىنىڭ سانى 12گە يەتكەن»①.ئۇنداقتا مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى دۇنيادىكى قايسى خەلقلەر قوللانغان؟ مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى دۇنياغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان، ئۇنى قوللانغان خەلقلەر تۆۋەندىكىچە:
1) تۈركىي تىللىق خەلقلەر يەنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، تاتار، باشقىرت، چۇۋاش، چولۇملۇقلار، تۇۋالار، چورلار، ئالتايلىقلار، ئوسمان تۈركلىرى؛ 2) موڭغۇل خەلقلىرى يەنى قالماقلار، بورياتلار، تاڭغۇتلار، تورغاۋۇتلار؛ 3) سىبىرىيىدىكى توڭگۇس – مانجۇ خەلقلىرى يەنى ياقۇتلار، نېئولۇقلار، دولغانلار، ئەۋەنكلەر؛ 4) خەنزۇلار، تىبەتلىكلەر؛ 5) ياپونلار؛ 6) كۆرەيلەر؛ 7) شەرقىي- جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرى يەنى كامبودژالىقلار، ۋيېتناملىقلار، بېرمىلىقلار، تايلاندلىقلار ۋە باشقىلار؛  ئاۋغانلار، پارىسلار؛ 9) كاپكازدىكى ئابازىنلار، نوغايلار؛ 10) بۇلغارلار②. مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى يۇقىرىدىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقلەرنىڭ قوللانغانلىقى بۇ ئۇسۇلنى كىم كەشىپ قىلغان دېگەن مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى يازما خاتىرە بار. بۇنىڭ بىرى، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى. بىز بۇ مەڭگۈ تاشتىكى مۇنۇ خاتىرىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:ئەسلىسى: «كۆلتېكىن قوني يىلقا يىتى يىگىرمەكە ئۇچدى. توقۇزىنچ ئاي يەتى ئوتۇزقا يۇغ ئەر تۈرتىمىز«.يەشمىسى: »كۆلتېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق». يەنە بىرى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا خاتىرىلەنگەن تۆۋەندىكى رىۋايەت: «… تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېلىپ ئون ئىككى يىلغا ئات قويغان، ئۇلار بالىلارنىڭ ياشلىرىنى، جەڭ تارىخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋر قىلىشى) بىلەن ھېسابلايدۇ». بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق: «تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، بۇنىڭدا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن:
‹بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى. بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن. بۇ، ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن›. خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى ‹شۇنداق بولسۇن‹دەپ ماقۇللاپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىقىپتۇ ۋە ھەممە ياۋايى ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇپتۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا بولۇپ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدەپتۇ. بىرمۇنچە ھايۋان ئۆزلىرىنى سۇغا ئېتىپتۇ، ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپتۇ. ئەنە شۇ ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ نامى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلۇپتۇ. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال چاشقان ئۆتۈپتۇ، شۇڭا يىل بېشى چاشقاننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ چاشقان يىلى دېيىلىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللار چاشقاندىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەن ھايۋانلارنىڭ تەرتىپى بويىچە ئۇد يىلى (كالا يىلى)، بارس يىلى (يولۋاس يىلى)، توشقان يىلى، لەھەڭ يىلى (تىمساق يىلى)، يىلان يىلى، يۇند يىلى(ئات يىلى)، قوي يىلى، بىچىن يىلى(مايمۇن يىلى)، تاقاغۇ يىلى (توخۇ يىلى)،ئىت يىلى، توڭگۇز يىلى دەپ ئاتىلىپتۇ. توڭگۇز يىلىغا كەلگەندىن كېيىن كىشىلەر يىلنى يەنە چاشقان يىلىدىن باشلاشقا ئادەتلىنىپتۇ③».يۇقىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن كۆپلىگەن ئالىملار مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن (مەلۇم بىر قەبىلە تەرىپىدىن) يارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىدىن قارىغاندا، مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى خېلى قەدىمكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئۇسۇلى يەنىلا كەڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. بۇنى تۆۋەندىكى مۆچەللىك كالېندارنىڭ ياكى باشقا رايون خەلقلىرىنىڭ كالېندارچىلىق ئۇسۇللىرىنى قوللانغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 1. تۈرك – ئۇيغۇر تىلىدىكى مۆچەللىك يىل ھېسابلاش ئىزنالىرى ئىدىقۇت دەۋرىدىن قالغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاقە ھۆججەتلىرىدە: «كۈسكۈ يىل ئالتىنچ ئاي ئون ياڭىقا (چاشقان يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى)»، «تاقىغۇ يىل ئىكىندى ئاي سەكىز يىگىرمىكە (توخۇ يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىنچى كۈنى)»، «قويىن يىل ئۈچىنچ ئاي ئىكى ئوتۇزقا (قوي يىلى ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى)»، «لۇ يىل توقۇزۇنچ ئاي تۆرت ياڭىقا (ئەجدىھا يىلى توققۇزىنچى ئاينىڭ تۆتىنچى كۈنى)، »ئۇد يىل بىر يىگىرمىنچ ئاي توقۇز ياڭىقا(كالا يىلى ئون بىرىنچى ئاينىڭ توققۇزىنچى كۈنى)» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەرنى ئۇچرىتىمىز④.
بىز بۇنىڭدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە ئوخشاشلا يىللارنى ئون ئىككى مۆچەلگە ئايرىپ ئاتىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئايلارنى ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنچ ئاي، ئىكىندى ئاي، ئۈچىنچ ئاي، تۆرتىنچ ئاي، بىسىنچ ئاي، ئالتىنچ ئاي، يەتىنچى ئاي، سەكىزىنچ ئاي، توققۇزىنچ ئاي، ئونىنچ ئاي، بىر يىگىرمىنچ ئاي، ئىكى يىگىرمىنچ ئاي دەپ بىر يىلنى 12 ئايغا بۆلگەن. ھەپتە كۈنلىرىنى باش كۈن(دۈشەنبە)، بوش كۈن (سەيشەنبە)، سوڭ كۈن (چارشەنبە)، كىچاتناكۈن (پەيشەنبە)، ئاتناكۈن (جۈمە)، ئاتناراس كۈن (شەنبە)، پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئايلارنى ساناق سان بويىچە ئاتاشتىن باشقا يەنە قوزى، ئۇد(كالا) ئاراندىز(جەۋزا)، قۇچىق (سەراتان)، ئارسلان ، سۇنبۇلە، ئۈلكۈ، چازان(چايان) ياي ئوقيا(، ئوغلاق، كۆنەك (دەلۋە)، بالىق (بېلىق) قاتارلىق 12 يۇلتۇزنىڭ نامى بىلەنمۇ ئاتىغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردە نەۋرۇز ئېيىنى «ئاققوزا يۇلتۇزى باش كۆتۈرگەن ئاي» دېيىشى، تۆل ئېلىنىدىغان ئاينى «ئوغلاق» ئاي، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دېيىشى دەل مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىمۇ «بېلىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا» دېگەن مىسرالار بار. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ مىسرالارنى 12 بۇرچ ۋە پەسىللەر تەسۋىرىدە يازغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئايلارنى مانا شۇ خىل ئاتاش يەنى يۇلتۇزلار نامى بىلەن ئاتاش مەيلى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن(قاراخانىيلاردا)، مەيلى بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن (ئىدىقۇت خانلىقىدا) ئوخشاشلا قوللىنىلغان. بۇنىڭدىن بىز ئايلارنى مۇشۇ خىل ئاتاشنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 2. ھىندىچە كالېندارچىلىق ئىزنالىرى
بۇددا دىنىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا تەدرىجىي دۆلەت دىنى مەۋقەسىگە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بىللە سانسىكىرتچە نوملار (ھىندى تىلىدىكى بۇددا دىنى دەستۇرلىرى)، دىنىي ئەدەبىيات(يارالمىش ئەپسانىلىرى ۋە ساكيامۇنى
ھەققىدىكى رىۋايەتلەر)، گۈزەل سەنئەت ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى ئۇسلۇبى قاتارلىقلار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. نەتىجىدە ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ باشقا ئامىللىرىمۇ، مەسىلەن: كالېندارچىلىق، تىبابەتكە ئائىت دورا – دەرمەكلەرمۇ بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كىردى. كالېندارچىلىقتا ئوتتۇرا ھىندىستان رايونىدا قوللىنىلغان ساپ ھىندىچە ئايلىق كالېندار ئىدىقۇت زېمىنىغا كىردى. بىر يىلدىكى 1 – ئايدىن 12 – ئايغىچە بولغان ئايلار تەرتىپى بويىچە چىترا، ۋايساكھا، شەشتىھا، ئاشادھا، سىرابانا، پادراپادا، ئاسۋابيۇچا، كەرتىكا، مارگاسرا، پاۋۇسھا، ماگھا، پاھالگىنا دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دىنىي ساھەگە )بۇددا دىنى ساھەسىگە) ماسلاشتۇرۇلغان «ئەرەم» ئاي(بىرىنچى ئاي)، «چاخساپات» ئاي 12 – ئاي (يەنى پەرھىز تۇتۇلىدىغان ئاي) دېگەندەك ئاي ناملىرىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئۇچرىتىمىز.
3. سوغدىچە كالېندار ئىزنالىرى  سوغدىلار ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى ئۇزۇن مەزگىل سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار (سوغدىلار) ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپلا ئاسىيا زېمىنىدا كەڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا سوغدىلارنىڭ رولى بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىرگە ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىدىقۇت زېمىنىدا ھەپتە كۈنلەرنى سوغدىچە مىر، ماچ، ۋاچان، تىر، ئورمۇزە، ناچىت، كەۋەن دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەر ئۇچرايدۇ. مىر كۈنى مانى دىنىدىكىلەرنىڭ ئىبادەت كۈنى ئىدى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە مانى دىندارلىرى بۇ كۈنگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى خارابىلىكىدىن تاپقان ئانچە تولۇق بولمىغان كالېندار پارچىلىرىدا سوغدىچە يەتتە كۈننىڭ نامى بېرىلىپ، ئاستىغا خەنزۇچە جيا (甲) يى(乙)، بىڭ (丙)دىڭ(丁)… دېگەن خەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تاۋۇشى يېزىلغان. بۇ يەردىن يەنى سوغدى يېزىقىدا چاشقان، كالا، يولۋاس، توشقان… قاتارلىق 12 مۆچەل نامى يېزىلغان بىر ئەبجەش كالېندار بايقالغان⑤.

4. خەنزۇچە كالېندار ئىزنالىرى

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپلا غەربىي يۇتتىكى خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئالاقە قىلغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر بىرىگە ئەسكىرىي ياردەم بەرگىدەك مۇناسىۋەتكە قاراپ تەرەققىي قىلغان (ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنچىتىشقا ياردەملەشكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ). ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن مانى دىنى تەرغىباتچىلىرىدىن 4 كىشىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئېلىپ كەتكەن ھەم مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشقان. ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت (سودا – سېتىق)، تىبابەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشلار(غەربىي يۇرتتىن دورا – دەرمەك سېتىۋېلىش)، دىن ساھەسىدىكى مۇناسىۋەت (ئۇيغۇر بۇددىستلىرى ئىلگىرى ئۇدۇن، كېيىنچە كۈسەندىن بۇددا نوملىرى ۋە دىنىي قوللانمىلارنى ئالغان بولسا، 11 – ئەسىردىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن قويۇق دىنىي ئالاقە قىلغان. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەنە شۇ دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ نامايەندىسىدۇر) ۋە باشقا ئالاقىلەردە بېرىش – كېلىشنى كۈچەيتكەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقىنىڭ غەربىي يۇرتتىن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ دەپ بىلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇ خەلقىدىن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ دەپ بىلگەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خەنزۇ يېزىقىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا بەلگىلىك ساھەلەردە ئىستېمال قىلغىنىدەك، كالېندارچىلىق ئىشلىرىدىمۇ خەنزۇلارنىڭ كالېندارچىلىق نەمۇنىلىرىدىن پايدىلانغان.بەزى ماتېرىياللاردا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خەنزۇ كالېندارىدىكى يېشىل(甲)، يېشىلراق )乙، قىزىل(丙)، قىزغۇچ (丁)، سېرىق (戍)، ساغۇچ ( 已)، ئاق (庚)، ئاقۇش (辛)، قارا(壬)، قارامتۇل(葵) قاتارلىق ئون خىل رەڭنى ئىپادىلەشتىن كېلىپ چىققان ئون كۈنلۈك كالېندارنىمۇ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ئۆز تىلىغا بويسۇندۇرۇپ قاپ، ئىر، پى، تى، بو، كى، قى، سىن، زىم، كۈي دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان⑥.

5. ئىسلامچە كالېندار ئىزنالىرى
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تېررىتورىيىسىدە مانى، بۇددا، خىرىستىئان )خىرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپى) دىنلىرى تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. دەسلەپتە ئۇرخۇن بويىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىك كىشىلىرى مانى دىنىنى ئۇلۇغلىغان. چۈنكى بۇ دىن ئۇلارغا ئۇرخۇن بويىدىن تارتىپلا ھەمراھ ئىدى. كېيىنچە بۇددا دىنى تەدرىجىي دۆلەت دىنى مەۋقەسىگە كۆتۈرۈلگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا بىرقانچە دىننىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلغان. بۇ ھال ئىدىقۇت زېمىنىغا ئىسلام دىنىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگىمۇ شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇنى تۆۋەندىكى بايان بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن: ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خوراسان پادىشاھى ئابۇل خاسان ناسىر (مىلادىيە 913 -942- يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ سەمەرقەندتە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 500 مانى مۇخلىسىنى قەتلى قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خانىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىكەن. ئىدىقۇت خانى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئۇ(خۇراسان پادىشاھىنى دېمەكچى) سەمەرقەندتە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان مانى مۇخلىسلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە پېتىنىدىكەن، ئىدىقۇت خانىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى 1000 دىن ئارتۇق ئىسلام دىنى مۇرتىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دېگەن⑦.
دېمەك، بۇ باياندىن بىز 10 – ئەسىرلەردىلا ئىدىقۇت زېمىنىدا مۇئەييەن ساندا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. دىن ئۆز ئەقىدىسى بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قىسمەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تاڭىدۇ، دىننى قوبۇل قىلغۇچىلار ئىستىخىيىلىك ھالدا شۇ دىنغا باغلىق بەزى نەرسىلەرنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرۇۋالىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئىسلامچە كالېندارچىلىق ئەنئەنىسىنى قوللانغان.

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى كېيىنچە ئەرەب شەمسىيە كالېندارى بويىچە ئايلارنى ھەمەل(1- ئاي)، سەۋر(2 – ئاي)، جەۋزا(3 – ئاي) سەرەتان( 4 – ئاي)، ئەسەد(5 – ئاي)، سۇنبۇلە(6 – ئاي)، مىزان(7 – ئاي)، ئەقرەپ(8 – ئاي)، قەۋس(9 – ئاي)، جەددى(10 – ئاي)، دەلۋە(11 – ئاي)، ھۇت(12- ئاي) دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان ھەمدە يەنە ئەرەب قەمەرىيە كالېندارى بويىچە مۇھەررەم، سەفەر، رەبئۇلئەۋۋەل، رەبىئۇلئاخىر، جىمادىلئەۋۋەل، جىمادىلئاخىر، رەجەپ، شەئىبان، رامىزان،شەۋۋال، زۇلقەئىدە، زۇلھەججە دەپ ئاتىغان ⑧.بەزى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ھەربىر مۆچەلگە(12 يىلغا) يەنە توپۇ (تۇپراق)، ئالتۇن (ياكى تۆمۈر)، ئوت، سۇب (سۇ) قاتارلىق بەش ئېلېمېنتنى بەش قېتىم تەكرارلاپ يىللارنىڭ كەينىگە قوشۇپ (كۈسكۈ توپۇ، كۈسكۈ ئالتۇن، كۈسكۈ ئوت، كۈسكى سۇب، ئۇد توپۇ، ئۇد ئالتۇن … دېگەندەك )60 يىل ھېسابلاپ، 60 يىلنى بىر دەۋر دەپ ھېسابلىغان⑨.  بۇلاردىن باشقا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان قىسمەن ھۆججەتلەردە يەنە ھازىرقى دۈشەنبە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتە(يەتتە كۈن) نى شاماش، سىن، نېرگال، نېبو، مەردۇك، ئىشتار، نىنىپ دەپ ئاتايدىغان ئادەتلەرنىڭ بولغانلىقىمۇ مەلۇم 10.خۇلاسىلىغاندا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ، خانلىق تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلار زور تۈركۈمدە غەربكە- ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ كۆچۈپ، بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ پاراللېل خانلىقنى قۇرۇپ، يېڭى ماكاندا قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشتى، بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا بېكىنمىچىلىككە قارشى تۇرۇش خاھىشى ئالاھىدە بىرخىل ئىجتىمائىي كەيپىيات تۈسىنى ئالدى. ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا پايدىلىق بولغان ھەممە ۋاسىتىنى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىقلا بولغان بارلىق چارىلەرنى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە مەنپەئەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتمىدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدا 17 خىل يېزىقتا مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، سودىگەرلەردىن چېگرا بېجى ئېلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى، كۆپ خىل ئالاقىگە مەنپەئەتلىك كۆپ خىل كالېندارنىڭ قوللىنىلىشى – بۇ خانلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە رولى بولىدىغان ھەرقانداق ساھەگە قارىتا «كەڭ ئېچىۋېتىش»ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
ئىزاھات:① نىغمەت ياقۇپنىڭ «مۆچەللىك كالېندار توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدا كەلتۈرۈلگەن نەقىل - شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، ئۇيغۇرچە، 3891 – يىل 1 – سان، 196 – بەت.
② يۇقىرىدىكى ژۇرنالنىڭ 60 -، 161 – بەتلىرى.③ «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 – توم، 449 -،450 -، 451 – بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 – يىل نەشرى.
④ »قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما«، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 – يىل نەشرى، 76-، 91 – بەتلەر. ⑤ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، ئۇيغۇرچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2891 – يىل نەشرى، 552 – بەت. ⑥ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : »شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى«، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل 11 – ئاي نەشرى، 683 – بەت.
⑦ »غەربىي شىمال تارىخ – جۇغراپىيىسى«، خەنزۇچە، 1984 – يىل 4 – سان 9 – بەت.
⑧ ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل نەشرى، 836 – بەت. ⑨ ھەسەن ئەلى: «قەدىمكى تۈركلەردە يىللار،ئايلار ۋە كۈنلەر» دېگەن ئەسەرگە قاراڭ. 10 ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991 – يىل نەشرى، 638 – بەت.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش