ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 28قەۋەت taxkin كە 2010-10-02 11:34 PMئەۋەتىلدى :
مىنىڭ تۇنجى ئىنكاسىم بۇ تىمىنىڭ ئىگىسىدىن سۈيۈنۈپ يەنە بۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز كۆز قارشىمنى سۆزلىگەن ئىدىم. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىدىكى خاتالىقنى كۆرەلمەيدۇ ھامان بىر ئەينەك كىتىدۇ. بەلكىم مىنىڭ گەپلىرىم كۆپ تورداشلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغاندۇ. دىمىسىمۇ مۇنبەردە باشقۇرغۇچى بۇلۇش سالايىتىگە توشمايدىغانلار ئاز ئەمەس.
مەن ئىلگىرى سابىق خىسلەت مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدىم، قاشتېشى مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، دىيارىم مۇنبىرى قاتارلىق مۇنبەرلەرنىڭ ئەزاسى ئىدىم مۇنبەردە مەن نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن. ھەتتا يەنە بىر مۇنبەر (تۇلۇق تىلغا ئېلىشقا بولمىدى) مەسئۇلى ئۆز يېقىنلىرىنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قۇيۇپ ئۇ مۇنبەر تاقالدى. مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى مۇنبەر مەسئۇلى، باشقۇرغۇچىلار، ئەزالارسىز ئىلگىرلىمەيدۇ ھەر بىرىمىز بۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىزلەرنىڭ بۇرچىمىز شۇ مەخسەت بىلەن مۇنبەردىكى بىر قىسىم خاتالىقلارنى كۆزەتكىنىم ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويدۇم. لىكىن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دىپلوم سۈرۈشتىسى ئەمەس ئەقىلگە ئىشارەت دىگەن گەپ بار نۇرغۇن تورداشلارنى كۆرمەي، تۇنىماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىمىز قوزغىلىدۇ. دىمەك ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى گىپىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ، دىمەكچى بولغىنىم مۇنبەر تەرەققىياتىدا شۇنداقلا ئەزالارنىڭ، زىيارەتچىلەرنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزىقىشى، مۇنبەردىن ئالغان بىلىمىدە باشقۇرغۇچىلار ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ شۇ ۋاقىتتا شاكال تىمىلار يوقايدۇ تىما ئىگىسى تىلغا ئالغاندەك مۇنبەردە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش، ئىقتىساتقا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق تەرەپلەردە كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىش ئىمكانىيتى يارتىلىدۇ.
بۇ ئىنكاسىڭىز توگرا ئېتىلىپتۇ، باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن دىپلوم كەتمەيدۇ، بىراق بىلىم بولمىسا تېمىلارنىڭ ئارىسىدكى شاكال تېمىلارنى ئايرىيالماي قالىدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلاردا سەزگۈرلۇك بۇلۇشى كېرەك ھەم بىلىملىكمۇ بۇلۇشى كېرەك، دىپلوم بولمىسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ. مۇنبەرگە كەلگەندە دىپلومى بارلار دىپلومىغا چۇشلۇق بىلىملەرنى بىرەلمەيدۇ، نۇرغۇن ياخشى پايدىلىق تېمىلار ئادەتتىكى مەدىنيەت سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر تەرپىدىن يىزىلغان، مۇنبەر كۆرسە بىلىمى ھەقىقەتەن ئاشىدۇ. مەكتەپتىنمۇ ياخشى جاي بۇ