مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: matimatika

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەھەر مەدەنىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇرلار تارىخ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5896
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8985
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 2534 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 06:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت ئۇيغۇرلار-قەدىمكى دەۋردە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ئولتۇراقلاشقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىن شىنجاڭدا ئەسلىدىنلا ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىدىكى توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان ۋە قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قارۇشتى تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلە مىللەتلەر بىلەن قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن ھەم ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ قالغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن!!!!شىنجاڭ(قۇرىغار)رايونى قەدىمدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى،غەربىي ئۇيغۇرلار مۇشۇ جايدا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن.شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا شىمالىي چۆللۈك رايونىدا يەنى موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان.ناۋادا شىنجاڭ(قۇرىغار)رايونىدا ئۇيغۇرلار يوق ئىدى،كېيىن موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كۆچۈپ كەلگەن دەپ قارىساق،قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرالايدۇ؟

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 09:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  سىزگە............. [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 11:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 12:24:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ قوراللىنىشى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان خانلىق بولۇپ، بۇ دەرۋردە ئۇيغۇرلار تەدرىجى ھالدا تارقاق ھالدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن، بىرلىككە كېلىپ شەھەرلىشىشكە باشلىغان ھەم << تېلې قەبىلىلىرىنىڭ بايراقدارى بولۇپ، يايلاق دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ئۆزىنىڭ كارامىتىنى نامايەن قىلغان >>① ئىدى.

بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار يالغۇز يايلاق دۇنياسىدا دەۋر سۈرۈپلا قالماي، يەنە يىپەك يولىنىڭ خوجايىنلىق رولىنى ئويناپ، غەرپ – شەرق سودىسىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى. يىپەك يولىنى قوغداش ۋە يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنلىرى مۇھىم رول ئوينىدى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەرنى يوقىتىشى ۋە ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىشتا زور خىزمەت كۆرسەتكەنلەرمۇ دەل مانا شۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئىدى.
1- ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا قوشۇننىڭ قوراللىنىشى
ھەرقانداق قوشۇننىڭ جەڭدە غەلىبە قىلىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى، جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقۇرى ياكى تۆۋەن بولۇشى، شۇ قوشۇننىڭ قوراللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئەينى چاغدا خىل قوراللانغان قوشۇن ھىساپلىناتتى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قوراللىرى ئاساسلىقى ئات، ئوقيا، قىلىچ، نەيزە، قالقان، دوبۇلغا، ساۋۇت، سالما قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىغىنى ئات بىلەن ئوقيا ئىدى.
ئات ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار ئاتنىڭ جەڭدە ئوينايدىغان رولىنى تولۇق ھىس قىلغاچقا، ئاتنى دۇنيا بويىچە ھەممىدىن بۇرۇن كۆندۈرگەن ۋە ئات بېقىشقا ئەھمىيەت بەرگەن ۋە جەڭدە ئاساسلىقى ئاتلىق قوشۇن ئىشلەتكەن. ئاتلىق ئەسكەرلەر جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن ئۈستۈن بولغان ئەسكىرىي تۈرگە كىرگەچكە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئەسەرلىرىدە << ئات ئەسكەرنىڭ دەسمايىسى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى …….. قوشۇن تارتقانلار شۇنىڭغا تايىنىپ غەلىبە قىلىدۇ>>② . << بىر ئاتلىق ئەسكەر سەككىز ئەسكەرگە تېتىيدۇ >>③ دەپ خاتىرىلىنىپ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ روھىغا يۈكسەك باھا بېرىلگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئاتنى ناھايىتى كۆپلەپ باققان ۋە ئۇرۇشلاردا كەڭ – كۆلەمدە ئىشلەتكەن. چۈنكى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئات ناھايىتى كۆپ چىقىم بولاتتى، < كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >غا ئاساسلانغاندا كۆلتېكىن چاچا سەنگۈن بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ قېتىم ئات ئالماشتۇرغان (<< كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> شەرقىي يۈزى 33- قۇر). ئۇلار ئۇرۇش مەزگىلىدە << ھەرقايسىسى بىردىن ئاتقا مىنگەندىن سىرت يەنە بىر ئاتنى يېتىلىۋالاتتى >>، بەزىدە << بىر ئەسكەر تۆت ئاتنى يېتىلىۋالاتتى >>④ . بۇلار بۇ ئاتلارنى يالغۇز ئۇرۇشتا يۇقۇرى سۈرئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئېلىۋالاتتى. چۈنكى ئۇلار << ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ يەپ ئاچلىقىنى باساتتى. ئۇسساپ قالسا بايتىلىنى سېغىپ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇراتتى >>⑤ . شۇڭا ئات ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ھە قېتىملىق جەڭلەردە غەلىبە غازىنىشىدىكى ئاسلىق ئامىل ئىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىكى جەڭچىلەرنىڭ باشقا قوراللىرى ۋە قوراللىنىشى ھەققىدە تارىخىي مەنبەلەردە بىۋاستە خاتىرە بولمىسىمۇ، ئەمما بىز بەزى ۋاستىلىك خاتىرىلەر ۋە ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز ۋە بۇ ماتىرياللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قوراللىنىش ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرەلەيمىز. قەدىمكى چارۋىچى مىللەتلەر ئۇرۇشقا ئاساسەن ئوقيا، قىلىچ، نەيزە، قالقان قاتارلىق قوراللارنى ئېلىپ چىقاتتى. مەسىلەن << ئوغۇزنامە >> دە: << كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئوۋغا چىقتى، نەيزە ئېلىپ، ئوقيا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى>>⑥ دىگەن خاتىرىلەر ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگە تولۇق قوراللىنىپ چىقىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوقيا ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق قورالى ئىدى. قەدىمقى دەۋرلەردە جەڭدە چوڭ قوشۇنلار ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن يىراقتىن بىر – بىرىگە ئوقيا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىپ، توسۇپ قۇچاقلاشما جەڭ قىلغاندا ئاندىن نەيزە ۋە قىلىچ ئىشلىتەتتى. ئۇيغۇرلار ئوقيانى ئادەتتە جەڭدەئ ىشلىتىپلا قالماي، بەلكى ئوۋچىلىقتىمۇ ئىشلىتەتتى. ئوۋچىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغاچقا، ئۇلار وقيا ئېتىشقا كىچىكىدىنلا پىشىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇلار ئادەتتە << ئوقيا بىلەن بىر ئادەمنى نىشانلاپ ئوق ئۈزگەندە، ئوق قاتار تۇرغان ئىككى ئادەمنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتەتتى>>⑦ . ئوقيا پوروقلۇق مىلتىق زەمبىرەك كەشپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، كۈچلۈك زەربە بېرىش قورالى ۋە قىرغۇچى قورال بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئوقياغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، خىلمۇ – خىل ئوق ۋە يالارنى ياسىغان ئىدى. يا چوڭ – كىچىكلىكى ۋە نىشان ئارىلىقىنىڭ يىراق – يېقىنلىقىغا قاراپ ئىكىگە بۆلۈنەتتى. ئوقمۇ ئاۋازلىق ئوق، يەڭگىل ئوق ۋە مەشق ئوقى دەپ بىرقانچىگە ئايرىلاتتى.
ئاۋازلىق ئوق ___ دەستىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىن كاۋاك، ئۇچ تەرىپىدىن تۆشۈك ئېچىش ئارقىلىق ياسىلاتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا باشاق ئورۇنلاشتۇرىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوق ماڭغاندا ۋىڭىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى. بۇ ئوق ئەڭ دەسلەپتە ھۇنلار دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، << تارىخنامە >>دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا باتۇر تەڭرىقۇت تەرىپىدىن كەشپ قىلىنغان ئىدى.
يەڭگىل ئوق ___ ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ كەڭ ئىشلىتىلىدىغان ئوق بولۇپ، ھەربىي ئىشلار ۋە ئوۋ ئوۋلاش ئىشلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلگەن. بۇ خىل ئوقنىڭ باشىقى مىس ياكى تۆمۈردىن ياسىلىدىغان بولۇپ، نىشان ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق ئىدى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا << كاماندازلار 50 – 60 مېتىر دائىرە ئىچىدىكى نىشانغا توغرا تەككۈزەلەيدىغان، ئۈنۈملۈك ئېتىش مۇساپىسى 160- 175 مېتىرغىچە بولغان >>⑧ ئوق مۇشۇ خىلدىكى ئوق بولۇشى مۈمكىن.
مەشق ئوقى تۆمۈر باشاقنىڭ ئورنىغا يۇمىلاق ياغاچ باشاق بېكىتىلىپ ياسىلاتتى⑨ . بۇ ئاساسلىقى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلىشىدا ئىشلىتىلەتتى.
قىلىچ بىلەن نەيزىمۇ قەدىمكى زامانلاردا دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىش ۋە قىرىشتىكى ئاساسلىق قورال بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ تۈردە ئىشلىتىلگەن. چۈنكى نەيزە بىلەن قىلىچنىڭ يېقىن ئارىلىقتىكى قۇچاقلاشما جەڭلەردە دۈشمەنلەرگە زەربە بېرىشتىكى رولى ئوقيادىن كۈچلۈك ئىدى. شۇڭا << ھۇنلار يىراققا ئوقيا، يېقىنغا قىلىچ – نەيزە >>⑩ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ يىراققا ئوقيا، يېقىنغا قىلىچ – نەيزە ئىشلىتەتتى. بۇنى كۆلتېكىننىڭ << بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى، ئىككى ئەرگە نەيزە سانچىغانلىقى >>، << ئالتە ئەرگە نەيزە سانچىغانلىقى ۋە قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا يەتتىنچى ئەرنى قىلىچلىغانلىقى >> تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
سالما ____ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا چارۋىچىلارنىڭ پىتىراپ كەتكەن ئات، قوي، كالىلارنى تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان چارۋىچىلىق قورالى بولۇپلا قالماي، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ جەڭلەردە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق قوراللىرىنىڭ بىرسى ئىدى. تارىخى ماتىرياللاردا چارۋىچىلار مىللەتلەر ئىچىدە تۇڭقى بولۇپ ئكز دۆلىتىنى قۇرغان ھۇنلار ۋە كۇچانىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى بولغان كۇەيخۇلارنىڭ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ ئادەمگە سالما تاشلايدىغانلىقى ۋە كۆپىنچە ھاللاردا دەل چۈشۈرىدىغانلىقى⑾ قەيت قىلىنغان. شۇنداق قىياس قىلالايمىزكى، ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋارىسى، يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن چارۋىچىلىقنىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سالمىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق. ئۇلار سالمىنى جەڭلەردە قورالسىزلىنىپ قالغاندا دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ياكى دۈشمەننى تىرىك تۇتۇپ دۈشمەن ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن. يەنە كېلىپ سالما پاختا يىپ، يۇڭ يىپ ۋە تېرە تاسمىلاردىن ياسىۋېلىشقا بولىدىغان ناھايىتى ئاددى قورال ئىدى.
<< ئۇنىڭ ساۋۇت يەلمەسىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى >>⑿ ، << مېنىڭ …… ساۋۇت دوبۇلغا كىيگەن 500 دىن ئارتۇق قوراللىق ئاتلىق قوشۇنۇم ۋە پىيادە ئەسكەرلىرىم >>⒀ دىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار جەڭلەردە ئوقيا، قىلىچ، نەيزە قاتارلىق ھۇجۇم قىلغۇچى قوراللار بىلەنلا قوراللىنىپلا قالماستىن، يەنە دوبۇلغا ساۋۇت قاتارلىق قوراللار بىلەنمۇ ئۆزىنى قوغداشنى بىلگەن.
ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى جەڭگە چۈشكەندە تۇغ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغلىرى ئاق رەڭلىك ئىدى. ئۇلار يەنە بۇرغا، سۇناي ۋە جەڭ دۇمبىقى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇراتتى⒁ . بۇنىڭدىن سىرت، يەنە سال ۋە تۇلۇملاردىن پايدىلىنىپ دەريادىن ئۆتۈشنى بىلگەن بولۇپ، بۇنى بايانچۇر خاقاننىڭ << ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئارقا باشى (دىگەن يېرى)نى مۇز قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئارقا باشىنىڭ تۆۋەن يېنىدىن سال سېلىپ ئۆتتۈم>>⒂ دىگەن سۆزلىرى ئىسپاتلايدۇ. يۇقۇرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ناھايىتى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان.
ئىزاھلار
① ئابې تاكىئو << غەربىي ئۇيغۇرىيە ھەققىدە تەتقىقات >> شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچە نەشرى 8- بەت
② ③ ⒁⑦ ياڭ شېڭمىن << قەدىمقى ئۇيغۇرلار >> جىلىن مائارىپ نەشرىياتى 1991- يىلى خەنزۇچە نەشرى 133- 135- بەتلەردە ئېلىنغان نەقىل
④ << يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> 6135- بەت
⑤ << قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ – ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى >> 1956- يىلى ئالمۇتا رۇسچە نەشرى 231- بەت
⑥ << ئوغۇزنامە >> مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە 22- قۇر
⑧ مورېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان
⑨ مەھمۇت قەشقەرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- توم 517- 556- بەتلەر
⑩ سىماچيەن << تارىخى خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 391- بەت
⑾ << شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 1- قىسىم 86- بەت
⑿ << كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> شەرقى يۈزى 32- قۇر
⒀⒂ << بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى >> << قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما >> ئۇيغۇرچە 119- 120- بەتلەر
2. ﯰيغۇرلاردا ھەربىي مەشق
ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكىلەر << ئوقيادىن پايدىلىنىش ۋە ئات ئۈستىدىن ساداق ئۈزۈشتىن گەپ ئاچقاندا، چوقۇم ئۇيغۇرلارنى ئۇستاز تۇتۇش كېرەك >>① دەپ ناھايىتى توغرا باھا بەرگەن. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقيادىن پايدىلىنىشى ۋە ئات ئۈستىدە ساداق ئېتىشتا ئۇستاز بولالىشى، ئۇلارنىڭمۇ ھۇن ۋە باشقا چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش كىچىكىدىن تارتىپ ئات مىنىشنى، ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
<< تارىخى خاتىرىلەر . ھۇنلار ھەققىدە قىسسە >> دىكى << ھۇنلارنىڭ ئۆسمۈرلىرى سەركە مىنىپ ئوقيا بىلەن قۇش ۋە چاشقان ئاتالايدۇ. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن، تۈلكە، توشقان ئېتىپ ئۇنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. قورامىغا يەتكەندە ھەممىسى قوللىرىغا كامان ئېلىپ، ساۋۇتلۇق چەۋەنداز بولىدۇ>>، << كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى >> دىكى << كۆلتېكىن 10 يېشىدىن باشلاپلا چوڭ ئادەمدەك تەربىيىلەندى. 16 ياشقا كىرگەندە چوڭ قوشۇننى باشلاپ جەڭگە ئاتلاندى >>، << قارا تاتارلار خاتىرىسى >> دىكى << موڭغۇللار بوۋاق بالىنى تاختايغا تېڭىپ، ئاندىن تاختاي بىلەن ئاتنىڭ دۈمبىسىگە باغلاپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاقلار ئانىسىدىن ئايرىلماي يۈرەتتى. ئۈچ ياشقا كىرگەندە بالا ئانا بىلەن بىللە ئىگەرگە باغلاپ قويۇلاتتى. قول بىلەن ئىگەرنى تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئات چاپتۇرۇپ يۈرەلەيتتى. 4- 5 ياشقا كىرگەندە قولتۇقىغا كىچىك يا بىلەن قىسقا ئوقنى قىستۇرۇپ يۈرەتتى، چوڭ بولغاندا يىل بويى ئوۋ ئوۋلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى >>② . دىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چارۋىچى مىللەتلەر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بالىلارغا ئوقيا ئېتىشنى مەشق قىلدۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئىزچىل ھالدا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھۇن تۈركلەر بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى دەۋردە ياشىغان ۋە، ئەتراپتىكى مىللەت ۋە رايونلارغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، ئورخۇن ۋادىسىدا بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشى مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلمىغان بولسا، ئوقيا ئېتىش ۋە ئات مىنىشنىڭ ئۇستازى بولالمىغان ھەم ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ئالدىدا ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئۇيغۇر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىنان خۇزخۇرەند (ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يىگۈچىلەر) دىگەن نامغا ئىگە بولالمىغان بولاتتى.
ئوۋچىلىقمۇ ھۇن، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ۋە دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇئەييەن نىسبەتنى ئىگەللىگەن. ئوۋچىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى جەڭچى بولىدىغانلارنى تەربىيىلەش، ئۇرۇشتا سەپ تۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايتتى. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى پۇسادمۇ << ئوۋخۇمار ……. دائىم دىگۈدەك سەپ تۈزۈپ ئوۋ ئوۋلاشقا ئامراق ئادەم ئىدى >>③ . سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلغاندا بارلىق قەۋملەر ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ چىقىپ قۇش ۋە ھايۋانلار كۆپ بولغان رايونلاردا ئوۋ ئوۋلايتتى. بۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ئوۋ ئوۋلاشقا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئاتلىق ئوۋچىلار قاتنىشىپ، ئۇلار بىر تۇتاش قوماندانلىق ئاستىدا بىردەك ھەرىكەت قىلاتتى. تارىخى ماتىرياللاردا ئۇيغۇلارنىڭ سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلىشى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان ھۇنلار ۋە ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى ئوخشاش بولغان موڭغۇل، مانجۇلارنىڭ قورشاۋ ئوۋغا چىقىشى ھەققىدىكى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بىزنى بۇ ھەقتىكى ۋاستىلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
<<رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى >>دا، ھۇنلارنىڭ كوللېكتىپ ئوۋ قىلىشى ھەققىدە: << ئوۋ ئوۋلاش ھۇن جەڭچىلىرىنىڭ قەيسەرلىك روھىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە ئەڭ ياخشى مەيدان ھازىرلاپ بېرەتتى ….. چەۋەندازلار كەڭ دائىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قورشاپ، بىرقانچە ئېنگىلىز مىلى كېلىدىغان چوڭ مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلاتتى. ئاندىن بۇ چەمبىرەكنىڭ مەركىزىگە قاراپ تەرتىپ بىلەن ئىلگىرىلەيتتى ……. بۇنداق چاغلاردا چەۋەندازلارنىڭ يۈرۈشى دائىم بىرقانچە كۈن داۋاملىشاتتى. ئۇلار تاغ داۋانلاردىن ئېشىپ، ئېقىن -دەريا، ساي – جىلغىلاردىن ئۆتەتتى. بەلگىلەنگەن نىشانغا تەدرىجى ئىلگىرىلەشنى توختىتىپ قويمايتتى. ئۇلار مەركىزى نىشاننى توغرىلاپ ياندىكى ھەمراھلىرى بىلەن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئات چېپىپ ئىلگىرىلەشكە ئادەتلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئىككى ياندىكى قىسىمنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ باراتتى، بەزىدە ئاستا ئىلگىرىلەپ شۇ ئارقىلىق قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرەتتى. ئۇلار سەركەردىلەرنىڭ ئاۋاز بەلگىسىگە دىققەت قىلىشى ھەمدە ئۆز – ئارا بەلگە بېرىپ ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى لازىم ئىدى. سەركەردىلەر بۇ ئەمەلىي مەكتەپتە ئەڭ مۇھىم ھەربىي ماھارەت دەرسلىكىنى، يەنى ئوۋ مەيدانى، ئارىلىقى، ۋاقتى ھەققىدە تېز ھەم توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۈگىنىۋالاتتى. ئۇرۇش بولغاندا ئۇلار پەقەت نىشاننى ئالماشتۇرسىلا، يەنى ياۋايى ھايۋانلارغا قورشاپ زەربە بېرىشتىكى سەۋرچانلىقى، قەيسەرلىكى ۋە ماھارىتىنى دۈشمەنگە ئىشلەتسىلا بولاتتى >>④ دەپ خاتىرىلەنگەن بولغان مەشھۇر تارىخچى دوسسانمۇ << موڭغۇللارنىڭ قورۋاش ئوۋغا چىقىشى ھەربىي ئىشلارغا ئوخشايدۇ. ئالدى بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ ھايۋانلارنىڭ ئاز – كۆپلىكىنى رازۋېتكا قىىدۇ. مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەردىن ھەر ئون كىشىدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ قورشاۋ ھالقىسى تۈزۈپ ھايۋانلارنى قوغلىتىدۇ. نىشانلىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە ئاندىن قوشۇننى سول قانات، ئوڭ قانات ۋە ئوتتۇرا قىسىمغا بۆلۈپ ئوۋنى باشلايدۇ>> ⑤. دەپ مەلۇمات بەرگەن. مانجۇلاردىمۇ << ئوۋ باشلانغاندا ھەر كىم بىر تالدىن ئوق چىقىرىدىغان، ھەر 10 ئادەمگە بىر باشلىق تەيىنلىنىدىغان ….. ئوۋ قىلغاندا قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا يول قويۇلمايدىغان>>⑥ بەلگىلىمە بار ئىدى. بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، بىز ھۇنلار بىلەن مانجۇ، نوڭغۇللارنىڭ ئارىسىدىكى دەۋردە ياشىغان ھەم ئىجتىمائىي فورماتسىيىسى ئۇلار بىلەن ئوخشاش بولغان ئۇيغۇرلارنى ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەشتە يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغان، << يېڭى تاڭنامە >> دە خاتىرىلەنگەن پۇسادنىڭ << دائىم دىگۈدەك سەپ تۈزۈپ ئوۋ قىلىشى >>نىڭ شەكلى، ئۇسۇلى ۋە مەقسىتىنى يۇقۇرىغا ئوخشاش دەپ ئېيتساق خاتا ئېيتمىغان بولىمىز. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قورشاۋ ئوۋ قىلىش ئۇيغۇر قاتارلىق چارۋىچى مىللەتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەلىم – تەربىيە، قوماندانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بولسا ئۇرۇش قىلىش سەنئىتىنى ئۈگۈنىدىغان ئەڭ ياخشى مانېۋېر ئىدى. ئۇلار ياشىغان مۇھىتنىڭ ناچارلىقى، ھاۋا كېلىماتىنىڭ سوغۇق بولۇشى، شۇنداقلا كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدا كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدىكى ئاچ – توق قېلىشلار ئۇلارنىڭ سوغۇققا، ئاچلىققا ۋە تەشنالىققا تاقەت قىلىش، جاپا مۇشەققەتكە چىداش قاتارلىق قابىلىيەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايتتى ھەمدە ئۇلارنى تەشكىلچان، ئىنتىزامچان قىلىپ يېتىشتۈرەتتى. ئۇلاردىكى << ئۇرۇشقا ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنكەرنى مۇشۇ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش >>، << ئۇرۇشتا قېچىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە بىساتىنى مۇسادىرە قىلىپ جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بېرىش >>⑦ تەك ھەربىي ئىنتىزاممۇ ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ئىلھام بېرەتتى. خۇددى ھۇنلار << پۈتۈن مىللەت بويىچە تەييار بىر ھەربىي قوشۇن >>، << جەڭ قىلىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق >>⑧ بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ پۈتۈن مىللەت بويىچە تەييار ھەربىي قوشۇن ھەم شۇنداقلا جەڭ قىلىشقا ناھايىتى ماھىر ئىدى.
ئىزاھلار
① ياڭ شېڭمىن << ئۇيغۇر تارىخى >> جىلىن مائارىپ نەشرىياتى 1991- يىلى خەنزۇچە نەشرى، 135- بەتتىكى نەقىل
② مورېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> << شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى >> ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان 94- بەتتە ئېلىنغان نەقىل
③ مەھمۇد قەشقىرى << تۈركى تىللار دىۋانى >> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم 156- بەت
④ << كونا تاڭنامە . ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1986- يىلى 2- نەشرى خەنزۇچە 5196- بەت
⑤ مو رېننەن << ھۇنلارنىڭ ھەربىي تەشكىلى تۈزۈمى >> << شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى >> ئۇيغۇرچە 1988- يىللىق 2- سان 84- بەتتە ئېلىنغان نەقىل
⑥ دوسسان << موڭغۇل تارىخى >> جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1962- يىلى خەنزۇچە نەشرى 1- توم 156- بەت
⑦ مو دۇڭيەن << مانجۇلار تارىخىغا ئائىت ماقالىلەر >> خەلق نەشرىياتى 1958- يىلى خەنزۇچە نەشرى 64- 65- بەتلەر
⑧ << يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە >> 6124- بەت، << كونا تاڭنامە. تۇرالار ھەققىدە قىسسە >> 5345- بەت

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 01:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخىئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق

ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق 1963- يىلى 12- ئايدا باي ناھىيىسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1981- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكولتېتىنىڭ تارىخشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1986- يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆز فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. 1988- يىلى 9- ئايدىن 1994- يىلى 7- ئايغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئارخېئولوگىيە كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان.

ئاپتور ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى جەھەتتە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي زھۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» قاتارلىق ئىلمىي زھۇرناللاردا «ئورخۇن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «ئۇيغۇرلاردىكى ئۆرۈمە چاچ قويۇش ئادىتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىن تېپىلغان مىس داڭقان (قازان) ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە»، «يۇرتىمىزنىڭ مەدەنىيەت دەۋرى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، «تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن- ئارخېئولوگىيە»، «غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى قەۋملەرنىڭ جەسەتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش ئادىتى توغرىسىدا» قاتارلىق 40 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى پارچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بويىچە 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر پارچىسى ئاپتونوم رايونلۇق 3- نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن مۇنەۋۋەرلەر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مەزكۇر ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى يىرىك ئىلمىي ئەسىرىدۇر.

ئاپتور ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، شىنجاڭ مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، تارىخ فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.

كىرىش سۆز

ئۇيغۇرلار — ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى مىللەتلەر ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى، ئاپىرىدە قىلغان مەدەنىيىتىنىڭ شانلىقلىقى، تارقىلىپ ياشىغان جايلىرىنىڭ كەڭرىلىكى جەھەتتە ئالاھىدە رەڭدارلىققا ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بىر تۈركىي تىللىق مىللەت. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ۋە ھەر خىل تىللاردا يېزىلغان قەدىمكى يازما ماتېرىياللارنىڭ ئىسپاتلاپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدە ھازىرقى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، تاشقى موڭغۇلىيە، خېشى ۋادىسى، يەتتە سۇ ۋادىسى، چۇ ۋادىسى، تالاس دەرياسى، سىر دەرياسى ۋادىسى ۋە پەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تارقىلىپ ياشىغان. قەدىمدە شەرق ۋە غەربتىكى ھەر قايسى ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ يازما خاتىرىلىرىدە ئۇلارنىڭ ناملىرى ھەر خىل ئاتىلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نامىنى يىراق دەۋرلەردىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا «ئۇيغۇر» دەپ ئاتاپ كەلگەن.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر قۇدرەتلىك خانلىق بولۇپ، ئۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە مىللەت بولۇپ شەكىللىنىپ چىقىش جەريانىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي تارىخىدا غايەت زور تەرەققىياتلار ۋە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بۇ دەۋرلەردە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تارتىپ تاكى تەڭرىتېغىنىڭ ئېتەكلىرىگىچە بولغان جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان قېرىنداش تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئەسلىدىكى قانداشلىق، ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، زېمىن- تېررىتورىيە ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ھاكىمىيەت ئاستىغا ئويۇشۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن ئورتاق مىللەت نامىنى ئۆز نامى قىلدى. قوشنا ئەل ۋە مىللەتلەر بولسا بەزىدە ئۇلارنى يەنىلا ئەسلىدىكى يۈكسەك ئىتتىپاقىنىڭ نامىدا «ئون ئۇيغۇر» ياكى «توققۇز ئوغۇز» دەپ ئاتاپ كەلدى.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئۆز سەلتەنىتىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرلىرىدىن كېيىن نەچچە ئەۋلاد دانا قاغانلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشنا ئەللەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى يۈرگۈزۈش جەريانىدا، گەرچە سىياسىي ھاكىمىيەت تەركىبلىرىدە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى يەنىلا ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە يۈكسەك تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەل فېئوداللىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينى دەۋرىدە خانلىق ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى چارۋىچىلىق بولسىمۇ، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا، بىناكارلىق قاتارلىقلارمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلدى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن بىر ئىلاھلىق مانى دىنىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسىدە زور بۇرۇلۇش ياساپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغىمۇ مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئورخۇن ئۇيغۇن خانلىقىنىڭ شانلىق تارىخىغا گۇۋاھچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئورخۇن – ينسەي مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى، تۇرپان، دۇنخۇئاڭلاردىن تېپىلغان تۈركچە، ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر، ئوردۇبالق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، تۇۋادىكى قەدىمكى شەھەرلەر خارابىسى، بالاساغۇن قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، بېشبالىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى قاتارلىق يادىكارلىقلار ۋە خارابە- ئىزلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي- ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلغانلىقىنى، ئەينى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا، مەدەنىيەت خەزىنىسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە يارىتىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل مەزكۇر خانلىقنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەنىدىم. ئاخىرى بۈگۈنگە كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەم ئۆزۈمنىڭ ئىزدەنگەنلىرىم ئاساسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخىغا بېغىشلانغان «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقتى.

ئېنىقكى، مەزكۇر ئەسەر ھەرگىزمۇ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (ياكى شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ) ئومۇمىي تارىخى ئەمەس. بەلكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان دەۋر تارىخى. شۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن يەتتە بابقا بۆلۈندى:

1- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق ئاساسلىرى كۆرسىتىلىپ بېرىلدى؛

2- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە گۈللىنىشىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

3- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

4- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە زېمىن دائىرىسىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

5- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەبىلىلىرى، نوپۇسى ۋە ئىرقىي ئالاھىدىلىكىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

6- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي- ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىلىملىرىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛

7- بابتا ئاساسلىقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر بايان قىلىندى ياكى مۇھاكىمە قىلىندى؛ ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار يىلنامىسى بېرىلدى.

تارىخشۇناسلارغا ئايان بولغىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى شانلىق سەھىپە، شۇنداقلا بىر قەدەر مۈشكۈل تەتقىقات تېمىسى، شۇڭا ئىگىلىگەن ماتېرىياللىرىمنىڭ تولۇق بولماسلىقى، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلۇمنىڭ ئانچە ئەتراپلىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن مەزكۇر ئەسىرىمدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئۇستازلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ھەقتە قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا مەزكۇر ئەسىرىمنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ۋە نەشر قىلىنىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن ئۇستازلىرىمغا، كەسىپداشلىرىمغا، دوست- بۇرادەرلىرىمگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق

2003 – يىلى دېكابىر، ئۈرۈمچى

1- باب ئورخۇن ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق ئاساسلىرى

تەتقىقات چوقۇم مول ماتېرىياللار توپلاپ، ماتېرىياللارنىڭ خىلمۇ خىل تەرەققىيات ھالىتىنى ئانالىز قىلىش ھەم ئۇنداق خىلمۇ خىل ھالەتلەرنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىش زۆرۈردۇر.

ك. ماركس

تۇيغۇلار مەملىكىتىمىز جۇڭگودىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تارىختا بىر پۈتۈن جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا، شۇنداقلا مەملكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىدىكى سىياسىي، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە غايەت زور تۆھپە قوشقان. ئۇلار مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىمىز جۇڭگونىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا كۈچلۈك يەرلىك ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئەينى دەۋرىدىكى مەملىكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. بۇ يەرلىك ھاكىمىيەت تارىختا «توققۇز ئوغۇز دۆلىتى»، «شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى»، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر – ئون ئۇيغۇر خانلىقى» دېگەندەك ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مەۋجۇد بولغان 7- 9- ئەسىرلەر دۇنيا ۋە جۇڭگو تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەدىمكى زامان جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرلەر بولۇپ، ئۇ دەۋرلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر، جۈملىدىن تاڭ سۇلالىسى (618 – 907- يىللار)، كېيىنكى تۈرك خانلىقى (682 – 745- يىللار)، تىبەت خانلىقى (617 – 847- يىللار)، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەر بىلەن سىياسىي، ئىقتىساد مەدەنىيىتى ئالاقىسى گۈللەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تارىخىي شەجەرەلىرى ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ يېزىلغان ئورخۇن – يېنىسەي مەڭگۈ تاش يازما يادىگارلىقلىرىدىلا ئەمەس، قوشنا دۆلەت ۋە مىللەت تىل- يېزىقلىرىدىمۇ قەلەمگە ئېلىنىپ، مەخسۇس تەزكىرە- قىسسىلەر سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ، بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇلار نۆۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىزنىڭ قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللىرى بولۇپ تۇرماقتا. شۇڭا، ئاۋۋال تارىخ ئىلىمىنىڭ مۇھىم تەتقىقات يۆلەنچۈكى بولغان تارىخ ماتېرىيالشۇناسلىق جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشتە تولىمۇ مۇھىم. چۈنكى تارىخىي ماتېرىياللار، بولۇپمۇ سىستېمىلىق، يېتەرلىك دەلىللەشتىن ئۆتكەن تارىخىي ماتېرىياللارلا تارىخ تەتقىقاتىنىڭ پۇختا ئاساسىنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ، ماركىسىزملىق تارىخىي ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاشۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئىچىدىن توغرا خۇلاسىلەرنى چىقىرىش تارىخ تەتقىقاتىدىكى بىردىن- بىر توغرا، ئىلمىي ئۇسۇلدۇر. شۇڭا، ئا. كامالۇۋ ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش، قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى يادىگارلىقلىرىسىز، باشقا تىل يادىجارلىقلىرىسىز، شۇنداقلا ئارخېئولوگىيىلىك ھۆججەتلەرسىز ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس» [1] دەپ ئېيتقىنىدەك، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۇنىۋېرسال، مۇكەممەل، ئەتراپلىق ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت قول ئىپتىدائىي تارىخىي ماتېرىياللارنى، ھۆججەت- ۋەسىقىلەرنى، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا بېغىشلانغان ئاساسلىق تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش تولىمۇ زۆرۈر. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھۆججەت تارىخىي ماتېرىياللىرى، ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرىياللار ۋە تەتقىقات ماتېرىياللىرى دەپ ئۈچ توڭ تۈرگە ئايرىيمىز.

بارلىق ھۆججەت تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئادەتتە يازما تارىخىي ماتېرىياللار ۋە غەيرىي دەۋرداش تارىخىي خاتىرىلەرگە بۆلۈنىدۇ. دەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بەرگەن ئەينى دەۋردە، ئاشۇ دەۋر كىشىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي دەۋرداش خاتىرىلەر مەلۇم ۋەقە يۈز بېرىپ، تارىخىي ۋەقەلەرگە ئايلانغاندىن كېيىن، كېيىنكى دەۋر كىشىلىرى تەكشۈرۈپ، ئويلاپ يېزىپ چىققان خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى كېيىنكىسىنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ھۆججەت تارىخىي ماتېرىياللىرى ئىچىدە دەۋرداش تارىخىي ماتېرىياللارمۇ، غەيرىي دەۋرداش تارىخىي ماتېرىياللارمۇ بار. بىز يەنە پەرقلەندۈرۈش ۋە قوللىنىشتا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن بارلىق تارىخىي ماتېرىياللارنى ئۇلارنىڭ تىل- يېزىق تەۋەلىكى بويىچە قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار، قەدىمكى ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار، خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار، ئەرەب، پارس تىلى- يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئارخېئولوگىيىلىك تارىخىي ماتېرىياللار دەپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ تونۇشتۇرىمىز.

1. پاراگراف قەدىمكى تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللار

قەدىمكى تۈرك يېزىقى قەدىمكى زاماندا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە قەبىلىلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغان بىر خىل ھەم ئېلىپبەلىك، ھەم بوغۇملۇق ئارىلاشما يېزىق بولۇپ، جەمئىي 40 ھەرپتىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن 6- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي دەۋرلەردە قەدىمكى كۆكتۈرك خانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، يېنىسەي قىرغىزلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى قورىقان قاتارلىق بىر قىسىم مىللەتلەر بۇ خىل يېزىقنى ئومۇميۈزلۈك قوللانغان. بۇ يېزىقنىڭ شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قەدىمكى گېرمانلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان رونىك يېزىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئۇ كۆپىنچە قەدىمكى تۈرك- رونىك يېزىقى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان ئاساسلىق يازما يادىكارلىقلار موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ۋە سىبىرىيىدكى يېنىسەي دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغىنى ئۈچۈن، يەنە ئورخۇن- يېنىسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنە بەزىلەر كۆكتۈرك يېزىقى، ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى يېزىق، سىبىرىيە يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ [2].

قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر يازما تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تېپىلغان. 7- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 9- ئەسىرنىڭ ئوتتورىلىرىغىچە بولغان تارىخىي جەريانلاردا ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر قانچە چوڭ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرى ئادەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلاردىكى خاتىرىلەر دەۋر جەھەتتىن ئۇزاق ھەم تەپسىلىي. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانىدانلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەھۋاللارغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارغا قېرىنداش قەبىلىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ھەققىدىكى بايانلىرى، ئەدەبىي تەسۋىرلىرى ئەينى دەۋر يايلاق جەمئىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بىر قەدەر تولۇق نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركچە تارىخىي ماتېرىياللارغا مەنسۇپ بولغان قەدىمكى مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرى بىزنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى توغرا چۈشىنىشىمىزدە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ مەڭگۈ تاش تارىخىي ماتېرىياللىرى دەۋرداش ۋە غەيرىي ماتېرىياللارنى تولۇقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرى تۆۋەندىكىلەر:

1. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1957- يىلى موڭغۇلىيىدىكى ھىنگاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تېرخىن دەرياسىغا (چاغاننۇر كۆلىگە يېقىن) يېقىن تاريات سۇمۇلىدىن (مەمۇرىي رايون) تېپىلغىنى ئۈچۈن، «تاريات مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتۇئورنىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، مەڭگۈ تاش يېزىقىنىڭ ئاساسلىق قىسمى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خەنزۇچە مەنبەلەردە مويۇنچۇر ياكى بايانچۇر دېيىلىدۇ. مىلادىيە 747- 759- يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نامىدىن يېزىلغان. مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى قۇتلۇق تارقان سەنگۈي (يەنە بىلگە تارقان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچە مەنبەلەردە ئىدىكەن قاغان، بۆگۈ قاغان، تەڭرى قاغان دەپ ئاتالغان. بۇ مەڭگۈ تاش ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ دەسلەپكى يادىكارلىقلار بولۇپ، ئۇ «ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئەلنى سوراپ تۇرغان يىللاردا 753- 756- يىللىرى تىكلەنگەن» [3]. تاش تېكىستىدە ئاساسلىقى ئەل ئەتمىشنىڭ نامىدىن بۆگۈب قاغان (759- 780- يىللار) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا بىلگە تارقاننىڭ نامىدىن دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىلىرى مەدھىيىلەنگەن. قىممەتلىك يېرى شۇكى، بۇنىڭدىن بىر قىسىم مەزمۇنلار باشقا مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ.

2. «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1909- يىلى موڭغۇلىيىدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋە شىنە ئۇسۇ كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، يەنە «شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالغان مويۇنچۇر قاغان (747- 759- يىللىق) نىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان يەنە بىر يادىكارلىق. مويۇنچۇر ئەسلىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى كۆل بىلگە قاغان (742- 747- يىللار) نىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تۇريان ئىدى [4]. مەنبەلەردە يەنە ئەل بىلگە يابغۇ ۋە قارا قاغان دەپمۇ ئاتالغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 50 قۇر خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مويۇنچۇر قاغان نامىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى دەسلەپكى تارىخى، ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەملىشىپ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارىشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى، كېيىن قارلۇق، توققۇز تاتار باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئېلىپ بارغان جازا ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسىگە قىلغان يۈرۈشلىرى، تابغاچ ۋە سوغداقلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا بايبالىق شەھىرىنى سالدۇرغانلىقى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دا كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە تىلغان ئېلىنمىغان بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر خاتىرىلەنگەندىن سىرت، يەنە كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرىلەنگەن بىر قىسىم ۋەقەلىكلەر تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

3. «تەس مەڭگۈ تېشى»

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقى 1976- يىلى موڭغۇلىيىدىكى تەس دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى نوغۇن تولغوي ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «تەس مەڭگۈ تېشى» دەپ ئاتالغان. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە مەنسۇپ يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېغىرراق. ئەڭ مۇھىم بولغان يازما يادىكارلىق. ئۇنىڭدا بۆگۈ قاغان (759- 780- يىللار) ئەجدادى (دادىسى) بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر، 747- 759- يىللار9 دەۋرىگىچە بولغان ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تارىخى، جۈملىدىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەقدىرى. كۆل بىلگە قاغان ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار كونا- يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا تەس مەڭگۈ تېشىدىكى مەلۇماتلار زور سېلىشتۇرما قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، «تەس مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى مويۇنچۇر قاغاننىڭ يېقىن تۇغقىنى تۈپەك ئالىپ شۇل دېگەن كىشى بولۇپ، مەڭگۈ تاشنى قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان ۋاقىتتا توغرىسى 761- 762- يىللىرى ئورنىتىلغان، دېيىشكە بولىدۇ [5].

4.«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»

بۇ يادىكارلىقنىڭ تولۇق ئاتىلىشى «توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دۇر. ئۇ 1899-يىلى موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارا بالغاسۇن شەھىرىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى سايرام كۆلى بويىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن،«توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دەپمۇ ئاتالغان. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» غا قەدىمكى تۈركچە، سوغدىچە ۋە خەنزۇچە ئۈچ خىل يېزىقتا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمكى تۈركچە تېكىستى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، پەقەت ئىنتايىن ئاز قىسمىلا ساقلىنىپ قالغان، سوغدىچە قىسمىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئانچە كۆپ ساقلىنىپ قالمىغان، پەقەت خەنزۇچە قىسمىلا مۇكەممەلرەك ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ساقلىنىپ قالغان قىسمى تەخمىنەن 1600خەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئومۇمىي تەزكىرە شەكلىدە يېزىلغان مۇھىم بىر مەڭگۈ تاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى كۆل بىلگە قاغان (742-747-) يىللار دەۋرىدىن تارتىپ تاكى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغان (يەنى ئادالەت قۇچقان قاغان، 808 – 821 – يىللار تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگىچە بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، ئادالەت قۇچقان قاغاننىڭ خانلىق ھاكىمىيىتىنى ۋە زېمىن تېررىتورىيىسىنى مۇستەھكەملەش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى، بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىش، جۇڭغا ۋە تارىم ۋادىلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، بېشبالىق، كۇچار قاتارلىق جايلارنى تىبەتلەردىن قايتۇرۇپ ئالغانلىقى مەدھىيىلەنگەن. خەنزۇچە قىسىمدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يادىكارلىق ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقىدا بىرنەچچە ئەۋلاد باش ۋەزىرى بولغان ئىل ئۈگەسى تەرىپىدىن تەخمىنەن مىلادىيە 814- يىلى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى باغا تارقان دېگەن كىشى ئىكەن[6].

5. «سېۋرېي مەڭگۈ تېشى»

بۇ مەڭگۈ تاش يادىكارلىق 1969-يىلى مۇڭغۇلىيىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن تۇتىشىدىغان سېۋرېي دېگەن يېرىدىن (يەنى ئىدزىنغۇل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇيۇلىدىغان گاخون، سوغ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى كۆلنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تېپىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشنىڭ بىر يۈزىگە يەتتە قۇر سوغدىچە خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش خېلىلا قىيىن. رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنى بۇ يادىكارلىقنىڭ سوغدىچە قىسمىدىكى «ئۇيغۇر قاغان»، ۋە قەدىمكى تۈركچە قىسمىدىكى «ئىنگى ياغلاقار» دېگەنگە ئاساسلىنىپ، سېۋرېي مەڭگۈ تېشى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغان (759-780-يىللار) دەۋرىگە مەنسۇپ، ئۇ بۆگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىدىكى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇپ بولۇپ چاڭئەندىن ئايرىلىپ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى دۆلىتىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ چېگرىسىغا كەلگەندە ئورناتقان تۆھپە خاتىرە تېشى، دەپ قارايدۇ. بىراق ئېلىمىز تۈركولوگى گېڭ شىمىن قاتارلىقلار بۇ مەڭگۈ تاشنى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى دانىشمەن قاغان ( 933-يىلىدىن ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىگە مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ[7].

6. «سۇدىجىن مەڭگۈ تېشى»

بۇ يادىكارلىق 1909-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ سۇدىجىن (بەزى ماتېرىياللاردا سۇجى دېيىلگەن) دېگەن يېرىدىن تېپىلغان. مەڭگۈ تاشقا جەمئىي 11 قۇر قەدىمكى تۈركچە خەت ئويۇلغان، يادىكارلىق تېكىستىنىڭ قەھرىمانى بويلا قۇتلۇق تارقان ئىسىملىك قىرغىز قەبىلىسىنىڭ فېئودال ئاقسۆڭىكى بولۇپ، يادىكارلىق تېكىستىدە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، ئىنتايىن باي كىشى ئىكەنلىكى، ئون قوتان چارۋىسى، سانسىزلىغان يىلقىسى بارلىقى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مانى روھانىسىغا 100 چاكار ۋە تۇرالغۇ ئۆي بەرگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار خاتىرىلەنگەن. بۇ يادىكارلىقنىڭ تەۋەلىكى ۋە دەۋرى ھەققىدە تۈركولوگ گېڭ شىمىن ئەپەندى ئۇنىڭ 1-ۋە 4- قۇرىدىكى «مەن ئۇيغۇرلار يېرىدىكى ياغلاقار قاغان تۇرۇشلۇق جايغا كەلدىم»، «مېنىڭ شۆھرىتىم، نامىم كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈن پېتىشقىچە تارالدى» دېگەنلەرگە ئاساسلىنىپ، «بۇ ۋاقىتتا قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنىڭ كونا زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ بولغان، خەنزۇچە ماتېرىياللاردىن بىلىشىئىمىزچە بۇ ۋەقە 840 – يىلىدىن كېيىن بولغان، شۇڭا بۇ پىكىرنى رۇس ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنىشتاممۇ قوللايدۇ[8]. سۇدىجىن مەڭگۈ تېشىنىڭ ئىگىسى گەرچە قىرغىز دەپ قارالسىمۇ، بىراق قىرغىزلار كېيىنكى ئورخۇن خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يادىكارلىقتىكى يايلاق جەمئىيىتىدىكى چارۋىچى فېئوداللارنىڭ ئائىلىلەر ئىگىلىكى ۋە مانى دىنىنىڭ ئائىلىلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم تارىخىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلارلىقى شۇكى، س. گ. كىلياشتورنى بويا قۇتلۇق يارقان بويلا قۇتلۇق تارخاندۇر. ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاغانىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، دەپ قارايدۇ.

2. پاراگراف ئۇيغۇرچە تارىخىي ماتېرىياللار

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى – ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشتىن ئىلگىرى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قوللانغان ھەم نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان مەدەنىيەت مىراسلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، بۇ خىل يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان قەدىمكى سوغدىلارنىڭ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل يېزىق ئەڭ بالدۇر يەتتەسۇ رايونى ۋە بەشبالىق، تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. 1955- 1956- يىللىرى موڭغۇلىيىئىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئوۋسايىمگىن ئۆلكىسىنىڭ تۇرگانسۇم مەمۇرىي رايونىدا قاراشلىق خارائۇس دېگەن يېرىدىن تېپىلغان دۈرگۈت مەڭگۈ تېشىغا سەككىز قۇر قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەت ئويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىلا بۇ خىل يېزىقنى ئىجاد قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ [10]. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى 19 دىن 20 گىچە بولغان بەلگە- ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، (بەزىدە دەۋرلەرنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىكى بىلەن ھەرپ سانلىرىدىمۇ پەرقلەر كۆرۈلىدۇ)، بەزى رايونلاردا تاكى 14 – 15- ئەسىرلەرگىچە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا يالغۇز ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىپلا قالماستىن، باشقا تۈركىي خەلقلەر، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلغان. ئۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇناۋى ئەسىرى (قۇتادغۇ بىلىك) نىڭ ۋىنا نۇسخىسىمۇ دەل مۇشۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. نۆۋەتتە بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەزمۇندىكى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت تىپىدىكى ئەسەرلەر بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بىر قىسىم يازما ھۆججەتلەر ۋە تاش پۈتۈكلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر مۇھىمراقلىرى تۆۋەندىكىلەر:

1. «ئوغۇزنامە»

«ئوغۇزنامە» قەدىمكى ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان نەسرىي شەكىلدىكى ئېپۇس، ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازما نۇسخىسىدىن بىرسىلا بولۇپ، ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىزھ شەھىرىدىكى «پۇقرالار كۇتۇپخانىسى» دا ساقلانماقتا. بۇ قوليازما قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىرماش شەكلى بىلەن يېزىلغان، باش- ئاخىرى كەم، ھەجمى 21 ۋاراق 42 بەت، ھەر بىر بېتى توققۇز قۇر خەتتىن تەشكىل تاپقان. 1- بەتنىڭ 2- قۇرىدىكى، 5- بەتنىڭ 9- قۇرۇدىكى، 6- بەتنىڭ 4- قۇرۇدىكى «ئۇشبۇ تۈرۇر» دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا بۇقا، قۇرغۇي ۋە قىئاتنىڭ رەسىمى سىزىلغان. «ئوغۇزنامە» نى مەزمۇن جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. داستاننىڭ بىرىنچى قىسمىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان دۇنيانىڭ يارىلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدىكى ئەپسانىلەر ۋە بەزى قەدىمكى ئۆرپ-ئادەتلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدىن بولغان «جۇنامە. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. تۈركلەر تەزكىرىسى»، «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا خاتىرىلەنگەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە توتېم ئېتىقادىغا دائىر خاتىرىلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئالىملار «ئوغۇزنامە» گەرچە كېيىنرەك كىتاب بولۇپ تارقالغان (يەنى يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن مىللەتنىڭ مەنبەسى ۋە توتېم ئېتىقادى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە خاتىرىلەنگەنلىرى بىلەن ئوخشاش. بۇ «ئوغۇزنامە» ئېپوسنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىڭ قانقىللار دەۋرىدىلا ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلى بىلەن خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقىلىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ [11]، دەپ قارايدۇ. داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئاساسلىق ھالدا ئوغۇزخاننىڭ ئۇرۇش پائالىيەتلىرى بايان قىلىنغان. شۈبھىسىزكى، بۇ ۋەقەلىكلەردە مەلۇم دەرىجىدە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ئەكس ئېتىلگەن. بۇ قىسىمدا كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى تۈرك – ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ نامىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەر نامى مەلۇم دەرىجىدە ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ [12]. «ئوغۇزنامە» ئېپوسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى دىنىي مەزمۇندا بولمىغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

2. «بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى»

نۆۋەتتە گېرمانىيىدە تم276 ئا ۋە تم276 ب دېگەن نومۇر بىلەن ساقلىنىۋاتقان بۇ يادىكارلىق [13] قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىغا دائىر قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتتۇر. ئۇ جەمئىي ئىككى ۋاراق، 96 قۇر خەت بولۇپ، ھەر بىر ۋارىقىنىڭ ئالدى- كەينىگە 24 قۇردىن خەت يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى بۆگۈ قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەن تۆت نەپەر مانى مۇخلىسى بىلەن ئىككى كېچە- كۈندۈز مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق مانى دىنىغا كىرگەنلىكى، مانى دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يۇقىرى تەبىقىدىكىلەردىن ئاۋام خەلققىچە ھەممەيلەننىڭ ھېسابسىز خوشاللىققا چۆمگەنلىكى، مانى دىنى ئېتىقادى ھەققىدە مەخسۇس قائىدە- تۈزۈملەر چىقىرىلىپ، مەخسۇس مانى دىنى تەرغىباتچىلىرى بەلگىلىگەنلىكى، شۇنداقلا مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن خانلىقنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى، مانى مۇخلىسلىرىنىڭ دەسلەپتە زور بېسىمغا، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مانى دىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا «تاڭنامە» ۋە «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» دىكى مەنبەلەرنى تولۇقلاشتىكى ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنىنى قوبۇل قىلىشى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، ئۇ شەك- شۈبھىسىز ئىلغار ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى بىلەن بىللە يەنە بىر قەدەر يۇقىرى مەدەنىيەت يېزىقىنىمۇ قوبۇل قىلغان» [14].

3. «شەجەرەئى تۈرك»

«شەجەرەئى تۈرك» 17- ئەسىردە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيالىق تارىخچى ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603- 1665- يىللار) تەرىپىدىن مىلادىيە 1663- 1664- يىللىرى يېزىلغان تارىخىي ئەسەر. بۇ ئەسەر جەمئىي توققۇز باب بولۇپ، 2- بابىدا ئۇيغۇر، قارلۇق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەسلى يىلتىزى ھەققىدە بىر قىسىم تارىخىي ئۇچۇرلار، ئەپسانە- رىۋايەتلەر بار. يەنە ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز، ئوغۇزخان رىۋايىتى دېگەندەك قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ- جۇغراپىيىلىك دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەرمۇ بار [15]. بۇ ئەسەر ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا دوساننىڭ «موڭغۇل تارىخى»، راشىدىننىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرى ۋە «قۇچۇ ئىدىقۇتلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچە تېكىستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

4. «قۇتادغۇ بىلىك»

«قۇتادغۇ بىلىك» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىرىدە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۈرى، پەيلاسوپى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ (1069/1070-1018/1019- يىللار) تەرىپىدىن مىلادىيە 1069 – 1070- يىللىرى تۈرك تىلىدا (يەنى ئۇيغۇر تىلىدا) يېزىلغان دىداكتىك شېئىرىي داستان [16]. ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىپ تاماملىغاندىن ئەينى دەۋرىدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. ئەسەر جەمئىي 85 باب، 13920 مىسرا، ئىككى مۇقەددىمە ۋە ئۈچ قوشۇمچە باياندىن تەركىب تاپقان. ئالدىنقى 11- بابىدا ئاللاغا، پەيغەمبەرگە، تۆت ساھابىگە ۋە ئۇلۇغ بۇغرا خانغا ئوقۇلغان مەدھىيلەر، بىلىم، بىل ۋە پەزىلەت ھەققىدىكى بايانلار ھەم مۇئەللىپنىڭ بايانى، كىتابنىڭ نامى ۋە مەنىسى ھەققىدىكى بايانلار بېرىلگەن. 12- بابىدىن باشلاپ مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىسىنى ئادالەت سىمۋولى كۈنتۇغدى ئېلىگ (ھۆكۈمدار)، بەخت- سائادەت سىمۋولى ئايتولدى (ۋەزىر)، ئەقىل- پاراسەت سىمۋولى ئۆگدۈلمىش (ۋەزىرنىڭ ئوغلى)، قانائەت سىمۋولى ئۇدغۇرمىش (زاھىت) ئارىسىدىكى دىراملىق سۆھبەتكە سىڭدۈرۈپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق- پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئەسەرنىڭ پۈتكۈل مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان، يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ئالاھىدىلىكلىرى، ئەرەب ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەر يالغۇز ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماي، بەلكى تارىخ ھەم پەلسەپە رېئال ھاياتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن سىستېمىلىق بىر ئىلمىي ئەسەردۇر [17]. شۇڭا، «قۇتادغۇ بىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ (ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ) پەلسەپە، قانۇن (ھوقۇق)، ئەخلاق، تەلىم- تەربىيە، دىنىي ئېتىقاد، دۇنيا قاراش ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور ئىلمىي ھەم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە.

3. پاراگراف ئەرەب، پارس تىل-يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللار

قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ۋە ئۆگىنىشتە، خۇددى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئوخشاشلا ئەرەب، پارس تىل-يېزىقىدىكى كلاسسىك تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەرەبلەردە ئۈمەييە سۇلالىسى( 660-750-يىللار) دەۋرىدىلا تارىخشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئابباسىلار سۇلالىسى (750-1258-يىللار) دەۋرىدە ئەرەبلەرنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قەدىمكى مىسىر، يۇنان، پېرىسىيە، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كلاسسىك مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا جۇغراپىيە ئىلىمى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. نەتىجىدە ئابباسلار سۇلالىسى ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى قوشنا بولغان ۋە قوشنا بولمىغان يىراق-يېقىن جايلاردىكى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭمۇ ئەھۋالىنى بىلىشكە قىزىقان. مانا مۇشۇنداق ئېھتىياجلار ئابباسلار سۇلالىسى دەۋرىدە بىر قىسىم ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇپ، دۇنياۋى خارەكتېردىكى مەشھۇر تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. نۆۋەتتە ھەر قايسى ئەل تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئەرەب كلاسسىك تارىخىي-جۇغراپىيىۋى ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: «مۇسۇلمان جۇغراپىيشۇناسلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلام دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ماتېرىيال خەزىنىسى»دەپ تەرىپلەشمەكتە.
تارىخ تەتقىقاتچىلىرىغا مەلۇمكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايونىغا تارقىلىشى بۇ رايونلاردىكى ئەسلىدىكى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىلا ئەمەس، بەلكى تىل-يېزىق ۋە مەدەنىيىتىدىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ تىل- يېزىق جەھەتتە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئەرەب، پارس تىل- يېزىقى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تۈرك تىل- يېزىقىنىڭ ئورنىنى تەدرىجى ئىگەللەشكە باشلاپ، كېيىنكى تارىخىي دەۋرلەردە تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئۇيغۇر تىل- يېزىقى بىلەن تەڭ مەۋجۇد بولۇپ كەلدى. شۇڭا، نۆۋەتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېلىمىز ئالىمى جاڭ گۇڭدا ئەپەندى ئەرەب، پارس تىل- يېزىقىدىكى تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەرەب پارس ۋە تۈركلەرنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەسەرلىرى پەقەت جۇغراپىيە ماتېرىياللىرىدىنلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، بەلكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىرىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىدە زور مىقداردا جۇغراپىيە ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان تارىخىي ماتېرىياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان» دەيدۇ [18].

1. «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى»

«يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن بۇ ئەسەر ئابباسىلار سۇلالىسى (750- 1258- يىللار( دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن كاتتا تارىخىي- جۇغراپىيىلىك ئەسەر. ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇردادبىھ ھىجرىيە 205- يىلى (مىلادىيە 820- يىلى) ياكى ھىجىيە211- يىلى (مىلادىيە 825- يىلى) تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 300- يىلى (مىلادىيە 912- يىلى) ۋاپات بولغان. ئىبنى خۇردادبىھنىڭ دادىسى خەلىپە مەمۇن (813- 833- يىللار) دەۋرىدە كاسىپى دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى تەبەرىستان رايونىنىڭ ۋالىيسى بولغان. ئىبنى خۇردادبىھ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە باغدادتا ئەتراپلىق بىلىم ئالغان. كېيىن دەسلەپتە ئىراننىڭ غەربىي قىسمىدىكى جەبىل ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ ۋە رابات ئەمەلدارى، كېيىنچە باغداد ۋە سامارا ئۆلكىسىنىڭ ئۆتەڭ- رابات ئەمەلدارى بولغان. خەلىپە مۇتامىد (870- 893- يىللار) دەۋرىدە ئۇنىڭ پىكىردىشى ھەم يېقن سۆھبەتدىشى بولۇپ قالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىبنى خۇردادبىھ ئۆمرىدە توققۇزدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. ئۇ «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسىرىنى جەبىل ئۆلكىسىدىكى چېغىدا يېزىشقا باشلاپ 846- يىلى پۈتتۈرگەن. 885- يىلى قايتا تولۇقلاپ تۈزىتىپ چىققان. ئۇ بۇ ئەسىرىنى ئابباسىلار خەلىپىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مول ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ ساياھەتنامىلىرى ۋە ئۆزى ئىگىلىگەن ماتېرىياللار مەنبەسى بىر قەدەر كەڭ، قىممىتى يۇقىرى بولغان. ئىبنى خۇردادبىخنىڭ بۇ ئەسىرى ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، كېيىنكى دەۋرىلەردىمۇ ئەرەب مۇسۇلمان ئاپتورلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەسەرلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزى ۋە بۇ ئەسىرى ئىزچىل ھالدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەرەبلەرنىڭ ھىرودۇتى دەپ نام ئالغان مەشھۇر ئالىم مەسئۇدى (956- يىلى ۋاپات بولغان) بۇ ئەسەرگە (ئالغانغا تۈگىمەيدىغان، ئىشلەتكەنگە خۇرىمايدىغان بايلىق، ئۇنىڭ بېشىدىن- ئاخىرىغىچە پايدا ۋە بىلىمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ» دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن. ئېلىمىز تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىلەي 10- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن پارس تىلىدا يېزىلغان دۇنياۋى كاتتا جۇغراپىيىۋى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» مۇ ئىبنى خۇردادبىھنىڭ ئەسىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا بىر قىسىم مەزمۇنلىرى ئاساسىي جەھەتتىن «يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دېگەن ئەسەردىن ئېلىنغان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ [19].
«يول ۋە ئەللەر تەزكىرىسى» دە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋە 8- 9- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ (قارلۇق، قىرغىز، تۈركەش ۋە ئوغۇز قاتارلىقلار» تارىخ، جۇغراپىيىسىگە دائىر قىممەتلىك خاتىرىلەر بېرىلگەن. بۇ خاتىرىلەردىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار ئېلىمىزنىڭ خەنزۇچە تارىخنامىلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى بىر قىسىم مۇھىم تارىخىي- جۇغراپىيىۋى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ماتېرىيال قىلىشقا بولىدۇ

2. «تەمىم ئىبنى بەھرىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى»

تەمىم ئىبنى بەھر ئەل مۇتاۋىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئۇ ئەرەب خەلىپىسىئىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىستېلا قىلغان چاغدا پىدائىي ئەسكەر بولغان ھەم مىلادىيە 760- 821- يىللار ئارىلىقىدا مەلۇم بىر ۋەزىپە بىلەن ئەينى دەۋرىدىكى ئەرەبلەر تەرىپىدىن توققۇز ئوغۇز دۆلىتى دەپ ئاتالغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ساياھەتكە بارغان. ئۇ ئەرەبلەر ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەڭ بۇرۇن ساياھەتكە كەلگەن ھەم ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ قالدۇرغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمى ياقۇتنىڭ «جۇغراپىيە لۇغىتى» گە ۋە ئىبنى ئەل فاتىھنىڭ جۇغراپىيە ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن ساقلىنىپ قالغان. ئىبنى ئەل فاتىھنىڭ ئەسىرىنى 1923 – يىلى تۈركىيە ئالىمى ئا. ز. ۋەلىدى تۇغان تاپقان، تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى گېرمانىيىلىك پروفېسسور ۋالد تاپقان. كېيىن ئەنگلىيىلىك ئىرانشۇناس ئالىم ۋ. مىنورسكى «تەمىم ئىبنى بەھرنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى» نى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ئەللىرى ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي زھۇرنىلىدا (1984-يىللىق 12 – توپلام 2 – سانىدا) ئىنگلىزچە ئىزاھاتلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان[20].

تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئاساسلىقى ئۇنىڭ مىلادىيە 821-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (توققۇز ئوغۇزلارنىڭ) پايتەختىگە بېرىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئۇ خاتىرىسىدە قاغاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەر قايسى ئۆتەڭلەر تەمىنلىگەن ئاتقا مىنىپ، مەھەللەر-كەنت، شەھەر-بازار بولمىغان يايلاقتا 20-كۈن يول يۈرگەنلىكى، كېيىن يەنە ئاھالىلەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان جايلاردا 20-كۈن يول يۈرۈپ ئاندىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارغانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئاتەشپەرەسلەر ۋە مانى دىنىدىكىلەر ئىكەنلىكى، قاغان شەھىرى ھەشەمەتلىك، 12 چوڭ تۆمۈر دەرۋازىسى بار، سودا-سېتىق گۈللەنگەن، بازارلىرى ئاۋات، ئاھالىسى زىچ، نوپۇسى كۆپ شەھەر ئىكەنلىكى، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا مەھەللەر كەنتلەر يېقىن ھەم زىچ جايلاشقانلىقى، تېرىلغۇ يەرلەر بارلىقى، توققۇز ئوغۇز دۆلىتىنىڭ قاغانى جۇڭگو خانى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، جۇڭگو خانى ھەر يىلى قاغانغا 500 مىڭ توپ يىپەك سوۋغا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن.

تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسى گەرچە بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىراق ئەرەبلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرى ۋە تارىخچىلىرىدىن ياقۇبىنىڭ (897-يىلى ۋاپات بولغان) «تارىخىي تاقۇبى»، تەبەرىنىڭ «تارىخىي تەبەرى»، «پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى»، ياقۇتىنىڭ «ئەللەر تەزكىرىسى»891 – 892 – يىللىرى يېزىلغان ئىبنى پاتىھنىڭ «ئەللەر تەزكىرىسى» (903 – يىللىرى يېزىلغان)، مەسئودىنىڭ «نەسىھەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ 840 – يىلدىن ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بار. ئىلگىرى بۇ ئەسەرلەردىكى توققۇز ئوغۇزلار، يەنە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا دائىر مەلۇماتلار ۋە خاتىرىلەر دۆلەت ئىچىدىكى تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققەت –ئېتىبارىنى ئانچە قوزغىيالماي ياكى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنماي كېلىنگەنىدى. يېقىندا خۇئاتاۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت تارىخىي تەتقىقاتى (8 – ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە)» دېگەن ئەسىرىدە يۇقىرىقى ئەسەرلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى كۆپلەپ كۆرسىتىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ تارىخي ماتېرىيالشۇناسلىق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بەردى(24). ئەرەب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خاتىرىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسىي جەھەتتىن ئەينى دەۋردىكى سەيياھلار، جۇغراپىيىشۇناسلار ۋە مەلۇم ۋەزىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاڭلىغان – كۆرگەنلىرى بولغاچقا، ئۇلاردىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خەنزۇچە ۋە قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا، بۇ ئەسەرلەرمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

3. «تۈركىي تىللار دىۋانى»

«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇد كاشغەرى قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ، تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى ھۇسەيىن ئىىنى مەھمۇد كاشغەرى، شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ خانى مۇھەممەد بۇغراخان (1056-1057-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ نەۋرىسى، 1058- يىلى خانلىق تەختىكە ۋارىسلىق قىلغان ھۈسەيىننىڭ ئوغلى. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، مەھمۇد كاشغەرى تەخمىنەن 11- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە كاشغەرنىڭ ئوپال دېگەن يېرىدە دۇنياغا كېلىپ، 11- ئەسىرنىڭ 70-80- يىللىرى يەنە ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان. مەھمۇد كاشغەرى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئوپالدا ئۆتكۈزگەن ھەم ئوردىغا يېقىن جايلاردىكى مەدرىسىلەردە بىلىم ئالغان، كېيىن سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە قۇرۇلغان كاشغەر خانلىق مەدرىسىگە كىرىپ، ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى ھۈسەين ئىبنى خەلەب كاشغەرى قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن بىلىم ئېلىپ، ئەينى دەۋر ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم تىلى دەپ قارىلىدىغان ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىي تىل دەپ قارىلىدىغان پارس تىلىنى پۇختا ئىگىلىگەن. كېيىن كاشغەردىن ئايرىلىپ، ئون نەچچە يىل ئىلى ۋادىسى، يەتتۇسۇ ۋادىسى، قىپچاق يايلاقلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى ئارىلاپ، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلى، جەمئىيەت تەشكىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىشى، تۈرمۇشى، تارىخى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەدەبىيات-سەنئىتىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارغا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىيال توپلىغان. مىلادىيە 1072- يىلى ئەينى دەۋردىكى ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى باغداد شەھىرىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل توپلىغان ماتېرىياللىرىنى رەتلەپ، تۈرگە ئايرىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى قامۇسى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يېزىشقا كىرىشكەن ۋە تەخمىنەن 1076-1077- يىللىرى بۇ كاتتا ئەسىرىنى پۈتتۈرۈپ چىققان[22].

«تۈركىي تىللار دىۋانى» جەمئىي ئۈچ توم بولۇپ، تۈرك-ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەب تىلىدا ئىزاھلىغان لۇغەت. پۈتۈن كىتاب سەككىز جىلددىن تەركىب تاپقان. ھەر بىر جىلد ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. پۈتۈن ئەسەرگە 7500 دىن ئارتۇق سۆزلۈك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، فىلولوگىيە، دىنىي ئېتىقاد، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق، جۇغراپىيە، تېبابەتچىلىك، پەلسەپە، سىياسىي- ئىقتىساد، ئېتنوگرافىيە، كان مەھسۇلاتلىرى، شەھەر –كەنتلىرى، تاغ-دەريالىرى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەرگە چېتىلىدۇ.
«تۈركىي تىللار دىۋانى» گەرچە 11- ئەسىردە ئىسلام مۇھىتىدا يارىتىلغان ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، ئۇرۇق- قەبىلىلىرى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى، ئاسترونومىيە-كالېندارچىلىقى ۋە ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا دائىر مەلۇماتلار قارا خانىيلار خانلىقى دەۋرىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە جەمىئىيتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم تارىخى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىسىدۇر. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار تۈركى تىللار دىۋانىدكى مەلۇماتلار «بىزگە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى دەۋردىن مىلادىيە 11-ئەسىرگىچە بولغان بۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ رەڭگارەڭ تارىخى كارتىئېنىسىنى بەدىئىي جەھەتتىن سۈرەتلەپ بەردى» [23] دەپ قارايدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسى، ئاسترونومىيە-كالېندارچىلىقى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە باشقا بىر قىسىم تارىخى مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۆرنەك قىممىتىگە مۇھىم پايدىلىنىش، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە يازما ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

4. پاراگىراف خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللار

ئېلىمىز جۇڭگو ئۇزۇن يىللىق يېزىق تارىخىغا ئىگە، يازما تارىخىي مەدەنىيەت مىلاسلىرى ئىنتايىن كۆپ دۆلەت. ئېلىمىزنىڭ ئاشۇ يازما مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىچىدە مەيلى ھەر قايسى سۇلالە- خاندانلىقلارنىڭ ئوردا تارىخچىلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن رەسمىي تارىخنامىلەر بولسۇن ياكى شەخسلەر تەرىپىدىن يېزىلغان غەيرىي تارىخنامىلەر بولسۇن، زور سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تارىخنامىلىرى ھېسابلىنىدىغان «خەننامە»، ھەتتا سۈي، تاڭ، سۇڭ، يۈئەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدىكى «ۋېينامە»، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى»، «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە»، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»، «يازما ھۆججەتلەر ھەققىدە ئومۇمىي تەھسىل» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە قەدىمدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىدە ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە بىر قەدەر سىستېمىلىق بايان قىلىنغان، ئۇلار نۆۋەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زامان جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم بىرىنچى قول مەنبەلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يەنە قەدىمكى تۈركچە- ئۇيغۇرچە ماتېرىياللار ۋە باشقا تىللاردىكى ئەسەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىلەر:

1.«ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»(魏书.高车传)

«ۋېينامە» شىمالى چى پادىشاھلىقى (557-550- يىللار) دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەي شۇ (572-506- يىللار) قاتارلىق تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن، شىمالىي ۋەي پادىشاھلىقىنىڭ (534-386- يىللار) خاس تارىخى خاتىرىلەنگەن. جەمئىي 130 جىلدلىق تەزكىرە- يىلنامە شەكلىدە يېزىلغان تارىخى ئەسەر. ۋەي شۇ ئەسلىدە شىمالىي ۋەي پادىشاھلىقىدا خىزمەت قىلغان. كېيىن شىمالىي چى پادىشاھلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ھۈدەيچى بەگ، قۇشۇمچە پۈتۈكچى بەگلىككە تەيىنلىنىپ، «ۋېينامە»نى تۈزۈشكە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۈچ يىلدىنكېيىن، يەنى 554 – يىلى «ۋېينامە»نى تۈزۈپ چىققان. «ۋېينامە»نىڭ جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى شۇكى، ئۇ ئېلىمىز فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى «رەسمىي تارىخ»لارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام گۇرۇھلىرىنى ھوكۈمرانلىقلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى سىبىر تابغاچلىرىنىڭ (سىيانپى توغباتلىرىنىڭ) مىلادىيە 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تارىخى خاتىرىلەنگەن. « ۋېينامە »نىڭ مىللەتلەر تارىخىنى خاتىرىلەش جەھەتتىككى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا تابغاچ قەبىلىسىدىن باشقا سىبىر قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى خاتىرىلىنىپ، مەزمۇن دائىرىسى شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، غەربىي يۇرت ۋە شىمالدىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە چېتىلغان [24].

«ۋېينامە»نىڭ 103 – جىلد «قانقىللار تەزكىرىسى(高车传) دە ئاساسلىقى قانقىللارنىڭ قەدىمكى قىزىل دىللاردىن (赤狄) كېلىپ چىققانلىقى دەسلەپ (狄历) دەپ ئاتالغانلىقى، كېيىن شىمالدىكىلەرنىڭ چىلى (敕勒)، شىيالىقلارنىڭ قانقىل، دىڭلىڭ (丁零) دەپ ئاتالغانلىقى، قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسى، 12 ئۇرۇقىنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى، جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، كېيىن جۇرجانلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ رايونلىرىدا قانقىل خانلىقىنى قۇرۇش جەريانلىرى، خانلىق قۇرۇلغاندىن كېيىن جۇرجان، سىبىر، ئېفتالىت قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئاخىرقى خاندانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. بۇ مەلۇماتلار گەرچە ئىنتايىن قىسقا، ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مىلادىيە 4- ئەسىردىن 6- ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي جەرياندىكى ئەگرى- توقاي تارىخىي مۇساپىسىنى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىرىنچى قول يازما ماتېرىيالى بولۇپ سانالماقتا. چۈنكى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر نۆۋەتتە دىڭلىڭ (丁零)، قانقىل (高车) ۋە تېلىلار ((铁勒 نى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى، دىڭلىڭ، قانقىل ۋە تېلىلارنىڭ تارىخىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق قەدىمكى زامان تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى[25]، «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى»دە خاتىرىلەنگەن قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان يۈئەنخې(袁纥) نامىنى ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىشى، دەپ ھېسابلايدۇ[26].

2. «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى » (北史)

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى »تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس لى يەنشۇ تەرىپىدىن تەزكىرە- يىلنامە شەكلىدە يېزىلغان تارىخىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنۇڭدا شىمالىي ۋەي سۇلالىسى قۇرۇلغان 386- يىلدىن سۈي سۇلالىسى گۇمران بولغان 618- يىلغىچە بولغان تارىخىي جەريان، يەنى ۋەي، چى، جۈ، سۈي، قاتارلىق شىمالدىكى سۇلالىلەرنىڭ ئاساسلىق تارىخنى بايان قىلىنغان. پۈتۈن ئەسەر جەمئى 68 جىلد تەزكىرە، 12جىلد خاتىرىدىن تەركىب تاپقان.
«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى» دا 4-5- ئەسىرلەردىن تاكى 7- 8 – ئەسىرلەرگىچە موڭغۇلىيە ۋادىسى، شىنجاڭ ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىردا ياشىغان تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى- جۇغراپىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى» نىڭ 99 – جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە ئاساسلىقى تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، روناق تېپىشى، تۈركلەردىكى بۆرە توتېمى، تۈركلەرنىڭ جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈرك خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم خاتىرىلەر بايان قىلىنغان.

«شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ تارىخى»نىڭ 98- جىلد « تېلىلار تەزكىرىسى» دە تېلى قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، ئىگىلىك ئادەتلىرى، قەبىلە ئۇرۇقلىرى، ئۇلارنىڭ زورىيىشى، ئەتراپتىكى ھەر قايسى خانىدانلىق ۋە مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇنۇڭدا يەنە قانقىللار ھەققىدە مەخسۇس خاتىرىلەر بېرىلگەن بولۇپ، ۋېينامە 103- جىلد «قانقىللار تەزكىرىسى» دىكى خاتىرىلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش [27].

3. «سۈينامە» (隋书)

«سۈينامە» تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋەي چىڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەزكىرە- يىلنامە شەكىلدە يېزىلغان، سۈي سۇلالىسى (581-618- يىللار) دەۋرىنىڭ تارىخىي نۇقتىلىق بايان قىلىنغان 85 جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.
«سۈينامە » نىڭ 84- جىلد « شىمالىي دىلار تەزكىرىسى »دە مەخسۇس «تۈركلەر تەزكىرىسى» (突厥传) ۋە «تېلىلار تەزكىرىسى » (铁勒传) بېرىلگەن. «تۈركلەر تەزكىرىسى »دە تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ تۈرك خاندانلىقىنى قۇرۇشى، تۈركلەرنىڭ جۇرجانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تۈركلەرنىڭ شەرق، غەرب ئىككىگە بۆلۈنۈشى، تۈرك خاندانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، دۆلەت تەشكىلىي، ئۆرۈپ ئادىتى تۈركلەرنىڭ سۈي سۇلالىسى ۋە غەربىي رايوندىكى بەگلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.
«تېلىلار تەزكىرىسى » دە تېلىلارنىڭ غەربىي دېڭىز (西海) نىڭ شەرقىدىن تاكى شەرقتىكى ھەر قايسى جايلارغىچە تاغ- قىر بويلاپ، دېڭىز- دەريا ۋادىلىرىنى ياقلاپ ئورۇنلاشقان 40 نەچچە قەبىلە- ئۇرۇقنىڭ نامى، ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى، تۈرك خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا «سۈينامە » نىڭ 15- جىلد «مۇزىكا تەزكىرىسى» دە غەربىي رايوندىكى قۇچۇ، كۈسەن، كاشغەر، ئۇدۇن قاتارلىق ئەللەرنىڭ مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتى ۋە غەربىي رايون مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتىنى ۋە غەربىي رايون مۇزىكا- ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىپ كىرگەنلىكىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. [28].

4. «كونا تاڭنامە » (旧唐书)

«كونا تاڭنامە » كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى (946-936- يىللار) دەۋرىدە باش ۋەزىر ليۈ شۇ قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن 945- يىلى تەزكىرە- يىلنامە شەكىلدە تۈزۈلگەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تارىخى بايان قىلىنغان 200 جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.
«كونا تاڭنامە »دە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىي، خۇغراپىيەسى، سىياسىي، ئىقتىسادى ئۆرۈپ – ئادەتلىرىگە دائىر ئاز بولسىمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن.

«كونا تاڭنامە »نىڭ 40- جىلد «جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىيەنباۋ 11- يىلنى (مىلادىيە 752- يىلى) ئۆلچەم قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېگرا قاراۋۇلخانىلىرى، شەھەر- قورغانلىرىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى، قىسىملارنىڭ سانى ۋە ھەر قايسى يوللاردىكى ئايماق ناھىيىلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى، نوپۇسى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى تۈرك- ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ، بەگلىكلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.

«كونا تاڭنامەنىڭ »194- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە تۈرك خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ غەربىي رايون ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خاندانلىقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.
«كونا تاڭنامە» نىڭ 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە كېيىنكى ۋەي پادىشاھلىقى (386- 534- يىللار) دەۋرىدىن تارتىپ تاكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دا جۇڭ يىللىرىغىچە (847- 859- يىللار) بولغان تارىخىي جەريانىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ شەرقىي تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشى، ئېلتەبىر تۇمىد (俟利发吐迷度) نىڭ سىر- تاردۇش خانلىقى (630- 646- يىللار) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى بەرپا قىلىشى، مىلادىيە 651- يىلى ۋە 656- يىللىرى بايان قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، غەربىي تۈركلەرگە (ئاشنا قۇلىغا) جازا يۈرۈش قىلغانلىقى، كەييۈئەن يىللىرىنىڭ ناھايىتى روناق تاپقانلىقى، نەتىجىدە قارلۇق، باسمىل قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنى (680- 744- يىللار) پۈتۈنلەي گۇمران قىلىپ، قۇدرەتلىك ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا قۇرۇپ چىققانلىقى، شۇنداقلا كېيىنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، زېمىن دائىرىسى، تاڭ سۇلالىسىدە مىلادىيە 755- 763- يىللىرى كۆتۈرۈلگەن ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇپ بېرىش جەريانلىرى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان قۇدىلىق مۇناسىۋىتى ۋە يىپەك- ئات سودا مۇناسىۋىتى، مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ بېشبالىققا قىلغان ئۇرۇشلىرى، تاڭ سۇلالىسى چاڭچىڭ يىللىرىدىن (822- 825- يىللار) كېيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەدرىجىي زەئىپلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدديىتىنىڭ كۆپىيىشى، قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ھۇجۇمى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غەرب ۋە جەنۇبقا كۆچۈشى، كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قاتارلىقلار قىسقىچە بايان قىلىنغان.
«كونا تاڭنامە» نىڭ 199- جىلد «شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» دە تېلى قەبىلىلىرى (15 قەبىلە) نىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ سۈي سۇلالىسى دايې يىللىرىنىڭ (605- 617- يىللار) ئوتتۇرىلىرىدا تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ، بىر قىسىملىرىنىڭ بۇغدا تېغى باغرىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خانلىقىنى تىكلىگەنلىكى، كېيىن شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ سىر- تاردۇش خانلىقىنى تىكلەنگەنلىكى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقى دەۋرلىرىگىچە بولغان جەريانىدىكى ئەھۋالى ھەم قىتان (契丹)، شىرۋى (室韦) قاتارلىق شەرقىي شىمال رايونىدا ۋە شىمالدا ياشايدىغان بىر قىسىم قەبىلىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ بايان قىلىنغان.

5. «يېڭى تاڭنامە» (新唐书)

«يېڭى تاڭنامە» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (960- 1126- يىللار ئۆتكەن ئوۋ ياڭشيۇ، سۇڭ چى قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن مىلادىيە 1044- 1060- يىللار ئارىلىقىدا يېزىپ چىقىلغان. تەزكىرە- يىلنامە شەكلىدە تۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرى تارىخىي بايان قىلىنغان 255- جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.
«يېڭى تاڭنامە» بىلەن «كونا تاڭنامە» نى ئەدەبىي ئۇسلۇب جەھەتتە سېلىشتۇرغاندا، «يېڭى تاڭنامە» ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، تارىخىي ماتېرىيالشۇناسلىق جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار. «يېڭى تاڭنامە» بىر قەدەر سىستېمىلىق، تەپسىلىي تۈزۈلگەن. «كونا تانامە» بىر قەدەر ئىخچام، ماتېرىياللار ئەينەن ساقلانغان ئاساستا تۈزۈلگەن. «يېڭى تاڭنامە» گە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تولۇق ھەم تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«يېڭى تاڭنامە» نىڭ 215- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە شەرقىي تۈرك ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، ئۆرپ- ئادىتى، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، شەرقىي تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تېلى قەبىلىلىرى، تاڭ سۇلالىسى، غەربىي تۈركلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، كېيىنكى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە ئۇنىڭ تاڭ سۇلالىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق تېلى قەبىلىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

«يېڭى تاڭنامە» نىڭ 217- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى، ئۇلارنىڭ تۈرك خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، قەبىلىلەر مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ئىگىلىكى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىبەتلەر ۋە غەربىي رايونىدىكى مىللەت، قەبىلىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مانى دىنىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تارقىلىپ كىرىشى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن جەنۇب ۋە غەربكە كۆچۈشى قاتارلىق بىر قەدەر ئېنىق، سىستېمىلىق بايان قىلىنغان [29].

6. «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» (唐会要)

«تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخشۇناس ۋاڭ پۇ (919- 982- يىللار) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەر خىل قائىدە- تۈزۈملەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بايان قىلىنغان 100 جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.

«تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» گەرچە خاس تاڭ سۇلالىسىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرى بايان قىلىنغان ئەسەر بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ياشىغان مىللەت- قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە ئۇچرىمايدىغان مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. 72- جىلدنىڭ «ئات» ۋە «ۋاسسالار» ئېتىنىڭ تامغىسى» دېگەن تارمىقىدا تاڭ سۇلالىسى بىلەن شىمالدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئات سودىسى، ئۇيغۇر قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۈرلىرى، ھەر بىر قەبىلىنىڭ ئاتلىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىڭ شەكلى (ئۆرنەكلىرى) كۆرسىتىپ بېرىلگەن [30]. بۇلار مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
94- جىلد «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە شىمالىي تۈركلەر (شەرقىي تۈركلەر) ۋە غەربىي تۈركلەر ھەققىدە قىسقا بولسىمۇ خېلىلا ئېنىق خاتىرىلەر بېرىلگەن.

98- جىلدىدا «سىر- تاردۇش» ۋە «ئۇيغۇرلار» ھەققىدە خاتىرىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇرلار» تارمىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جايلىشىشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇشى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچۈشى قاتارلىق مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.

100- جىلدىدا تۈركىي قەبىلە قارلۇقلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر» نىڭ باشقا جىلدلىرىدىمۇ باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسىگە دائىر مەلۇماتلار ۋە غەربىي رايون بىلەن تاڭ سۇلالىسى ۋە تۈرك خانلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. بۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىنى ۋە غەربىي رايون تارىخى، جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولالايدۇ.

7. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» (资治通鉴)

«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» (قىسقارتىلىپ «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دېيىلىدۇ) شىمالىي سۇ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان سىياسىيون ۋە تارىخشۇناس سى ماگۇئاڭ تەرىپىدىن 1084- يىلى يىلنامە شەكلىدە يېزىلغان ھاكىميەتشۇناسلىققا دائىر سىياسىي تارىخىي ئەسەر. ئەسەر جەمئىي 294 جىلد، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 30 جىلد «غەيرىي ئىشلار»، 30 جىلد «مۇندەرىجە» قوشۇمچە قىلىنغان.

«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» گەرچە فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەر قايسى فېئودال خانلىقلارنىڭ گۈللىنىش، خارابلىشىش سەۋەبلىرىنى ئىگىلەپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە ئۆرنەك ئېلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن ھۆكۈمرانلىق دەستۇرى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا قەدىمكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ياشىغان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىغا دائىر مۇھىم مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. بۇ خاتىرىلەرنىڭ مۇھىم بايانلىرى «جىن خاتىرىلىرى»晋纪)، 389- 418يىللار)، دىن تارتىپ «سۇڭ خاتىرىلىرى» (宋纪، 428- 472- يىللار)، «چى خاتىرىلىرى» (齐纪، 481- 498- يىللار، «لياڭ خاتىرىلىرى» (梁纪،508- 556- يىللار)، «چېن خاتىرىلىرى» (陈纪، 563- 588- يىللار)، «سۈي خاتىرىلىرى» (隋纪، 589- 619- يىللار)، «تاڭ خاتىرىلىرى» (唐纪، 618- 934- يىللار) ۋە «كېيىنكى تاڭ خاتىرىلىرى» (后唐纪، 929- 934- يىللار) نىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ.

بۇ خاتىرىلەردىكى تېلىلار، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ۋاقتى ئېنىق، باش- ئاخىرى بىردەك، ماتېرىيالى كەڭ دائىرىلىك، ھەقىقىي بولۇپ، مەيلى سىستېمىلىقى ياكى توغرىلىقى جەھەتتىن بولسۇن ئىلگىرىكى تېلىلار، تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان ئەسەرلەرگە قارىغاندا يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە [31].

8. «كونا بەش دەۋر تارىخى» (旧五代史)

«كونا بەش دەۋر تارىخى» شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۇ جۇجېڭ قاتارلىقلار تەرىپىدىن يىلنامە- تەزكىرە شەكلىدە تۈزۈلگەن، بەش دەۋر مەزگىلىدىكى كېيىنكى لياڭ (后梁، 907- 923- يىللار)، كېيىنكى تاڭ (后唐، 923- 936- يىللار)، كېيىنكى جىن (后晋، 936- 946- يىللار)، كېيىنكى خەن (后汉،947- 950- يىللار) ۋە كېيىنكى جۇ (后周، 951- 960- يىللار) قاتارلىق بەش خانىدانلىقنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان 150- جىلدلىق تارىخىي ئەسەر.
«كونا بەش دەۋر تارىخى» نىڭ 138- جىلدىدا ئۇيغۇرلاردا، تۈركلەر، تىبەتلەر ۋە تاڭغۇتلار ھەققىدە تەزكىرە بار. «تۈركلەر تەزكىرىسى» دە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تۈركى، ئۇلارنىڭ ئەمەل- مەنسەپ ناملىرى، كېيىنكى تاڭ، كېيىنكى جىن پادىشاھلىقى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ھەققىدىكى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن.
«ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۇلارنىڭ نامىنىڭ خەنزۇچە «回纪» دىن «回鹘» غا ئۆزگەرتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆڭلۈك- سۆيگۈن توپىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، 840- يىلى قىرغىز قەبىلىسىنىڭ ھۇجۇمى بىلەن جەنۇبقا ۋە غەربكە كۆچكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ (ئاساسلىق گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ) بەش دەۋر مەزگىلىدىكى كېيىنكى لياڭ، كېيىنكى تاڭ، كېيىنكى جىن، كېيىنكى خەن، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىكى، ئۆرپ- ئادىتىگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن [32].

5. پاراگراف ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار

ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار يازما تارىخىي ماتېرىياللاردىكى بوشلۇقلارنى تولۇقلاش، ئىسپاتلاش ۋە خاتالىقلارنى تۈزىتىش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قەدىمكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنى نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا قۇرۇلۇش- بىناكارلىق خارابە- ئىزلىرى، مەڭگۈ تاش ۋە قەبرە پۈتۈكلىرى، قەدىمكى قەبرىلەر ۋە غارلار، قىيا تاش رەسىملىرى ۋە ھەر خىل ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارلىق بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت-يادىكارلىقلىرىنى ئىزدەپ تېپىش مەقسىتىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار 19- ئەسىردىلا باشلانغانىدى. دەسلەپكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش خىزمەتلىرى تۈركچە مەڭگۈ تاشلارنى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يادىكارلىقلارنى ئىزدەپ تېپىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ جەريانلاردا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم مەڭگۈ تاشلاردىن 1899- يىلى «توققۇز ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» [33]، 1957- يىلى «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»، 1969- يىلى «سېۋرىي مەڭگۈ تېشى»، 1976- يىلى «تەس مەڭگۈ تېشى» تېپىلىپ، ھەر قايسى ئەل ۋە لىمىز ئالىملىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىندى. بۇ مەڭگۈ تاشلار ئالدىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەچكە، بۇ يەردە ئارتۇقچە تىلغا ئېلىنمايدۇ.

1. موڭغۇلىيە دالاسىدىن تېپىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە بىر قەدەر مەشھۇرراقى شەھەر خارابە- ئىزى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا مەلۇم بولغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر شەھەر خارابە- ئىزلىرى 24 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 15 ئى توۋا ئاپتونوم ئۆلكىسى تەۋەسىدە، ھازىرغا قەدەر كۆپرەك تەتقىق قىلىنغىنى يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى 15ئى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىملىرىدىن ئوردۇبالىق شەھىرى، بايبالىق شەھىرى، پۇرباجىن شەھىرى، بازھىن ئالاك شەھىرى ۋە 3- شاغۇنار شەھىرى خارابىلىرى بار.

ئوردۇبالىق (يەنى قارا بالغاسۇن) شەھىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بەزى تۈركولوگلىرى ۋە ئارخېئولوگلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. ئومۇمىي كۆرۈنۈشى خەرىتىگە چۈشۈرۈلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيعئۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. 1949- يىلى رۇس ئارخېئولوگى س. ۋ. كىسلىيېۋ باشچىلىقىدىكى رۇسىيە، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان بۇ ئوردۇبالىق شەھىرى خارابىسىدە چوڭ كۆلەمدە قېزىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىپ، ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان قورغان سېپىللىرىنى، سېپىلنىڭ 14 بۇلۇڭدىكى ئوخشاش ئارىلىقتىكى 14 قوختىنى، ساپال بۇيۇملارنى، كاھىشلارنى، بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي- ئىمارەتلىرىنى، قەدىمكى قەبرىلىرىنى، كۆزىتىش مۇنارى، قوۋۇق ئىزلىرىنى، باغ ئىبادەتخانا ئىزلىرىنى، شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى خەندەك ئىزلىرىنى، تېرىقچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي ئىزلىرىنى ھەم نۇرغۇنلىغان ئۆستەڭ ئىزلىرىنى بايقىغان ۋە ئوردۇبالىق شەھىرى خارابىسىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسىنى سېزىپ چىققان [34].

بايابالىق شەھىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئوردۇبالىق شەھىرىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان مۇھىم شەھىرى بولۇپ، بۇ شەھەر خارابىسى ھەققىدە رۇس ئارخېئولوگى ل. ر. كىزلاسوۋ 1964- يىلى ئېلان قىلغان «توۋا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى» دېگەن ئەسىرىدە ئۆز تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرغان. 1982- يىلى ۋە 1968- يىلى رۇس ئارخېئولوگى يۇ. س. خۇدىياكوۋ ئىككى قېتىم بايبالىق شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرگەن ھەم نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان. بۇ جەرياندا شەھەر قورغىنىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭدىكى قۇرۇلۇشلارنى خەرىتىگە چۈشۈرگەن. بايبالىق شەھىرىمۇ تۆت چاسا بولۇپ، ئەتراپى ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتىكى سېپىللار بىلەن قورشالغان. سېپىلنىڭ بۇلۇڭلىرىدا يېرىم چەمبەر شەكىلدىكى قوختىلار بولغان. يەنە قوۋۇق تۈۋرۈكى، كۆيۈپ كەتكەن كاھىش پارچىلىرى، توپا ياتقۇزۇلغان مەيدان، ئۆي- ئىمارەتلەر ئىزى، ئىبادەتخانا خارابىسى قاتارلىق ئىزلار تېپىلغان. بىراق، بايبالىق شەھىرى خارابىسىدىكى قۇرۇلۇشلار ئوردۇبارلىق خارابىسىگە قارىغاندا خېلىلا ئاددىي بولغان [35].
2. ئىبادەتخانا، ئۆي- ئىمارەت قۇرۇلۇشى ئىزلىرىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆتكەن ئەسىر ئىچىدە رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى ئوردۇبالىق، بايبالىق قاتارلىق شەھەر خارابىلىرىدىن تۆت چاسا، ياغاچ تۈۋرۈكلۈك، پىششىق گۈللۈكلۈك كاھىش ياكى كۈل رەڭ كاھىش، قىزىل كاھىش ئىشلىتىلگەن ئوردا- ساراي، ئىبادەتخانا ۋە ئۆي- ئىمارەت ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ- قېزىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسى، شەكلىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىرىنچى قول ماددىي ماتېرىياللىرىنى توپلىغان.

3. قەدىمكى قەبرىلەر قەدىمكى زامان جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، ئۇلار ئەينى دەۋرىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى جەمئىيىتىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇلىيە تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە تېپىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر قەدىمكى قەبرىلەر ئاز ئەمەس. ل. ئا. يېۋتيۇخۇۋا «9- ئەسىردە 1949- يىلى ئورخۇن دەرياسى بويىدىن قېزىۋېلىنغان قەبرىستانلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇ قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرى تۆت چاسا شەكىلدىكى تاش دۆۋىسىدىن ئىبارەت. قەبرىلەردىن جەسەتلەرنىڭ ئايرىم ئىسكىلىتلىرى، ئات، كالا، قوي سۆڭەكلىرى، تۆمۈر يۈگەن، ساپال قاچا پارچىسى، چاق تېشى، تۆمۈر باشاق، تۇچتىن ياسالغان ئوقدان، ئېگەر- جابدۇق پارچىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان بولۇپ [36]، ئۇلار ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى، دەپنە مۇراسىم ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ماددىي يادىكارلىقلار ھېسابلىنىدۇ.

4. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىچىدە موڭغۇلىيە ۋادىسى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلىرىدىن قەدىمدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان مىللەتلەرگە دائىر قىيا تاش رەسىملىرى كۆپلەپ تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى زور مەزمۇندا ئۇيغۇرلارغا دائىر قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. لېكىن قەدىمكى تۈركلەر بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقى، ئىرقىي تىپى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ- ئادىتىنىڭ ئوخشاشلىقى تۈپەيلىدىن ئىچكى موڭغۇل ۋە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن تېپىلغان بىر قىسىم قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، قايسىسىنىڭ تۈركلەرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايرىشتا بەلگىلىك ئۆلچەم ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. تەتقىقاتچىلار يۈزىدە قەدىمكى ئۇيغۇرچە خەت بولۇشى، تېما جەھەتتە ئىلگىرى دەۋرىنىڭكىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇشى، ئۆسۈملۈك گۈللىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن بولۇشى كېرەك» [37] دەپ ھېسابلاپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى چوغاي تاغلىرىدىن، خېليەنشەن تاغلىرىدىن ۋە سىبىرىيە رايونىدىن تېپىلغان، دەۋر 6- ئەسىر بىلەن 9- ئەسىر ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىغان قىيا تاش رەسىملىرىنى تۈرك- ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردا يەنە چەتئەل ئالىملىرى سىبىرىيەدىن قىرغىزلارنىڭ مانى دىنى ئېتىقادىغا دائىر قىيا تاش رەسىملىرىنىمۇ بايقىغان [38]. قىرغىزلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار دەسلەپ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىمالدا ياشاپ، يېنسەي دەرياسى ۋادىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆرپ- ئادەت، تىل- يېزىق جەھەتتە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن كۆپ پەرقلەنمىگەن. شۇڭا، قىرغىزلارغا مەنسۇپ دەپ قارالغان بۇ قىيا تاش رەسىملىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا تەۋە قىياتاش رەسىملىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قىيا تاش رەسىملىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكىللىرىنى، دىنىي ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا قوشۇمچە پايدىلىنىدىغان مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

ئىزاھات:
[1] ئا. كامالوف (قازاقىستان): «خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە»، «كوممۇنىزم تۇغى گېزىتى» 1986- يىلى 30- يانۋار.

[2] 耿世民: »维吾尔族古代文化和文献概论«55页،新疆人民出版社1983年.

[3] قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 526- بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل نەشرى.

[4] س. گ. كلياشتورنى (رۇسىيە): «تەس مەڭگۈ تېشى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي زھۇرنىلى» 1985- يىللىق 1- 75- سان.
[5] يۇقىرىقى ئەسەر، 78- بەت.

[6]程溯洛: »< 从九生回鹘毗伽可汗牌>汉文部分看唐代回鹘民族和祖国的关系«(载»中央民族学院学报«1978年第2斯).
[7] 耿世民: »维吾尔族古代文化和文献概论«16页،新疆人民出版社1983年.

[8] 耿世民: »古代突厥文主要碑铭及其解读研究情况«(»图书评价«1980年4斯)؛ 别见ئا.伯恩什大姆(苏): »6至8世纪鄂尔浑__ 叶泥塞突厥出会经济制度«232 页،新疆人民出版社1997年.
[9] «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» 179- بەت.

[10] 卡哈尔:巴拉提: »多罗郭德回鹘文碑的初步研究«(载»新疆大学学报1982年第4期).

[11] لىن گەن، گاۋ زىخۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى» 115- بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000- يىل نەشرى.

[12] «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە» 15- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1980- يىل.

[13] ئابدۇرىشىت ياقۇپ: «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مانى دىنىغا ئائىت يادىكارلىقلار بۆگۈ قاغاننىڭ مانى دىنىغا كىرىشى»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1993- يىللىق1-سان.

[14] 吉共诺夫(苏): »回鹘文化与风习«(载»民族史译文集«第6集،1978年.

[15] ئەبۇلغازى باھادىرخان: «شەجەرەئى تۈرك» 2- باب، «مىراس» زھۇرنىلى 1999- يىللىق 1- سان.

[16] 耿世民: »维吾尔族古代文化和文献概论«43页،新疆人民出版社1983年.

[17] يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇ بىلىك»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984- يىل نەشرى.
[18]参见»道里邦国志«،中华书局1991年.
[19] ۋاڭ جىلەي: « ‹ھۇدۇدۇلئالەم› ۋە ئۇنىڭدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ- جۇغراپىيىسىگە دائىر خاتىرىلەر»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1989- يىللىق 2- سان.

[20]张广达؛ »出土文书与穆斯林地理著作对于研究中亚历史地理的意义«(裁»新疆大学学报«1984年第2斯).
[21]华涛: »西域 历史研究(八至十世纪«)،上海古籍出版社2000年.
[22] ليۇ جىشىياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى» 1- قىسىم 1- كىتاب 353- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىل.

[23]阿布都克里木主编: »维吾尔文学史«新疆大学出版社1998年.
[24]瞿林车: »中国史学史纲«271页،北京出版社1999年.
[25]段连勒: »丁零،高车与铁勒«第一章»鬼方،丁零،铁勒،高车的源流关系«上海人民出版社1988年.

[26] ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 46- بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989- يىل.
[27]叁看»北史«98卷»高车传«،中华书局1974年.
[28]叁看»随书«84 卷»北狄传«، »铁勒传« 中华书局1973年.
[29] 参观、陈高华等: »中国古代史史料学« 第五章»隋唐五代史料« 北京出版社1983年.

[30]叁看»唐会要« 72卷»马«،1302-1308页.
[31] 叁看杨圣敏编» 资治通监突厥回纪史料校注«،天津古籍出版社1992年.

[32] ج. ر.哈密顿(法): » 五代回鹘史料«第二章،新疆人民出版社.
[33] 卡哈尔:巴拉提: »多罗郭德回鹘文碑的初步研究«(载»新疆大学学报1982年第4期76页).

[34] چ. ب 吉谢列夫: »南西伯利亚外页加尔湖地区古代城市生活的新资料«(载»考古«1960年第2斯).

[35] [36] يۇ. س. خودياكو: «موڭغۇلىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىگە دائىر يادىكارلىقلار»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1994- يىللىق 1- سان.
[37] »中国古代北方民族文化史«(专题文化卷)1231页،黑龙江人民出版社1995年.

[38]赫尔(德): » 西伯利亚岩画所`见的黠戛斯摩尼教« (载»甘肃民族研究«)1998 年3期)°

2- باب ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە گۈللىنىشى

مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلاردۇر.

س. گ. كىلياشتورنى

1. ئۇيغۇرلار نامىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى

ئۇيغۇرلار نامىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى توغرىسىدا ئۆتكەن ئەسىر ئىچىدە ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرى ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. لېكىن، ھەممىگە مەلۇمكى، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئاتىشى بولۇپ، بۇ نام ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتقا ئىگە. «ئۇيغۇر» دېگەن نام تۈركچە ھۆججەتلەردە ئەڭ دەسلەپ مىلادىيە 8- ئەسىردە تىكلەنگەن ئورخۇن- يېنسەي يېزىقىدىكى «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» ۋە «توققۇز قاغان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرىدا ئۇچرايدۇ. خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسا «ئۇيغۇر» دېگەن نام بىر قەدەر بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. نۆۋەتتە ئېلىمىز ئالىملىرى مىلادىيە 4- ئەسىردە بارلىققا كەلگەن «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە تىلغان ئېلىنغان «يۈئەنخې» (袁纥) نى «ئون ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنىشى دەپ قارايدۇ [1]. مەيلى چەت ئەل ئالىملىرى بولسۇن ياكى مەملىكىتىمىز ئالىملىرى بولسۇن، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ھەر خىل تەبىرلەرنى بېرىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

(1) «ئۇيغۇر» بىر ئەلنىڭ نامى دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش 11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن»، «ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلاردۇر، ئەڭ ئۇستا مەرگەندۇر. بۇ شەھەرلەر سۇلمى سۇلىمى، بۇنى زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان، كوقۇ قۇچۇ، قانبالىك چانبالىك، باخبالىك باشبالىق، يانىبالىك ياڭى بالىق»[2] دەپ مەلۇمات بېرىلگەن. دانىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ ۋ. تومىسۇنمۇ بۇ قاراشنى ياقىلاپ، ئۆزىنىڭ «موڭغۇلىيىدىكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىغا مۇقەددىمە» دېگەن ئەسىرىدە «ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى ئىدى» دېگەن.

(2) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «ئۆز ئۇرۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن كەلگەن. مەھمۇد كاشغەرى ئۇنىڭدا: «ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقا خان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەنىدى: زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارىشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنانھۇزھۇراند بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي، ئۆز ئۇزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل ھۇزھۇر دەپ ئاتىلىپتۇ» دەپ مەلۇمات بېرىپ، كېيىن «ھۇزھۇر» نىڭ (ئۇيغۇر» غا ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلغان[3]. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر دېگەن نام مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردە، يەنى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى (يەنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 356- يىلدىن مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 323- يىلغىچە) دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.

(3) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «ئۇيۇماق، ئۇيۇشماق» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش 14- ئەسىردە ئۆتكەن پارس تارىخشۇناسى راشىددىن فەزلۇللاھنىڭ «جامىئۇل تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن. ئۇنىڭدا: «رىۋايەت قىلىنىشىچە، تالاس ۋە قارا سايرام ئەتراپىدا بىر قەبىلە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى تافەس ئىكەن. ئىسمى ھۆرخان، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى كۆزخان، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى گۆرخان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن. بۇ تۆت ئوغۇلدىن قاراخان ئاتىسىنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ. كېيىن، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ‹ئوغۇز› قويۇپتۇ. ئوغۇز چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپتۇ ھەم ئاتىسى ۋە تاغىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپتۇ. ئاتىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈپتۇ. تاغىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپتۇ. بەزىلىرى بولسا شەرق تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ. ئوغۇز غەلىبە قازانغاندىن كېيىن تەبرىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. تەبرىك مۇراسىمىدا ئۆزىگە ئەل بولغان پۇقرالارغا ‹ئۇيغۇر› دېگەن نامنى ئىنئام قىلىپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ‹ئۇ بىز بىلەن بىرلەشتى، بىزگە ياردەملەشتى دېگەن بولىدىكەن. كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز ئاستا- ئاستا شۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مىللەت نامى بولۇپ قاپتۇ [4] دېيىلگەن بولۇپ، بۇ رىۋايەت كېيىنكى چاغلاردا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

(4) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «بېقىنماق»،«يېپىشماق» ياكى «ئۇيۇشماق» دېگەن مەنىگە ئىگە دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش 17- ئەسىردە ئۆتكەن تارىخشۇناس ئەبۇلغازى باھادىرخانىڭ 1663- يىلى يازغان «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىدىن كەلگەن. ئۇنىڭدا ئوغۇزخاننىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كاپىر دادىسى قاراخان بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىپ، «قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بەگلىرىنى چاقىرىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئوغۇزخان ئوۋدا يۈرگەندە ئۆلتۈرەيلى، دەپ قارار قىلىشتى ۋە ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ، ئۇلار تېز يېتىپ كەلسۇن، مەن ئوۋغا چىقىمەن، دەپ خەۋەر قىلدى. ئوغۇزخانمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ، ئاتام قوشۇن تارتىپ مېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىۋېتىپتۇ، مېنى قوللايدىغىنىڭلار مەن تەرەپكە كېلىڭلار، ئاتامنى قوللايدىغىنىڭلار ئاتام تەرەپكە بېرىڭلار، دېدى. ئەلنىڭ كۆپى قاراخان تەرەپكە باردى. ئازراقى ئوغۇزخان قېشىغا كەلدى. قاراخاننىڭ ئىنىلىرىڭ كۆپ ئوغلانلىرى بار ئىدى. ئۇلارنى قاراخاندىن ئايرىلىدۇ دەپ ھېچ كىشىنىڭ كۆڭلىگە كەلمەس ئىدى. شۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ قېشىغا كەلدى، ئوغۇزخانمۇ قوشۇلدى. ئوغۇزخان ئۇلارغا ‹ئۇيغۇر› دەپ ئات قويدى. ‹ئۇيغۇر› تۈركىي سۆز بولۇپ، مەنىسى بارچىگە مەلۇم. سۈت سۈت پېتى ۋاقتىدا بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. قېتىق بولغاندا بىر- بىرىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇيۇش دېيىلىدۇ. ئىمام تۇرسا تۇرۇپ، ئولتۇرسا ئولتۇرماق، بۇ يېپىشقانلىق بولمامدۇ؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزنىڭ ئېتىكىگە ئىككى قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشتى. ئوغۇز ئۇلارنى ‹ئۇيغۇر› دېدى، بۇ يېپىشىقدۇر دېگىنىدۇر» [5] دېيىلگەن.

(5) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز تارىم دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش مىلادىيە 2- ئەسىردە ياشىغان قەدىمكى يۇنان ئالىمى پىتولىمىنىڭ «جۇغراپىيە» دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ «سېرىس ئېلى» قىسمىدا: «سېرىس ئېلىنىڭ زېمىنىدا ئىككى چوڭ دەريا بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئويغارداس دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئائۇساكيان تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ. يەنە بىرسى ئاشمارا ئىئان تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان بولۇپ، بائوتېس دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەريانىڭ كاشيان ۋە ئوتتۇرا كورئىئوس تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان تارماقلىرىمۇ بار… ئاننا تاغلىرى بىلەن ئائۇساكيان تاغلىرىنىڭ ئارىلىقىدا، يەنە سىجىڭپىس دېگەن بىر ئەل بار. ئۇنىڭ بىلەن دامناي (دامنائە)، پياددىئاي (پىئاددائە)، دېگەن ئەللەر قوشنا ياشايدۇ. پياددىئاي ئېلىنىڭ زېمىنى ئويغارداس دەرياسىغا (قەچورداس) تۇتىشىدۇ. ئويغارداس دەرياسى ۋادىسىدا ئويغارلار ئېلى (قىكھاردائى) » [6] دېيىلگەن بولۇپ، ئەنگلىيە ئالىمى ھېنرى يولى ( ھەنري يۇلە) «سېرىس ئېلى بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆلكىسى دائىرىسىدە، ئويغارلار ئۇيغۇرلاردۇر. ئويغارداس دەرياسى تارىم دەرياسىدۇر» [7] دەپ ھېسابلانغان.

(6) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز ئۇلار ياشىغان يەر نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەر «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دىكى «قانقىل قەبىلىلىرى كېيىن ئورخۇن دەرياسى (鹿浑海) نىڭ غەربىي شىمالىغا يۈز نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان» [8] دېيىلگەن خاتىرىنى ۋە ياپونىيە تەتقىقاتلىرىدا «ئورخۇن دەرياسى (鹿浑海) كېيىن قارا قۇرۇم شەھىرى بىنا قىلىنغان جاينىڭ غەربىي شىمالىغا 30- 40- چاقىرىم كېلىدىغان ئۇغەئى نور دۇر. ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يەر ئېھتىمال ئورخۇن دەرياسى بىلەن ئوغلا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن» [9] دەپ ئېيتقانلىرىنى ۋە پارس تارىخچىسى راشىددىننىڭ «جامئۇل تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدىكى «ئېيتىلىشىچە ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ، بىرى پۇقراتو بۇزلۇق دېيىلىدىكەن. يەنە بىرى ئۇچقۇنلۇق تەڭرىم دېيىلىدىكەن. ئۇگىدايخان بىنا قىلغان شەھەرنىڭ ئۆزىمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغلىق يەرنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا، يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن. ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ‹ئون ئۇيغۇر› دېيىلىدىكەن. توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار ‹توققۇز ئۇيغۇر› دېيىلىدىكەن» [10] دېگەن مەلۇماتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھەم خەنزۇچە ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئورخۇن دەرياسىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تەلەپپۇزى بولغان温昆 نى قنھگۇر دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى دەپ قاراپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇلار ياشىغان ئۇغەئىنور دېگەن جاينىڭ نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى «ئېگىزىك ئادىمى» دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ «ئېسىلزادىلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارىغان.

(7) «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «لاچىندەك (شۇڭقاردەك) پەرۋاز قىلغۇچى» ياكى لاچىندەك (شۇڭقاردەك) چەبدەس، باتۇر» دېگەن مەنىگە ئىگە دېگەن قاراش. بۇ خىل قاراش «يېڭى تاڭنامە» ۋە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» قاتارلىق ئېلىمىز كلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلەردىن كەلگەن. بۇ خىل قاراشتىكىلەر كونا ۋە يېڭى تاڭنامىلەردىكى «جېنگۈئەننىڭ 4- يىلى (يەنى 788- يىلى) 10- ئايدا قاغان (يەنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانىنى كۆرسىتىدۇ) ۋەزىر ئاتىئىز تۇتۇق باشچىلىقىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ھەم سىڭلىسى قۇتلۇق بىلگە قۇنچۇي باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى چوڭ قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ 50 دەك خوتۇن- قىزلىرى مەلىكىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى ھەم «回纪» نى «回鹘» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى شۇڭقاردەك (ياكى لاچىندەك) چەبدەس، باتۇر دېگەنلىك بولاتتى» [11] دېگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ھەم بۇنى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى «ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار» دېگەن مەنبە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز «شۇڭقاردەك (ياكى لاچىندەك) پەرۋاز قىلغۇچى» ياكى شۇڭقاردەك، (ياكى لاچىندەك) چەبدەس، باتۇر» دېگەن مەنىگە ئىگە. تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقار ياكى لاچىندەك چەبدەس، باتۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، دەپ ھېسابلىغان.

(8) يەنە بەزىلەر «ئۇيغۇرلار ئوغۇزلاردۇر، ئوغۇزلار 6- ئەسىردىكى ‹乌护›، ‹乌纥›، ‹韦纥› لاردۇر. تارقالغان رايونلىرى ۋە شېۋە جەھەتتىكى پەرقلىرى سەۋەبىدىن، تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغا ماكانلاشقانلىرى‹乌护› دەپ، ئالتاي تېغى ئەتراپىغا ماكانلاشقانلىرى‹乌纥› دەپ، سېلىنچا دەرياسى ۋادىلىرىغا ماكانلاشقانلىرى ‹韦纥›، كېيىن ‹回纥› دەپ ئاتالغان. ‹回纥› لار ئوغۇزلاردۇر. مەسىلەن، تۈرك ھۆججەتلىرىدە دائىم دېگۈدەك ‹توققۇز ئوغۇز› لار ‹توققۇز ئۇيغۇر› لار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوغۇز ئۇرۇقنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ ئاشۇنداق مەنىگە ئىگە» [12] دەپ قارىغان.

(9) يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بەزىلەر «ئۇيغۇر» دېگەن نامنى قاغانلىق نامدىن كەلگەن دەپ قارىسا، بەزىلەر «ئورمانلىق قوۋمى» دېگەن سۆزدىن كەلگەن [13] دەپ قارىغان.
يۇقىرىقى قاراشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي نامىنىڭ مەنىسىنى «ئۇيۇشماق»،«ئىتتىپاقلاشماق» دەپ چۈشىنىش تارىخ تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بىر قەدەر ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھەر خىل تىللاردىكى تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندىمۇ، «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامى ئەسلىدە بۇ ئۇرۇقنىڭ نامى ئىدى. كېيىن ئادەم سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بۇ ئۇرۇقنىڭ قۇدرەت تېپىش ۋە تەرەققىي قىلىشى ھەم باشقا قانداش ۋە غەيرىي قانداش «ئۇيغۇر» دېگەن ئۇرۇقنىڭ نامى بىرلەشمىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان. كېيىن بۇ بىرلەشمىسىگە ياكى ئىتتىپاققا قاتناشقان ئۇرۇقلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئۆز- ئارا قوشۇلۇپ سىڭىشىشى بىلەن ئۇلار تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىللەتكە ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى ئۇرۇق نامى بولغان «ئۇيغۇر» پۈتۈنلەي شۇ مىللەتنىڭ نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن.

2. «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەتنىڭ نامىنىڭ خەنزۇچە ھۆججەتلەردە خاتىرىلىنىشى

خەنزۇچە كلاسسىك تارىخنامىلەردە يىراق قەدىمكى زاماندىن باشلاپلا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قەدەر ئىشەنچلىك خاتىرىلەر قالدۇرۇلۇپ كېلىنگەن. مىلادىيە 4- ئەسىردە يېزىلغان «ۋېينامە» 103- جىلد «قانقىللار تەزكىرىسى» دە تىلغا ئېلىنغان قانقىللارنىڭ ئالتە قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان يۈئەنخې (袁纥) قەبىلىسىنىڭ نامى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە قويغان «ئۇيغۇر» دېگەن نامىنىڭ تۇنجى قېتىم خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىشى ئىدى [14]. 4- ئەسىردىن كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قۇيۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇيغۇلار ھەققىدىكى خاتىرىلەر خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا تېخىمۇ كۆپلەپ، تېخىمۇ ئېنىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مىلادىيە 6-ئەسىرگە كەلگەندە «ئۇيغۇر» دېگەن نام «سۈينامە» 84- جىلد «شىمالىي دىلار تەزكىرىسى» دە تېلى (铁勒) قەبىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە «ۋېيخې» (韦纥) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، يەنى مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» قاتارلىقلاردا «خۇيخې» (回纥) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» قاتارلىقلاردىكى مەلۇماتلاردىكى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە 788- يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇيغۇرلار نامىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشىنى ئىلگىرىكى «خۇيخې» خېتىدىن «شۇڭقاردەك» (ياكى لاچىندەك) پەرۋاز قىلغۇچى» دېگەن مەنىگە ئىگە «خۇيخۇ» (回鹘) دېگەن خەتكە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا «ئۇيغۇرلار» نىڭ نامى «خۇيخې» ۋە «خۇيخۇ» دەپ قوللىنىلغان. بىراق، رەسمىي تارىخنامىلەردە كۆپرەك «خۇيخۇ» دەپ يېزىلغان [15]. «يېڭى بەش دەۋر تارىخى» (يەنە بىر نامى «بەش دەۋر تارىخىغا دائىر خاتىرىلەر») قاتارلىق تارىخنامىلەرگە ئاساسلانغاندا، بەش دەۋر- ئون پادىشاھلىق مەزگىلىدە خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نامى يەنىلا «خۇيخې» ۋە «خۇيخۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «لياۋ سۇلالىسى تارىخى» (ياكى «لياڭنامە»)، «جىن سۇلالىسى تارىخى» (ياكى «جىننامە») لەردە «خۇيخۇ»، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» (ياكى «سۇڭنامە» دا «خۇيخې» ۋە «خۇيخۇ» دەپ ئاتالغان.

يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، 13- ئەسىردىن باشلاپ «ئۇيغۇر» لارنىڭ نامى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ھەر خىل شەكىللەردە يېزىلىپ كېلىنگەن.

«يۈئەننامە» قاتارلىق يۈئەن دەۋرىگە دائىر تارىخنامىلەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، تاكى چڭ سۇلالىسى (1640- يىل 1912) دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ نامى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە «خۇي خېئېر»، (辉和尔) «خۇيخې» (辉和)، ۋېيۋۇ» (畏吾)،«ۋېيۋۇ» (畏兀)، «ۋەي ۋۇئېر» (畏吾儿ياكى畏兀儿)، «ۋۇ گې» (乌鸽)،«ۋېيۋۇ» (乌鸽)، «گۈي گۇ» (瑰古)، «ۋېيۋۇ» (委兀)،«ۋېيۋۇ» (伟兀)،«ۋېيۋۇ» (畏午)،«ۋەي ۋۇئېر» (畏吾而)، «ۋەي گوئې» (卫郭尔)، قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن خاتىرىلىنىپ كېلىنگەن [16] چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كۆپرەك «خۇي جياڭ» (回疆)، «خۇي بۇ» (回部)، «چەنخۇي» (缠回) دەپ يېزىلغان. بەزىدە يەنە «خۇيخۇي» (回回) دېگەن ئاتالغۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ تارىخىي ھۆججەتلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، «ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئىرقى، ئۆرپ –ئادىتى، مەدەنىيىتى جەھەتتە پامىرنىڭ غەربىي ۋە شەرىقىدىكى باشقا ئىسلاملاشقان مىللەتلەرگە ئوخشىشىپ كەتكەچكە، ئۇلار ‹خۇيخۇ› دېگەن نام بىلەن ئاتالغان» [17].

يۇقىرىقىلار ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى دەۋرىلىرىدىكى رەسمىي تارىخىي ھۆججەتلەردىكى «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت ياكى قەبىلە نامىنىڭ ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئوخشاش. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئېلىمىز ۋە چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر «خەننامە» قاتارلىق تارىخنامىلەردە ئۇچرايدىغان قۇمۇلنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە نامى بولغان «يۋولو» (伊吾卢) نى «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپمۇ قارايدۇ [18]. يەنە گوللاندىيە تەتقىقاتچىسى ج. م. دېگروت «تارىخىي خاتىرىلەر» دىكى «كروران، ئۇسۇن، ئۇغۇزلار (护揭) تىنچىتىلدى» دېيىلگەن خاتىرىدىكى «ئوغۇزلار»، «ۋېينامە» دە تىلغا ئېلىنغان «خۇگۇ» (护骨) لاردۇر. خۇگۇلار بولسا قانقىل (高车) قەبىلىلىرىدىن بولۇپ، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان [19] دەپ ھېسابلىسا، تەتقىقاتچى خې جيەنمىن «خەننامە. ھونلار تەزكىرىسى» دىكى ئوغۇز (乌揭) بىلەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇيخې (回纥)، ئوغۇز (乌护)، ئۇيغۇر (袁纥) قاتارلىقلار ئوخشاش بىر نامنىڭ مەڭگۈ تاشلاردا خاتىرىلەنگەن ئوغۇز دېگەن نامنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر [20] دەپ قارايدۇ. خۇ چيۇيۇئەن ئەپەندى بولسا «دىڭلىڭلارنىڭ ئىچىدە ئوغۇز (乌揭) دېگەن قەبىلە بار بولۇپ، ئۇلار دەسلەپ سېلىنچا دەرياسى بويلىرىدا ياشىغان، ھەم ئاشۇ دەريا بويلىرىدا ياشايدىغان ئوخشاش قوۋملار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. ئۇلار ھارۋىنى ئىجاد قىلغان ئوغۇزنى ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ئەجدادى دەپ قارىغان. ئۇلار جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى قانقىللار (高车) ۋە توققۇز ئوغۇزلار (九姓铁勒) نىڭ ئانا ئەجدادلىرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئوغۇزلار (乌揭) تەبىئىي ھالدا تېلى (铁勒) لارنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر (回纥) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر» [21] دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ. تەيۋەنلىك ئۇيغۇرشۇناس ليۇيىتاڭ ئەپەندى بولسا «بۇ مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئوغۇزلار (乌揭) بىلەن دىڭلىڭلار (丁零) نىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە گەۋدە» [22] دەيدۇ. تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتئىي ئەپەندى «ئۇيغۇرلار (回鹘) ئەسلىدە ھون قەبىلە ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ ئىدى. غەربىي ھون قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ساراغۇر (ساراگۇر)، ئۇنۇغۇر (ئونۇگۇر)، قۇترىغۇر (كوترىگۇر) قاتارلىق قەبىلىلەر بار ئىدى. بۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن ئۇيغۇر (ئۇيگۇر) دېگەن نامنىڭ ئوخشاشلا (گۇر) دېگەن سۆز بىلەن قوشۇمچىسى بار. بۇ ‹ئۇيغۇر› دېگەن نامنىڭ ھون دەۋرىدىن باشلاپلا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ [23] دەپ قارايدۇ.

دېمەك، بۇ قاراشلاردىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە ھۆججەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن. «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنىڭ ھەر خىل ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى ئاساسەن قوشنا قەبىلە، مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتى، ئۇلارنىڭ تارقالغان رايونلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۆرپ- ئادەت جەھەتتە ئوخشىماسلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنىڭ ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە خاتىرىلىنىشى ياكى ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇناسىپ نام بىلەن ئاتىشى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، شۇڭا، بىز ئېلىمىزنىڭ تارىخنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەن «يۈئەنخې، ۋۇجى، ۋۇخې، ۋېيخې، خۇجى، خۇگو، خۇيخې، ۋېيۋۇ، ۋېيۋوئېر» دېگەنلەر ئورخۇن- يېنسەي ۋادىلىرىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە ئېيتقان ئون ئۇيغۇر ياكى توققۇز ئوغۇز دېگەن مىللەت نامىنىڭ ھەر خىل ئاھاڭ تەرجىمىسى. «يۈئەنخې، ۋېيخې، خۇيخې» دېگەنلەر قەدىمكى تۈركچىدىكى ئۇيغۇر نىڭ باشقىچە تەلەپپۇزى، «ۋۇخۇ، ۋۇخې، خۇجې» دېگەنلەر بولسا ئوغۇز نىڭ باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇگۇز ئۇگۇز ئۇگۇز مۇناسىۋىتىدۇر، ئوغۇز دېيىلگىنى دەسلەپ شەرقىي قانقىل قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى تەڭرىتاغ ۋادىسىدىن تارتىپ ئورخۇن بويلىرىغىچە جايلاشقانلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر دېيىلگىنى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ ئورخۇن، تۇغلا دەرياسى ۋادىسىغىچە تارقالغانلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن، بۇ ئوخشاش بىر قوۋمنىڭ ئىچىدىكى ئىككى تارماق [14]، دەپ ھېسابلايمىز.

3. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى ھەققىدە مەيلى ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك تارىخىي ھۆججەتلىرىدە بولسۇن، ياكى قەدىمكى تۈركچە- ئۇيغۇرچە تارىخىي ئەسەرلەردە بولسۇن، ياكى مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى يېقىنقى زامانلاردىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن، ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇد بولۇپ كەلدى. بىراق، تاكى ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن پىكىر بارلىققا كەلمىدى. نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

(1) بىرىنچى خىلدىكى قاراشتىكىلەر «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخىي» 98- جىلد «قاتقىللار تەزكىرىسى»، «ۋېينامە» 103- جىلد «تېلىلار تەزكىرىسى»، «كونا تاڭنامە» 195- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» ۋە ۋە «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» قاتارلىق تارىخىي ھۆججەتلەردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھونلاردۇر، ئۇلار ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەچكە، شىمالىي ۋەي سۇلالىسىنىڭ دەۋرىلىرىدە قانقىل ياكى چىلى (高车或敕勒)، تېلى (铁勒) دەپ ئاتالغان. ئۇلار ئۇيغۇر (袁纥)، سىر- تاردۇش، تۇبا (都播)، قورىقان (骨利斡)، دولانغۇت (多览葛)، بارغۇت (仆固)، بايىرقۇ (拔野古)، تۇڭرا (同罗)، ئۇن (ھون،浑)، ئىزگىل (سيىر،思结)، قۇشۇ (斛薜)، قۇمۇق (چىگىل، ئايغىر،奚结)، ئاتىئىز (阿跌)، ئاقشىد (白雪) قاتارلىق 15 قەبىلىدىن تەركىب تاپقان» [25] دېيىلگەن خاتىرىلەرگە ۋە رۇسىيىلىك بېرنىشتام، ياپونىيىلىك يۈتيەنخېڭ، فرانسىيىلىك مۇللېر قاتارلىق چەت ئەل تۈركولوگلىرىنىڭ تارىخىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئېيتقان «ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىدۇر»، «بۆگۈ قاغاننىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ»، «ھونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا بۆرىنى، كالىنى توتېم قىلغان»، «ئۇغۇز ئېھتىمال ھونلارنىڭ قۇيان قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قاراشلىرىغا ئاساسەن، «ھونلار- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى» دەپ قارايدۇ.

(2) ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر «ئۇيغۇرلار- تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادىيە 3- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دىڭلىڭ (丁零 ياكى丁灵) دېگەن نام ئاستىدا شەرق ۋە غەرب ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ ياشىغان. شەرقىي تارمىقى سىبىرىيىدىكى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان. غەربىي تەرىپى ئېرتىش دەرياسى بىلەن بايقال كۆلىنىڭ ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان»، «4- ئەسىرگە كەلگەندە دىڭلىڭلار خەنزۇلارنىڭ تارىخنامىلىرىدە تېلى (铁勒) ياكى چىلى (敕勒) دەپ ئاتالغان. يەنە ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى يوغان بولغاچقا قانقىل (يەنە ئېگىز ھارۋىلىقلار،高车) دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار سىبىرلارنىڭ تابغاچ قەبىلىسى (يەنى سىيانپىلارنىڭ توقبات قەبىلىسى) ۋە جۇرجانلار بىلەن دائىم كۈرەش قىلىپ، ئاخىرى 492- يىلى بىر قىسمى ئۆز يولباشچىسىغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچۈپ، تەڭرىتېغىنىڭ ئەتراپلىرىغا كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تېلىلارنىڭ ئىچىدىكى يۈئەنخې ياكى ۋېيخې (韦纥 ياكى袁纥) لار، غەربىي تېلىلارنىڭ ئىچىدىكى ۋۇخۇ ياكى ۋۇخې (乌护ياكى乌纥) لار كېيىن تەدرىجىي ئۆزگىرىپ، ئۇيغۇر (回纥) دەپ ئاتالغان» [26] دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشقا فېڭ جياشىڭ قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

(3) ئۈچىنچى خىل قاراشتىكىلەر «ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىكى تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇلىلىقلار، ئۇدۇنلۇقلار، كۆسەنلىكلەر، ئاگنىلىقلار (ياكى ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تارىملىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق يەرلىكلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا خېلى بۇرۇن بۇ يەرلەرگە ماكانلاشقان ئىرانلىقلار، چاڭلار، سوغدلار ۋە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كەلگەن قارلۇق، تۈرك، ئۇيغۇر (回鹘) قاتارلىق چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ۋە ئىككى خەن سۇلالىسىدىن بۇيان كۆچۈپ كەلگەن خەنزۇلار ۋە كېيىن كۆچۈپ كەلگەن قىتان، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇشى، يەنە شەرققە كۆچۈپ كەلگەن ئارىئانلار، سام- ھاملارنىڭ قوشۇلۇشى جەريانىدا شەكىللەنگەن»، «بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ئىككى شاختىن تەركىب تاپقان، بىر شېخى تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردىكى يەرلىكلەر، يەنە بىر شېخى چۆللۈكنىڭ شىمالىدىن غەربكە كۆچۈپ تارىم ۋادىسىغا كەلگەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەردۇر» [27] دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشقا خې جىخۇڭ قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

(4) تۆتىنچى خىل قاراشتىكىلەر «مەملىكىتىمىزنىڭ شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى ۋە ئەمنىيە- يېغىلىق دەۋرلىرىدە شەرقتە چوڭ ھىنگان تاغلىرىدىن تارتىپ غەربىي ئالتاي تېغىغىچە بولغان چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالدىكى كەڭ رايونلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار توپى ياشايتتى. ئۇلار ئەينى دەۋرلەردە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دىلار (狄) ياكى شىمالىي دىلار (北狄)، بەزىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ غۇز (胡) دەپ ئاتىلاتتى. چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ نۇرغۇنلىغان ئۇرۇق- قەبىلىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاندىن سىرت، كۆپ قىسمى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىن بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپىغىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ياشىغان. ئۇ دەۋرلەردىكى خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئۇلارنى كۆپىنچە دىڭلىڭلار (丁零) دەپ ئاتىغان. كېيىن ۋەي، جىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئۇلارنى يەنە تېلى (铁勒)، چىلى (敕勒) دەپ ئاتىغان. ئەمەلىيەتتە دىڭلىڭ بولسۇن ياكى تېلى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دى (狄) دېگەن نامنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بۇ ئۇرۇق- قەبىلىلەرنىڭ ئادەملىرى كۆپىنچە يوغان چاقلىق ھارۋىلاردا يۈرىدىغىنى ئۈچۈن، بەزى خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئۇلارنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېگىز ھارۋىلىقلار (قانقىلار) دەپمۇ ئاتىغان. بۇ ئۇرۇق- قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى كېيىن خۇيخې (回纥)، خۇيخۇ (回鹘)، ۋېيۋۇ ئېر (畏兀儿)، جۈملىدىن ئۇيغۇر (维吾尔) مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئېتنىك مەنبەلەر ئىدى» 28 دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراشقا چى چىڭشۈن قاتارلىق كىشىلەرنى ۋەكىك قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

(5) بەشىنچى خىل قاراشتىكىلەرگە سۇ بىخەي ئەپەندىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «قانقىللاردىن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىغىچە» (从车师到高昌回鹘) دېگەن ئەسىرىدە، ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە تۇرپان ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ياشىغان قوش- قانقىللار (车师) نى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى دەپ قاراپ، قوشلار ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولغانلىقتىن قانقىل دەپ ئاتالغانلىقىنى، قوش – قانقىللارنىڭ ھون ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى تېلىلار بىلەن قوشۇلۇپ قانقىل (高车) دەپ ئاتالغانلىقىنى، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندىمۇ، قوش، قانقىل، تېلىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىلتىزداش ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ [29].

(6) ئالتىنچى خىل قاراشتىكىلەرگە گۇ باۋ ئەپەندىنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ دىڭلىڭ، تېلى ۋە خۇيخېلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاساسلىق ئېتنىك مەنبەسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، بۇرۇن جەنۇبىي شىنجاڭدا ياشىغان ھەر قايسى دېھقانچىلىق مىللەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك مەنبەسى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم قىسىملىرى ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ [30].

(7) يۇقىرىقى قاراشلاردىن باشقا، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى موڭغۇللارغا باغلايدىغان، ھەتتا ئەرەبلەرگە باغلايدىغان بىر قىسىم ئەپسانە- رىۋايەت تۈسىدىكى خاتىرىلەرمۇ بار. لېكىن بۇ خىل قاراشتىكىلەر نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قوللىنىلمايدىغان بولدى.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى مەسىلىسى خېلى مۇرەككەپ مەسىلە. بۇ ھەقتە يازما ماتېرىياللاردىكى خاتىرىلەرمۇ ئارخىئېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، تارىخشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، تىلشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت ئانتىرپولوگىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، مىللەت ئىرقىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئەمەس. ياكى قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئەمەس. بۇ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن كىشىلەر توپىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى. شۇڭا، ئايرىم ئۇرۇق، قەبىلە ياكى قەبىلە ئىتتىپاقى ئارقىلىق مەلۇم مىللەتنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى بېكىتىپ قويۇش ئانچە توغرا بولمىغان ئۇسۇلدۇر، ئۇرۇق، قەبىلە بولسا قانداشلىق مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىتتىپاق بىرلىكى، لېكىن بۇنداق قانداشلىق مۇناسىۋەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىتتىپاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. ھەر قانداق بىر مىللەت مەلۇم بىر قانچە مىللەت، ئۇرۇق ۋە مىللەتنى ئۆزىگە ئېتنىك مەنبە قىلىدۇ. بولۇپمۇ شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، يۆتكىلىشچانلىقى ئىنتايىن زور، ئارىسىدىكى قوشۇلۇش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئادەتتە يەنە مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇش جەريانى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، تارىختىكى مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ھەققىدە توختالغاندا، بىز بىر مىللەتنى قانداقتۇر مەلۇم بىر-ئىككى ئەجداد ئۇرۇقتىن ياكى ئەجداد قەبىلىدىن كېلىپ چىقىپ ئاۋۇغان، دەپ ھۆكۈم قىلالمايمىز. ئەكسىچە ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئورتاق گەۋدىنىڭ قوشۇلۇشى جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئەتراپتىكى ھەر قايسى قەبىلە مىللەتلەر بىلەن زىچ ئالاقە قىلىش جەريانىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ھەم تەرەققىي قىلغان، دەپ تونۇيمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىدىمۇ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.

ئېلىمىزنىڭ كلاسسىك خەنزۇچە تارىخ كىتابلاردىن «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» ۋە «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى. قانقىللارنىڭ تەزكىرىسى»دە: «قانقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) قەدىمكى قىزىل دىلارنىڭ (赤狄) بىر قىسمى بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ دىلى(狄厉) دەپ ئاتالغان، شىمالدىكىلەر چىلى(敕勒) دەپ ئاتىغان. شيالىقلار قانقىللار، دىڭلىڭلار دەپ ئاتىغان. ئۇلارنىڭ دى(狄)، ئۇيغۇر (袁纥)، قوغۇرسۇ( 斛律)، چاپىش(解批)، قىرغىز(护骨)، ئىل تېكىن(异奇斤) قاتارلىق قەبىلىلەردىن (ئالتە قەبىلىدىن) تەركىب تاپقان»،« قانقىللار 12 ئۇرۇقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلار چىپولى، تېلى، ئىلجان، تارلان، قوغان، تاربوقان، ئايرون، بايان، ئېركىن، بۆركىلى (تۇماقلىق)، قىئۇي، يۇسۇپى قاتارلىقلاردۇر» [31] دېيىلگەن. «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «ئۇيغۇرلار (回纥) ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، كېيىن ۋەي سۇلالىسى دەۋرىدە تېلى (铁勒) قەبىلىلىرى دەپ ئاتالغان، ئۇلار قامىتى ۋىجىكرەك، ئەمما چەبدەس-جەسۇر ئىدى، ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتەتتى، تۈركلەرگە قارايتتى»[32] دەپ خاتىرىلەنگەن. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھونلاردۇر، ئۇلار ئېگىز چاقىلىق ھارۋىلارنى ئىشلىتەتتى، شىمالىي ۋەي سۇلالىسى دەۋرلىرىدە قانقىللار دەپ ئاتالغان، يەنە چىلى (敕勒) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ سۆز تېلى (铁勒) دىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئۇلار ئۇيغۇر (袁纥)، سىر-تاردۇش، قىبئار، تۇبا، قورىقان، دۇلانغۇت، بۈگۈت (بارغۇت)، بايىرقۇ، تۇڭرا، قۇن، ئىزگىل (سىيىر)، قۇشۇم قۇمۇق (چىگىل، ئايغىر)، ئاتىئېز، ئاقشىد قاتارلىق 15قەبىلىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۆللۈكنىڭ شىمالىغا تارقىلىپ ئورۇنلاشقان. ئۇيغۇر (袁纥) قەبىلىسى يەنە ئوغۇز (乌护) ياكى ۋۇخې (乌纥) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈي سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ۋېيخې(韦纥) دەپ ئاتالغان. دايې يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يۈئەنخې قەبىلىسى بۇگۇت (بارغۇ)، تۇڭرا، بايىرقۇ قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۈركلەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئېركىن دەپ ئاتاپ، خۇيخې (回纥) دەپ ئاتالغان»[33] دېيىلگەن.

تېلى قەبىلىلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى تارقىلىپ ئورۇنلاشقان زېمىن دائىرىسى ھەققىدە «سۈينامە. تېلىلار تەزكىرىسى» دە:«تېلىلار ئەسلىدە ھونلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇرۇق-قەبىلىسى ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇلار ئابسكۇن (كاسپى دېڭىزى) دىن شەرققە قاراپ تاغ-جىلغىلارنى بويلاپ ئورۇنلاشقان بولۇپ، تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە بۇئۇت (بارغۇت)، تۇڭرا، ۋېيخې (ئۇيغۇر)، بايىرقۇ، بۆركلى قەبىلىلىرى بار، ئۇلار ئېركىن دەپ ئاتىلىدۇ. موچۇر، تۇرگىت، ئىزگىل، قۇن، قوغۇرسۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ياراملىق 20 مىڭ ئەسكىرى بار. ئىۋېرغول (قۇمۇل) نىڭ غەربى، ئاگنى (قارا شەھەر) نىڭ شىمالىدىكى ئاقتاغ (تەڭرى تېغى) نى بويلاپ، چېنى، بۇرۇچ، ئازلار، سۇبۇ، ناخ (ناگە) ئوغۇز، قىرغىز، ئېرتوش، ئۇنقۇ قەبىلىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياراملىق 20مىڭ ئەسكىرى بار. ئالتۇن تاغنىڭ (ئالتاي تېغى) نىڭ غەربى جەنۇبىدا سىر-تاردۇش، جىلار (چەرۇق)، زاباندېر، داچى قاتارلىق قەبىلىلەر جايلاشقان بولۇپ، 10مىڭدىن ئەسكىرى بار. كانگىيەنىڭ (سەمەرقەند) شىمالى، ئىدىل دەرياسى (ۋولگا دەرياسى) بويلىرىغا ئادىز، گاسار (ھازار)، بولغار، پەچەنەك، ئارال دېڭىزىلىقلار، گەبىش (چەبىش)، چەرچەس، يەمەك، گوت قاتارلىق قەبىلىلەر تارقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 30 مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاسپى دېڭىزنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە سوغىنا (سارىغۇر)، ساسكىن، مۇڭىرىپ (مۇكشاس)، ساخە (چېركىس) قاتارلىق قەبىلىلەر جايلاشقان بولۇپ، سەككىز مىڭىدىن ئارتۇق ئەسكىرى بار. رۇمنىڭ (رىم) شەرقىدە ئىنمۇ، ئەلەن (ئالاس)، باشقىرت، قۇتغۇر قاتارلىق قەبىلىلەر جايلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 20مىڭغا يېقىن ئادىمى بار. شىمالىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىدا دۇبۇ (تۇبول) قاتارلىقلار بار. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-قەبىلىلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى تېلىلار دەپ ئاتىلاتتى. ئۆزلىرىنىڭ خانى يوق بولۇپ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرگە قارام ئىدى. شەھەر-قۇرغاندا تۇرماي، ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرەتتى… غەرب تەرەپكە يېقىن جايلاشقانلىرى كۆپىنچە باغۋەنچىلىك، ئېكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. قوي، كالىلىرى كۆپ ئىدى.، يىلقىسى ئاز ئىدى» [34] دېيىلگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تارىختىكى دى، دىڭلىك، قانقىل (ئېگىز ھارۋىلىقلار)، تېلىلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بار، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ قەدىكى دىلارنىڭ شىمالىي دىلار دېيىلگەن تارمىقىدىن كېلىپ چىققان، شىمالىي دىلار بولسا ئېلىمىزدە ئەڭ بۇرۇن ياشىغان بىر نەچچە قەدىمكى مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2000 – يىللاردا ئىېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي رايونلىرىدا ئوردۇس ۋادىسىنى مەركەز قىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ھەمدە خۇئاشيا مىللىتىنىڭ ئايرىم قەبىلىلىرى بىلەن قوشنا ياشىغان. ئەسلىدە شىيا، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىلگىرىلا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە گۈيفاڭ (鬼方) دەپ ئاتالغان قەبىلە بار ئىدى. شاڭ، جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە گۇيفاڭلار يەنە دى (翟ياكى狄) دەپ ئاتالغان. چىن ۋە ئىككى خەن دەۋرىلىرىدە دىلا丁灵,丁零) ياكى دىلى (狄厉) دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن كېيىن داۋاملىق يەنە چىلى ياكى تېلى دەپ ئاتالغان. بۇ ناملار گەرچە ھەر خىل يېزىلسىمۇ، بىراق ئاھاڭ جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن، ھەممىسى قەدىمكى مىللەت نامى بولغان «تۈرك»دېگەن نامنىڭ خەنزۇچە ھەرخىل ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت [35]. شاڭ، جۇ دەۋرىلرىدە دىڭلىڭلار چارۋىچىلىقنى ئاساس، ئوۋچىلىقنى قوشۇمچە كەسىپ قىلغان بىر مىللەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشتا برونزا قوراللار دەۋرىگە كىرگەن. كېيىن دىڭلىڭلارنىڭ بىر قىسمى ئوردوس ۋادىلىرىدىن شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرگە يەنى سىبىرىيە ۋە موڭغۇلىيىدىكى بايقال كۆلى ۋادىلىرىغا كۆچۈپ پائالىيەت قىلغان. كېيىن ئۇ يەردە «قاراسۇق» مەدەنىيىتى دېگەن مەشھۇر برونزا مەدەنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. يەنە بىر قىسىم ئوب دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى كوزنتس ئويمانلىقى، يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مىنوسىنىسكى ئويمانلىقى ۋە ئالتاي تاغلىرى رايونىدا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان. ھونلارنىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە، ئۇلار «ھونلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق گەۋدە بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتكەن» 4-ئەسىرگە كەلگەندە قانقىللار (يەنى تېلى قەبىلىلىرى) دە شەرقىي قانقىللار ۋە غەربىي قانقىللار دەپ ئايرىم ئاتالغان، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە «ئۇيغۇر» دېگەن نام مانا مۇشۇ چاغلاردا تارىخى كىتابلاردا كۆرۈلىدۇ. «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە قانقىللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسى ۋە يولباشچىسى سۈپىتىدە «يۈئەنخې» لار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئالىملار شەرقىي قانقىللارنىڭ تەركىبىدىكى يۈئەنخېلارنى ۋە غەربىي قانقىللارنىڭ تەركىبىدىكى ۋۇخې، ۋۇخۇلارنى ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىمىغان تەرجىمىسى، بۇنى «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە ئېيتىلغان «يۈئەنخېلار ۋۇخۇ، ۋۇخې دەپ ئاتالغان، سۈي دەۋرىگىچە ۋېيخې دەپمۇ ئاتالغان» دېگەن بايانلار دەلىللەيدۇ، دەپ قارايدۇ [36]. دېمەك، ئۇيغۇر دېگەن نام بولسىمۇ، كېيىنكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇ «ئۇيغۇر» قەبىلىسىنى يادرو قىلغان بارلىق قانقىل قەبىلىلىرىنىڭ نامى بولۇپ قالغان. ياڭ شېڭمىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شەرقىي قانقىل قەبىلىلىرى ناھايىتى كۆپ تېلى قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدە داڭلىق ئىككى گۇرۇھ بولۇپ، بىرى ئۆزلىرىنى توققۇز ئوغۇز (九姓乌护) دەپ ئاتايتتى. يەنە بىرى ئۆزلىرىنى ئون ئۇيغۇر (十回纥) دەپ ئاتايتتى. بۇ ئىككى گۇرۇھ كېيىنچە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغان» [37]دەيدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تارىختىكى دى، دىڭلىك، تېلى، قانقىللارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك تەركىبلىرى بولۇپ، كېيىنىكى تۈرك خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردە بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدرىجىي ئىتتىپاقلىشىش، بىرلىشىش، قوشۇلۇش يولىغا ماڭغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دېگەن ئومۇمىي نامىنى قوبۇل قىلغان. «سۈينامە» دىكى خاتىرىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 4 5 – ئەسىرلەردە، ھەتتا ھونلار غەربىي يۇرتقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردىلا دىڭلىڭ، تېلى ياكى قانقىللارنىڭ غەربىي قىسمىئى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئالتاي تېغى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى، يەتتە سۇ ۋادىلىرىغا ماكانلىشىپ، بۇ يەردىكى غەيرىي تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئۆز –ئارا قوشۇلۇپ ياشاپ، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، ئىگىلىك جەھەتتە تۈركلىشىش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە غەربىي يۇرتنىڭ بوستانلىق ۋە بايلىقلىرىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلە-مىللەتلەرمۇ كېيىن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلقلەردىن بولۇپ قالغان. شۇڭا، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، قەدىمكى شەرقىي قانقىللار ئالتە چوڭ قەبىلىسىنىڭ بىرسى بولغان يۈئەنخېلار غەربى قانقىللارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان ئۇغۇزلار (ۋۇخۇلار سۈي دەۋرىدىكى ۋېيخېلا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇيخې، خۇيخۇلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنبەسىنى دى، شىمالىي دى، دىڭلىڭ، تېلى، قانقىللارغىچە سۈرۈشكە بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ يۈكسەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت» بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا، ئۇلارغا «كېيىنچە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى توخار تىلىدا (قارا شەھەر تىلى ۋە كۇچار تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سۆزلىشىدىغان ۋە قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قارۇشتى تىلىدا سۆزلىشىدىغان يېرىم مىللەتلىرىمۇ قوشۇلغان» ھەم ئۇلار «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان» دېيىشكە بولىدۇ[38].

4. شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى

قەدىمكى ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىدىكى موڭغۇلىيە ئېگىزلىك، جەنۇبىي سىبىرىيە دالاسى ۋە گەنسۇ ۋادىلىرىدا ياشىغان شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى سېلىنگا، ئورخۇن، توغلا دەرياسى ۋادىلىرىدا توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىپ چىقىشى كېيىنكى تارىخىي جەريانلاردا ھەر قايسى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، مۇنتىزىم ئۇيغۇر ئىتتىپاقى گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىش ۋ كېيىنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئۇنىڭ شىمالىي ئاسىيا يايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىپ چىقىشىدا ناھايىتى زور تۈرتكىلىك روللارنى ئويناپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەرەققىياتىدىمۇ ۋە سىياسىي ھاياتىدىمۇ يېڭى بىر دەۋرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كەلگەندە، شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ھېسابلانغان شىمالي دىلار خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا شەرقىي دىڭلىڭلار دېگەن شەرقىي نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلاپ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە دىڭلىڭ قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىنى تەشكىل قىلغان. فەن ۋىنلەن ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى دەۋردە بۇ دىڭلىڭ قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىگە « ئۇيغۇر، سىر-تاردۇش، قىبئار، تۇبا (توقبات)، قورىقان، تالانغۇت، بارغۇت، بايىرقۇ، تۇڭرا، قۇن (ھون) ئىزگىل، قۇشۇ، قۇمۇق (ئايغىر)، ئادىز (ئاتىئىز)، ئاقشىددىن ئىبارەت 15 قەبىلە قاتناشقانىدى[39]. مەلۇمكى، «قەبىلە بىرلەشمىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇرۇق تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلگەنلىكىنىڭ باشلىنىشى، جۈملىدىن مىللەت ئورتاق گەۋدىسى بولغان خەلق بارلىققا كېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىدى. مۇشۇ دەۋرىلەدە شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى (شەرقىي دىڭلىڭ قەبىلىلىرى) ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان غوللۇق قەبىلىلەردىن يۈئەنخې (ئۇيغۇر) قاتارلىق قەبىلىلەر موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ شىمالىدىكى سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىنى بويلاپ جەنۇبقا، يەنى موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ مەركىزىي رايونلىرىغا قاراپ سۈرۈلگەن. بىراق مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى ئوردوس يايلىقى ۋە چوغاي تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان ھونلار كۈچىيىپ، موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى بارلىق قوۋم ۋە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ كۈچلۈك ھون ئىمپېراتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقتى، نەتىجىدە موڭغۇلىيىدىكى شەرقى دىڭلارمۇ ئالتاي، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى غەربىي دىڭلىڭلارمۇ ھون ئىمپېراتورلۇقىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ، بارلىق ئوقيا تۇتقان خەلقلەر بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى»[40]. ھون ئىمپېراتورلۇقى دەۋرىدە شەرقىي دىڭلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي ئېشىپ بېرىپ، شەرقىي دىڭلىڭ قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىش ۋە بىرلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى.

كېيىن ھونلار غەربكە سۈرۈلۈشكە باشلاپ، مىلادىيە 2-ئەسىردىن كېيىن موڭغۇلىيە يايلاقلىرىنىڭ جەنۇبىدا سيانپىلار تەدرىجىي كۈچىيىپ، مىلادىيە3-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇلار موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولىغا ئېلىۋالدى. يەنە مىلادىيە 4-ئەسىرگە كەلگەندە چوڭ ھىنگان تاغلىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان جۇرجانلارمۇ كۈچىيىپ، تەدرىجىي ھالدا موڭغۇلىيە بايلىقىدىكى ئورخۇن ۋە تۇغلا دەرياسى ۋادىلىرىغا كېڭىيىپ، شەرقىي دىڭلىڭلارنى ئۆزى ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلىۋالدى. نەتىجىدە شەرقىي دىڭلىڭ قەبىلىلىرى سيانپى خانلىقى بىلەن جۇرجان خانلىقىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ دەۋرلەردە دىڭلىڭلار خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا تېلى، گاۋچې (قانقىل) دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.

جۇرجان خانلىقى بىلەن سيانپى خانلىقىنىڭ قوش زۇلۇمى ئاستىدا شەرقىي دىڭلىڭ قەبىلىلىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇقىم سىياسىي گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ليۇ جىشياۋ ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي ئۇيغۇرلار «بۇ چاغدا ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ يۈزلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئاساسى قىسمى تۇغلا دەرياسى تەرەپكە كۆچكەن»، «نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ۋە ئەتراپىدىكى قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش نەتىجىسىدە، تەخمىنەن جۇرجان ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ياغلاقار (ئاپۇرغۇر)، قۇرتارغۇر (قاتارغار)، دىرىمار، بايىرسىق، ئابدال، قاسار، قوغۇرسۇ (قۇلاس)، ئوۋۇغار، سابار (سارغوغار) دىن ئىبارەت توققۇز ئۇرۇقداش قەۋم شەكىللەنگەن. بۇ ئۇرۇقداش قوۋملار بىرلىشىپ توققۇز ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان» [41]. جۇرجان خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە كەلگەندە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى (جۇڭغارىيە ئويمانلىقى) ۋە تۇرپاننىڭ غەربىي شىمالىدا ياشايدىغان، ئەسلىدە جۇرجانلارنىڭ «تۆمۈر تاۋلايدىغان قۇللىرى» ھېسابلىنىدىغان ئاشنا تۈركلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، مىلادىيە 552-يىلى بومىن قاغان باشچىلىقىدا موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى مەركەز قىلىپ، داڭلىق كۆكتۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىتى. «كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تېررىتورىيسى شەرقتە لياۋ خەي دېڭىزىدىن غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا چوڭ قۇملۇقتىن شىمالدا شىمالىي دېڭىزغىچە بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئون مىڭ چاقىرىم كېلەتتى»[42]. نەتىجىدە تېلى دېگەن نامدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق شەرقىي ۋە غەربىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى، شۇنداقلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇرلامۇ كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىردى.

شەرقىي ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىدە خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، بۇ خانلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى. شۇڭا، كۆكتۈرك ھۆكۈمرانلىرى «توققۇز ئوغۇزلار ئۆز خەلقىم ئىدى»[43] دېگەن. نۆۋەتتە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىمۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا تۈرك خانلىقى دەۋرى مۇھىم بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماكان بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر دېگەن نام قەبىلىلەر بارغۇت، قۇن، بايىرقۇ، تۇڭرا، ئىزگىل، قىبئار، باسمىل (ئابوس)، قارلۇقتىن ئىبارەت توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن تەركىب تاپقان» [44] دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ توققۇز ئوغۇزغا كېيىن ئاتىئىز قەبىلىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلار تارىختا يەنە «ئون ئۇيغۇرلار» دەپمۇ ئاتالغان. ئىرانلىق تارىخچى راشىددىننىڭ «جامىئول تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرىگە ۋە يېقىنقى زامان ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەڭ دەسلەپ ئورخۇن ۋە تۇغلا دەرياسى بويىدا ياشىغان بولۇپ، ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا (ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بويىدا) ياشىغانلىرى «ئون ئۇيغۇرلار » (يەنى ئون ئوغۇز)، توغلا دەرياسى ۋادىسىدا (ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرى بويىدا) ياشىغانلىرى«توققۇز ئۇيغۇرلار» (ياكى توققۇز ئوغۇز) دەپ ئاتالغان، ھەربىر ئۇرۇق ئۆزى ياشىغان دەريانىڭ نامىنى ئۆز ئۇرۇقىنىڭ نامى قىلغان [45]. دېمەك، تۈرك خانلىقى دەۋرى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىرلىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان دەۋرى بولغان. كېيىن شەرقىي ئۇيغۇرلار، يەنى توققۇز ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن ئۈزلۈكسىز كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان، شۇڭا تارىخى ماتېرىياللاردا «تۈرك خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەربىي يۈرۈشلىرىدە شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ (تېلىلارنىڭ) بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي دەشتلەرنى تىزگىنلىدى، شۇڭا، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۈرك ئاقسۆڭەكلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى ئۆچ ئىدى» دېيىلگەن[46]. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ چوڭ قاغانى «ئىشبارا قاغان ئۆلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركلەر ئۈچ قاغاننىڭ ئۆز ئارا تىركىشىپ تۇرۇشىدەك بۆلۈنمە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى»، بۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەرقىي ئۇيغۇرلار-توققۇز ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنى ئۆز كۈچلىرىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز-ئارا ئالاقىنى مۇستەھكەملەپ، مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىقلارنى قىلدى. نەتىجىدە مىلادىيە 600- يىلدىن باشلاپ تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاستىدىكى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ (يەنى ھەر قايسى تېلى قەبىلىلىرىنىڭ) تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى پارتىلاپ، تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى لىڭشىتىپ قويدى، شۇ يىلى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركلەرنىڭ چوڭ قاغانى ئاتىلىدىغان غەربىي تۈركلەرنىڭ ئىنال قاغانى(587-604-يىللار) ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىدا ئۆلدى. «غەربىي تۈركلەرنىڭ تاردۇش قاغانى بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيىتپ، شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بېسىپ كىرىپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىدا ئۆزىنى بىلگە قاغان دەپ ئاتاپ، زور كۆلەمدە قىرغىنچىلىق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زور قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى»[47]. سۈي سۇلالىسى جەنۇب تەرەپتىن، ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى (تېلى قەبىلىلىرى) شىمالدىن ئىسكەنجىگە ئېلىش جەريانىدا، تاردۇش ئۆز يېرىدە تۇرالماي چىڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تويوقونلارنىڭ يېرىگە قېچىپ كەتتى، بۇ چاغدا قۇملۇقنىڭ شىمالى ئاساسىي جەھەتتىن توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر خەلقىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان.

تاردۇش قاغان قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىنال قاغاننىڭ ئوغلى قارا قاغان (604-610-يىللار) غەربىي تۈركنىڭ قاغانى بولدى. ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن خانلىق ئىچىدىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان ھەر خىل سىنىپىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ، شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق تىكلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. تارىخىي ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، قارا قاغان شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگە (تېلى قەبىلىلىرىگە) ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، مىلادىيە 605- يىلى (سۈي سۇلالىسى دايې 1- يىلى) شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىدىن ئىنتايىن ئېغىر باج- سېلىق يىغىش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن ھەم قوشۇن ماڭدۇرۇپ (ھەر قايسى تېلى قەبىلىلىرىنىڭ) باج- سېلىق تاپشۇرالمىغانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە بۇلاڭ- تالاڭ يۈرگۈزگەن. كېيىن ئۇ شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭ قىلىشلىرىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىچە ئىشنىڭ ئالدىنى ئالماق بولۇپ، سىر- تاردۇش قەبىلىسى ئىسيان كۆتۈرمەكچى دېگەننى باھانە قىلىپ، ھەر قايسى شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى (تېلى قەبىلىلىرى) نىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىر نەچچە يۈز كىشىنى يىغىپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.

قارا قاغاننىڭ بۇ قىلمىشى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرىنى (يەنى توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر خەلقلىرى) چۆچۈتمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. ئۇلار قوزغىلاڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قارا قاغانغا قارىشى ئاتلاندى. قارا قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغاچقا، قارا قاغان قوزغىلاڭنىڭ زەربىسى ئاستىدا ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىي شىمالدىكى «شىمالىي ئوردىسى» نى غەربكە 1000 چاقىرىمدىن ئارتۇقراق كېلىدىغان يەرگە كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ، «ئۇيسۇنلارنىڭ كونا زېمىنى بولغان ھازىرقى ئېلى دەرياسى ۋادىسىغا قېچىپ باردى» [48]. نەتىجىدە شۇ يىلى تۇغلا دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر، بارغۇت، تۇڭرا، بايىرقۇ قاتارلىق توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر (توققۇز ئوغۇز) خەلقلىرى تۈرك خانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلار توققۇز ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان پەم- پاراسەتلىك تېكىن ئېركىن دېگەن كىشىنى قاغان قىلىپ سايلىدى. بۇ شەرقىي ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىلگىرى توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دەسلەپكى ھاكىمىيەت تەشكىلى ئىدى. بۇ ھەقتە «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «دايې تۇنجى يىلى (يەنى 605- يىلى) تېلى قەبىلىلىرى ئىچىدىكى بارغۇت، تۇڭرا، ئۇيغۇر، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەر بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنى ئېركىن دەپ ئاتىدى. كېيىن يەنە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىدى» [49] دېيىلگەن بولسا،«يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «ئۇيغۇرلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۆزلىرى ئېركىن بولۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاشتى» [50] دېيىلگەن. نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار «يېڭى تاڭنامە» دىكى «ئاسىيلىق قىلدى» دېگەنلىك تۈركلەردىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولدى» دېگەنلىكتۇر [51]، دەپ ھېسابلايدۇ. مىلادىيە 605- يىلىدىكى تۈركلەرنىڭ قارا قاغانىغا قارىشى كۆتۈرۈلگەن شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى جەريانىدا، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى ئاساسىدىكى ھاكىمىيەت تەشكىلى دەسلەپكى قەدەمدە قورۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق پائالىيەت رايونلىرى موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ شىمالىدىكى سۇ، ئوت- چۆپلىرى مول بولغان سېلىنگا، تۇغلا ۋە ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرى بولغان، بارگاھى تۇغلا دەرياسى بويىدا بولۇپ، موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلار يەنىلا سۈي سۇلالىسىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتكەن جەنۇبىي تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان.

تارىخىي ماتېرىياللاردا «7- ئەسىر ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى فېئودالىزمغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن دەۋر ئىدى» دېيىلگەن. توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئۇيغۇرلار «شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق خانلىق قۇرۇشقا كىرىشتى».[52]. ياغلاقار ئۇرۇقى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلاردا قاغان ئۇرۇقى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر (回纥) دېگەن نام ئەسلىدە توققۇز ئۇيغۇر (ئون ئۇيغۇر) لارنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى بولغان بولسا، بۇ مەنزىلگە كەلگەندە پۈتكۈل شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ، يەنى توققۇز ئۇغۇز، ئون ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ قالدى. خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردىمۇ شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بۇرۇن تېلى دەپ يېزىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە خۇيخې (ئۇيغۇر) ياكى توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى [53] دەپ خاتىرىلىنىشكە باشلىدى.

تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىنى قۇرغۇچى ئېركىن مىلادىيە 605- يىلىدىن 616- يىلغىچە جەمئىي 11 يىل تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى تارىخنامىلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان [54]. لېكىن ئېركىننىڭ ۋارىسى، ئۇنىڭ ئوغلى بوسات بۇ ئىتتىپاقنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم شەخس ھېسابلىنىدۇ. بوساتنىڭ تەختكە چىققان ۋاقتى تۈركلەر ئاجىزلاشقان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سۈي سۇلالىسى (581- 618- يىللار) دېھقانلار قوزغىلىڭى ئوت يالقۇنىدا قالغان دەۋرلەرگە توغرا كەلگەن. «كونا تاڭنامە» ۋە «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «بوسات جاسارەتلىك، تەدبىرلىك، ئۇستا مەرگەن ئىدى، جەڭگە باشلامچىلىق بىلەن كىرەتتى، ھۇجۇم قىلغاندا يەڭمەي قالمايتتى، يېڭىلگەنلەرنى بويسۇندۇرماي قالمايتتى»، «ئۇنىڭ ئانىسى ئورقۇن قاتۇن ناھايىتى كەسكىن، تەدبىرلىك ئايال بولۇپ، قەۋملەر ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى كەسكىنلىك بىلەن تىنچىتاتتى» [55] دېيىلگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بوسات باتۇرلۇق ھەم پەم- پاراسەتتە تەڭ يېتىلگەن. قابىلىيەتلىك دۆلەت ئەربابى بولۇپ، ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى مەيدانغا كېلىشى ئۇيغۇرلار تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ زور ئىش ھېسابلىنىدۇ»، شۇنداقلا بۇ توققۇز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ياغلاقار ئۇرۇقىنىڭ قاغان ئۇرۇقلۇق ئىمتىيازىنىڭ تىكلىنىشى، بولۇپمۇ «ئالىپ ئېلتەبىر» (يەنى ئۇلۇغ قاغان) دەپ ئاتاپ، تۇغلا دەرياسى بويىدا ئۆز ئوردىسىنى قۇردى [56]. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن توققۇز ئۇيغۇر، ئون ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) خەلقىگە باشچىلىق قىلىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان خانلىقنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، «ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېلىنگا، ئورخۇن ۋە تۇغلا دەرياسى ۋادىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلدى» [57]. ئۆتۈكەن تېغىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇ رايونلار چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالى بويىچە سۇ، ئوت- چۆپى ئەڭ مول، نوپۇسى كۆپ، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم رايون بولۇپ، كىمكى بۇ رايوننى كونترول قىلىۋالسا، پۈتكۈل موڭغۇل يايلىقىنىڭ سىياسىي ھوقۇقى شۇنىڭ ئىلكىدە بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتۈرك ھۆكۈمرانلىرىمۇ «مەن شۇنچە كۆپ جايلارغىچە قوشۇن تارتىپ باردىم، (لېكىن) ئۆتۈكەن تېغىدىن ياخشى جاي يوق ئىكەن، ئەلنى ئىدارە قىلىدىغان يەر ئۆتۈكەن تېغى ئىقكەن» 58] دېگەن.

بوسات دەۋرىدە توققۇز ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) قەبىلىلىرى چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى شەرقىي تۈرك خانلىقىغا نىسبەتەن خەۋپلىك بىر سىياسىي كۈچكە ئايلاندى. بەزى ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، بۇ دەۋرلەرگە كەلگەندە توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 50 مىڭ قوشۇنغا، بارغۇتلار 10 مىڭ قوشۇنغا، بايىرقۇلار 20 مىڭ قوشۇنغا (بەزى ماتېرىياللاردا 10 مىڭ قوشۇن دېيىلىدۇ)، تۇڭرالار 30 مىڭ قوشۇنغا، ئىزگىللار 30 مىڭ قوشۇنغا (جەمئىي 150 مىڭ قوشۇن) ئىگە بولغان [59] بولۇپ، بۇ ئالىپ ئېلتەبىر بوسات دەۋرىدە ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ شىددەت بىلەن مۇستەھكەملىنىپ، موڭغۇل ئېگىزلىگىدە قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
شەرقىي تۈرك خانلىقى چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ ئۆز قولىدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇ يەردە ئۆزىگە قارىشى مۇستەقىل سىياسىي كۈچنىڭ بارلىققا كېلىشىگە قەتئىي قارىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى تاڭ سۇلالىسى جېنگۈئەن تۇنجى يىلى (مىلادىي 627- يىلى) «ئىچكى موڭغۇلدىكى يەنمۇ تېغى (燕末山)، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى) باغرىدا ياشاۋاتقان سىر- تاردۇش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىنان 70 مىڭ تۈتۈننى باشلاپ غەربىي تۈركلەردىن ئايرىلىپ، تۇغلا دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچۈپ كېلىپ، توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرى بىلەن بىرلەشتى. بۇ ئىشقا غەزەپلەنگەن شەرقىي تۈركلەرنىڭ قاغانى ئىلىك (620- 630- يىللار) بار كۈچى بىلەن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىنى توققۇز ئوغۇز ۋە سىر- تاردۇش خەلقىدىن تارتىۋېلىشقا كىرىشتى» [60]. «يېڭى تاڭنامە» دە خاتىرىلىنىشىچە، شۇ يىلى (267- يىلى) شەرقىي تۈركلەرنىڭ قاغانى ئىلىك ئۆزىنى جىيەن ئوغلى يۇقۇق شادنىڭ باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، توققۇز ئوغۇزلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغاندا، بوسات 5000 ئەسكەرگە باشچىلىق قىلىپ مالىشەن تېغىدا يوقۇق شادنى ئومۇميۈزلۈك تارمار قىلىپ تەڭرىتېغىغىچە قوغلاپ، ئاز قوشۇن ئارقىلىق كۆپ قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك تارىخىي مۆجىزە ياراتقان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قېتىمقى غەلىبىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈرك خانلىقى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەيۋىسى ۋە كۈچ- قۇدرىتى پۈتۈن شىمالنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن [61]. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن «شۇ يىلى تاتابى، قىتان ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بېقىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا سوغدىلىرى ۋە بىر بۆلەك كۆكتۈرك پۇقرالىرىمۇ توققۇز ئوغۇزلار ۋە قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشۇپ، كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن» [62]. شۇنىڭ بىلەن چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالى پۈتۈنلەي دېگۈدەك توققۇز ئوغۇزلار ۋە سىر- تاردۇش قەبىلىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى. چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىلا شەرقىي تۈركلەرگە تەۋە بولدى. بۇ چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە سۈي سۇلالىسى ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تاڭ سۇلالىسى (618- 907- يىللار) قۇرۇلغانىدى. تاڭ سۇلالىسى موڭغۇل دالاسىدىكى ھاكىمىيەتلەرگە نىسبەتەن «يىراقتىكىلەر بىلەن دوست بولۇپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى توققۇز ئوغۇز، سىر- تاردۇش قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبىدىكى قوشنىسى شەرقىي تۈركلەرنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ئاخىر ئۈنۈملۈك غەلىبىگە ئېرىشتى. مىلادىيە 630- يىلى تاڭ سۇلالىسى جەنۇب تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار شىمالدىن شەرقىي تۈركلەرنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتتى. ئىلىك قاغان تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولدى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل دالاسىدا توققۇز ئوغۇزلار بىلەن سىر- تاردۇشلار بىردىنبىر قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قېلىپ، ئەسلىدىكى شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولدى. سىر- تاردۇشلارنىڭ ئاقساقىلى ئىنان ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، ئۇيغۇر- سىر- تاردۇش خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۆتۈكەن تېغىدا ئۆز بارگاھىنى تىكلىدى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركلەرنىڭ يوقىلىشى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇل دالاسىنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، شەرقتىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تاڭ سۇلالىسى، موڭغۇلىيە دالىسىدا ئۇيغۇر، سىر- تاردۇش خانلىقى، چىڭخەي، شىزاڭ رايونلىرىدا تىبەت خانلىقى تەڭلا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللەندى.

موڭغۇلىيە يايلىقىدا «ئۇيغۇرلار بىلەن بىر- تاردۇشلار ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلەر» بولۇپ قالغاندىن كېيىن، يەنە ئۇيغۇرلار بىلەن سىر- تاردۇشلارنىڭ موڭغۇل يايلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىش كۈرىشى كېلىپ چىقتى. بۇ كۈرەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سىر- تاردۇش خانلىقىنىڭ قاغانى ئىنان (630- 645- يىللار) نىڭ توققۇز ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز (ئون ئۇيغۇر) خەلقى بىلەن تۈرك خانلىقىغا قارىشى كۈرەشلەردە تۈزگەن ئىتتىپاقلىق ئەھدىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ئىدى. نەتىجىدە سىر- تاردۇش خانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت- توقۇنۇشلار كۈندىن- كۈنىگە كەسكىنلىشىپ باردى. ئەمما بوسات موڭغۇلىيە يايلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى كۈچلۈك دۆلەت تاڭ سۇلالىسىنىڭ قايسى تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، سىر- تاردۇشلارغا قارىشى يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، مىلادىيە 636- يىلى بوسات قاغان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ئوغلى تۇمىد تەختكە چىقتى. «تۇمىد ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىيون» بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كېيىنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭمۇ قۇرغۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دادىسى بوساتنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۇلۇغ ئېلتەبىر دەپ ئاتىدى. ئۇلۇش ئېلتەبىر تۇمىد دەۋرىدە ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىش ۋە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. ئەكسىچە سىر- تارتۇش خانلىقى مىلادىيە 641- يىلى (تاڭ سۇلالىسى جېنگۈئەن 15- يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە قارىشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. بولۇپمۇ مىلادىيە 642- يىلى سىر- تاردۇشلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى «قۇدىلىق ئەھدىنىڭ تاڭ تەيزۇڭ تەرىپىدىن بىكار قىلىنىشى، سىر- تارتۇش خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى»[63]. تاڭ سۇلالىسى شۇنىڭدىن كېيىن سىر- تاردۇش خانلىقىغا نىسبەتەن «سىر- تاردۇشلار بىلەن ھەر قايسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش» [64] تاكتىكىسىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى ئۆزىگە ئىتتىپاقچى قىلىپ تارتتى. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، سىر- تاردۇش خانلىقىنىڭ خانى ئىنان قاغان ئۆلۈپ، ئورنىغا ئوغلى دومى قاغان بولدى. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە خاتىرىلىنىشىچە، «دومى قاغان ئالدىراقسان، ھەسەتخور ۋە شەپقەتسىز ئادەم بولغاچقا، ئاتىسى مەزگىلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى ئىشقا قويغان.

بويسۇندۇرۇلمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرغىن قىلغان. بۇنىڭ خەلقى ئەنسىزچىلىككە چۈشۈپ قالغان» [65]. دېمەك، دومى قاغان دەۋرىدە سىر- تاردۇش خانلىقى ئىچكى- تاشقى جەھەتلەردە زور زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ملادىيە 646- يىلى دومى قاغان ئۆزىنى چاغلىماي تاڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىدىكى چېگرا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئېغىر مەغلۇپ بولدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى شىمالدىن سىر- تاردۇش خانلىقىنىڭ ئوردىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. تاڭ سۇلالىسىمۇ جەنۇبتىن ماسلىشىپ، سەددىچىن بويلىرىدىكى لياڭجۇ (谅州)، دەئۇجۇ (代州)، يىڭجۇ (营州) ئايماقلىرىدىن قوشۇن چىقىرىپ سىر- تاردۇش خانلىقى جەنۇب ۋە شىمالدىن قىلىنغان ھۇجۇملار جەريانىدا موڭغۇل چۆللۈكىنىڭ يۈنجوڭدىكى تۈركلەرنىڭ يېنىغا قېچىپ كەتتى. ئۇلۇغ ئېلتەبىر تۇمىد زور قوشۇن بىلەن يۈنجوڭ (云中) غا باستۇرۇپ بېرىپ، دومى قاغان ۋە ئۇنىڭ بارلىق جەمەتىنى قىرغىن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن موڭغۇل يايلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا مىلادىيە 630- يىلدىن 646- يىلغىچە مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن سىر- تاردۇش خانلىقى يوقالدى. ئۇنىڭ بارلىق زېمىنى ۋە پۇقرالىرىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىدى. ئېلتەبىر تومىس سىر- تاردۇش خانلىقىنى يوقىتىپ، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىدىكى موڭغۇل يايلىقىنى (ئاساسىي جەھەتتىن شىمالىي قىسمىنى) بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز «ئوردىسىنى تۇغلا دەرياسى بويىدىن ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدىكى قارا بالغاسۇن دېگەن جايغا كۆچۈردى» [66]. ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈركلەرنى دورام ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىنى تەسىس قىلدى [67]. مانا شۇنىڭ بىلەن شەرقىي ئۇيغۇرلار يېڭى بىر دەۋرىگە قەدەم قويدى.

ئىزاھات:

[1]。齐清顺:《维吾尔族》10页,新疆美术摄影出版社1996年。
[2][3] مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 151-،153-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل.

[4]。拉施特:《史集》第一集136页,商务印刷馆1983年。
[5] ئەبۇلغارى باھاردىرخان: «شەجەرەئى تۈرك»، «مىراس» زھۇرنىلى 1999-يىللىق 1-سان 33-بەت.

[6][7]。张星粮:《中西交通史料简篇》第一册44-55页,中华书局1977年

[8]。《魏书》130卷《列传》第九十一,2307页, 中华书局1974年。
[9]。安部健夫(日):《西回鹘国史的研究》第2页新疆人民出版社1995年。

[10]«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 56-،57-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1989-يىل.
[11]。欧阳修,宋祁:《新唐书》217卷上,《回鹘传》上,6124页,中华书局1975年

[12]《西域史论丛》第一辑2-3页,新疆人民出版社1985年。
[13] لىن گەن، گاۋزىخۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇرلارتارىخى»2-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل.

[14] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىقىچە تارىخى» 46-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1989-يىل.
[15][16][17][18][19]刘义堂:《维吾尔研究》19,27,29,57页,台湾正中书局印行。

[20]何键民:《匈奴民族考》43页,中华书局1940年。
[21]胡秋原:《丁零,突厥,回纥》9页(参看《维吾尔研究》20页)。
[22]刘义堂:《维吾尔研究》23页。

[23]《新疆历史论文续集》74页,新疆人民出版社1982年。
[24]穆广文:《维吾尔族起源和居地考》(载《中央民族学院学术论文集》第二册,1982年。

[25] 欧阳修,宋祁:《新唐书》217卷上,《回鹘传》上,6111页,中华书局1975年。

[26]冯家升等:《维吾尔族史料简编》第一册1页,民族出版社1958年。

[27]贺续宏:《西域论稿》90-91页 新疆人民出版社1996年。
[28]齐清顺:《维吾尔族》13页,新疆美术摄影出版社1996年。
[29]苏北海:《从车师到高昌回鹘》(载《西北史地》 1983年第1期)。

[30]谷包:《古代新疆的音乐舞蹈与古代社会》148页,新疆人民出版社1986年。

[31]《北史》98卷《高车传》,3270,3273页。
[32]《旧唐书》195卷《回纥传》,5195页,中华书局1975年。
[33]《新唐书》217卷《回鹘传》上,6111页,中华书局1975年。
[34]《隋书》84卷《铁勒传》,1879-1880页,中华书局1973年。
[35][37]杨圣敏:《回纥史》6,303页,吉林教育出版社1991年。
[36]冯家升等:《维吾尔族史料简编》第一册1页,民族出版社1958年。

[38] گۇباۋ:«يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىگە ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1985
- يىللىق 12- سان 10- بەت.

[39][42][56][62] 范文澜:《中国同史》第四册62-69页,人民出版社1978年。

[40]«خەننامە» ئۇيغۇرچە نەشرى 697-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىل.
[41][44] ليۇ جىشىياۋ: «ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» 1985-يىللىق 3-سان.

[43][59] ئابدۇقەييۇم خوجا قاتارلىقلار:«قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» 78-89-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983-يىل.

[45][51][52] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىقىچە تارىخى» 53-، 62-،68-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل.

[46] «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 157-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل.
[47][48][63] 段连勤:《丁零, 高车与铁勒》4,9,350,355,428页,上海人民出版社1998年。

[49][66][67] 《旧唐书》195卷《回纥传》,5195,5196页。
[50][55][58][61]《新唐书》217卷《回鹘传》上,6111,6112页。
[53][64] 杨圣敏:《回纥史》50,56,59,89页,吉林教育出版社1991年。

[54] 刘义堂:《维吾尔研究》94,98页,台湾正中书局。
[57] ئەھمەد سۇلايمان: «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ ئونۋىرسىتېتى ئىلمىي زھۇرنىلى» 1989-يىللىق 3-سان.
[60] ئەنۋەر بايتۇر: خەيرىنىسا سىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» 476-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991-يىل.

4- باب ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى

647- يىلى ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرۇشقا باشلىغان بىر يىل، تۇمىد بولسا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىيوندۇر.

فەن ۋېنلەن

1. پاراگراف ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مەسىلىسى توغرىسىدا نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئەھلىلىرى ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر «يېڭى تاڭنامە» 217-جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» قاتارلىقلاردىكى «ئېلتەبىر تۇمىدقا مەرىپەت قۇچقان ئۇلۇغ سانغۇن، قوشۇمچە دەشتى ماكان تۇتۇق بېگى دېگەن ئۇنۋان ھەدىيە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، بۇرۇنقى تۈركلەرگە ئوخشاش ئۆز ئالدىغا ئەمەلدارلىق تۈزۈمى تەسىس قىلدى، ئالتە نەپەر تاشقى ۋەزىر، ئۈچ نەپەر ئىچكى ۋەزىردىن باشقا، يەنە تۇتۇق، سانغۇن، ئەمىرلەشكەرلەر قاتارلىق مەنسەپلەرمۇ بىر ئىدى»[1] دېيىلگەن خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىيە 646-يىلى تۇمىد دەۋرىدە قۇرۇلغان، دەپ قارايدۇ. مەسىلەن، فەن ۋېنلەن ئەپەندى «947-يىلى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىيوندۇر»[22]، شېن يۈلياڭ ئەپەندى «بۇ ۋاقىتتا تۇمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈركلەرنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىگە تەقلىد قىلىپ ئەمەلدارلىق تۈزۈمى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىقتى»[3]، شاڭ يەنبىڭ ئەپەندى «مىلادىيە 646-يىلى تۇمىد ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ، دۆلەت قۇردى»[4]، چىن ۋېيشىڭ ئەپەندى «مىلادىيە 646-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى تۇمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، تۈركلەرنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈملىرىنى دوراپ بىر يۈرۈش مۇكەممەل ئەمەلدارلىق سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى، بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر، تۇمىد خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر»[5]دەپ ھېسابلايدۇ.
ئىككىنچى خىل قاراشتىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 744-يىلى كۆل بويلا ئۆزىنى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان دەپ جاكارلىغان ھەمدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلىپ قاغان دەپ ئاتالغاندا قۇرۇلغان، بۇنى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھەقىقىي قۇرۇلغان ۋاقتى دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى تۇمىد بىلەن كۆل بويلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىككى تارىخى باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن پەرق بار[6]، دەپ قارايدۇ بۇ خىل قاراشتىكىلەرگە فىڭ جياشىڭ ئەپەندى قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قاراش مەۋجۇد. رۇس تۈركولوگى س. گ. كىلياشتورنى ئۆز ئەسىرىدە «توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشلىقى ئېلتەبىر تۇمىد 647- يىللىرى ئەتراپىدا شىمالىي موڭغۇلىيىدىكى تۇغلا دەرياسى بويىدا دۆلىتىنى تەشكىللىگەن… تاڭ سۇلالىسى يېڭى تەشكىل قىلىنغان بۇ خانلىقنى ئېتىراپ قىلمىغان. 660- 663- يىللىرىدا ئارىلىقىدا، تاڭ سۇلالىسى توققۇز ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ غەلىبە قازىنالمىغان. ئاخىر بۇ ماجىرا تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل بولغان» [7] دەپ يازسا، فرانسىيىلىك تۈركولوگ ر. ج. خامىلتون ئۆز ئەسىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئىزىدا قۇرۇپ چىققان يېڭى خانلىقى «موڭغۇلىيە رايونىدا 745- يىلىدىن تاكى 840- يىلىغىچە مەۋجۇد بولۇپ كەلدى. 840- يىلىغا كەلگەندە قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى» [8] دەپ يېزىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاققتى كۆل بويلا دەۋرى دەپ ھېسابلايدۇ.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاساسىي جەھەتتىن بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى يېزىلغان تارىخىي ھۆججەتلەردىكى كەمتۈكلەردىن ۋە ئېنىقسىزلىقلاردىن كېلىپ چىققان. شۇڭلاشقا، جۇڭگو تارىخىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەرنى ھەم ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، ئورنى ۋە رولى قاتارلىقلارنى ئوبېيكتىپ تونۇش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە چوقۇم تارىخىي ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەرنى ئەينى دەۋرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى ۋەئوبېيكتىپ قانۇنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ھۆكۈم قىلىش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قەلىمى ئارقىلىق دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدىكى خاتىرىلەنگەن خاتىرىلەرنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئىزچىل ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتكەن، ئۆز- ئارا سودا، قۇدىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇق داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن. كېيىن كېيىنكى سۇلالىلەر دەۋرىدە تولۇقلاپ تۈزىتىلگەن. پۈتۈلگەن خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەر بىلەن ئۆز- ئارا سېلىشتۇرۇپ قاراش زۆرۈر.

761- 762- يىلى ئورنىتىلغان «تەس مەڭگۈ تېشى» نۆۋەتتىكى ئورخۇن- يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرى ئىچىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئابىدە بولۇپ، ئۇنىڭ شىمالىي تەرەپ يۈزى 7- قۇردىن 12- قۇرغىچە بولغان مەزمۇنىدا: «… ئۆتكەن زامانلاردا يارالغان (ياكى بارلىققا كەلگەن) … ئۇيغۇر قاغانلىرى تەختتە ئولتۇردى. (ئۇلار) دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ قاغانلار (ئىدى). … ئۇلار تەختتە ئولتۇردى. ئۈچ يۈز يىلغىچە كۆپلەپ (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى: مىڭلاپ) ئۆز ئەللىرىنى باشقۇردى. كېيىن ئۇلارنىڭ خەلقى بەربات بولدى. (ئۇلارنىڭ خەلقى؟) بۇزۇق باشلىقلارنىڭ (يامان يولغا باشلىشى بىلەن) يۈز ئۆرۈپ بەربات بولدى. بولمىغۇر كۆلنىڭ ۋە ئىككى مۆتىۋەرنىڭ (قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن) بەربات بولدى… بەدەل بەرسىل ۋە قادىر قاسار شۇ ۋاقىتتا قۇربان بولدى. شۇ خەلقىم ئۆز- ئارا كۆپ جاڭجاللاشتى… ئۆتكەن ۋاقىتلاردا (ئۇلار) تابغاچلارغا قارىشى تۇرۇپ مەغلۇپ بولغانىدى. ئۇيغۇر قاغان ئون يىل تەختتە ئولتۇردى. (ئاندىن) ئۇيغۇر قاغانى تەختتە ئولتۇردى» [9] دېيىلگەن. پۈتۈكنىڭ بۇ قىسمىدا زىكىر قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر خانلىقى ئالمىشىپ سەكسەن يىل (11- قۇردا) مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خانلىقمۇ يىمىرىلگەن. يېڭى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پەيدا بولۇشى كۆل بەگ بىلگە قاغان (18- قۇردا) ۋە ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (12- قۇردا) ئىسىملىرىغا باغلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەلۇماتلار يەنە 753- يىللىرى ئەتراپىدا تىكلەنگەن «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تەرەپ يۈزى 16- قۇردىن 20- قۇرغىچە بولغان مەزمۇندا: «… يولغ قاغان… بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەختتە ئولتۇردى. ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى. (17- قۇر) … ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى… ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاشتى ۋە ھالاك بولدى. قادىر قاسار ۋە بەدىل بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز (18- قۇر) … مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان. ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى دەريا (سېلىنگا، تۇغلا؟) ئارىسىدا، ئورخۇن دەرياسىدا (19- قۇر) … يىل تەختتە ئولتۇرغان … يىل ئۆتتى. ئاتامنى يۇقىرىدا كۆك تەڭرى، تۆۋەندە قوڭۇر يەر، يەنە (20- قۇر) مېنىڭ بەلگىلىدى. مەن 28- يېشىمدا، يىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پاراكەندە قىلدىم» [10] دېيىلگەن. بۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ قەدىمكى تارىخى ھەققىدە سۆزلىنىپ (13-، 19- يىللار)، «ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇرغان» ئۈچ قاغان تىلغا ئېلىنغان (16- قۇر). ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىسمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار يولغ قاغان ۋە بومىن قاغان(ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىن قارىغاندىمۇ تۈركلەرنىڭ تۇنجى قاغانى بومىن ئىدى) دۇر. كېيىن بىرىنچى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ مەلۇم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقى ئالماشقان. بۇ قاغانلىقنىڭ قاغانلىرىنى «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» نىڭ ئاپتورى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان «مېنىڭ ئەجدادلىرىم» (18- قۇر) دەپ ئاتىغان. بۇ خانلىق سەكسەن يىل ھۆكۈم سۈرگەن. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا ئېيتىلىشىچە، ئۈچىنچى ئۇيغۇر خانلىقى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ كۈچى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ ئىككىلا مەڭگۈ تاشتا ئاساسلىق تىلغا ئېلىنغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 747- يىلىدىن 759- يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان قاغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە مويۇنچۇر قاغان (磨延啜) دەپ ئاتىلىدۇ. «تەس مەڭگۈ تېشى» ئورنىتىلغان 761- 762- يىللىرى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا بۆگۈ قاغان (759- يىلدىن 780- يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئەمدىلا تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل بولۇپ، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،«تەش مەڭگۈ تېشى» بۆگۈ قاغان تەرىپىدىن ئۇنىڭ دادىسى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغاننىڭ تۆھپىسىگە ئاتاپ ئورنىتىلغان. دېمەك، بۇ ئىككى مەڭگۈ تاشتىكى «ئەجداد تارىخى» نى بۆگۈ قاغان دەۋرىنى ئۆلچەم قىلىپ ئالدىغا سۈرسەك، بىرىنچى ئۇيغۇر خانلىقىغا مىلادىيە 478- يىلىدىن 541- يىلىغىچە مەۋجۇد بولغان قانقىللار تەرىپىدىن قۇرۇلغان قانقىل خانلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىيە 605- يىلى بۆگۈت (بارغۇت)، تۇڭرا، پۇۋرغۇر، بايىرقۇ قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ، تۈركلەرگە قارىسى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۆزلىرىنى «ئېركىن» ئاتىغان ھەم مىللەت نامىنى «ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغىنىدىن مىلادىيە 685- يىلى كېيىنكى تۈرك خانلىقى شىمالىي يايلاقنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئۇيغۇرلاردىن تارتىۋالغۇچە بولغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ. كونا، يېڭى تاڭنامىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيە 605- يىلىدىن باشلاپ بىر قىسى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئورخۇن، تۇغلا دەرياسى بويلىرىدا توققۇز ئوغۇز – ئون ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پائالىيەت قىلغان. بۇ كېيىن ئورخۇن خانلىقىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. مەسىلەن، «كونا تاڭنامە» دە:«چېنگۈئەن يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركلەرنىڭ ئىلىك قاغانى قاتارلىقلار يوقىتىلغاندىن كېيىن، شىمالدا بوسات بىلەن سىر- تاردۇشلار ھەممىدىن بەك كۈچلىنىپ كەتتى. پادىشاھ تەيزۇڭ شىمالي تۈركلەردىن باغاچۇرغا قاغان دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، ئۇيغۇر، بارغۇت (بۆگۈ)، تۇڭرا، ئىزگىل، ئاتئىز قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى تۇمىد باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ سىر- تاردۇشلارنىڭ دومى قاغانىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ۋە قالدۇق پۇقرالىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. جېنگۈئەننىڭ 20- يىلى جەنۇبتا خېلەنشەن تېغىدىن ئۆتۈپ خاڭخې بويلىرىغا كېلىپ، ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا- سالام كىرگۈزۈپ، سىر- تاردۇشلارنى يوقاتقانلىق تۆھپىسىنى مەلۇم قىلدى. پادىشاھ ئوردىدا زىياپەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ سوۋغا- سالام ۋە ئىززەت- ئىكرامىنى قوبۇل قىلدى. تەيزۇڭ ئالتە مەھكىمە، يەتتە ئايماق تەسىس قىلىنىپ، مەھكىمىلەرگە تۇتۇق بېگى، ئايماقلارغا ئايماق بېگى قويدى ۋە يەنە مەھكىمە، ئايماقلاردا دورغاپ، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى. ئۇيغۇر قەبىلىسى يېرىدە دەشتى ماكان تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئېلتەبىر تۇمىدقا مەرىپەت قۇچقان ئۇلۇغ سانغۇن، قوشۇمچە دەشتى ماكان تۇتۇق بېگى دېگەن ئۇنۋانلار ھەدىيە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تۇمىد ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، بۇرۇنقى تۈركلەرگە ئوخشاش ئۆز ئالدىغا ئەمەلدارلىق تۈزۈمى تەسىس قىلىۋالدى» [11] دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە» 217- جىلد «ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: تۈركلەر يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن سىر- تاردۇشلار ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلەردىن بولۇپ قالدى. بوسات ئۆلگەندىن كېيىن، ئېلتەبىر تۇمىد تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ سىر – تاردۇشلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ يەر- زېمىنىنى قوشۇۋالدى. خېلەنشەن تېغىدىن ئۆتۈپ دەريا بويىغا كېلىپ، ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا- سالام كىرگۈزدى. تەيزۇڭ ئۆزى بىۋاسىتە لىڭ ۋۇغا، ئاندىن جىڭ ياڭغا بېرىپ ئۇلارنى قوبۇل قىلدى. تېلى قەبىلىلىرىنىڭ 11 قەبىلىسى ئەلچى كىرگۈزۈپ، ‹سىر- تاردۇشلار بۈيۈك دۆلەتكە ئىتائەت قىلماي ئۆز- ئۆزىنى ھالاك قىلدى، ئۇنىڭ پۇقرالىرى تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى. ھازىر ھەر قايسىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ زېمىنلىرى بار. تەڭرىقۇتقا (تەيزۇڭنى دېمەكچى) ئىتائەت قىلىشنى راۋا كۆردۇق. تەڭرىقۇتنىڭ تاڭ ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز› دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر قەبىلىسى يېرىدە دەشتى ماكان تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، تۇمىدقا مەرىپەت قۇچقان ئۇلۇغ سانغۇن، قوشۇمچە دەشتى ماكان تۇتۇق بېگى دەپ ئۇنۋان بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، بۇرۇنقى تۈركلەرنى دوراپ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەسىس قىلىپ، ئىچكى ۋەزىردىن ئالتە، تاشقى ۋەزىردىن ئۈچى بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇتۇق بەگ، سانغۇن، ئەمىرلەشكەر قاتارلىق ئەمەل- مەنسەپلەرمۇ بار ئىدى» [12] دېيىلگەن. «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» نىڭ «سۈي خاتىرىلىرى» قىسمىدا بولسا، مىلادىيە 600- يىلى تۈركلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، تۇران قاغان (都兰) ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، تاردۇش قاغان (达头) تەختكە چىققانلىقى، سۈي سۇلالىسىنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاردۇش قاغانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئاخىر غەربىي يۇرتتىكى تۇيۇقۇنلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركلەرنىڭ پۈتۈنلەي مالىمانچىلىققا چۈشۈپ قالغانلىقى، تېلى قەبىلىلىرىنىڭمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركلەرگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، چۇلۇق قاغاننى (外罗) مەغلۇپ قىلغانلىقى ھەم چۆبە قالىنى ئېل ئېتمىش باغا قاغان دەپ ئاتاپ بۇغدا تېغىدا بارگاھ قۇرغانلىقى، سىر- تاردۇشلاردىن ئىشبارانى كىچى ئېل قاغان دەپ ئاتاپ ئالتاي تېغىدا بارگاھ قۇرغانلىقى، بۇ چۆبە- سىر- تاردۇش خانلىقىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ جۇڭغار ئورمانلىقى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىدىن غەربىي تۈركلەرنىڭ كۈچىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىدىقۇت، كىنگىت، ئېۋىرغول قاتارلىق بەگلىكلەرنى بويسۇندۇرغانلىقى خاتىرىلەنگەن [13]. بۇنى دۈئەن ليەنچىن ئەپەندى «شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى قانقىل خانلىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان چۆبە- سىر- تاردۇش خانلىقى قۇرۇلدى» [14] دېسە، ياك شېڭمىن ئەپەندى «ئۇلار ئەمەلىيەتتە بىر زامانلاردىكى قانقىللار ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئون نەچچە يىلغىچە مۇستەقىل ياشىدى» [15] دەيدۇ. يەنە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە، 646- يىلى 11- ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلتەبىر تۇمىدنىڭ بارغۇت (بۆگۈ)، دولانغۇت (تۆلەنگۈت)، بايىرقۇ، تۇڭرا، ئىزگىل، قۇن (ھون)، قۇشۇ، قۇمۇق، ئاتېئىز (ئادىز)، چۆب (قىبئار، بولشار قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئوردىغا (يەنى تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەنگە) كەلگەنلىكى، 647- يىلى تاڭ سۇلالىسىئىڭ ئۇيغۇر، بارغۇت، دولانغۇت، بايىرقۇ، تۇڭرا، ئىزگىل قاتارلىق ئالتە چوڭ قەبىلىدە مەھكىمە، قۇن، قۇشۇ، قۇمۇق، ئاتېئىز، چۆبە، ئىگىللارنىڭ باشقا قەبىلىسى، بولشار قاتارلىق يەتتە كىچىك قەبىلىنىڭ يېرىدە ئايماق تەسىس قىلغانلىقى، قەبىلە ئاقساقاللىرىنى تۇتۇق بەگ ۋە ئايماق بەگلىككە تەيىنلىگەنلىكى، ئۇلارغا ئالتۇن- كۈمۈش، تاۋار- دۇردۇن، كىمخاپ تونلارنى ئىنئام قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى بىلەن تۈركلەرنىڭ شىمالىدا تەڭرى قاغان يولى دەيدىغان بىر يولنى ياساپ، يول بويىدا 68 جايدا ئۆتەڭ- راباتلارنىڭ سېلىنغانلىقى، ئۆتكەن- كەچكەن ئەلچىلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇ ئۆتەڭ- راباتلاردا ئات- ئۇلاغ، گۆش ۋە ھاراقلارنىڭ تەييارلانغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي دەشتنىڭ تىنچلانغانلىقى، بىراق ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇمىدنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، بۇرۇنقى تۈركلەرنى دوراپ ئەمەلدارلىق تۈزۈمى تەسىس قىلغانلىقى [16] خاتىرىلەنگەن. يۇقىرىقى تارىخىي ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلساق، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن:

(1) تارىخىي ھۆججەتلەردە قانقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى دەپ خاتىرىلىنىشتىن سىرت، يەنە ئۇيغۇرلار ئۆز قولى ئارقىلىق يازغان تارىخىي شەجەرىلىرىدىمۇ قانقىللارنى ئۆزلىرىنىڭ يىراق ئەجدادى دەپ تونۇغان ھەم كېيىن قۇرغان ئورخۇن خانلىقىنى ئەنە شۇ يىلى 5- ئەسىردە قۇرۇلغان قانقىل خانلىقىنىڭ داۋامى دەپ قارىغان.

(2) سۈي سۇلالىسىنىڭ دايې يىلى (605- يىلى) شەرقىي ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش دەۋرى بولۇپ، يۇقىرىدىكى ھۆججەتلەردە ئاساسەن دېگۈدەك مۇشۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تۈرك خانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارىشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئېلىش يولىدا توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى، ھەتتا ئەسلىدە ھەر خىل نامدا ئاتالغان قەبىلىلەرنىڭ (شەرقىي تېلى قەبلىلىرىنىڭ) ئۇيۇشۇپ، «ئۇيغۇر» دېگەن ئورتاق نامنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى، بىر قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىكى قانقىل خانلىقىنى قايتا قۇرۇش يولىدا ئىزچىل كۈرەش قىلغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

(3) 646- يىلى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم بىر يىل بولۇپ، ئېلتەبىر تۇمىد خۇددى گەن ۋېنلەن ئەپەندى ئېيتقاندەك «ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەشھۇر سىياسىيوندۇر»، «630- يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، موڭغۇلىيە ۋادىسىدا سىر- تاردۇشلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقچىلىقىدىكى سىر- تاردۇش خانلىقى قۇرۇلغان. 646- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبتىن، ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تېلى قەبىلىلىرىنىڭ شىمالىي ۋە غەربتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن سىر- تاردۇش خانلىقى يوقالغاندىن كېيىن، 617- يىلى تاڭ سۇلالىسى شىمالىي يايلاق رايونىدا ئالتە مەھكىمە، يەتتە ئايماق تەسىس قىلىپ ۋە تەڭرى قاغان يولىنى ياساپ، ھەر قايسى تېلى قەبىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتمەي، ئۇلارغا ئالۋان- ياساق سالماي، قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرىنى مەھكىمە، ئايماقلارنىڭ تۇتۇق بەگ، ئايماق بەگلىكىگە تەيىنلەپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىغا يول قويغان». بىراق، 647- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ چۆپ قوشۇنى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىن چېكىنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنرەن قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىمۇ قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى تەڭرىقۇت قەلئەسىگە (بۈگۈنكى كۆكخۇت شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى) كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى تۇمىد پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان ھەمدە شەرق ۋە غەربنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئوڭ ۋە سول قول شادالارنى تەسىس قىلىپ، تۈرك خانلىقىنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىگە ئوخشايدىغان تۈزۈملەرنى تەسىس قىلىپ، قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەرگە ھاكىمبەگلىك قىلغان».

(4) تۇمىدنىڭ 646- يىلى ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىشىنى 744- يىلى كۆل بويلارنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى رەسمىي قۇرۇشى بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. تۇمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ تۈركلەرنى دوراپ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى تەسىس قىلىشنى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن قۇملۇقنىڭ شىمالىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالىشىشى ياكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خانلىق قۇرۇپ چىقىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلەش دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن تۇمىدنىڭ شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر ئىتتىپاق تەركىبىگە ئۇيۇشتۇرغانلىقى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ شۇنىڭدىن باشلاپ قۇملۇقنىڭ شىمالىدا ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچلەردىن بولۇپ قالغانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى ئەنە شۇ تۇمىدنىڭ سالغانلىقىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

(5) تۇمىدنىڭ ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ، مۇستەقىل خانلىق قۇرۇپ چىقىشى ئەمەلىيەتتە تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى ھۆكۈمرانلىقى بىلەن قارىمۇ قارىشى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى ئەلۋەتتە تۇمىدنىڭ خانلىق قۇرۇشىغا قوشۇلمايتتى. بىراق تاڭ تەيزۇڭ ئىناقلىقنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن ياخشىلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا يېنىكلىك بىلەن ھەربىر كۈچ ئىشلەتمەي، بەلكى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇلارنىڭ يېرىم مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. «تۇمىدمۇ ھونلار، تۈركلەر ۋە سىر- تاردۇشلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىناقلىقنىڭ ئۇرۇشۇشتىن ياخشىلىقىنى بىلگەچكە، قۇملۇقنىڭ شىمالىدا ئىلگىرى باش كۆتۈرگەن ھەر قانداق كۈچلۈك خانلىقلارغا ئوخشىمىغان ھالدا باشتىن- ئاخىر تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن» [17]. بۇنداق مۇناسىۋەت 648- يىلى تۇمىد ئۆز جىيەنى ئوغرى (ئۇيغۇر) ۋە تۈركلەرنىڭ چۆبە قاغانىنىڭ كۈيئوغلى كۈلۈگ باغا قاغان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تېخىمۇ مۇئەييەنلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن قۇملۇقنىڭ شىمالىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنى تىكلەنگەن. ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەۋەلىكى ئاستىدىكى يېرىم مۇستەقىللىق ئورنى داۋاملىق ساقلانغان.

3- باب. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى

ئۇيغۇر خانلىقى-ئۇرۇق قەبىلە مۇناسىۋىتى قالدۇقلىرىنى كۈچلۈك ساقلاپ كەلگەن فېئوداللىق دۆلەت ئىدى.

-تىخونوۋ

1. پاراگراف خانلىق نامى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى مەيلى دۆلەت سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ياكى دۆلىتىمىز ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسۇن، ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە نام بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىدىن كولىن ماككارېسنىڭ ئەسىرىدە «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى» [1] دەپ ئاتالغان. تېنى گىرۇسىتىنىڭ «يايلاق ئىمپېرىيىسى» دېگەن ئەسىرىدە «ئۇيغۇر تۈرك ئىمپېرىيىسى» ياكى «ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى»[2] دەپ ئاتالغان. كىلياشتورنىنىڭ ئەسىرىدە «ئۇيغۇر قاغانلىقى»، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى» ۋە «ئۇيغۇر ئېلى» [3] دەپ ئاتالغان. بېرنىشتام «ئۇيغۇر سۇلالىسى» [4] دەپ ئاتىغان. تىخونوۋنىڭ ئەسىرىدە «ئۇيغۇر ئېلى» ياكى «ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان، ئەنبوجيەنفۇ ئۆز ئەسىرىدە «شەرقىي تۈرك ئېلى» ياكى «شەرقىي ئۇيغۇرىيە»، بەزىدە «ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى» [5] دەپمۇ ئاتىغان. ئېلىمىز تەتقىقاتچىلىرىدىن فېڭ جياشىڭ قاتارلىقلار «ئۇيغۇر خانلىقى» [6]، شاڭ يەنبىڭ «شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇر خانلىقى» [7]، شۆ زۇڭجىڭ «شىمالىي ئۇيغۇر خانلىقى»،«ياغلاقار سۇلالىسى» (795- يىلدىن ئىلگىرىكىسىنى(ياكى «ئاتئىئېز سۇلالىسى» [8]، فەن ۋېنلەن «ئۇيغۇر ئېلى» ياكى «ئۇيغۇر خانلىقى» دەپ ئاتىغان. بىر قىسىم ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئەسەرلىرىدە يەنە «ئورخۇن خانلىقى» ياكى «ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى» دەپمۇ ئاتىغان. بۇنداق ئوخشاش بىر خانلىقنىڭ ھەر قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىشى گەرچە ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا تەتقىقاتچىلارغا ئانچە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمىسىمۇ، بىراق بىر خانلىق نامىنىڭ كۆپ خىل ئاتىلىشى كىشىلەرگە نىسبەتەن چۈشىنىكسىزلىك، ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا خانلىق نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئاتاش ۋە شۇ بويىچە ئىشلىتىش ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىدۇر. ئۇنداق بولسا قايسى نامنى قوللىنىش بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن خانلىقنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە قالدۇرغان خاتىرىلىرىگە ۋە ئەينى دەۋرىدە ئۇلار بىلەن قوشنا ۋە دەۋرداش بولۇپ ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخنامىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
نۆۋەتتە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «مويۇنچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى»، «تېرخىن مەڭگۈ تېشى»، «تەس مەڭگۈ تېشى» دىكى خاتىرىلەردىن بۇ خانلىقنىڭ تولۇق نامىنى ئۇچراتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يىپ ئۇچىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» دا: «تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان … تولىس … ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدىكەن. سۈيى سېلىنگا دەرياسى ئىكەن. ئۇ يەردە ئېلى … ئەركىن ياشايدىكەن…» [10] دېگەن خاتىرىلەر بار.«تەس مەڭگۈ تېشى؛ دا «تەڭرىدىن يارالغان ئەل ئەتمىش قاغانىم تەختتە ئولتۇردى، ئەلنى سورىدى» دېگەن خاتىرىلەر بار. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا: «يۇقىرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرۇشى، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمىزنى قۇردۇم»، «… مېنىڭ ئەجدادىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان، ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى دەريا (سېلىنگا، تۇغلا؟) ئارىسىدا، ئورخۇن دەرياسىدا … يىل تەختتە ئولتۇرغان… يىل ئۆتتى. ئاتامنى يۇقىرىدا كۆك تەڭرى، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە … مېنى بەلگىلىدى. مەن 28 يېشىمدا، يىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پاراكەندە قىلدىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم، ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم» [11] دېگەن خاتىرىلەر بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى «ئەل» دەپ، مەملكىتىم، دۆلىتىم دېگەننى «ئېلىم» دەپ ئاتىغان. تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدىن «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دىمۇ: «… ئاتا- بوۋام بۇمىن قاغان، ئىستەمى قاغان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن- تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ» [12] دېگەن خاتىرىلەرمۇ بار. «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» دا: «توققۇز ئوغۇزلار مېنىڭ خەلقىم ئىدى. جاھان قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ۋە ئىچىدە ئاداۋەت ساقلاپ كالگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن بولدى. بىر يىل ئىچىدە تۆت قېتىم سوقۇشتۇم… ئاغۇ دېگەن يەردە ئىككى قېتىم چوڭ ئۇرۇش قىلدىم. قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدىم، ئېلىنى ئالدىم» [13] دېگەن خاتىرىلەر بار. بۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ، ئەينى دەۋرىدىكى تۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ياكى خانلىقلىرىنىڭ نامىنى ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ياكى خانلىقلىرىنىڭ نامىنى ئۆز دەۋرىنىڭ تىلى بويىچە «تۈرك ئېلى»، «ئۇيغۇر ئېلى» دەپ ئاتىغانلىقى ئېنىق. بىزگە مەلۇمكى، «ئەل قەدىمكى تۈركىي تىل بولۇپ، «دۆلەت»، «قەبىلە توپى»، «قەبىلە ئىتتىپاقى»،«مىللەت»، «ئامما»، «خەلق»، «خەلق ئاممىسى» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. ئۇ «ئەتمىش» دېگەن پېل بىلەن ئۇلىنىپ «ئەل ئەتمىش» بولۇپ كەلسە، مەنىسى «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش» ياكى «دۆلەتنى (مەمىلكەتنى) باشقۇرۇش» [14] دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۈ تاشلاردىن يەنە «توققۇز قاغان مەڭگۈ تېشى» دا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانلىرى «توققۇز ئۇيغۇر قاغانى» دېيىلگەن. جۈملىدىن خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى «قاغان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئەرەبچە ۋە پارسچە تارىخىي ھۆججەتلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى كۆپىنچە «توققۇز ئوغۇز ئېلى» ياكى «ئوغۇز مەملىكىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ئەرەبچە، پارسچە تارىخىي ھۆججەتلەردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە «تاۋارىخى ياقۇبى» (雅忽比厉史) دېگەن ئەسەردە ئۇچرايدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ھىجرىيە 164- يىلىدىكى (يەنى مىلادىيە 780- 781- يىللىرى) بايانىدا: «قارلۇقلار پادىشاھى يابغۇ دەپ ئاتىلىدۇ … تۈركلەرنىڭ پادىشاھى تارقان دەپ ئاتىلىدۇ … جۇڭگونىڭ پادىشاھى پەغپۇر دەپ ئاتىلىدۇ … توقۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھى قاغان دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن. مىنورىسكى بۇ توققۇز ئوغۇزلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ [15]. ئەرەب ئاپتورى تەبەرىنىڭ «پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى»(先知与君主史) دېگەن ئەسىرىنىڭ ھىجرىيە 205- يىلىدىكى (يەنە مىلادىيە 820-821 يىللىرى) بايانىدىمۇ توققۇز ئوغۇزلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. يەنە ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىقىنىڭ پېشۋاسى دەپ تەرىپلىنىدىغان مۇھەممەد خارەزمى ئۆزىنىڭ «زېمىن خەرىتىسى» (天地之图) دېگەن ئەسىرىدە ئەرەب ۋە پارس دۇنياسىدا توققۇز ئوغۇز دەپ ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتىن كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ مەزكۇر كىتابىدا «1599 نو سىكىفلار رايونى، يەنى تۈركلەر زېمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 05。154 دىن شىمالىي كەڭلىك 30。57 گىچە توغرا كېلىدۇ. 1600 نو سىكىفلار رايونى، يەنى توققۇز ئوغۇزلار زېمىنى بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى شەرقى ئۇزۇنلۇقى 05。148 دىن شىمالىي كەڭلىك 30。39 گە توغرا كېلىدۇ»[16] دەپ كۆرسەتكەن. تەتقىقاتچىلار مۇھەممەد خارەزمىنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭدىكى توققۇز ئوغۇزلار زېمىنى دەل شىمالىي قۇملۇقنىڭ مەركىزىي رايونلىرى بولۇپ، ئۇ يەردىكى توققۇز ئوغۇزلار دەل شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇرلىرىنى، يەنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەينى دەۋلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ساياھەت قىلىپ كەلگەن ئەرەب جۇغراپىيشۇناسى ئىبنى خۇردادبىھنىڭ «يوللار ۋە ئەللەر تەزكىرىسى»دېگەن ئەسىرىدىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى «توققۇز ئوغۇز ئېلى» دەپ ئاتالغان. فرانسىيىلىك جامېس خامىلتون ئۆزىنىڭ «توققۇز ئوغۇز ۋە ئون ئۇيغۇر ھەققىدە مۇھاكىمە» [17] دېگەن ئەسىرىدە «توققۇز ئوغۇز دېگەن نام خەنزۇ تىلىدا (九姓) دەپ ئاتالغان. توققۇز ئوغۇز قەبىلە ئىتتىپاقى ئوخشاش بىر ئۇلۇسقا تەۋە كۆپلىگەن قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان، 6- 8- ئەسىرلەر ئارىلىقىدا، يەنى سۈي سۇلالىسى ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنزۇلار ئۇلارنى特勒، ياكى铁勒 دەپ ئاتىغان»، «ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي خاتىرىلەردىن باشلاپ، توققۇز ئوغۇز ئىتتىپاقى تۆۋەندىكى تېلى قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: ئۇيغۇر، بۆگۈ (ياكى بارغۇت)، ھون (ياكى قۇن)، بايىرقۇ، تۇڭرا، سىقىر (ياكى سىقار)، چۆبە، ئادىز (ئاتېئىز)، ھەر قايسى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ باشقا تۆت-بەش قەبىلە بۇ ئىتتىپاققا تەۋە بولمىغان، خۇددى پۇلي بىلەڭك ( پۇلليبلانك) ئەپەندىم كۆرسەتكەندەك، نەچچە يىللار جەريانىدا بۇ ئىتتپاقنىڭ تەركىبىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولسىمۇ، بىراق باشتىن- ئاخىر توققۇز ئوغۇز (توققۇز قەبىلە) ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى ساقلاپ كەلگەن» دېيىش ئارقىلىق، توققۇز ئوغۇزنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى«九姓» غا باغلىغان ھەم ئۇلارنىڭ تارىخىنى 7- ئەسىرنىڭ دەسلىپىگىچە، يەنى تېكىن ئېركىندىن تۇمىد دەۋرىگىچە سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شىمالىي چۆللۈك ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك تەكىتلىگەن. ئېلىمىز تەتقىقاتچىسى خۇئاتاۋ ئەپەندىمۇ 9- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇرۇنقى دەۋرىلەرگە مەنسۇپ بولغان ئەرەب- پارس تارىخىي ماتېرىياللاردىكى توققۇز ئوغۇزلارغا دائىر مەلۇماتلارنى كۈچلۈك دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىپ، توققۇ ئوغۇز دېيىلگەنلەرنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنى، ئېنىقراقى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. خامىلتون «بەش دەۋر مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللار» دېگەن ئەسىرىدە يەنە: «توققۇز ئوغۇزلار تۈركچە مەڭگۈ تاشلاردىكى توققۇز ئوغۇزلار (九姓乌古斯) دۇر، بۇ مىللەت جۈملىدىن ئوتتۇرا ئەسىر ئىسلام ھۆججەتلىرىدە تىلغان ئېلىنغان بۇ توققۇز ئوغۇز (يەنى توققۇز ئوغۇزلار) تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىقلىرىدا بىر مەزگىل ئاجايىپ شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان، توققۇز ئوغۇز دېگەنلەرنىڭ زېمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىغا توغرا كېلىدۇ» [18] دەپ، توققۇز ئوغۇز دېگەنلەرنىڭ ئىسلام ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان توققۇز غۇز ياكى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، 8-، 9- ئەسىرلەردە ئەرەب- پارس ئاپتورلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى «توققۇز ئوغۇز ئېلى» ياكى «توققۇز ئوغۇز مەملىكىتى» ۋە ياكى «توققۇز ئوغۇز خانلىقى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ كەلگەن.

ئېلىمىزنىڭ سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى تارىخىغا دائىر خەنزۇچە كلاسسىك تارىخىي ماتېرىياللاردا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى كۆپرەك «توققۇز ئۇيغۇر ئېلى» ياكى «توققۇز ئوغۇز ئۇيغۇر ئېلى» دېگەن ناملار بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلگەن بۇ ھەقتە بەش دەۋر مەزگىلىدىكى كېيىنكى جىن پادىشاھلىقىدا تۈزۈلگەن (941-954-يىللىرى) «كونا تاڭنامە» دە تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر بار:

«شاڭيۈئەن تۇنجى يىلى (760 -يىلى) توققۇز ئۇيغۇر قاغانى ( سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇر توققۇز ئۇيغۇر قاغانى) ۋەزىر جۈلۇمۇ تارقان (俱陆莫达干) باشچىلىقىدا مەكتۇپ بىلەن ئەلچىلەرنى ئوردىغا سالامغا ئەۋەتتى.»[19]
«جېگۈئەن 6-يىلى (مىلادىيە 790-يىلى) قىش 11-ئايدا ئۇيغۇرلار دابېيلى بۇيرۇق سانغۇننى (达北勒梅录将军) ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ، توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈلۈگ بىلگە ساداقەتمەن قاغاننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.» [20]

«جېنيۈئەن 11-يىلى (يەنى 795-يىلى)2-ئايدا توققۇز ئۇيغۇر قۇتلۇق بىلگە ساداقەتمەن قاغانى ۋاپات بولدى.» [21]

«يۈئەنخې 3- يىلى (يەنى 795- يىلى) 2- ئايدا توققۇز ئۇيغۇر قاغانىغا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە دىيانەتلىك قاغان دېگەن نام ھەدىيە قىلىنىدۇ.» [22]

«چاڭچىڭ تۇنجى يىلى (يەنى 821- يىلى) 4- ئايدا توققۇز ئۇيغۇرلارغا ئەلچى ئەۋەتىلىپ، تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالىپ كۈچلۈك بىلگە قاغان دېگەن نام ھەدىيە قىلىندى.» [23]

«تەيخې 7- يىلى (يەنى 832- يىلى) ياز 4- ئايدا توققۇز ئۇيغۇر قاغانى ۋاپات بولدى. ئوڭ قول ياساۋۇلخانا قوشۇنى سانغۇنى تاڭ خۇشى ئۇيغۇرلارغا ئەلچى ئەۋەتىلىپ، توققۇز ئۇيغۇر ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىس ئالىپ كۈلۈگ ئىناۋەتمەن قاغان دېگەن نام ھەدىيە قىلىندى. » [24]

سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «كىتابلار جەۋھىرى» دىمۇ تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر بار:

«تيەنباۋ 4- يىلى (يەنى 745- يىلى) 3- ئايدا توققۇز ئوغۇزلار (ياكى توققۇز قەبىلە) نىڭ ئاقساقىلى ئۇيغۇر كۆل بويلا ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئارسلان تېكىن (阿悉烂颉斤) بولمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ئەھۋالنى ئوردىغا مەلۇم قىلدى. كۆل بويلاغا ئوڭ قول پەخرى ھىماتچى سانغۇن، ئارسلان تېكىنگە ئوڭ قول پەخرى چەۋەنداز دېگەن نام ھەدىيە قىلىندى. » [25]

«تيەنباۋ 13- يىلى (يەنى 754- يىلى) 4- ئايدا فەرغانە (宁远国)، توققۇز ئوغۇز، ماغىيان (米国) … قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى ئوردىغا كەلدى. » [26]

«دالى 9- يىلى (يەنى 774- يىلى) 12- ئايدا توققۇز ئۇيغۇرلارنىڭ باش ۋەزىرى سا مىسۇ (曹密粟) نىڭ ۋاپات بولغان خانىشى شۇ شىگە (石氏) مىنگو خانىم (民国夫人) دېگەن نام ھەدىيە قىلىندى. » [27]

«جىنيۈئەن 6- يىلى (يەنى 790- يىلى) 12- ئايدا توققۇز ئۇيغۇر تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈلۈگ ساداقەتمەن پاك قاغان ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن يارلىق چىقىرىلىپ، ئوردىدا ئۈچ كۈن قارلىق تۇتۇلدى، يەنە قەلەمدار ۋە ئەلەمدار بەگلەرنىڭ 3- دەرىجىلىكلىرىدىن يۇقىرىلىرى ھۈدەيچى مەھكىمىسىدە كەلگەن ئەلچىلەرگە ماتەم بىلدۈردى. » [28]

«تەيخې 7- يىلى( يەنى 833- يىلى) ياز 4- ئايدا توققۇز ئوغۇز قاغانى ۋاپات بولدى. سول قول ھىماتچى سانغۇن، ئوردا باقاۋۇلى تاڭ خۇڭشى ئوڭ قول ياساۋۇلخانا قوشۇنى سانغۇنلىقىغا ۋە باش تەپتىش بەگلىكىگە تەيىنلىنىپ، دەستەك بىلەن ئۇيغۇرلارغا تەزىيە ۋە نەزىر- چىراغ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتىلدى. » [29]

«تيەنباۋ يىللىرىنىڭ (742- 755- يىللىرى) دەسلىپىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يابغۇسى ئېل بىلگە بەگ (逸标芯) تۈركلەرنىڭ كەنجى شادىنىڭ نەۋرىسى ئۇزمىش قاغانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يوقىتىپ، ئۆزىنى توققۇز ئوغۇزلارنىڭ قاغانى قىلىپ تىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈپ، تۈركلەرنىڭ قەدىم جايلىرىغا كېلىپ ماكانلىشىپ، ئۆتۈكەن تېغى، ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىنى ماكان قىلىپ، ئوت- چۆپ، سۇ قوغلىشىپ ياشىدى. » [30

«چاڭچىڭ تۇنجى يىلى (821- يىلى) 4- ئايدا، توققۇز ئوغۇزلارغا (قاغانغا) ئەخلاقمەن قاغان دېگەن نام ھەدىيە قىلىندى. » [31]

سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن «يېڭى تاڭنامە» دىمۇ تۆۋەندىكىدەك خاتىرىلەر بار:
«تيەنباۋ يىللىرىدا ئۇيغۇرلار بىلەن باسمىللار بىرلىشىپ ئۇزمىش قاغاننى ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلار باسمىللارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قاغانى ئاشىناشنى (阿史那施) بىشبالىققا قوغلىۋەتتى. كېيىن ئۇ ئوردىغا قېچىپ كېلىۋالدى، قارلۇقلار توققۇز ئوغۇزلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ يابغۇسىنى قايتىدىن تەختكە چىقاردى، رەھىمدىل قاغان ئەنە شۇدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆتۈكەندە ئولتۇراقلاشقانلار ئۇيغۇرلارغا قارام بولدى، ئالتۇن تاغ ۋە بېشىبالىققا ماكانلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى يابغۇ دەپ ئاتاپ، ئوردىغا كېلىپ تۇردى.»[32]
يۇقىرىدىكى ئەينى دەۋرنىڭ بىرىنچى قول تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قويۇق سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىدە بولۇپ كەلگەن قوشنا خانىدانلىق ۋە خەلقلەر تەرىپىدىن قامۇسلارغا، تارىخنامىلەرگە، ئوردا خاتىرىلىرىگە كىرگۈزۈلگەن خاتىرىلەردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىمۇ دۆلىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ «ئۇيغۇر ئېلى»دەپ، تولۇق نامى بىلەن «توققۇز ئۇيغۇر ئېلى» دەپ ئاتالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب تەرەپتىكى قوشنىلىرى بولغان ئەرەب ۋە پارىس خەلقلىرى «توققۇز ئوغۇز ئېلى» ياكى «توققۇز ئوغۇز مەملىكىتى» دەپ ئاتاشقان. ئەرەب-پارس ئاپتورلىرى كېيىن تۇرپاننى مەركەز قىلىپ، تارىمنىڭ شەرقىي ۋە جۇڭغارىيە ئويمانلىقلىرىنى ئىدارە قىلىپ قۇرۇلغان ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئوخشاشلار توققۇز ئوغۇز ئېلى دەپ ئاتىغان. بۇ «ھۇدۇدۇلئالەم» قاتارلىق ئەسەرلەردىن مەلۇم، تاڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخىغا دائىر ئەسەرلەردە بولسا بۇ خانلىقنىڭ نامى باشتىن-ئاخىرى «توققۇز ئۇيغۇر خانلىقى» ياكى «توققۇز ئۇيغۇر ئېلى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خانلىقىنىڭ نامىنى مەڭگۈ تاشلاردا «توققۇز ئۇيغۇر» دەپ يازغىنى بىلەن بىردەك.
ئەمدى «توققۇز ئوغۇز»،« ئون ئۇيغۇر» مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار، تۈركولوگلار نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن، ھەممە ئېتىراپ قىلغان قاراشلارنى مەيدانغا كەلتۈرەلمىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار بەزى ئۇيغۇرلار ئون قەبىلىدىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن «ئون ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆز تۈرك-ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇيۇشماق» ياكى ««ئۇيۇشقانلار» دېگەنلىك بولىدۇ، ئون ئۇيغۇر دەل «ئون قەبىلىنىڭ بىرلەشكەنلىكى» دېگەنلىك، دەپ ھېسابلىنىدۇ. بىر قىسىم چەت ئەل تۈركولوگلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنراق دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرى بولغان قانقىللار، جۇرجانلار بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت كۈرەش قىلغاندىن كېيىن، 5-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەريالىرىنىڭ جىلغىلىرىغا قېچىپ كەتتى، يەنە بىر قىسمى ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىغا قېچىپ كەتتى، بۇنىڭغا قارىغاندا، ئون ئۇيغۇرلار (جەنۇبىي ئىتتىپاق) 3- ئەسىردىن باشلاپ غەربكە كۆچۈشكە باشلىغان، توققۇز ئوغۇزلار (شىمالىي ئىتتىپاق) لارنىڭ شىمالىغا يۆتكىلىشىمۇ شۇ قېتىملىق بۆلۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك» [33] دەپ يېزىپ، قانقىللارنىڭ شىمالىي گۇرۇپپىسىنى (ئىتتىپاقىنى) توققۇز ئوغۇزلار دەپ جەنۇبىي گۇرپپىسىنى (ئىتتىپاقىنى) ئون ئۇيغۇرلار دەپ ئاتاشنى تەكىتلىسە، بەزى چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە« خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى 九姓،九姓铁勒، 铁勒九姓، لار ئەمەلىيەتتە 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە مەڭگۈ تاشلاردا ئۇچرايدىغان توققۇز ئوغۇزلاردۇر»[34] دەپ يېزىپ، توققۇز ئوغۇزلار ئۇيغۇرلارنىڭ باشچىلىقىدا 646-يىلىدىن كېيىن تەشكىل تاپقان تېلى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىشى كېرەك دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرى بىزنى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى كېيىنكى دەۋر كىشىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» قاتارلىق خەنزۇچە كلاسسىك تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ناھايىتى كەڭرى تېررىتورىيىگە تارقالغان بولۇپ، ئۇلار كاسىپى دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، تارىم، جۇڭغارىيە ۋادىلىرى، گەنسۇ، سىبىرىيە، ئىچكى- تاشقى موڭغۇلىيە ھەتتا ھىنگان تاغلىرىغىچە بولغان ناھايىتى كەڭ زېمىنلارغا تارقىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار ئالتاي ۋادىسىنى نىسبىي پاسىل قىلىپ، ئاسىيا يايلىقىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي تەرەپلىرىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا خەنزۇچە ھۆججەتلەردە دەسلەپ دىلار ياكى ئاق دىلار، قىزىل دىلار، كۆك دىلار، كېيىنچە شەرقىي دىڭلىڭلار، غەربىي دىڭلىڭلار، مىلادىيە 4 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ( ئېنىقراق ئېيتقاندا مىلادىيە 363-يىلىدىن باشلاپ) شەرقىي قانقىللار ۋە غەربىي قانقىللار دەپ ئاتالغان[35]. شەرقىي قانقىللار ناھايىتى كۆپ) قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر 铁勒تېلى(مەشھۇر ئىككى گۇرۇھ بولغان، بىرى ئۆزلىرىنى «توققۇز ئوغۇز» (九姓乌古斯) ياكى «توققۇز ئۇيغۇر» ( 纥 九姓回) دەپ ئاتىغان، يەنە بىرى ئۆزلىرىنى « ئون ئۇيغۇر » (十姓回纥) دەپ ئاتىغان. مانا بۇ ئىككى گۇرۇھ بىز تەتقىق قىلىۋاتقان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىي يادرو ئاھالىسىدۇر. ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن «توققۇز ئوغۇز» ياكى «توققۇز ئۇيغۇر» «ئون ئۇيغۇر دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا، كېيىنكى دەۋر تارىخشۇناسلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە خاتىرىلەرنى پۈتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم خاتىرىلەر ئىراننى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان ئىلخانىلار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى راشىددىن (1247- 1318 -يىللار) تەرىپىدىن 1307-1311- يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان مەشھۇر تارىخى ئەسەر «جامىئۇل تاۋارىخ» بىلەن 17-ئەسىردە ئۆتكەن خارەزملىك تارىخچى ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603-1665-يىللار) تەرىپىدىن 1663 – 1664- يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان مەشھۇر تارىخىي ئەسەر«شەجەرەئى تۈرك» تە ساقلىنىپ قالغان. بۇ ئەسەرلەردە: « ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ، بىرى بوقراتۇ بۇزلۇق دېيىلىدىكەن، يەنە بىرى ئۇچقۇنلۇق تەڭرىم دېيىلىدىكەن. قاراقۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانىكەن ئۇگىدايخان بىنا قىلغان شەھەرمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن. بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن. بۇ تاغلىق جاينىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا، يەنە بىر تېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن. قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئاشۇ دەريالارنىڭ قىرغاقلىرىدىكى تاغلىق جايلارغا ۋە تۈزلەڭلىكلەرگە جايلاشقانىكەن. ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار‹توققۇز ئۇيغۇر › دېيىلىدىكەن. ھېلىقى ئون دەريا ئوت ئورخۇن دېيىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ نامى رەت تەرتىپى بويىچە ئابىشلىق، ئوتىنكار، بوقىز، ئوزقۇندۇر، تۇلار، تاردار، ئادار، ئۈچ تابىن، قاملابقۇ، ئۆتۈكەن دېيىلىدىكەن. يىللار ئۆتۈپتۈ، ئەسىرلەر ئۆتۈپتۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىچىدە تېخى بىرەر پادىشاھ بارلىققا كەلمەپتۇ. ھەر قايسى قەبىلىلەردە، كىم كۈچلۈك بولسا شۇ كىشى شۇ قەبىلىنىڭ ئەمىرى بولىدىكەن. كېيىنكى چاغلاردا ھەممە قەبىلىلەر ئورتاق مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ يىغىن ئېچىپتۇ ھەمدە يىغىندا: ‹بىز ھەممىگە بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان تولۇق ھوقۇقلۇق پادىشاھ تىكلىمىگۈچە، نىجاتلىق يولى تاپالمايمىز› دەپ قارار چىقىرىپتۇ. ھەممەيلەننىڭ بىردەك ماقۇللىشى بىلەن ھەر قايسى قەبىلىلەر ئىچىدە ئەڭ زېرەك بولغان ئابىشلىق قەبىلىسىدىن مانقۇتاي ئىسىملىك بىر كىشى ئېلتەبىرلىككە كۆرسىتىپتۇ. (ئۇلار) يەنە ئوز قوندۇز قەبىلىسىدىن بىر (ياخشى) پەزىلەتلىك كىشىنى (سايلاپ چىقىپ) كۆل ئېركىن دەپ ئاتاپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى كىشىنى (پۈتۈن) مىللەتنىڭ يولباشچىسى ۋە بارلىق قەبىلىنىڭ پادىشاھى قىلىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىرى تۈز يىلغىچە ھۆكۈم سۈرۈپتۇ»[36] دېيىلگەن.
بۇ رىۋايەتكە قىسمەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان رىۋايەت يەنە پارىس تارىخچىسى جۇۋەينى (1226-1283-يىللار) يازغان «تارىخىي جاھانكۇشاي» دېگەن ئەسەردىمۇ، 1331-يىلى تىكلەنگەن «قۇجۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى»دىمۇ ئۇچرايدۇ. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، رىۋايەتتە ئېيتىلغان ئون دەريا شەكسىزكى موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئورخۇن دەرياسى موڭغۇلىيىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا سىلىنگا دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارمىقى بولۇپ، قاڭغاي تاغ تىزمىسىدىن باشلىنىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1123 كىلومېتىر كېلىدۇ، بايقال كۆلىگە قۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا نۇرغۇنلىغان تارماق ئېقىنلىرى بار، [37]. ئورخۇن دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامى «ئون كۈن دەرياسى» بولۇپ، بۇ قەدىمكى تۈرك -ئۇيغۇر يىلىدا ئون كۈن ياكى ئون قۇياش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، قەدىمدە ئۇيغۇرلار قۇياشنى مۇقەددەس بىلىپ قۇياشقا چوقۇنغان ھەم ئۆزلىرىنى قوياشتىن تۆرەلگەن دەپ قارىغان. ھونلارمۇ ئۆزلىرىنى «كۈنلەر»، پادىشاھلىرىنى «قۇياش ئوغلى » ياك «قۇياش تەڭرىدىن تۆرەلگەن» دېگەن مەنىدە «تەڭرىقۇت» دەپ ئاتىغان. تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانلىرىمۇ مەڭگۈ تاشلاردا ئۆزلىرىنى كۈن تەڭرىدىن بولغان دېگەن مەنىدە «كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش» ياكى «كۈن تەڭرىدە قۇت بولمىش» دېگەندەك نامدا ئاتاپ كەلگەن.

«توققۇز ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان يەنە بىر تارماق ئون ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تۇغلا دەرياسى ۋادىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، «تۇغلا دەرياسى» دېگەن سۆز قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇر تىلىدا «توققۇز دەريا» دېگەنلىك بولىدۇ. قەدىمدە تۈركىي خەلقلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا «توققۇز» خاسىيەتلىك قۇت ھېسابلانغان ھەم توققۇزغا چوقۇنۇش قارىشى بولغان. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ئۇيغۇرلاردىكى توققۇز ئۇلۇغلۇقىنى شەرھلەپ، «خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەر قانچە كۆپىيىپ، مەرتىۋىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ، تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ. چۈنكى توققۇز سان خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ.» [38] دەپ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ دۆلەت ۋەزىرلىرى توققۇز كىشىدىن تەركىب تاپقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، قالغان ئالتىسى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى»دىمۇ كۆلتېكىننىڭ ئىلگىرى -كېيىن توققۇز قېتىم باشقا-باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىرگەنلىكى، توققۇز ئەسكەرنى نەيزىلىگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. «كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دىمۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەيخې مەلىكىسى (太和公主) ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە قاغانغا ياتلىق قىلىنىپ، ئۆتۈكەندىكى ئوردۇ بالىق قەلئەسىگە يۆتكەپ كېلىنگەندە، مەلىكە تەيخېنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، ياشانغان بىر موماينىڭ ھەمراھلىقىدا ئوردا ئالدىدا كۈن پېتىشقا قاراپ تەزىم قىلغانلىقى، ئاندىن قاغانغا تەزىم بەجا كەلتۈرگەنلىكى، ئاندىن كېيىن ئالدىن تەييارلانغان تەختىراۋانغا چىققانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ۋەزىرى تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ ئوردىغا كىرگەنلىكى، ئاندىن كۈن پېتىشقا قاراپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ، ئوردىنى توققۇز قېتىم ئايلانغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بەزى تەتقىقاتچىلار تۈركى خەلقلەردىكى «توققۇز»نى ئۇلۇغلاش ئادىتى ئۇلاردىكى «پۈتۈن ئالەم توققۇز ھاياتلىق مەنبەسىدىن قۇرۇلغان» دېگەن ئىپتىدائىي چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققان،[39] دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، «توققۇز ئۇيغۇر» (ياكى توققۇز ئوغۇز) دەپ ئاتالغان قەبىلە گۇرۇھى مەيلى «توققۇز دەريا » مەنىسىدىكى تۇغلار دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان بولسۇن ياكى ئۇلار توققۇزنى مۇقەددەس بىلگەن، ئۇنىڭغا چوقۇنغان بولسۇن ۋە ياكى ئىككىلا ئېھتىماللىق ئۇلارنى «توققۇز ئۇيغۇر »(ياكى توققۇز ئوغۇز) دەپ ئاتىلىشىدا ئوخشاش رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى توققۇز ئۇيغۇر (ياكى توققۇز ئۇيغۇر) دەپ ئاتىغانلىقى يەنىلا تۇغلا دەرياسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن پۈتۈلگەن تۈركچە مەڭگۈ تاشلاردىن (مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى» دا: «تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان… تولىس … ئۆتۈكەن ئەتراپى ئېلى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرىدىكەن، سۈيى سېلىنگا دەرياسى ئىكەن، ئۇ يەردە قالغان خەلق -ئون ئۇيغۇر، توققۇز ئوغۇز ئۈستىدە يۈز يىل ئولتۇرۇپ…. ئورخۇن دەرياسى… تۈرك، قىپچاق (خەلقى) ئۈستىدە ئەللىك يىل ئولتۇرغاندىن» دېيىلگەن بولسا، «شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى» دىمۇ: «قانقىللار… ئورخۇن دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىغا 100 چاقىرىم كېلىدىغان جايلارغا كۆچۈپ ماكانلاشتى» دېيىلگەن. يەنە «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە بوساتنىڭ ئالىپ ئېلتەبىر دەپ ئاتىلىپ، تۇغلا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بارگاھ تىكلىگەنلىكى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان. بۇ بايانلاردا دېيىلگەن جايلار «جامىئول تاۋارىخ» تىكى رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن رىۋايەتتە كۆرسىتىلگەن رايون بىلەن ئوخشاش. دېمەك، مەيلى «ئون ئۇيغۇر»، «توققۇز ئۇيغۇر» لار بولسۇن ياكى « ئون ئۇيغۇر »،« توققۇز ئوغۇز » لار بولسۇن، ئۇلار ئوخشاش ئورخۇن دەرياسى ۋە تۇغلا دەرياسى ھەم ئۇلارنىڭ تارماق ئېقىنى ۋادىلىرىدا ياشىغان. كېيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە يادرولۇق رول ئوينىغان شەرقىي ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. توققۇز بىلەن ئون بولسا مەۋھۇم سانلار بولۇپ، ئۇلار قانداقتۇر ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ توققۇز دىن ياكى ئوندىن تەركىب تاپقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. چۈنكى، «جامىئول تاۋارىخ» تا: « ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلار جەمئىي 122 قەبىلىگە بۆلۈنگەن، ئۇلارنىڭ تولۇق نامى مەلۇم ئەمەس» دېيىلگەن، «سۈينامە. تېلىلار تەزكىرىسى» دىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 40 نەچچە قەبىلىسىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭلاشقا توققۇز، ئون دېگەن سانلارنى ئېھتىمال ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئولتۇراقلاشقان جايدىكى دەريالارنىڭ نامى بولۇشى ياكى ئۇلار چوقۇنغان ۋە بەخت-سائادەتكە سىمۋول قىلغان ئىككى سان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

2. پارگراف خانلىقنىڭ زېمىن دائىرىسى

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىن دائىرىسى ھەققىدە خەنزۇچە كلاسسىك تارىخنامىلەردىن «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «زېمىنى كەڭ بولۇپ، شەرقتە شىرۋىيلار (室韦) دىن غەربتە ئالتۇن تاغقىچە يېتىپ باراتتى، جەنۇبتا چوڭ چۆللۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قەدىمكى ھونلارنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەن ئىدى»[40] دېيىلگەن، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەرقتە شىرۋىلاردىن غەربتە ئالتۇن تاغقىچە يېتىپ بارىدۇ، جەنۇبتا چوڭ چۆللۈكتىن ھالقىغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ ئەسلىدىكى بارلىق زېمىنلىرىنى ئىگىلىگەن»[41] دېيىلگەن. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار مۇشۇ مەلۇماتلاردىكى خاتىرىلەر ئاساسىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىن دائىرىسىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە[42]. لېكىن، بەزى تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى خانلىقىغا قارام بولغان قەبىلىلەر (يەنى غەربتىن شەرققە قاراپ قارلۇق، قىرغىز، شاداپىت، بارغۇت، بايىرقۇ، شىرۋىي، قۇمۇق، قىتان قاتارلىقلار) نىڭ زېمىنلىرىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا يېتىپ بارغان، غەربتە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جەنۇبتا ئوردۇس (河套) نى كونترول قىلغان، شىمالدا بايقال كۆلىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، خانلىقىنىڭ ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچەيگەن چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ يېتىپ بارغان»[43]، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەسىر كۈچى شىنجاڭدىكى بېشبالىق، قۇچۇ، كۈسەن، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسسىقكۆل رايونلىرىغىچە يەتكەن»[44]، «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە بېشبالىق، قۇچۇ، ئاگىنى، كۈسەن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپلا قالماستىن، بارخان (ئاقسۇ)، يەركەن، ئۇدۇن، كاشغەر قاتارلىق جايلارنى، يەنە پەرغانە ۋە سۈيئاب قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىگەن. غەربىي يۈرتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم رايونلىرى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن»[45] دەپ قاراشماقتا. فرانسىيىلىك ج. ر. خامىلتون ئۆز ئەسىرىدە: «قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىق زېمىنى شەرقتە مانجۇرىيىدىن باشلىنىپ غەربتە ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتېغىدىكى قارلۇقلار رايونىغا يېتىپ باراتتى»[46] دېگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن پۈتۈلگەن مەڭگۈ تاش يازما يادىكارلىقلىرىدىن تەخمىنەن 753-يىلى (يىلان يىلى) دىن سەل كېيىنرەك تىكلەنگەن «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا بولسا ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان تىلدىن ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزى رايونى ۋە زېمىن دائىرىسىنىڭ ئەھۋالى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا: (مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ چاغدا ئۆتۈكەننىڭ غەربىي چېتىدە، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا بارگاھ قۇرغۇزدۇم. شۇ يەردە يولۋاس يىلى ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلىنى ئۆتكۈزدۈم. ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۇڭۇر-باسقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە يايلىدىم، شۇ يەردە بارگاھ قۇرغۇزدۇم، سېپىل سوقتۇردۇم، مىڭ يىللىق، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى، تامغامنى شۇ يەردە سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم، يۇقىرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرۇشى، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم. ئالدىمىدا كۈنچىقىشتىكى خەلقلەر، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرۇر … سەككىز دەريا ئارىلىقىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم بار. سېلىنگا، ئورخۇن، تۇغلا سەككىز دەريا مېنى سۆيۈندۈردى. مەن قارغا ۋە بۇرغا دەريا بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن، ئىككى دەريانىڭ ئارىلىقىدا كۆچىمەن، يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربىي ئۇچىدا، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە، مەن شۇ يەردە تۇرارمەن، كۆچەرمەن …. مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى. ‹قوشۇن تارت، خەلقنى يىغ› (دېدىم) …. جەنۇبىي چېگىرىنى، ئالتۇن تاغدىكى غەربىي چېگرىنى، كۆگمەنىكى شىمالىي چېگرىنى قوغدا ….»[47] دېگەن خاتىرىلەر بار. يۇقىرىدىكى قەدىمكى خەنزۇچە خاتىرىلەردە بولسۇن ياكى مەڭگۈ تاشلاردىكى خاتىرىلەردە بولسۇن ھەممىسىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسى ھەم ئوغلى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (مويۇنچۇر) تەرىپىدىن قايتا تەشكىل قىلىنغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق رايونلىرى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، «يېڭى تاڭنامە» بىلەن «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دىكى خاتىرىلەر تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ 5-يىلىدىكى (مىلادىيە 745-يىلى) مەلۇماتلاردۇر. «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دىكى خاتىرىلەر بولسا ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان يېڭىدىن تەختكە چىققان يىللارغا، كېيىن بولغاندىمۇ مىلادىيە 753-يىلغا توغرا كېلىدۇ. «ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى مەنبەلەردە خاتىرىلەنگەن زېمىن دائىرىسى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختىنى مەركەز قىلغان نىسبەتەن مەركەزلەشكەن رايونلىرىنى كۆرسىتىدۇ») [48]. ئەمەلىيەتتە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەۋرىدىن باشلاپ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلىپ، ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى مۇستەھكەملەنگەن، تاشقى جەھەتتە تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرى قويۇقلىشىپ، «يىپەك يولى» نىڭ ھەقىقىي خوجايىنى بولۇپ قالغان، كېيىن بۆگۈ قاغان، قۇتلۇق قاغان قاتارلىق مەشھۇر، دانىشمەن قاغانلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي يۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، قىتان، قىرغىز، باسمىل، قارلۇق قاتارلىق بىر قىسىم ئىسيانكار قەبىلىلەر قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى كېڭەيگەن، ئاھالىسى ئاشقان. ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدىكى خاتىرىلەرگە، ئەرەب-پارس مەنبەلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ۋە كونا، يېڭى تاڭنامىلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئورخۇن خانلىقى كۈچىيىپ، شىمالىي ئاسىيا يايلاق رايونىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالغان. 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 9-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلگىچە بولغان تارىخىي جەرياندا، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى پۈتكۈل چوڭ چۆللۈكىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە گەنسۇ يايلاقلىرى، جەنۇبىي سىبىرىيە، جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى، شەرقىي تەڭرىتاغ ئېتەكلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېرتىش دەرياسى، يەتتە سۇ ۋادىسى، چۇ دەرياسى، ئىسسىق كۆل ۋادىلىرىغىچە يېتىپ بارغان.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزى رايونى موڭغۇلىيە يايلاق رايونلىرى بولۇپ، بۇ كەڭ زېمىن شىمالدا سىبىرىيە بىلەن، غەربتە ئالتاي تېغى بىلەن، شەرقتە چوڭ ھىنگان تېغى بىلەن، جەنۇبتا چوغاي تېغى بىلەن چېگرالىنىپ تۇرىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى ئىچكى-تاشقى موڭغۇلىيىگە توغرا كېلىدۇ. ئىچكى موڭغۇل بىلەن تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پايانسىز كەتكەن بىر پارچە قۇملۇق بولۇپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا ئۇ گوبى چۆللۈكى (چوڭ چۆللۈك) دەپ ئاتالغان. چۆللۈكنىڭ شىمالى تاغلىق رايون بولۇپ، غەربتىن شەرققە سانىغاندا ئالتاي تېغى، تاڭنۇر تېغى (唐努山)، كۆگمەن تېغى (萨彦岭)، قاڭغاي تېغى (抗爱山) ۋە كىنتاي تېغى (肯特山) قاتارلىق تاغلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قاڭغاي تېغى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمغا جايلاشقان بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان. بۇ تاغنىڭ ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر، كەڭلىكى 200 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2500-3000 مېتىر، ئەڭ ئېگىز چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4031 مېتىر كېلىدۇ. مەيلى خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىياللاردا بولسۇن ياكى تۈركچە ماتېرىياللاردا بولسۇن، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى (مەركىزى) ئۆتۈكەن تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئارىلىقىدا بولغان دېيىلگەن، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، «قەدىمكى ئۆتۈكەن تېغىنىڭ نامى شۇ يەردىكى بىر دەريانىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۆتۈكەن تېغى تامىر تېغى بىلەن ئورخۇن دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان قاڭغاي تېغىنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى» [49]. «بۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ چېگرىلىرىدىن قوملۇق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى. تاڭ سۇلالىسىنىڭ پىيادە لەشكەرلىرىنىڭ بۇ يەردىن ئۆتمىكى ناھايىتى قىيىن ئىدى» [50]. چوڭ چۆللۈكنىڭ شىمالىدا يەنە چوڭ دەريا-ئېقىنلار، كۆل-سازلىقلار كۆپ بولۇپ، مەشھۇر دەريالاردىن سېلىنگا دەرياسى، ئورخۇن دەرياسى، ئۇنان دەرياسى، تۇغلا دەرياسى، قۇرۇلۇن دەرياسى، ئېرغۇنا دەرياسى، خالخا دەرياسى، قابدۇ دەرياسى قاتارلىق دەريالار، مەشھۇر كۆللەردىن ئۇبسۇ كۆلى (乌布苏)، كۇسىگۇر كۆلى (库苏古尔)، قىرغىز كۆلى (吉尔吉斯)، قارا سۇ كۆلى (哈拉乌斯)، بېر كۆلى (贝尔)، قارا كۆل (哈拉)، ناچاغان كۆلى (那查干) قاتارلىق كۆللەر بار. بۇ چوڭ-كىچىك دەريا، كۆللەرنىڭ سۈيى مول، بېسىپ ئۆتىدىغان لىنىيىسى ئۇزۇن، قىرغاقلىرى ۋە يېقىن ئەتراپلىرى باراقسان ئۆسكەن ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن گوبى چۆلىنىڭ شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك تاغلار، چوڭ دەريا-ئېقىنلار، مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرغان كۆل-سازلىقلىرى، چەكسىز كەتكەن پايانسىز يايلاقلار، ئاجايىپ قۇم-بارخانلار تارىختىن بۇيان ھون، تۈرك، ئۇيغۇر، ھەتتا كېيىنكى موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىپ ئاۋۇيدىغان ماكانلىرى، ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەيۋە كۆرسىتىدىغان سەھنىسى بولۇپ كەلگەن، چوڭ چۆللۈكنىڭ جەنۇبى بولسا يانتۇ ئېگىزلىك رايونى بولۇپ، شەرقىدە چوڭ ھىنگان تېغى، غەربىدە چوغاي تېغى بار. چوغاي تېغىنىڭ جەنۇبىدا يەرلىرى مۇنبەت ئوردۇس ئېگىزلىكى بار، ئوردۇس ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا غەربتىن باشلاپ سانىغاندا لاڭشەن تېغى (狼山)، ئۇلا تېغى (乌拉山)، داچىڭشەن تېغى (大青山)، خۇيتىڭلىياڭ تېغى (灰腾梁山)، داماچۈئەن تېغى (大马群山) قاتارلىق تاغلار بار. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1500-2000 مېتىر كېلىدۇ. بۇ رايوندىمۇ چوڭ-كىچىك دەريا-ئېقىنلار، كۆل-سازلىقلار كۆپ بولۇپ [51]، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇرراقلىرىدىن سېرىق دەريا، خەيلا دەرياسى، غەربىي قىتان دەرياسى، شرامۇرۇن دەرياسى، لاۋخا دەرياسى قاتارلىق دەريالار، جۇيەن كۆلى (居廷海)، ئۇلاڭسۇ كۆلى، دەيخەي كۆلى، چاغاننۇر كۆلى قاتارلىق كۆللەر بار. بۇ چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلار ۋە كۆل سازلىقلارنىڭ يانلىرى ۋە ئەتراپلىرى چەكسىز كەتكەن كەڭ يايلاق، ئورمانلىق، ئېدىرلىق ۋە قۇملۇق بىلەن قاپلانغان.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە شىرۋى (室韦) قىتان ( 契丹)، قۇمۇق (奚) قاتارلىق توڭگۇز تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شىرۋىلار تۈركچە مەڭگۈ تاشلاردا تاتارلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 20دىن ئارتۇق قەبىلە بولۇپ، ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدا «ئوتتۇز تاتار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان [52]. (يېڭى تاڭنامە. جۇغراپىيە تەزكىرىسى »دە: «ئۇيغۇرلارنىڭ بارگاھىدىن (مەركىزىدىن) چىقىپ شەرقىي شىمالغا يۈرۈپ سېلىنگا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، 2000 چاقىرىم ماڭغاندا شىرۋىلارنىڭ يېرىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ»، «شىرۋىلار خۇلۇنىبر كۆلىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان»[53] دېيىلگەن بولۇپ، بۇ شىرۋىيلارنىڭ ئەينى دەۋردە خۇلۇنىبر يايلىقى، چوڭ ھىنگان تېغىنىڭ غەربىي، ئېرغۇنا دەرياسى بىلەن خېيلۇڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغاقلىرىدا ياشىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەرلەر ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان قورىقانلار (骨利干) بىلەن شرامورۇن دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە ياشايدىغان قىتانلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا «قىتانلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قويلىرىنى باقاتتى، تاتارلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كالىلىرىنى باقاتتى»[54]دېيىلگەن. بۇ شىرۋىلار (يەنى تاتارلار) بىلەن قىتانلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا «قىتانلار خۇئاڭشۇي (潢水) دەرياسىنىڭ (ھازىرقى شرامۇرۇن دەرياسى) جەنۇبىدا، خۇئاڭلۇڭنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان، غەربىي تەرىپى قۇمۇقلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. جەنۇبىي يىڭجۇ (营州، ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋياڭ شەھىرى) غا، شىمالىي شىرۋىلارغا تۇتىشىدۇ. ياراملىق ئەسكەرلىرى 43 مىڭ» [55]، «قۇمۇقلار — ھونلارنىڭ ئايرىم ئۇرۇقىدىن، ئۇلار شەرقتە قىتانلار بىلەن، غەربتە تۈركلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا بەيلاڭخې دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، شىمالدا شىد ئېلى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ياراملىق ئەسكەرلىرى 30 مىڭدىن ئارتۇق …… ئۆرپ-ئادەتلىرى تۈركلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ» [56]، «دەسلەپ قۇمۇقلار بىلەن قىتانلار ئۇيغۇرلارغا قارايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىغا نازارەتچىلەر قۇيۇلغان بولۇپ، نازارەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز قەرەلىدە باج-سېلىقلارنى تاپشۇرۇشىغا نازارەتچىلىق قىلاتتى» [57] دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئەينى دەۋردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شەرقىي چېگرىسى ھازىرقى شەرقىي شىمال رايونلىرىدا ياشىغان شىرۋى، قىتان، قۇمۇق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىرۋى، قىتان، قۇمۇق قاتارلىق. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بېقىندى خەلقلىرى بولغان.

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ شىمالىي چېگرىسى ھازىرقى رۇسىيە تەۋەسىدىكى بايقال كۆلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بايقال كۆلى قەدىمكى خەنزۇچە ماتېرىياللىرىدا شىمالىي دېڭىز (北海) ياكى چوڭ كۆل (瀚海) دەپ ئاتالغان بولۇپ[58]، شەرقىي سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋە بولغان قورىقانلار(骨利干) «بايقال كۆلىنىڭ شىمالىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ياراملىق 5000 ئەسكىرى بار ئىدى. بېشى تۆگىنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان، تېنى ناھايىتى قاۋۇل، بىر كۈندە نەچچە يۈز چاقىرىملاپ يول يۈرەلەيدىغان ئېسىل ئاتلار چىقاتتى» [59]. بايقال كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدا سىبىرىيىنىڭ مەركىزى قىسىملىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان يېنسەي دەرياسى بولۇپ، ئۇ يەرلەردىكى چوڭ-كىچىك دەريا-ئېقىن بويلىرىدا ياشايدىغان قەبىلە-ئۇرۇقلارمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بويىدا ياشايدىغان ئاساسلىق خەلق قىرغىرلار بولۇپ، تاڭ سۇزۇڭنىڭ خەن يۈئەن يىللىرىنىڭ (758-759-يىللار) ئوتتۇرىلىرىدا قىرغىز ئاقساقىلى ئاگې ( 阿热) ئۇيغۇرلارنىڭ بىلگە تۈن تېكىن ( 毗伽顿颉斤) دېگەن ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلىپ، توققۇز ئۇغۇزلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان [60].

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە خاتىرىلەنگەندەك «چوڭ چۆللۈكتىن ھالقىغان بولۇپ»، چوغاي تېغى، ئوردۇس يايلىقى، ئىدزىنغول دەرياسى ۋادىسى، لياڭجۇ، گەنجۇ رايونلىرى ۋە خېشى يايلاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، گەنجۇ لياڭجۇ رايونلىرى (يەنى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ۋىلايىتى بىلەن ۋۇ ۋەي ۋىلايىتى) ۋە خېشى رايونلىرى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ چەمبەرچاس باغلىنىشى بار ئىدى. «كونا تاڭنامە» دە: «جىنگۈئەن يىللىرىنىڭ (627 – 649 – يىللار) دەسلىپىدە (ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى) بوسات بىلەن سىر-تاردۇشلار بىرلىشىپ تۈركلەرنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلدى، تۈركلەرنىڭ ئىلىك قاغانى ئوغلى يۇقۇق شادنى ئون تۈمەن چەۋەنداز بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە جازا يۈرۈشكە ئاتلاندۇردى. بوسات 5000 چەۋەندازغا باشچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى ھەم مازۇڭشەن تېغىدا ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، شىمالدا تاكى تەڭرىتېغىغىچە قوغلاپ باردى» [61] دېيىلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى مازۇڭشەن تېغى (马鬃山) ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي شىمالى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان شىمالىي تاغ (يەنە بىر ئاتلىشى موچىشەن تېغى) ئىدى، بۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ 7-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىلا خېشى رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە، جىنگۈئەن 6-يىلى (632-يىلى) ئۇيغۇرلارنىڭ چۆبە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى چۆبە قالىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە قەۋملىرىدىن بولۇپ 6000 دىن كۆپ ئادىمىنى باشلاپ، شاجۇ (沙州، بۈگۈنكى دونخۇئاڭ) غا كېلىپ تاڭ سۇلالىسىگە قارام بولغانلىقى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇلارنى گەنجۇ، لياڭجۇ ئايماقلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى[62] خاتىرىلەنگەن، «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى» دە: «ۋۇزېتيەن دەۋرىدە (684-705-يىللار) تۈركلەردىن بەگچۇرنىڭ كۈچى كۈچىيىپ، تېلىلارنىڭ ئەسلىدىكى زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئۇيغۇر ۋە چۆبە، ئىزگىل، قۇن قاتارلىق ئۈچ قەبىلە چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گەنجۇ، لياڭجۇ ئەتراپلىرىغا كۆچۈپ كەلدى» [63] دېيىلگەن بولۇپ، بۇمۇ كۆل بىلگە ۋە مويۇنچۇر قاغانلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى ئۆتۈكەن ۋادىسىدا قايتا روناق تاپقۇزۇشتىن ئىلگىرىلا گەنجۇ، لياڭجۇ، خېشى رايونلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كونا ماكانلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ كېيىنكى تىبەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن كۆزەتكەندىمۇ، گەنجۇ، لىياڭجۇ رايونلىرى، جۈملىدىن گەنسۇ ۋادىسى گەرچە بىر مەزگىل تىبەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ھەم ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تىبەتلەر ئوتتۇرىسىدا گەنسۇ ۋادىسىنى تالىشىش يۈزىسىدىن ئۇرۇش ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان بولسىمۇ (يەنى 758-يىلدىن 764-يىلغىچە، 764-يىلدىن 791-يىلغىچە)، ئاخىرىدا قۇتلۇق قاغان (795 – 805 – يىللار) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە تىبەتلەر تەرىپىدىن بىر مەزگىل ئىگىلىۋېلىنغان بېشبالىق، قۇجۇ، كۈسەن قاتارلىق جايلار بىلەن بىللە گەنسۇ ۋادىسىدىكى گەنجۇ، لياڭجۇ ۋە خېشى يايلاقلىرىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قوينىغا قايتىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن [65].

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي چېگرىسى «يېڭى تاڭنامە» ۋە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە «ئالتۇن تاغقا (بۈگۈنكى ئالتاي تېغى) يېتىپ بارغان»، بۇ ئەمەلىيەتتە ئېلتەبىر تۇمىد دەۋرىدىكى خانلىق زېمىنىنىڭ غەربىي چېگرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، ئۇيغۇرلار «تۇمىد دەۋرىدە تاڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك قەبىلە بولغان سىر-تاردۇشلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار چۆللۈكنىڭ شىمالىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ، زېمىنى شەرقتە شىرۋىلاردىن غەربتە ئالتۇن تاغقىچە (ھازىرقى ئالتاي تېغى)، جەنۇبتا خېلەنشيەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خۇئاڭخې دەرياسى بويلىرىغىچە، شىمالدا بايقال كۆلىنىڭ ساھىلىغىچە يېتىپ بارغان. تۇمىد چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ھەر قايسى تېلى قەبىلىلىرىنى (توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىنى) بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلىغان»[65]. شۇڭا، مەيلى «تاڭنامە» دە ياكى «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» دە بولسۇن، ئۇلاردا كۆرسىتىلگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي چېگرىسى پەقەت خانلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردىكى غەربىي چېگرىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى، 9 – ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، يەنى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەسىر كۈچى شىنجاڭنىڭ بېشبالىق، قۇجۇ، كۈسەن قاتارلىق رايونلىرىغىچە، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسسىقكۆل رايونلىرىغىچە كېڭەيگەن بولۇپ، بېشبالىق، كۈسەن ئەينى دەۋرىدە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ھەربىي قورغانلىرى بولغان، بۇ جايلاردا زور ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزلۇپ، تىبەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈلگەن، قۇچۇمۇ تەدرىجىي ھالدا ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي رايوندىكى ئەڭ زور دىنىي، سىياسىي مەركىزى بولۇپ قالغان»[66]. تارىخىي ھۆججەتلەردىكى خاتىرىلەردىن ۋە ئارخېئولوگىيە ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندىمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى يۇرتلارنىڭ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جايلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىراق دەۋرلەردىن تارتىپلا ئىنتايىن قويۇق بولغان. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تەشكىل قىلغان بىر مۇنچە ئۇيغۇر قەبىلىلىرى خېلى بۇرۇنلا مۇشۇ رايونلار تەۋەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ كلاسسىك تارىخىي ھۆججەتلەردە كۆپ تىلغا ئېلىنغان. مەسىلەن، «ۋېينامە. قانقىللار تەزكىرىسى» دە، قانقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) قەدىمكى قىزىل دىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە دىلى دەپ ئاتالغانلىقى، شىمال تەرەپتىكلەرنىڭ ئۇلارنى يەنە چىلى دەپ ئاتىغانلىقى، خۇئاشىيالىقلارنىڭ ئۇلارنى قانقىللار، دىڭلىڭلار دەپ ئاتىغانلىقى، ئۇلارنى دى، ئۇيغۇر، قوغۇرسۇ، چاپىش، قىرغىز، ئىل تېگىن قاتارلىق ئالتە چوڭ قەبىلىسى (دۈئەن لىيەنچىن ئەپەندى ئۆز ئەسىرىدە يۇقىرىقى ئالتە قەبىلىگە پۇۋۇرغۇر قەبىلىسىنى قوشۇپ جەمئىي يەتتە چوڭ قەبىلىسى بولغان دەيدۇ [67])، چىپولى، تېلى، ئىلجان، تارلان، قوغا، تاربۇقان، ئايرون، بايان، ئېركىن، بوركلى (تۇماقلىق)، قىئۇي، يۇسۇپى قاتارلىق 12 ئۇرۇقى بارلىقى، ئۇلارنىڭ قەدىمكى ھون تەڭرىتېغىنىڭ ساھىبجامال كىچىك قىزى بىلەن بىر ئەركەك بۆرىنىڭ جۈپلىشىشىدىن تۆرەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە ئورخۇن، تۇغلا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بولغان لوھون كۆلى ۋادىسىدا ياشىغانلىقى، داۋاملىق جۇرجانلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى، تەيخې 11-يىلى (يەنى مىلادىيە 487-يىلى) جۇرجان قاغانى تولۇن شىمالىي ۋەي سۇلالىسىگە زور كۆلەمدە ھەربىي يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، قانقىللارنىڭ پۇۋۇرغۇر قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئاي ئۇجرۇ (يەنى ئاپۇرغۇر) ئىنىسى چۇڭچى بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم قانقىل قەبىلىلىرىگە باشچىلىق قىلىپ جۇرجانلارغا قارشى ئېسيان كۆتۈرۈپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق تۈتۈننى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كېلىپ، ھازىرقى تۇرپان ۋادىسى بىلەن جۇڭغارىيە ۋادىسىدا قانقىل خانلىقىنى قۇرغانلىقى (قانقىل خانلىقى 487-546-يىللار ئارىلىقىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاي ئۇجرۇ قانقىل خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى كۆل بىلگە دەپ ئاتاپ، قاراشەھەر، لوپنۇر، كۈسەن، ئۇدۇن، كاشغەر قاتارلىق جايلارنى جۇرجانلاردىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئۆز بارگاھىنى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالدا قۇرغان) خاتىرىلەنگەن. بۇ شىمالدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۇنجى خانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىدىكى يايلاق رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تارىم ۋادىسىدىكى رايونلارغىمۇ يېتىپ بارغان. كېيىنكى ئورخۇن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى شەكىللەندۈرگەنلەر ئىچىدە مانا مۇشۇ قانقىل قەبىلىلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان.

http://uyghuracademy.com/?p=6811

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش