ئۆلۈپ كەتكەندە ئ
يېتىلىۋاتقان ئەزا
پاش قىلىش
يىـڭى ئــەزا
ئۇيغۇرلار تارىخ
ئادەتتىكى ئەزا
ئۆزلۈكى يوق مىلل
USTAZ0997
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 23قەۋەت kankil كە 2010-10-21 11:29 PMئەۋەتىلدى 14-قەۋەت (Orxun) نىڭ يازمىسىغا : سىزنىڭ بۇدىگىنىڭىزقانداق گەپ؟ بۇگۈنكى ئۇزبېكىستاندا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر بىلەن ئۇزبىكنى باشا-باشقا ئايرىم مىللەت دەپ ئىزاھلاۋاتسا. خەق بۇنى ئېتراپ قىلمايۋاتسا، ھەتتابۇنداق دەپ قۇيدىغان بىلسىڭىز ئۇزبېكىستاندا{ ئەمەلىيەتتە ئاچىقلىنىشقا تىگىشلىك ئەمەس} تىل ئىشىتسىز.بىزدىمۇ ۋىجدان، غۇرۇر بۇلسۇن قېرىندىشىم بىزمۇ ئۇزبىكلەردىن ھەرگىز تۈۋەن تۇرمايمىز.شۇڭا دەيمەن ئۇزبىك بىلەن ئۇيغۇر بىر مىللەت ئەمەس، باشقا- باشقا مىللەت. بىزنى قايسى مىللەت يېقىن كۈرسە شۇنى بىزمۇ يېقىن كۈرەيلى.مەسىلەن تۇرۈكلەر، قازاقىستان...بۇيەرلەردە ئۇيغۇرۇم ئۇز تىلىنى ئىشلىتىشتە ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ بۇلار نى بىز يېقىن تۇققان، قېرىندىشىمىز دەپ قارىساق تۇغرا بۇلىدۇ.
نەفىسە(ئاماننىس
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Orxun كە 2010-10-03 07:42 PMئەۋەتىلدى : ھازىر بەزى مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبىك بىر مىللەتمۇ دېگەن تېما سەل ئەۋج ئەپ قالدى.مۇشۇ توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان بولساق قانداق؟مېنىڭ شەخسىي پىكرىم،بىر مىللەت!!!!!
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 13قەۋەت BAHADIRHAN كە 2010-10-04 09:24 AMئەۋەتىلدى : مەنمۇ ئۆزبىك، چوڭ مەنىدىن ئالغاندا تۈركىي قەۋملەرگە تەۋەمەن، ئەسلىدە تارىختا ئۇيغۇر، ئۆزبىك دەپ ئايرىلمىغان، بۇ پەقەت ھۆكۈمرانلارنىڭ خەلقنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىش نەيرىڭىنىڭ ئاسارىتى خالاس، يىلتىز بىر، قان بىر، دىن بىر، ئىككى قەۋمدىكى ئوخشاشلىق تاسادىپىيلىق ئەمەس، دۇنيادا قان جەھەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە بۇ قەدەر يىقىن بولغان قەۋمدىن يەنە بىرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس، بىز قان - قىرىنداش. ئۆزبىكىستاندىكى مەلۇم مەسىلىلەرگە كەلسەك ئۇمۇ ھاكىمىيەت بىشىدىكى بىر تۈركۈم نا ئەھلىلەرنىڭ ھارامزادىلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەلق دىگەن قوي پادىسىغا ئوخشايدۇ، نەگە باشلىسا شۇ يەرگە ماڭىدۇ. ئىسلام كەرىمۇپ دىگەن نا ئەھلى خەلقنى ئاشۇ يولغا مەجبۇرى باشلاۋاتىدۇ. دۇنيا تۈركلەر ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانمۇ شۇ نائەھلى، بىر نەچچە ئەسىر ئايرىلىپ ياشاش جەريانىدا ئىككى قەۋم ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرقلەرنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئىتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت، بىراق بۇ پەرقلەرنى ئۆز ئارا چۈشىنىش ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەرقلەر ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزگۈدەك ئۇنچە پىرىنسىپاللىق مەسىلە ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، كۆيۈنۈش، مىھرىبانلىق، قان - قىرىنداشلىق مىھرى.
كۆرۈش چەكلەندى
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ