مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 25570|ئىنكاس: 138

ئـوغـرى قىـزنىڭ  قەلىـب قـەسىـرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنسىر ئالغا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 33286
تۆھپە نۇمۇرى: 714
توردا: 2950 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-3 07:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

"ئوغرى قىزنىڭ قەلىب قەسىرى "

باشقىلاردىن نۇرغۇن قېتىم مۇھاببەت ئازابىنىڭ بەكمۇ قاتتىقلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق، بىرەر قېتىممۇ باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغاچقا بەك ئىشنىپمۇ كەتمەپتىكەنمەن.
باشقىلار مۇھاببەت ئۈچۈن ياش تۈكسە <ئەخمەق ،مۇھاببەت ئۈچۈن ياش تۈككەننىڭ ھەمسى ئەخمەق> دەپ ئۇلارنى مازاق قىلىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
كونىلار <<ئالدىرماڭ يارەي ،سىزگىمۇ بىر كۈنى بارەي>> دەپ بەكمۇ توغرا ئېيتىپتىكەن .
ھەي ھايات قىسىمىتى نېمە دىگەن ئەگىرى -توقاي ھە ....
23 ياشلىق قىسقىغىنە ھاياتىمغا نەزەر سېلۋاتىمەن ،توۋا باشقىلار باللىقتىن تارتىپ ياشلىقىغىچە بولغان مەزگىلىنى بەس-بەستە زوق بىلەن سۆزلىشدىكەن ،بىراق مىنىڭ بۇ 23 ياشلىق ھاياتىمدا مەن مەنىلىك قىلىپ سۆزلەيدىغان بىر مەزمۇن بولسا نىمە دەي .
دادام، ئاپام مەن كىچىك چاغدا ئاجىرشىپ كېتىپتىكەن ،باشقىلار ئاجىرشىدىغان چاغدا
بالىنى مەن ئالىمەن دېسە مەن ئالىمەن دەپ تالشىدىكەن ،توۋا مىنىڭ ئاتا -ئانامنىڭ يۈرىكى تاشمىدۇ بىلمىدىم ،بالىنى سەن ئال دېسە سەن ئال دەپ مىنى بىر-بىرگە ئىتىرىپ ئاخىر بولماي سوتتىن دادامغا بۇيرۇپ بەرسە مىنى كېيىنكى ئايالىنىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىشقا پېتىنالماي ،ئاپسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپ كارى بولمىغان ئىدى .
مەن پۇل لازىم بولۇپ ئىزدەپ بارسام ئۆگەي ئاپام مىنى ئىشكىنىڭ بوسۇرغۇسىدىن ئاتلاتماي يولغا سالغانلىقى ھازىرقىدەك ئېسىمدە .
بىچارە مومام مىڭ جاپادا مېنى ئوقۇتماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق يەتمىشتىن ئاشقان ،يىگىرمە يىل تۇل ئولتۇرۇپ ئىككى بالىنى قاتارغا قوشقان مومايدا نىمە بار دەيسىز ؟
باللىرى بىر -بىردىن ئىسىل دادامغا ئوخشاش تېپىپ قۇيۇپ كارى يوق ،بىچارە موماي يالغۇز، ئاپسى يالمىغان داداسى قارىمغان ئۈچ يىتىمەكنى قانداق بېقىپ بولىدۇ ،شۇڭا باشلانغۇچنى تۈگۈتىپلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ دادامنىڭ سىڭلىسنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن توڭگۇز تورپىقى ئويناپ ئون بەش ياشلىق ھاياتقا قەدەم قويدۇم.
كىچكىمدىن ئوغۇل باللار بىلەن ئويناپ شۇ ئىككى نەۋرە ئاكامدىن ئاشقان كىيمىنى كىيىپ چوڭ بولغاچقىمۇ ،يۈرۈش تۇرشۇمدىن تارتىپ مىجەزىمگىچە ئوغۇل بالا تارتىپ كەتكەن ئىدى .
ئىككى نەۋرە ئاكاممۇ بىر-بىردىن شوخ قېنىدا يۈرمەيدىغان بولغاچقا بىز ئۈچىمىز بىر بولۇپ مەھەلىنى بېشىمىزغا كېيەتتۇق ،
ھەممىز كىچىك تۇرۇپ ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولغاچقا كىم كوچىدا باللىرنى يىتىلەپ ماڭسا شۇ كىشىگەھەم بالسىغا ئۆچلۈك قىلاتتۇق ،شۇ بالىنىڭ ئاتا -ئانسى يېنىدا بولمىسا شۇ بالىنى ئۇراتتۇق ياكى بىر يېرىنى چىمدىۋالاتتۇق ،
مەھەلدىكى كوچا چېراقلىرنى چاقاتتۇق ،كىمنىڭ توخوسى سەيناسىدىن سىرتقا چىقىپ قالسا شۇنى ئوغۇرلاپ سېتۋىتەتتۇق .
خۇلۇم -خوشنىلارنىڭ ئىشىك -دېرىزىلىرنى چاقاتتۇق
ئىشقىلىپ بۇ ئۈچىمىزنىڭ كۆزىگە نېمە مۇكەممەل كۆرۈنسە شۇنى چېقىپ كەمتۈك قىلاتتۇق ،كاللىمىزدا ياخشى ئىش ئەمەس يامان ئىشلار ئەۋىج ئالغان ،پىسخىكىمىزگە بىر خىل ۋەھىمە چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەن ئىدى .
باشلانغۇچنى پۈتتۈرۇپلا ئوقۇتمىغاچقا كوچا داشقاللىرى بىلەن بىرىلىشىپ ئوغۇرلۇق قىلاتتۇق ،بىز ئوغۇرلۇققا كىرىمىگەن ماگېزىن ،ئاشخانا ،موزدۇز خانا قالمىغان ئىدى ،ساقچىخاندىكلەرمۇ بىزنىڭ ئون بارمىقىمىزنىڭ ئىزنى تۇلا ئۈرنەك ئېلىپ ھارمىغان ،بىزمۇ خۇددى راڭپىزخانغا كىرگەندەك ساقچىخانغا تۇلا كېرىپ زېرىكمىگەن ئىدۇق .
مومام بىچارە ئۈچ يىتىم نەۋرىسى دەستىدە قان زەردەپ بولغان ئىدى ،بۇرۇندىن مۇمام بىلەن ئىزدىشىپ ،سالام قىلشىپ ئۆتىدىغان خۇلۇم -خوشنىلىرى بىز ئۈچ ئوغرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلشىغا ئۇچۇرغاچقا چوڭ ئانامنى كۆرسە كۆرمەسكە سالدىغان، تېخى بەزىسى قاچىدىغان بۇلشۇپمۇ قالغان ئىدى ،
بىچارە چوڭ ئانام ئاممۋىي سورۇنلارغا بارسا يۈزچىلا باشقىلارنىڭ
_سېلىم قېرىنىڭ ئۈچ ئوغرىسى دېگەن ھاقارەتكە ئۇچرايدىغان كۈنلىرمۇ نۇرغۇن ئىدى .
مۇمام بۇنداق چاغلاردا بۇ ھاقارەتكە چېدىماي مىنىڭ دادامنى ،ئىككى ئاكامنىڭ ئاپسىنى چاقىرىپ كېلىشكە مەجبۇر بۇلاتتى ،بىراق بۇ ئىككى چوڭام ئىشىكتىن كىرە-كىرمەي كالتەك ئېلىپ ئۈچىمىزنى مەھەللىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگە سۈر -توقاي قىلاتتى ،شۇ چاغدا مەھەللىنى قىيا -چىيا قاپلايتتى .
بۇنداق چاغلاردا چوڭ ئانام تېخمۇ ئازابلىنىپ كەتكەچكىمكىن كېيىنچە بۇ چوڭلارنى چاقىرماس بولدى .
ئۈچىمىزدىن قايسىمىز ئوغورلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ قايتىپ كەلمىگەن كۈننى چوڭ ئانام بىچارە كېچىچە جەينىمازدىن چۈشمەي بىزنىڭ ئىنسابىمىزگە دۇئا قىلىپ يىغلاپ چىقاتتى .
مۇشۇ تەرەقىدە كۈنلەر ،ئايلارنى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋەردى ،چوڭ ئانامغىمۇ قېرلىق يەتتىمۇ ئىشقىلىپ يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ،
ئۈچ يېتىم يىتىملەر كوچىسىغا يەنمۇ چوڭقۇرلاپ پاتتۇق ،دادام ھەم سىڭلىسى مومامنىڭ ئۆلمىنى ئۇزتۇپ بۇلۇپ بىزنى قەلىب ئالبومىدىن ئۆچىردى بولغاي بىزنى قايتىلاپ ئىزدەپ كەلمدى ،ئۈچىمىزمۇ شۇنىڭغا رازى بۇلۇپ ئۈز ھالاكچىلكىمىز بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋەردۇق ،
نەدە ئۇرۇش -جېدەل بولسا تۆت ناننى قولتىقىمىزگە قىستۇرۇپ ئۇرۇشقا جۆر بۇلاتتۇق ،شايكا توپلاپ ئوغۇرلۇققا كېرەتتۇق ،كېچسى ئۆيگە قايتماي ماگېزىنلارنىڭ ئەينەكلىرنى چېقىپ يۈرگىنىمىز -يۈرگەن بولدى.
يېشىمىزنىڭ بارغانسېرى چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ئۈچىمىز ئۆزگۈرۈپ باشقىچلا ئادەم بۇلۇپ قالغان ئىدۇق .
ھەممدىن بەكرەك ئۆزگەرگىنى ئىككى نەۋرە ئاكام بولدى ،بۇ ئىككسىدىن چوڭنىڭ ئىسمى كامران كىچكىنىڭ ئىمران ئىدى ،كامران ئىمراندىن پەقەتلا بىر ياش پەرەقلىنەتتى ،مەن ئىمراندىن ئۈچ ياش كىچىك ئىدىم
دائىم ئۆزۈمنى ئوغۇللاردەك ھىس قىلساممۇ بىراق بۇ ئىككى ئاكام مىنى خۇددى كىچىك قىزلارنى پەپىلىگەندەك پەپىلەپ باقاتتى ،قانداقلا ياخشى نەرسە ئوغۇرلاپ كىرسە ماڭا بېرەتتى ،ئۇلار بىلەن بىرگە ئوغۇرلۇققا چىقاندا بولسا مىنى پەقەت كۆزەتچىلىككە قۇيۇپ قىيىن ،مۈشكۈل ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلاتتى ،بىرگە ئوغۇرلۇق قىلدىغان بازارچى باللارنى ماڭا يوغانراقمۇ قارغىلى قويمايتتى
كامران جىمغور ،لىكىن كالىسى ئۆتكۈر ئىدى ،ئىمران قىزىققان ،تەنتەك ئىدى ،
كامران ماڭا يۇشۇرۇن غەمخورلۇق قىلسا ،ئىمران ئاشكارە ئاسرايتتى .
چوڭ ئانام تۈگەپ كېتىپ ،چوڭلارنىڭ بىز بىلەن كارى بولمىغاندىن كىيىن بىز ئۈچ قېرىنداش بىر -بىرىمىزگە ھەمنەپەس بۇلۇپ جاپاللىق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق .
كىچىكىمىدىن ئوغۇللارچە ياسىنىپ يۈرگەچكە ھەممسى ئەسلىدىكى شىرىن گۈل دىگەن ئىسمىنى شىر دەپ چاقىرشقا ئادەتلەنگەن ،كۆزۈمىنى يېپىپ تۇردىغان قىرقىم چاچلىرىم بىلەن ئوغۇللارنىڭ پادىچىلار كىيمى ئىسىمغا ماسلاشقان ئىدى ،
كۈنلەر ئۆتكەنسىېىر تۇرمۇشىمىزدا پەقەت يېڭىلىق يوق ئۆتىۋەردى ،بىراق ئىككى ئاكام دائىم قىزىرشىپ قالدىغان ،قەستەن بىر -بىرنىڭ سۆزلىردىن قۇسۇر تاپىدىغان گەپ قىڭغىر كەتسە ياقىلشىپ پومداقلىشىپ كېتىدىغان بۇلۋالدى ،
ئىمراننىڭ بۇنداق سەپرا مىجەزىگە كىچىكىمدىن كۈنۈك بولغاچقا ھەيران قالمىدىم ،بىراق كەمسۆز ،ئېغىر مىجەز كامراننىڭ بۇنداق سەپرا بۇلۇپ قېلشى مىنى ئەجەپلەندۈرەتتى ،قانچە ئويلىساممۇ بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر كاللامدىن پەقەت ئۆتمەيتتى ،
بىر كۈنى كامراننىڭ ئىككى ئوغرىسى بىلەن بىر ئادەمنىڭ يانفون ،پۇل قاپچۇقدىكى بەش مىڭ سومنى ئولجا ئېلىپ خۇشاللىقتا تەبرىكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييار يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىپ كىرسەڭ كامران بىلەن ئىمران ھە دەپ كاناي سىقىشقلى تۇرۇپتۇ ،ئۇلارنىڭ چىرايى قاتتىق ئۈڭۈپ ئۆكسىلى ئۆچكەن ،ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۇپ ئىشىك تۈۋىدە تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم ،مەن بىلەن بىرگە كىرگەن ئىككى شوركا يۈگىرەپ بېرىپ ئۇلارنى ئاجىراتتى ،شۇ چاغدىلا ئۆزۈمگە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئاپسىدەك ئۇلارنى سوتلاشقا باشلىدىم :-
_نىمە قىلىق بۇ مۇشتىمىمىز خەققە بىكارغا كەتمىسۇن دەپ بىر -بىرىڭگە ئېتىشقىلى تۇردۇڭمۇ ،بىكارچى بۇلۇشساڭ بازارغا چىقىشساڭ بولمامدۇ ،كېلەر قېتىم كىم شۇنداق قىلسا چوڭ ئانامنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ كەتسۇن ،دېدىم ئۇلارغا چەكچىيىپ
_ماڭقا شۇم دىدى ئىمران چېرايىغا زورلاپ كۈلكە ئەكىلىپ
_چاقچاق قىلشتۇق دېدى كامرانمۇ
بۇ قېتىملىق ئۇرۇش نىمە سەۋەبتىن بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم، بىراق بۇ ئىككى ئاكام مىنىڭ يۈزۈمنى قىلىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قېشىمغا كېلىپ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى مەن ھەم ھېلىقى ئىككى شوركا بىلەن بىرگە مەززە قىلىپ يېشى مىنى شاتلاندۇرغان ئىدى .
ئۇلارنىڭ بۇ تەمكىن ھالىتىگە قاراپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشتى
بىراق بۇ ئىككسىنىڭ جىدىلى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن ئىدى ،بۇ ئىشلار بۇلۇپ ئۈچۈنجى كۈنى ئەتىگەندە ئىككسى يەنە ۋاقىراشقان پېتى سىرتقا ماڭدى ،ئۇلاردىن نىمىش بولغانلىقىنى سورغان بولساممۇ بىراق ئۇلار ماڭا پەرۋا قىلماي بىر -بىرنى ئېتىرىپ دېگۈدەك سېرىتقا چىقىپ كېتىشتى ،
كۆڭلۈم بىرخىل شۇملۇقنى سەزگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ بۇنداق چۈجە -خۇرازدەك سوقۇشقان ھالىتنى كۆپ كۆرگەچكە ئۆز ئىشىم بىلەن مەشخۇل بۇلۇپ ئولتۇراتتىم ،ئۇلار چىقىپ كېتىپ ئون مىنۇت بولمايلا ئۇدۇل خوشنىمىز پاتەمخان ئاپا ۋاقىرغان پېتى سەيناغا يۈگرەپ كەلدى
_شىر ....شىر
_شىر چاتاق ..چاتاق ...چاتاق چىقتى ،ئاكاڭ ..ئاكاڭنى ئۆلتۈرۋەتتى
ئاخشام ئىككى ئاكامغا تەييار چۆپ چىلاپ بەرگەن ئىدىم ،ئاخشام ئىش قىلىش خۇش ياقماي قاچىلارنى جايىغا تاشلاپ قويغان ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇپ شۇ قاچىلارنى يۇيۇشقا تەمشلىۋاتقان ئىدىم ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇلقۇمغا ئىشەنمەي پاتەمخان ئاپايدىن قايتا سوردۇم
_پاتەم ئاپاي نىمىش بولدى دېدىم قۇشۇماممنى تۇرۇپ
_ئاكاڭ ...ئاكاڭنى ...ئاكاڭنى ئۆلتۇرۋەتتى
چاراڭ -چۇرۇڭ قىلىپ قۇلۇمدىكى قاچا يەرگە چۈشۈپ پارە -پارە بۇلۇپ كەتتى
بار كۈچۈم بىلەن سېرىتقا يۈگۈردۇم ،ئادەتتىكىدىن بەكرەك تىز يۈگۈرۋەتمەن ،بىراق پۇتۇمغا تۈگمەن تېشى ئېسىپ قويغاندەك يۈگرۈرشىم قىينلشۋاتقان ئىدى ،
مىڭ تەستە مەھەللە دوقمۇشىغا كەلدىم ،بۇ يەرگە نۇرغۇن ئادەم يىغلىۋالغان ،ئادەم توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ قانغا مىنلىپ ياتقان ئىمراننى كۆردۈم ،ساقچىلار ئالبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىدى ،كامران ئەتراپتا يوق ،كاللامداكامرانمۇ يوق ،
ئىمراننىڭ ئۈستىگە تاشلاندىم ،دوختۇرلار ھەم ساقچىلار مىنى كۈچەپ تارتىۋاتاتتى ،مەن بار كۈچۈمنى يىغىپ ئىمراننى قۇچاقلىدىم ،ئۈنۈمنى چىقىرىپ ۋاقىراپ يىغلاۋاتاتتىم،
_ئىمران ..ئىمران نىمە بولدۇڭ گەپ قىلە ،گەپ قىلە ئاكا ،سەن مىنى مەڭگۈ قوغدايمەن دېگەن ئىدىڭغۇ ئىمران ،ساڭا نېمە بولدى ،سىنى كىم ئۆلتۈردى ،ماڭا بىر ئېيتىپ بېرە ئىمران ،ئاكا دە دەپ مەندىن قاخشايتىڭغۇ ،ماقۇل ئاكا دەي ئىمران ئاكا دەي ئورنۇڭدىن تۇرە ئىمران، تۇر دەيمەن.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىمراننى كۈچەپ تەپتىم (بۇرۇنمۇ ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بۇلۇپ يېتۋالاتتى ،مەن جىلە بۇلۇپ تەپكەندە ئاندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مىنى غىدىقلايتتى )ئەمما ھازىر ئۇ ئورنىدىن قىمىر قىلماي ياتاتتى ،پاتەمخان ئاپاي ھەم مەھەللدىكى ياشقا چوڭ بىر نەچچە ئاپاش مىنى چەتكە تارتىپ ئېلىپ كەتتى ،مەھەللدىكى كىشلەر ئىمراننى كۆتۈرشۈپ ئۆيگە ئېلىپ مېڭشتى ،ئۇلارغا ئەگەشتىم ،يۈركۈم ئېغىپ پارچلىنىپ كېتىدىغاندەك بۇلۇپ قالغان ئىدى ،
_كامران قېىنى دەپ سوردۇم پاتەمخان ئاپايدىن
_بالام سەۋىر قىل ئۇنى ساقچىلار ئېلىپ كەتتى دېدى ئۇ
_نىمىشقا ؟؟نىمىشقا ئېلىپ كېتىدىكەن دەپ ياندۇرۇپ سوردۇم ئاپايدىن
_ئىمراننى شۇ كامران ئۆلتۇردى بالام دېدى موماي يەڭلىرى بىلەن كۆز ياشلىرنى سۈرتۇپ
ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك ،پۈتۈن جاھاننى زۇلمەت قاپلاپ قىيامەت قايىم بولغاندەك بېشىم قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ،ئۆزۈمنى ئاران -ئاران تۇتۋېلىپ ئۆيگە كېلىپ كارۋاتقا تاشلاندىم ،ئۇنىڭدىن كىيىن نىمىش بولدى ئۇقمايمەن ،بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام پاتەمخان ئاپاي بىلەن ئىمراننىڭ ئاپسى يىغلىغلى تۇرۇپتۇ ،سەينادا يەنە ناتۇنۇش ئىككى ئادەم
توۋا پىلانلىق تۇغۇت بولمىغان بولسا مۇمام جىق تۇققان بولسا بىزنىڭمۇ جىق تۇقىنمىز بولغان بولسا ئىمراننىڭ ئۈلىمى بۇنچىلىك غېرىپ بولماس ئىدى ياكى ئىمرانمۇ ياخشى بالا بولغان بولسا مەھەللە كويدىكى كىشلەر ئۇنىڭ مۇنداقلا كېتىشىگە چېدىماي ھازا ئاچقان بۇلاتتى ھە ،
ھاممامنىڭ ھازىرقى يولدىشى بۇ ئىشنى ئاڭلاپ نۇمۇس قىلىپ كەلمەپتۇدەك ،ئىمراننىڭ ئۆز دادسى ئىمراننىڭ ئاپسىنىڭ ئەينى چاغدا ئۆزىنى ،ئىككى بالسىنى نابۇت قىلىپ سىرتقا قاراپ قالغان ھاممام بىلەن ئاجىراشقاندىن تارتىپ بۇ شەھەردىن كېچىپ كەتكەنمىش شۇڭا ئوغلىنىڭ ئۆلىمدىن خەۋەرسىزمىش
دادام بولسا ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا يېتىپ قالغاچقا ئۈلۈمگە كېلىشكە لايىق ئەمەسمىش

ھەي تەقدىر -قىسمەت ،ھەي ھايات چاقپەلكى!!!
پەلەك چۆرگىلەپ ئىمراننىڭ ئۆلىمىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ،ئۈچەي -باغرىنى يېرىپ ساداقەت كۆرسىتىدىغان جان -جىگەر دوسلىرى ئالا-قاياقلارغىغۇ غايىپ بولغان ئىدى ،ئىمراننىڭ ئۆلىمگە ،مەن، پاتەمخان ئاپاي ،ھاممام ،پاتەمخان ئاپاينىڭ يولدىشمۇ ياكى تۇققىنمۇ ئىككى نامەلۇم ئادەم ھازا ئاچتۇق ،ئۇنىڭ نامزىنى چۈشۈرىشكە ئىماملارنى تەستە قايىل قىلدۇق ،ئىماملارنىڭ دېيشچە ،ئوغرى ،ھاراقكەش ،بەڭگى ئىمراننىڭ نامزىنى چۈشۈرشكە يۈزى چىدىماسمىش ...
مېيىتنى جىنازىغا سېلىپ ماڭغاندا جىنازىنى پاتەم ئاپاينىڭ ھېلقى تۇقانلىرى كۈتۈرشۇپ بېردىغان بولدى ،يەنە بىر تەرپىنى مەن كۈتۈردىغان يەنە بىر تەرپىنى كۆتۈرۈشكە ئادەم چىقماي ھاممام كۈتۈرۈپ ماڭماقچى بولغاندا اللاھ ئەۋەتىمۇ قانداق كامراننىڭ ئىككى شوركىسى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇپ مېيىتنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەتتى .
يىغا -زار ئىچىدە ئىمراننى باقى ئالەمگە ئۇزتۇپ قويدۇق ،كامران بولسا يەنىلا سۇلاقتا تۇردى ،ئىمران كېتىپ بىر ئاي بولغاندا كامرانغا ھۆكۈم ئىلان قىلىندى ،
ئۇنىڭغا ئېچىلغان سوتقا قاتناشمىدىم ،ھاممام بېرىپ قاتنىشىپ كەلدى ،ھاممانىڭ دېيشچە ئىككىسى بىر تال ئوغىرلىغان يانفۇننى تالشىپ ئۇرشۇپ قاپتىمىش ،پىچاق ئىمراننىڭ ئىكەن ،ئىمران پىچاقىنى شىلتىغاندا كامران تۇتۋېلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغاندا ئىمرانغا كېرىپ كېتىپتىمىش ،كامران بۇ ئىشلارنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىپتۇ ،سوتتىن ئۇنىڭغا يېگىرمە بەش يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ ئۇنىڭ سىياسى ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىپتۇ ،ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايتتى ئۈچۈن ئىككى يىل جەمئىي 27 يىل تۇرمىدە ياتارئىمىش .
ھاممادىن بۇ گەپىنى ئاڭلىغاندا كامراندىن شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ ،ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن ئىدىم
بۇرۇن ئۇنڭغا ئىمراندىن بەكرەك ئامراقلىقىم كېلەتتى ،ئۇنى ھەممە جەھەتتە ئىمراندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇياتتىم ،قانداق كۆڭۈل سۆزۇم بولسا كامرانغا ئېيتاتتىم لىكىن ھازىر ....
ئاچچىق ھاياتىمغا ئېچىنىپ قانىتى سۇنغان بىر كىچىك قۇشقا ئوخشاپ قالغان ئىدىم ،بارچە نەرسە كۆزۈمگە شۇنچىلىك رەزىل ،شۇنچىلىك كۆرۈمسىز كۈرنەتتى ،
ھاممامنىڭ مىنىڭ ئۆيۈمدە تۇر دېيشىگە ئۇنماي ،چوڭ ئانامنىڭ بۇ غېرىپ تاملىرى چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئېغىزلىق كەپىسدە تەنھا ياشىماقتا ئىدىم ،كامران بىلەن ئىمراننى ئويلىساملا كۆز ئالدىمدا ياش ئەگىيتتى
كىچكىمدىن ئۆزۈمنى ئوغۇل بالدەك قەيسەر ھىس قىلاتتىم ،تېخى ئوغۇل بالىدا يوق جاسارەت مەندە بار دەپ جار سالاتتىم ،يىغلاش قىزلارغا خاس دەپ كۆزۈمدىن قەتئىي ياش چىقارمايتتىم ،چوڭ ئانام تۈگەپ كەتكەندە ئىمران كۈلۈپ تۇرۇپ
_ھەي سىنى قىز بالا دېسەم ئىشەنمەيسەن تەن ئال، قارا مىشچان قىز بالا سەن دېگەن ئىدى ،مەن ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ
_تاش يۈرەك چوڭ ئانام ئۆلۈپ قالسىمۇ نىمىشقا يىغلىمايسەن دېسەم ئۇ تېخىمۇ بەك كۈلۈپ
_كالۋا قىز چوڭ ئانام ئازاتقا چىقتتى ،ئۈچ ئوغرى، يېتىمەكنىڭ دەردىنى تارتىپ ،كىشلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ ،ئوغلىنىڭ مەس بۇلۇپ كوچىدا يېتىپ قالغان ھالىتىنى ،قىزنىڭ يات ئەرلەردىن تاياق يېگىنى كۆرۈپ يۈركى پۇچلانغاندىن ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتقىنى ياخشى ئەمەسمۇ ،بىز سېغىنساق مازالىققا بېرىپ يوقلاپ كېلىمىز ،بىچارە ئازابتىن ،غەمدىن ،ئەندىشدىن قۇتۇلدى دەپ ياش تۆككەن ئىدى
شۇنىڭدىن كىيىن چوڭ ئانام ئۈچۈن ياش تۆكمەس بولغان ئىدىم ،بىراق ئىمران ئۈچۈن ئۆزۈمگە شۇنچىلىك تەسەللىي بېرەي دېسەممۇ بىراق كۆز ئالدىمدا بۇ ئىككى قېرىندىشىم بىلەن بىرگە تامغا ياماشقىنىمىز ،كىشلەرنىڭ ئۆيگە ئوغۇرلۇققا چۈشكەندە قىلغان تاتلىق قىلىقلىرى ،قانداق چېرايلىق نەرسە تېپۋالسا ماڭا مىھىرلىك قەلبى بىلەن بېرىشلىرى كېلۋېلىپ مىنى ئازابلايتتى ،
كامراننى شۇنچىلىك يوقلاپ كەلگۈم كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئۆز ئىنسىنى ئۆلتۈرگەندىن ئىبارەت ھەقىقەت كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا كۆڭلۇم پەقەت ئۇنمىدى ،
ھەي ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ تۈرمىگە كىردىغانلار تۈرمىگە قامىلىپ ئۆي ماڭا قالدى ،قۇرسقۇمدا ئۇماچ ،قۇلۇمدا ھۈنەر بولمىغاچقا يەنە كونا ئۇسۇل بىلەن جان باقماقچى بولدۇم ،
توۋا دەيمەن ،ئاي چىقان كۈنلىرى پەقەت ئوغۇرلۇققا چىقىم كەلمەيتتى ،پەقەت ئاي قاراڭغۇسدىكى ۋەھىمىدە كىشلەرنىڭ ئۆيگە ئارتىلىپ كېرىپ پۇل -پۈچۈكلەرنى ،پۇلغا يارغۇدەك نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆيدىكى ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ چېرايلىق نەرسىلىرىنى يا ئەپچىقىپ چېقىۋېتەتتىم ،يا بۇزۋېتەتتىم ،
كۈندە ئامەت ئوخشاش بۇلىۋەرمەيدىكەن ،
بىر كۈنى كۈندۈزدە بىر مودا ياسانغان نايناقىنىڭ سومكىسنى ئاختۇرۋاتقان نەخ مەيداندا ساقچىلار قۇلىغا چۈشۈپ قالدىم
بۇ رايۇننىڭ بۇرۇنقى ساقچلىرىنىڭ ھەممسى مەن قاتارلىق بىر قاتار ئوغۇرلارنى ئوبدان بىلەتتى ،ھەر ئايدا ئۇلارغا ئىككى -ئۈچ مىڭ بەرسەكلا ،ئوغۇرلۇق قىلساقمۇ كۆزىنى قىسىپ ساقچىخاندىن چىقمايتتى ،شۇڭا بۇ رايۇندا ئۆزىمىز خان ،ئۆزىمىز بەگ ئىدۇق ،بىراق بۈگۈن ئىككى ئاقپىشماق ياش ساقچىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالدىم ،ئىلگىرى بۇلارنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۇلارغا ئارتۇقچە قارشىلىق كۆرسەتمەي ئۇلار بىلەن بىرگە ساقچىخانغا باردىم
بۇ ئىككى ياش ساقچى ئۆزى بىلەرگە مىنى سوراق قىلشىقا باشلىدى .
_ئىسمىڭ نېمە ؟دەپ سوردى ،ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتى پۇراپ تۇردىغان ،قىرقىم چاچ ،يوغان كۆز ،نازۇك باۋيۈ چېراي بىرى ، ئۇنىڭ چېرايىغا قاراپ شۇنداق كۈلگۈم كەلدى، يەنە بىرسى ئۇنۇڭدىن قېلىشمىغدەك ئاقپىشماق ،قاشلىرى ئەگىم ،بەللىرى ئىنچىكە ،بارماقلىرى ئۇزۇن ئىدى
ئىككىسى مىنى مەنستمىگەندەك تاماكىنى قىڭغىر چىشلاپ يەنە سوراشقا باشلىدى
_ئىسمىڭ نېمە دەپ سوراۋاتىمەن ؟دېدى باشتا سۇئال سورىغان ساقچى ئۈنلۈك ۋاقىراپ
_راس ئىسمىممۇ ياكى تەخەللۇسۇممۇ دەپ سوردۇم خۇش ياقمىغان تەلەپپۇزدا
_راس ئىسمىڭ ؟دېدى ئۇلار سەل جىلە بۇلۇپ
_شىرىن گۈل دېدىم سوزاپ
ھەر ئىككى ئاقپىشماقىنىڭ چېرايى ئۆڭۈپ چۈچۈپ كەتتى
_نې..نېمە ...نېمە دېدىڭ..دىڭىز دېدى تەستە ئۇزۇن بارماق ساقچى
_شىرىنگۈل
_سىز قىز ..قىز بالىمۇ ؟دەپ سوردى باۋيۈ خۇجام
-قىز بالا بۇلامدىم ئوغۇل بالا بۇلامدىن نېمە كارىڭ ،چاققان باشلىقڭىنى چاقىر دېدىم بۇيرۇق تەلەپپۇزدا
گېپىم ئۇلارنىڭ ئورغۇسىنى قايناتتى بولغاي گەپ قىلالماي ئۈڭسىلى ئۈچۈپ تۇرشىغا ،مەندىن ھەر ئايدا پۇل ئالدىغان بۇ يۇرتتىكى بارلىق ئىپلاسلىقلارغا يول قۇيۇپ ھارامنى يەۋېرىپ ھارام پاتماي قۇرسقى يوغناپ كەتكەن قارامالتاق ساخچىخانا باشلىقى ئەختەر كېرىپ كەلدى ،ئۇ مىنى كۆرۈپلا بىر خىل ئوڭايسىزلاندى بولغاي قول ئاستىدىكلەرگە
_چىقىپ تۇرۇڭلار شىرنى ئۆزۈم سوراق قىلمەن دەپ ئۇ ئىككى ئاقپىشماقىنى چېقىرۋەتتى
ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە ئەختەر قېشىمغا كېلىپ قۇلۇمدىكى كويزىنى ئېچىپ ماڭا خۇشامەت قىلغىلى تۇردى
_ئۇكام خاپا بولما بۇلار يېڭى كەلگەن ،بۇندىن كىيىن ئۇلار دېققەت قىلسۇن دېدى
_بۇندىن كىيىن ؟بۇندىن كېيىنكىسمۇ بۇلامدۇ ؟دەپ سوردۇم ئەختەردىن
_يا ..ياق خاتىرجەم بول ئۇكا ئەمدى بۇنداق ئىش تەكرارلانمايدۇ دېدى ئۇ مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئىشكىنى "جاڭ "يېپىپ تاقىلداپ دەسسەپ ساقچخانىدىن سېرىتقا قاراپ ماڭدىم
ساقچىخانا چوڭ ئىشكىدىن ئەمدى چىقىپ تۇرشۇمغا بىرسىنىڭ كەيىنمدىن چاقىرغان ئاۋازاى ئاڭلاندى
_شىرىن گۈل ...ھەي شىرىن گۈل
مىنى ئەزەلدىن بىرسى بۇنداق چاقىرىپ باقمىغاچقا ئىسمىنىڭ شىرىن گۈل ئىكەنلىكىمۇ ئىسىمدە يوق ئىدى خىيالمدا يوق كېتىپ بارسام بىرسى مۈرەمگە يىنىك نوقىدى ئىتتىك بۇرلۇپ كەينىمگە قارسام بايقى باۋيۈ قېشىمدا تۇراتتى ،
ئەرۋايىم قېرىق گەز ئۆرلىدى
_نېمە ؟بىر نەرسەڭ مەندە قاپتىكەنمۇ دېدىم قاپقىمنى تۈرۈپ
_ياق دېدى يىگىت مۇلايىم بىرخىل ئاھاڭدا
_ئەمسە نېمە دەيسەن دېدىم سەپرالىق بىلەن
_ھىچ ..ھېچنىمە شۇ سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەن دېدى ئۇ يېگىت
كۈلگۈم كەلدى ،بىر ئوغرى بىلەن بىر ساقچىنىڭ پارڭلىشى
_قىزىپ قالمىغانسەن ،پاراڭلىشىپ نېمە قىلاتتىڭ ،بايا باشلىقىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بولغان گەپ بولسا شۇنىڭدىن سورا دېدىم ئوياق -بۇياققا قاراپ قۇيۇپ
_بىلدىم ،بىراق سىز بىلەن دوستانە پاراڭلاشقۇم بار ئىدى دېدى ئۇ سەممىيلىك بىلەن
ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈلۈك چىقىپ تۇردىغان نۇرلۇق كۆزلىرى مىنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشقا ئۈندەيتتى .شۇندىمۇ بۇرۇنقى ھاكاۋۇرلۇقۇم تۇتۇپ
_ئوغرىغا گەپ قىلغاننىڭ ئۈزى ساراڭ ،ئىككىمىزنىڭ ئورتاق تېمىمىز بولمىسا نىمنى پاراڭلىشمىز دەپ سوردۇم ،
ئۇ سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن
_سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي ،پاراڭلىش جەرياندا ئاندىن ئورتاق تىما چېقىدۇ دېدى
ئۇنى يەنە رەت قىلماقچى بولدىميۇ بىراق يۈركۈم گۈپۈلدەپ سوقۇپ ،يۈزۈم قىزىرىپ تىلىمغا گەپ كەلمەي قالدى ،ئۆزۈمگە ھەيران قالدىم ،مەندە ئەزەلدىن بۇنداق جىدىلىشىش بۇلۇپ باقىمغان ئىدى
ئۇ ساقچى يېگىتنىڭ يول باشلىشى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىگە جايلاشقان ئۈچ قەۋەتلىك ،مۇھىتى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بىر تىز تاماقخانغا كىردۇق
مىللىيچە كىيىنگەن بىر مۇلازىم قىز قېشىمىزغا كېلىپ بىزگە چاي قۇيغاندىن كىيىن بىزنىڭ نېمە تاماق يەيدىغانلىقىمزنى سوردى ،يىگىت بىزگە لازىملىقىنى بۇيرۇپ بولغاندىن كىيىن مىنى چايغا تەكلىپ قىلدى ،مەن پىيالىنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئەمدى چاي ئىچشىمگە ئۇ
_سىز نىمىشقا ئوغۇرلۇق قىلسىز دەپ سوردى ،
ئاغزىمغا ئەمدى چاينى ئېلىپ تۇراتتىم چاينى ئۇنىڭ ئۈستى -بېشىغا پۈركەپ سالغىلى تاس قالدىم ،ئۇنىڭ سۇئالى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك بىمەنە تۇيۇلدى
_قىزىقچىكەنسىزغۇ ،مېنىڭ يە ئېلىپ قويغان خوتۇنۇم يوق مىنى باقىدىغان ،يە قۇرسقۇمدا ئومچۇم ،يە قۇلۇمدا ھۈنۈرۇم بولمىسا ئوغۇرلۇق قىلماي نىمش قىلىمەن دېدىم ئۇنىڭغا چەكچىيىپ
ئۇ ئوزاق ئولتۇرۇپ كەتتى ،مۇلازىم قىز تاماقىنى ئالدىمىزگە ئەكلىپ تۇرشىغا يەر تېگىدىن ماڭا قاراپ
_سىز ئوغۇل بالىچە ياسنىپ ،ئوغۇللارچە چاچ قۇيۇپ يۈرسىڭىزلا ئوغۇل بالا بۇلۇپ قالامسىز دەپ سوردى
_بۇ توغۇرلۇق ئويلۇشۇپ باقماپتىمەن دەپ جاۋاب بەردىم
_سىز مۇشۇنداق يۈرسىڭىز ئاتا -ئانىڭىز قارشى تۇرمامدۇ دەپ سوردى ئۇ
_خى ..خى مىنىڭ قارشى تۇردىغان ئاتا -ئانام بولمىسا دېدىم يالغاندىن كۈلۈپ
_سىڭلىم ،سىز قىز بالا ئۆز ئەسلىڭىزنى تېپىڭ ،سىز بىر ئۆمۈر بۇنداق ئۆتۈپ كەتمەيسىز ،كىيىن تۇرمۇشقا چىقشىڭىز ،پەرزەنتلىك بۇلشىڭىز مۇمكىن شۇ چاغدا ،بالىڭىز سىزدىن ياشلىق ئۆتمىشىڭىزنى سۆزلەپ بەر دېسە ئۇلارغا ئوغۇرلۇق قىلغىنىڭىزنى ،ئوغۇللاردەك ياسنىپ كىشلەرنىڭ يانجۇقىنى كورلاپ جان باقىنىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشتىن ئۇيالمامسىز ؟سىز يالغۇز ئۆزىڭىزگە ئەمەس بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلسىز ،چاچلىرىڭىزنى مۇشۇنداق قىرقىپ يۈرسىڭىز سىز قايسى مىللەتكە ،قايسى دۆلەتكە تەۋە ئادەم بۇلسىز ؟سىز قايسى مىللەت ؟نەدە ياشاۋاتسىز ؟ياشاش مۇددايىڭىز نېمە ؟كەلگۈسىڭىزنى ئويلىمامسىز ؟ئانا بۇلۇشنى، ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنىت تەربىيلەپ مىللەت ئۈچۈن ،دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربيلەشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟سىز ياشلىقىڭىزنى مۇشۇنداق قاراڭغۇ كوچىلاردا ئۆتكۈزمەكچىمۇ ؟سىزدىن نۇمۇس قىلۋاتىمەن ،سىزدەك بىر قىز بىلەن بىر يۇرۇتلۇق ،بىر مىللەت ،بىر دۆلەتتىن بۇلۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلۋاتىمەن ،بايا سىزنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىڭىزنى ئاڭلىغاندا سىزنى نەچچە كاچات ئۇرماقچى ئىدىم ئاۋۇ پىسپاس باشلىقىمىز يول قويماي سىزنى قۇيۇپ بېرىپتۇ ،قالغان گەپلەرنى ئەمدى دەپ ئۆزۈمنى ئۇپۇرتۇپ ئولتۇرماي ،ئۆزىڭىز مۇنۇ تاماقنى يېگەچ ياخشى ئويلۇشۇڭ ھەمراھ بۇلالمايدىغان بولدۇم ھىساباتنى قىلۋېتىمەن خوش دەپ چىقىپ كەتتى ئۇ
ئۇنىڭ كەينىدىن ھاڭۋېىقىپ قاراپ قالدىم ،كاللام قۇپقۇرۇق نېمە ئويلاۋاتىمەن بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ ،بۇ ئاشپۇزۇلدا قانچىلىك ئولتۇرغۇنۇمنىمۇ بىلمەيمەن ،بىر چاغدا مۇلازىم قىزنىڭ تاماقخاننى تاقايىمىز دېگەن ئاۋازى بىلەن ئېسىمگە كېلىپ سېرىتقا چىقتىم ھەممە ياق قاپقاراڭغۇ ،پەقەت كوچا چېرغىنىڭ غۇۋا يۇرتۇپ تۇرشى بۇ شەھەرنىڭ جىمجىت مۇھتىغا ئازراق تەسەللىي بېرىپ تۇراتتى ،ئۆيگە مېڭىپ كەلدىممۇ بىلمدىم ،كاللام قۇرۇق ،ئويلىغان خىيالىنىڭ تايىنى يوق، بىراق زىھنىمنى زادىلا يىغالمايۋاتىمەن ،ئوخلىماقچى بولدۇم ،كۆزۇمدە لىق ئۇيقا بىراق كاللام ئارام ئالمايۋاتقان ئىدى ،
بىر كېچە بىئاراملىق ئىچىدە تاڭنى مىڭ تەستە ئاتقۇزدۇم ،ئەتگەن بەش بىلەنلا تۇرۇپ ئەسلىمگە كېلىش ئۈچۈن ئۇزاق سۈپۈرگە تەگمىگەن ھويلا -ئاراملارنى تازلىدىم ،كونىراپ تاملىرى ئىسلىشىپ كەتكەن ئۆيلەرنى تازلىدىم ،بىراق ساقچى يىگىتنىڭ سىماسى بىلەن سەن ئانا بولمامسەن ؟ئانا بولساڭ باللىرىڭغا ياشلىقمدا ئوغۇرلۇق قىلدىم دەپ سۆزلەپ بېرەمسەن دېگەن سۆزلەر كېرۋېلىپ مىنى قىينايتتى .
ئاش -نانسىز بىر كۈننى ،ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدۇم كۆزۈمدە ئەلەم ئەپسۇسلۇنۇش يېشى ،يۈركۈمدە يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن ؟
كەلگۈسۈم قاراڭغۇ -زۇلىمەت
ساقچى يېگىتنىڭ سۆزلىرنى قايتا ئويلاندىم ،ئۆزۇمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تۇنماقچى، قايتىدىن ئادەم بۇلۇش نېيىتىگە كەلدىم ،غەيرەتكە كېلىپ چوڭ ئانامنىڭ ئىلگىرىكى چوڭ مومايلارغا خاس كېيىملىرنى كىيپ سىناپ باقتىم ،باشقىچە ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلساممۇ بىراق يە ئەرگە ئوخشىمايدىغان يە ئايالغا ئوخشىمايدىغان ھالەتتىن مىڭ ئەۋزەل كۆردۇم ،ئىككى كۈن ئۆيدە چوڭ ئانامنىڭ كىيىمنى كىيىپ سىناپ باقتىم ،ئۆيلەرنى تازلاپ خېلى بىر ھاياتلىق مەۋجۇت ماكان تۈسىگە كىرگۈزدۇم ،
يىگىتنىڭ نەسھىتىنى ئاڭلاپ ئويلۇنۇپ بىر ھەپتە بولغاندا سېرىتقا چىقىپ ھالال پۇل تاپماقچى بۇلۇپ ئاتلاندىم ،مىڭ تەستە بىر تاماقخانا ئالدىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتچى ئالدىغان ئالمايدىغانلقىنى سوردۇم ،ئۇلارنىڭ مۇلازىم قۇبۇل قىلغۇچسى مىنى قۇبۇل قىلاي دېيشىگە بىر مۇلازىم كېلىپ ئۇنىڭ قۇلقىغا پىچىرلىدى ،شۇندىلا ئۇ كېشىنىڭ قۇشۇمىسى تۈرلۈپ
_ساقتىپەز ئوغرى ،ئەمدى ئايالچە ياسنىپ ئوغۇرلۇق قىلاي دېگەنمۇ ،تاس قاپتىمەن بۇ ئوغرىنىڭ دامىغا چۈشكىلى چىقىپ كەت دېدى
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈركۈمگە نەشتەر بۇلۇپ سانجىلغان بولسىمۇ بىراق ئۆزۈمنىڭ بىر ئوغرۇلۇق ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقىتىم بۇنىڭدىن غالىپ كېلىپ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتىم ،ئىككىنجى ،ئۈچۈنىجى ئاشپۇزۇللارغا باردىم ،ئوخشاشلا ھاقارەتلىنىپ چىقىرۋېتىلدىم
توۋا پىشانەمگە يە ئوغرى دەپ يېزىقلىق بولمىسا بۇلارنىڭ مىنى بۇنچلىك يامان كۆردىغانلقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،مەنمۇ ياخشى ئادەم بولمىغان زادى،
بىر كۈن ..ئىككى كۈن ....ئۈچ كۈن ھەممە ماگېزىن ،.ئاشخانا ..سەيپۇڭخانلاردىن قوغلاپ چىقىرىلدىم ،كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى ،ياغلىق قاپاق مەڭگۈ ياغلىق قاپاق دەپ مەن بىر ئۆمۈر ياغلىق قاپاق بۇلۇپ ئۆتىدىغان ئوخشايمەن دېگەن قاراش كاللامغا سېڭىپ كەتتى
ئۆيگە كېرىپ نەچچە كېچە ئۈنسىز يىغلاپ چىقتتىم ،اللاھقا نالە قىلدىم
ئىھ ...ياراتقۇچى ئىگەم يامان ئادەم ياخشى يولغا ماڭماقچى بولسىمۇ يول نىمانچە تارلىق قىلدۇ ،ماڭا نىجاتلىق يولى زادى يوقمۇ ؟يەنە ئوغۇرلۇق پاتقىقىغا پېتىپ ياشارمەنمۇ ؟
نەچچە كېچە ئويلىنىش ئارقىلىق خوشنىمىز پاتەم ئاپايدىن ياردەم سورماقچى بولدۇم
_ۋاھ باللام شۇنداق قاراشقا كەلگەن بولساڭ قۇلۇم كۆكسۇمدە ،ئالدى بىلەن ساڭا ئىككى مىڭ سوم قەرىز بېرەي ،سەن بىر قول ھارۋىسى سېتۋال ئاندىن ،تۇرمۇش لازىملىقىدىن ،پايپاق ،تىرناق ئالغۇچ ،قۇلاق كورلۇغۇچ ،ئەينەك ،تارغاقلارنى توپ بارزارغا بېرىپ سېتۋېلىپ كوچىلاردا پارچە سات ،بۇ ئىش ساڭا تازا ماس كېلدۇ دەپ مەسلھەت بەردى ئاپاي .

شۇ كۈننىڭ ئەتسى ئاپاي بىلەن بىرگە قول ھارۋىسى بازىرغا بېرىپ بىر قول ھارۋىسى سېتۋالدۇق ،ئاندىن توپ بازارغا بېرىپ نۇرغۇن تۇرمۇش لازىملىقى سېتۋېلىپ ئاۋات كوچا ئولتۇرسىغا جايلاشتۇرۇپ ماللارنى چېرايلىق تىزىپ چىقتۇق ،
قول ھارۋام ئۈستى باشقىچە تۈسكە كىردى ،ئاپاي رازى بولغاندەك مىنى قول ھارۋىسغا قارتىپ قۇيۇپ ئۆيگە كەتتى ،ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باقمىغاچقا بىرخىل ئوڭايسىزلاندىم ،بىرەر كىم نەرسە ئالماقچى بۇلۇپ باھاسىنى سورسا كېكەچلەپ تەستە جاۋاب بېرەتتىم
تۇنجى كۇنى 20 يۈئەنلىك سودا قىلدىم ،ئاز بولسىمۇ ھالال مىھنەت بولغاچقا شۇنچىلىك خۇشال بولدۇم ھەم بۇ پۇلغا بىر تال يۇڭ ياغلىق سېتۋېلىپ پاتەم ئاپايغا بەردىم ،پاتەم ئاپاي ھەممە قەرزىنى مەندىن قايتۇرۇپ ئېلىپ بولغاندەك خۇشال بۇلۇپ ياش تۈكتى
ئۇمۇ ماڭا بىر قۇر قىزلارنىڭ قارا رەڭلىك ئۇزۇن كۆينىكى بىلەن خىنە چېچىكى رەڭلىك ياغلىق ئېلىپ قويغان ئىكەن ،پاتەم ئاپاي ماڭا ئۇ نەرسىلەرنى بەرگەندە خۇددى ئۆز ئاپام ماڭا مىھرىنى بەرگەندەك شاتلىنىپ ئۇنى قۇچاقلاپ كىچىك قىزلاردەك ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم
پاتەم ئاپاينىڭ ئۆيدىن چىقىپ يېڭى كىيمنى كېيىپ سىناپ باقتىم ،
توۋا بۇ مۇماي ماڭا خۇددى ئۆزۈم ئالغاندەكلا نەخ ياراشقان كىيىم سېتۋالغان ئىدى ،ئۇنى كېيىپ شاتلاندىم ،ئىللىق دۇنياغا قايتقاندەك يۈركۈمدىكى بىر قات مۇز ئېرىگەندەك ھىس -تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم
ئەتسى سەھەر تۇرۇپ قول ھارۋىسىنى سۆرەپ يەنە رەستە بازارغا كەلدىم ،چۈشتىسى پاتەم ئاپاي لەغمەن ئېتىپ ئېلىپ چىقپتۇ ،مەززە بىلەن تاماقىنى يېدىم ،بۈگۈنكى سودا 50 يۈئەن
كۇنلەر شۇ تەرقىدە ئۆتۈپ سودا يولىغا كىرىپ بىر ھەپتە بولغاندا مەن بىلەن بىرگە ئىلگىرى بازارچىلىق قىلغان ئۈچ ھارمىي مىنى يېراقتىن كۆرۇپلا تۇنۇپ قېشىمغا كېلىپ نەرسە كېرەكلەرنىڭ باھاسىنى سورغان بۇلۇپ
_ئەسلى قىز بالا ئىكەنسەن ھە ،ھى....ھى....ئوغرى بولماي سودا قىلۋاتامسەن ،نىمىشقا بۇنداق قىلدىڭ دەپ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ نەرسە كېرەكلەرنى ھەدەپ يەرگە ئېتىپ چاققىلى تۇردى ،ئۇلارغا شۇنچە يول قويساممۇ بىراق ئۇلار زادى بولدى قىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،
ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇلارغا ئېتىلدىم ،ئۇڭغۇچە ساقچى ماشىنى سىگىنال بېرىپ قېشىمىزدا پەيدا بۇلۇپ بىزنى ئاجىراتتى ،قارسام يەنە ھېلقى ساقچى يېگىت ،
ساقچىلار نىمىش بولغانلىقىنى ئىنىقلاۋاتقاندا ئەتراپتىكى ئۇششاق تېجارەتچىلەر ئۈچ لۈكچەكنىڭ مىنى بۇزەك قىلغانلقى ساقچىلارغا ئېيتتى ،ساقچىلار ئۇلارنى نېرىغا تارتىپ خېلى ئوزاق نەسھەت قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنى كەتكۈزۋېتىپ مىنىڭ قېشىمغا كەلدى ،
ساقچى يېگىت قارغاندا مىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك ماڭا يەر تېگىدىن قاراپ تۇرۇپ
_سىڭلىم كىم يەنە سىزنى بۇزەك قىلسا بىزگە تېلفۇن قىلىڭ دەپ بىر ئىسىم كارتىسىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى ،شۇ كۈندىن كىيىن لۈكچەكلەرمۇ مىنى ئانچە ئاۋارە قىلىپمۇ كەتمىدى ،سوداممۇ يۈرشۈپ پاتەم ئاپايغا مىڭ سومنى قايتۇردۇم ،ساقچى يىگىتمۇ كۈندە بولمىسا ئىككى -ئۈچ كۈندە قول يايمام ئالدىدىن ئۆتەتتى ،ھەر قېتىم ئۆتكەندە ماڭا بېشىنى ئىگىپ سالام قىلىپ قۇياتتى
يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ يايما ئالدىدىن ئۆتشىنى ئارزۇ قىلدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم ،شۇنچە ئۇنىڭ يۇلىغا ئىنتىزار بولساممۇ بىراق بۇ ھەپتە پەقەتلا قارسىنى كۆرسەتمىدى ،
بۈگۈنمۇ جىلە بۇلۇپ ئولتۇرسام بىرسى كېلىپ بىر تال تىرناق ئالغۇچىنىڭ باھاسىنى سوردى
ئۈچ سوم دېدىم ئۇ كىشىگە قاراپمۇ قويماي
_سىڭلچاق نېمە بولدى ،خېرىدارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇلارنى قاچۇرۇپ قۇيسىز دېدى ئۇ
تۇنۇش ئاۋاز. ئتتىك ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاردىم ،پۇخراچى كېيىنگەن ساقچى يىگىت مۇلايىملىق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى ،
يۈزلۈرۈم قىزىرىپ ،يۈركۈم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ كۆزۈمگە تىكلىپ قاراپ تۇرغىنى كۆرۈپ تېخمۇ ھۇدۇقتۇم
_نېمە بولدى دەپ سوردى يېگىت ئاردىكى سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن
_ھىچ ...ھېچنىمە دېدىم تەستە
_نىمگە ھودىقسىز مەن ھېلقى ساقچى ،مۇشۇ رايۇننىڭ ئامانلىقىغا مەسھۇل ساقچى دېدى ئۇ
_تۇندۇم دېدىم تەستە
_ئەمسە نىمىشقا يەرگە قاراپ تۇرۋالسىز دېدى ئۇ
توۋا مەندەك يۈزى قېلىن ئوغرىمۇ جىدىلشىدىكەن ھە دېدىم ئۆز -ئۈزۈمگە
_ئىسمىڭىز نېمە دەپ سوردى ئۇ
ئەزەلدىن ئىسمىدىن بۇنچىلىك نۇمۇس قىلىپ باقىمىغان ئىدىم ،ئىسمىنى ئۇ يېگىتكە ئېيتىپ بەرسەم ئۇنىڭ مېنىڭ ھېلقى ئوغرى ئىكەنلىكىمنى تۇنۋېلشى ئىنىق ئىدى ،ئۇ چاغدا ؟؟؟؟
كاللامدا نۇرغۇن چىگىش خىيال ئەگىپ تۇرسىمۇ يىگىتنى جاۋابسىز قالدۇرۇشنى خالىماي تەستە ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم
_شىرىنگۈل
_ھى..ھى...توغرا چىقتى سىز ھېلىقى كۈنى مەن بىلەن بىرگە تاماق يېگەن شىرىنگۈل شۇنداقمۇ ،مەن سىزنى بىر كۈرۈپلا تۇنىغان ،بىراق شىرىنگۈلنى بۇنچىلىك تىز ئۆزگۈرەيدۇ ،مىنىڭ گېپىمنى بۇنچىلىك ئاڭلايدۇ دەپ ئويلاشقا ئىشەنچ قىلالمىغان ئىدىم ،ئەسلى سىز ياخشى قىز ئىكەنسىز ،سىزنىڭ پىكىرىمنى ئەستايىدىل ئويلاشقىنىڭىزدىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم دېدى ئۇ
يۈزلۈرۈم يەنە قىزاردى
_دوس بۇلۇپ قالايلى ئىسمىم شەپقەت ،بۇ يىل ئىچكىر ئۈلكىدىكى ساقچى -ئوفىسىر مەكتىۋېنى پۈتۈرۇپ ئىمتاھاندىن ئۆتۇپ بۇ رايۇن ساقچىخانسىغا ئورۇنلاشتىم ،بۇندىن كىيىن قانداق ئىش بولسا مىنى ئىزدەڭ سىڭلچاق دېدى ئۇ ھەم تىرناق ئالغۇچ ئۈچۈن ئۈچ سوم پۇلنى ماڭا ئۇزارتتى
_مەن سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى ئويلاپ ئۈلگىرەلمەيۋاتسام ماڭا پۇل بېرەمسىز ،مىنى خىجىل قىلماڭ دېدىم شەپقەتكە
_ھى...ھى...ساددا قىز ئەمسە مۇنۇ تىرناق ئالغۇچنى ماڭا سوغا قىلىڭ شۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى رەھمەت -پەھمەتلەر تۈگەپ كەتسۇن دېدى ئۇ
مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم
شۇ كۈندىن باشلاپ شەپقەت مىنىڭ قەلىبمدىكى شاھزادەمگە ئايلاندى ،يۈركۈم ئۇنىڭ ئۈچۈنلا سوقاتتى ،ئۇنى كۆرۈپ قالسام خۇشال بۇلۇپ تېنىم تېرەمگە سىغماي قالاتتى ،
ئۇمۇ ماڭا ئامراق بۇلۇپ قالدىمۇ بىلمىدىم بىكار بولسا قېشىمغا كېلىپ قىزىق -قىزىق گەپلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى ،مەن يايما ئېچىپ بىر يىل بولغاندا پاتەم ئاپايدىن ئالغان پۇلىنى قايتۇرۇپ بۇلۇپ نەخ پايدا ئون مىڭ سوم تاپقان ئىدىم ،پاتەم ئاپاي بىلەن مەسلھەت قىلشىپ قول ھارۋامنى سېتۋېتىپ مۇقۇم بىر ماگزىنى ئىجارىگە ئالدىم پاتەم ئاپاي يەنە ئون مىڭ سوم بېرىپ تۇرۇپ مىنى ئىقتىسادتا قوللىدى ،
ماگزىنىمغا يەنىلا قول ھارۋامدىكدەك نەرسىلەرنى سالدىم ،كومپويوتېر سېتۋېلىپ تور ئەكىردىم ،شەپقەت كۇندە ماگزىنىمغا كىردىغان ،كومپويوتۇر ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ ماڭا ھەرخىل ھىكايلەرنى ،يومۇرلارنى ئېيتىپ بېرىدىغان بولدى ،ئۇ تېخى تور دۇنياسىدا بىر كىملەر بىلەندۇ مۇنازىرلىشىپ كېتەتتى ،ئۇنىڭ ھەرخل مۇنازىرە ئۈستىدىكى جىددى قىياپىتى مىنى ئۆزىگە تېخىمۇ لال قىلاتتى ،
بىر كۈنى ئۇنىڭدىن مىنىمۇ شۇ ئۆزى مەۋھۇم ئويناۋاتقان بوشلۇققا ئەكىرىپ قۇيشىنى ئۆتۇندۇم ،ئۇمۇ پىكىرمگە قۇشۇلدى ،ھەم مەندىن قايسى ئىسىم بىلەن كىردىغىنمى سوردى ،ئويلاپ باقسام ياخشى ئىسملار ماڭا پەقەت ياراشمىغۇدەك ئوغرى قىز دەپ كېرەي دېدىم شەپقەتكە
شەپقەت ئاغزىمغا پاس قىلىپ بىرنى ئۇرغاندىن كىيىن
_ساراڭ بولمىغانسىز ،سىز نەدە ئوغرى ،ئۆتمۈشنى تىلغا ئالماڭ ،سىز ئوغرى ئەمەس كەپسىز ..ھە ئىسىمگە كەلدى كەپسىز قىز دەپ تىزىملىتايلى دېدى ئۇ
ئويلاپ باقسام بۇ ئىسىم شۇنداق يېقىملىق شۇنىڭ بىلەن كەپسىز قىز نامدا تور بوشلىقىغا كىردىم ،شەپقەت بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇھاببەت فاجەسىنى ،شىرىن خاتىرلەرنى ،قىزقارلىق يۇمۇرلانى بىرگە ئوقۇيتۇق ،شۇنداق قىلىپ شەپقەت ئىككمىز ئايرىلالماس بولدۇق ،ئۇمۇ ماڭا ئېغىز ئاچمىغاندەك تۇرغان بىلەن گەپ سۆزلىرىدە ماڭا بولغان مۇھاببىتنى ئىپادىلەپ تۇراتتى،
قېلىن قار يېغىپ ھەممە يەر ئاپپاق قاردىن لىباس كەيگەن بىر كۈنى شەپقەت بالدۇرلار ئىشتىن چۈشۈپ مىنى ئىزدەپ كېلىپ ماگزىنى تاققۇغۇزدى ،بىز بىرلىكتە تاماقلاندۇق ،ئاندىن ئۈنسىز ياندېشىپ مېڭىپ شەھەر سېرتىغا چىقتۇق
غىرىچ -غىرىچ قىلىپ ئايغىمىز چىقارغان ئاۋازدىن باشقا ئاۋاز يوق ،كېتۋاتىمىز ،ئاسمان بىلەن يەر بىر تۇتاش بۇلۇپ كەتكەن ،ھەممە يەر ئاقلىق بىلەن پاكلىق
شەپقەت تۇيۇقسىز مىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلقۇمغا پىچىرلىدى
_شىرىن مىنى ياخشى كۆرەمسەن ؟مەن سېنى بىر كۆرۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان بىز مۇھاببەتلەشمەيلى ،كېلەر ئايدا توي قىلايلى ،سەنمۇ جاپادىن ،ئازابتىن ،خارلىنشتىن قۇتۇل دېدى ئۇ
ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ چۈشۋاتاتتى ،ئاغزىمدىن بۇرۇن كۆز ياشلىرىم ،خۇشاللىق ،بەخىت ئىچىدە شەپقەتكە جاۋاب بېرىپ بولغان ئىدى ،
ئىككى گەۋدە ئۇزاق قۇچاقلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن قاراڭغۇ چۈششىگە يېقىن بىر سىرتىن كىرۋاتقان ماشىنغا ئولتۇرۇپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتىپ كەلدۇق ،
بىلمىدىم بۇرۇن كىچىك باللارنى كۆرسەم ئۇرغۇملا كېلەتتى ،ئۇلارمۇ مەندىن بەك قورقاتتى ،شەپقەت بىلەن بىرگە بولغاندىن باشلاپ كىچىك باللارنى ئەركىلتىدىغان ،ئۇلارمۇ مىنى سۈيۈپ قۇيدىغان بولدى ،زىمستان قىشتا باھار كەلگەندەك ،خۇشناۋا بۇلبۇل ماڭىلا سايراپ بېرۋاتقاندەك بەخىت بۈشكۈدە ئەللەيلىنۋاتقان ئىدىم ،بىراق خۇشال كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى .

بىر كۈنى ماگزىنى ئەمدى ئېچىپ ماگزىنى تازلاۋاتسام 50 تىن ئاشقان بىر ئايال كىرىپ
_شىرىن دېگەن سەنمۇ دەپ سوردى
تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قالدىم
_گاچىمۇ يە سەن گەپ قىلە شىرىن دېگەن سەنمۇ دەپ قايتىلاپ سوردى ئايال
_ھەئە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ھەدە دېدىم تەستە
ئايال تۇيۇقسىز كاچىتىمغا چاڭ قىلىپ بىر تەستەك سالدى
خۇدۇمنى بىلمەي تۇرۇپ كەتتى
ئۇ ئايال بىشەملىك قىلىپ ئاغزىدىن پوق ياغدۇرۇپ مىنى ھاقارەتلەۋاتاتتى
_ھۇ ئوغرى ،نۇمۇس قىلمايدىغان ئوغرى ،ئوغۇرلايدىغان نەرسە تاپالمىغاندەك مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ يۈركىنى ئوغۇرلىدىڭمۇ بۇ دەرتكە قانداق چىداي ،بۇ ئەلەمگە قانداق چىداي دېدى ئايال بېشىمدىن نوقۇپ تۇرۇپ
شۇ چاغدا خىيالىمغا شەپقەت كەلدى ،
ئايالغا يەر تېگىدىن دىققەت قىلدىم ،ئۇنىڭ قاش -كۆزلىرى شەپقەتكە ئوخشاپ قالاتتى
ئۇ ئايال ھىچ ئاغزىنى يىغاي دېمدى ،مەن تەڭ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى بولدۇميۇ بىراق شەپقەتنىڭ ،مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان شەپقەتنىڭ ئاپسنى ھاقارەتلەشنى خوپ كۆرمەي بېشىمنى تۈۋەن ئىگىپ ئۇ ئايالغا رايىشلىق بىلەن باقتىم
ھەي بىز خەقىنىڭ ھىچ ئىشىمىز يوق بىكارچىدەك ،نەدە ئۇرۇش -تالاڭ بولسا جىددىي ئىشىمىزنى قۇيۇپ تاماشا كۆرۈش ئادىتىمىز قېنىمىزگە سىڭىپ كەتكەچكە ،ھازىرقىدەك قاق سەھەردە جىددىي ئىشقا ماڭغان ،ماگزىنىڭ تازلىقىنى قىلىپ سىرتقا مېلىنى تىزۋاتقانلار مىنىڭ ماگزىنىمنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قايسىڭ يامان بولساڭ تېلىغىنە ،بولسا ئۇر دېگەن مەندە بىر ماڭا بىر شەپقەتنىڭ ئاپسىغا قاراپ تۇراتتى ،
شۇ دەقىقدە شەپقەت ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ماگزىن ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ ،تاماشا كۆرۋاتقان كىشلەرنى كەتكۈزۋەتتى ،ئاندىن ئاپسى ئىككمىز قېشىغا كىرىپ بىر ئاپىسىغا بىر ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئاپسىنىڭ قۇلدىن سۆرىگىنچە سېرىتقا ئېلىپ ماڭدى
شەپقەتنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ سېرىتقا چىقتىم ،ئۇ ئىدارسىنىڭ ماشىنىسدا كەلگەن ئىكەن ،ئاپسىنى ماشىنغا سېلىپ ئالدىراپ ھەيدەپ كېتىپ قالدى
يۈركۈم ئەنسىز سوقۇپ كۆزلۈرۈمدىن ياش تامچىلاشقا باشلىدى
ماگېزىننى تاقاپ ئۆيگە ماڭدىم
_بايا مەن شەپقەتكە تېلېفۇن قىلىپ قويغان
ئالدىمدا 16 ياشلار ئەتراپدىكى ماگېزىنمنىڭ ئالدىدا باققالچىلىق قىلدىغان بىر ئوغۇل بالا مۇشۇ گەپنى دېگىنچە پەيدا بولدى
بۇ بالىنى ئادەتتە كۆپ ئۇچراتساممۇ بىراق بىر ئېغىز گەپ قىلشىپ باقمىغان ئىدىم
_نىمىش ..نىمشقا ؟ئۇنىڭغا قانداق خەۋەر قىلدىڭ دەپ سوردۇم بالدىن
_ھەدە ئۇ ساقچى ئاكاشنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى ھەممىزدە بار تېلفۇن قىلدىم ،سىز ياخشى ھەدەش تۇرسىڭىز باشقىلار بۇزەك قىلسا قانداق بولدۇ دېدى ساددا بالا
ئۇنڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايلا يولۇمنى داۋام قىلدىم
كاللامدا شەپقەتنىڭ ئاپسىنىڭ "ئوغرى ...ئوغرى "دېگەن ئاۋازىدىن باشقا ھىچ نېمە يوق ئىدى ،ئۆيگە بېرىپ يىغلاپ يېتىپ كۆزۈم ئۇيقىغا كېتىپتۇ ،
بىرسنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق چەككەندىن ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ يۈگرەپ چىقىپ ئىشكىنى ئاچتىم ،
كۆز ئالدىمدا شەپقەت تۇراتتى ،ئۇنىڭ تېنىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى ،ئۇنى يۈلەشتۇرۇپ دېگۈدەك مىھمانخانا ئۆيگە ئەكىردىم
ئەزەلدىن ئالدىمدا شۇنچىلىك رەتلىك سۇنماس مىسران قىلچىدەك مۇستەھكەم تۇردىغان شەپقەتنىڭ ھاراق ئىچىپ قېشىمغا كېلشىنى خىيالىمغا كەلـتۇرمىگەن ئىكەنمەن ئۇنىڭغا قاراپ ئۆچلۈكۈم كەلدى (ئىلگىرى ئوغۇللارنىڭ ھاراق ئىچىپ تاماكا چكىشنى ئانچە ئېغىر ئالمايتتىم ،بىراق شەپقەت بىلەن تۇنشۇپ ئۇنىڭ ھەم ئۆزۈمنىڭ بەختىنى ئاللاھتىن تىلگەندىن بېرى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب، ئۆزۈمگە شەرمىي ھايانى دوس تۇتۇپ ،پۈتۈن مىھرىمنى ئاللاھ يولغا، مۇھابىتىمنى شەپقەتكە بېغىشلىغان ئىدىم ،ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ؟؟؟؟)
شەپقەتكە ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇنى مىھمانخاندىكى كونىراپ كەتكەن كىرسلوغا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سىرتقا ماڭدىم ،بىراق شەپقەت ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگرەپ كېلىپ مىنى بىلىمدىن قۇچاقلىدى ھەم
_سېنى جېنىم دەپ كېتەي مەندىن ئايرىلما ،مەن سەنسىز ياشيالمايمەن ،سېنى دەپ مەن بارلىقىمدىن ،ئائىلەمدىن كېچىپ كەتتىم ،ئەمدى سەن بولساڭمۇ مىنى تاشلىما دېدى ئۇ يىغلامسىرغان ئاھاڭدا
كۆزلۈرۈمدىن يەنە ئىسسىق ياشلار تامچىلاشقا باشلىدى ،ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم ،ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئۇنىڭ باغرىدا تۇرۇپ قۇلقىغا پىچىرلىدىم
_خاتىرجەم بۇلۇڭ مەن سىزدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن
شەپقەتنىڭ كۆڭلى خېلى ئىزىغا چۈشتى بولغاي يىنىك تىن ئالدى
مەن ئۇنى يۈلەپ كىرسلوغا ياتقۇزۇپ ئايغىنى سالدۇردۇم ،ئۇ پۇشۇلداپ ئۇيقىغا كەتتى
كېچىچە جەينىمازغا چىقىپ ئۇلۇغ ئاللاھتىن ،شەپقەتكە پەقەت شەپقەتكىلا دۇئا قىلدىم
تاڭ سۈزلىشىگە يېقىن شەپقەتكە ئاتاپ قازانغا گۈرۈچ سالدىم
ئاندىن تۇخۇم پۇشۇرۇپ ناشتىلقىنى راسلاپ بولغاندا شەپقەتنى ئويغاتتىم
ئۇ كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن قاردى
ھەم قۇلۇمدىن تارتىپ قېشىدا ئولتۇرغۇزۇپ مەندىن يەنە قانداق ئىش بۇلشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىدىن ئايرىلماسلىقىمغا ۋەدە بىرشكە ئۈندىدى
ھازىر مىنىڭ مۇشۇ شەپقىتىمدىن باشقا نېمەم بار، ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا ۋەدە بەردىم ،ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ پىشانەمگە يىنىك بىرنى سۈيۈپ سېرىتقا ماڭدى
ھەم
_مەن ئىشقا بېرىپ كېلەي سىز ئۆيدە دەم ئېلىڭ ،ئۆيۈمدىكلەر يەنە كەلسە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەڭ ،مەن ئۇلاردىن مۇناسۋەتنى ئۈزۈپ يېنىپ چىقتىم دېدى
ئۇنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ،بىر نېمە دېمەكچى ئىدىميۇ بىراق بۇ ۋاقىتا ،بۇ خىل كەيپىياتتا سۆزلەشنى تازا لايىق كۆرمىدۇم
ئۇنى ناشتا قىلۋېلىڭ دېمەكچى بولدۇميۇ يەنلا ئېغىزىم گەپكە بارمىدى .
شەپقەت چىقىپ كېتىپ ئالاھەزەل بىر سائەت بولغاندا بىرسى ئىشكىنى چەكتى ،چىقىپ قارسام شەپقەتنىڭ ئاپسى ئىشىك ئالدىداتۇراتتى ،ئۇنىڭغا گەپ قىلماي دېسەم تېخى ،
چوڭ ئايالنى ئىشىك سېرتىدا قۇيۇشنى خوپ كۆرمىدۈم ،ئايالىنى ئۆيگە باشلاپ چاي دەملەشكە تەمشىلىپ تۇرشۇمغا ئۇ قۇلۇمدىن تۇتۇپ مىنى قېشىدا ئولتۇرغۇزدى ،قۇلۇمنى ئالقىنى ئوتتۇرسىغا ئېلىپ ئۇزاق سېلاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن
_قىزىم سىزدىن ئۆتىنەي شەپقەتنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ دېدى ئۇ
چەكچىيىپ ئايالغا قاردىم
ئايال مىنى قاتتىق گەپ بىلەن ئېرىتەلمەيدىغانلقىنى بىلدى بولغاي ئېغىر ئۇھسىنغاندىن كىيىن كۆز ياشلىرىنى ئېرىتىپ تۇرۇپ ھىكايسىنى سۆزلەشكە باشلىدى
_قىزىم شەپقەتنىڭ دادسى بىلەن مەن چوڭلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن توي قىلغان ،شەپقەتنىڭ دادسىنىڭ ئىلگىرى بىر قىز دوستى بار ئىكەن، بىز توي قىلىپ شەپقەتنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشنى ئۇقتۇم ،شەپقەتنىڭ دادسى مەندىن يۇشۇرۇن سېرىتلاردا ئىلگىركى مۇھابىتى بىلەن باردى -كەلدى قىلىپ يۈرۈپتۇ ،بۇ ئىشنى ئۇقۇپ يۈركۈم پۇچلاندى،شەپقەتنىڭ دادسى بىلەن ئاجىرشىپ كېتىشنى ئويلدۇم ،بىراق ئاپاملار شەپقەتنى يىتىم قىشلىنى خالىمدى ،ماڭا
سەن ئانا بولدۇڭ ،ئانا بولغۇچى بالسىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ،بالسىنىڭ كېلەچكىنى ئويلىشى ،بالسىنىڭ خۇشاللىقىنى ئۈزنىڭ بارلىقى دەپ بىلشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئويلاپ باقسام شەپقەت مىنىڭ بارلىقىم ئىكەن ،شۇڭا مەن شەپقەتنىڭ دادسىغا پىسەنىت قىلماي بارلىق ،مىھرى -مۇھابىتمىنى شەپقەتكە بېغىشلىدىم ،شەپقەت كۈلسە تەڭ كۈلدۇم ،شەپقەت يىغلىسا تەڭ يىغلىدىم ،نەدە ياخشى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلسا سوغوقىنى سوغوق دېمەي ئۇنى شۇ يەرگە ئاپىرىپ دەرستىن چۈشكىچە ساقلاپ تۇرۇپ سوغوقتا توڭلاپ قول -پۇتلۇرۇم ئۈششۈپ قالدى ،ئىسىقتا ئىسىق ئۆتۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم ،شۇندىمۇ بارلىقىم بولغان شەپقەت ئۈچۈن چېدىدىم ،ياشلىق باھارىمنى ،زىھنىمنى شەپقەتكە سەرىپ قىلدىم ،ئۇلۇغ ئاللاھ نىيتىمگە يەتكۈزۈپ شەپقەت ھەم ۋاپادار ھەم ئەقىللىق بالا بولدى ،ئۇ تۇنجى قاراردا ئىچكىركى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندا ماڭا پۈتكۈل كائىنات باھار شاتلىقىغا چۈمىلگەندەك بىلىندى ،شەپقەتنىڭ دادسىمۇ بۇ چاغدا ئۆزنىڭ خاتا قىلغانلقىنى دەپ بىزنىڭ قېشىمىزغا قايتتىپ كەلدى ،ئىللىق قۇياش نۇرى سېخى نۇرنى بىزنىڭ ئائىلىگە چېچىپ بىزنى بەخىت ھېسلىرىدا تولغاندۇردى ،
بۇ ھال تاكى شەپقەتنىڭ دادسىنىڭ شەپقەت ئىككىڭلارنىڭ مۇھاببەتلىشۋاتقانلىقىنى بىلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى ،قايسى كۈنى شەپقەتنىڭ دادسى شەپقەتكە بۇ شەھەرنىڭ ج خ ئىدارسىنىڭ باشلىقىنىڭ قىزنىڭ شەپقەتكە كۈڭلى چۈشۈپ قالغىنى ئېيتقاندا شەپقەت قارشى چېقىپ سىزنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى ،شۇنىڭ بىلەن شەپقەتنىڭ دادسى شەپقەت بىلەن مىنى قاتتىق ھاقارەتلىدى ،ئەركىشى دېگەن "ۋەتەنگە كۈچ قۇشار بولساڭ داداڭنىڭ ۋارىسى دەيمەن ،يامانغا يان تاياق بولساڭ ئاپاڭنىڭ سارىسى دەيمەن "دەپ يۈرىۋىردىكەن ،سېنىڭ تەربىيلىگەن بالاڭ دەپ مىنىمۇ تازا ئۇردى ،ئويلاپ باقسام گۇناھ ھىچ قايسىمىزدا ئەمەس ئىكەن شۇنداقتىمۇ سىز قىزىم شەپقەتنىڭ ئىستىقبالىنى دەپ شەپقەتتىن ئايرىلىڭ
شەپقەت بىلەن چاي ئۈچكۈزدىغان قىز شەپقەتنىڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ قىزى ،ئۇ كىشى ئەگەر شەپقەت بۇ تويغا قۇشۇلسا شەپقەتكە ماشىنا ،ئۆي ئېلىپ بېرىدىغانلقىنى يەنە شەپقەتنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۇردىغانلىقىنى ئېيتتى ،قىزىم سىزدىن ئۆتىنەي ،شەپقەتنى قۇيۇپ بېرىڭ ئۇ بەختىنى تاپسۇن ،ئابرويلۇق بولسۇن ،سىز ئۇنىڭ يولىنى توسماڭ ،بىر ئوغرى قىز بىلەن ساقچى يېگىتنىڭ توي قىلشى مۇمكىن ئەمەس ،ئەگەر سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسىڭىز ئۇ خىزمىتنمۇ ساقلاپ قالالماسلىقى مۇمكىن ،سىزدىن ئۆتىنەي شەپقەتنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىڭ ،مەن سىزگە قانچە پۇل دېسىڭىز شۇنچە پۇل بېرەي دېدى ئايال
ئۇ ئايالىنىڭ بىر ئانا تۇرۇپ ئوغلىنىڭ قىز دوستىنىڭ مۇھابىتى پۇل بىلەن ئۆلچىشى يۈركۈمنى لەختە قىلدى
_ھەدە _:ھەدە دەپ ھۆرمەتلەپ قويغاننى بىلىڭ ،سىز مۇھاببەتنى پۇلغا سېتۋالماقچىمۇ ؟ئۇنداقتا مىنىڭ شەپقەتكە بولغان مۇھابىتمىنى پۇلغا سېتۋالماي، ئېرىڭىزنىڭ مۇھابىتنى سېتۋېلىڭ دېدىم ئاچچىقتا يېرىلغىدەك بۇلۇپ
_سىزمۇ قىزىم دەپ ئىززەتلىگەننى بىلىڭ ،سىز قانچىلىك ئادەم ؟،سىز ئوغلۇمغا ماس كېلەمتىڭىز ؟سىز دېگەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئوغرى ،سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟ئاتا -ئانىڭىز بارمۇ ؟شەپقەتنى ھوقۇقتار قىلغۇدەك كارامىتىڭىز بارمۇ ؟
خىڭ سىزنىڭ بىر چېرايىڭىزدىن باشقا نېمىڭىز بار ،ئوغلۇمنى سىزدەك ئوغرىنىڭ قۇلىغا تاشلاپ بەرمەيمەن ،سىزدەك ئوغىرى قىزلار ئوغلۇمغا لايىق ئەمەس دېدى ئايال
ئورغام قايناپ ئايالىنى نەچچە تەستەك ئۇرماقچى بولدۇميۇ بىراق شەپقەت كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ نېيتىمدىن يېنىپ
_كۆزۈمدىن يوقۇلۇڭ ھەدە ،سىزدەك پۇل ،مەنسەپ ،ئابروي تۇنۇپ ،مىھىر -مۇھاببەت تۇنمايدىغان رەزىل ئاننىڭ بالسى ماڭا كېرەك ئەمەس ،بالىڭىزنى چېكىڭىزگە تېڭىڭ ،ھازىرلا ئۇنىڭدىن ئالاقەمىنى ئۆزىمەن دېدىم زەردە بىلەن
_راسما ئەمسە ياخشى ،ماڭا بۇ توغۇرلۇق بىر كاپالەتنامە يېزىپ بېرىڭ دېدى ئانا يۈزىنى پولودەك قىلىپ
_تۈفۈي دەپ يەرگە تۈكۈرۈپ ئايالغا قاردىم ھەم
_چەتئەل فېلىمنى كۆپ كۆرۈپ كەتىڭىزمۇ نېمە ؟خاتىرجەم بۇلۇپ گېپىمدە تۇرىمەن كۆزۇمدىن يوقۇلۇڭ دېدىم ئايالغا تەتۈر قاراپ تۇرۇپ
ئايال تاقىلداپ دەسسەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى
ھا........ھا..ھــــــــــــا دەپ قاتتىق چېقىردىم چېچىمنى يۇلۇپ ئاۋازىمنىڭ بارچە ۋاقىراپ بارچە ئەلەملىك ياشلىرمنى تۈكۋاتاتتىم
كارۋاتتىن چۈشمەي يېتىۋاتىمەن ،ھەنىم بولسا پاتەم ئاپايىنى اللاھ مەن ئۈچۈن يارتىپ قۇيۇپتىكەن ،ئۇ ئاپاي ئەتراپىمدا پايپىتەك بۇلۇپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلۋاتىدۇ ،
شەپقەتنىڭ ئاپسى ئۆيگە كېلىپ ئىككى كۈن بولغاندا شەپقەت قېشىمغا كەلدى ،مەن ئۇنى كۆرۈپ خۇشال بولغان بولساممۇ بىراق ئاپسىغا بەرگەن ۋەدەم بۇيىنچە ئۇنىڭغا ئۇچۇق چېراي ئاچمىدىم ،شەپقەتكە ئەمدى ئايرىلىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرشۇمغا ئۇ مىنى ھاقارەتلەپلا چۈشتى
_ھۇ ئىپلاس ،خېلى ياخشى قىزمىكىن دېسەم پۇل دېسە ئۈزىڭنىڭ مۇھابىتنى سېتىشتىن يانمايدىغان بىر نەرسە ئىكەنسە ھە
ھەي كاللاڭنى قۇيۇپ ئويلاپ باق ،ئون مىڭغا مىنى ساتتىڭما ؟ئاخىرى پۇل دەپ ئۆلدىغان نەرسكەنسەن ،ئىسىت ساڭا قىلغان ئەقىدەم ،ئىسىت
تۇتە مە ماۋۇ "تەكلىپنامىنى "ئۈچ كۈندىن كىيىن قاتناش ۋەقەسىدە توكۇر بولغان بىرسى بىلەن توي قىلمەن ،رازى بولدىڭ ھە ،قاراپ تۇر بەختسىز بۇلۇپ قالسام بىر ئۆمۈر سەندىن نەپرەتلىنمەن
ئۇ شۇنداق دېگىنچە كەينىگە قاراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى
ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ چىقىپ بۇ ئىشلارنىڭ ئاپسى بىلەن دادسىنىڭ ئۇيىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى ئويلىساممۇ بىراق ئاپسىنىڭ
سىز بىر ئوغرى ،بالامغا نىمىش قىلىپ بېرەلەيتىڭىز ،ئوغلۇمنىڭ بەختىگە ئولتۇرىماڭ ،ئۈششۈپ قالغان تۇرساممۇ بالام ئۈچۈن چېدىدىم دېگەن ئاچچىق ھەم تاتلىق سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ مىنى ئارامدا قويمىدى
شەپقەت بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلەرنى ،بىرگە بارغان جايلارنى ئەسلەيتتىم ،ئۇنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرەمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ يېنىمدىن كېتىشى بىلەن يۈركۈم ئېغىپ ،ئىچىمدە نەچچە مىڭ قۇرۇت يۈركۈمنى يەۋاتقاندەك سېزىم پەيدا بولدى ،قەلىب ئەينىكىمدە شەپقەتىن باشقىسى يوق ،ئاغزىمدا شەپقەت دېگەن ئىسىمدىن باشقى يوق ئىدى
كۆزلۈرۈم ياش ،چېرايم سارغايغان ،چاچلىرىم پاخپىيىپ ئاجايىپ بىر تۈسكە كېرىپ قالدىم ،شۇندىمۇ كاللامدا پەقەت شەپقەت ...

شەپقەتنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى ،ئەتىگەندە سېرىتقا چىقتىم ھەممە يەر خۇددى مىنىڭ كۆڭلۇمدەك يېرىم چېغى ،ھاۋا تۇتۇق ،بىرەر سائەت بولغاندا يامغۇر چېلەكتە قۇيغاندەك ياققىلى تۇردى ،يامغۇردا قانچىلىك تۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا تۇيۇقسىز كامران ئېسىمگە كېلىپ قالدى
ئادەم دېگەن شۇنداقكەن ،بەخىتكە چۆمگەن ،خۇشال ۋاقىتلاردا ئۇرۇق -تۇققان ئېسىگە كەلمەيدىكەن ،قايغۇغا مۇپتىلا بولغان چاغلاردا ئۇلارنى سېغىدىغان بۇلۇپ قالدىكەن
ئۆيگە كېرىپ كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ،ئازراق يەل -يېمىش ئېلۋېلىپ تۈرمىگە كامراننى يوقلاشقا ماڭدىم ،توۋا تەلەي دېگەن بۈگۈن دەل جىنايەتچىلەرنى يوقلاش كۈنى ئىكەن ،مەن ئەكەلگەن نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ بۇلۇپ كۆرشۈش ئۆيىدە كامراننى ساقلاپ ئولتۇردۇم
شۇنداق ئۇرۇق ،ئىگىز دارازا ،ئاپتاپتا قارداپ، شۇنداق پىشقان يىگىتتەك بۇلۇپ كەتكەن كامران ئىشكتىن كېرىپ كەلدى
ئۇ مىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى
ئۇنىڭ ھەيران قالغىنى كۆرۈپ ئۈستى -بېشىمغا دېققەت قىلدىم ،بېشىمدا ياغلىق ،ئۇزۇن كۈينەك كەيگەن ھالىتىمگە ئۈزۈم كۈلۈپ كەتتىم
_نېمە بولدى تۇنىمىدىڭمۇ كامران دېدىم ئاردىكى سۈكۈتنى بۇزۇش ئۈچۈن
_بىزنىڭ شىرخانمۇ بۇ دېدى كامران مىيقىدا كۈلۈپ
_ھى..ھى شىرخان ئەمەس شىرىنگۈل كامرانكا دېدىم ئۇنىڭغا ئەركىلەپ
ئۇمۇ ماڭا قۇشلۇپ كۈلۈپ كەتتى
ئىككىمىز يەنە سۈكۈتكە چۈمدۇق ،
_شىرىنگۈل مەن سېنى يوقلاپ كېلەر دەپ ئويلىماپتىكەنمەن دېدى ئۇ
_ئاكام تۇرساڭ نىمىشقا يوقلىمايمەن يوقلايمەن ،ئەمدى دائىم يوقلايمەن دېدىم ئۇنىڭغا
_كەچۈر يۈركۈڭنى بەك لەختە قىلدىم ،راس ساقچى بىلەن قانداق بۇلۇپ كەتتىڭ دەپ سوردى ئۇ
ھەي مۇشۇ كۆز ياش دېگەننى قانداق قىلۋەتسەم بۇلار ،ئاسىي كۆزلۈرۈم تېلىمدىن چاققان كېلىپ ئۇنىڭ سوئالىغا يىغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى
_بولدى كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما ،مەن ھەم ئىمران يوق سېرىتتا رىيازەت چەكتىڭ ،ئىشلىرڭنى دوسلۇرۇمدىن ئاڭلاپ تۇردۇم ،قەيسەر بول دېدى ئۇ نەملىك كۆزلىرنى مەندىن يۇشۇرۇشقا ئۇرنۇپ
_ئىم سەنمۇ شۇ كامران
ۋاقىت دېگەنزە ،ئىتتىك ماڭ دېگەندە ماڭماي ،توختاپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلغاندا تېز مېڭىپ كېتىدىكەن دېسە ،بىزنىڭ كۆرشىش ۋاقتىمىز توشقان ئىدى ،ھەر ئىككمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق
ئۆيگە قايتقىم يوق ،ئاسمانغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم
ھەي شەپقەت قازان قىرىپ سالغان ئايال ئېلىپ ساپسەن ھە دېدىم ئۆز -ئۆزۈمگە
كۆزلىرمگە يەنە ياش ياماشتى ،
يامغۇر سىم -سىم ياغماقتا ،سەككىزىنجى ئاينىڭ بۇلشىغا قارماي مەيىن شامالمۇ يىلكىمدىن ئۈتۈپ مىنى ئاجىز تىتىرتۋاتاتتى ،مېڭىپ شەھەر مەركىزگە كەلدىم ھەممە ئادەم يامغۇردىن بىزار بولغاندەك دۈگدۈيشۇپ ئۆيلىرىگە قاراپ يۈگرشۋاتقان ئىدى ،ئۇلارغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدىم ،تېخى ئۇلارنىڭ ئىللىق ئائىلسىنى دەپ يۈگۈرۈپ مېڭىشلىرىغا مەسلىكىم كېلىپمۇ قېلۋاتاتتى
مانا شەپقەت توي قىلدى ،بۈگۈن توي قىلدى ،يۈركۈم ئۆرتەنمەكتە ،يۈگرەپ بېرىپ توينى بۇزۇپ شەپقەت بىلەن يېراقلارغا كېتىشنى خىيال قىلغان بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت يۈك بۇلۇپ قالدىغانلىقىمنى ئويلاپ يەنە بۇ خىيالدىن كېچىپ ئۆيگە كەلدىم ،چېراقنى يۇرۇتمايلا كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم ،چۈش كۆرۈشنى چۈشۈمدە بولسىمۇ شەپقەت بىلەن توي قىلىپ چۈش كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم ،ئەپسۇس كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقا ئىلنىشاي دېمەيتتى ،كېچىچە ئاچچىق خىيال بىلەن تاڭنى ئاتقۇزدۇم ،
ئەتىسى يەنە ئوخشاش كارۋاتتىن چۈشمەي ياتتىم ،پاتەمخان ئاپاي كېرىپ
_قىزىم ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە ،ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت مۇھاببەت ئۈچۈن ياشاشقا كەلمەيدۇ ،ئاللاھ بەختىڭنى بېرىدىغانلىقڭىغا ئىشەن ،شەپقەت بىلەن ئىككىڭلارنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلمەپتىكەن ،تۇر يېتىۋەرمەي تۇرمۇش نىشانىڭنى قايتىدىن تىكلە ،مۇماڭنى ئۇ ئالەمدە خاتىرجەم ياتقىلى قوي ،دېدى
توغرا ئەمدى ئورنۇمدىن تۇردىغان ۋاقىتنىڭ بولغانلقىنى تۇنۇپ يەتتىم ،اللاھ ئۇلۇغ ،
پۈتۈلمىگەن پۈتۈك بولسا كېرەك ،غەيرەتلىك بۇلۇپ خۇشال ياشاي دېگەن ئىرادىگە كەلدىم ،يۇينۇپ، تارنىپ ماگزىنغا كەلدىم ،ماگزىنى رەتلىك تازلاپ كەم ماللارنى بۇيرۇپ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆز يۇلۇمغا كىرمەكچى بولدۇم
بىراق ھەربىر بۇلۇڭ -پۇچقاقتا شەپقەتنىڭ ئىزناسى بولغاچقا ئۇنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم ،ئامال قانچە
ئاچچىق سېغىنىش ياشلىرىمنى سۈرتۇپ بەلنى چىڭ باغلىدىم
يەنە بىر تۈرمىدىكلەرنى يوقلاش كۈندە كامراننى يوقلاپ باردىم
كامراننىڭ ھەم مېنىڭ چېرايىم بۇرۇنقىدىن خېلىلا تۈزۈلۇپ قالغان ئىدى ،ئۇ مىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىزغىن بولدۇم
_كامرانكا خېلى ياخشى تۇرۋاتامسەن
_ياخشى ئۆزۈڭچۇ دېدى ئۇ ماڭا يەر تېگىدىن قاراپ تۇرۇپ
_ياخشى ،
_مىنى يوقلاپ كەلگىنىڭدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم ،بۇ ئۈچ يىل جەرياندا سىنى ھەر مىنۇت ھەر سىكنۇت يات ئېتىپ كەلدىم ،شىرىنگـۈل ئۈچ يىلدىن بېرى بىر كۈندىلىك خاتىرە يازغان ئىدىم كۆرۈپ باقامسەن دېدى كامران
_ۋاي راسما ،سۆرەتلىك خەتمۇ ئۇ دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ
_ياق
_ئەمسە سەن ساۋادسىز تۇرساڭ قانداق خەت يازالايسەن دەپ سوردۇم
_ساۋادىمنى مۇشۇ تۈرمىدىكى باشلىقلارنىڭ ياردىمدە چىقاردىم ،ھازىر سەندىن چېرايلىق خەت يازىمەن جۇمۇ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ
_ماقۇل قاچان كۆرىمەن خاتىرەڭنى
_قايتار چېغىڭدا ماڭا مەسھلۇل ساقچىنى ئىزدە ،مەن تۈنۈگۈن ئۇ خاتىرنى شۇ كىشىگە بېرىپ قويغان دېدى ئۇ
كامران ئىككىمىز ئۇياقنىڭ -بۇياقىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ۋاقىتنىڭ قانداق تۇشۇپ كەتكىنى سەزمەي قاپتۇق تۈرمە ساقچىسى قېشىمىزغا كېلىپ كۆرۈشۈش ۋاقتىنىڭ توشقانلىقىنى ئېيتقاندا ئىككمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلدۇق
مەن كامران قېشىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا مەسھۇل ساقچىنى ئىزدىدىم ،مەسھۇل ماڭا قارا تاشلىق توم بىر خاتىرە دەپتەرنى بەردى ،
خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ماگزىنغا قايتىپ كېلىپ قىزقىش ئىچىدە خاترىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم
بىرنجى بەتكە كىچىك باللاردەك
كامراننىڭ خاتىرسى ،كامراندىن باشقا كىشنىڭ كۆرشى مەنئىي قىلنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى ،بۇ خەتنى كۆرۇپ كۈلۈپ كەتتىم
ئىككىنجى بەتكە ئەمدى ساۋادى چىققان بالىدەك
پەقەت شىرىن ئۈچۈنلا خەت يېزىشنى ئۆگنىۋاتىمەن ،شىرىن پەقەت سەن ئۈچۈن ،پەقەتلا سەن ئۈچۈن دەپ يېزىلغان ئىدى ،بۇ قۇرلارنى ئوقىۋېتىپ سەل ھەيران قالدىم
ئۈچۈنجى بەت

2001 يىلى 3 ئاينىڭ 2 -كۇنى
توۋا ئادەم ئىرادە بىلەن ئىش قىلسا بۇ ئىش ناھايتتى ئاسان ھۇجۇتقا چىقىدىكەن ،تۈرمىگە كېرىپ ئالتە ئاي بولمايلا ساۋادىم چىقىپ خېلى نەرسىلەرنى قىلالايدىغان بولدۇم ،بۇ ئىشلارنى پەقەت كۆڭلۈمدىكى ئادىمىم شىرىن ئۈچۈن قىلغان ئىدىم ،مانا قىلالىدىم
شىرىن بۇ خاتىرنى سېنىڭ كۆرشىۈڭدىن كۆرمەسلىكىڭ جىق شۇنداق بولسىمۇ ساڭا ئۇچۇق ئاشكارە خەت يازالمىغاندىن كىيىن مۇشۇ خاتىرگە قەلبىمنى بايان ئەيلەي ،بۇ خاتىرە مىنىڭ ھايات يۇلۇمدىكى سىرداشچىم بۇلشىغا تىلەكداشمەن .

2001يىلى 3 ئاينىڭ 5 -كۈنى
شىرىن بۈگۈن تۈرمە مۇئەللىمى بىزنى بىر پارچە سالام خەت يېزىپ كېلشىمىزنى بۇيرىغان ،مەن كىمگە خەت يېزىشنى بىلەلمىدىم ،بۇ دۇنيادا سەن بىر قېرىندىشىم ،سىردىشىم ،ياخشى كۆرگۈنۈمدىن باشقا ھىچكىمىم يوق ،سىنى بەك سېغىدىم ،سەنسىز كۈنلەر ماڭا شۇنچىلىك مەنسىز بىلىنىۋاتدۇ،جېىنىم سېنى راسلا بەك سېغىدىم

2001 يىلى 3 -20 كۈنى
شىرىن بۈگۈن يامغۇر ياغدى ،يامغۇرنى كۆرۈپ يەنە سېنى ئەسلەپ قالدىم ،ئۆتكەن يېلى مۇشۇنداق يامغۇرلۇق كۈندە سەن ،مەن ئىمران بىرگە بىر كىشنىڭ ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كېرىپ يېنىپ چىقىپ ئۇزاق ماڭماي سەن يولدا تېيلىپ يىقىلىپ چۈشكەن ئىدىڭ ،سىنىڭ پاتقاقتا ياتقان ھالىتڭنى كۆرۇپ شۇنداق ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ بىراق بىلدۈرمەي قاتتىق كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم ،شۇ چاغدا سەن ماڭا قاراپ يە يىغلىشىڭنى يە كۈلشىڭنى بىلمەي بىئارام ھالەتتە قالغان ئىدىڭ ،بۇ ھالىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلپ كەتكەن ئىدى ،بۈگۈن يەنە يامغۇرنى كۆرۈپ اللاھتىن سىنى يولدا تېيىلماي مېڭشىڭنى تىلدىم ،كۆزۈڭگە قاراپ ئىھتىيات بىلەن ماڭغىن ھە ....

2001 يىلى 4 -ئاينىڭ 8 -كۈنى
شىرىن بۈگۈن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك ئازابلىق بىر كۈن بولدى ،تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچى بىلەن سوقشۇپ قالغان ئىدىم ئۇمىنى ئۆز ئىنسىنى ئۆلتۈرگەن قەبھى قاتىل دەپ تىللىدى ،ئۇنىڭ تېلى جان -جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى
بىراق ئەمىليەت شۇ بولغاندىن كىيىن دەپ ئاچىقىمىغا ھاي بەردىم ،كىم نېمە دېسە مەيلى ،بىل شىرىن ئىمراننى مەن قەستەن ئۆلتۇرمىگەن
ئىمران ئۆلگەن كۈنى ئەتتگەندە بىز بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىدىغان تاھىر سىنىڭ تېلفۇنىڭغا
شىر مەن سىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ،ئىككى ئاكاڭغا دە ئىككىمىزنىڭ تۇينى قىلىپ قويسۇن دەپ ساڭا ئۇچۇر يوللاپتىكەن ،بۇ كۈنى سىنىڭ تېلېفۇنىڭ ئىمراننىڭ قېشىدا ئىكەنتۇق ،ئۇ ئۇچۇرنى كۆرۇپلا چاقماق تىزلىكىدە كىيملىرنى كېيىپ سېرىتقا ماڭدى ،مەن ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىپ ئىمراندىن نىمىش بولغانلقىنى سوردۇم ،ئۇ تەسلىكتە ئۇچۇرنى ماڭا كۆرستۇپ تۇرۇپ
_تاھىر دېگەن ئەبلەخنى ئۆلتۇرۋېتىمەن ،دەپ يېندىن پىچاقىنى چىقىرىپ سېرىتقا يۈگۈردى ،مەن ئۇنى تۇتۋالدىم بىراق ئۇ ماڭا زادى بوي بەرمىدى ،تۆت يولنىڭ ئولتۇرسىغا كەلگەندە ئىككىمىز سوقشۇپ قالدۇق ،مەن ئىمراننىڭ سېنى ياخشى كۆردىغانلىقىنى خېلى بۇرنلا سەزگەن ئىدىم ،بىراق بۇ دەرجىدە ياخشى كۆرشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ يولنى قانچە توسقانسېرىم ئۇ ماڭا شۇنچە ئېتىلدى ،شۇنىڭ بىلەن ئىككمىز مۇشلۇشۇپ كەتتۇق ،مەن ئۇنى نەچچىنى ئۇرۋەتتىم ،بۇ چاغدا ئۇ يېندىكى پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا شېلتىدى ،مەن پىچاقنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تارتىۋېلىشقا تەمشلشىمگە ئىھتىياتسىزلىقتىن پىچاق ئىمرانغا كېرىپ كەتتى
شىرىن مەن نىمشىقا ئېنىمنى ئۆلتۈرىمەن ،مەن ھەر ئىككىڭلارنى ياخشى كۆردىغان تۇرسام ،تاسادىبى ھادىسە تۈپەيلى مەن ئىككى قېرىندىشىمدىن ئايرىلدىم ،ئىمران كەتتى ،سەن ماڭا قارماس بولدۇڭ ،بۇ جاھان ماڭا بەك ئازاب بىلقنىۋاتدۇ ،شېرىن يۈركۈم بەك ئاغرىپ كېتۋاتىدۇ ،قانداق قىلاي ئۈلىۋالايمۇ ؟ئەسلى ئىمران ئۆلمەي مەن ئۆلسەم بوپتىكەن ئازابتىن بىراقلا قۇتىلار ئىدىم ...
كامراننىڭ خاتىرسىنى كۆرۈشكە ئەمدى تاقىتىم قالمىدى ،ئازابتىن پۇچۇلنۇپ تۇرغان يۈركۈم تېخىمۇ ئۆرتۈنۈپ ،يۈركۈم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ،بارلىق ئازاب ،ماڭلا بەخشەندە بولغاندەك شۇنداق ئازابلاندىم ،كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس
خاتىرنى يېىپىپ سومكامغا سالدىمدە ماگزىنى تاقاپ ئۆيگە ماڭدىم ،يولدا كامران كۆز ئالدىمغا كېلۋېلىپ تاس قالدىم ماشىنغا ئۈسۋالغلى
شوپۇرنىڭ مىنى قارىغۇ دەپ تىلاشلىرىمۇ قۇلقۇمغا كىرمىدى ،ئۆيگە كېلىپ ياشلىق كۆزلۈرۈم بىلەن يەنە خاتىرنى قۇلۇمغا ئالدىم
يېقىنى ئىككى يىل ئىچىدە يېزىلغان خەتلەر پەقەت شرىن سىنى سېغىدىم
كېيىنكىسى بولسا مېنىڭ شەپقەت بىلەن مۇھاببەتلىشۋاتقىنمنى يېزىپ ماڭا بەخىت تېلەپتۇ ،كېيىنكى بولسا شەپقەتنىڭ توي قىلغانلقىنى دەپ شەپقەتنى ھاقارەتلەپتۇ
خاتىرنى بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئوقۇپ تۈگەتتىم
يۈركۈم ئازابتا تېخىمۇ ئۆرتەنمەكتە ئىدى
مۇھاببەت زادى نېمە ؟
دېگەن خىيال مىنى ئاراممدا قويمايتتى
شەپقەتنى شۇنداق ياخشى كۆرسەم نىسىپ بولمىدى ،ئىمران بىلەن كامران مەن سەۋەبلىك ھەرخىل قىسمەتكە مۇپتىلا بولدى ،ھەي ھايات ھەي تۇرمۇش
كۈنلۈرۈم بۇرۇنقىدەك بۇرۇقتۇرما، ئازاب بىلەن ئۆتمەكتە ،
بۈگۈن ماگېزىننى ئېچىپ بۇلۇپ ماگزىنغا پاتەمخان ئاپاينى قارتىپ قۇيۇپ توپ بازاردىن مال سېتۋېلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم ،توپ بازارغا كېلىپ بۇلۇپ ماللارنى سېتۋىلىپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرسام كۆز ئالدىمدا تۇنۇش بىر سىما غىل -پىل پەيدا بولدى ،كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ قاردىم
شەپقەت
يۈركۈم قاتتىق سوقۇپ ،پۈتۈن بەدىنىم ئوت بۇلۇپ ياندى ،ئۇنىڭ قېشىمغا كېلشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا تەلمۇرۇپ قاردىم ،بىراق ئۇ كۆز ئالدىمدا سېنى كۆرمۈدۈم دېگەندەك ئاخساپ دەسسەپ ماڭدىغان ،سېرىق چاچ ،سول يۈزىنىڭ ئازراق يېرىدە تارتۇقى بار بىر قىزنى يۈتلەپ ،مىنى كۆرسۈن دېگەننى قىلىپ قىزغا يېقىنچىلىق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى ،ئۇنىڭ كەينىدىن قانچىلىك قاراپ تۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا ماڭا ياردەملىشىپ سېتۋالغان مېلىمنى كۆتۈرۇپ ماشىنا سېلىپ بەرگەن ئادەم قېشىمغا كېلىپ ،سىڭلىم ماشىنا سىزنى بەك ساقلاپ كەتتى دېگىندىن چۈچۈپ ئۈزۈمگە كەلدىم
ماللارنى ئېلىپ پاتەمخان ئاپاينىڭ قېشىغا كېلىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئېيتىپ بەردىم
ئاپاي بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ
_قىزىم بېشىڭدىن نۇرغۇن ئىسىق -سوغوق ئۆتۈلدى ،ئەمدى بولسىمۇ قەيسەر ياشا دەپ ماڭا تەسەللىي بەردى
مانا قىسىقىغىنە 23 ياشلىق ھاياتىمنى ئەلەم ئارلاش ئەسلەۋاتىمەن ،ئوغۇرلۇقتىن ياخشى يولغۇچە ،مۇھاببەتنىن ئازاب يولغۇچە ھەممە يولدا مېڭىپتىمەن ،ئەمدى ئويلا -ئويلا بارلىق مىھرىمنى كامرانغا بېرىشنى قارار تاپتىم ،بىچارە مىنى دەپ ئاز رىيازەت چەكتىمۇ ،ھەم بىر ئادۇكات خېرىدارىم ئارقلىق كامران دېلوسى توغرۇلۇق نارازلىق ئەرزى سۇنۇشنى ئويلىشۋاتىمەن ....

"خاتىمە "
كامران دىلوسىدىكى نارازىلىق ئەرزىمىز ئېقىپ كامراننىڭ ئىھتىياتسىزلىقتىن، مەخسەتسىز ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەن قالپاق ھەم تۈرمىدىكى ئىپادىسنىڭ ياخشلىقى بىلەن كامراننىڭ جىنايتتى 10 يىلغا چۈشتى ،ئۇ تۆت يىلىنى تاماملاپ بولغاچقا يەنە ئالتە يىل ياق ئىپادىسى ياخشى بولسىلا ئۇزاققا قالماي تۈرمىدىن چىقدىغان بولدى ،ئىككمىز ھازىر مۇھاببەتلىشۋاتىمىز ،مەن ھەر ھەپتىدىكى پەيشەمبە كۈندە كامراننى يوقلاپ تۇرۋاتىمەن ،ئۇ ھەر ھەپتىدە ماڭا بىر پارچە مۇھاببەت خېتى يازىدۇ ،مەنمۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا تاتلىق ،تاتلىق گەپلەرنى قىلپ بېرىپ تۇرۋاتىمەن ،ھەر ئىككمىزنىڭ كۆڭلدىكى ئازاب ئاخىرلىشىپ قۇياش پارلاپ چىقماقتا ،ئاللاھ كۆڭلۇمگە ئىنساب بەرسە كامراننىڭ تۈرمىدىن چىقشىنى ساقلاپ ئۇ چىققاندا توي قىلماقچى بۇلۋاتىمىز
شەپقەتنىڭ تۇرمۇشنى كىشلەردىن ئاڭلىشمچە بەك خاتىرجەم ئەمەسمىش ،بىراق شەپقەت ئەمەلدار ئادەمنىڭ قىزغا ئۆيلەنگەچكە ئەمىلى شۇنداق تىز ئۆسۈپ ھازىر بىر ساقچىخاننىڭ باشلىقى بولۇپتىدەك ،ئايالىنىڭ پۇتى ئاخساق بولغاچقا ئائىلدىكى بارچە يۈكىنى شەپقەت ئۈستىگە ئاپتۇدەك ،ئۇ ھەممە ئىشتا ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن ،ئەگەر ئايالىغا قارشى چىققۇدەك بولسا قېيىن ئاتسى ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بەرگۈدەك ،شۇڭا شەپقەت ھازىر بەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانمىش
ھەر قېتىم شەپقەت توغۇرلۇق مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغىنمدا يۈركۈم پۇچۇلنۇپ شەپقەتنىڭ ئاتا -ئانسىغا ئۆچلۈكۈم كېلدۇ بىراق نىمە ئامال ،ھەر قانداق ئاتا -ئانا پەرزەنتلىرنىڭ باياشات ياششىنى ئۈمىد قىلدۇ-دە
ھەر كۇنى جەينىمازاغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئاۋال شەپقەتنىڭ بەختىگە ،ئاندىن كامراننىڭ ئىنسابىغا ئاندىن پاتەمخان ئاپاينىڭ ئۆمرىگە ئۇزاق -ئۇزاق دۇئا قىلىمەن
ئىھ ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگەم ئۈچ ئەڭ يېقىن ئادىمنىڭ بارلىق ئىشلىرنى ئوڭۇشلۇق قىلغانسەن ،يامانلارنىڭ كۆزدىن ،دۈشمەنلەرنىڭ سۆزدىن ساقىلغايسەن ،مەڭگۈ بەخىت ئىچىدە شادىمان ياشاشقا نىسىپ قىلغايسەن ..
تامام

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرمەن

ھازىرغىچە 8 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
TANHA204 + 52 قەلىمىڭىز ھارمىسۇن ھەدە !
alone + 100
Dilnaz + 200
akax520 + 100 ياخشى چىقىپتۇ .......نادىر ئىجادى تىمالى
ھېسلىرىم + 1600 ياخشى يېزىلغان ئەسەر. بۇنىڭدىن كىيىن مۇن
musilina + 100 ئېسىل ئەسەر
تارىم + 99 ئىجادى. . . . . . . .  ئەسسالا
TATLIHIM + 101 ھەقىقەتەن نادىر تېما ! كەپسىز چۇقۇم ئىنك

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2352   باھا خاتىرىسى

سۈزۈلۈپ يۇرۇيدۇ سۈزۈك ھەر زامان تېرىكەن دېسىمۇ ئۆلۈك ئۇ ھامان چاپلىشىپ قان شۇراش ئادىتى ئۇنىڭقانخورغا يوقتۇر ھىچ تىنىچ ماكان

ياخشىلىق قىل قول

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 4563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1577993
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12111 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-11 09:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇشبۇ ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىم تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن...بۇندىن كىيىن تېخىمۇ نادىر تىما-ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،تېخىمۇ تىرىشقايسىز،غەلبە ھامان سىزگە مەنسۇپ!

دوستلۇق-ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل خاتىرىسى. ئىنسان خوشال چاغلىرىدا بەلكىم دوستىنى ئويلىماسلىقى مۇمكىن، بىراق تۇرمۇش دولقۇنلىرىدا چايقىلىپ، بېشىغا خىلمۇ-خىل قىسمەتلەر چۈشكەندە، بىر چاغلاردىكى مېھرىبان دوستلىرى يادىغا يېتىدۇ...

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9876
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3312 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 09:43:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ مىسرانىم تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن...تېخىمۇ تىرىشقايسىز......

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12215
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 3976 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 01:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا-ئاللا كەپسىز قىز ! بەك ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ بۇ ئەسەرنى خۇددى راستەكلا ئۈزىڭىزنىمۇ قىستۇرۇپ، شۇڭا بەك جەلىپكار چىقىپتۇ ، نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي !

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8942
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8463
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 3447 سائەت
تىزىم: 2010-9-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 06:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى   قىزغىن  تەبرىكلەيمەن!!!

تۇرمۇش-كۈرەش دىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11343
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11301
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 1046 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2011-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-12 11:06:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر بەك ياخىشى چىقىپتۇ....مۇكاپاتلىنىشى ھەقلىق .........سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن....تەپەككۇرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن..........

تۇرمۇش-كۈرەش دىمەكتۇر ،ئۇنىڭغا قاتنىشىش كىرەك...شۇندىلا تاۋلىنىپ ئۆزىمىز ئۈچۈن بۈيۈك بولغان ئارزۇ- ئارمانلارغا يىتەلەيمىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14203
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8041
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2010-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-13 01:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز       ئۇلۇغ    ئاللا قۇلڭىزغا دەت    بەرمىسۇن      
ئەسرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىننى تەبرىكلەيمەن

xayi  kaynam

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17783
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6086
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2010-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 05:45:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،سىزنى تەبرىكلەيمەن. تىخىمۇ تىرىشىڭ.

ئىسمىم ئىپارە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17452
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7206
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-11-16 09:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتكا ئېرىشېڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بۇلسۇن

ۋارىسجان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش