مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 785|ئىنكاس: 12

ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپمۇ دۇنياغا يۈزلەنگىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشىغا كۈن يوق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10533
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 12:50:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    
                                           ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپمۇ دۇنياغا يۈزلەنگىلى بولىدۇ

   ھازىر نۇرغۇن ياشلىرىمىز ناھايىتى ئېسىل مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى دەۋردىن قالغان ، كونا ،ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەر دەپ قارىغاچقا ، كىيىنىش، يۈرۈش-تۈرۈش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، پىسخىكىسى ، قىممەت قارشى قاتارلىق جەھەتلەردىن تۈپتىن ئۆزگىرىش قىلىش ، غەرىبلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ، مەدەنىيەت جەھەتتە چاڭلىشىش ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىقمۇ دۇنياغا يۈزلەنگىلى ، دەۋر قەدىمى بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگىلى ، زامانىۋىيلاشقىلى بولىدۇ . بۇ سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە نۇرغۇن مىساللار ئالدىمىزدا تاغدەك دۆرلىنىپ يېتىپتۇ.

   ياپونىيە بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ، شۇنداقلا مىللىي ئەنئەنىسى ئىنتايىن كۈچلۈپ دۆلەت ، سىزياپونىيەگە بېرىپ قالسىڭىز ، ياپون ئاياللىرىنىڭ كەينىگە ياستۇق تېڭىلغان ئازادە تونىنى كىيىپ ، چېچىنى تۈرۈپ ، شىپىرلاپ ماڭغىنىچە تىنماي ئائىلە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقانلىقىنى ، قەدەمدە بىر مۇلايىملىق بىلەن تەزىم قىلىپ ،
ئېرىغا ھۆرمەت ، بالىلىرىغا ھىممەت كۆرسىتىپ ، ئۇلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز ، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر كىنولاردىمۇ كۆپ كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەرلىرىنىڭ بولسا بىلىدىن پوتا باغلىنىدىغان كەڭ تون ، پۇتىغا ياغاچ ئاياغ كىيىپ تەمكىن قەدەم ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار گەپ-سۆزدە ، مۇئامىلىدە ياپون مىللىتىگە خاس جەڭگىۋارلىق ، جۇشقۇنلۇق ،
چىقىپ تۇرغانلىقىنى ، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ خاس پۇرىقى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ...شۇنداق بولغاچقا ياپونلارنى پۈتۈن دۇنيادىكىلەر بىلىدۇ، ئۆرۈپ - ئادەت ، ئەنئەنىدە چىڭ تۇرغاندا ئارقىدا قالىدىغان ئىش بولسا مانا مۇشۇ ياپونلار ئارقىدا قالسا بولاتتى . ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ياپونىيە ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىردىنبىر چوڭ دۆلەت ئامرىكىدىنلا كىيىن تۇرىدۇ. ياپونىيىنىڭ يېنىك سانائەت ۋە ماشىنسازلىق ، كېمىسازلىققا ئوخشاش ئېغىر سانائىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ئۇلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بۇمەھسۇلارلىرىغا ئېھتىياجلىق .ئۇلار ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپمۇ دۇنياغا ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ شانلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى.
   قىزلىرىمىزمۇ ساپ ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسى ، روھى بىلەن ياشاپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ يارىشىملىق كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئۇيغۇر ئۆرۈپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ياشىسا ، ئۆزلىرىمىزگە خاس ئۇسۇلىنى زامانغا ماسلاشتۇرسا، بۇنىڭ قەيېرى بولمايدىكەن؟  ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزگە دېققەت قىلماي ، ياۋرۇپاچە روھىيەتكە ئەسرا بولۇپ ياشىساقمۇ بىز يەنىلا ئۇيغۇر ، يۈزىمىزنى قارا ماي بىلەن بويىۋالساقمۇ بىز يانىلا ئۇيغۇر، ھەرگىز چەت ئەللىك بولۇپ قالمايمىز، ئۇيغۇر چوقۇم ئۇيغۇرغا خاس روھىيەت بىلەنلا ئۇيغۇر بولالايدۇ. بىز ھەرگىزمۇ <تېشى پال-پال ، ئىچى غال-غال> بولۇپ قالماي ، خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ يازغاندەك :<بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى> بولۇشى، تاشقى زىننەتلىرىنىڭ ۋە كىيىم - كېچەكنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئەمەس ، ئىچىنىڭ بىلىمگە توشقانلىقىدىن ، قەلب گۈزەللىكىدىن ، ئۆزىگە ئىشىنىش روھىدىن ، غەيرەت - شىجائەتىدىن، پەخىرلىنىش كېرەككى ، چاكىنا ئوي- خىيال ، چاكىنا مەدەنىيەت ، چاكىنا قىلىق بىلەن <مەدەنىيەتلىك> بولغانلىقىدىن پەخىرلەنمەسلىكى ، ئەكسىچە بىزار بولۇشى ، بىزارلىق ئىچىدە ئويلىنىشى ، ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلىشى كېرەك.
  ئەي قىز! ئۆزىڭڭىزنى تونۇغان ، ئۆزىڭڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا قويۇق ئۆرۈپ - ئادەت دۇنياسىدا ياشاشقا ئادەتلىنىڭ!!!

  مەنبە: بەزى يەرلىرىنى كىتابتىن پايدىلاندىم ،يەنە بىرقىسىم جايلىرى ئۆزۈمنىڭ.
  
تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35014
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6611 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 02:27:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا پىكىر، ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ،مەن ئاۋاز قوشمەن مانا

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 02:41:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىساق بولىدۇ !!

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەسلىمە كىشىدە خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8162
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 08:42:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يېزىپسىز مەنمۇ سىزدەكلا ئويلايمەن..... [s:104]  [s:104]  [s:104]

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

مەن ئۆزەمدىن باش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6585
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9804
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 3316 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 09:33:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل پىكىر بوپتۇ ماۋۇ، ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىگە سادىق بولۇش، ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى قەدىمى.

تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە، ئېلىشىپ قانغا بويال نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل. http://www.parlak.biz/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7716
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10587
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 4393 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 10:22:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاپتورنىڭ پىكىرىەە قوشۇلمايمەن .   چۈنكى مەن، ئاپتور دەۋاتقان ئاشۇ ياپۇنىيىدە ياشىۋاتقىلى 3 يىل بولدى.  بۇ يەردە ئاپتور دىگەندەك ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس .  بار دىگەندىمۇ قىسمەن شۇنداق .
    شۇنى ئەسكەرتىپ ئۈتۈشنى لايىق كۆردۈم :   ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىنى ساقلاش ئېڭى ۋە ۋە ھازىرقى ئەنئەنىۋى ھالىتى ياپونلاردىن كۆپ يۇقۇرى .  ياپۇنلار ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە غەرىپ مەدىنىيىتىگە ، بولۇپمۇ ئامرىكىغا چوقۇنىدۇ .   
مەن 3 يىلدىن بېرى ئاران4قېتىم كىمونو كىيگەن ئاياللارنى ئۇچراتتىم ، ئەرلەرنى تېخى ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ بولالمىدىم .  

قارىغاندا ئاپتور ياپۇنىيەنى كىتاپ ئارقىلىق چۈشەنگەن ئوخشايدۇ .

...........خەير...........

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2924
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18620
تۆھپە نۇمۇرى: 429
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2011-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 02:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپۇنىيدىكى مېيجى يىللىرىدىكى يېڭىلققا كۆچۈش توغرىسىدىكى تارىخىي مەزمۇنلارغا قاراپ كۆرۈڭ
ھازىر مىللىيچە كىيم ئەنئەنىسنى ساقلاپ قالالماسلىق ئۇيغۇرغىلا ئەمەس ،دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ھادىسە،ياۋروپالىقلارنىڭمۇ ھازىر كىيۋالغىنى ئۇلارنىڭ مىلليچە كىيمى ئەمەس ........فىرانسىۇز،نېمىس ،ئىنگىلىز ،كورىيان ،داخې،،بولۇپمۇ شوتلاندىيە ئەرلىرى كىيىدىغان يوپكا شەكىللىك كىيىم ،،فىرانىسيلىكلەرنىڭ باش كىيىمى ،ھىندىئانلارنىڭ،تايلاندلىقلارنىڭ باش بېزىكى ئۆزگىچە مېنىڭ قارشمچە،ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رەڭگاردەڭ مىللىي كىيىملىرى بار،بىراق ئاشۇ دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئاشۇ كىيملەرنى قىيىپ يۈرىدىغانلار قانچىلىك.مەن ھېس قىلىشمچە ھازىر مىللىي كىيم ئەنئەنىسىنى بىر پۈتۈن توپ ھالەتتەساقلاپ قالالىغان مىللەتلەر ئىچدە ھېچقانداق ھازىرقى زامان تەسىرى يېتىپ بارمىغان ئامازون ئورمانلىقىدىكى ياۋايى ئادەملەرلا قالدى دەپ قارايمەن .......قالغان مىللەتلەر ئىچىدىن ئىنسان تەبىئىيتىدىكى  قىزىقىش،دوراش پىسخىسىكى رول ئوينشى تۈپەيلى بىر پۈتۈن مىللەت ياكى قىسمەن توپى ئىچىدە كىيىم دۇنياۋىشىش ھادسىسى كېىلىپ چىققان بولۇشخ مۇمكىن

سۆيسە سۆيىمەن ،    يەر بىلەن يەكسان بولسا.      سۆيمىسە سۆيمەيمەن ،          گەر مىسرغا سۇلتان بولسا.

ھايات كۈن ئۆتكۈز

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12052
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 02:45:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئەنئەنىنى ساقلاشنى ئارزۇ قىلىمەن !!! بىر قىسىم كىشىلەرگە شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ : قالاق ، چېچىلاڭغۇ ئەرەپلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ دۇنياغا تۇنۇتقان ، مەھمود ۋە يۈسۈپ بۇۋامدەك دۇنيايىۋى ئەسەرلەرنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان ، تاكى 17-18 -ئەسىرگىچە دۇنيا مەدىنيىتىنىڭ ئالدى بۇلۇپ كەلگەن ئىسلام دىنىنى بەزىلەر بىزنىڭ زاماندىن كىيىن  قېلىشىمىزغا  ، تەرەققىياتقا يىتىشەلمەيۋاتقىنىمىزغا دۆڭگەپ قۇيۇپ يۈرگىنىگە ھەيرانمەن ؟؟؟

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

بەندە  يىغلار،

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3175
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7808
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 03:03:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئادەمگە چىن دىلدىن سۆيۈلمەكتىنمۇ، چىن دىلدىن سۆيمەكلىك بەختتۇر قەۋەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش