يۇمۇر يىزىپ كۈلدۈرىمەن (2.سان)
توققۇز جېنصم بولسا
خاپىلىق بالكونىنى تازىلاۋېتىپ بىر كونا جىن چىراق تېپىۋاپتۇ،چىراقنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ: ئېي
خاپىلىق،مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،قېنى ئېيتقىن - دەپتۇ ،ھىلىقى
خاپىلىق تۇرۇپ كېتىپ :چىراق ئىچىدىن چىققان باشقا جىنلار ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق، سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ- دىيىشىگە دىۋە قوپۇپ : مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە ،بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە - دەپتۇ،ھىلىقى ئادەم ئويلىنىۋېلىپ : مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جىنى بولىدىكەن،مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا - دەپتۇ ، - تەلىۋىڭ ئىجاۋەت - دەپلا دىۋە يوقاپ كېتىپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ
خاپىلىق زېرىكىپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ،ئويان – ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇدە رېلىستا يېتىۋاپتۇ ،ۋاي ئەپسۇس
خاپىلىق شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ ،- نىمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟ ياق، ياق ،ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن.
ئېلان
سىرلىق: بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز ،تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟
كۆكيار: ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.
3.تۈرلۈك جىنايەت
كېچىدە بىر ماشىنا قاتناش ساقچىسى خوك تەرىپىدىن تۇسۇپ قېلىنىپ تەكشۇرلۇپتۇ.
خوك :سىز نىمىشقا كىچىدە ماشىنىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرماي يول يۇرىسىز ؟
شوپۇر تارىم :كەچۇرۇڭ باشلىق !ماشىنام تۇنۇگۇن بىر ماشىنا بىلەن سۇقۇشۇپ كېتىپ ئالدى چىرىغى بۇزۇلۇپ كەتكەن.
ساقچى خوك :مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۇپ باقاي.
شوپۇر تارىم :پىراۋام تېخى چىقمىغان.
ساقچى خوك :ياخشىغۇ !بىراقلا ئىككى تۇرلۇك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپسىز .مەن سىزنى قاماپ قويسام بۇلغۇدەك.
شوپۇرنىڭ ئايالى كۆڭۈل :باشلىق ، باشلىق توختاپ تۇرۇڭ!ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ،ئۇ يالغان ئېيتىۋاتىدۇ.بايا ئۇ كۆپرەك ئىچىپ قويغان شۇڭا قالايمىقان سۆزلەۋاتىدۇ!
توردصكص قصزچاق
توردا بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ،كۆرۈشۈشكە كېلىشىپ قويغان قىزغىن Taxiغا چۈشۈپ،ۋەدىلەشكەن جايغا كېلىپ قارىسا،زىيادە سېمىز بىر قىز تۇرغۇدەك.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شوپۇرغا:
ـــ ئاۋۇ تۇرغان قىزنى كۆردىڭىزمۇ؟ ــ دەپتۇ.شوپۇر:
ـــ كۆردۈم،يېنىغا بېرىپ توختىتايمۇ؟ــ دېسە،قىزغىن:
ـــ ياق،سوقۇپلا قاچايلى،ـــ دەپتۇ.
شاتئاينىڭ تېلىۋوزۇر كۆرىشى
شاتئاي نەۋرىسى بىلەن تېلىۋېزور كۆرۇپتۇ.بۇ ۋاقىتتا ئىكراندا ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلىق توغرىسىدا نەق مەيدان خەۋەرى بىرىۋېتىپتىكەن.
موماي:ئاۋۇ كىشىلەر كىم بۇلىدۇ بالام؟ ئۇلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟
نەۋرىسى:ئۇلار ئافرىقىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەركەن ،يىگىلى تاماقىمۇ يوقكەن ئۇبىچارىلەرنىڭ.
شاتئاي:نىمە !يىگىلى تاماق يوق...؟ ئالدامچىلار ...ئەمىسە ئۇلار نەدىكى پۇلغا چېچىنى بۇدۇر قىلدۇرىدۇ.
نەۋرىسى:......
كارۋاننىڭ ئەسكەرلىرى
بىر توپ ئەسكەر دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قاپتۇ . ئوفىتسىر كارۋان ئەسكەرلەرگە :
ئەسكەرلىرىم ،باتۇرراق بولۇڭلار !ھايات قالىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئىككى قولىمىزغا تايىنىشىمىز كېرەك ،چۈشەندىڭلارمۇ ؟-دەپتۇ .ئەسكەرلەر:
چۈشەندۇق ،- دىيىشكىنىچە دۈشمەنلەرگە تەسلىم بولۇپتۇ .
چىرايلىق ئانا
زىبا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
-قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا ، باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟
ئىغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار .
مەنبە:خۇشخۇي