مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1393|ئىنكاس: 29

مەنمۇ مۇنبەردىكلەرنى يۇمۇرغا قېتىپ قۇيدۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3843
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9715
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2297 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 05:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى

(زامانىغا )
   زامانى دوسلىرىغا ئۆزىنىڭ ھاۋارايى ئىستانىسىدا پىراكتىكىغا قاتناغقاندىن كېيىن ئاندىن "ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات" پېروگىراممىسىدكى ئەتىدىكى يامغۇرنىڭ سۇس، قاتتىق دېگىننى قانداق ھېسابلاپ چىقىىدغانلىقىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، دوسلىرى قىزىققان ھالداقانداق ھېسابلاپ چىقىدىغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئۇ "ئىستانىسسا باشلىقى ئىشخانىسىغا 10نەپەر خىزمەتچىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ ئەتە يامغۇر ياغىدۇ دەپ قارايدىغانلار قول كۆۇتۇرۇڭلار دەيدىكەن شۇنىڭ بىلەن 3 ئادەم قول كۆتۇرسە يامغۇر يېغىش ئېچتىماللىقى %30 يەنى سۇس يامغۇر ياغىدۇ  دېيىلدىكەن" دەپتۇ.

  ئېتبار بېرىش

(يارقىن بىلەن شۇكرانغا)
     يارقىن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانا دوختۇرخانا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبىرىكلەش ئۇچۇن ئېتبار پائالىيىتىنى يولغا قۇيۇلغانلىقى ، يەنى مەزكۇر دوختۇرخانىدا بالنىستا داۋانلانغان بىمارلارغا بىردەك ئېتبار قىلدىغانلىق توغرىسىدا ئېلان بېرىپتۇ.
    سۇقۇر ئۇچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان شۇكران مۇشۇ دوختۇرخاندا داۋالانماقچى بۇلۇپ بالنىسستا يېتىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپتۇ. ئوپىراتسىيىگە كىرىدغان كۇنى ئۇ
يارقىندىن
"دوختۇر ، كۆڭلۇمدىكىنى دېسەم ، مەن سىلەرنىڭ ئېتبار بېرىش توغىرىسىدكى ئېلانىڭلارنى كۆرۇپ ئاندىن كەلگەن ، شۇنى بىلۋالسام ، سىلەر دېگەن ئېتبار قانداق ئېتبار ئۇ "دەپ سوراپتىكەن، يارقىن قولىدىكى ئوپراتسىيە پىچىقىنى ئۇيان بۇيانغا ھەركەتلەندۇرۇپ، بىر ئايلىق بالنىستا ياتسىڭىز يەنە بىر ئايلىقنى، بىر قېتىمدىكى ئوپراتسىيە  ئۇچۇن يەنە بىرنى قۇشۇپ بېرىمىز" دەپتۇ.

روھلۇق يۇرۇڭ (نەسرۇللا، خوك ئەپەندى  ۋە ئوۋچىغا)

   نەسرۇللانىڭ تولىمۇ ئۇمىدسىز كەيپىياتىنى كۆرگەن ئوۋچى ئۇنىڭغا " ھەي روھلۇق يۇرۇڭ، مەن بىر ئادەمنى تۇنۇيمەن ، ئىسمى خوك ئەپەندى، ئۇ ۋەيران بۇلۇپ كىشلەرگە قايتۇرىدغان قەرزىلىرىنى قايتۇرۇپ بۇلالماي ئۆلۋالماقچى بۇلۇپ ماشنىسىنى تىك قىيانىڭ بويىغا ئاكىلىپ بىر سائەت توختىتىپ قۇيغان ، بۇنى كۆرگەن كىشلەر ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلشنى باشلىغان شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەم بۇلۇتلىرى تارقاپ ماشنىنى قىيا بويىدىن ياندۇرۇپ كەلگەن " دەپتىكەن ،نەسرۇللا"ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ، ھېلقى ساخاۋدتچىلەر كىمۇ" دەپ سوراپتىكەن ئوۋچى  ئۇنىڭغا "دەل خوك ئەپەندى ھەيدىگەن ئاممىۋى ئاپتوبوستىكى يۇلۇچىلار " دەپتۇ.

چىش دوختۇرى (قىزغىنغا

)   
     قىزغىن دوختۇرخانىغا يىڭىدىن بىر چىش دوختۇرى قۇبۇل قىلپتۇ، ئايال ئۇنىڭدىن بۇ " يېڭى كەلگەن چىش دوختۇرىنىڭ كەسىپ جەھەتتە نىمە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى سوراپتىكەن ، قىزغىن ئەپەندى " كەسىپ جەھەتتىغۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەن ، لىكىن ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بۇپتىكەن " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

كەزمە مۇلازىمەت ھەققى (يارقىن بىلەن ئائىشەگە)

   تاللا بازىرىدا يارقىن ئەپەندى پۇل تۆلەش سۇپىسدا كاسسىرلىق قىلۋاتقان
ئائىشەدىن
" نېمە ئۇچۇن يەرلىك تۇخۇمنىڭ باھاسى فاېرمىدا بېقىلغان تۇخۇ تۇخۇمىدىن قىممەت " دەپ سوراپتىكەن ، "ئائىشە بىردەم ئويلىنۋەتكەندىن كىيىن " بۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەق ئېلىشغا ئوخشاپ قالىدۇ، فېرمىدىكى تۇخۇملار بەلگىلەنگەن ئۇرۇندىن يىغۋېلىنىدۇ، لېكىن يەرلىك تۇخۇملارنى تېرۋىلىش تەس بولغاندىكىن ئەلۋەتتە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى قۇشۇپ ئېلىندۇ دە" دەپتۇ.
جەرىمانە تالونى(خۇشخۇي بىلەن فاتىمەگە)
   خۇشخۇي پويىز ئىستانىسغا بىر دوستىنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۇچۇن چىقىپ ئېسىدە يوق يەرگە تۇكۇرىشىگە بىلىكىگە قىزىل يەڭلىك تاقىغان فاتىمە ئۇنى دەرھال تۇتۋېىلىپ "قالايمىقان تۇكۇرگەنلەردىن 10 يۇئەن جەرىمانە ئېلىندۇ "دەپتىكەن ، خۇشخۇي "ئالدىنقى قېتىم ئىككى يۇئەن تۆلىگەن ئىدىمغۇ" دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان فاتىمە"ھازىر ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، تالوننىڭ ئۇستىدىكى نۇمۇرلارنى كۆرگەنسىز، ھەر سەيشەنبە كۇنى بىز   چەك تارتىمىز، مۇكاپات چىقىپ قالسا مۇكاپات سوممىسى 1000يۇئەن " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
   ئاز ئىشلىتىلگەن ئەقىل (مىسرانىم بىلەن ئۇيغۇرغا)
   ئۇيغۇر ئۆزىنى تولىمۇ ئاقىل چاغلايدىكەن بىر كۇنى ئۇ مىسرانىمنىڭ ئالدىغا بېرىپ"سىز مېنىڭ سىزدىنمۇ ئەقلىىق ئىكەنلىكمنى بىلەمسىز؟ " دەپتىكەن ، مىسرانىم ئۇنىڭغا تەكشى سەپسېلۋىتىپ"ئەلۋەتتە ، چۇنكى مەن داۋاملىق ئەقلىمنى ئىشلىتىپ تۇرىمەن شۇڭا ئېشىپ قالغىنى ئاز، لىكىن سىز كۇنىڭزنى يەپ ئىچىش بىلەن ئۆتكۇزۇپ، ئەقىلنى ئاز سەرپ قىلغاندىكىن ئىشلمىگەن ئەقىل كاللىڭىزغا لىققىدە تولغان" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
     زادى كىمدە مەسلە بار(ھىجران 2010بىلەن ئاقسۇ سىرىغا)
ھىجران 2010ئايالى بىلەن تەگىشىپ قېلىپ ، دوستى ئاقسۇ سىرىغا" زادى مېنىڭ ئايالىمدا مەسلە بار" دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ئاقسۇ سىرى " ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىگىن ، سەنمۇ ياخشىراق ئويلىنىپ باققان بەلكىم سەندىنمۇ ئۆتكەن يەرلىرى باردۇ، چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ ئەمەسمۇ ، بەلكىم سەندىمۇ مەسلە بۇلىشى مۇمكىن "دەپتىكەن ، ھىجران 2010" مەندە ھەرگىزمۇ مەسلە يوق، مەن ئارىلشۋاتقان تۆت ئايالنىڭ ھەممىسسى مېنى شۇنداق ياخشى دەپ ئوبدان ئۆتۋاتىمەن، پەقەت ئايالىملا تولا ئۇرۇشۇپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ"دەپتۇ.
                     ئىنسانپەرۋەرلىك (ئېدىرىسجان بىلەن زۇلەيخاغا)
   ئېدىرىسجان كۆپ قېتىم زۇلەيخاغا توي تەكلىپى قويغان بولسىمۇ، زۇلەيخا ئىزچىل رەت قىلىپ كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېدىرىسجان زۇلەيخاغا تەھدىت سېلىپ يەنە قۇشۇلمىسا ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدغانلقىنى ئېيتىپتىكەن، زۇلەيخا ئۇنىڭغا " ئىختيارىڭىز ، سىز ئۆزىڭىزنى ئۆلتۇرۋالسىڭىز، مەن تېخىمۇ ئىنسانپەرۋەر بۇلىمەن." دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان ئېدىرىسجان چۇشىنەلمەي نىمشقىلىقىنى سوراپتىكەن، زۇلەيخا " ئەگەر مەن سىزنىڭ تەكلىۋىڭزگە قۇشۇلسام دادام بىلەن ئانام ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدىغانلقىنى ئېيتقان، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلگىنىدىن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۇشى تېخمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىغا كىرىدۇ" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

ئاسما سائەت(ئىستىقبالغا)

ئونۋېرستىتىكى مەلۇم بىر سىنىپنىڭ ئاسما سائىتى بۇزۇلۇپ قالغان بۇلۇپ تۇرۇپ ، بىر نەرسە تەگسىلا بەش مىنۇت ئالدىغا مېڭىپ كېتىدىكەن. بىر كۇنى ئىستقبال بۇ سىنىپقا دەرس ئۆتۋىتىپ، ئۆزى دىققەت قىلمغان پۇرسەتتە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇ سائەتكە توختىماي ئۆچۇرگۇچنى ئېتۋاتقانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ بىلمىگەنگە سېلىپ، ۋاقىت بويىچە دەرستىن چۇشۇپتۇ.
  ئۇزاق ئۆتمەيلا مەۋسۇملۇك ئىمتاھانلار باشلىنپتۇ. ئۇقۇغۇچىلار ئىمتاھان قەغىزىگە جاۋاپ يېزىشنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا  ئۇقۇغۇچىلار پاق پاق قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ بېشىنى كۆتۇرۇپ قاراپتىكەن ئىستقبالنىڭ ئۇ سائەتكە بور ئېتىپ تەككۇزۇشنى مەشىق قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۇپتۇ.

بۇگۇن يادىمغا كەلدى(مەرزىيەگە

)
مەرزىيە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارسىگە ئېرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا دېلو مەلۇم قىلپتۇ، ساقچى ئۇنىڭدىن ئېرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى سوراپتىكەن ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ ئىككى ھەپتە بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ،ساقچى ئۇنىڭدىن نىمشقا ئۆز ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلمىغانلىقنى سوراپتىكەن ئۇ، بۇگۇن يادىمغا كەلدى، چۇنكى بۇگۇن ئېرىمنىڭ ئىدارىسىدىن  مائاش تارقىتىدغان كۇنى ئىدى دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

كومپىيۇتېر سېتۋىلشتىكى سەۋەب (ئەسرارىغا)

   بۇگۇن ئەسرارى ئايلى ئۇزاقتىن بۇيان سېتۋالماقچى بولغان كومپىيۇتېرنى سېتۋاپتۇ، كومپىيۇتېر ساتقۇچى ئۇنىڭغا بىر جەدۋەلنى بېرىپتۇ، ئۇ جەدۋەلدە سىز نىمە سەۋەبتىن بۇ كومپىيۇتېرنى سېتۋالماقچى بولدىڭىز دېگەن سۇئال بار بۇلۇپ ئەسرارى ئۇنىڭغا"كوتۇلداش! ئايالىمنىڭ بىر يىللىق كوتۇلداشلىرىنى توختىتىش ئۇچۇن '' دەپ يېزىپ قۇيۇپتۇ.

قايسىسى چوڭ (بىغەمگە)

   بىغەمنىڭ بىر جۇپ قوشكېزەك ئوغۇللىرى بۇلۇپ، بۇ يىل ئىككى ياشقا كىرگەن ئىكەن . ئۇلارنىڭ تۇرقى تولىمۇ ئوخشايدىكەن. بىغەم ئۆزىمۇ بىغەمراق بولغاچقا بەزىدە دەرھال قايسىسى چوڭ قايسىسى كىچىك دەرھال دەپ بېرەلمەي قالىدىكەن. بىراق دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا باشقىلار ئۇنىڭدىن دائىم قايسىسى چوڭ دەپ سوراپ قالىدىكەن.
  كېىيىنچە بۇ سوئالنى سورىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇمۇ كەسكىنلىك بىلەن ھازىر تېخى بېكتمىدىم ، ھەر ئىككىلىسىگە پۇرسەت باردەپ جاۋاپ بېرىدىغان بۇلۇپتۇ. باشقىلار چۇشىنەلمەي قوشكېزەك بالىلار تۇغۇلغان ھامان چوڭ كىچىكلىكى بېكىتىلىپ بولغان بۇلىدىغۇ دەپ سوراپتىكەن، " مەن ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇلارغا بىر ئادىل رىقابەت پۇرسىتى بېرىپ ، قايسىسى ئۇتۇپ چىقسا شۇنى چوڭى قىلماقچى بۇ ئىشتا ھەرگىزمۇ ئالدىراشقا بۇلمايدۇ، شۇڭا ھەر ئىككىلىسىگە پۇرسەت بار"دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

يولۋاس بىلەن بۇغا
    يولۋاس بىر بۇغىنى تۇتۋېلىپ يېمەكچى بوپتىكەن ، بۇغا ئۇنىڭغا "سەن مېنى يېسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ "دەپتۇ بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس نېمىشقىلىقىنى سوراپتىكەن، بۇغا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ 2-دەرىجىلىك دۆلەت تەرىپدىن قوغدىلىغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس دەرھال 2-دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋاننى دەپ 1-دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋان ئاچلىقتىن ئۆلسە ئانچە توغرا بولماس دەپ بۇغىنى يەۋېتپتۇ.
   
بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57754
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2987 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:21:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلدۈرۈپ خېلى ھاردۇقنى چىقاردىڭىز جۇمۇ
            رەھمەت كۈلكە ئاتا  قىلغىنڭىزغا...........

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18511
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10692 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:27:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇرىڭىز بىرسى بىرسىدىن قىزىقارلىق چىقىپتۇ   [s:63]  [s:63]

ئەمما بىزلەر قېپ قاپتىمىز  [s:95]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12674
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6951 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ بىزمۇ بار ھە................ [s:60]
ياخشى يىزىپسىز.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3497
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10853 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ قىلماي جەرمانىنى تۆلۋەتكەن بولسا خۇشخۇي 1000 مۇكاپات ئالاتتى ئەمەسما ؟
چاخچاققا قۇشقىنىڭىزغا رەھمەت ئۇماق كۈلكە غەزىنىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن .

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9149
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3436 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم ! خېلى كۈلىۋالدۇق !

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:53:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمىشقا يوق بولۇپ قالدىم؟زادى نىمىشقا؟ [s:119]  [s:109]

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

san hayatka kulup karisag  h

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11690
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8158
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2010-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 06:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدەك   يېڭى  ئەزالارغا   يوقما؟ [s:96]  [s:96]  [s:96]

~`ئانا  رازى   ﷲ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12126
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9619
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 2260 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-4 07:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  كەلتۇرۇپسىز    لىكىن   شۇ   [s:99]  [s:99]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ  ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش