ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت Duel كە 2010-10-05 10:38 PMئەۋەتىلدى :
بۇ ئىنكاس تېمىغا قارىغاندا ئوبدانراقمۇ نىمە
توغرا دەيسىز. بۇ ئىنكاسنى مەنمۇ ياقتۇردۇم. راسىت شۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى مەنمۇ ئىتىراپ قىلىمەن. چۈنكى مەن ئىزدىگەن ئۆزبىكچە ھەممە تور بىكىتىنىڭ بىرەر يېرىدە بىزنى بىر ئېغىز تىلغا ئېلىپ سالمايدىكەن، شۇنچىلىك كۆپ ئىزدىدىم . بىر ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى تاپالمىدىم. مەنمۇ ھەيران قالدىم. مەن بۇلارنى يوللىشىم قانداقتۇر بۇلارنى كۆتۈرۈش، ماختاش ئەمەس بەلكى، شۇلارنىڭ قانچىلىك ئەھۋالىنى بىر قۇر بالىلارغا ئەينى نوقتىدىن بىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىش. نىمە دەيمىز بىر چاغلاردا بىز باشپاناھ بۇلۇپ ئاۋۇندۇرغان بۇ يىلتىزداش ئىنىلىرىمىز ،بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇلۇق ئۇنتۇش بىلەن بىرگە بىزدىن قاچىدىغان ھەم بىزنى ئىنكار قىلىدىغان بۇلىۋالدى، خۇددى بىزنى مەدىنيەت بايلىقى تىلەيدىغان كىشىلەرگە ئوخشىتىپ قويدى. بۇ شۇلارنىڭ سەۋەبىمۇ؟ مانا بۇ ئويلىنىش ئادەمگە سەل باشقىچە تەسىر بىرىدۇ.
مەن بىر ئۆزبىك تور بىتىنىڭ مەلۇم يىرىدە بوۋىمىز مەھمۇد كاشىغەرىگە ئاتالغان ، (مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز ) ماۋزۇسىدىكى بىر پارچە ماقالىنى ئۇچىرىتىپ كۈرۈپ باقتىم ، بۇلار بىزنىڭ بۇ بۈيۈك بوۋىمىزنىڭ قەدىرىنى ھەقىقەتەن قاتتىق تەرىپلەپتۇ، ئانا دىيار قەشقەرنى ، خوتەننى ئۆز بالاساغۇنىمىزنى ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇندا مەدىھيلەپتۇ، بۇلۇپمۇ قەشقەرنى شۇنچىلىك يۇقۇرغا ئۇرۇنغا قويغانكى بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىپتۇ. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك ئالىم بوۋىمىز مەھمۇت كاشىغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى - ئىراننىڭ كاتتا دانىشمىنى فىردەۋىسكە تەققاسلاپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى بىر پۈتۈن ماقالىدە بىر نۆۋەت ئۇيغۇر سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان ،ئەكسىنچە تۈرىك ئىبارىسى ئىشلىتىلگەن. قارا خانىلار خاندانىلىقى، يىپەك يۇلى قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەنيۇ، بۇنىڭدىكى ھەقىقى مەنبە كۆل بىلگە قاغان، ئۇيغۇر ،قاتارلىق سۆزلەر تىلغا ئېلىنمىغان. ئەجىبا ئۇلار بۇنى راستىنلا بىلمەسمۇ؟
يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇر جۇڭخۇا خەلق جۆمھۆريىتىنى، كاتتا خاۋارىج ئېلى دەپ تۇنىغان بۇ يىقىن مىللەتداشلىرىمىز ، بۇ ئەلدە تەتقىق قىلىنىدىغان ئاساسى ئۇقۇمنى پەقەت بىزنىڭ شاڭخەي ، بيجىڭ ، ۋە بەش مىڭ يىللىق كاتتا مەدىنيەتلىك مىللەت ، خۇاڭخې دەرياسى ۋە چاڭجىياڭ دەرياسى قاتارلىق ئەڭ كاتتا تىمىلارغا نوقتىلىق قاراتقان . ئەجىبا ئۇلار خاتا قىلدىمۇ؟
دىمەك لازىمكى بۇ يەردە قاتتىق بىر ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن پەيىتتە ،بىر قۇرساق ئاكا ئىنىنىڭ ئالدىدىكى ئىنتايىن يوق دىيەرلىك تاماقنى تەسەۋۇر قىلىپ ئويلاپ بېقىڭ.
چۇقۇمكى بۇنى يىيىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال تەشەببۇسكار ھالەتنى قولغا كەلتۈردىغىنى كىمۇ ؟
قىسقىسى بۇ يەردە بىزنى يەكلەش مۇمكىنچىلىكى يوق ھەم ھەددى ئەمەس، بۇنىڭدىكى مەسىلە پەقەت ماھىيەتلىك ھالەتتىكى مەنىۋى ئىنىرگىينى تالىشىش ۋە بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان مۇشۇنداق قىسمەتلەر ئىھتىمالغا بىر قەدەر يىقىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللاپ قويدۇم . كۈرەيلى، سېلىشتۇرايلى، ئىشقىلىپ بۇنىڭ زىيىنى يوق. ئەمما دىلىمىزنى ، كاللىمىزنى ئۇبدانراق ئىشلىتىپ ماھىيەتلىك مەسىلىنى سۈزۈشكە ماھىر بۇلايلى.