يۇمۇر يىزىپ كۈلدۈرىمەن(3.سان)
پويىزدا
ئىدرىسجان پويىز ھاجەتخانىسىدىن ئەمدىلا چىقىشىغا بىر قاراقچى ئۇنىڭ بۇغۇزىغا پىچاق تەڭلەپتۇ :
_يانچۇقىڭدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى چىقار .
ئىدرىسجان قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترەپ كىتىپتۇ .
_مەندە بىر تىيىن يوق .
_ئەمىسە سەن نىمىشقا تىترەيسەن ؟!قاراقچى غەزەپ بىلەن ۋاقىراپتۇ .
_مەن سىزنى بېلەت تەكشۈرگۈچىمەن دەپتىمەن .
تەخسىملەش
3پوپ بىر يەرگە كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ چىركاۋىنىڭ تۇرلۇك خىراجىتىنى قانداق غەملەيدىغانلىقىنى دىيشىپ قاپتۇ.
مەن -دەپتۇ
كۈنقىز ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىئانە قىلغان پۇلنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىمەن. يەرگە بىر تال سىزىق سىزىمەن، ئاندىن بارىلىق پۇللارنى ئاسمانغا ئاتىمەن، سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە چۇشكەن پۇللارنى چىركاۋغا خىراجەت قىلىمەن، سول تەرپىگە چۇشكەن پۇللار مىنىڭ بۇلىدۇ.
مەن-دەپتۇ
كەپسىز قىز يەرگە ئانچە چوڭ بولمىغان چەمبەر سىزىمەن، ئاندىن پۇللارنى ئاسمانغا ئاتىمەن، چەمبەر ئىچىگە چۇشكىنى چىركاۋغا ئىشلىتىلىدۇ، سىرتىغا چۇشكىنىنى مەن ئىشلىتىمەن.
سىلەر نىمانداق كالۋا؟؟؟؟- ھەيرانلىقتا سۆزلەپ كىتىپتۇ
كۆڭۈل -مەن سىلەرگە ئۇخشاش يەرگە چەمبەر، سىزىق سىزىپ ئاۋارە بولمايمەن، پۇتۇن پۇللارنى ئاسمانغا ئاتىمەن، يەرگە چۇشمىگىنى چىركاۋنىڭ، قايتىپ چۇشكىنى مىنىڭ بۇلىدۇ.....
يولدىشىم قايتىپ كەلمىدى
نازىلئاي ساقچى
تاڭنۇرغا : ساقچى ئەپەندى، يولدىم بىريىل ئىلگىرى كۆكتات سىتىۋالغىلى چىقىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىدى،سىزنىڭچە مەن قەنداق قىلسام بولاردەپتۇ.
تاڭنۇر: ﮬﻪﻱ،سىز نىمانداق ﺋﺎﺧﻤﺎﻕ، يولدىشىڭىزنى كۆكتاتلىرىنى ساقلىغىچە،باشقا تاماق قىمامسىز - ﺩﻩﭘﺘﯘ.
توي كېچصسص
توي كېچىسى
ئىدرىسجان ئايالىدىن سوراپتۇ :
سىز بۇرۇن مەندىن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟
ئايالى بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ جىم بولۇپ قاپتۇ .
ئىدرىسجان ئايالىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەندىن كېيىن :
خاپا بولماڭ مۇنداقلا سوراپ قويغان .
ئايالى :نىمىگە خاپا بولاتتىم ،مەن تېخى ساناپ بولالمىدىم .
مەشق قىلىش
يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر ئەترەت ئەسكەر مەشق قىلىۋاتقاندا، ئەترەت باشلىقى
كارۋان كوماندا بېرىپتۇ : سول پۇتۇڭلارنى ئالدىغا سۇزۇڭلار!
بىر ئەسكەر جىددىيلىشىپ ،ئوڭ پۇتىنى سۇنۇپ ساپتۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ پۇتى ياندىكى ئەسكەرنىڭ سول پۇتى بىلەن جۈپلۈشۈپ قاپتۇ. ئەترەت باشلىقىنىڭ
كاراۋاننىڭ ئاچچىقى كىلىپ ۋارقىراپتۇ:
_قايسى ئۆلگۈر ئىككىلا پۇتىنى سوزىۋالدى؟!
ئاڭلاپ قالىدۇ
تارىم تازا بىخىل ئىكەن.بىركۈنى ئايالى بىلەن بىللە ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ. ئايالى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر پارچە لاتىنى تارتىپ چىقىرىپ
تارىمغا كۆرسىتىپ دەپتۇ؛
-كۆردىڭىزمۇ؟يۈرۈڭ،بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
تارىم
ئايالىغا ؛
ۋوي ،بوشراق گەپ قىل ،ئۇلار ئاڭلاپ قالسا لاتا پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.
ئۆزۈمنى ئالدىراڭغۇ دىسەم .....
قىزغىن تولىمۇ ئەزمە بولوپ، ئۇ ھەر قانچە جىددى گەپنىمۇ يەتتە ئايلاندۇرۇپ قىلىدىكەن .بىر كۈنى قوشنىسى ئۇنىڭكىگە پاراڭلاشقىلى كىرىپ ، ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ . بىر چاغدا قوشنىسىنىڭ چاپىنىنىڭ پېشى كۈيۈشكە باشلاپتۇ ... بىراق ئۆزى بايقىماپتۇ .
قىزغىن بۇنى كۆرۈپ ؛
مەن بىر نەرسە كۆرۈپ قالدىم . ئەگەر سىز ئۇنى يېقىن ئارىدا نېرى تاتمىسىڭىز ، ئۆزىڭىزگە زىيان بولارمىكىن ...ئەگەر دەپ بەر دىسىڭىزغۇ ، قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ دەپ بېرەمەن دىيىشكە باشلاپتۇ .قوشنىسى ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەممەي :
زادى نىمە ئىش بولدى ؟ دىسىڭىزچۇ ؟دەپ سوراپتىكەن ،
قىزغىن :
چاپىنىڭىزنىڭ پېشى كۈيىۋاتقىلى نەۋاق ...دەپتۇ . قوشنىسى دەرھال ئوتنى ئۆچۈرۋاپتۇ .- دە ئاچچىقىدا :
ھوي قانداق ئادەمسىز ..؟ كۆرگەن ھامان دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ دەپتىكەن .
قىزغىن قىرىغا كەلمىگەندەك :
ــــــــــ مەن ئۆزەمنى ئالدىراڭغۇ دىسەم سىز مەندىن ئۆتە ئالدىراڭغۇكەنسىز ــ جۇمۇ .!
مەنبە: توردۇنياسىدىن