مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1583|ئىنكاس: 18

تارىختىكى تۇرپان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز كاتتا تارىخى سۈرەتنى قانداق سۆز بىلەن تەرىپلىسەك بولار؟غەربى يۇرىتتىكى مۆجىزىلىك تارىخى مۇزىيغا يەنە قانداق نەزەر بىلەن قارىساق بولار؟
   تەڭرىتاغنىڭ سۈزۈك قار سۈيى ئۆستەڭلەردە ۋىلىقلاپ ئويناپ كىلىدۇ،ئەتراپ ياپيىشىل ئوت-چۆپلەرگەتۇلغان،ئىللىق قۇياش نۇرىكىشىلەرگەھۇزۇر بەخشى ئىتىدۇ.يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ مۇنبەت زىمىندا تۇرپان تىرىسكا بىلىغى،تۇرپان مەخلۇقى،يالقۇنتاغ ئەجدىھاسى،تۇرپان زور كەركىداننىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپ ھەرقايسى ئىكىلوگىيەلىك دەۋىرلەردىكى ھاياتى كۈچكە تولغان كارتىنىلار مەيدانغا كەلدى.
  40مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى پەيدا بولغان.<بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى......>.
    يارغۇل قەدىمى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى،ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل ئەت تۇپراق شەھىرى بۇلۇپلا قالماي،دۆلىتىمىز بۇيىچىمۇ 2000يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە ئەڭ مۇكەممەل شەھەر خارابىسى ھىساپلىندۇ.تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى غەربى دىيار ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى بۇ يەرگە جايلاشقان.
    ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 2000يىلدىن ئاشتى ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ ،ھەم كۆركەم ئۇ تاڭ دەۋىردىكى چاڭئەننىڭ غەربى يۇرتتىكى كۆچۈرۈلمىسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئاستانە قەۋرىستانلىقى ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قەۋرىستانلىقى بولۇپ،<ئىدۇقۇت تارىخىنىڭ تىرىك ئارخىۋى>،<يەر ئاستى مۇزىې>دىگەن نامى بار.
1993-يىلى بايقالغان كەركىداننىڭ تاش قاتمىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن.ئۇزۇنلۇقى9مىتىر ئىگىزلىقى 6مىتىر كىلىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن24مىليۇن يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا ھايۋانات پائالىيەت قىلغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   تۇرپان قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم بىر بازار.تۇرپاندا ساقلىنىپ قالغان ۋەسقىلەردە 24خىل يىزىق ئىشلىتىلگەن بولۇپ،پۈتكۇل يىپەك يۇلى لىنىيەسى بويىچە ئەڭ كۆپ يىزىق بايقالغان جاي ھىساپلىنىدۇ.
   پىچان ناھىسى تۇيۇق يېزىسى تەۋەسىدىكى قاقاسلىقتا تارىخى 3000يىلدىن2000يىلغىچەبولغان مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەۋرە بايقالدى.بۇ دەل شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ چۇڭ قەدىمى قەۋرىلەر توپى-يانخى قەدىمى قەۋرىستانلىغىدۇر.ئۇ ئىلىمىز دىكى نۇقتىلۇق قوغدىلىدىغان 77قەدىمى قەۋرىستانلىقنىڭ بىرى.
    ئارخېئۇلۇگلار بۇ قەدىمى قەۋرىلەردىن بۇنىڭدىن 2500يىل ئىلگىرىكى مۇكەممەل ساقلانغان تەك شۇڭىنى تاپقان .بۇتۇرپاندا تەك ئۆستۇرۇش تارىخىنى يېرىم ئەسىر كەينىگە سۈرىدۇ.
     مۇتەخسلەر ياڭخى قەدىمى قەۋرىستانلىقىدىن شامان دىنى پىرخۇننىنىڭ قۇرۇق جەسىدىنى بايقىدى.بۇئىلگىرى شىنجاڭدا شامان دىنىنىڭ ئەۋج ئالغانلىغىنى،شۇنداقلا تۇرپاننىڭ 2000يىلدىن ئىلگىرى شەرق ،غەرپ مەدىنيىتىنىڭ بىرىككەن نۇقتىسى بۇلغانلىقىنى ئىسباتلايدۇ.
     1983-يىلى ئاستانە قەۋرىستانلىقتىن تېپىلغان پىر ئانا،نۇۋا ئانىنىڭ رەسىمى ب  د  ت  پەن-مەدىنيەت،مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ <خەلقئارا ئىجتىمائى پەنلەر>زۇرنىلىنىڭ سىناق سانىنىڭ سىتۇلىغا ئىشلىتىلگەن.

مەنبە:تۇرپان گېزىتى 3690-سان

2010-يىلى1-ئۆكتەبىر دە نەشىردىن چىققان گېزىتتىن پىچانگۈل مىسرانىمغا يوللىغان.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
KAREZ + 20 تەشەككۈر !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:26:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ تەڭداشسىز كاتتا تارىخى سۈرەتنى قانداق سۆز بىلەن تەرىپلىسەك بولار؟غەربى يۇرىتتىكى مۆجىزىلىك تارىخى مۇزىيغا يەنە قانداق نەزەر بىلەن قارىساق بولار؟
   تەڭرىتاغنىڭ سۈزۈك قار سۈيى ئۆستەڭلەردە ۋىلىقلاپ ئويناپ كىلىدۇ،ئەتراپ ياپيىشىل ئوت-چۆپلەرگەتۇلغان،ئىللىق قۇياش نۇرىكىشىلەرگەھۇزۇر بەخشى ئىتىدۇ.يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ مۇنبەت زىمىندا تۇرپان تىرىسكا بىلىغى،تۇرپان مەخلۇقى،يالقۇنتاغ ئەجدىھاسى،تۇرپان زور كەركىداننىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ئاڭلىنىپ ھەرقايسى ئىكىلوگىيەلىك دەۋىرلەردىكى ھاياتى كۈچكە تولغان كارتىنىلار مەيدانغا كەلدى.
  40مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزلىرى پەيدا بولغان.<بىر قىسىم مەزمۇنلار قىسقارتىلدى......>.
    يارغۇل قەدىمى شەھىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمى،ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل ئەت تۇپراق شەھىرى بۇلۇپلا قالماي،دۆلىتىمىز بۇيىچىمۇ 2000يىلدىن ئارتۇق تارخقا ئىگە ئەڭ مۇكەممەل شەھەر خارابىسى ھىساپلىندۇ.تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىكى غەربى دىيار ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى بۇ يەرگە جايلاشقان.
    ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىغىغا 2000يىلدىن ئاشتى ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ ،ھەم كۆركەم ئۇ تاڭ دەۋىردىكى چاڭئەننىڭ غەربى يۇرتتىكى كۆچۈرۈلمىسى ھىساپلىنىدۇ.
    ئاستانە قەۋرىستانلىقى ئىدۇقۇت قەدىمى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قەۋرىستانلىقى بولۇپ،<ئىدۇقۇت تارىخىنىڭ تىرىك ئارخىۋى>،<يەر ئاستى مۇزىې>دىگەن نامى بار.
1993-يىلى بايقالغان كەركىداننىڭ تاش قاتمىسى ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن.ئۇزۇنلۇقى9مىتىر ئىگىزلىقى 6مىتىر كىلىدۇ. بۇ بۇنىڭدىن24مىليۇن يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا ھايۋانات پائالىيەت قىلغانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ.
   تۇرپان قەدىمقى يىپەك يۇلىدىكى مۇھىم بىر بازار.تۇرپاندا ساقلىنىپ قالغان ۋەسقىلەردە 24خىل يىزىق ئىشلىتىلگەن بولۇپ،پۈتكۇل يىپەك يۇلى لىنىيەسى بويىچە ئەڭ كۆپ يىزىق بايقالغان جاي ھىساپلىنىدۇ.
   پىچان ناھىسى تۇيۇق يېزىسى تەۋەسىدىكى قاقاسلىقتا تارىخى 3000يىلدىن2000يىلغىچەبولغان مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەۋرە بايقالدى.بۇ دەل شىنجاڭ بۇيىچە ئەڭ چۇڭ قەدىمى قەۋرىلەر توپى-يانخى قەدىمى قەۋرىستانلىغىدۇر.ئۇ ئىلىمىز دىكى نۇقتىلۇق قوغدىلىدىغان 77قەدىمى قەۋرىستانلىقنىڭ بىرى.
    ئارخېئۇلۇگلار بۇ قەدىمى قەۋرىلەردىن بۇنىڭدىن 2500يىل ئىلگىرىكى مۇكەممەل ساقلانغان تەك شۇڭىنى تاپقان .بۇتۇرپاندا تەك ئۆستۇرۇش تارىخىنى يېرىم ئەسىر كەينىگە سۈرىدۇ.
     مۇتەخسلەر ياڭخى قەدىمى قەۋرىستانلىقىدىن شامان دىنى پىرخۇننىنىڭ قۇرۇق جەسىدىنى بايقىدى.بۇئىلگىرى شىنجاڭدا شامان دىنىنىڭ ئەۋج ئالغانلىغىنى،شۇنداقلا تۇرپاننىڭ 2000يىلدىن ئىلگىرى شەرق ،غەرپ مەدىنيىتىنىڭ بىرىككەن نۇقتىسى بۇلغانلىقىنى ئىسباتلايدۇ.
     1983-يىلى ئاستانە قەۋرىستانلىقتىن تېپىلغان پىر ئانا،نۇۋا ئانىنىڭ رەسىمى ب  د  ت  پەن-مەدىنيەت،مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ <خەلقئارا ئىجتىمائى پەنلەر>زۇرنىلىنىڭ سىناق سانىنىڭ سىتۇلىغا ئىشلىتىلگەن.

مەنبە:تۇرپان گېزىتى 3690-سان

2010-يىلى1-ئۆكتەبىر دە نەشىردىن چىققان گېزىتتىن پىچانگۈل مىسرانىمغا يوللىغان.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
KAREZ + 20 تەشەككۈر !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:50:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپان ھەقىقەتەنمۇ ئۈستى ئوچۇق مۇزىي دېيىشكە باپ كېلىدۇ~!

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 04:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |






" ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ " ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ؟


ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ "ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ" ( ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﻫﯩﻨﺪﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ، ﮔﺮﯨﻚ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ) ، ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺩﯨﻦ ( ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ، ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ) ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ( ﺋﯘﺭﺍﻝ - ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﺧﻪﻧﺰﯗ - ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ، ﻫﯩﻨﺪﻯ - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ) ، ﺋﯜﭺ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ( ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ) ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺷﻪﺭﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .
ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ 15 ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ، ﺋﻮﯞﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
2000 ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻫﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ . ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ . ﺧﻪﻥ ﯞﯗﺩﻯ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻪﮒ ﺑﺎﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 138 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻧﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ .
ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﻪﮒ ﺑﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻫﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﯓ ﭼﻴﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 119 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺗﯜﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ .
ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻏﯘﺯ ، ﻗﯘﺱ ، ﻗﻮﺵ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 108 - ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﺮﻭﺭﺍﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﻗﻮﺷﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 99 - ، 89 - ، 74 - ، 68 - ، 60 - ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺷﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻗﻮﺵ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ .
ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 60 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﺷﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 91 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ ( ﻛﯘﭼﺎ) ﮔﻪ ﻛﯚﭼﺘﻰ . 327 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻴﺎﯕﺠﯘﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺟﺎﯓ ﮔﯘﻱ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻟﻴﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﭼﻮﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﺮﯨﻜﭽﻰ ﺑﻪﮒ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻮﭼﻮ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﯞﺍﻟﯩﻲ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ، ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺳﺎﺟﯘ ( ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯓ ) ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻳﺎﺭﻏﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﭼﻮ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ .
439 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻟﻴﺎﯕﻨﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻟﻴﺎﯓ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﯞﯦﻲ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ . 2 - ﻳﯩﻠﻰ ﻟﻴﺎﯓ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ ، ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 443 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ "ﻗﻮﭼﻮ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﭼﻮﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ .
460 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺋﯩﺸﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻏﺎﻥ ﺑﻮﺟﻮﻧﻰ ( ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ "ﻛﻪﻥ ﺑﻮﺟﻮ" ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، "ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻫﺎﯓ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ" ﺩﻩ "ﻏﺎﻥ ﺑﻮﺟﻮ" ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ) ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ . ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ .
487 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ 30 ﻳﯩﻞ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﻰ . ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﭘﯘﺭﻏﯘﺭ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﭼﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺎﻣﺸﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﻏﺎﻥ ﺑﻮﺟﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﻮﭼﻮﻧﯩﯔ ﺑﯧﮕﻰ ﻏﺎﻥ ﺷﻮﮔﻮﻳﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﻠﯩﻖ ﺟﺎﯓ ﻣﯩﯖﻤﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ . ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ، ﺟﺎﯓ ﻣﯩﯖﻤﯩﯖﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻣﺎﺭﯗﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﺪﻯ . 497 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻮﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺭﯗﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﺎﺭﯗﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺟﯩﻨﭽﯩﯔ ( ﻟﻪﻧﺠﯘ ) ﻧﯩﯔ ﻳﯘﺟﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻱ ﺟﻴﺎﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﻱ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﭼﻮ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . 640 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﻣﯜﻥ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ . ﻛﯜﻳﯜﻧﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﻟﺪﻯ . ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﯜﻱ ﺟﯩﺸﯩﯔ ﺷﻪﻫﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ . ﻛﯜﻱ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ 141 ﻳﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﯞﻻﺩ ، 10 ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﺘﻰ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻮﭼﻮﺩﺍ ﺷﯩﺠﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ، ﻳﯧﺰﺍ ، ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﻪﺵ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﺭﻏﻮﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻧﺸﻰ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ .
658 - ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﺳﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻗﻮﭼﻮ ( ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ) ، ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ ( ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﻫﻪﺭ ) ، ﻛﯜﺳﻪﻥ ( ﻛﯘﭼﺎ ) ، ﺳﻮﻟﻰ ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ) ، ﺋﯘﺩﯗﻥ ( ﺧﻮﺗﻪﻥ ) ..... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ . ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 866 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﻮﭼﻮﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . 1368 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﻳﯜﻩﻧﺠﺎﯓ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯘ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﻗﻮﭼﻮ ، ﻟﯜﻛﭽﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
1389 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﻏﻮﺟﺎ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، 1393 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ .
15 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ "ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ" ، "ﻏﻮﺟﺎ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﺘﻰ . 1678 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﻕ ﻏﻮﺟﺎ ﻏﺎﻟﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ . ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺩﻯ . 1720 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﭘﯩﻼﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻏﻮﺟﺎ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯧﮕﻰ ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺑﺎﻗﯩﺒﻪﮔﺪﯨﻦ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﺑﻪﮒ ﺑﻮﻟﺪﻯ ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ" ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻏﻮﺟﯩﻠﯩﺮﻯ " ( ﯞﺍﯕﻠﯩﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ . 1759 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﻪﻟﺌﻪ ( ﭘﯩﭽﺎﻥ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﻟﯜﻛﭽﯜﻥ ، ﺳﯩﯖﮕﯩﻢ ، ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﭼﻮ ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ) ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ .
1779 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . 1781 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﮔﻪﻧﺴﯘ ، ﺋﻪﻧﺸﻰ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 100 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ "ﺗﯩﻨﭻ ﺯﺍﻣﺎﻥ" ﻳﻪﻧﻰ " ﺗﻪﻳﭙﯩﻨﻪﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﻰ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺗﻪﻳﭙﯩﻨﻪﻡ" ﺋﻪﺳﻠﻰ "ﺗﻪﻳﭙﯘﻧﺎ" ﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺗﻪﻳﭙﯘﻧﺎ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﯘ 1331 - ﻳﯩﻠﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯩﻨﭻ ، ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺭﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ "ﺗﯩﻨﭻ ﺯﺍﻣﺎﻥ " ﺗﻪﻳﭙﯘﻧﺎﻧﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ .
1867 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ "ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ" ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ . 1869 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، 1870 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﻫﻪﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻫﻪﻗﻘﯘﻟﻼﻧﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ . 1875 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺯﯗﯕﺘﺎﯓ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، 1877 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﺎﻥ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ . ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، 5 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29 - ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻗﯘﭘﺒﻪﮒ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﺪﻯ . 1884 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﯩﭗ ، "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ" ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ . ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ، ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺳﺎﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ . ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺷﺎﯕﻴﯘﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ . 1912 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ، 6 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻤﯘ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺗﯧﮕﯩﻠﻤﯩﺪﻯ . ﭘﻪﻗﻪﺕ 1913 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﻣﻪﻫﻜﯩﻤﻪ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ . ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻏﻮﺟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﻨﺎﻧﭽﻰ ﺧﺎﻧﺒﻪﮒ (ﺟﯘﻧﯟﺍﯓ) ﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﯞﻩﻟﯩﺪﻩ ﻏﻮﺟﻰ (ﭼﯩﯖﯟﺍﯓ) ﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ .
1912 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﭙﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﻮﻳﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﭙﻪ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ . 1932 - ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺟﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﻫﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻫﯩﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﻳﺎﯓ ﺯﯦﯖﺸﯩﻦ ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 7 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 10 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﭘﯩﭽﺎﻥ ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯓ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ . 1947 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ 208 ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻥ ﺋﺎﺑﺪﯨﺮﺍﺧﻤﺎﻥ ﻣﯘﻫﯩﺘﻰ ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﻳﯜﺳﯜﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ، 120 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ - ﻳﺎﺭﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﻟﻐﯘﻱ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ . ﺑﯘ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ "ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯩﺴﻜﺎﺩﯨﺮﻭﻧﻰ" ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ .
1949 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ . 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ - ﺩﺍﻻ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ 2 - ﺟﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﻮﭘﯩﯔ ، ﯞﺍﯓ ﺋﯩﻨﻤﺎﯞﻻﺭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ .
11 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯩﻨﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺩﯨﯔ ﯞﯨﻨﻤﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺷﯘﺟﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﻯ. 1950 - ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﭘﯩﺸﯟﺍﺳﻰ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﺳﯩﺮﺍﺟﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﭘﻪﺭﻯ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ . 1969 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺖ ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺭﻭﺯﻯ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﺪﻯ .1975 - ﻳﯩﻠﻰ 1 - ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮔﻮﯞﯗﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﻛﻮﻣﯧﺘﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ، ﭘﯩﭽﺎﻥ ، ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ . 1985 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ .

ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ " ﺳﯧﻬﯩﺮﻟﯩﻚ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ " ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ .


مەنزىرە سۇرەتلىرىنى جىق كۆرۇپ كەتتۇق شۇڭا قىستۇرمۇدۇم !


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسىل تېما ئىكەن تەشەككۈر !!! بولسا ناخشىنى ( تۇرپانغا كەل ) دىگەنگە ئالماشتۇرۇلغان بولسا ... [s:79]  [s:79]  [s:79]

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇمزا سۆيگۇسى دېگەن ناخشىتى بۇ !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

مۇھەببەت __ قۇدرە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5723
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8632
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2011-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇرپانغا بېرىپ باققان.

پىشمىغان پىكىر.     بەندە ئازغۇچىدۇر.

ۋەتەننىڭ قەدرىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5987
يازما سانى: 660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10381
تۆھپە نۇمۇرى: 502
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2014-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپانغا بارغۇم كىلىۋاتىدۇ دىسە

قۇياش يصيصشكة بولمايدصغان نان    ۋةتةن بصرصشكة بولمايدصغان جان

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12652
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6946 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 05:28:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يوللاپسىز..........................

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.
Burnumbar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-6 06:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش