ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرۇتقا كەلگەندىن بۇيان تۇلىمۇ زىرىكىشلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، ئۆيدە ئاپامنڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىزار بولسام قورو ئالدىدا سەھرا باللىرىنڭ مېنى قورشىۋېلىپ ئۇيۇن ئويناشلىرىدىن بىزار ئىدىم، چوڭلارغىمۇ سالام قىلغىم كەلمەيتى، تۇپا باسقان قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىمداپ كۈرۈشكەندە قىلچە ئىپادىسىز ھالدا قوللىرىمنى ئۇلاردىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇناتتىم، ئۇلارنىڭ كۆڭلى مەن ئۈچۈن ئەزەلدىن ھېچنىمە ئەمەس ئىدى، خۇددى مەن بۇ يېزىغا ماس ئەمەستەك، خۇددى مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا شەھەردە ياشاشقا تۈرەلگەندەك ... ئۈزۈم تۇغۇلۇپ ئۈسۈپ چوڭ بولغان مۇشۇ يۇرۇتنىڭ تۇپراقلىرىدىن، تۇپۇلىرىدىن، كىشىلىرىدىن شۇنداق بىزار ئىدىم.....
................
بۈگۈن يەنە بۇ يۇرۇتقا بولغا بىزارلىقىم چىكىگە يەتتى، مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ئەدەپ - قائىدىنى بىلمەيدىغان ...دەپ مېنى بىر مۇنچە ئەدەپلىدى، تېخى مەن ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كاستۇيۇمنىمۇ ياراتماي سۆز ئالدى، چاچ پاسۇنۇمغىمۇ شەك چىقاردى، يۈزۈم بىراقلا تۈكۈلۈپ كەتكەندەك ھېسياتتا بۇلۇپ شەھەرنى گۈلۈمنى سېغىمدىم : ___ گۈزەل سەن قانداقراق؟ مېنى سېغىنغانسەن؟ كۈتۈپ تۇر پاتلا بارىمەن...
كەلگۈسىدىكى گۈزەل كۈنلىرىمنى ئويلاپ ئاستا ئاپامنىڭ بېشىنى يەنە ئازراق ئاغرىتىپ باقماقچى بولدۇم:
ـ ئاپا، دادامغا دەپ باقسىڭىز مېنىڭ خىزمەت ئىشىمغا ئازراق يول مېڭىپ باقسا بوپتىكەن.
ئاپام بىر نەرسىدىن ئەنسىرىگەندەك مېنىڭ ئاغزىمنى ئىتىۋېلىپ ئىچكىركى ئۆينى شەرەتلىدى:
ـ نىم دەيدىغانسەن بالام، ئەمدى بۇ گەپنى چوڭ قورودا قىپ سالما، داداڭ ئاڭلىسا مېنىمۇ قۇشۇپ بۇ ئۆيدىن قوغلىۋەتمىسۇن يەنە...
ـ بۇ دادام نىمانداق قىلىدىغاندۇ؟ شۇنچە يىل ئۇقۇپ، ئەمدى ئازراق پۇل بىلەن ھالاۋىتىنى كۈرىدىغان چاغدا دادام يېنىنى چىڭداپ مېنىمۇ بۇ يېزىدا دېھقان بولسۇن دەمدىغاندۇ؟ ــ ئىچىم ئۆرلەپ ئولتۇرۇغۇممۇ كەلمىدى.
ـ نىم دەيدىغانسەن بالام، داداڭ سېنى شەھەرگە كادىر بولسۇن دەپ ئەمەس، يېزىمىزدا يۈزى يۇرۇق قىلىپ يېزىمىزدا ئىشلىسۇن، بىزدەك ساۋاتسىز قالمىسۇن دەپ ئۇقۇتقان،،، يەنە شەھەرگە كىتىمەن دىسەك داداڭ سېنى ئۆيگە سۇلاپ قۇيۇشتىن يانمايدۇ...
ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئارزۇلۇپ كۈپۈككە ئايلانغاندەك ئىچىم قاتتىق ئۆرتەندى، كۆزلىرىمگە لىغىرلاپ ياش كەلدى:
ـ نىم بولدۇڭ بالام، بۇ سېنىڭ بەختىڭ، چوپ _ چوڭ ئوغۇل بالا تۇرۇپ كۈزۈڭگە ياش ئېلىپ يۈرگىنىڭنى قارا، ئەمەلىيەتتە داداڭمۇ سېنىڭ دېھقان بۇلۇپ جاپا تارتىشىڭنى خالىمايدۇ، بېشىڭنى ئوڭشاپ قويۇپ، ئۇماق نەۋرەم بىلەن بىرگە ياشىسام دەپ ئويلايدۇ...
ئاپامنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بىردە چىرايىمغا سۇس كۈلكە يۈگۈردى، گۈزەلنىڭ گىپىنى چىقىرىدىغان ۋاقتىم كەپتۇ دەپ ئويلىدىم.
ـ ئاپا.. ـ گەپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا قېلىۋىدى ئاپام يەنە سۆز قاتتى:
ـ قوشنىمىزنىڭ قىزى سابا تۇلىمۇ چىرايلىق پاكىز ئىشچان قىز بولدى، داداڭ ئىككىڭلارنىڭ بېشىنى قۇشۇپ قويسام بۇلاتتى دەپ ئولتۇرۇدۇ. ئەتە ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ قويدۇق، سىرىتقا چىقماي تۇرارسەن، بولمىسا داداڭ خاپا بۇلىدۇ...
خىياللىرىم يەنە بىر قېتىم كۈپۈككە ئايلاندى، چىرايىمدىكى كۈلكىمۇ يۇقالدى...
ـ ئاپا نىم دەيدىغانسەن؟ مېنىڭ...
ـ نىمە شەھەردە قىز دوستۇم بار دىمەيدىغانسەن ئوغلۇم، بۈدرە چاچلىق، تار مايكىلىق قىزلارنىڭ گىپىنى قىلغۇچى بولما..
ئاپامنىڭ بۇ گىپى بىلەن ئاغزىم بىراقلا تۇۋاقلاندى.
............
بۈگۈن باشقا كۈنگە قارىغاندا سەھەرلا تۇرۇپ كەتتىم، ئاپامنىڭ قوشنىمىزنى چاقىرىپ قويغىنىنى بىلگەچكە ئۇلارغا كۈرۈنمەيلا سىرىتقا چىقىۋالاي دەپ ئويلىشىم ئىدى.
- نەگە ماڭدىڭ كامران؟ ـ دادامنىڭ بوم ھەم قوپال سەل چۈچىدىم:
ـ باققا چىقىپ ئۈرۈك ئەپ كىرەي دىگەن.
ـ ھە، سەۋزىدىن بەش ئالتە باش كولىغاچ كىر، ئاپاڭ پولو ئەتكىدەك...
ـ ھە... ـ تۇپىغا مىلىنىپ سەۋزە كولامەنمۇ ئەمدى...
ئىشىقىلىپ يېزىنىڭ قاينام تاشقىنلىقىنى ئۈيۈمنىڭ خېلى بەخىتلىك ئائىلە ئىكەنلىكىنى تاماققا قارىشىپ ئوتۇن قالاپ يۈرگەن بۈگۈنكى ھېس قىلىپ قالدىم:
ـ يەنە ئازراق ئۇتۇن ئەكىرەمسەن بالام، ئۇتۇن ئاز قاپتۇ، شورپا قايىماي قالمىسۇن؟
ئۇتۇن ئېلىپ قورۇغا چىقىشىم ئىدى، قوشنىمىزنىڭ ئىككى قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىشى بىلەن بەلەكچە بىر خىل خىجىللىق يۈزۈمنى ئوت ئالدۇردى:
ـ قاملاشمىغان، بۇ ئۇتۇننى ئەچىقمىساممۇ بوپتىكەن.
ـ ھە مىھمانلار ...
ئۇلارنىڭ قىزغىن پاراڭلىرىدىن بارغانسىرى بىزار بۇلۇشقا باشلىدىم...
ـ كامىران ـ دېدى دادام سۆز ئېلىپ: ـ بۇياق سابا ، رىشىت داداڭنىڭ كىچىك قىزى.
قىزغا مۇنداقلا قاراپ قويدۇم، سىزىپ قويغاندەك بۇ قاشلار، گىلاستەك لەۋلەر چىرايلىق يۈزلەر ئادەمنىڭ ئىشقىنى قوزغايتى... شۇ زامانلا گۈزەل ئىسىمگە كەلدى، ئۇنىڭغا قاراپ قالغان كۆزلىرىمنىمۇ دەرھاللا ئەپ قاچتىم.
دادامنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسىنى ئاڭلاش بىلەن باشقىچە خىجىللىق ھۇجۇدۇمنى قاپلىدى، مەن شۇندىلا گۈزەلنى ياخشى كۈرىدىغىنىمنى بۈگۈنلا بۇلارغا ئېيتىشنى تايىن تاپتىم.
.......
ـ قارىغاندا بالىلارمۇ قاملىشىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، سىلەرنىڭمۇ باشقا پىكرىڭلار بولمىسا توي ۋاقتىنى كىلىشىۋەتسەك...
دادامنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرى ئاغزىدىلا قالدى:
ـ ياق دادا..
ـ نى ...نىمە؟
ـ دادا.
ـ نىمە، دە دەيمەن، تىلىڭنى چاينىماي
ـ سىز مېنىڭ توي ئىشىمنى دىيىشىۋاتامسىلەن؟
ـ ھەئە بىلمەيۋاتامسەن؟ ـ دادامنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن ئىدى.
ـ دادا مېنىڭ سۆيگىنىم بار، بۇ قىز..
ـ نىمە؟ دادام مېنى ئۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى،،، مەن يۈگۈرۈپ قېچىپ چىقمىغان بولسام تاياق يەر ئىدىم بەلكىم شۇ يەردە..
ئاخىرى بار،..