مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2145|ئىنكاس: 31

سۇمبۇلنىڭ جىنى تۇتتى 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىنىڭ  بۇنداقلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4856
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9909
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 10:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە ۋاقتتىن بىرى يوقاپ  كەتسەم بىرسى  سەن قېنى دىمەيدۇيۇ  ،تىما  يازسام  قورساقنى تۇتۇپ تازا كۈلىدۇ ،  ئەلشىر  ئەپەندىم سىلىمۇ مۇبارەك مۇنبەر باشلىقى بولغاندىكىن  مۇنبىرمىزنىڭ نۇپۇسىغىمۇ ئانچە-مۇنچە كۈڭۈللىرنى  بىرىپ قويسىلا ،سۈزۈكئايغۇ سەتراشخاندىن كىلەلمەي يۈرسۇن  ،  سىلى بولسىمۇ  مۇنبەرنىڭ   پىلانلىق ئەزا سىياسىتىنى  قوللىرغا ئېلىپ قويسىلا  ،دۆلىتىمىز دە  نۇپۇس بەك  كۈپىيىپ كىتۋاتىدۇ ، گۈل چۈشى   كۈندۈزى ئۇخلاپ ،كىچىسى  تۈنەپ ،ھېلى كاككۇكنىڭ ،ھېلى بۇلبۇلنىڭ ،ھېلى كىپنەكنىڭ  غەلۋىسنى قىلىپ يۈرسۇن ،ماۋۇ ئۈرۈك بولىمەن دەپ قاق بوپ  كەتكەن  ئۈرۈكجان   بازار قوغلىسۇن ،قىزغىنجان قىزلارغا ئوتتەك ،ئوغوللارغا بۇتتەك   قېتىپ  ،تىمپىراتۇرسى 0بىلەن 99نىڭ ئارىسدا پىرقىراپ  سىستىرا  ئىزدەپ يۈرسۈن . ئەزالارنىڭ نۇپۇسى بۇنداق شىددەت بىلەن ئېشىۋەرسە ئەتە -ئۆگۈن پىلانلىق تۇغۇتتىكلەر جەرمانە قويۇپ يۈرمىسۇن دەيمىنا ، ئاڭلىسام كۈنقىزنى  مۇددەت بۇرۇن پىنسىيگە چىققۇدەك دەيدىغۇ، ھەقىچان مىسران غوجام بەرگەن مۇنبەر پۇلىنى بىزگە بەرمەي خەجلىۋېلىپ  ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىكلەر   تەرپىدىن تۇتۇلغاندۇ ،  مۇشۇ  خوك بەك نىرۋامغا تىگىدۇ  دەيمەن ،نىمە جاپالار بىلەن يازدى بۇ تىمنى  دىمەي ، "تىما پۈچەك  ، گەپ ئاز ،تۈزۈك ياز " دەپ ئاران  يازغان تىمنى 0 گە تەڭ قىلىپ  ئولتۇردۇ دەيمەن ،بىر -ئىككى قېتىمغا نىمە بولىدۇ  ئەمدى ؟ يا بىز بۇ  يازغان ئەسەرلىرمىزنى گىزىتكە چىقرىپ قەلەم ھەققى ئېلىپ بەر دىدىقمۇ؟  يا مۇنەۋۋەر  ئەسەر قىلىپ باھالا دىدىقمۇ ؟ بىزدە نىمە گۇناھ ؟  بەرگەن مۇنبەر پۇلىغا  ئاران شۇنچىلىك ئىلھام كىلىدۇ ، قېتىق ئىچىپ ،چىش كولىغانغا كەلمەيدىكەن  بۇ ئىلھام دىگەن  نەرسە .تۈگە بويۇنتارىممۇ يوقاپ كەتتى ،   بۇ خوجامغا نىمە كۆز  تەگدىكىن  دىسەم  تەكلىماكانغا كىرىپ قۇمغا سىڭىپ  كىتپتۇ ،سىڭسە  سىڭسۇن ،ئىشقىلىپ  بىزگە  قورسىقى ئاغرىماي بەرگەن  مۇنبەر ئاقچىسى  سىڭسىلا  بولدى . مۇسەللەسمۇ   كەيىپ بولىۋالسىلا مۇنبەر پۇلۇڭنى تۇتمەن  دەپ قورقاق سالىدىكەن ،خۇددى  بىر كىم ھارىقىنى ئىچىپ پۇلىنى بەرمەي قاچقاندەك ،تۇتسا  تۇتسۇن ، يامىنى  كەلسە ئىككى ئىنكاسنى ئۇشۇق  يازساق 6 كوي دىگەننى بىر مىنۇتتا  تاپىمىز ،ھىلىمۇ  قولىمىزغا  بەرمەيدىكەن  بۇ  پۇلنى بولمىسازە ،مۇسەللەس پارنى جىق  يەپ  پىرسەنتى 100گە  چىقدىكەن ،ھىلىمۇ  مىسرانباينىڭ كاللىسى  يېرىم  ئىشلەپ  مۇشۇنداق چارىنى ئوتتۇرغا قويۇپتىكەن . ئارىف نوچىمۇ  بىزنىڭ  مۇنبەردىن خوتۇن چىقماي  ،چەت مۇنبەرلەرگە   يىگتلىككە كەتمىگەندۇ ؟ قېنى شۇنداق بىر قىلىپ  باقسۇنچۇ  قېنى ،ئۆتكەندە  ئەر چىقماي ئولتۇرۇپ ،يېتىپ ،تولا  ئۇخلاپ قېرىپ  كەتكەن ھوشوخاننى زورلاپ 2-ياكى3-قىلىپ  بولسىمۇ  خوتۇنلىققا  ئېلىپ بىرەرمىزا.خەپ ئارىف ،بىر  چىرايلىق  قوشاق قوشۇپ ئولتۇرۇپ ،ئىسسىتقۇسى  سۇۋۇپ كەتكەن ئادەمدەك  بۇ تەرەپلەرگە  ئۆتمەس  بولىۋالدى  دىسە .  جىم  ئولتۇرغان ئادەمنى  مىسرانمىغا  ئوقۇتىۋېلىپ مانا  ئەمدى كاككۇك  بالىسىنى  تۇنىمىغاندەك  ئەگىپ مېڭىپ يۈرىيدۇ ، سەن  خەقنىڭ  دەردىدە  ئاز  جاپا  تارتتمۇ  مەن؟  ئۆيدىن ئىۋەتكەن  تۇرمۇش  پۇلۇمنىڭ نەچچە كويىنىڭ  تورخانىدا مۇشۇ  ساراڭ-سۇرۇڭلارنى  دەپ  كەتمىدىمۇ ؟ مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغىمۇ  ئۇنچىلىك  تەييارلىق  قىلمايدىغان ئادەمنى  ،بىر تىما ئۈچۈن تۇلا  تەييارلىق  قىلدۇرۇپ جېنمنى  ئېلىشتىڭ ، ئۆيگە  كەلگەندە  مۇشۇ  بىكەتنىڭ  كاساپىتىدىن  يا تاماق ۋاختىدا  پىشمايدۇ ،يا  كىر  ۋاختىدا يۇيۇلمايدۇ ، يا  ئۇيقۇنىڭ تايىنى يوق ، كۈندە ئۆيدىكىلەردىن  ئاڭلاۋاتقان  تىل -دەشنام تېخى ، بىر كۈنى  ئانام " يا سىنىڭ پاچىقىڭ  چېقىلىدۇ يا  بولمىسا  كومپىيۇتىر "دەپتى ،ماۋۇ  تىرىسى قېلىن  ئېغىزىم  " بولدى كومپىيۇتىرنى  چاقماي مىنىڭ پاچىقىمنى  چېقىڭ ، كىسەل  ياتساممۇ  مىسرانمنى كۈرۈپ ياتاي " دىمەسمۇ ، تاس قالدى ئانام  كومپىيۇتىرنى بوينۇمغا  ئاسقلى ،ئېسىپ  قويسىغۇ  مەيلىتى ،توكنى قانداق  قىلار بولغىيدىم ؟ توك  سىمىنى  بۇرنۇمغا  چاتسام  كۈزۈم 100ۋاتلىق پوزىدەك يېنىپ  كەتمەي كومپىيۇتىر  يانسىلا  مەيلىتغۇ ؟ نىمە جاپا  دەيمەن  بۇ ماڭا ،كەلگۈسىدە تويلۇقۇمغا   ئالتۇن  سالماي كومپىيۇتىر  سالىدىغان  ئىشمىكىن يە ، بىراق قېينى ئانا  دەيدىغان بىرسى  بار ھەقىچان  مىنىڭ جېنىمغا  ئىشكەل  سالىدىغان ،تورغا چىقىڭ بالام دەپ ئۇنداق بوش قويۋەتمەس مىنى. مۇشۇ  مىسرانمنى دەپ  بولسىمۇ  بىر -ئىككى يىل كىچىكپ توي قىلايمىكىن ، ياخشى يىگىتلەرنىڭ  خېرىدارى  تولا ، ئۇلار  توي قىلىپ  كەتسە قانداق  قىلارمەن،  مىسرانىم  مۇنبىردىكلەرغۇ يامان ئەمەس  بىراق  بۇ  خەق مۇنبەر پۇلىنى تويلۇق  قىلىپ ئەكىلەرمۇ  دەپ  ئەنسىرەيمەن  .نەدىن يۇلۇقتۇم بۇ رودىپاي  مۇنبەرگە ،يا سوتقا ئەرىز سۇنۇپ ئاجىرشىپ  كەتكىلى بولمىسا ، يا  سۇدا پىشرۇپ يىۋەتكىلى  بولمىسا ،ھەممنى قىلغان  سەن  خەققۇ  ئادەمنى  ئازدۇرۇپ ، ماۋۇ  مۇنبەر باشلىقلىرى  زادى قانداق  رەڭلىك  ئادەملەركىن  تاڭ ، ھەممىسى جىنكەش ،داخان -باخشىمىكى يا ،ئادەمنى  كۆرمەي تۇرۇپ  مەيلىنى ئۈزىگە باغلايدىكەن دىسە  ، بۇ خەققۇ داخان  -باخشى ماۋۇ مۇنبەر  ئەزالىرى نىمىدۇ ئەمدى ؟ دەپ قوياي ،  بۇندىن كىيىن  ياخشى  تىمىلارنى جىق يوللاشقا  رۇخسەت  يوق ، ئادەمنى ئارام  خۇدا كۈن ئالغىنى قويۇشقىنا  ،تولا  مىڭەمنى  قايدۇرماي . بەزىللىرمىز  بۈگۈن  سەپتىن چۈشۈپ  قاپتۇق  دەپ  ئاغرىشمىغايلا  ،مۇنبەردىكى  قايسى  قارىم ئايتەل كۇرسىنى ئوقىۋەتتكى  ،مىنى  تۇتقان جىن  مىنى قويۇپ  قاچتى ،كىلەر قېتىم  كىلىپ تۇتقاندا  قېلىپ  قالغىنىڭلارنى قوشۇپلا  بىر تەرەپ قىلىۋىتمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
nur65 + 100 ئۆزگىچە يۇمۇرىستىك تېما...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8534
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3476 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاستا چىقاي!!! بولمىسا سۇمبۇلخانغا يۇققان جىن ماڭىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن!!!

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8367
يازما سانى: 1070
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12710
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 935 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە مەن    يەنە مەن  ھەي  [s:111]

ئېغىزىڭ قانغا تو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12451
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9201
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 4399 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت wali0998 كە 2010-10-08 11:10 PMئەۋەتىلدى :
مەن ئاستا چىقاي!!! بولمىسا سۇمبۇلخانغا يۇققان جىن ماڭىمۇ يۇقۇپ قالمىسۇن!!!

قورۇقما ئاكا،  مەن بار.     ئەسكىدىن جىنمۇ قورقۇدۇ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ. مىنىڭ ئىسمىمنى چىقارساڭ سۇمبۇلخان جىنلىرىنى باشلاپ، يانپىشىنى قاشلاپ بەدەر قاچىدۇ.

ئېغىزىڭ قانغا تولسىمۇ،دۈشمىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە...

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12689
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4080 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇمبۇل بولدى ئاچچىقلانماڭ، قانداق قىلىمىز؟ مۇنبەردىكى تىمىلار بىر-بىرىدىن سەرخىل تۇرسا ،ئامال يوق. [s:59]

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

salam ana watan

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11917
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8185
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ يامان جىنكەن بۇ سىزنى تۇتقان.... يا ئاللا....
خىلى كۈلىۋالدىم...  [s:63]  [s:63]  [s:63]

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:18:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى رەڭلىك خەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەن يوقيا،،كۆڭلى يېقىنلارغا يازغان گەپما [s:107]  [s:67]

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36614
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7244 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپياشلا بالىتى ئىسىت، سۈف جخىم تۇر مىدرلىما

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

دۇنيادا ھەممە نە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-8 11:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ھۇممە داقىدۇق،
جىنغا توقام توقىدۇق.
جىن سەكرىسە سەكرىسۇن،
بىز سەكرىمەي ئوينىدۇق.

خەلق قوشاقلىرىدن

جىن تۇتقان بولسا، ھەممىمىز بىرلىكتە«سۈرە جىننى» ئوقۇپ قوغلىۋىتەيلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش