مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 3

ھېكمەت ئۇچقۇنلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆيگۈنۈڭگە قىلغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2160
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11849
تۆھپە نۇمۇرى: 407
توردا: 1023 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 01:18:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

 

1-قىزلار بۇزۇلغاندا ھاياسىزلىشىدۇ،ئۇغۇللار بۇزۇلغاندا ۋاپاسازلىشىدۇ.

2-ئەقىلدىن بەكرەك ھىسىياتقا، غايىدىن بەكرەك ھەۋەسكە،ئۈگۈنۈشتىن بەكرەك ئويناشقا ئەھمىيەت بىرىۋاتىمىز.نەتىجە:ھىسىيات ئەقىلسىزلىككە، ھەۋەس- ھۇرۇنلۇققا، ئۇيۇن- تاماشا كۆز ياشلىرىمىزغا پىلتە بۇلۇپ بىرىۋاتىدۇ.

3-ئۇڭۇشسىزلىققا يۇلۇقىۋەرسەڭ چۈشكىنلىشىپ كىتىسەن،ئوخشاشلا،داۋاملىق غەلبە قىلىۋەرسەڭمۇ بىخۇدلىشىپ كىتىسەن.

4-ئاياللار كىيىم- كىچەكنىڭ پارىڭىغا چۈشكەندە،شەيتاننىڭ دۇمبىقى ئەڭ بەك چېلىنىدۇ.

5-يوقسۇزلۇقتىكى مۇھتاجلىق- ۋاقىتسىز كەلگەن ئەجەلدۇر.

6-قېرىنداشلىرىڭنىڭ قەدرىنى ئۈلۈم- يىتىم ۋە توي تۈكۈندە،دوسلىرىڭنىڭ قەدرىنى يوقسۇزلۇق ۋە ئۇزۇن سەپەردە،سۆيگۈنۈڭنىڭ قەدرىنى يالغۇز قالغاندىلا بىلەلەيسەن،

7-باشقىلارغا مۇھتاج بۇلۇپ باقمىغانلار ئىنساننى،سەرسانلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار دۇنيانى چۈشۈنەلمەيدۇ.

8-ئۆز يۇرتۇڭدا خورلىنىشىڭ- سەرسانلىقىڭغا پىلتە بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.

9-ئاغرىپ قالغاندا ساغلاملىقنىڭ، سەكراتقا چۈشكەندە ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىمىز. شۇڭا تارىختا ئەڭ كۆپ خاتىرلەنگىنى پۇشايمان ياشلىرى.

10-ئوغۇللار ئېرىشكەندىن كىيىن بۇزۇلۇدۇ،قىزلار ئېرىشىش ئۈچۈن بۇزۇلۇدۇ.

11-مەنساپدارلىق تەختىدە شىردەك ھۆركىرگەنلەر ھۇقۇقتىن چۈشكەندە مۈشۈكتەك ياۋاشلاپ كىتىدىكەن. بۇنداق چاغدا ئىلگىرى يېلىنىپ ھالى قالمىغانلارمۇ تۈكۈرۈپ ئۈتۈشىدىكەن....ئويلاپ قالدىم:خەلىقنىڭ لەنەت- نەپرىتىگە ئۇچرىغۇچىلار بۇ ئالەمدە قىيامەت ئازابىنى ئەڭ بۇرۇن تارتقۇچىلار بولسا كىرەك.

12-نىمە ئۈچۈن كۆزىمىز قانلىق ياشلاردىن قۇرىمايدۇ؟

چۈنكى قاغا-قاغىنىڭ كۆزىنى چۇقۇمىغان بىلەن، ئىنسان- ئىنساننىڭ كۆزىنى چۇقۇيدۇ ئەمەسمۇ.

13-ئۇلۇغ ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭدا بولسۇن، ياكى ئاچچىق قىسمەتلەردىن يىغلىغىنىڭدا بولسۇن، سەن ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقالمىغان قېرىندىشىڭ،بىر كۈنلەردە سىنىڭ گۆركارىڭ بوپ قېلىشى مۇمكىن.

14-ئىگىزگە چىقساڭ يىراقنى كۈرەلىگىنىڭ بىلەن ،قانچە ئىگىزگە چىقساڭ ئەمىلىيەت ساڭا شۇنچە كىچىك، شۇنچە غۇۋا كۆرىنىدۇ.

15-ھەقىيقى مۇھەببتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئانا قولىدىكى بوۋاققا قارا.

16-خۇشامەتتىن قەددىڭ قانچە پۈكۈلسە ئۆزگىلەرنىڭ بېشىڭدا ياڭاق چاقمىقى شۇنچە ئاسان بولىدۇ.

17-ئالدىڭغا نىمە كەلسە يەۋەرسەڭ ھايۋانغا ئوخشاپ قالىسەن.ئوخشاشلا نىمىنى كۆرسەڭ دوراۋەرسەڭ،ئۆزگىلەر نىمىنى قىلسا شۇنى قىلىۋەرسەڭمۇ بىر كۈنلەردە مايمۇنغا ئايلىنىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

18-سۆزلەر قانچە چىرايلىق كۆڭۈلگە ياققۇدەك ئېيتىلغانسىرى سەمىمىيەتتىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ.

19-پۇل تاپماي تۇرۇپ ئايال تاپقان بولسىڭىز،شۇبھىسىزكى ئەرلىك غۇرۇرىڭىزنى قوغداشقا ئامالسىز قالىسىز.

20-بىزلەر ئۆز- ئارا ئەيىپ نوقسانلىرىمىزنى ئېچىپ سۆككەنسىرى خەقنىڭ شۇ ئەيىپ-ئاجىزلىقىمىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى كىشىنى ئېچىندۇرۇدۇ.
شىنجاڭ مەدىنىيتىدىن توپلاندى

 

سىنى مەڭگۈ سۈيەلمەيمەن چۈنكى مەنمۇ مەڭگۈ ياشىيالمايمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 632
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12770
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 2823 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 01:51:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھېكمەتلىك سۆزلەركەن ساقلىۋالاي ھە!

سۈكۈت ئاجىزلىقتىن ئەمەس ، سەۋىردىن بىشارەت.

ئەدەپ-ئەقىلنىڭ سۈرىتى .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 505
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11555
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 10593 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 02:03:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ مەنىلىك سۆزلەر ئىكەن ......ئەجرىڭىزگە رەھمەت . [s:2]

ئۆزۈڭنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساڭ ئويناپ – كۈلۈپ يايراۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا ئەمەس بەلكى مۈكۈنۈپ يىغلاۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغىمۇ بېرىپ ياشاپ باق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1668
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8729
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 09:56:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ھىكمەتلىك سۆزلەركەن مەن ساقلىۋالاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش