يېتىلىۋاتقان ئەزا
ۋېن جياباۋ تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى
8–ئۆكتەبىر ، تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېنجىياباۋ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى شىنخۇا تورى ، ئەنقەرە 8-ئۆكتەبىر ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 8–ئۆكتەبىر : ئەنقەرەدە تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى تەرەپ جۇڭگو–تۈركىيە ئىستىراتىگىيلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋېن جىياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇزاق باردى–كەلدى تارىخى ۋە ئەنئەنىۋىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار . يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئىككى دۆلەت سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھالەردە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جۇڭگو–تۈركىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى شۇنداقلا ، تېخىمۇ ئادىل ، مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە . زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى : 1. سىياىسي سۆھبەتنى كۈچەيتىش كېرەك. 2. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك . 3. ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقنىنى كۈچەيتىش كېرەك . 4. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك . 5. خەلىقئارالىق ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك . ئەردوغان مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئىككى دۆلەت ئۇزاق تارىخقا ۋە دوستلۇققا ئىگە . تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئىككى دۆلەت ئىستىراتىگىيلىك ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەر باردى– كەلدىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› كە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىپ ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئورتاق قوغداشنى ؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە ، ئېنېرگىيە ، مەدەنىيەت ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ؛ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتتىپ ، خىرىسقا تەڭ تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ . سۆھبەتتىن بۇرۇن ، ئەردوغان زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن ، ئىككى تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى ، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. شۇكۈنى ، زۇڭلى ۋېن جياباۋ يەنە تۈركىيە خەلق پارلامېنتى ‹‹تۈركىيە–جۇڭگو دوستلۇق گۇرۇپپىسى›› نىڭ رەئىسى ئارسلان ۋە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئۇلار بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيىتىش، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى . مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى http://www.xjtsnews.com/normal/c ... /content_105818.htm
پاش قىلىش
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ