مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ھېسلىرى

ئـۇ ئـەسلى يـاخشى قـىز ئـىدى ( ھېسلىرىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7698
تۆھپە نۇمۇرى: 1234
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-5 06:05:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ .

بۇ ئۈزىڭىزنىڭ كەچۇرمىشمۇ  نېمە ، بەلكىم ئۇ قىز سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقۇشى ياكى ئوقىماسلىقى مۇمكىن ، ( مونداقلا پەرەز قىلىپ باقتىم شۇ )

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 06:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىمنى ئېيتايمۇ؟ يالغاننىمۇ؟
بۇ ئەسەرنى باشقىلاردەك ۋاي بەك ياخشى يېزىپسىز دەي دىسەم ،ئىشقىلىپ نىمە دەپ چۈشەندۈرەي؟  باشتىن -ئاخىر تىلى ئانچە راۋان ئەمەس ، ئۇيغۇر ئاي ئېيتقاندەك قىز زادى بۇرۇندىن  ناچارمۇ؟ ياكى مۇھەببەت مۇشۇنداق قىلىپ قويدىمۇ؟

ھېسلىرىم ،كەچۈرۈڭ ،مەن بۇرۇندىن سىزنى تور يۈزىدە تۇنۇيمەن ھەم بىر نەچچە ھىكايە،ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇغان ، ئەسەرلىرىڭىز ماڭا شۇنداق يارىغان ئىدى ،لىكىن بۇ ئەسىرىڭىز سەل خام ئىكەن ،(شەخسى پىكىرىم) .  قىزنىڭ پىسخىكىسىنى يەنىمۇ ئوچۇق يۇرۇتۇپ ،ئالماسلىققا تىگىشلىك مەزمۇننى ئۆزگەرتىپ چىقسىڭىز ،مۇكەممەل بىر ھىكايە بۇلۇپ چىققۇدەك.
ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى سورايمەن !

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-6 10:22:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

54-قەۋەت (tatleh) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10346
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3297 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 02:31:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ مەن نۇرغۇن نەرسىلىنى بىلىۋالدىم  [s:166]  [s:166]
مەن باشتىن-ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقتىم قەلمىڭىز ئۆتكۈركەن تىخىمۇ تىرىشىڭ

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

缺一个世界

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18692
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6041
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2010-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-7 03:57:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (gulmira56) نىڭ يازمىسىغا

رەھمەت سىزگە.مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەخەت تۇردىنىڭ "ئاي يامغۇرى" رومانىدىكى مۇنۇ ئۈزۈندىلەر خىيالىمدىن كەچتى:
   
                          ئەي يارەنلەر قورقىما شەيتاندىن،
                          شەيتان چىقتى بۇ كۈن ئىنساندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9564
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8365
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 04:36:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ .....
بىر ھەپتىنىڭ ياقى ئاران ئۇقۇپ تۈگەتتىم بۇ ئەسەرنى. راسىتنلا ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىڭىزگە مۇبارەك....
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

[s:166]  [s:166]  [s:166]

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1410
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 356026
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2877 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 04:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئەسلىدىكى ئىنكاسىم جىگدە چۈشەپ قالغان ئوخشايدۇ ، يوقاپ كېتىپتۇ ... بۇلتۇرقى ئېشەكنىڭ تېرىسى بار ئىدى ، شۇنىڭغا ئوقۇپ كەندىر يېغى بىلەن داغلاپ سۈف كۆچلەپ قوياي .
تۆۋەندىكى ئىنكاس مېنىڭ مۇشۇ تىمىغا بولغان ئىنكاسىم :

  دوستۇم " ھېسلىرىم " نىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇش جەريانىدا ، گاھى ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە چۆكسەم ، گاھى ئادىل بىلەن گۈلئاينىڭ مۇھەببەت سەزگۈرەشتىلىرىگە ئۇھسىندىم .
  بۇ ھېكايە كۈچلۈك رىئاللىق ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا ، ھېكايىدىكى زىيادە ئىستىلىستىكىدىن خالىي تەبىئىي تەسۋىر ۋە رۇشەن ئىپادىلەشلەر روھىمغا سىلكىنىشلىك تەسىر قالدۇردى .
  شۇڭا بۇ ھېكايىگە بەرمەكچى بولغان ئەدەبىي پىكىر-تەلەپلەر ھېسسىياتىم بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ، تەنقىد-پىكىرگە ئوخشىماستىن ، پەقەت تەسىرلىنىش بىلەن پاسىللاندى .

  شۇنىسى ئېنىقكى ، " ھېسلىرىم " ئەپەندىنىڭ پرۇزا يېزىقچىلىقىدىكى ئىلگىرىلەشلىرىگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمەن . ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم مەن كۆرگەن ھېكايىسى ( قەشقەردىكى مەلۇم دېسكوخانىدىكى جېدەل ) دىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى .  
  مېنىڭ مۇھەببەت سەزگۈرەشتىلىرىم ئېسىمگە كەلدى . مېنىڭمۇ شۇ چاغلاردا بىر سۆيگۈنۈم بار ئىدى ، دەرسلەردە زېرىكسەم ھارماي ئۇچۇرلىشىدىغان ، كەچتە تېلېفون مۇنقەرز بولغۇچە پاراڭلىشىدىغان ... بۇ مېنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى مۇھەببىتىم ئىدى . ئۇنى مەڭگۈ شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم . لېكىن كېينچە مۇھەببەت سوۋۇدى ...
مانا مەكتەپمۇ پۈتۈپتۇ ، ئۆزۈم خىزمەتلىك ئادەم ، زىممەمدە ئىش بۇرۇنقىدىن ئېغىر . لېكىن شۇ بېسىمنىڭ ئاستىدا ھارغىنسىرىغان روھىم بىلەن مەندىن بارا-بارا يىراقلاۋاتقان شۇ مۇھەببەتلىك ئەسلىمەمنى يادىمغا ئالىمەن .

بەزىلەر مېنى ئۆزى كېلىشكەن ، گەپكە ئۇستا ، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان ئويۇنچى بالا دەپ ئويلىشىدۇ . ئەمما مەن پەقەت تورغا مەھكەم باغلانغان بىر غوزا ، خالاس . ئەسلى قانچىلىك رەڭدار كېپىنەك بولاي ، ئەمدى بىر تال قۇرت . يىگانە ...

بۇ ئەسەر رىئاللىق مەۋقەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ . چۈنكى بۇ ھېكايە رىئاللىقتىكى ئاپتور تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدىن جانلىق ھالدا ئەدەبىيلەشتۈرۈلۈپ ئەسەر يۈزىگە چىققان . " مىڭ ئادەمنىڭ مىڭ خىل مۇھەببىتى ، مىڭ مۇھەببەتنىڭ مىڭ خىل ھېكايىسى " دېگەندەك ، ساپ كۆڭۈل ۋە ساپ ئەقىدە بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت ھېكايىسى گەرچە باش قەھرىمانى ئوقۇرمەن بولمىسىمۇ ، لېكىن ئوقۇرمەنگە ئەلمىساقتىن تارتىپ شېرىن تۇيغۇ ۋە زوق ئاتا قىلىپ كەلگەن .

توردىكى نامى " گۈلزات " بولغان بۇ گۈلئاي ئىسىملىك قىزدىن ئىبارەت ئايال باش قەھرىماننىڭ ، ئادىلدىن ئىبارەت ھاراق ۋە تاماكىنى ئىچ پۇشقىغا ئۈلپەت قىلغان ياش ستۇدېنتنىڭ بۇ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر بۆلەك بولغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ، مەيلى تور ئارقىلىق ئادىلنىڭ روھىيىتىگە مۇددەرىس بولسۇن ، مەيلى رىئال تۇرمۇشتا ئۇنىڭ خاراكتېر ئۆزگىرىشىگە سەۋەبكار بولسۇن ، دېمەككى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى رولى بۇ ئەسەردە كۆرۈنمەس ئاڭلانماس تىل ئارقىلىق يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن .

بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋاتقۇچە ، دەل مۇشۇ خىل ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن يۇغۇرۇلغان " گۈلزات " قا بولغان روھىي تەلپۈنۈش ، ماڭا ماتېماتىكا ئالىمى دېكارتنىڭ گۈزەل مەلىكىگە يازغان 13-پارچە خېتىدىكى ، كوئوردېنات تەكشىلىكىدىكى يۈرەك شەكلىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئىپادىسىنى ئەسلەتتى . بەزى خىل تىل ، دىل بىلەن ئاڭلىنىپ دىل بىلەن يېشىلىدۇ .  


ئەسەردە گۈلئاينىڭ پاكلىقىنى ئادىل ئاتالمىش " سىناش " ئارقىلىق دەپسەندە قىلدى . گەرچە گۈلئاينىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدىم ، ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلەيمەن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ، بىراق گۈلئاي ئادىلنىڭ خاتا سېگنال بىلەن ئېزىقتۇرۇشى بىلەن شۇ دەقىقىدە ئەڭ گۈزەل بىر دەستە گۈلنى ئادىلغا سۇنغان . مېنىڭچە ئادىل " قاچانمۇ چوڭ بولارسەن ؟ " دېگەن سۆزنى چوقۇم ئۆزىگىمۇ قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن .

  
ئەدەبىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئەسەرنىڭ باش قىسىمىدىكى بايانلاردا ھېكايە رىتىمىدا قالايمىقانلىق كۆرۈلگەن . مەسىلەن ، ئەسەر ئادىلنىڭ گۈلنۇردىن ئىبارەت قوشۇمچە باش قەھرىمان بىلەن بولغان ئۈزۈك مۇھەببىتىنىڭ ئۈزۈلگەن يېرىدىن باشلانغان ، بىراق ئادىل بىر كېچىدىلا ، يەنى ھېكايىدىكى بىر ئابزاسلىق ھەجىمدىلا گۈلنۇر بىلەن بولغان مۇھەببىتىنىڭ قاراڭغۇ سايىسى ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ۋە ناھايىتى تېزلا گۈلئاي بىلەن توردا سىرداشقان .
شەخسەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا ، ( مەنمۇ مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ باققان ئادەم ) دەسلەپكى بىر مەزگىل ئادىلنىڭ روھىي ئىپادىسى پاسسىپ ، يەنى قىزلارنىڭ توردىكى پارىڭىغا ئارتۇق ئارىلاشمايدىغان ، باشقىلارنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قېلىشى ھېكايىدىكى ئادىلنىڭ خاراكتېرىگە ماس كېلەتتى . دېمەك بۇ جايدىكى تەسۋىرلەر ھەددىدىن زىيادە زىچ ئورۇنلىشىپ قېلىش ئارقىلىق ، گۈلنۇردىن گۈلئايغا ئاتلاشتا زىيادە تېز بىر چاستوتا شەكىللەنگەن . بۇ ئەلۋەتتە كىچىك بىر نۇقتا ، بەلكىم بۇ ئاپتورنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك .


ئادىل قىزلارنىڭ ئاغزىدىن سەت گەپ چىقىشىنى ياقتۇرمايدۇ . توغرا ، بۇنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ . شەخسەن مەن ، ئۆزۈممۇ ئانچە سەت گەپ قىلىشنى ئۇقمايمەن ( ئۇيغۇرچە ) . بىراق ، يەنە بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق ، قىزلارنىڭ ئانچە-مۇنچە ئاغزىدىن سەت گەپ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال . چۈنكى قىزلار ئۆز ئارا شۇنداق پاراڭلىشىدۇ . ئوغۇللار بىلەن بىرگە بولغاندا قەستەن گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلىدۇ . گۈلئاي ئادىلنى شۇنچە ئۆز كۆرگەچكە ، بۇنداق سۈنئىي ھالدا تىلىنى كونترول قىلىشنى يادىغا كەلتۈرمىگەن ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى رەت شۇ ھادىسىنى سادىر قىلىپ قويغان .  
بۇ ئىشمۇ مېنىڭ كىچىكلىكتىكى بىر تاتلىق ئەسلىمەمنى يادىمغا كەلتۈرۈپ قويدى ، بىر قىزچاق ( مەن شۇ چاغدا ياخشى كۆرىدىغان ) مېنىڭ ئالدىمدا " ئېشەكنىڭ ت***ى " دېگەن سۆزنى قىلغان ئىدى . نەخ مەيداندا پەقەت ئىككىيلەنلا بار ئىدۇق ، تۇيۇقسىز گاڭگىراپلا قالغان . نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئاڭلىماسقا سېلىۋالغان . ئەلۋەتتە ، بۇنداق گەپ سۆزلەر قىزلارنىڭ ئوبرازىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
بىراق ، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشكەن كىشىلەر ئارىسىدا ، بۇ پەقەت ئۇزۇندىن بېرى پارتلاشقا سەۋەبسىز قالغان بىر مەيدان ئۇرۇشقا سەۋەب بولسا بولالايدۇكى ، ھەرگىز ئايرىلىشقا باھانە بولالمايدۇ . بۇنىڭدىن بىلىۋالالايمىزكى ، ئادىل كۆڭلىدە ئىزچىل گۈلئايغا نىسبەتەن 100 نومۇر قويالمىغان . ئۇ پەقەت 60 نومۇرلا قويغان . گۈلئاي بىلەن كۆرۈشكەن كۈندىن ئېتىۋارەن گۈلئايغا 60 نومۇرلا قويۇپ كەلگەن . كېيىن گۈلئاينىڭ يۇقاردا ئېيتقان كىچىك ۋە ئاجىز سەۋەنلىكلىرى بىلەن بۇ نومۇر 59غا ئايلىنىپ كېتىشتەك تراگېدىيە يوشۇرۇن يۈز بەرگەن .
مېنىڭچە ، گۈلئاي بىلەن ئادىلنىڭ مۇناسىۋېتى پەقەت توردا ، يەنى " گۈلزات " بىلەن " چۈشلىرىم " نىڭ مۇناسىۋېتى شەكلىدە راۋاج ئەيلىگەن بولسا ئىدى ، بۇ نومۇر چوقۇم ئادىل دەسلەپتە قويغان 90~100 گىچە بولغان سەۋىيەدە ساقلىناتتى .

بۇ چاغدا مەن ئىختىيارسىز ھالدا ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى " ۋەكىل " ( ماشىنا ئادەم ۋەكىل يەنى 机械替身) نى ئېسىمگە ئالدىم . كىنودىكى باش قەھرىمان بولغان ئەر-ئاياللار يادىمغا كەلدى . شۇنداق ، مەۋھۇمدىكى مۇناسىۋەت چەك سىزىقتىن ئاشتى ياكى ئېشىشقا تەمشەلدى ، بۇ ھالدا مۇناسىۋەت چوقۇم رىئال دۇنياغا تەرەققىي قىلىشقا كىشىنى ئۈندەيدۇ .

شۇڭا ، گەپ تامام ۋەسسالام ، " گۈلزات " ، يەنى گۈلئاي ، ئۇ ئەسلى بىر ياخشى قىز ئىدى . مېنىڭچە ئۇ يەنىلا بىر ياخشى قىز . بىراق ئۇنىڭ ياخشىلىقى ئادىلغا تېخى تولۇق بىلىنمەي تۇرۇپ ، نەلەردىن ئۇچۇپ پەيدا بولغان باشقىلارنىڭ ئەپقاچتى گەپ-سۆزلىرى ، ئادىلنىڭ مۇھەببەتنى قەدىرلىمەسلىكىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى .

بۇ چاغدا مەن يەنە " ئۈچ خەت " نىڭ ئىچىدىكى مۇنۇ مىسرالارغا نەزەر يۈرگۈزتتۇم :   
人之初,性本善  
性相近,习相远  
دەيدۇكى ، ئادەم ئەسلى ياخشى مەۋجۇدات . ئادەمنىڭ ئورتاقلىقى مۇشۇ ياخشى بولغان ئەسلىلىكتە . ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن قەدىرلىشىپ ئۆتكەن بولسا ، ئادىل بىلەن گۈلئاي بۇنداق مۇھەببەت تراگېدىيىسىگە ساھىب بولمايتتى . ئادىلمۇ ھەم ئاغزىدىن ئەشەددىي بىزەب گەپلەرنى چىقىرىپ گۈلئايغا ھاقارەت كەلتۈرمەيتتى . ئۇ ئۆز مۇھەببىتىدىن ۋاز كېچىپلا قالماستىن ، ئابدۇساتتار ۋە " ئازاب " نامىدىكى بىراۋلارنىڭ دولقۇنىدا جانسىز ماغزاپقا ئايلاندى .

شۇنداق ، ئۇ ئەسلى ياخشى قىز ئىدى .


( خانىقادىكى پاراڭلار )

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .
ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 05:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

59-قەۋەت (Azizan) نىڭ يازمىسىغا

ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

گۈلۈم ، كەتمە يېنىمدىن ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1744
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14104
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1409 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 06:02:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 59قەۋەت Azizan كە 2010-12-08 04:45 PMئەۋەتىلدى :
مېنىڭ ئەسلىدىكى ئىنكاسىم جىگدە چۈشەپ قالغان ئوخشايدۇ ، يوقاپ كېتىپتۇ ... بۇلتۇرقى ئېشەكنىڭ تېرىسى بار ئىدى ، شۇنىڭغا ئوقۇپ كەندىر يېغى بىلەن داغلاپ سۈف كۆچلەپ قوياي .
تۆۋەندىكى ئىنكاس مېنىڭ مۇشۇ تىمىغا بولغان ئىنكاسىم :

  دوستۇم " ھېسلىرىم " نىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇش جەريانىدا ، گاھى ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە چۆكسەم ، گاھى ئادىل بىلەن گۈلئاينىڭ مۇھەببەت سەزگۈرەشتىلىرىگە ئۇھسىندىم .
  بۇ ھېكايە كۈچلۈك رىئاللىق ئاساسىغا ئىگە بولغاچقا ، ھېكايىدىكى زىيادە ئىستىلىستىكىدىن خالىي تەبىئىي تەسۋىر ۋە رۇشەن ئىپادىلەشلەر روھىمغا سىلكىنىشلىك تەسىر قالدۇردى .
.......

ئۆھھۆ.................
  ھەر كىشى قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ  ،كىمنىڭ نېمىش قىلىۋاتقىنىنى بىر ئۆزى بىلەن خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ ،شۇڭا سىزنىڭ ئابدۇساتتارنىڭ ،ۋە"ئازاپ "نامىدىكى بىرسىنىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ كەتتى دېيىشىڭىزدە بىرەر ئاساسىڭىز بارمۇ ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا تومتاقلا بەرگەن باھايىڭىزمۇ ؟
   مەن ھېسلىرىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ،ئابدۇساتتار ئوبرازىنىڭ سەل غۇۋا بولۇپ قالغان دەپ ئويلايمەن ،بەلكىم ئەسەر نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،باش پېرسۇناز ئادىل بىلەن گۈلئاي بولغاچقا شۇنداق ئېلىنغاندۇ ،ياكى بولمىسا ئاپتورنىڭ ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغانلىرى باردۇ ؟ لېكىن سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭزدىن باشقا بىر مەزمۇننى سەزگەندەك بولىۋاتىمەن ! بەلكىم شۇنداقتۇ ...
     بۇ دېگەن سوتسىيالىستىك ئەركىن مۇنبەر ،(بۇ مېنىىڭ ئىككىنچى قېتى دېيىشىمغۇ دەيمەن ؟) شۇڭا بۇ ئىنكاسلارنى دەپ مەن بىلەن .............بولۇپ كەتمەڭ يەنە  ...
    بىر تەرىپىلىك ئىنكاسلار``

نە ئۈچۈن ياراتتىڭ ئەي ئۇلۇغ خۇدا ،
سۆيگەننى سۆيدۈرپ سۆيمىگەنلەرنى.
قىلساڭ بولماسمىدى جېنىدىن جۇدا ،
كۆيگەننى كۆيدۈرۈپ كۆيمىگەنلەرنى...

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15149
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-8 06:54:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىلنىڭ مىجەز - خاراكتىرىنى خۇددى مەندىن ئالغاندەك يېزىپسىز . راست بەزى قىزلار  ئاجايىپ ............. بۇلىدۇ . يازمىڭىز ئۆتمۇشلىرىمنى ئەسلىتىپ قويدى .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش