قوي__توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قوچقار . چىشىسى __ ساغلىق . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قوزا ، توخلا .
كالا__ توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى__ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك ، سىيىر . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ موزاي .
ئۆچكە __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ تېكە . چىشىسى __ئۆچكە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ ئوغلاق .
ئات __توپ ئاتىلىشى__ يىلقا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ ئايغىر . چىشىسى __ بايتال . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ قۇلۇن .
ئېشەك __توپ ئاتىلىشى __ ئۇيۇر . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى__ ھاڭگا . چىشىسى __ مىدە . يىڭى تۇغۇلغان بالىسى __ تەخەي .
__تۆگە__توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇغرا . چىشىسى __ ؟ . بالىسى بوتىلاق .
قوتاز __توپ ئاتىلىشى __پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ باش . ئەركىكى __ بۇقا . چىشىسى __ ئىنەك . بالىسى __ موزاي .
توڭغۇز __توپ ئاتىلىشى __ پادا . ئايرىم ئاتىلىشى __ تۇياق . ئەركىكى __ قاۋان . چىشىسى __ مىكىجىن . بالىسى __ توراي
مەنبە:
http://hi.baidu.com/aynurigul/blog/item/a68b31cb1375a5f553664f6c.html
بۇ ماقالە تارىخ بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :
http://tarix.blogbus.com/logs/40185279.html