مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 7

قەشقەر ئاتالغۇسى ھەققىدە!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 1284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24353
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6816 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 01:52:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەر ئاتالغۇسى ھەققىدە!!!

تارىختا ئەنە شۇنداق داڭلىق ۋە ئاۋات - كۆركەم دىيار دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ يۇرتنىڭ ( قەشقەر ) تۈرلۈك ناملىرى ۋە بۇ ناملارنىڭ ئېتمولوگىيىسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تەخمىنىي يەكۈنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن ؛
ھەر زاماندا ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە تۈرلۈكچە قەيت قىلىنغان ناملارنى ئۇچرىتىمىز . ئالدىنقى ۋە كېيىنكى "خەننامە" لەردە "ۋېينامە" ، "سۈينامە" كونا - يېڭى "تاڭنامە" لەردە ، "سۇڭ تارىخى" دا <<شۇلې>> ؛ "ۋېي ئەھۋالاتى" دا "گاشى" ، "بۇددا ئېلى خاتىرىسى" دە " گا - چا " ۋە " گاشى چىلى " ، بۇددا نوملىرىدىن "گارانامە" ، "پازىل راھىبلار تەزكىرىسى" ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا "شۇلې" (Sole) ؛ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "چۈشا" ۋە "شىلى چىسۇ دودى" ؛ "يۇەن مەخپىي تارىخى" دا "كەش خار" ، مىڭ دەۋرىدە "خاشاخار" ؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەۋرىدە "كاشى گار" دەپ يېزىلغان .
سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەھمۇد "دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك" قامۇسىدا ، "ئوردۇ" سۆزىنى "خان شەھىرى" دەپ ئىزاھلاپ ، "كاشىغەر --- ئوردۇ كەنت دېيىلىدۇ" دېگەن ئىبارىسىدە ، "كاشىغىر" دەپ قەيت قىلىنغان .
بۇ ئەزىز يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە يۇقۇرىقىدەك قەيت قىلىنغان تۈرلۈك ناملىرىنى ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۈمكىن : بىرى ، "شۇلې" ياكى "سولې" ؛ يەنە بىرى ، "كاشىغەر" .



"شۇلې" ( سۇلې)
ئاۋۋال "شۇلې" ئېلى دېگەن نام توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن "تارىم مەدىنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە" دېگەن ماقالەمدىن بەزى ئۈزۈندىلەرنى كەلتۈرەي .
شۇلې --- قەشقەر ئۆلكىزارلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يۇرت . قەشقەر ئۆلكىزارلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە توغرا كېلىدۇ . شۇلې ناھايىتى بۇرۇندىنلا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانغا قاتنايدىغان مۇھىم يول ئۈستى ئىدى . قەدىمكى دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ماۋەرائۈننەھىر ۋە ھىندىستاندىن بۇ يەرگە كېلىدىغان سودىگەرلەر ناھايىتى تولا ئىدى . بۇ شەھەر مەملىكىتىمىز جوڭگونىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سودا پورتلىرىدىن خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئىدى . بۇ يەردىن ئۆتىدىغان كارۋان يولى يىراقلارغا قاتنايدىغان ئۇزۇن سودا لىنىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن . ئۆز زامانىسىدا بۇ لىنىيە بىلەن توختىماي مال ئالماشتۇرۇلغان ۋە مەدىنىيەت تارقىتىلغان ، مىلادىيىدىن 6 -- 7 ئەسىرلەر ئىلگىرىكى گرېك ( يۇنان) سودىگەرلىرى ، ئاندىن كېيىن روما سودىگەرلىرى كېلىشكە باشلىغان . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسىردە گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغان تۇنجى سەيياھ ئارىستان ئىدى ، " ئاسىپايا" دېگەن قەدىمكى داستانىدا ، ئۇنىڭ ساياھىتى قەيت قىلىنغان ئىكەن . ھىرودوت بۇ داستانى مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن . گرېك جۇغراپىيونى ماىنوس فرات دەرياسىنىڭ كېچىكىدىن تاش تۇراغىچە ۋە بۇ يەردىن سېل دەرياسىنىڭ پايتەختى سىلاغىچە بولغان يولنى ھەم ئۇنىڭ مۇساپىسىنى خاتىرلەپ يازغان ؛ غەرب سودىگەرلىرى ئەنە شۇ شەھەردىن يىپەك ماللار ، كۆن - خۇرۇملارنى يۆتكەپ تۇراتتى دەپ قەيت قىلىنغان ئىكەن . شۇڭا ، قەدىمكى زاماندا غەرب كىشىلىرى "شۇلې" نى "شايى مەملىكىتى" دەپ ئاتىغانىكەن .
روما جۇغراپىيونى پتولېمى گرېتسىيىنىڭ جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان "جۇغراپىيە" دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئاسىيانىڭ ئەڭ راھەت - پاراغەتلىك جايلىرى سىلىيا بىلەن سىنا ئەللىرىدۇر دەپ سانىغان . "سىنا" بولسا ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 400 - يىللىرى ئۆتكەن تارىخچى كىتىفوسنىڭ "ئېترىيە" دېگەن ئەسىرىدە "سېرىس" دەپ يېزىلغان . گرېك تارىخچىلىرىدىن ئونىكرىدوس بىلەن نېئار كوس "قىرغاقنى بويلاپ دېڭىز ساياھىتى" دېگەن ئەسەردە : غەرب ئەللىرىدە ئىشلىتىدىغان يىپەك ۋە تۆمۈرلەر سېرستىن كېلىدۇ دېيىلگەن . شۇنىڭدەك ھومېرنىڭ "ئودىسسا" داستانىدىمۇ سېرىستىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئارىسىدا تۆمۈر ۋە كۆن - خۇرۇملار بارلىقى تەسۋىرلەنگەن .
"شۇلې" / "سولې" ، ئېھتىمال يەرلىك ئاھالە تىلىدا قويۇلغان يەر نامىنىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپىيىيلىنىشى بولسا كېرەك . بۇ نام غەرب ئەللىرىنىڭ تىللىرىدا "سىلىيا" ياكى "سېرىيا" دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان . بۇ نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئاساسەن ئىككى خىل كۆز قاراش بار : بىرى ، بەزى ئالىملار بۇ سۆز قەدىمكى كاشىغەر تىلىدا Sullakh (سۇللاق) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، "سۇلۇق جاي" ، "سۇ ماكانى" دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ ."دىۋانۇلۇتىت تۈرك" تە ، "سۇۋلاغ" سۆزىگە : << 1. سۇلاق -- مال سۇغىرىلىدىغان يەر ؛ 2 . سۇللاغ -- كاشىغەردىكى بىر يېزىنىڭ نامى >> دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكىنى دەلىل قىلىدۇ . شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ئوغراغ" سۆزىگە بېرىلگەن ئالتە خىل ئىزاھنىڭ بىرى --- "ئېقىن سۇ" دېگەن مەنىنى ئاساس قىلىپ ، بۇ سۆزگە ئاھاڭداش ھەم جۈپلۈك سۆز "سۇمراغ" ترانسىكپىسىيىسى بولسا كېرەك . چۈنكى ، "سۇغراق" ياكى "سۇغراغ" دەپ ئاتىلىدىغان يەر ناملىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ ؛ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "راغ/راق" بىلەن ياسالغان تولا . مەسىلەن ، ئوغراق ، دىغراق ، ئازغىراق ، ساغراق ، قاززاق . توغراغ ۋە باشقىلار . خاقانىيە تىلىدا ۋە باشقا قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ساغراق/سوغراق" نىڭ كۆچمە مەنىسى "كاسا" ( كوزا) ، يەنە بىر كۆچمە مەنىسى "ئويمانلىق" ، "داشمانلىق" دۇر . شۇ ئۇسۇلدا ياسالغان "سوزاغ "/ "سۇراغ" ۋە ئۇنىڭ ئىنچىكە تۈرى "سۈرەگ" سكزىمۇ "توپ" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم . يۇقۇرىدىكى چۈشەنچىلەر بويىچە ، "شۇلې"/"سۇلى" ---- "سۇۋلاغ" ۋە "سۇغراق" نىڭ ترانكرىپىسىيىسى بولسا ، "سۇلۇق جاي" ، "تاغ ئېتىكىدىكى ساي" ، "ئويمانلىق" / "كاسا" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "يۇرت" ، "مەھەللە" ، "توپ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
يەنە بىر قاراش بويىچە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، ياۋروپا تىللىرىنىڭ شايىنى --- silk ( رۇس تىلىدا "شولكا" ) دەيدۇ . قەدىمكى گرېك - روما مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنغان "سىليا" ياكى "سېرىيە" / "سېرىس" خەنزۇچە ترانسىكرىپىيىسە قىلىنغان "شۇلې" / "سۇلې" غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ "يىپەك " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "شۇلېننىڭ ئەمىلىي نامى شىلۇ چىسۇ دو دى ، بۇ شۇلې بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن " دەپ ئېنىق يازغان . "شېلى چىسۇ دو دى " --- دەل "سىلىك - كەز " ----- "شايى - دۇردۇن" يەنى تاۋار - تۇرقا دېگەن سۆز بولىدۇ . "دودە" --- "خانىدان" ، "يۇرت" ، "ئەل" دېگەنلىك بولىدۇ . دېمەك ، "يىپەك ئېلى" ياكى "پىللە خاندانى" دېگەن چۈشەنچە چىقىدۇ .




"كاشىغەر" / ""قەشقەر"
ئەمدى ، "كاشىغەر" دېگەن نامغا كەلسەك ، جانلىق تىلدا "قەشقەر" دەپ ئومۇملاشقان بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ئېتېمولوگىيىسى ھەققىدە ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىدە تۈرلۈك ئىزاھلانغان .
"لۇغەر دېڭىزى" (سىخەي) دە ، "شۇلې" سۆزلىمىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن : < شۇلې -- تاڭ دەۋرىدە چۈشا ، گاشى چىلى دەپ ئاتالغان . ؛ "چۈشا" سۆزلىمىگە بېرىلگەن ئىزاھتا : <چۈشا --- 1. يەنى شىگو ، يەنە بىر نامى گۇشانا ... ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى شەھىرى سەبزىگە توغرا كېلىدۇ ؛ 2. "شۇلې" سۆزلىمىگە قاراڭ دېيىلگەن .>
شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ 12 - جىلتىدە "چۈشا ئېلى --- كونا ئاتىلىشى شۇلې " دېيىلگەن .
"بۇددا ئېلى خاتىرىسى" نىڭ "شۇلې" ماددىسىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن " " بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى گاشى چىلى ، بۇنىڭدىكى چىلى سانكرىت تىلىدا تاغ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، گاشى -- قاشتاشتۇر " .
ياۋروپا ئالىملىرىدىن گرانادنىڭ تەتقىقاتى بويىچە ، گاش / قاش -- قاشتاش ؛ گىر/گار بولسا ، بالوت تىلىدا ghar (غار) نىڭ ترانسكرىپىيىسى بولسا كېرەك . (ياپون) شىراتورى كوراكى جىننىڭ پىكرىچە ، چاخان ۋە ئەفغان تىللىرىدا "غار" --- تاغ دېگەن ، "كاش غار" / "قاش غار " -- قاشتاش تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن .
بەزى تىلشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە ، قەدىمكى ھۇن - ئالتاي تىللىرىدا "غار" ---"يەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن . مەسىلەن ، ئالتاي تىللىرىدىن دۇڭ - غۇر گۇرۇپپىسىدىكى داغۇر تىلىدا "غار" --"يەر" دېگەن مەنىدە بولۇپ ، ھازىرقى "چىچىخار" ئەسلىدە داغۇرچە "كېچىغار" ( كېچ/كۆچ --- چەر غار يەر ) --- "چەت يەر " مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن .
"غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى" دە: "مۇسۇلمان (ئوغۇز) تىلىدا ، رەڭدار خىشنى كاشى ، خىشتا سېلىنغان ئىمارەتنى گار دەيدۇ . يېرى باي مۇنبەت ، كاشىدا سېلىنغان ئىمارەتلىرى تولا بولغاچقا ئاشۇنداق ئاتالغان " دەپ يېزىلغان .
دېمەك ، "كاشىغەر" نىڭ مەنىسىنى ئىككى خىل پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ؛ بىرى ، "قاش غار " --- قاشتاش تاغ ياكى قاشتاشلىق يەر ؛ جۈملىدىن قاش يەر ، يەنى دەريا قېتىدىكى يەر . يەنە بىرى ، "كاشىنكار / كاشىكار" --- كاشنىلىق يۇرت - شەھەر . كېيىنچە ، يورچى - كۈسەن - تۇخار تىلىدا "كاشگار" ، ئەرەب - ئەجەم تىللىرىدا "كاشىغەر" بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .
قەشقەر --- ناھايىتى قەدىمكى دىيار ، مىلادىيىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا غەرب ۋە شەرققە تونۇلغان سودا - سانائەت مەركىزى .
سالنامىچى خۈي دۇڭ "كېيىنكى خەننامە" نىڭ "بەنچاۋ تەزكىرىسى" دىن نەقىل كەلتۈرۈپ دەيدۇكى ، شۇلې پادىشاھى سۇنجۇڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ ؛ شۇلې ئېلىدە پەنتۇ شەھىرى ، ۋۇ جى شەھىرى ، سۇنجۇڭ شەھىرى بار . سۇنجۇڭ شەھىرىنى جېنجۇڭ ، دۇنجۇڭ دەپمۇ ئاتايدۇ .
"شىمالىي سۇلالە تارىخى" نىڭ "غەربىي دىيار" بابىدا يېزىلىشىچە ، شۇلې پايتەختىنىڭ سېپىلى بەش چاقىرىم كېلىدۇ . بۇ ئەلدە 12 چوڭ شەھەر ، بىرقانچە ئون كىچىك شەھەر بار" . "ئۇنىڭ پادىشاھى ئالتۇن ئارسلان (شىر) نەقىشلىك تاج كىيىدۇ" ، "زېمىنىدىن شال ، قوناق ، كەندىر ، بۇغداي ، مىس ، تۆمۈر ، قەلەي ، رەۋەن ، كىمخاب تاۋار كۆپ چىقىدۇ . ھەر يىلى كۆك تۈركلەرگە يوللاپ تۇرىدۇ " .
شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ "چۈشا" ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن : "چۈشا ئېلىنىڭ دائىرىسى 5000 چاقىرىم كېلىدىكەن . سايىلىرى تولا ، مۇنبەت يەرلىرى ئازراق ؛ زىرائەتچىلىك راۋاجلانغان ، گۈل - گىياھلىرى كۆپ ، مېۋە - چىۋە مولچىلىق ئىكەن ؛ سۈپتە ، گۈل - نەقىشلىرى چىرايلىق زىلچا - پالاس ، چەكمەن - تۇرقا قاتارلىق توقۇلمىلار كۆپ چىقىدىكەن ؛ ھۈنەرۋەنچىلىك گۈللەنگەن ئىكەن ........ يېزىقى ھىندى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان ئىكەن ... بۇددا ئەقىدىسىگە ئىشىنىدىكەن ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن . گرامادىن بىرقانچە يۈزى بار ئىكەن . راھىبلىرى ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن " .
ھەزرىتى مەھمۇد كاشىغەرىمۇ "دىۋان" دا : "كاشىغەر --- ئوردۇكەنت دېيىلىدۇ ، يەنى خانلار تۇرىدىغان شەھەر دېمەكتۇر" . " بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئوبدان بولغىنى ئۈچۈن ، ئافراسىياپ شۇ يەردە تۇراتتى" دەپ يازغان . ( "تارىخ تەبەرى" دە بايان قىلىنىشىچە ، ئافراسىياپ يەنى خانلار خانى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ياشىغان ۋاقتى مۇسا پەيغامبەرنىڭ زامانىسىغا توغرا كېلىدىكەن ) .
مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز يۇرتىنى "قىزىل سۇ" دېگەن سۆزلەمگە بىر كۇبلېت شېئىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق تەسۋىرلىگەن :
قىزىل - سېرىق (چېچەكلەر) يۆلىنىپ ،
يېشىل رەيھانلار (باش) كۆتۈرۈشۈپ ،
بىر - بىرىگە يۆگىشىپ تۇرغان ،
ئىنسان ئۇنى داڭلىشىدۇ .




كاشىغەر ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ ، ئەنە شۇ قىزىل سۈيى بويىغا بىنا بولۇپ كەلگەن . قىزىل بويلىرى خۇددى 1500 يىل ئىلگىرى شۇئەنزاڭ ماختىغىنىدەك ، مەھمۇد كاشىغەرى زامانىدىمۇ بۈەۈنكى كۈندىمۇ ھەقىقەتەن گۈل - گۈلىستان ، باغۋارانلىق قۇتلۇق ئەشيادۇر . ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغۇن - بوغۇنلىرىنىڭ گۈلدەك قولى بىلەن جەننەت مەسەل ئېسىل دىيارغا ئايلانغان .




مۇتائىلە




1. مەيلى "سۇلې" ئاتالسۇن ياكى "كاشىغەر" ، بۇ ناملارنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ ، ناھايىتى قەدىمكى ناملار ئىكەنلىكى مەلۇم ؛ "سۇلى" دېگەن نامنىڭ تارىخى 2500 يىلدىن ئاشىدۇ ؛ "كاشىغەر" مۇ 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە . دەرۋەقە ، بىرەر شەھەر ياكى ئەلنىڭ نامى كېيىنكى مۇئەللىپلەر تۈزگەن كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ۋاقتىدا پەيدا بولغان ئىكەن دېگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شەھەر ياكى ئەل بىنا ۋە ئاپىرىدە بولغانلىقى ئاددىي ساۋات ئىگىسىگىمۇ مەلۇمدۇر .




2. كاشىغەرنىڭ قەدىمكى شەھەر تۈزۈلۈشى شەرق ۋە غەرب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ئۆزگىچە بولغان . ئكي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە يەر شارائىتى ھەم ھاۋا - كېلىماتىغا ماس بولغاندىن تاشقىرى ، يۇرت ئەھلىنىڭ ئادەت ۋە روھى ھالەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى خۇسسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن . شەھەر كوچىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بالدۇرقى رەستە ۋە كوچا - كويلىرىنىڭ ئۆتۈشكەن جايلىرى كۆپىنچە "ئۈچ كوچا" ئىدى ، خۇددى "تاپچان" يېقىلمايدىغانلىقىغا ئوخشاش ، ئۈچ كوچا ئات -ئۇلاغ ، ھارۋا قاتارلىق قاتناش قوراللىرى دوقۇرۇشماي ، تىقىلىنچ بولماي راۋان بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغۇن ئەجدادلىرى شەھەر كوچىلىرىنى ( قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن شەھەرلىرىدە ) "ئۈچكۈل" يەنى ئۈچ كوچا قىلىپ ياساش تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلغان .




3. قەشقەردە قەدىمدىن "32 خىل ھۈنەر - كەسىپ" تەل - تۆكۈس راۋاجلانغان . نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە جەڭگە - جېدەل مالىمانچىلىقلارنىڭ كاساپىتىدىن ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلىلا ۋەيران بولغىنىغا قارىماي ، كېيىنكى چاغلاردىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى مەلۇم . شۇ سەۋەبتىن ، قەشقەردىن چىققان سانائەت مەھسۇلاتلىرى قوشنا ئەللەردە بازار تاپقان داڭلىق مەھسۇلاتلار سانالغان . مەسىلەن ، ئون ئالتىنچى ئەسىردە ، ئىۋان گروزىن زامانىسىدا موسكىۋانىڭ بازىرىنى قەشقەرنىڭ مىس بويۇملىرى قاپلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم . يەنە كېلىپ قەشقەردىن ئۆزگىچە توقۇلما بويۇملار مۇ ئىشلەنەەن . مەسىلەن ، مەھمۇد كاشىغەرى "دىۋان" دا : "كىشمىشكە --- قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز" دەپ ئالاھىدە قەيت قىلغان .




4. شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە ، "كاشىغەردە مېۋە - چېۋە تولا ئىكەن " دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يازغان . راست ، قەشقەردە مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تولا ، سورتلىرى ئاندىن تولا .
مانا ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، پەقەت قول سانائىتىنى ئالساق ، ئاجايىپ راۋاج تېپىپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى - يېڭى مەھسۇلاتلار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلدى ؛ ئىچكى - تاشقى خېرىدارلارنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ كەلدى . شەرق مۇزىكا مەدىنىيىتىدە پارلاپ تۇرغان گۆھەر --- ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قەشقەردە ساقلىنىپ ، قەشقەرىيە مۇقام ئۇستازلىرى ئارقىلىق كۈنىمىزگە يېتىپ كەلدى .....

ئىزاھات: گەرچە ئۆزۈم قەشقەرلىك بولمىساممۇ ، قەشقەرنىڭ يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان شەھەر ئىكەنلىكىگە قايىلمەن.شۇنداقلا قەشقەرنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ گۈللەپ،روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

پايدىلانغان كىتابلار:
1.تۈكى تىللار دىۋانى.
2.تارىخ تەبەرى.
3..غەربىي دىيار خاتىرىسى.

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ؟؟؟!!!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
umidi + 100 rahmat

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12652
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6946 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 04:23:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"كاشىنكار / كاشىكار" --- كاشنىلىق يۇرت - شەھەر . كېيىنچە ، يورچى - كۈسەن - تۇخار تىلىدا "كاشگار" ، ئەرەب - ئەجەم تىللىرىدا "كاشىغەر" بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .مەن مۇشۇ ئسىمنى بەكرەك ئىسىمدە ساقلاپ قۇيۇپتكەنمەن،تەلەي يۇلتۇزغمۇ شۇنداق يازغان ،بالدۇراق يوللغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇككەممەل جاۋاپ بىرەكەنمىز ھە،
ئەجىرىڭىزگە كوپ رەھمەت.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 04:50:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر- ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرى. ئېلىمىزنىڭ غەرب بىلەن سودا، مەدەنصيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر، ئەنە شۇ قەشقەر ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق رايونلار ۋە ئەللەر بىلەن باردى- كەلدى، سودا- سېتىق قىلىشقان. شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيىتى بۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى تارىخىي دەۋىرلەردە قەشقەر ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودا، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەلۇم دەۋىرلەردە سىياسىي مەركىزىي بۇلۇپ كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىدا گۈللىنىش تەرەققىياتى ۋە ئۆزىگە خاس ئەنئەنىلىرى بىلەن جاھان ئەللىرىنىڭ دىققەت نەزەرىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن.
                 «قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە چەت ئەل ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى تۈرلۈك تەبىر بېرىپ، پىكىر بايان قىلىپ، بۇ شەھەرنىڭ يۈكسەكلىكىنى ئىپادىلەپ كەلدى. بەزىلەر: شەھەر قەلئەسىنىڭ كۆركەم، مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرىدا پۇختا دەپ ھېسابلاپ، ھىجىرىيەنىڭ 96- يىلى (مىلادى 715- يىلى) پەرغانە ئارقىلىق شىنجاڭغا كەلگەن ئەمىر قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەبلەر بۇ نامنى بەرگەن دەيدۇ. بەزىلەر: بۇددىستلار بۇ شەھەرنى مۇقەددەس ئۇرۇن ھېسابلاپ «بەيتۇللا» (خۇدانىڭ ئۆيى) دەپ ئاتىغان ئىدى دەيدۇ. ئۇلار بىر زامانلاردا شامان دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بۇ جاينى مۇقەددەس ئۇرۇن ساناپ «كاش- ناگار» دەپ نام بەرگەن دەپ ئىسپاتلايدۇ. دىمەك بۇددىستلار تىلىدا «كاش- خۇدا، ناگار- ئۆي» دېگەن بۇلۇپ، «بەيتۇللا- خۇدانىڭ ئۆيى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. يەنە، بەزىلەر: بۇ يۇرتتىكى نەقىش- ئويما ۋە «كاشا» دەپ ئاتالغان گۈللۈك قول سەنئىتىنىڭ راۋاجلانغانلىقىغا قاراپ، «كاشا» سەنئەتنى ئىگىلىگۈچى (تۇتقۇچى) مەنىسىدىكى «كار» ياكى «ئېر» دېگەن نامنى تۇتقا قىلىپ بۇ شەھەر «كاشاكار» ياكى «كاشائېر» دەپ ئاتالغان دەيدۇ. بەزىلەر يەنە تۈمەن دەرياسىنىڭ لېۋىدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈپتۈز بىر قاش بۇلۇپ، ئۇ ھاۋاسى ياخشى، مەنزىرىسى كۆركەم، ئېگىزلىك جەھەتتە دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ شەھەر شۇ گۈزەللىكى بىلەن تەسۋىرلىنىپ «قاشنىڭ قىرى» دەپ ئاتالغان ئىدى دېيىشىدۇ. بۇ ئاتالمىلار ۋە بېرىلگەن تەبىرلەر گەرچە بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمىسىمۇ، ھەر ھالدا كىشىلەرنىڭ بۇ تارىخىي رېئاللىققا بولغان تۇنۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بىراق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ماھىيەت ئاساسى ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ، تەلەپپۇزدا «قەشقەر»، يېزىلمىلاردا «كاشىغەر» دېگەن ئاتالغۇ ساقلىنىپ كەلدى.
               ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇت ھۈسىيىن ئوغلىنىڭ ئۆز تەخەللۇسىنى «قەشقەرى» دەپ ئاتىشى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يۈكسەك ئۇرۇندا تۇرغانلىقىدىن بىر بىشارەتتۇر. دېمەك: «قەشقەر» دېگەن ئاتالغۇ مۇشۇ زېمىندا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بارغان شەھەر قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق سەنئىتى، بۇلۇپمۇ ھەرخىل نەققاشلىق ھۈنىرىنى مۇجەسسەملەپ بەرگەن نام دېيىشكە بولسىمۇ، بۇ نامنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئېيتىلىشى يەنىلا كەڭ كىتابخانىلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزلىنىپ تەتقىق قىلىشىغا باغلىق دەپ قارايمىز.
                 قەشقەر پەقەت شەھەرنىڭلا خاس نامى بۇلۇپ، ئۇ قەشقەرىيە دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئىسمى ئەمەس، چۈنكى، «قەشقەرىيە» كەڭ مەنىدىكى ئىسىم. ئۇ ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن ھالقىپ، ئالتە شەھەر دەپ ئاتالغان جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ كەڭ دائىرىنىڭ سودا، مەدەنصيەت ۋە سىياسىي مەركىزىنىڭ قەشقەر بولغانلىقى تارىختا بەش قولدەك ئايان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە توختالغىنىمىز «قەشقەرىيە» بولماستىن بەلكى، ئاشۇ مەركەز- قەشقەر شەھرىدۇر.

2. قەشقەر شەھىرىنىڭ ياسىلىشى .

                  رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، قەشقەر شەھەر قەلئەسىنىڭ جايى ئۈچ قېتىم ئالماشقان. دەسلەپكى ئورنى ئاتۇشتىكى مەشھەت دېگەن جايدا بولغان. ئىككىنچى قېتىم ئورنى- ئاتۇش يولىدىكى «خان ئۆي» دېگەن جايغا يۆتكەلگەن، پايتەخت خانۆيگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، خېلى زور يۈكسىلىش ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ جاي گەرچە قاراخانىلارنىڭ قۇدرەتلىك پادىشاھى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە تەختىگاھ بولغان بولسىمۇ، مەلۇم زاماندىن كېيىن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە سۇ يولىنىڭ تۇسۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە ئاستا- ئاستا خاراب بولغان. 3- قېتىملىق ئورنى ھىجرىيىنىڭ 940- يىلى (مىلادىنىڭ 1533- يىلى) مىرزا ھەيدەر تەرىپىدىن ھازىرقى قەلئەنىڭ بىر قىسمى بولغان ئورۇنغا يۆتكىلىپ، ئاۋات قىلىنغان ئىدى. شەھەرنىڭ ئورنى نىسبەتەن ناھايىتى كىچىك ئىدى. بۇنىڭدىن «ئىچكىرىكى شەھەر» دەپ ئاتالغان قىسمى ساقلىنىپ كەلگەن. «توققۇزاق دەرۋازا»، «قارىقى دەرۋازا» دېگەن ناملار دائىرىسى ئىچىدىكى ئۇرۇن ئەنە شۇ بۇرۇنقى شەھەر قەلئەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ شەھەر كىچىك سېلىنغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋرنىڭ تەلىپى كېڭەيتىشنى خالىمانلىقتىن كېڭەيمەي قېلىۋەرگەن ئىدى. پەقەت خىخ ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا كەلگەندە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ «تاشقىرىقى شەھەر» دەپ ئاتالغان قىسمى قەلئە ئىچىگە قۇشۇلۇپ، سېپىل بىلەن ئېھاتەلەندۈرۈلدى.
زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئەسلىدە تۇرپانلىق ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. ئۇ قەشقەردە ھاكىم بەگ ئۇنۋانى بىلەن 20 يىلدەك ھۆكۈم سۈردى. بۇ دەۋىردە ئۇ خەلق ئۈستىدىن نۇرغۇن زوراۋانلىقلارنى ئىشلەتكەن. بۇلۇپمۇ سېپىل ياساشقا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كىتىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما قەشقەرگە نىسبەتەن بەزىبىر پايدىلىق ئىشلارنىمۇ قىلغان. ئۇ كۆپلىگەن بىنام يەرلەرنى ئاچقۇزۇپ تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۆستەڭلەرنى چېپىپ، ئاشلىق ۋە باشقا ئىگىلىكنى يۈكسەلدۈرگەن ئىدى. قەشقەر شەھصرىنى كېڭەيتىشكىمۇ ئۆزى بىۋاستە باشچىلىق قىلغان ۋە قاتناشقان. بۇ ھەقتە شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى، مۇتەپەككۇر شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى ئۆز شېئىرىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:
كى بىرمىڭ ئىككى يۈز ئەللىك بەش تارىخىي پەيغەمبەر ①
بىنا قىلدۇردى شەھەرنى شاھ زوھورىدىن بەلەند ئەختەر ②
دىيارى خەلقنىڭ ھالىغا رەھمە ئەيلەپ ھىدادىيەدىن
قىلىپ قەلئەنى مەھكەم گويا سەددى ئىسكەندەر.
نورۇز ئاخۇن كاتىپمۇ ئۆز شېئىرىدا زوھورىدىن ھاكىم بەگنى ئەنە شۇ مەزمۇندا ئۇلۇغلاپ كۈيلىگەن ئىدى.
شاھ زوھورىدىن سۇلۇي ئامبال قىلىپ شەھەرنى بىنا،
ھىممەت ئالغان بۇ شاھقا بارىكاللا مەرھابا.
ئەلئەدەر سائادەت ③ ۋە قىلمىشتۇر پەلەكتىن بىر نىشان،
بۇ بىنا تەمىرنىڭ تارىخىغا ئەختەرنىدا ④

                 يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن زوھورىدىن ھاكىم بەگنىڭ شەھەرنى كېڭەيتىش خىزمىتىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شەھەرنىڭ بۇ قېتىمقى سېپىلىنى سوقۇشتا تولىمۇ تېز تۇتۇش قىلغانلىقتىن، بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا ياسىلىپ بولغان. يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن سېپىلنىڭ ئوخشاشمىغان يىللار ئىچىدە ياسالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئابدۇرېھىم نىزارى ھىجىرىيە 1255- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. نۇرۇز ئاخۇن كاتىپ «ئەختەر نىدا» سىدا ھىجىرىيە 1256- يىلىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقتا، قارىماققا ئارلىقتا بىر يىل پەرق بارلىقى ناھايىتى روشەن. لېكىن بۇنى تەھلىل قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ھەر ئىككىسىنىڭ توغرا بۇلۇپ، سېپىلنىڭ قۇرۇلۇشى 1255- يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 1256- يىلىنىڭ باشلىرىدا پۈتكەنلىكى مەلۇم. ھەر ھالدا، سېپىلنىڭ ئالتە ئايدا ياسىلىپ بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ.
بۇ قېتىملىق شەھەر پىلانى ئەسلىدە شىمالدا تۈمەن دەرياسى، جەنۇپتا قىزىل دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يانداشتۇرۇپ سېلىنماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ چوڭ موللىلىرىدىن بولغان موللا سادىق ئەلەم ۋە تۇردى شەيخ دېگەنلەرنىڭ ئارقىدا غەيۋەت- شىكايەت قىلىپ قارشى چىقىشى بىلەن پىلان ئۆزگەرتىلىپ، كىچىكلىتىلگەن. بۇلار ئۆز شىكايەتلىرىدە: «زوھورىدىن ھاكىم بەگ ئۆزى تۇرپانلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ قەبرىسنى شەھەر دائىرسىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەكچى دېگەن سۆز- چۆچەكلەرنى تارقاتقان. بۇ سۆزلەردىن رەنجىگەن ھاكىم بەگ، ئىسكەندەر ۋاڭنىڭ گۈمبىزىنى شەھەر سىرتىدا قالدۇرۇپ، موللا سادىق ئەلەمنىڭ شىمال تەرەپتىكى (تۆرە يارباغ دېگەن جايدىكى) بېغى بىلەن تۇردى شەيخنىڭ جەنۇپ تەرەپتىكى (قۇم دەرۋازىدىكى) بېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تانا تارتىپ، شەھەر دائىرسىنى كىچىكلىتىپ، سېپىلنى ئۇلارنىڭ بېغى ئۈستىگە سېلىپ، جازالىغان. شەھەرنىڭ ئاشۇ ھالىتى تاكى 1950- يىللارغىچە ساقلىنىپ كەلگەن.»

                 قەشقەر شەھىرى گەرچە زوھورىدىن ھاكىم بەگ تەرىپىدىن كېڭەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىڭىدىن قۇشۇلغان جايلىرى بىردىنلا ئاۋات بۇلۇپ كېتەلمىدى. بۇلۇپمۇ غەرب تەرەپتىكى سازلىق بىلەن گۆرستانلىق كىشلەرنى كۆنۈكتۈرەلمىدى. پەقەت بىر قانچە يىللاردىن كېيىن، جەنۇبتا قوزغالغان راشىدىن خوجا قوزغىلىڭى① ئەسناسىدا ھاكىميەت بېشىغا چىقىۋالغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ، شەھەرنىڭ غەرب تەرەپتىكى يىڭى قىسمى ئاۋاتلاشتى. بۇلۇپمۇ ھېيتگاھ جامەسىنىڭ كېڭەيتىپ قايتا ياسىلىشى ۋە بارلىق ھېيت- بايرام مۇراسىملىرىنىڭ بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلۈشى، بۇ قىسىمنىڭ تېخىمۇ ئاۋات بۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. ياقۇپ بەگنىڭ ئوردىسى دەپ ئاتالغان باش مەمۇرىي ئورگاننىڭ دەرۋازىسى شۇ تەرەپكە قارىتىلغانلىقتىن، «ئوردا ئالدى» دەپ ئاتالدى. ھېيتگاھ مەيدانى بىلەن ئوردا ئالدى ئارىلىقىدىكى جاي چەت ئەللىكلەر تۇرىدىغان ئۇرۇن بولغانلىقتىن «ئەلچىخانا» دەپ ئاتالدى ۋە شەھەرنىڭ ئاساسىي مەركىزىي بۇلۇپ قالدى. 1878- يىلى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلۇپ، ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى.

             قەشقەرگە كېلىپ ھاكىميەت بېشىدا تۇرغان لى جۇيا بەزى جايلارنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ھېيتگاھ مەيدانى ئۆز رولىنى يوقاتمىغان ئىدى. ھىجىرىيىنىڭ 1315- 1317- يىللىرى (مىلادىيە 1898- يىلى) لويجى دارىن تەرىپىدىن شەھەرنىڭ غەربىگە يانداپ سالدۇرغان كىچىك قەلئە شەھەر دائىرسىنى يەنىمۇ زورايتتى. بۇ كىچىك قەلئە يۇمىلاق دائىرلىك سېپىل ئىچىگە ئېلىنغانلىقتىن، خەلق بۇنى «يۇمىلاق شەھەر» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ غەربىگە قۇرۇلغان دەرۋازىسى بۇ شەھەرنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يېزىلارغا قاتنايدىغان ئېغىز بۇلۇپ قالغانلىقتىن، خەلق ئۇنى «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتىدى. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھصرىنىڭ دەرۋازىسى تۆتكە يېتىپ، شەھەر قاتنىشىدا خېلىلا ئوڭايلىق تۇغۇلدى.

          ھىجىرىيىنىڭ 1326- يىلى (مىلادىنىڭ 1909- يىلى) لوشەنتۈي تەرىپىدىن يۇمىلاق شەھەرگە چوڭ بىر يامۇل سالدۇرۇلدى. خەلق بۇنى «شەتەي يامۇلى» دەپ ئاتىدى. 1912-، 1923- يىللىرى قەشقەردە، دەۋىر سۈرگەن ھەربىي قوماندان شەتەي لۈيجاڭ ماجىئۇ مۇشۇ جايدا تۇرغان ئىدى. ماجىئۇ سېپىلىنىڭ ئۈستىگە يانداپ، تۆت قەۋەتلىك راۋاق سالدۇرۇپ، شەھەرگە سۈرلۈك تۈس پەيدا قىلدى. راۋاقنىڭ تۆت ئەتراپى ئەينەكتىن ياسالغاچقا ئالاھىدە كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلدى. راۋاق خېلىلا ئېگىزلىككە ياسالغانلىقتىن، ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغان كىشى شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كۆرۈپ تاماشا قىلالايتتى. شۇنىڭدەك راۋاقنىڭ ئالدىدىكى «يۇمىلاق شەھەر كۆلى» دەپ ئاتالغان چوڭ كۆلنىڭ ھاۋاسى ۋە مەنزىرىسىدىن كۆڭۈل ئاچالايتتى.

               بۇ قورغانچىنىڭ ئەسلى نامى كونا گۈلباغ ئىدى. مىلادىنىڭ 1554- يىلى قەشقەردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مىرزا ھەيدەر ① ياساتقان تۆت باغنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىدىن كېيىن ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. شۇنداق بولسىمۇ، مانجۇلار بۇ يەردە ھەربىي قىسىم تۇرغۇزدى. بۇ جاي ياقۇپ بەگ ھاكىميىتى دەۋرىدە يەنە تاشلىنىپ قالدى. كېيىن زوزۇڭتاڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن تارتىپ يۇمىلاق شەھەر ھەربىي لاگىر بۇلۇپ قالدى.
               قەشقەر شەھىرى يېقىنقى بىر ئەسىر دۋامىدا «كونا شەھەر»، «يېڭى شەھەر» دېگەن ئىككى قەلئەگە بۆلۈندى. يىڭى شەھەرنى- تۇڭ دارىن دېگەن كىشى 1854- يىلى بىنا قىلدۇردى. يېڭى شەھەر قەلئەسى كونا شەھەرنىڭ جەنۇبىغا توققۇز كېلومېتىر كېلىدىغان ئىككى دەريانىڭ ①ئوتتۇرسىغا جايلاشقان ئىدى، بۇ قەلئە شۇ زاماندىن تارتىپ ھەربىي لاگىر بۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، ياقۇپ بەگنىڭ «قوش بەگلىك مەھكىمىسى»، جىنشۇرىننىڭ «سىجاڭ يامۇلى»، گومىنداڭنىڭ «جىڭبىي سىلىڭبۇسى» مۇشۇ شەھەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقىغا تارىخنىڭ ئۆزى شاھىد.
               قەشقەر شەھىرى تارىختا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغدىكى ھەربىي، مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئورگانلىرى مۇشۇ شەھەردە تەسىس قىلىنغان. بۇ شەھەرنىڭ سېپىلى ئېگىز، پۇختا، ئەتراپلىرى خەندەك بىلەن ئورالغانلىقتىن ئۇرۇشتا ئاسان قولدىن كەتمەيتتى .

3. ھېيتگاھ جامەسى  

                 ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنصيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
                 جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۇمۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.

                بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.

4. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

             تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان. خىخ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلادى 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان.
               ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان. خىخ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرصپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.
                ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
                 ھىجرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ھىجرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.
ھىجرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
                 ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈئەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
                      قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقصرى كۆتۈرۈلمەكتە

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 1284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24353
تۆھپە نۇمۇرى: 2108
توردا: 6816 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 05:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (~yilan~) نىڭ يازمىسىغا

ناھايتى ياخشى يوللاپسڭز!!  بۇرۇنراق بىلگەن بولساق ئككىمىز تىمىمىزنى بىرگە يوللايتتۇق ئەمەسما؟؟؟؟  ئەجرىڭىزگە رەھمەت. [s:79]  [s:79]  [s:79]

ئەلسىرەنىڭ مەنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9754
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2010-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 05:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (akax520) نىڭ يازمىسىغا

يۇقۇرىدىكى تېمىنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟

دۆلىتىدىن مەھرۇم بولماقلىقتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4119
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 38897
تۆھپە نۇمۇرى: 711
توردا: 6457 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 11:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 01:43:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوردۇكەنت دەپ ئاتالغان دېگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان..........

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90741
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 09:46:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم.............. رەھمەت [s:108]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش