مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 6

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەسلى يۇرتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19148
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8360 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 06:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئائلە نەسەبىنىڭ سۈرۈشتۈرلىش جەريانى.

  1915.يىلنىڭ ئاخىرىدا تاشاخۇنۇم يەكەن مىشا كەنتىدە قۇرغان سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئورنىنى 1936.يىلى شىڭسىسەي ھۆكىمىتى يەكەن خاڭدىلىق قاسىمخانباي دېگەن ئادەمنىڭ مۈلكى دەپ قاراپ ( قاسىمخانباي شىڭسىسەي تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان ) مۇسادىرە قىلىپ يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدىنى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا بېردۇ . ئۇيۇشما بۇ يەرگە دارىلئېتام قۇردۇ.

   بۇ ئەھۋال تاشۇخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئابلىھەق ئەزىزىگە مەلۇم بولغاندىن كىيىن، مۇسادىرە قىلىنغان زاۋۇت ئورنىنىڭ تاشاخۇنۇمنىڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ ئەرىز يازدۇ .يېزىلغان ئەرىز شۇ ۋاقىتنىڭ قايدە يۇسۇنى بويچە ئىسلام شەرىئىتىنى (قازىخانىنىڭ ) بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرلىدۇ. شەرىئەت بۇ ئەرىزنى خەلىق ئىچىدىن سۈرۈشتە قىلىپ ، بىلگۈچىلەردىن مەھكىمە شەرىئەتنىڭ نازارىتىدە گۇۋالىق ئالىدۇ. بۇ ۇۋاھلىقتا:

   تاشاخۇنۇمنىڭ دادىسى ئەزىزى شەيىخ ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇرېشىت ( كۆك بېشى –مىراپ ) ئاخۇنۇم ، ئۇنىڭ دادىسى موللا توختى ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ھابىل ئۇستا ، ئۇنىڭ دادىسى بۇۋاخۇن، ئۇنىڭ دادىسى مەھەممەت خەلپە ( ئىشان ) ، ئۇنىڭ دادىس مىرزا ھاتتا دىيىلىپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم يەر زىمىن ۋە ئېلىم – بىرىم ھۆجقەتلىرى پاكىت قىلىپ قۇيلىدۇ . ئىسپاتلىنىشىچە : مىرزا ھاتتا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە ، خانلىقنىڭ قەشقەر خانېرىق دېگەن يۇرىتتا تەھسىس قىلغان تۇقۇمۇچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ئىكەن .يەكەن خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن مىرزا ھاتتا ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادى ھابىل ئۇستىغىچە خائېرىقتا ئۆتكەمەن.

   ھابىل ئۇستا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، ئائىلىسى ۋە ئوغلى موللا توختى  ئاخۇنۇمنى ئېلىپ ، ئەينى يىللاردا پەيزىۋات بەگلىگىگە قاراشلىق سۇنتاغ ( 1940.يىلى ئاتۇش يېرىم ناھيە بۇلۇپ قۇرۇلغىچە ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋاتقا ، ئۇستىن ئاتۇش قەشقەرگە قاراشلىق يېزا ئىدى ) يېزىسىغا كۈچۈپ كىلىپ ، تۇقۇمۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان .

  ھابىل ئۇستامنىڭ ئايالى  زەبىدە خېنىم قەشقەر خانئېرىق يېزىسىدىكى كاتتا باي ۋە ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇ قادىر خەلپىنىڭ قىزى بۇلۇپ ، ئاياللار ئىچىدىكى كۆپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ، كۆپولىگەن ئايال ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىلىگەن ئايال بۇلۇپ ، ئاتۇشقا كۈچۈپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ، ئۇنىڭ يۇرتى خانئېرىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىگەن ، ھەم ئاتۇشتا كۆپلىگەن ئايال بىلىم ئىگىللىرىنى يىتۈشتۈرگەنكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن بۇلۇپمۇ زەبىدە خېنىمنىڭ ئۇرۇق –ئەۋلادلىرىنىڭ داۋاملىق يوقلاپ تۇرشى نەتىجىسىدە ، بۇ ئائىلىنىڭ بەشىنچى ئەۋلادى  تاشاخۇنۇم دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ كەلدى – باردىسى تېخىمۇ قۇيۇقلاشقان . نەتىجىدە تاشاخۇنۇمنىڭ سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرشىدىن خەۋەر تاپقان سىمخان باي يەكەن مىشادىكى 40 مودەك زىمىنىنى خەت مۆھۈر بىلەن تاشاخۇنغا سوغا قىلغان ، بۇ زىمىننى سوغا قىلغان شەرىئەت گۇۋالىقىدىكى خەتتە تاشاخۇنۇمنىڭ ھابىل ئۇستامغىچە بولغان تۆت ئەۋلاتنىڭ يەكەن ھەم خانئېرىقتا ، ھابىل ئۇستامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىن تاشاخۇنۇمغىچە ئاتۇش ، سۇنتاغ، ۋاقۋاق ، ۋە كېچىڭزى دېگەن يەردە ئۆتكەنلىكى قەيىت قىلىنغان. مەرھۇم ئابلىھەق ئەزىزى 1939.يىلى يەكەن مەھكىمە شەرئىتىنىڭ ئىسپاتى بىلەن قاسىمخان باينىڭ نەسەپ قوغلىشۇپ تاشاخۇنۇمغا يەر زىمىن سوغا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مۆھىر خىتىنى ئېلىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا يەنى سەرەڭگە زاۋۇتى ئورنى تاشاخۇنۇمغا تەۋە بولۇپ ئاخىرلاشقان.

نەسەپكە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر : ھابىل ئۇستا ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ئوغلى موللا توختى ئاخۇنۇم دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ دىنى مەكتەپ ئاچقان ھام جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ، ئۇنىڭ كۆزگە كۈرىنگەن ئوغلى ئابدۇرېشىت ئاخۇنۇم، چوڭ دادىسى ھابىل ئۇستىدىن قالغان تۇقۇمۇچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان، قۇشۇمچە ماتا – چەكمەن سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ، بۇ ئادەم ئەقىل – پاراسەتلىك كىشى بۇلۇپ ، جامائەت ئىچىدە يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەن . ئۇ خەلىقنىڭ تەلىۋى بىلەن بىر مەزگىل كۆك بېشى مىراپ بولغان ، شۇ چاغدا كىچىڭزى دىگەن جايدىكى بۇلاق سۈيى مول ، ئورنى سازلىق ۋە تاللىق بىر جاينى ئۇچرۇتۇپ ، بۇ ئىگىسىز يەردە سەگەز – ھەمىزەك،چوتا قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان  چوتا –سەگەزچىلىك كارخانىسىنى قۇرغان . بۇ يەر تولىمۇ زەي سۇلۇق ھەم چىملىق بولغاچقا ، كېسەكتە تام ئىتىشكە بولمىغانلىقتىن ، چىمدە تام ئىتىپ ھۈنەر قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھۈنىرى بازار تېپىپ ، ناھايىتى تىزلا باي بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن كىشىلەرگە ھۈنەر ئۈگەتكەن . ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىز ئاخۇنۇم دەۋرى شىنجاڭ ئۇرۇش ۇتىدا قالغان زامان بولۇپ ، ( يەتتەخۇجا تۇپىلىڭنى ئاخىرقى مەزگىلى ) بەدۆلەت ( ياقۇپ بەگ ) بىلەن زوزۇڭتاڭنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. كىشىلەر تۇلىمۇ خاتىرجەمسىزلىكتە ياشايتى . شۇڭا ئەزىز ئاخۇنۇم جامائەت ئىچىدە داۋاملىق كۆزگە كۈرىنىشنى خالىماي يۇرتىغا قايتىپ « بەلۇن دانا خېنىم» مازىرىغا شەيىخ بولىپ ئۆتكەن . ئەزىز شەيىخ ئاخۇنۇمنىڭ كۆزگە كۈرىنگەن ئوغلى تاشاخۇنۇم دەۋرىگە كەلگەندە ئۆزگىچە بىر دەۋىر باشلىنىپ ، تاشاخۇن ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدە پارلىغان يۇلتۇز بولغان .

 بىلگۈچىلەرنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتىغا قارغاندا ، تاشاخۇنۇمنىڭ ئاتا بوۋىللىرى ئاخۇنزادە دەپ ئاتىلىدىكەن . ( بۇنىڭدىن قارغاندا تاشاخۇنۇمنىڭ ئاتا بوۋىللىرى يۇقۇرۇ دىنى مەلۇماتقا ئىگە زاتلاردىن بۇلىشى مۇمكىن.) شۇڭا تاشاخۇنۇمنىڭ 1. ئەۋلات بوۋىسى مىرزا ھاتتا، 2. ئەۋلات بوۋىسى مۇھەممەتلەر مىرزا ھاتتا ئاخۇنزادە، مۇھەممەت ئاخۇنزادە دەپ ئاتالغان.3. ئەۋلات بوۋىسى بۇۋاخۇن، يەكەن شىۋىسى بويچە ئاخۇنزادە ئورنىغا بۇ ۋاخۇنلۇقۇم دەپ ئاتالغان 4. ئەۋلات بوۋىسى ھابىل ئۇستا كەسىپ بىلەن تۇنۇلغان كىشى بۇلۇپ ھۈنەر بىلەن شۆھرەت قازانغانكەن.5.ئەۋلات بوۋىسى موللا توختى، 6. ئەۋلات بوۋىسى ئابدۇ رېشىت،7. ئەۋلات بوۋىسى ئەزىزى قاتارلىقلار قەشقەر شىۋىسى بويچە موللا توختى ئاخۇنۇم، ئابدۇرېشىت ئاخۇنۇم، ئەزىزى شەيىخ ئاخۇنۇم دەپ ئاتالغان .

  تاشاخۇنۇم ئەزىزى كىچىكىدىنلا زېرەك ، كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىدىغان تىرىشچان ، تەدبىرلىك بالا بولۇپ ، ئۇ ئۇقۇش جەريانىدا پارىس ، ئەرەپ ، تۈرك تىل يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەننىڭ سىرتىدا ، ئەرەپ تىلى قۇرئان تەپسىر جەھەتتىمۇ خېلى ۋايىغا يەتكەن نىدى.

  تاشاخۇنۇم ئەزىزى دىنى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇرى سىنىپلىرىدا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ھەر قايسى سورۇنلاردا دىنى مۇتائىلە ۋە تەپسىر ( قۇرئان تەپسىرى) بىلىمى مول ۋە ناتىقلىقى بىلەن ئەل – جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ ، شۇزاماندىكى دىنى ئۈلىمالارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان . شۇ چاغدا تاشاخۇنغا دىنى قايدە بۇيچە « ئاخۇنۇم » ئۇنۋانى بىرىلىپ «تاشاخۇنۇم » دەپ ئاتالغان .

   تاشاخۇنۇم بىرىنجىدىن ئىلمى ئىستىداتى بىلەن ئاخۇنۇم ئىنۋانىغا ئىرىشكەن بولسا ، يەنە بىر جەھەتتىن ئاخۇنۇم دېگەن نەسەبى مىراس بىلەن تاشاخۇنۇم دېيىلگەن.

   تاشا خۇنۇمننىڭ 4 خۇتۇندىن 17 بالىسى بۇلۇپ بۇلارنىڭ 12 سى ئوغول ، 5 قىز بولغان( سەيپىدىن ئەزىزى بالىلارنىڭ يەتتىنچىسى ئىدى) تاشاخۇن ئەزىزى ئۈزىنىڭ ئائىلە مىزانىدا تۆت ئايالغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ بالىلارنى ياخشى تەربىلىشىنى ئالدىنقى ئۇرۇندا قۇيۇشلىرى ، ئەگەردە قايسى ئايالى باللىرىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىلىيەلمىسە ، شۇ ئايالنى مىراس ئېلىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى ئائىلە نىزامى قىلىپ بەلگۈلىگەن. شۇڭا بۇلارنىڭ ئوغوللىرىنىڭ ھەممىسى دىنى بىلىم ئېلىشتىن تاشقىرى، زامانىۋى بىلىم يۇرىتلىرىدا ئۇقۇپ ، ئالىم ، ئىنژىنىر، سىياسىيۇن، دۆلەت ئەربابى ، يازغۇچى، مۇئەللىم ۋە تېخنىك بۇلۇپ يىتىشكەن .قىزلىرى ئەخلاقى ، ئەقلى ۋە ئەنئەنۋى ئۆرپە-ئادەتە كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئەخلاقى تەربىيە بىلەن يىتىلگەن.

مەنبە: «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلاتلىرى»  دېگەن كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

 ماقالىنىڭ ئەسلى تىمىسى بۇئەمەس ئىدى . مەن بۇ ماقالىنى يوللاش ئارقىلىق سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ۋە دادىسى تاشاخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئۇقۇمۇشلىق بىر ئائىلىسىنى شۇنداقلار بۇلارنىڭ شۇنداق دۆلەت ئەربابى كارخانىچى ۋە قول ھۈنەرۋەن تېخنىك بولىشىدا ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ شۇنداق ياشىغانلىقىنى ئىرسىيەتنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئائىلە نەسەبىنىڭ شۇنداق ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكچىمەن . قايسى كۈنى تاڭغۇتلارنىڭ بىر نەسەپ نامىسىنى يوللىسام تەستىقلىماپتۇ شۇنىڭدىمۇ بىز ئاللا قاچان يۇقاپ كەتتى دەپ قارايدىغان تاڭغۇتلارنىڭ ھىلىمۇ ماۋجۇتلىقى ئۇلارنىڭ نەسەپ نامىسى ئارقىلىق دەلىللەنگەن ئىدى.مەنچە بولغاندا بىز مۇشۇ تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلاتلىرى دېگەن كىچىككىنە بىر كىتاپ ئارقىلىق نۇرغۇن بوشلۇققا ھەم نۇرغۇن ئەنئەنىللىرىمىزگە ئىگە بولىمىز.

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

dfdvdvvddddddddvdvdvssdvdvfbfb

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 670
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8762
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 08:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:31]  [s:31]  [s:31]  [s:31]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2136
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8779
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 3448 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 09:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىمۇ بىلىپ قويغان ياخشى.............  لېكىن نەلىك ئىكەنلىگى بەكمۇ مۇھىم ئەمەسقۇ دەپ قارىدىم [s:20]

زىمىن ..... قارا ئەدەملىرىڭگە!!!!

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 09:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئائىلە نەسەبنامسى ئىكەنغۇ، ئۇيەرلىك، بۇيەرلىك دىمسەكمۇ بۇلار

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1678
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8640
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2010-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 10:00:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رەھمەتلىكنىڭ يۇرتىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى بىزگە نىسبەتەن بەكمۇ زۆرۈر بىلىم ئەمەس!!!مۇھىمى ئۇنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقى، خەلقىگە نېمىلەرنى قالدۇرغانلىقى....ئەگەر مەخسۇس تېما قويۇپ بايان قىلىش توغرا كەلسە شۇنى قىلغان دۇرۇسمىكىن!!!

ھەقىقەت سۇنىدۇكى، ئىگىلمەيدۇ........

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19148
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8360 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 10:10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي خاتا چۈشەنمەڭلار مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم ئۇنىڭ قەيەرلىكلىكى ئەمەس پەقەت بىز ئۇلارنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى شۇنداقلا نەسەبنامە ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى شارائىتتا ئەرىزنى ئاقتۇرالىغىنى ھەم بىزدىمۇ شۇنداق نەسەپ نامە بولسۇن دىمەكچى.

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-3 10:48:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىمى  ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن  ئىسىل دۇردانىلىرى

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش