مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 472|ئىنكاس: 2

ئىزگۈ تىلەكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12379
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1922 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-17 10:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇيغۇر بولۇپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچتىم،مانا بۇ بىر بۈيۈك ھەقىقەتنى مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزگەرتەلمەيمەن ، مىنىڭ تەقدىرىم ئەتراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش قەۋمنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش،ئۇلار مىنىڭ قىرىنداشلىرىم بولوپلا قالماستىن يەنە تەقدىرداشلىرىمدۇز. مىنىڭ قەدىر قىممىتىمۇ،ئىززىتىممۇ مانا شۇلار تەرپىدىن بولىدۇ،ئابدۇللا ئابدۇرىمنى،ئابدۇكىرىم ئابلىزنىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن مانا بىزلەر تونويمىز،ھۆرمەتلەيمىز.مەمتىلى ئەپەندى،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشۈكۈر موھەممەتئىمىن ھەم كەشپىياتچىمىز ئالىمجان قاتارلىقلارنىمۇ مانا مۇشۇ قەۋم،يەنى ئۇيغۇرلار قەدىرلەيدۇ،ھۆرمەتلەيدۇ،ياد ئىتىدۇ.مايكىل جىكسۇننى ئۆز مىللىتى يادى ئىتىدۇ.شۇڭا مەن ئۆز قىرىنداشلىرىم يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرنى سۆيۈش مىنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم ۋە مەجبۇرىيتىم،مەن ئۇيغۇرنى سۆيمەي بىر ھەقىقىي مۇسۇلمانمۇ بولالمايمەن،ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشماي تۇرۇپ ،ئۇلۇغ جۇڭگۇ يەنى ۋەتىنىمگىمۇ تۆھپە قوشالمايمەن،ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشقۇنۇم، ۋەتىنىمگە يەنى جۇڭگۇغا تۆھپە قوشقۇنۇم.شۇڭا ئەڭ ئالدى بىلەن مەن قانداق قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمەن دىگەننى ئويلىشىم كىرەك.
ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىپ بۇ ئەزىز مىللىتىمگە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمەن ؟مىنىڭ قىرىنداشلىرىم ئۈچۈن قولۇمدىن كىلىدىغان،ھەم تىرىشالايدىغانلىرىم زادى نىمە ؟

2006-يىلى 11-ئاي، ئۈرۈمچى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتاپخانىسى كەينى تەرەپتىكى ،سەرخۇش ئىنگىلىز تىلى تەربىيلەش مەركىزى ئىدى،مانا مەن بۇ ئوروندا زۇلپىقار بارات (ئۆزباش)نىڭ قولىدىن ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتاتتىم،(ئۇ كىشى ھازىر ئامرىكا ھاۋاي ئۈنۋىرسىتىتى جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ )
زۇلپىقار مۇئەللىم دەرىس سۆزلەۋاتىدۇ،مەن دەرىسكە دىققەت قىلغاچ ئالدىمدىكى بۇ بىلىملىك ھەم خىزىر سۈپەت ئادەمگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قاراپ خىيالغا كىتىپ باراتتىم،مۇئەللىم بىزگە ئىنگىلىزچە دەرس سۆزلەش بىلەنلا قالماي باشقا ئىجتىمائى بىلىملەرنىمۇ بىرەتتى،ئۇنىڭ ھەتتا دەرس سۆزلەۋاتقاندىكى يۈرۈش تۇرىشىدىن باشلاپ،تاماق يىگەندىكى ئولتۇرۇپ قوپوشلىرىن تارتىپ ھەر بىر ھەركىتى، ماڭا شۈنچە زور تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى ھەم ئالامچە ئىلھام بىرىۋاتاتتى.
مەنمۇ بىر ئۇيغۇر ھەم ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولغىنىم ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى بارلىق ئىشلار ماڭىمۇ ئايان ئىدى،تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنەتتىم.مانا مۇشۇ كۈنلەردە قانداق قىلغاندا بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ؟دىگەننى قايتا -قايتىلاپ ئويلىدىم.
قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسىنى پارلاق قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟ مۇشۇنداق قىلىش ئىمكانىيتى بارمۇ ؟بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىنىڭ قولۇمدىن كىلىدىغىنى،مىنىڭ قىلالايدىغىنىم زادى قانچىلىك ؟
مانا بۇ سۇئاللار ماڭا زادى ئارام بەرمەيتتى،مەن قولۇمدىن كىلىشچە بۇ جەھەتتە خىيالەن جاۋاپقا ئىرىشتىم.
بۇ خىيالى جاۋاپلىرىم تۆۋەندىكىچە :

1.تىرىشىپ ھازىر مەن ئوقوۋاتقىنىمغا ئوخشاش بىر تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇش.پۇلى بار بايلار،ئارمان ۋە ئىخلاس شىركىتىگە ئوخشاش شىركەتلەر، ساۋەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ تاماق ياتاق چىقىمىنى ھەقسز قىلىش،ئوقوش ئىمكانىيتىگە ئىرىشەلمىگەن ئوقوغۇچىلار،چەت ياقا، تاغلىق يۇرتىتىكى نۇرغۇن سەبىي تىرىشچان ئوقوش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەنلەر،ھەم ئوقوشنى خالايدىغان،ئوقوش ئارزۇسى بار بارلىق ئوقوغۇچىلارنى،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىكار يۈرىۋاتقان،ئوقوشنى خالايدىغانلارنى قوبۇل قىلىش،چوقوم خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىزتىلىدىن مۇنتىزىم تەربىيلەش،يىرىم ھەربىي ھالەتتە باشقۇرۇش،ئالىي مەكتەپتىكى ئىختىساد دوكتورلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئختىسادى ئۇقۇملارنى تولۇق ، ئابدۇقادىر جالالىدىن،يالقۇن روزى ۋە باشقا يازغۇچى،كارخانىچىلارنى لىكسىيەگە تەكلىپ قىلىپ ئوقوغۇچىلارنى ئىھاملاندۇرۇش،رىغبەتلەندۈرۈش.

2.تەربىيلەش مەركىزىنىڭ چوقوم بىر كۈتۈپخانىسى بولۇش،ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تاللاپ ھەر بىر ئوقوغۇچىغا چوقوم ئوقوتۇش،شۇ كىتاپتىن سۇئال چىقىرىپ ئىمتاھان ئىلىش،ھەم بەزى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى دەرسلىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ مەخسۇس ئۆتۈش،ھەم سىنىپتا مۇشۇ ئەسەر مەزمۇنىنى مۇنازىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش،ئوقوغۇچىلارنى مۇشۇ ھەر بىر كىتاپتىن ئىلمىي ماقالە يازدۇرۇش.

3.بۇ ئوقوغۇچىلاردىن مەلۇم نىسبەتتە ئوقۇش ھەققى ئىلىش،ئەمما شارائىتى يار بەرمىگەن تىرىشچان ئوقۇغۇچىلارغا چوقوم پۇرسەت بىرىش.ھەم يىغىلغان پۇل بىلەن شەرتى توشىدىغان،تىل ئۆتكىلىنى ياخشى ھازىرلىغان،ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ئوقوغۇچىلارنى تاللاپ چەتئەلگە ئوقۇشقا يولغا سىلىش.ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مۇشۇنداق سەرخىل ئوقوغۇچىلاردىن 300 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، مەكتەپتە يىغىلغان پۇل،ۋە شۇ كارخانىچىلار ۋە ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ياپۇنىيە،گىرمانىيە،ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىلىكتىر ئىنجىنىرلىق،ماشىناسازلىق،كومپىيوتىر كەسپلىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىش(ئەلۋەتتە ئۇلار تىل ئۆتكىلىدىن ۋە باشقا جەھەتتىن مەكـەپتە تولوق يىتىشىپ چىققان،تاللانغان سەرخىل ئوقوغۇچىلار بولىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىنى بىراقلا يولغا سىلىش ئەمەس بۆلۈپ بولسىمۇ نەچچە يىلدا تەخمىنەن شۈنچىلىك ئوقوغۇچىلارنى سىرتقا چىقىرىپ ئوقوتۇش )

4.شۇ بىر نەرسە ئەقىلگە ئۇيغۇنكى،ئەگەر شۇ ئوقوغۇچىلار ئوقوش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇشۇ ساھەدىكى سەرخىل بىر توپ قوشۇنغا ئايلىنىدۇ.ئۇلار ئارقىلىق مەكتەپتە يەنە مۇشۇ ساھەدىن ئوقوغۇچى تەربىيلەپ،بۇ ساھەدىن ئامال قىلىپ كارخانا قۇرۇش،مەسىلەن:ماشىناسازلىقتا تەخمىنەن 100 ئوقوغۇچى ئوقۇدى دىسەك،ئۇلار يەنە تەربىيلەش مەركىزىدىن شۇ دائىرىدىن ئوقوغۇچى تەربىيلىسە ئۇلار تىخىمۇ كۆپىيىدۇ،ئاندىن ئۇلار ماشىنىسازلىق شىركىتىدىن بىرنى قۇرسا ئۇيغۇرلار ئۆزى ياسىغان ماشىنلارغا ئولتۇرالايدۇ،ئۇ ۋاقىتتا پاساتقا ئولتورماستىن، ئۇيغۇر ماركىسىدىكى ئۆزى ياسىغان ئازاد ماركىلىق ماشىنىلارغا ئولتۇرالايدۇ.
ئىلكتىر ئىنجىنىرلىقتا تەخمىنەن 100 ئوقوغۇچى ئوقودى دىسەك ئۇلار يەنە مەكتەپتىن مۇشۇ ساھەدىن ئۆزى تەربىيلىسە،ھەم ئۇلارمۇ شىركەت قۇرۇپ ئۇيغۇر ماركىسىدىكى كومپىيوتىر،تىلىفۇن ۋە باشقا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ياسىسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بوشلوقى تولدۇرۇلۇپلا قالماستىن،ھازىرقى لىيەنشىيەن كومپىيوتىرنى ئىشلەتمەستىن،ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان كۆك ئاسمان،جاھان بۇلاق ماركىسىدىكى ئۇيغۇرچە كومپىيوتىرلارنى ئىشلىتەلەيدۇ،ئالما كومپىيوتىرى ئىشلەتمەستىن، چالما دەپ ماركا قويۇپ بولسىمۇ ئۆزىمىز ياسىغان كومپىيوتىرلارنى ،ۋە ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتەلەيمىز.

5.ئەمدى يۇقارقى ساھەدىن ئىشىپ قالغان يەنە بىر بۆلۈك ئوقوغۇچىلار قانداق قىلىدۇ ؟ئالدىرىماڭ ئۇلارغىمۇ قىلىدىغانغا ئىش تىخى جىق،يەنى بۇ ئوقوغۇچىلار تەربىيلەش مەكتىپىمىزدە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن خەنزۇتىلى ۋە ئىنگىلىزتىلى قاتارلىق تىللارنى پۇختا ئىگەللىگەن،ھەر قايسى جەھەتتى پۇختا ئاساس سالغان ئوقوغۇچىلار بولغاچقا ئۇلارنى تەشكىللەپ ساياھەت يىتەكچىلىك، تەرجىمانلىق قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇرۇشقا تامامەن بولىدۇ ئەمەسمۇ،ئۇلاردىن پايدىلىنىپ بىر تەرجىمانلىق مەركىزى قۇرساق،ئۇلار باشقا تىلدىكى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلسا،مومكىن بولسا ئۆز ئالدىمىزغا نەشىرىيات قۇرساق،يۇرت يۇرتلارغىچە زەنجىرسىمان كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلارنى قۇرساق،بۇ ھەم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ساپاسىنى،مەدەنىيەت سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىر كۆۋرۈك بولالايدۇ،ۋاھ ...ماشىنىسازلىق ۋە باشقا قۇرغان شىركەتلەر،نەشىرىيات،كىتاپخانىلاردىن قانچىلىك پۇل يىغىلار ...يەنە بۇ پۇللارنى يەنە شۇنداق ئوقوغۇچىلارنى تەربىيلەش،قىممەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلساق،

6.يەنە مۇشۇئوقوغۇچىلار ئىچىدىن يازغۇچىلار قوشۇنى تەشكىللەپ،بىر ئادەم يازماي ھەممەيلەن بىرلىشىپ يىزىش،يەنى ھەر بىر سۆز ئىشلىتىش ،جۈملىلەرنى ئىپادىلەشتىن تارتىپ باشتىن -ئاخىر كۆپچىلىك ئورتاق ئىزدىنىپ،ئورتاق تەپەككۇر قىلىپ قىلىپ يازسا قانچىلىك قىممەتلىك نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كىلەر،دۇنياۋى نوبىل مۇكاپاتلىرىغىمۇ ئىرىشىپ قىلىشى مۇمكىن تىخى.
سىزبەلكىم بۇ مۇمكىنمۇ دىيىشىڭىز مومكىن،مانا بۇ تامامەن مۇمكىنغۇ.سىز بەلكىم شۇنداق بىر قوشوننى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن بارلىققا كەلتۈرۈشكە بەلكىم گۇمان بىلەن قارايدىغانسىز،ئەمما سىزگە بىر گەپنى دەي،سۇغا كىرسە يۆل بولماي چىقىدۇ دىگەنگە سىز ئىشىنەمسىز،ئەلۋەتتە ئىشەنمەيسىز،بولمىسا كۆلچەكتىكى سۇغا چۈشۈپ بىقىڭ يۆل بولامسىز بولمامسىز .شۇڭا ئەگەر مەن بىر ئالىم قىلغان ئىشلارنى قىلسام،ھەم شۇنىڭ ئىزىدىن بىسىپ ماڭسام مەنمۇ شۇ ئالىمدەك بولالايمەن،سەۋەب بولغان ئىكەن ھامان بىر نەتىجە بولىدۇ،نەتىجە بولغان ئىكەن ئۇنىڭ ھامان بىر سەۋەبى بولىدۇ .شۇڭا يۇقارقىدەك سەرخىل قوشۇننى بارلىققا كەلتۈرۈش تامامەن مۇمكىن.ھەم شۇ ئارقىلىق پۈتۈن بىر ئۇيغۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇش پارلاق كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەم تامامەن مۇمكىن.،مەن 23 ياشقا كىردىم،مىنىڭ بۇ خىياللىرىم،بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى ئويلىغان خىياللىرىمدۇر،ئەمدى مەندىن باشقىمۇ نۇرغۇنلىغان،10مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىچىدىن بۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىك ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن پىلانلارنى سوقۋاتقانلار،ھەم بۇ جەھەتتە ئاللا بۇرۇن شۇ قىممەتلىك قەدەمنى بىسىپ بولغانلارنى يوق دىيەلەمسىز ؟ ياق ،بىزنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىز ۋە نۇرغۇنلىغان داڭدار شەخىسلىرىمىز بار ئۇلار بۇنىڭدىنمۇ ئىشەنچىلىك پىلانلارنى ئويلايدۇ ئەمەسمۇ .شۇڭا بىز ھامان ئۇ پارلاق كەلگۈسىمىزنى كۆرەلەيمىز ئىنشائاللا.مەن دەيمەن ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.شۇڭا مەن ئۆزۈم ۋە قىرىنداشلىرىم يەنى پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ پارلاق كەلگۈسىدىن چەكسىز ئۈمىدۋارمەن.
بىز ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك چىرايلىرىمىز سارغايغان،كۆزلىرىمىز نۇرسىز،قەدەملىرىمىز ئىگىلگەن،ئەتراپىمىز بۇزۇقچىلىق بىلەن تولغان بۇنداق كىشىلەر ئەمەسمىز،بىز خان ئەۋلاتلىرى ئۇيغۇر بىز،بىزنىڭ قىنىمىزدا ھەقىقى ساپ،بۈيۈك ئۇيغۇرنىڭ قىنى ئاقىدۇ،بىز ئۆزىمىزنى سۆيمەي ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنى سۆيىشىمىز ، تۆھپە قوشالىشىمىز مۇمكىنمۇ،بىزمۇ ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئىلىنىڭ پۇخرالىرى،بىزنىڭمۇ ۋەتەننىڭ بۇ ئەزىز تۇپرىقىغا بولغان قەرزىمىزنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار،
ئاخىرىدا شۇنداق بىر گەپنى قوشوپ قويغۇم بار ،مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلامدا ئەگەر بىر ئىنساننىڭ شۇنداق بىر ياخشى نىيىتى بولسا،ئۇ بۇ دۇنيادا ئەمەلگە ئاشمىغان تەقدىردىمۇ ئاللا شۇ ياخشى ئىشنىڭ ئەجرىنى كىمەيتىۋەتمەي بىرىدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغان مەن،شۇڭا بۇ ئارزۇلىرىمنىڭ ئىنشائاللا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،شۇنداق بولمىغاندىمۇ،ئاللا ئىگىمىز ماڭا بۇ نىيتىنىڭ ئەجرىنى بىرىدۇ،چۈنكى مەن ئاللاغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن.
بەلكىم سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق خىياللىرىڭىز باردۇ،قىنى ئوتتورغا قويۇڭ،ھەممەيلەن ئەقلىمىزنى جەملەيلى.
مەنبە:ئۆز يازمام

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

ياسىنجان(سىرلىق)

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 3828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91744
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 5954 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:46:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپقالدىكەن............. تىخمۇ  تىرشىڭ  دوستۇم.

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12657
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8044
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2011-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 10:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئاسايىشلىق .... قولايلىق بەرسۇن......

مەن سۆيگۈنىڭ قۇلى... مىھرى- مۇھەببەتنىڭ قۇربانى.... ھۆرلۈكنىڭ جارچىسى......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش