مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5157|ئىنكاس: 53

غەرپنىڭ زەربىسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلادىنىڭ 632- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغانىدى.ئۇنىڭ ۋارىسلىرى مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلپ، سىرىتقا تەرەققى قىلىپ، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئەرەپلەر ئىسلام بايرىقى ئاستىدا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە ھالقىغان بۈيۈك ئىمپىرىيىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ زىمىنى غەرپتە ئاتلانتىك ئوكياندىن باشلىنىپ، شىمالى ئافرىقىدىكى مەغرىپ رايۇنىنى ۋە ياۋروپادىكى ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پۈتكۈل غەربى- جەنۇبى ئاسىيادىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننىڭ غەربى قىسىمى ۋە جوڭگۇنىڭ چېگرىسىغا يەتتى. ئسلام دىنى تېز سۈرئەتتە كەڭ ئومۇملىشىپ، نۇرغۇن مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، ئېتىقاتقىلىدىغان مىللەتلەر ۋە ئادەم سانى خرىستىيان دىنىدىن قالسىلا ئىكىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دىن بولۇپ قالدى.
ئىلام دىنىنىڭ تارقىلىشى توغىرىسىدا غەرىپلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ: غەرىپتىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىسلام دىنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق تارقىتىلغان،ئۇلار: "مۇھەممەد بىر قولىغا <قۇرئانى كەرم> نى، بىر قولىغا قىلىچىنى ئېلىپ، خىرىستىيان ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خارابىلىقىدا ئۆزىنىڭ خانلىق ئورنىنى تىكلىگەن" دەيدۇ(ئىدوۋارد. گېببون:"رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇش تارىخى"). ۋاھالەنكى، مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنى باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ، "قۇرئانى كەرىمدە " دىندا زورلاش يوق" دەپ ئېنىق بەلگۈلەنگەن. ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن مىللەتلەر باج تاپشۇرسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى دىنلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا يول قويۇلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنى نۇرغۇن مىللەتلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئەرەپ قوشۇنى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە جوڭگۇغا كىرىپ باقمىغان، لېكىن، بۇ يەرلەردە نۇرغۇن مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قلىدى، ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى مىسال قىلىدۇ: ئوتتۇرا ئەسىردە تۈرك ۋە موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانى ئىستىلا قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار ھېچقانداق بېسىم بولمىغان ئەھۋالدا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. مانا بۇلار ئىسلام دىنىنىڭ غايەت زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
9- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئىسلام دىنى تەرەققى قىلىپ، ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە يەتتى. پەلسپە، ئەدەبىيات، مېدىتسىنا، مىمارچىلىق، سەنئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىسلام مەدەنىيىتى تەرەققىياتى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئوتۇرا ئسىردىكى ياۋروپا ۋە دۇنيا مەدەنىيتىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى.
ۋاھالەنكى، 13- ئەسىردىن كېيىن "ئىسلام دۇنياسى سىياسى ۋە ئىدىيە جەھەتتە توختاپ قېلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى". 11- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان جەرياندا خىرىستىيانلار ئىسلام دۇنياسىغا 200 يىلدىن ئارتۇق "ئەھلى سەلەپنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشى" نى داۋاملاشتۇردى. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنلىرى "غەرىپكە يۈرۈش" نى باشلىدى. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيا چىڭگىزخاننىڭ تاپىنى ئاستىدا  قالدى. گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتى ناھايتى ئېغىر ۋەيران ىقلىۋېتىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ تېز تەرققى قىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدى. 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ سننى مەزھىبىدىكى تۈركلەر قۇرغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى، شىئە مەزھىبىدىكى ئىرانلىقلار قۇرغان سافاۋىيە سۇلالىسى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى قۇغان موغۇل ئىمپىرىيىسىدىن كېيىن، بىر مەھەل ئاجىزلاشقان ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن گۈللنىشكە ۋە كۈچىيىشكە باشلىدى. لېكىن، بۇ گۈللىنىش ئۇزاققا بارمىدى. 18- ئەسىردە ياۋروپا سانائەت ئىنىقىلاۋىدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى كۈچلۈك سىياسى ۋە ھەربى كۈچىگە تايىنىپ، سىرىتقا قارىتا مۇستەملىكچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى باشلىدى، شەرق بىلەن غەرىپ ئارىسىدىكى ئىسلام دۇنياسى جاھانگىر دۆلەتلەر ئالدى بىلەن تاجاۋۇز قىلدىغان نىشانى بولۇپ قالدى، ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دىۋەيلەپ كەلگەن ھۇجۇمى ئاستىدا ئارقىدا قالغان ئىسلام دۇنياسى پۈتۈنلەي پاسسىپلىق بىلەن زەربە يەدىغان مۇداپىيە ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. 1798- يىلى ناپالېئون قوماندانلىق قىلغان فىرانسىيە قوشۇنى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە پورتىدا قۇرۇلۇقققا چىقتى. بۇ ھال ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك خاراپلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى غەرپ جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ياۋروپالىقلار ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئىگىسى بولۇۋالدى. ئۇلار زىمىننى سۈنئى يوللار بىلەن بۆلۈپ ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان زىمىنلارغا قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيد خەرىتىسىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان ئىراق، لىۋىيە، لىۋان، پەلەستىن، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەر پەيدا بولدى. ياۋروپا مۇستەلىكىچىلىرى بۇ دۆلەت ريۇنالرنى ئادەم كۈچى ۋە بايلىق جەھەتتە تالان- تاراج قىلغاندىن باشقا ئىدىيە ۋە مەسەنىيەت جەھەتتىمۇ كۈچەپ تاجاۋۇز قىلدى، گوللاندىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندونوزىيە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان، مىسىردىن تارتىپ، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالى ئافرىقا قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سىياسى- ئىقتىسادى جەھەتتىكى مۇستەققىلىقىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى نام- شۆھراەتلىرىدىنمۇ ئايرىىلپ قالدى.
مۇستەملىكىچىلەر ئىسلام دىنىنى بىر خىل "ياۋۇز ۋە نادان دىن" دەپ ئاتىدى. ئۇلار نۇرغۇن خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنى ئوتتۇا شەرق، شەرقى- جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللنىشقا ئەۋەتتى، مىسسىئونېرلار  مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، شۇ جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ، خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەلۋەتتە، شانلىق تارىخقا ۋە كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىسلام دىنى يامان ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا تەن بەرمىدى، ئىسلام دىنىنىڭ قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئىسلام بايرىقى ئاستىدا، غەرپ جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلدى. مەسىلەن، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ۋاھابىيلار ھەركىتى، پېرسىيەدىكى بابىيە مۇخلىسلىرى ھەركىتى، سۇداندىكى مەھدى ھەركىتى، ئافغانىستاننىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى كۆرىشى ۋە تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇل ھەمىد 2 تەشەببۇس قىلغان پانئىسلامىزىم ھەركىتى شۇ جۈملىدىندۇر. لېكىن، بۇ پائالىيەتلەر يا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى ياكى، مەلۇم رايۇن بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، ئىسلام دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلمىدى. خۇددى پاكىستانلىق مەشھۇر مۇسۇلمان تارخشۇناس سەئىد فەيياز مەھمۇد ئېيتقاندەك:"19- ئەسىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇ دەۋرى بولدى، بۇ مەزگىلدە ئىسلام دۆلەتلىرى تارمار بولۇشقا باشلىدى، غەرپ بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆرەشلىرىدە غەرپ ھەممىسىدە دىگۈدەك غەلبە قىلىپ ئاخىرلاشتى".
مەنبە غەربى جەنۇپ ئۇنۋېرستىتى پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندىنىڭ "خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" ناملىق كىتاۋى.
داۋامى بار، ئىنكاس شەكلىدە يەنە يازىمەن.

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:15:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەك ياخشى كىتاپ ، ئەجرىڭىزگە كەلسۇن.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ھەق گەپ ئاچچىق ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25659
تۆھپە نۇمۇرى: 2844
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندىمۇ بىرى بار بۇ كىتاپتىن.

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر !!!  ئىناقلىق ، ئۆملۈك يوقۇلىدىكەن  شۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بۇلىدۇ  !!! بۇنى تا  بۈگۈنگىچە كۆرۈۋاتىمىز  !!!

    بۇرۇن بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن ، ئۇ  خوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپتۇ ، بىر مەملىكەتكە ھۇجۇم قىلماق بۇلۇپ بىر دانىشمىنىنى ئەۋەتىپتۇ ، ئۇ مەملىكەتنى كۆرۈپ كەلگىن ، كۈچىمىز يىتەمدىكىن دەپ .
   دانىشمەن ئۇ يۇرتقا بېرىپتۇ ، يولدا قارىسا كىچىك - كىچىك بالىلار تاياق -توقمالارنى نەيزە- قېلىچ قىلىپ ئويناۋاتقۇدەك ، ھەركەتلىرى ناھايىتى چەبدەس ، ئويلاپ قاپتۇ : بۇ ئۇششاق بالىلار  ئۇرۇشقا بۇنداق يامان بولسا چوڭلىرىغا تەڭ كىلىش مۇمكىن ئەمەسمۇ قانداق دەپ غەم قىلىپ قاپتۇ ، ئۇ يەنىلا شەھەرگە كىرىپ تەپسىلىي كۆزەتمەك بۇلۇپتۇ ، يولدا يەنە نەچچە بالىنىڭ ئويناپ كىتىۋاتقىنىنى ، بىر ھارۋا كەلگەندە بىرى ئېسىلىۋاپتۇ  ، يەنەبىرى بۇيى يەتمەي چىقالماي ئاخىرى ھارۋىنىڭ ئىگىسىگە ھارۋىغا بىرى ئېسىلىۋالدى دەپ  قۇيۇپتۇ ، ھارۋىنىڭ ئىگىسى ئېسىلىۋالغان بالىنى قامچا بىلەن ئۇرۇپتۇ ، دانىشمەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران بۇلۇپتۇ ، بۇلار ئەسلى بالىلىرىنى شۇنداق تەربىيلەيدىكەن ،  ئادەملىرى ئىناقسىز ،چېقىمچى ئوخشايدۇ . دەپ ئويلاپتۇ ، كۆزۈتۈشلىرىنى تۈگۈتۈپ  پادىشاھنىڭ ئالدىغا قايتىپتۇ ۋە بولغان ئەھۋاللارنى دەپ ئۇلارنى يېڭىش  ئىشەنچىسىنى ئېيتىپتۇ ، دەرۋەقە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇ مەملىكەتنى قولغا كىرگۈزۈپتۇ ....
   
  ئىسلام دۇنياسى قۇناق دېنىدەك چېچىلغان  ھالاتتە  ، ئۇلارنى تۈگمەندە ئۇن قىلىپ خېمىر قىلماق زۆرۆر !!!   ئىسلام دۇنياسىدەك ئاھالىسى كۆپ تارقىلىشى كەڭ  قەۋم  يوق دىيەرلىك ....

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئاللاھ ھەبىر بەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9371
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8263
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 916 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2011-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە!مەن كۆرۇپ باقماپىتىمىكەن.بىلىۋالدىم.داۋامىنى تىزراق يوللاڭ!داۋامىغا تەشنامىز! [s:47]  [s:79]  [s:79]  [s:79]

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116824
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12831 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم، تارىخ ئىكەن. داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز.


سەمىمىيەتسىزلەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12688
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9328
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:45:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىپ ، بوزەك قىلىنىۋاتقىنىغا خېلى بولدى . مىسالەن ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئەرەبلەر جان سانى ، تېرىتورىىيىسى جەھەتتە تولۇما كىچىك بولغان ئىسرائىليەگە تەڭ كېلەلمەي پاتاپاراق بولۇشۇپ يۈرمەكتە ..........
بۇنۇڭدىنمۇ ئارتۇق ئىسپات بارمۇ ئەندى ، ئاجىزلىشىشتا مۇقەرەركى سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بار .

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:47:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى ،.ئاخىرى ؟ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ماتىرىياللار ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12699
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9720
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:47:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز

ئەر  بولساڭ ئەل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11315
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11825
تۆھپە نۇمۇرى: 693
توردا: 4372 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-18 02:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (karluq01) نىڭ يازمىسىغا

تۇلۇق    يازسىڭزچۇل.،...................................

يىگىت  بولساڭ يىگتتەك  ياشا !!!!!!!!!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش