http://bbs.alkuyi.com/read.php?tid=7842
1912-يىلى گىرىتسىيە-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى ئىستانبول ۋە باشقا شەھەرلەرنى بېسىۋالىدۇ.ئاندىن داۋاملىق ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن تۈركىيەنى مۇنقەرىز قىلىش خەۋپىگە دوچار قىلىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا مۇستاپا كامال ئارمىيەنى قايتىدىن تەشكىللەپ تاجاۋۇزچىلار بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىدۇ.
بىر يامغۇرلۇق كۈنى مۇستاپا كامال مۇھاپىزەتچى قىسىملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،ئالدىنقى سەپنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كىتىپ بارغاندا،يولدا بىر كالا ھارۋىسىنى يىتىلەپ كىتىپ بارغان بىر ئايالغا ئۇچراپ قالىدۇ. ئايالنىڭ قۇچىقىدىكى كىچىك بالا شىددەتلىك يامغۇرنىڭ دەستىدىن قاتتىق يىغلاۋاتاتتى،لېكىن ھېلىقى ئايال يىغلاۋاتقان بالىسى بىلەن ئانچىكى كارى بولماي،ھارۋىنى ئەدىيال بىلەن يۆگەپ ،قولىدىكى قامچىسى بىلەن كالىنى تىزرەك مېڭىشقا ئۈندەۋاتاتتى.بۇنى كۈرۈپ مۇستاپا كامال ھېلىقى ئايالدىن سورايدۇ:
- ھەي ئايال،ھارۋىدىكى نىمە؟
- قورال-ياراغ.
- نەگە ئېلىپ ماڭدىڭ؟
- ئالدىنقى سەپكە.
- ھارۋىنى نىمىشقا ئېرىڭ ھەيدىمىدى؟
- ئېرىم ئۇرۇشتا ئۈلۈپ كەتتى.
- بالا ھۆل بولۇپ كىتىپتۇ،ئەدىيال بىلەن بالىنى يۆگىۋېلىشىڭ كېرەك ئىدى!
- شۇنداق،بالامنى يۆگىۋالسام ياخشى بۇلاتتى، - دەيدۇ ھېلىقى ئايال مۇستاپا كامالغا مەردانىلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ،- لېكىن ھارۋىدىكى قۇرال-ياراغلار ھۆل بولۇپ كەتسە ۋەتەن مۇنقەرىز بولىدۇ.بالام ئۆلۈپ كەتسە يەنىلا بالا توغالايمەن،لېكىن ۋەتەننى قايتا توغالمايمەن!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان مۇستاپا كامال ئاتتىن سەكرەپ چۈشىدۇ- دە ئۈستىدىكى يامغۇرلۇقنى سېلىپ ئايالنىڭ قۇچىغىدىكى بالىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئاندىن ھېلىقى ئايالغا قاراپ:
- ساڭا ئوخشاش ئۇلۇغ ئانىلار بولىدىكەن ، تۈرك ۋەتىنى ھەرگىزمۇ مۇنقەرىز بولمايدۇ،-دەيدۇ.