مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4550|ئىنكاس: 68

دىيارىمىزدا مۇنداقمۇ بىر يۇرت بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7086
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8367
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 1668 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قەشقەرگە بىرىپ ئويناپ كىلىش مەقسىتىدە بىر دۇستۇم بىلەن پويىزدا يولغا چىقتىم .(ئاران تەستە ) پويىزدا ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۆزۈمنىڭ پىچانلىق ئىكەنلىكىمنى ئىيتسام بۇنداق ئىسىمنى ئاڭاپ باقمىغانلىقىنى ئىيتىشتى، توۋا دەپ ھەيران قالدىم .
   قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن بىر نەچچە تاكسى شوپۇرى گىپىمىزدىن يەرلىك ئەمەسلىكىمىزنى ئۇقۇپ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى سورىدى، بىز پىچاندىن كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتساق ،پىچان دىگەن قەيەر ؟ شىنجاڭنىڭ نەرىدە دەپ سوراپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم كىلىپ يۇرتغا بارغاندىن كىيىن ،پىچاننى تۇنۇشتۇرۇپ بىرەر پارچە ئەسەر يىزىش خىيالىغا كىلىپ قالدىم. بۈگۈن قارىسام قىلغۇدەك كۆپمۇ ئىش يوق ئىكەن ، شۇڭا بۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى

        پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى  250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  38  مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا  5 بازار،  5 يېزا،  81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى  1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  187 مىڭ  100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  67.63% نى، خەنزۇلار  27.24% نى، باشقا مىللەتلەر  5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.   پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ  5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ  36  - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى  7.8%  نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6  دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى  263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ.   بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  14 مىڭ  300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  5300 گېكتار (79 مىڭ  500 مو) ئورمان،  312 مىڭ گېكتار (4 مىليون  680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  30 مىڭ گېكتار (450  مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.   بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:33:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىمالدىكى ناھىيەلەرنى بىلمەيدىغانلار قەشقەردە يەنىلا كۆپ . جۈملىدىن بەزى كىشىلەر قەشقەرنىڭ 12 ناھىيەسىنىمۇ تولۇق ساناپ چىقالمايدۇ .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:36:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاننى مەن بىلىمەن،بىراق بىلمەيدىغانلارمۇ بارئىكەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
Tair بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:41:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

سۈكۈتنىڭ ئاچچىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1849
يازما سانى: 2221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7869
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 2933 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پىچانغا ئىككى قېتىم ساياھەتكە بارغان ... مەنمۇ  ئوقۇۋاتقان چېغىمدا  ئۆزۈمنى مايتاغدىن دىسەم ھەممىسى ھەيران قالغان ...نە ئۇ دەپ  [s:60]

ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ، ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا. يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!! بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئاپام پىچانلىق،دادام مورىلىق، مۇنبەرداشلار بەلكىم مورى دەپمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بولغىيتى!

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاننى مەنمۇ بىلىمەن.......... كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىشى مۇمكىن................

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 09:59:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامال بار ئانا ماكانمىز بولغان شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىنىڭ ئىسمىنى بىلىشىمىز زورۇر....

ئاتا-ئانا رازا، اللا رازى....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9880
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8358
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Azizan كە 2010-10-19 09:33 PMئەۋەتىلدى :
شىمالدىكى ناھىيەلەرنى بىلمەيدىغانلار قەشقەردە يەنىلا كۆپ . جۈملىدىن بەزى كىشىلەر قەشقەرنىڭ 12 ناھىيەسىنىمۇ تولۇق ساناپ چىقالمايدۇ .

ماڭقايلىسا ھاجىم قەشقەرلىلەرنى ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ دىمەكچىما؟؟؟؟سىلىدىن سوراپ باقاي سىلى نەدىن؟؟؟

ئسىلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئىسىل ،ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسلغا ئېسىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2123
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8674
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:06:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاڭلىغان لىكىن بىرىپ باقمىغان  ،ئاللاھ خالىسا بىر بامىسام

ۋاقىت ئالتۇندن قىممەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش