مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ouqi84

دىيارىمىزدا مۇنداقمۇ بىر يۇرت بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

~`ئانا  رازى   ﷲ 

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12126
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9597
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بارغان    پىچان  قوم  باققا       بەك چىرايلىق  جۇمو [s:79]  [s:79]

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ  ..

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:12:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى  250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  38  مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا  5 بازار،  5 يېزا،  81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى  1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  187 مىڭ  100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  67.63% نى، خەنزۇلار  27.24% نى، باشقا مىللەتلەر  5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ.   پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ  5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ  36  - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.  1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى  7.8%  نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6  دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا  30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت،  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا  4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى  263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ.   بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر  14 مىڭ  300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  5300 گېكتار (79 مىڭ  500 مو) ئورمان،  312 مىڭ گېكتار (4 مىليون  680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  30 مىڭ گېكتار (450  مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار.   پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.   بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يەتتە قىز مازىرى، تويۇق مىڭ ئۆيى، پىچان دۆڭ بازىرى چوڭ مەسچىتى قاتارلىقلار بار.

http://www.piqanedu.com/matiryal ... /2010/0521/125.html

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17804
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 4574 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيارىمىزدا تۇرۇپ  ئۆزىمىزنىڭ  يۇرۇتلىمىزنى  بىلمەي يۈرسەك  بولمايدۇ ، لىكىن بىلمىگەنلەردە ئەيىپ يوق  مۇشۇنداق تەشۋىق قىلساق ،چۈشەندۈرسەك  باشقىلارمۇ بىلىپ قالىدۇ . پىچان دېسە  ئىچكىردىكى سودىگەرلەر بەك ئۇقامدىكەن دەيمە.
  پىچان مېھرى ئىسسىق بىر گۈزەل  ئاتەش ماكان  پىچان ئەدىبلىرنىڭ <قۇمتاغ چاشقۇلىرى > دېگەن شېئىرلار توپلىمى باتتى مەندە ، ماڭا بىر  دوستۇم سوۋغا قىلغان  شۇ كىتاب تىكى   ئۆزۈم ياقتۇرغان تېمىلارنى اللە خالىسا مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام بولغۇدەك . ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچان خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى قانقىل قەبىلىسى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاستانە ئايمىقىنىڭ لۈكچۈن ۋە پىچان ناھىيىسىگە تەۋە بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر ؟خانلىقىغا قاراشلىق بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە رۇقچاققا قاراپ، يۈز بېشى مەمۇرىي ئەمەلدارى دارۇغاچنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى لۈكچۈن دەپ ئۆزگەرتىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭ جىڭ 5 - يىلى (1727 - يىلى) پىچان بازىرى قۇرۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) پىچان خان ئامبىلى قويۇلغان. چىچەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) پىچان تەپتىش بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 28 - يىلكى (1902 - يىلى) ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى شەنشەنگە ئۆزگەتىلگەن ۋە تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دوتەي مەھكىمىسىگە، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋالىي مەھكىمىسىگە، ئاپتونوم رايون ھاۋالە قىلغان تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىگە ۋە قۇمۇل ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان.

جۇغراپىيە
پىچان ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي بۆلىكى، بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى قۇمۇل شەھىرىگە، غەربىيى تۇرپان شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسىگە، لوپنۇر ناھىيىسىگە، شىمالىي تەرىپى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن گۇچۇڭ ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 190 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلىقى 250 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 38 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 5 بازار، 5 يېزا، 81 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە تۇرپان - قۇمۇل نېفىتلىكىنى قېردىرىپ تەكشۈرۈش - ئېچىش قوماندانلىق شىتابى، گېئولوگىيە - قېزىلما بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى 1 - گېئولوگىيە ئەترىتى، شىنجاڭ قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە تەتقىقات ئورنى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 277 كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 187 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 67.63% نى، خەنزۇلار 27.24% نى، باشقا مىللەتلەر 5.13% نى تەشكىل قىلىدۇ. 1975 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتىگە قارىغان. يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شەرق،جەنۇب، شىمال تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بۇغدا تېغى ناھىيە تەۋەسىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. تاغ يېرى 7.8% نى، تۈزلەڭلىك 8.1% نى، قۇم - چۆل 84.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تەڭرى تېغى ۋە يالقۇنتاغدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسىدا 6 دەريا بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 238 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 480 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ياۋا تۆگە، سايگاڭ بۆكۈنى، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قانتېپەر، سوغىگۈل، چاكاندا قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، ماگنىي، بېنتونىت، ناترىيىلىق سېلىترا، گىلائۇبېر تۇزى، مەرمەر تاش، كرىستال قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسى ئىسسىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 44.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 126.5 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 3112.4 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرا 4518.1℃، قىروسىز مەزگىلى 263 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 25.2 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2727.0 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ناھىيە ئىقتىسادىي زىرائەتنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 14 مىڭ 300 گېكتار (215 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 5300 گېكتار (79 مىڭ 500 مو) ئورمان، 312 مىڭ گېكتار (4 مىليون 680 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە 30 مىڭ گېكتار (450 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 3300 گېكتار (50 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. ئىقتىسادىي زىرائەتتىن كېۋەز، ئۈزۈم، قوغۇننى ئاساس قىلىدۇ. قوغۇن ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قۇناق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن قېزىلماي بايلىق قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئانئورگانىك تۇز - خىمىيە سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كۆمۈر، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلار بار. پىچان ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى ، لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ تۇتىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىك كابىلى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. 3600 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكىتىمىز بىلەن تورلاشتۇرۇلغان. كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىمەكتە.

http://ug.wikipedia.org/wiki/Pichan_nahiyisi

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

يىگىت قەسەم ئىچم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9548
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13697
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 522 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلاردىن ئاغرىنماڭ دوستۇم...مەنمۇ بۇرۇن پەقەت كىتاپلاردىنلا پىچان دىگەن يەر نامىنى كۆرگەن..كىيىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن بۇجايغا بىرىشقا پۇرسەت بولدى...
ئەلۋەتتە ئۇ بىرناھىيە...بەلكىم سىزمۇ قەشقەرنىڭ بەزى ناھىيەسىىنى بىلمەيدىغانسىز...
تىمىڭىزنى ياخشى يوللاپسىز...ئەمدى مۇنبەردىكى قەشقەرلىكلەر پىچاننى تولۇقى بىلەن تونىۋالىدىغان بولدى...بولسا پىچاننى دۇنياغا تونۇتۇڭ....
رەھمەت...

مەن  گاھىدا ئاق بولدۇم،گاھىدا قارا بولدۇم.لىكىىن كۈلرەڭ بوپ قالمىدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11005
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:17:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاي مەنمۇ باغانيا ئەينا ئۇ پىچان دىگەن يەگە شۇنداق ئسسىق يەكەنيا ئۇ

ئابدۇللا

ئاتا-ئانىنى غەنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 241
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8580
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2013-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:18:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاننىڭ قۇرۇتۇلغان كۆك ئۈزۈمى بەكلا تاتلىق جۇمۇ باللا، بىزنىڭ قەشقەردە بۇنداق ئۈزۈمنى بەك ئەتىۋارلاپ يەيمىز، پولۇ ئەتكەندە سالسا بەك ئوخشايدۇ.  [s:60]

ئادەم بولماق ئاسان ئەمەس، نامەرىد كىشىلەر ئادەم ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11005
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاي ما بىزنىڭ كېريەنىغۇ بىلىتقانسىلەبىلمىسەڭلا ماڭا تېلفۇن قىلاسىلە ماقما  [s:74]

ئابدۇللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزمۇچۇ قېرىندىشىم  نەدىن دەپ سۇرىغاندا تۇرپاندىن دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز كېرەك ئىدى، تۇرپان نەدىن دىسە ئاندىن پىچاندىن دىسىڭىز تۇغرا بۇلىدۇ. ئىككى ناھىيە بىر شەھەر دىن تەشكىل تاپقان كىچىك تۇرپان ۋىلايىتىنى يەنىمۇ پارچىلاپ ئايرىمچىلىق قىلىپ يۇرتۋازلىق قىلساق تۇغرا بۇلمايدۇ.ئۇنداق دىسەم خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ ،مەن سىزنى يۇرتۋازلىق قىلدى دىگىنىم يۇق مۇشۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلايلى دىمەكچى.مارالبىشى بىلەن قەشقەرنىڭ ئارلىغى 200 كىلۇمىتىردېىن ئاشىدۇ،بۇتۇرپان بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارلىغىدىنمۇ يىراق ،ئەمما مارالبىشىلىقلاردىن سۇرىسىڭىز ئۈزىنى قەشقەردىن دەيدۇ،بۇناھايتى تۇغرا.بۇيەردە مېنىڭ بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدىچۇ ،تۇقسۇن بىلەن  تۇرپاننىڭ ئارلىقى 40  نەچچەكىلۇمىتىر كىلىدۇ،تۇقسۇن تۇرپان بۇيىچەئېكلۇگىيىسى ئەڭ ناچار،ئىقتىساد،تەرەقىيات جەھەتتە تۇرپان بۇيىچە ھەممىنىڭ كەينىدە{بۇيەردە مەن تۇقسۇننى چۈكتۈرمەكچى ئەمەسمەن،تۇقسۇنلۇقلار، ياق مەن بۇلسىمۇ تۇغرا ئاتاي،تۇرپان تۇقسۇنلۇقلار بۇنداق دىسەم مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتمەڭلەر بىكار بىر ۋىلايەتتىكىلەر ئۇرۇشۇپ يۈرسەك سەت بۇلار}ئەمما تۇقسۇنلۇقلارنى ئۇرۇمچى ياكى باشقا يۇرتلاردا ئۇچرىتىپ قىلىپ ، قەيەردىن دەپ سۇرىسىڭىز بىۋاستە ئۇزىنى تۇقسۇندىن دەپ ئاتايدۇ،ھەممىلا تۇقسۇنلىق شۇنداق. بىر قىتىم مەن ئۇرۇمچىدە گېپىگە قاراپ بىقىپ،  تۇرپانلىقمۇ سىز دىسەم ياق مەن تۇرپانلىق ئەمەس دەيدۇ،ۋۇي،تۇقسۇن تۇرپانغا قارايدىغۇ دىسەم،شۇنداقمۇ،لىكىن بىز تۇقسۇنلۇق دىمەسمۇ،ئاچىغىمدا ئىچىمدە، ۋاي بۇرانلىق  نامراتلار نىمىشقىمۇ تۇرپانغا تەۋە بۇلۇپ قالغانسىلەر دەۋەتكەن ئېدىم،ئەمما پىچانلىقلەرنىڭ زۇر كۇپچىلىگى باشقا يۇرتلارغا بارغاندا ئۈزىنى تۇرپاندىن دەپ ئاتايدۇ تۇرپان نەدىن دىسە ئاندىن پىچاندىن دەپ ئاتايدۇ.مىنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بۇلغىنىم بىز يۇرتۋازلىققا قارشى تۇرىشىمىز كېرەك.شىنجاڭدىكى قايسىلا يۇرت بۇلسۇن بىز ھەمىسىنىلا ئۇز يۇرتىمىز دەپ بىلىشىمىز كېرەك.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-19 10:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاندىكى يەر ناملىرى

پىچان ناھىيىسى           鄯善县

鄯善镇 shàn shàn zhèn  پىچان بازىرى
838200 0995
鲁克沁镇 lǔ kè qìn zhèn  لۈكچۈن بازىرى
838206
鄯善火车站镇 shàn shàn huǒ chē zhàn zhèn  پىچان پويىز ئىستانسىسى بازىرى
838202
辟展乡 pì zhǎn xiānɡ  پىچان يېزىسى
838200
东巴扎回族乡 dōnɡ bā zhā huí zú xiānɡ  دۇڭبازار خۇيزۇ يېزىسى
838200
七克台乡 qī kè tái xiānɡ  چىقتىم يېزىسى
838201
连木沁乡 lián mù qìn xiānɡ  لەمجىن يېزىسى
838204
达浪坎乡 dá lànɡ kǎn xiānɡ  دالانكارىز يېزىسى
838207
迪坎乡 dí kǎn xiānɡ  دىغار يېزىسى
838207
吐峪沟乡 tǔ yù ɡōu xiānɡ  تۇيۇق يېزىسى
838205

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش