پىچان ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي قىسمى بولغان بۇغدا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ، شەرقىي شىنجاڭ تەۋەسىگە كىرىدۇ. پىچان ناھىيىسىگە بەش بازار (پىچان بازىرى، چىقتىم بازىرى، لەمجىن بازىرى، لۈكچۈن بازىرى، پويىز ئىستانسىسى بازىرى)، بەش يېزا (پىچان يېزىسى، دالانكارىز يېزىسى، دىغار يېزىسى، تۇيۇق يېزىسى، دۇڭبازار مىللى خۇيزۇ يېزىسى)، بىر ئۈزۈمچىلىك تەرەققىيات شىركىتى قارايدۇ. ناھىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 202 مىڭ 892 ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 132مىڭ 730، خەنزۇلار 59 مىڭ 84، خۇيزۇلار 10 مىڭ 640، باشقا مىللەتلەر 438 (2000 – يىللىق سانلىق مەلۇمات). پۈتۈن ناھىيىدە 23 مىللەت بار.
ناھىيىنىڭ شەرقىي چېگرىسىدىن غەربىي چېگرىسىغىچە ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 190 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبىغىچە ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 253 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 39 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تۇرپان ۋىلايىتى بويىچە يەر كۆلىمى جەھەتتە ئەڭ چوڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ناھىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى پەس، شىمالىي قىسمى ئېگىز، شەرق ،جەنۇب، شىمال تەرەپلىرى تاغ بىلەن ئورالغان. غەربى — تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تۈزلەڭلىكنىڭ ئەڭ پەس يېرى دېڭىز يۈزىدىن 279 مېتىر ئېگىز، شىمالدىكى تاغلىق رايون ناھىيە كۆلىمىنىڭ %7.8نى، تۈزلەڭلىك %8.1نى، چۆل %74نى، قۇملۇق %10.1نى تەشكىل قىلىدۇ . ناھىيە بويىچە 244 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر، 2 مىليون 920 مىڭ مو ئوتلاق، 54 مىڭ مو ئورمانلىق بار. ناھىيىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە تېرىقچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ناھىيە بويىچە 1043 يۈرۈشلەشكەن، ماشىنىلاشقان قۇدۇق، 315 كارىز ۋە بىر سۇ ئامبىرى بار .
پىچان ناھىيىسى شەرقتە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ قۇمۇل شەھىرى بىلەن، غەربتە تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۇرپان شەھىرى بىلەن، شىمالدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسى ۋە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىلىرى بىلەن، جەنۇبتا بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق بولغان تارىم ئويمانلىقىدىكى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
يەر شەكلى جەھەتتە شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە كەڭ بولۇپ، ناھىيىنىڭ شىمالىنى تەڭرىتاغ سىستېمىسى، جەنۇبىنى چۆلتاغ سىستېمىسى، شەرقىنى قۇمتاغ، غەربىنى ئايدىڭكۆل ئوراپ تۇرىدۇ.
پىچان ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى شىمالدىن جەنۇبقا كېسىپ ئۆتكەن ئىدىقۇت تاغ تىزمىسى پىچاننى تاغ ئۈستى ۋە تاغ ئاستىدىن ئىبارەت ھاۋا كىلىماتى بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىككى تەبىئىي رايونغا ئايرىپ تۇرىدۇ.
پىچان ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %97.62نى تاغلار، تەبىئىي ئورمانلار، چاتقاللىقلار، قۇملۇقلار ۋە شورلۇق يەرلەر ئىگىلەيدۇ. ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوز يەر كۆلىمى 910 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %1.59نى ئىگىلەيدۇ. ھازىر پايدىلىنىۋاتقان بوستانلىق يەر كۆلىمى 470 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %0.79نى ئىگىلەيدۇ.
پىچاننىڭ ئىقلىم ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسلىدىن ئىبارەت تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن.
پىچان بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى تاشيول مۇساپىسى بويىچە 280 كىلومېتىر، تۇرپان شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تاشيول مۇساپىسى بويىچە 90 كىلومېتىر كېلىدۇ. 312 – نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولى، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى، پىچان ھەربىي مەشق ئايرودرومى، ئاسىيا نۇركابىل لىنىيىسى، كورلا – پىچان نېفىت ئاققۇزۇش لىنىيىسى، پىچان – ئۈرۈمچى تەبىئىي گاز ئۇزىتىش لىنىيىسى قاتارلىق قاتناش – ئالاقە، نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش لىنىيىلىرى پىچان تەۋەسىدىن ئۆتكەنلىكى ھەم بۇ يەرگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە. ئەڭ مۇھىمى تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى پىچانغا جايلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، پىچان نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس، كۆمۈر، تۆمۈر، تۇز، سىرابلىت، مەرمەر تاش قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى ۋە ئۈزۈم، قوغۇن، ئۇزۇن تالالىق پاختا قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بۆكەن ،ياۋا تۆگە، قاما (قۇندۇز)، يىلپىز، ئارقار قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلار، قان تېپەر، يەر مەدىكى، رەۋەن قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تونۇلماقتا.
بۇ ناھىيىدە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتقان يەتتە قىز مازىرى قەدىمكى قەبرىستانلىقى، ئىمىن غوجا مەھكىمىسىنىڭ خارابىسى، قىزىل راۋاق خاتىرىسى، تۇيۇق مىڭ ئۆيى، بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى قاتارلىق قەدىمكى مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرى بار.
پىچان مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 202 – يىللاردىن مىلادىيىدىن كېيىنكى 220 – يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي خەن سۇلالىسى ۋە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئالدى قوش دۆلىتى زېمىنىنىڭ شەرقىي قىسمى بولغان. شۇ مەزگىللەردە پىچاننىڭ ھازىرقى لۈكچۈن رايونىدا غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكىنىڭ بىرى بولغان خۇخۇ بەگلىكى قۇرۇلغان بولۇپ، پىچاننىڭ بىر قىسمى خۇخۇ بەگلىكىنىڭ زېمىنىغا تەۋە ئىدى. مىلادىيىنىڭ 221 – يىلىدىن كېيىن شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقى دەۋرىگە كەلگەندە، پىچان قۇجۇغا قاراشلىق شەھەر بولغان. مىلادىيىنىڭ 618 – يىلىدىن مىلادىيىنىڭ 907 – يىلىغىچە بولغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئايماق – ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، پىچان تەۋەلىكى ليۇجۇڭ (ھازىرقى لۈكچۈن) ۋە فۇچاڭ (ھازىرقى پىچان) ناھىيىلىرىگە ئايرىلىپ، ئىككى ناھىيە قىلىپ باشقۇرۇلغان. 960 – يىللاردىكى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پىچان يەنە قۇجۇغا تەۋە شەھەر بولغان. 1368 — 1645– يىللاردىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تۇرپانغا قوشۇۋېتىلگەن. 1759 – يىلىغا كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پىچانغا مەخسۇس خان ئامبىلى قويغان. خان ئامبىلى قويۇلغاندىن كېيىن، پىچان ئەينى مەزگىلدىكى تۇرپان رايونىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان. 1779 – يىلى خان ئامبىلى تۇرپانغا كۆچۈرۈلۈپ، مەمۇرىي مەركەز پىچاندىن تۇرپانغا يۆتكەلگەن. پىچانغا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ پىچان چارلاش مەھكىمىسى قۇرۇلغان.
گۇاڭشۈينىڭ 28 – (1902) يىلى پىچاندا رەسمىي ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، چارلاش مەھكىمىسى ناھىيىلىك يامۇل مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلدى ھەمدە پىچاننىڭ نامى«شەنشەن» دەپ ئاتالدى. پىچان ناھىيىسى تۇرپان رايونى بويىچە ئەڭ بۇرۇن رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان ئورۇنلارنىڭ بىرى. (تۇرپان ناھىيىسى 1913 – يىلى، توقسۇن ناھىيىسى 1936 – يىلى قۇرۇلغان).
پىچان ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1902 – يىلىدىن 1913 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇرپان بىۋاستە قاراشلىق نازارىتىگە تەۋە بولدى. 1913 – يىلىدىن 1920 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك دىخۇا (ئۈرۈمچى) مەھكىمىسىگە قاراشلىق ناھىيە بولدى. 1920 – يىلىدىن 1936 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك يەنجى (قارا شەھەر) مەھكىمىسىگە تەۋە بولدى. 1936 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە دىخۇا (ئۈرۈمچى) ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولدى.
ئازادلىقتىن كېيىن پىچان ناھىيىسى 1949 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە يەنىلا دىخۇا (ئۈرۈمچى) ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە بولدى. 1958 – يىلىدىن 1970 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە بولدى. 1970 – يىلىدىن 1975 – يىلىغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىگە تەۋە بولدى. 1975 – يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە.
«پىچان» دېگەن يەر نامى قەدىمكى تۈرك تىل سىستېمىسىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، تۈرك تىلىدا «پىچەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. «پىچەن» سۆزى ئۆسۈملۈك سىستېمىسىغا تەۋە بىر خىل ئوت – چۆپ بولۇپ، كۆل ۋە سازلىقلاردا ئۆسىدۇ. يەرلىك خەلقلەر «پىچەن»نى ئۇيغۇر تىلىدا «يىكەن» دەپ ئاتايدۇ. قەدىمكى پىچاننىڭ ئورنى قەدىمىي لوپنور كۆلىنىڭ شەرقىي باغرىغا جايلاشقان داڭقان شەھىرىدە، يەنى ھازىرقى چىقتىم بازىرىنىڭ جەنۇبىي كۆل «نەنخۇ» دېگەن جايىدا بولۇپ، بۇ يەر ئەزەلدىن تارتىپ سازلىق، يېكەنلىك جاي بولغانلىقتىن «پىچەن» دېگەن ئۆسۈملۈك نامى يەر نامىغا ئۆزلىشىپ كەتكەن. كېيىنچە تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ يەرلىك تىل تەلەپپۇزىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن «پىچەن» دېگەن يەر نامى «پىچان» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. مىلادىيىنىڭ 5 – ئەسىرلىرىدىكى قۇجۇ خانلىقى دەۋرىدە داڭقان شەھىرى قۇجۇ خانلىقىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم بارگاھ قىلىپ قۇرۇلغان ھەم «دازى شەھىرى» دەپ ئاتالغان. قەدىمدىن تارتىپ داڭقان شەھىرىدە ياشاپ كەلگەن پىچانلىق خەلقلەر غەربكە سۈرۈلۈپ، ھازىرقى شەرقىي بازار (دۇڭبازار) ئەتراپىدىكى قەدىمىي قۇم دەريا ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ھەم ئۆزىنى «پىچانلىقلار» دەپ ئاتاپ، بۇرۇنقى پىچان شەھىرىنى بىنا قىلغان.
تارىخنامىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 3 – ئەسىردىلا «پىچان» دېگەن يەر نامى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇ دەۋرلەردىلا خەنزۇچە نامى «فۇچاڭ» دەپ ئېلىنغان، (« فۇچاڭ » سۆزىنىڭ ئاھاڭداشلىقى «پىچەن» سۆزىگە يېقىنلىشىدۇ).
مىلادىيىنىڭ 630 – يىلى قۇجۇ خانلىقى تاڭ سۇلالىسىغا بەيئەت قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۇرپاندا قۇجۇ شەھىرىنى مەركەز قىلغان غەربىي ئوبلاست تەسىس قىلدى، ئوبلاستنىڭ تەۋەلىكىدە قۇجۇ ناھىيىسى، ليۇجۇڭ ناھىيىسى، يارغول ناھىيىسى، تەڭرىتاغ ناھىيىسى، فۇچاڭ ناھىيىسى قاتارلىق بەش ناھىيە قۇردى. قۇجۇ ناھىيىسى تۇرپان ئاستانىدا، ليۇجۇڭ ناھىيىسى لۈكچۈندە، يارغول ناھىيىسى يارغول شەھىرىدە، تەڭرىتاغ ناھىيىسى توقسۇندا، فۇچاڭ ناھىيىسى پىچاندا تەسىس قىلىندى. مىلادىيىنىڭ 938 – يىلى قەدىمكى خوتەن ساك يېزىقىدا يېزىلغان تارىخىي ئەسەر «خېشىغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى» دە «پىچەن» دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىدا رەسمىي «پىچان» دەپ خاتىرىلىنىپ، تارىخنامىلەردە تۇنجى قېتىم ئىپادىلەنگەن.
قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە «پىچان» دېگەن يەر نامى كۆپىنچە فۇچاڭ (蒲昌) بەزىدە پىجەن (僻展) دەپ خاتىرىلىنىپ كەلدى. بۇ پەقەت «پىچان» دېگەن يەر نامىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. 1902 – يىلى پىچان رەسمىي ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، پىچاننىڭ خەنزۇچە نامى «شەنشەن» (鄯善)گە ئۆزگەرتىلدى. ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىدا يەنىلا «پىچان» دېگەن نامى ساقلىنىپ قالدى.
=
http://turpan.biz/blogview.asp?logID=241