مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ouqi84

دىيارىمىزدا مۇنداقمۇ بىر يۇرت بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-22 10:31:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

54-قەۋەت (Burnumbar) نىڭ يازمىسىغا

ۋاي ما بورنى ئۇزۇن ئاداشنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ھەجەپ لازا يىگەندەك بولۇپ قالدىما ، بورۇنراق كۆرسەمچۇ ما ئىنكاسنى، سىز پىچاننىڭ نەرىدە شۇنداق يەكلەشكە ئۇچرىدىڭىز؟ قارىغاندا كىچىككىنە كۈڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ ھەممىنى پۇققا تىقاي دەپسىزدە! ئىسىم مەسىلىسىگە كەلسەك ھەممە يەرنىڭ شىۋىسى ئۇخشىمىغاچقا بەزى چوڭلار كىچىكىدىن شۇنداق ئادەتلىنىپ كەتكەچكە ئاشۇنداق ئاتايدۇ، ھازىر ئاساسەن ياشلار ،ئۇقۇپ كەلگەنلەر ئارىسىدا ئۇنداق ئاتايدىغانلار يۇق دىيەرلىك، نۇرغۇن گەپلىرىڭىزنى قارا چاپلانغاندەكلا چاپلىۋىتىپسىز ، ھەممە يۇرت كىشىلىرىنىڭ  گۈزەل تەرەپلىرى ، ھەم ناچار تەرەپلىرى  بولغىنىغا ئۇخشاش بۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭمۇ مەلۇم ناچار تەرەپلىرى بۇلۇشى تەبى بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلىرى ناھايىتى ئاقكۈڭۈل، سەمىمى ، راستچىل، چىقىشقاق ، دۇستانە، ئىنتايىن مەرت كىلىدۇ. قىزلىرىمۇ سىز دىگەندەك ئاسان يولدىن چىقىدىغان قىزلاردىن ئەمەس، بىر ھىكايىنى مىسال ئىلىپلا ئۇنداق قىزلارغا ئۇۋال قىلماڭ ، بۇ يۇرتنىڭ قىزلىرى ناھايىتى غورۇرلۇق ، ئەخلاقلىق، تىرىشچان، ۋاپادار كىلىدۇ، ئۇقۇشلارغا بارسىمۇ، ئۇنداق بەزى يۇرتنىڭ قىزلىرىدەك ئاسان ئۇ ياقتىن بۇ ياققا قاراپ ئاسان ئۆزگىرەپ  قالمايدۇ،

يەنە بىر مەسىلە، بۇ يەردە تىما يوللوغۇچى پەقەت گۈزەل يۇرت پىچاننى تەپسىلى تۇنۇشتۇردى،  پىچاننىڭ ئادەملىرى تۇغۇرلۇق ئۇنداق يا مۇنداق مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلىمىدى ، شەخسىي ھىسياتىڭىزنى بۇ تىمىغا سۆرەپ كىرىپ خالىغانچە ئىنكاس يازماڭ بۇنداق!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 10:16:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرنى ئۇزۇن ئەپەندى سىز نەدە چوڭ بولغان.ئۆز قېرىندىشىڭىزنى ھاقارەتلەپ،سىز نىڭ بېرەر يورتنىڭ ئادەملىرىنى باھالاشقا شەرتىڭىز توشامدۇ؟ئەمىليەتنى ئاساس قىلىپ سۈزلەڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 10:30:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

54-قەۋەت (Burnumbar) نىڭ يازمىسىغا

ھەي،بۇرنى ئۇزۇن ،قارغاندا سەن جەنۇپلۇق ئۇخشايسەن،سەن بۇنداق ئىنكاس يازماسلىغىڭ كېرەك ئىدى.بىز ئۇيغۇرلار پالانى يۇرتتىكىلەر ئانداق- مانداق دىسەك قەتئىي بۇلمايدۇ،بىز يۇرتۋازلىققا قەتي قارشى تۇرىشىمىز كېرەك، ھىلىمۇ يۇرتۋازلىقنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىدۇق، بىز ئۈملىككە ئىتپاقلىققا مۇھتاج  شۇندىلا ئۇيغۇرۇم قەد كۈتۈرۈپ تەرىققى قىلالايدۇ،كىم يۇرتۋازلىق قىلىدىكەن بىز ئۇنۇڭغا چۇقۇم قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. كىشى ئۈزىنى  چىمدىپ بىقىپ گەپ قىلىشى كېرەك. مىنىڭ پالانى يۇرتىكىلەر ئانداق -مۇنداق دىيىش ئەسلا مەقسىتىم يۇق،شۇنداق دىگۈچىلەرگىمۇ ئىچ تىرنىغىمدىن ئۈچ.بىز ئۈز مىلىتىمىز ئىچىدە يۇرتلار ئارا مۇشۇنداق زىدىيەت پەيدا بۇلدىغان گەپلەرنى...قەتئىي قىلماسلىغىمىز كېرەك . ئەمما مەنمۇ ساڭا بۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ قۇياي ،دىگەنلىرىڭ بەكلا چىكىدىن ئىشىپ كىتىپتۇ، شۇڭا ماڭىمۇ ئامال يۇق. سەن مۇھەممەت سالىھ{ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن}نىڭ خۇتەن كىرىيەدىنغۇ دەيمەن ،بىرياشنىڭ ھەقىقى ئىش ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن << بۇ شەھەردە شۇنۇڭ ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم>> دىگەن كىتابىنى ئۇقۇپ باق، ئۇنۇڭدا ئۇ خۇتەنلىكنىڭ دۇنيادا تۇرپانلىقتەك ئاق كۈڭۈل، مىھرىبان خەلىق يۇق، بۇ مىھرى ئىسىق يۇرتنىڭ ئادەملىرىنىڭ مىھرى -شەپقەتلىكلىگنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمەيمەن ...دىگەن ھەق گەپلىرىنى   ئاڭلاپ باق، ئۇ خۇتەنلىك ماكانسىز  قالغاندا  ئۇنۇڭغا ئۈي -ماكان بەرگەنلەر ،يانچۇقىغا پۇل سەپ قۇيغانلار دەل تۇرپانلىقلار.تۇرپانلىقلار ئاقكۈڭۈل بۇلغاچقا ھەر يىلى تەك ئاچدىغان ،كۈمىدىغان ۋاقىتتا ۋە باشقا ۋاقىتلاردىمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىن نۇرغىنلىغان كىشىنىڭ تۇرپانغا كىلىپ يانچۇقىنى تۇشقۇزۇپ يۇرتلىرىغا قايتىۋاتىدۇ،بەزىلىرى يىللاپ-يىللاپ تۇرپاندا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئۈيلىرىگە پۇل ئەۋەتىۋاتىدۇ.ئەجىبا تۇرپانلىقلار يەنىلە يۇرتۋازمىكەن ؟<<تۇلىمۇ ئەقىللىق بۇرنىنى  بازاغا سالغۇچى>>   سەن تۇرپاندا ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق  ساختىپەزلىك قىلمىساڭلا تۇرپانلىق سىنى ئۈز تۇققىنى قاتارىدا كۈرىدۇ. ناۋادا سەمىمىيەتسىز بۇلۇپ قالساڭ تۇرپانلىقتىن راسا ئەدىپىڭنى يەيسەن.<<ر>> ھەرىپىنى قەيەرلىك چۈشۇرۈپ قۇيدىكەن؟ كالاڭ جايىدىمۇ سىنىڭ؟ ر ھەرپىنى  پەقەت پىچاننىڭ لۈكچۈن دىگەن يېرىدىلا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ .قالغان پۈتۈن تۇرپان ۋىلايىتىدە ر ھەرپىنى چۈشۈرۈپ قۇيماي ئەينەن تەلەپپۇز قىلىدۇ ،ھەتتا تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قۇيماي تۇلۇق تەلەپۇز قىلىش جەھەتتە ئۇيغۇر شىۋىلىرى ئىچدە تۇرپان شىۋىسىدىكلار بىرىنچى ئۇريندا تۇرىدۇ بىز سىلەردەك ئۇدۇم ،تۇدۇم ئۈدەك،قالىغاچ ،ئۇما، داۋاز، ئۇغاق،تۇنىسا .ئەمەر،<<ئانار>>نى ئانا... دەپ تەلەپپۇز قىلمايمىز،بەلكى ئۇردۇم،تۇردۇم ئۈردەك قارلىغاچ ئۇرما، ئۇرغاق،دارۋاز تۇرنىسا، ئانارنى ئانار ...دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز،يۇرتىمىز دىكلەر ئاق كۈڭۈل بۇلغاچقا ،خەقلەردەك ئۈز مىلىتىنىڭ بالىلىرىنى ،قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۈلكىلەرگە ئاپىرىپ سېتىپ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھايۋانلىق قىلمىشىنى قىلمىغاچقا داۋاملىق يەر تەۋرەپ بالايى ئاپەت بۇلدىغان ئىشلارننى خۇدايىم ساقلاۋاتىدۇ،تۇرپانلىقلار ئۈز يۇرتىدىن چىقىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىشنى، بەش  ئەزايى ساق تۇرۇقلۇق دىۋانلىق قىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدۇ .شۇڭا تۇرپانلىقتىن دىۋانە چىقمايدۇ. مىنىڭ دەيدىغان گەپلىرىم خىلىلا بار ئىدى بۇلدىلا . كەچۈرۈڭلار تۇرداشلار مىنىڭ باشقا يۇرتىكى ئۇيغۇرۇمنى ئۇنداق- مۇنداق دىيىش ئەسلە مەقسىتىم يۇق ئىدى ،بىراق ماۋۇ بۇرنى ئۇزۇنغا دىمىسەم ئۇيەنە خاتا سۈزلىمىسۇن دەپ  جىق گەپ قىلقۋەتتىم ،تۇغرا چۈشىنەرسىلەر.

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-24 10:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

54-قەۋەت (Burnumbar) نىڭ يازمىسىغا

بۇرنىڭ بار ئىكەن پىلنىڭكىدەك !!!  ئەقلىڭ بولغان بولسىچۇ ؟؟؟  ئالدىنقى بەتتە بىرىنى دەپ بۇلالمايۋاتسا ما ئۇزۇن بۇرۇن نەدىن كەلدى ئەمدى ، نەسىھەتمىش تېخى ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ دىگۈچە مەن باشقىلارنى چەتكە قاقىمەن دىگىنە ..... خەنزوچە بىلمەيدۇ دەپ كەتكىنىنى  سەن بەك مىنكوخەنكەنسەن ..... تىلى خەنزوچىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ دەپ تېخى ، بىز ئۇيغۇرنىڭ ھەممە يېرىدە بار ئۇ ئىش ،دىۋانۇ لوغەتىت تۈركنى   يازغان بوۋام مەھمودنىڭ يۇرتىدىمۇ چوكىنى كويزا ، ئورۇندۇقنى جوزا ........يەنە بىريەرلەردە دېرىزىنى چاڭخۇ ....دىسە گىپىڭ يوق ، پىچانلىقتا ئۆچۈم بار دىگىنە ...ئۇچۇق  دە مۇنداق ، دولان دەيدۇ بۇ تۇرپاننىڭ ھەممە يېرىدە بار  ، دولان دىگەن يامان نامما >؟  ناخشىچىلار مەن دولان دىسە مەن داۋلاڭ دەپ تالىشۋاتقان نامدىن تانماقچىمىدىڭ ؟؟؟ ئىسىڭدە بولسۇن جەنوبى شىنجاڭ  شۇ ئالتە شەھەر ،  سەن جەنوبى شىنجاڭدىن بولساڭ بۇنىڭغا لايىق ئەمەسكەنسەن !!!  مىنىڭ ئاغىنىلىرىم كۆپى شۇ قەشقەر ، ئاقسۇ  دىگەن يەرلەردىن بىرى بىلەن سەن - پەن دىيىشىپ باقمىدىم !!!!  ئاھ  مىللىتىم   قاچانغىچە  يۇرتۋازلىق قىلىپ يۈرەمىز ؟؟؟ ئىسىڭلەردە بولسۇنكى ياخشى يامان ئادەم ھەممە يەردە بار !!! ھەرەمگە بېرىڭلار شۇ يەردىمۇ بار !!!  ھەممىسى ئارلىشىپ ياشىغان ،بولمىسا ھەممە ئادەم ياخشى ئادەم بار يەرگە بېرىۋالمامدۇ ؟؟؟

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 
Burnumbar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:19:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10918
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10141
تۆھپە نۇمۇرى: 731
توردا: 4404 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ھاقارەتلىگەن ئاشۇ ئادەملەر سىنىڭ سىسىق ئىنكاسىڭنى ئاڭلىسا كىممۇ غەزەپلەنمىسۇن.توردا دەپسەن ئېغىزىڭدىن چىقارساڭ ئاغزى بۇرنۇڭ قان .

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 04:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادان بىلەن گەپ تالاشقۇچە ، ئىت بىلەن نان تالاشقان تۈزۈك ......  ئەگەر ئىلمىي مۇنازىرە قىلىدىغان نىيىتىڭ بولسا پاكىتلارنى  قۇبۇل قىلاتتىڭ ، ئېنىقكى يۇرتۋازلىق ئۇرۇقىنى ئۆزۈڭ چېچىۋاتىسەن .....  سەندەكتىن يەنە نەچچىسى بولسا  شۇ ئۇرۇقنى ئوغوتلاپ ، سۇغۇرۇپ  تۇرىدۇ خالاس .....مىڭ دەلىل كەلتۈرۈپ بىرەي جاھىل ، نادانغا بەرىبىر ، خۇددى ئىشەكنىڭ قۇلىقىغا غىجەك چالغاندەك بىر ئىش ..... سەن بۇ تېمىدىن پايدىلنىپ شەخسىي ئاداۋىتىڭنى ئالماقچى خالاس !!!  بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى پىچاننى تۇنۇشتۇرۇش ۋە يۇرتىمىزدىكى جاي ناملىرىنى بىلىشكە ئۈندەش ،  بۇ تېمىغا ئارتۇق ئىنكاس يازغۇم يوق ئىدى ، قارىسام ھەددىڭدىن ئاشقىلى تۇرۇپسەن !!!كەچۈرۈم سورىماق بۇلۇپ ئارىغا ئاداۋەت سالماق بولغىنىڭنى ئازراق ھۇشى -كاللىسى جايىدا ئادەم تۇنۇپ يىتەلەيدۇ  ، ئىنكاستا بىرى جەنوپلۇق دەپ تىللىغىنى يوق ، تۇخۇمدىن تۈك ئۆندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولما !!! مەن ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى مىنىڭ يۇرتۇم ، مەن بۇ دىيارنىڭ ھېچ يېرىگە مۇساپىر ئەمەس !!!  سەن قانداق چۈشەن ئىختىيارىڭ ، بىر كىشىنىڭ ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلماسىقى بىلەن ھەقىقەتنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ !!! ئىنكاسلارغا قاراپ باق سەن ۋە باشقا بىر -ئىككى كىشى  بۇ يۇرتنى چەتكە قاقماق بۇلۇپتۇ ، باشقا نۇرغۇن كىشى شۇ يۇرتنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .....  يەنە بىر گەپ باشقىلار بۇ يۇرتنى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن مەن ئۈچۈن بەرىبىر  !!! لېكىن مەن شىنجاڭنى ھەممە يېرىنى ئوخشاش ياقتۇرىمەن !!! چۈنكى ئەجداتلىرىم ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان گۈھەر زىمىن بۇ   !!!  سىنىڭ ياقتۇرۇشىڭنىمۇ خالىمايمەن چۈنكى ئىنكاسىڭدىن بۇ يەرنى ياقتۇرۇشقا سالاھىيىتىڭ توشمىغۇدەك .....

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13430
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9916
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 11:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

64-قەۋەت (Burnumbar) نىڭ يازمىسىغا

ھەي بۇرنى ئۇزۇن،سەن ئاۋازغا ئېلىپ  ئاڭلىتىپ باق، قارشى ئالىمىز،كالىسى بار ئەقلى -ھۇشى جايىدا كىشى تۇرپانلىقلار دىگەن <<دۇلان >> دىگەن سۈزنى ھاقارەتلەش مەنىسىدە  ئىشلەتتىمۇ ياكى مۇنداقلا چاقچاق شەكلىدە ئىشلەتتىمۇ بۇنى ھىس قىلالايدۇ. بىز ئادەتتە ھېي گۇي، ھىې ھىجىقىز،ھېي گۇتۇزا دىگەن سۈزلەرنى  ھاقارەتلەش مەنىسىدە چۈشەنمەيمىز،بۇسۈزلەرنى دۇسلار ئارا ئىشلىتىۋىر مىز . بىز ئۇلارنى دۇلان دەپ تۇرۇپ ئىللىق مۇئامىلە قىلىمىز. مەسىلەن: كىلە دۇلان، ھەي دۇلان  ھىرىپ كەتكەنسەن، بىردەم ئارام ئىلىۋالغىن.ھە دۇلان يەنە بىر تەخسە ئىچۋەتمەمسە؟ {لەغمەننى دىمەكچى} دىگەن سۈزلەرنى كۈپ ئىشلىتىمىز{ ئۇلار ئالدامچىلىق، قۇۋلۇق ئىشلەتمىسىلا} مەن ساڭا دەپ قۇياي ،مەن تۇرپانلىق بۇلغانكىن تۇرپانلىقنى ماختاۋاتقىنىم يۇق ،ھەقىقەتنى  سۈزلەۋەتىمەن . ساڭا گەپ قىلغان بىلەنمۇ گەپ چۈشەنمەيدىغان بىرنىمىكەنسەن. قارغاندا سەن تۇرپانغا كىلىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلىپ ،ئالدامچىلىق ساختىپەزلىك قىلىپ تۇرپانلىقنىڭ چىشىغا تەككەن بىرنىمە ئۇخشايسەن ،ساڭا  بىكا رئاغزىمنى ئۇپارتقۇم يۇق.كەچۈرۈڭلار جەنۇپلىق ئۇيغۇرلۇرۇم سىلەرنى ئەسلا بىر نەرسە دىيىش مەقسىتىم يۇق ئىدى.

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 07:31:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش