مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2410|ئىنكاس: 12

ئىسلامىيەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ باشلام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 12:39:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلام دۇنياسى يېقىنقى زاماندىن بۇيان، غەرپنىڭ زەربىسى بىلەن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ئىسلام دىنى بۇنىڭلىق بىلەن يوقىلىپ كەتمىدى، 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يرىمىدىن باشلاپ، بەزى مۇسۇلمان سىياسىيونىلرى ۋە مۇتەپپەكۇرلىرى "ئىسلامىيەتنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش" يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. جۈمىلىدىن جامالىدىن ئافغانى ۋەكىللىكىدىكى پانئىسلامچىلار؛ مۇھەمەد ئابدۇ ۋە سەيىد ئەھمەتخان ۋەكىللىكىدىكى ئىسلام مۇدىرنىزىمچىلىرى؛  مۇھەممەدۇ رەشىت رىزا ۋەكىللىكىدىكى سەلەفىيە ھەركىتى قاتارلىقلار يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام دىنى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن تۇنجى تۈركۈم كىشىلەر ھىساپلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى ھاياتتىكى رولىنى ۋە ئىجتىمائى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇنى غەرپ كۈچلىرى بىلەن قارشىلىشالايدىغان قىلىشنى ئۈمىت قىلدى.
  جامالىدىن ئافغانى (1839- 1897) ئافغانىستاندا تۇغۇلغان، ياش ۋاختىدا ئافغانىستان ۋە ئىراندا ئىسلام دىنى تەربىيىسى ئالغان، كېيىن ھىندىستاندا ئوقۇغان. ياۋروپانىڭ پەننى بىلىملىرى بىلەن تونۇشقان، ئافغانىستاندا باش ۋەزىر بولغان، كېيىن تۈركىيە، مىسىر، ھىندىستان، ئىران، ئىراق قاتارلىق جايلارغا بارغان، ھەم ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، روسىيەلەرگە بېرىپ، پان ئىسلامىزىملىق پائئالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، "خەلىقئارا ئىسلام پائالىيەتچىسى" دىگەن نامغا لايىق ئىشلارنى قىلغان، ئۇ تۈركىيىنىڭ سۇلتانى، مىسىرنىڭ پادشاھى، ئىراننىڭ پادىشاھى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدىكى كاتتا كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان ھەم ئەتىۋارلىنىپ ئىشقا قويۇلۇپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەم "ئىتتىپاق" ھەپتىلىك ژورنىلىنى چىقىرىپ، پانئىسلامىزىم ئىدىيىسنى تەشۋىق قىلغان.
   ئۇ، ئىسلام غۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋىپنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتكەن. ئۇ 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا  "پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممە قىسىمى كۈچلۈك غەرپنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن، يەنە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى يىگانە مىللەتلەر ياكى دۆلەتلەرگە ئايرىۋەتمەي، بىرلىككە كېلىپ ئۇيۇشىشىنى تەشەببۇس قىلغان، يەنە ئۇ" ئىسلامىيەت ياۋروپانىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماي، قارشىلىق كۆرسىتىشى كېرەك" دەپ قارىغان.
    جامالىدىن ئافغانى مۇسۇلمانلارنىڭ زامانىۋى پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى ئەڭ بالدۇر ئوتتۇرىغا قوغان. ئۇ پۈتۈن ئۆمىرىنى پانئىسلامىزىم ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىشقا ۋە ئەمەلىيەتتتىن ئۆتكۈزۈشكە بېغىشلاپ، يېقىنقى زامان ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، يېقىنقى زاماندىكى تۇنجى ئەۋلات ئۇلۇغ ئىسلام مۇتەپپەككۇرى بولۇپ تونۇلغان.
مۇھەممد ئابدۇ(1849- 1905) مىسىردا مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، جامالىدىن ئافغانىنىڭ شاگىرتى. ياش ۋاختىدا ئەرەپلەرنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتناشقىنى ئۈچۈن مىسىر دائىرلىرى ئۇنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلغان. 1888- يىلى مىسىرغا قايتىپ كېلىپ، ئەزھەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. كېيىن مىسىرنىڭ باش مۇپتىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ مەزگىلدە دىننى ئىسلاھ قىلىپ، ئىسلام مۇدىرنىزىم نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ دىنى ئىسلاھاتى چاكىنا دىنى ئۆرپى- ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دىنى يوسۇنلارنى ئاددىلاشتۇرۇش، ۋە ھازىرقى زامان جەمىيىتىگە ماس كېلىدىغان ئىسلام قانۇن- تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ گەرچە جامالىدىن ئافغانىنىڭ شاگىرتى بولسىمۇ، ئىدىيىسى ئوخشاش ئەمەس، يەنى غەرپكە قانداق قارشى تۇرۇش مەسىىلسىدە ئالدىنقىسى مۇسۇلمان دۆلەتلەر ھۆكۈمرانىلرىنى ۋە خەلىقنى قوزغاپ قوراللىق كۆرەش قىلىشنى تەكىتلەيدۇ كېيىنكىسى مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ  كۈچىنى تۈپتىن كۈچەيتىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ، ئۇ جامالىدىن ئافغانىنىڭ پانئىسلامىزىم ئىدىيىسىگىمۇ ئانچە قىزىقمايدۇ، شۇ ڭا كېيىنرەك بۇ ئىككىيلەن سىياسى جەھەتتىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. مۇھەممەد ئابدۇ زامانىۋى مائارىپ سېستىمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى، مۇسۇلمانلارنىڭ زامانىۋى پەن- مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىشنى، غەرپنىڭ بەزى قانۇن ۋە سىياسى تۈزۈلمىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. مۇھەممد ئابدۇنىڭ مۇدېرنىزىم ئىدىيىسى زامانىمىزدىكى ئىسلام دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
  مۇھەممەد رەشىت رىزا(1865- 1935) سۈرىيىلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئابدۇنىڭ شاگىرىتى، لېكىن ئىسلام سىياسى ئىدىيىسى جەھەتتە مۇھەممەد ئابدۇغا قارىغاندا تېخىمۇ كەسكىن. ئۇ ھازىرقى ھەممىنى چۆرۈۋېتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى ئەجداتلىرىدىن ئىسلام دىنىڭ ھەقىقى روھىنى تېپىپ كېلىپ، ئاندىن ئۇنى زامانىمىزدىكى جەمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ لېكىن، ئۇ ئەمەلىيەتتە زامانىمىزدىكى ئىسلامىيەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەركىتى_ ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكى يولىنى ئېچىپ بەرگەن.
   19- ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە يۇقۇرىقىغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئىسلام مۇتەپپەككۇرلىرى بارلىققا كېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتى ئۈستىدە قايتا ئويلنىش ۋە ئىزدىنىش بويىچە دولقۇن قوزغىدى. بۇ ئىسلام مۇتەپپەككۇرلىرى "قوش بىسلىق خەنجەر" بولۇپ، ئۇلار تىغ ئۇچىنى سىرىتتىن كەلگەن غەرپ كۈچلىرىگە قارىتىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرگە قارشى تۇردى. شۇڭا ئۇلارنىڭ مەخسەتلىرى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىدى. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرى بەگ- پادىشالار، باي- غوجاملار، يۇقۇرى تەبىقىدىكى دىنى زاتلار ۋە زىيالىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىپ، تۆۋەن قاتلام مۇسۇلمان ئاممىسى ئىچىگە چوڭقۇرلىشالمىدى. ئەمما ئۇلار رەھبەرلىك قىلغان بۇ پىكىر ئېقىمى ۋە ھەركەتلىرىدىن نۇرغۇن مۇسۇلمانلار دىنى سىياسى ئاڭ جەھەتتىن ئويغىنىشقا باشلىدى، ئىسلام دىنى مەلۇم دەرىجىدە گۈللنىپ، بىر ئىزدا توختاپ قالغان ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيە ساھەسىدە يېڭى ھاياتى كۈچ بارلىققا كېلىپ، زامانىمىزدىكى ئىسلام گۈللنىش ھەركىتىنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئېچىلدى.
مەنبە: غەربى جەنۇپ ئۇنېرىستىتى پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندىنىڭ " خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" ناملىق كىتاۋى.
يازما ئىگىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى: ھازىرقى كىتاپ ئوقۇيدىغانلاردىن توغا چىقىىغانلارنىڭ كۆپ بولۇشى، نۇرغۇن تور ئەھلىنىڭ كىتاپ ئوقۇشقا ۋاختى چىقماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەخسىدىدە، يۈننەن غەربى جەنۇپ ئۇنۋرىتىتىنىڭ پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندى ئون نەچچە  يىل تەتقىق قىلىش ۋە ماتىرىيال توپلاش ئارقىلىق يېزىپ چىققان "خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" ناملىق كىتاۋىنى مۇنبەرگە يوللاشنى توغرا تېپىپ قالدىم. مۇشۇ كىتاپقا مۇناسىۋەتلىك يازمىنى تولۇق كۆرۈپ چىققان مۇنبەرداشلارنىڭ ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزنى سىياسى- ئىقتىسات، مەدەنىيەت ۋە ھەربى جەھەتتىن نىمە ئۈچۈن چەكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، جۈمىلدىن، ئامىرىكا سىياسى پەنلەر ئالىمى ساموئېل خانتىڭتوننىڭ "غەرپكە 21- ئەسىردە كېلىدىغان تەھدىد ئۆز ئىچىدىن ئەمەس بەلكى، ئىسلام ۋە كوڭزى مەدەنىيىتىدىن كېلىدۇ" دىگەن ھۆكۈمىنىڭ تارىخى ۋە سىياسى ئارقا كۆرنۈشى ھەققىدە ئاز- تولا ساۋاتقا ئىگە بولۇپ قالسۇن دىگەن ئۈمىتتىمەن. تورداشلارنىڭ يازمىنىڭ باش- ئايىغىنى تولۇق ئوقۇمايلا قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىنى، بولۇپمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن- سىياسەتلىرىگە خىلاپ سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئۈمىت قىلىمەن.
كېيىنكى يازما: يەنە شۇ كىتاپنىڭ داۋامى: ھەسەن بەننا ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى
    توردشلارنىڭ ھەمكارلاشقىنىغا رەھمەت!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 03:24:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جامالىدىن ئافغانى....... مۇھەممەد ئابدۇ.... رەشىد رىزا......... ھەسەن ئەلبەننا........

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 08:46:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (karluq01) نىڭ يازمىسىغا

تونۇشتۇرۇپ ياخشى قىپسىز ، ھەسەنۇل بەننانى تونۇشتۇرۇشىڭىزنى ساقلاي .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

HAR KAQAN ALLA BIZGA  HAMRA

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14498
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8547
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2010-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 11:03:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا  ئىسلامىيەتنى  گۈللەندۈرۈش يۇلىدا ماڭغانلاردىن  رازى بولسۇن.           ئىشلىرىغا  خەيىر_بەرىكەت بەرسۇن.                                                        تىما  يۇللىغان كىشىگىمۇ  اللا راھمەت  قىلسۇن.

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11592
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2014-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 01:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا  ئىسلامىيەتنى  گۈللەندۈرۈش يۇلىدا ماڭغانلاردىن  رازى بولسۇن.           ئىشلىرىغا  خەيىر_بەرىكەت بەرسۇن.                                                        تىما  يۇللىغان كىشىگىمۇ  اللا رەھمەت  قىلسۇن.        ئەگەشتىم!!

سۆيمىگەننڭ قۇلى بولغىچە  'سۆيگەنىنڭ گۇلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14385
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8181
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1026 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 02:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

ئاستا ماڭساڭمۇ،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8146
يازما سانى: 1373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59256
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 02:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىگەم  قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن،،،،،

ئاستا ماڭساڭمۇ،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ!
‹‹ئەرلىرى يىغلاۋاتىدۇ، نامازلاردا،
  ئاياللىرى ئەيىش ئىشرەتتە،قاۋاقلادا.››
بولسا بۇندا مىللەت يول تاپالماس ھەرزامان،
تاپتى گەر،كاللا كەتتى بۇزدى شۇزامان. !!!!!!
1،2،3     دەل مۇشۇنداق ،      


سىز1  مەن 2 كىم3؟؟؟

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 03:01:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلارغا  تەسىر كۆرسەتكىنى  .ۋاھابىلار  . بولمىسا  ۋاھابىلار تارىخنى  ئوقۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3113
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9076
تۆھپە نۇمۇرى: 506
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2014-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 03:13:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جامالىددىن ئافغانى توغۇرلۇق نۇرغۇن سۆزلەر بار، ئۇنىڭ  دىننى تەرەققىى قىلدۇرۇش ئۈچۈن دىننىي سوتسىيالىزىم بىلەن بىر لەشتۈرۈش كىرەك دەيدىغان سۆزلىرى بار.

ۋەزىيەت تەرەققىياتى بىز ياشاۋاتقان رايۇندىكى ماكان-زامان ئۇقۇمىنى ئۆگەرتمەكتە.

ئەل قىزى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10992
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8436
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 06:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جامالىددىن ئافغانى توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغانمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش