مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2047|ئىنكاس: 30

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 02:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى

ل.ې.ھۆگبېرىي



( ل.ې.ھۆگبېرىي_شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر.ئۇ شىنجاڭغا ئىلگىر-ئاخىر ئۈچ قېتىم كەلگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم1894-1900-يىلغىچە
، ئىككىنجى قېتىم 1903-1909-
يىلغىچە،ئاخىرقى قېتىم 1911-1916-يىلغىچە تۇرغان.ئۇ يەنە روسىيە، ئىرانلاردىمۇ مىسسىيونىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان.—تەرجىماندىن)

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزارا بىرىككەن گەۋدە بولۇپ، ھەرقايسى تەركىپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان .شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە تەۋە بولغان مىللىي خاراكتېرنى مۆلچەرلەپ چىققىلى بولمايدۇ.مەن پەقەت ئۆزۈم كۈزەتكەن بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا تىرىشتىم.


ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،تەلۋىلىك، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ئىدىيىسى ئۇلاردا نابۇت قىلىش رولىنى بەكرەك ئوينىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىدىكى بارلىق ئاكتىپ ۋە ئنكاس قايتۇرۇش خاراكتېرىنى نەپىسىدىن بوغۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك تەپەككۈر قىلىش، مۇشتاقلىق،ئىنتىلىش قاتارلىق ئىنكاسلارنى ھىچقانداق مەپتۇنلىقى ياكى قىزغىنلىقى بولمىغان، بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتى بولمىغان بىر ماھىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.بۇ ئاللاغا چوقۇنۇش يولىدىكى ئۆزىنى ئاتىغان ئوت كەبى قىزغىنلىق
ئىچىدىكى كۈرەش بولماستىن بەلكى ناھايىتى قاشاڭ ، چېكىدىن ئاشقان سەۋرچان، قانائەتچان بىر خاراكتېر بولۇپ، ئۇ ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن.بۇ خىل خاراكتېر ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە مۇھىتىدا ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرەر كىشىنىڭ ئۆز قايغۇسىنى ناھايىتى چوڭقۇر ئىپادىلىگەنلىكىنى ،بىرەر كىشىنىڭ يۈز بەرگەن تراگېدىيىگە نىسبەتەن چۆچۈگەنلىكىنى ، بىرەرە كىشىنىڭ خۇشاللىققا ئۇچرىغاندا ئۆز مەمنۇنلىقىنى كۆڭۈل قېتىدىن چىقىرىپ ئىپادىلىگىنىنى ياكى، بىرەرسىنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ قاقاھلاپ كۈلگىنىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.ئۆز جۈملىسىدىن بۇ خىل ھادىسىلەر بالىلارغىمۇ
تەسىر قىلغان بولۇپ،ئۇلار كىچىكىدىنلا شۈكرى قىلىش ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىدۇ.ئۇلار ھەرقانچە زور خۇشاللىق ۋە بەختكە يولۇققاندىمۇ يەنىلا ئۆز خۇشاللىقىنى كۆز بىلەن كۆرۈنگىدەكلا
ئىپادىلەپ قويىدۇ ھەم بۇ خىل ھېسسىيات قىسقىلا بىر پەيت داۋام قىلىدۇ.ئۇلار پەقەت ئاللاھلا باي ۋە كەمبەغەللەرنى يارىتىشقا قادىردۇر، بەندىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئۆزگەرتىش كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ خۇددى ئىگىسىنىڭ بۇرنىدىن چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ ماڭغان ، ئىگىسى ھەددىدىن زىيادە بېسىم سالسىمۇ زۇۋان سۈرەلمىگەن ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان تىلى تۇرۇپمۇ قارشىلىق كۆرسەتكۈدەك ماجالى يوق ئىدى.


ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.ئۇلارنىڭ پاكلىق ۋە ناپاكلىق ھەققىدىكى قاراشلىرى تولىمۇ ئەخمىقانە ئىدى.مەسىلەن، بىرەرسى 14 خىل ئايەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بەزى سۇيۇق تاماق قالدۇقلىرىنڭ چىشلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغىنىنى بايقىسا ياكى بىرەر تامچە يېشى ئېقىپ كەتسىمۇ ،ئۇلار بۇ نامازنى بۇزدى دەپ بىلىپ، باشقىدىن باشلاپ ئوقۇيدۇ.ئۇ خىل قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قويغان كىشى چوڭ ئالدامچى ۋە يالغانچى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.



بۇ خىل ئىدىيىلەر ئۇلاردا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئوخشاش خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ،بۇ خىل خاراكتېرنىڭ كەينىدە ئۇلار ھېچقانداق ئىشنىڭ تېگى –تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن مۇستەسنا ھالدا، پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش
ۋە ئادەت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىشلارغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ قالغان.بۇ خۇددى ئۇلارنڭ يەر تېرىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاش.ئۇلار ئۈچ چى چوڭقۇرلۇقتا يەر كولايدۇ، ئوخشاش ئۆلچەمدىكى يەرگە،ئوخشاش مىقداردىكى ئۇرۇق سالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا شۇ خىل تەرىقىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ھېچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە ئويلۇنۇپ كۆرمىگەن.

بۇ خىل ئىسلام دىنىدىنمۇ ھالقىغان جاھىل كونسېرۋاتىزملىق ئۇلارنىڭ قان –قېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق تەتقىقات، ئىزلىنىش، ئىلگىرىلەشنى چەكلەپ قويغان.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كافىرلارغا قارشى ئىدىيىسىمۇ ئانا سۈتى بىلەن تەڭ كىرگەن بولۇپ،بۇ ئۇلارنى باشقا مىللەتلەردىن ئۆگىنىش ، قوبۇل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان.



ئۇلار ئەگەر بالىلار بۇ خىل قائىدىلەرگە دىققەتسىزلىكتىن ئەمەل قىلالماي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندا ئۇلارنى“ بۇرنۇڭنى ياكى قۇلىقىڭنى كېسىمەن“ دەپ قورقىتىدۇ.ئۇلار كۆپىنچە دىنىي ئەقىدە ۋە جازالاش مېتوتلىرى ئارقىلىق بالا تەربىيىلەيدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئۇلاردا راست گەپ قىلىش ئادىتى كەمچىل.بالىلار كىچىكىدىنلا خاتالىقىنى تونۇشقا ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشىشكە ئۆگىتىلمەيدۇ.ئاتا-ئانىلار بولسا، “ئۇلار تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ“دەپلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.پەقەت ئاللاغا بولغان دۇئا –تالاۋەتلا بارلىق گۇناھ، خاتالىقلارنى يۇيىدۇ دەپ قارايدۇ. ئوغرى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان چېغىدا ئاخىرەتتىكى جازادىن قورقۇپ:“ئاللاھ، كەچۈرگەيسەن گۇناھىمنى “دەپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ، يەنە
قول سالىدۇ.


ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش پەزىلىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىدىن بولسا كېرەك.ئۇلار قېرىنداش ۋە ھەمراھلىرىنى چوڭ كۆرىدۇ، مېھماندارچىلىقى ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك.


ئەر –ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتتە ،مۇھەببەت ھەر ئىككىلا تەرەپتىن ئىشەنچ ۋە ھۈرمەتنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، قارىماققا ئۇلاردا پەقەت جىنسىي تارتىش كۈچىلا ئۆزارا ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان ئاساسىي كۈچتەك قىلاتتى.



بۇ خىل كىشىلەر ئاسان غەزەپلىنىپ ئاسان ئاچچىقى يانىدىغان كىشىلەر ئىدى.ئۇلاردا يەنە ھالى چوڭلۇق،قىززىق قانلىق، تەرسالىقمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا سەۋر-تاقەت كەمچىل ئىدى.كۆرگەن
كىشى ئۇلارنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەرمۇ دەپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدىن ئەندىشە قىلىپ قالاتتى.


ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلار بولغاندا، ئۇلار چىرايلىق ۋە ياسىداق گەپلەر بىلەن ماختاشقا ناھايىتى ماھىر كېلىدۇ.

ئۇلاردا يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ھالقىغان بىر خىل چۈشىنىش تەس ھېسسىيات بولۇپ، ئۇلار بارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە تۈركلەرگە ئاجايىپ قىزىقاتتى.ئەگەر ئۇيغۇرلاردىن بىرەرسى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ 40-50 يىل ياشىسىمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئۇ يۇرتتا “ياتلار“دەپ ھېسابلايدۇ.شۇڭا باشقا دىندىكىلەرگە قارشى قوزغىلاڭ ۋە جەڭلەردە ئۇلار ئاسانلا سەپكە قوشۇلۇپ ياۋلارغا قارشى تۇرالايدۇ.


ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز دادىل ئەمەس ھەم ئۇلاردا ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىقدارى ئاجىز.ئەگەر بىرىگە ھوقۇق تېگىدىغان بولسا، ئۇ دەرھاللا رەھىم –شەپقەتسىز ۋە باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ.غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم كۈل ئىچىدە كېتىۋاتقان سازاڭ قۇرتىدەك ئۆمىلەپ مېڭىشى كېرەك ئىدى.


بايلار ھامان كەمبەغەللەرنى ئانىي تاپاتتى.دەۋا –سوراقلاردا بولسا، قازى پارىنى كىم كۆپ بەرسە شۇنىڭ گېپىنى راست قىلاتتى.تەسىرى چوڭ كىشىلەر ئۆز ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ساختا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈچىلەرنى يىغالايتتى.


ياۋروپالىقلاردا خىزمەتكارلار خوجايىننىڭ خەير-ساخاۋىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خوجايىنغا بولغان سادىقلىقىنى ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ شۇ ئائىلىدىكى ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆزىگە كۆندۈرۋالغانلىقى بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا، خىزمەتكارلار ئىچىدە كۆز بوياپ، ئامال بار ئىشنى ئاز قىلىپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن خوجايىننىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدىغانلار كۆپرەك.


بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشپ قىلىش، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۈت ئەمەس.ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت تېمىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاز ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇرلار كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاپلار ئەرەپچە ۋە پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، دىن ،پال سېلىش ۋە سېھىرگەرلىك تېمىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن.


ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتمۇ بوستانلىقلاردىن باشقا قالغىنى قۇملۇق، چاڭقاق يەر، تاقىر تاغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىمۇ شۇ تەرىقىدە ھاياتىي كۈچى ئاجىز بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.


مېنىڭ بۇ زېمىندىكى پۈتكۈل مۇساپەمدە، مەن يەنە شۇنى ھىس قىلدىمكى ، ئۇيغۇرلار تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەمدۇ ياكى خالىمامدۇ ،ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا گۈل تېرىپ تەبىئەتكە ھۆسن قوشقىنىدىن باشقا،
مەن شۇ جەرياندا بىرەرسىنىڭ توختاپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىنىنى ياكى تەبىئەتتىن ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئون قەدەم ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم.


ئۇلارنىڭ يازغا تەلپۈنۈشى_كۆمۈرنىڭ دەردىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسا،كۈزگە تەلپۈنۈشى _مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن ، دەرەخ سايىسىدە ئولتۇرۇشى ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، چارچىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى.


يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار ئىچىدە ئاكتىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ئاز بولۇپ، كۆپىنچىسى پاسسىپ تۈردىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى.بۇ پەقەت بىر ياۋروپالىقنىڭ كۈزىتىشىدىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدۇر.


شىۋېتچىدىن تىۋىش تەرجىمىسى







http://tiwish.hostzi.com/?paged=2


http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 02:42:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردىكى خۇراپىيلىق ۋە ئەقىدىچىلىك ت

ئۇيغۇرلاردىكى خۇراپىيلىق ۋە ئەقىدىچىلىك توغرىسىدا

داۋىد گۇستافسون

(داۋىد گۇستافسون 1913-1915 –يىلغىچە قەشقەردە تۇرغان بىر شىۋىتسىيىلىك مىسسىئونېر.بۇيازما ئۇنىڭ قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىسىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مېنىڭچە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خۇراپاتلىق ۋە ئەقىدىچىلىك ئومۇملاشقان بولۇپ بۇ ئۇلاردىكى دىننىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئىگىز تاغلار،قاراڭغۇ جىلغىلار،سەھرايى چۆللىكلەر ، قۇيۇن-بورانلار
ۋە مىراجلاردىن تەركىپ تاپقان سىرلىق مۇھىت ئىچىدە مۇشۇنداق ئۆرپ- ئادەت شەكىللىنىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.


ئۇلار چۈشكە ،ئەرۋاھلارغا،يامان كۆزلەرگە،جادۇگەرلىككە
ۋە بارلىق توسالغۇ سېھىرگەرلىكىگە ئىشىنىدۇ.ئۇلار كېسەللىك ۋە بالا قازالارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ خىل كۈچلەر يارىتىدۇ دەپ قارايدۇ.ئۇلار قوللىنىدىغان ئەڭ كۆپ ۋە ئۈنۈملۈك دەپ قارايدىغان قورال_ئەرەپچە ئايەتلەرنى ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش ئىدى.گەرچە ئۇلار بۇ خىل ۋاستىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلار نىڭ ئارزۇ –ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يەنىلا ياردىمى تەگمىگەنىدى.بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەن كېسەللەرمۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت دۇئا قىلغان بولسىمۇ دۇئالىرىنىڭ پايدىسى بولماي،بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرۋاھلارنىڭ “يامان كۆزى“ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئىگە بولۇپ،بىرەر ئات ياكى ھەرقانداق ھايۋان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئەگەر “يامان كۆزگە“ئۇچراپلا قالىدىغان بولسا ، ئۇ چوقۇم ھاياتىدىن ئايرىلاتتى، ئىنسانلاردىكى ئاغرىق –سىلاق، بالايى-قازالارمۇ بۇنىڭدىن ساقىت ئەمەسىدى.شۇڭا بۇ خىل “يامان كۆز“لەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەرلەرگە نىسبەتەن بۇ خىل خەتەرلىك كۈچتىن خالىي بولغان ،يەنى ئايىقى ياراشقان خوتۇن تاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىدى.


ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېغىزدىن چىققان ھەر خىل سۆزلەرمۇ بۇ خىل “يامان كۆز“نى باشلاپ كېلەتتى.مەسىلەن، بالىلارنى ئەركىلىتىپ چىرايلىق ، ياكى ئوماق دەپ تەرىپلەشكە بولمايتتى.چوقۇم ئۇنى يامانراق سۆزلەر يەنى “ئوغرى“دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىرىش كېرەكىدى.ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ “يامان كۆز“دىن ساقىت بولۇشى ئۈچۈن بوسۇغىدىن بىر سىقىم توپا، بەش خىل ئەخلەت،ۋە بىر باغلام پاختىنى كۆيدۈرۈپ ئۇنىڭ ئىسىنى بىر دوپپىغا سولاپ، ئاندىن ئۇنى دۇرۇتلارنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئۇنى يىراقلارغا تاشلىۋېتىدۇ.


يەنە ئۇلار “نەس باسقان كۈن“لەرگىمۇ ئشىنەتتى.بۇنداق كۈنلەردە سودا باشلاشقا بولمايتتى.ھەر ئايدا ئۈچ كۈن مۇشۇنداق كۈن بولۇپ، چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەكىدى.بولۇپمۇ ، ئاينىڭ بېشىدىكى تۇنجى كۈن ئانچە قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمايتتى.


ئۇلار يەنە تۇماردىن ئايرىلالمايتتى.قېرىلار، بالىلار ھەممىسىدىلا تۇمار بار ئىدى.بۇ ئارقىلىق يالغۇز ئۆزلىرىنىلا ئەمەس يەنە بەلكى ھايۋانلارنىمۇ خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ قارايدۇ،شۇڭا ھەتتا ئات ۋە كالىلارغىمۇ تۇمار ئېسىپ قويىشىدۇ.ئۇلار ئارىسىدا بۆرە چىشىدىن تۇمار پۈتۈپ بوينىغا ئېسىۋالغان كىشىلەر ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر قارىلىدۇ ۋە گېپىنىڭ سالمىقى بولىدۇ .ياۋا توشقاننىڭ يۈرىكىدىن ياسالغان تۇمار ئاسقۇچى ئوق ۋە ئوقيادىن خالىي بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ.بۆرە تىرنىقىدىن ياسالغان تۇمارنى بالىلارغا ئېسىپ قويغاندا تۈرلۈك يامان كۆزلەردىن ساقلايدۇ.بۆرە ئوشۇقىدىن ياسالغان تۇمار دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ساقلايدۇ.


جىندىن ۋە ئەرۋاھتىن قورقۇشمۇ ناھايىتى ئومۇملاشقان.ئۇلار ھەممىلا يەردە جىن بار دەپ قاراپ، ئۇلارنى قوغلاش ئۈچۈن داپ چېلىپ، ئۈنلۈك ۋارقىراپ ، تورۇسقا بىر ئارغامچا باغلايدۇ. ئاندىن كىشىلەر كېسەل كىشىنى باغلاپ، يالغاندىن ئۇنىڭغا پىچاق سانچىغاندەك ھەرىكەتتە بولىدۇ،ئاندىن ئۇ ئارغامچىنى سامان بىلەن كۆيدۈرۈپ بەدەنگە كىرىۋالغان جىننى يوقاتماقچى بولىدۇ.ئۇ جىن ئاندىن تورۇستىكى ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەتتى.ئەڭ ئاخىرىدا بايىقى ئىستا ئىسلانغان بىر قاچا سۇنى كېسەلنىڭ بېشىدىن ئۆرۈيدۇ.


مازار- ماشايىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ.كىشىلەر قەۋرىگە تېۋىنىدۇ، چۈنكى ئۇلارشۇنداق قىلغاندىلا ئاللاھقا بارلىق كۆڭۈل سىرلىرىنى يەتكۈزىدۇ دەپ قارايدۇ.مەسىلەن ،قەشقەردىكى ئاپاق خوجا مازىرىنى يىراق- يېقىندىن كېلىپ يوقلاپ دەردىگە شىپا ئىزدەيدۇ. كېيىن ئاڭلىشىمچە بەزى بالا يۈزى
كۆرەلمىگەن ئاياللارمۇ مازارلارغا بېرىپ ، ئاللاھتىن شىپا ئىزدەيدىكەن.ئاندىن ئارمانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ئاشمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇ يەردىكى ئېغىر تاشلارنى كۆتۈرۈپ باقىدىكەن، ئاندىن يەنە ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش ئىستىكى بولسا تاشنىڭ ئۇستىگە ئوقيا قويۇپ قويۇدىكەن.


ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بۇ خىل مازارلاردا 40 كۈن تۈنەپ ، قۇرئاننى قىرائەت قىلىپ چىقىش ئىدى.ئاندىن بۇ دۇنيادىن ئايرىلغاندا مۇشۇ خىل مازارلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىشمۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ تىلەكلىرىدىن بىرى ئىدى.لېكىن مازارلارنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلىكلەر قىممەت بولۇپ ، پەقەت بايلارلا قەۋرە سېتىۋالالايتتى.


چۈشكە ئىشىنىش ۋە تەبىر بېرىشمۇ ئومۇملاشقان .“ئەگەر بىر كىشى چۈشىدە پەيغەمبەرنى كۆرسە، ئۇ ئادەم ھەرگىز دوزاققا كىرمەيدۇ.چۈشىدە پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كىشى خۇدانىڭ مېھر –شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ.چۈشىدە مازار كۆرگەن كىشى يۇقىرى ئابروي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.چۈشىدە دەرۋىش كۆرگەن كىشى يىل بويى ئاغرىقتىن خالىي بولىدۇ.چۈشىدە يۇلتۇز كۆرگەن كىشنىڭ ئارزۇ مەقسەتلىرى روياپقا چىقىدۇ.چۈشىدە ەئاغرىقنى كۆرگەن كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولىدۇ.چۈشىدە ئۆلۈك كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.چۈشىدە يىغلىسا، كۆپ خۇشاللىقلارغا ئېرىشىدۇ“.


گەرچە قۇرئاندا پال سېلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر پالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.ئۇنداق پالچىلارنىڭ ئالدىغا، كەلگۈسىنى بىلمەكچى بولغانلار، ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئېرىنىڭ ياكى ئايالىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئەمەسلىكى ، ئېرىنىڭ قاچان سەپەردىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ.ئادەتتە بىر ياغلىققا نەچچە تال تاش تاشلىنىپ ، ئاندىن جاۋابىنى كىتاپتىن ئىزلەيدۇ.بۇ پالچىلار دانىيار ئەلەيھىسالامنى قوغدىغۇچىسى دەپ قارايدۇ.


ئۇلار ئارىسىدا يەنە يامغۇر تىلىگۈچى كىشى بولۇپ،جەدىچى دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇ كىشى يامغۇر تىلەشتىن بۇرۇن مازارغا بېرىپ 41 كۈن ئىچىدە 70مىڭ دانە ئايەت ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.يامغۇر تىلەش جەريانىدا چوقۇم جامائەت ئىچىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ كىشى باشتىن –ئاياق تۇرۇشى كېرەك بولۇپ، جەدىچى ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىدىن ياسالغان تاشنى يېڭى ئۆلتۈرۈلگەن تۆت پۇتلۇق ھايۋاننىڭ قېنىغا چىلاپ ، دەرەخ شېخى بىلەن ئىلەشتۈرىدۇ.ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ رىسالىسىنى ئوقۇيدۇ.يامغۇر يېغىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.ئەگەر ئۇ مۆھلەت ئىچىدە يامغۇر ياغمىسا، ئۇ يەنە باشقىدىن كېچە-كۈندۈز دۇرۇت ئوقۇيدۇ.ئەگەر شۇنىڭدىمۇ يەنە يامغۇر ياغمىسا، ئۇ چاغدا جەدىچىنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.جەدىچى ئەگەر يامغۇر ياغدۇرالىسا، خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشىدۇ، ئەگەر يامغۇر ياغدۇرالماي قالسا ياكى بەك كۆپ ياغدۇرىۋەتسىمۇ خەلقنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.


ئۇيغۇرلار ئىچىدە يەنە “يامان ئەرۋاھ“لارغا ئۇچراپ قالغان بالىلار “ئاۋاق “دەپ ئاتىلىدۇ.بالىلار تالادا ئويناۋاتقان چاغدا ئەگەر قۇيۇنغا ئۇچراپ قالسا، شۇ جىننىڭ كاساپىتىدىن شۇنداق بولدى دەپ قارىلىدۇ.ئۇنداق بالىلار كۈندىن –كۈنگە ئىشتىھادىن قېلىپ ، ئورۇقلاپ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ.بۇنىڭ داۋاسى قېشىغا قاپ قارا قاشلىق ئېتىپ ، يۈزىنى قىزىل بوياپ ،ئاندىن بالىنىڭ ئانىسى بازارغا بېرىپ 10 تۈگمەنچىدىن ئۇن، 11 قاساپتىن 11 پارچە گۆش تىلەپ كېلىپ ، ئۇنى پىشۇرۇپ ئانىسى بىلەن بالىسى بۇنى بىرگە يىيىشى كېرەك ئىدى.تاماقتىن كېيىن بىر قونچاق ياساپ ، بىر قاچىغا ئەتكەن تاماقتىن سېلىپ، 7 يول ئۆزارا كېسىشكەن جايدىكى بىر ئورەككە بۇلارنى قويۇپ قويۇشى كېرەك ئىدى.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايال ئۈچ كۈنگىچە ئورنىدىن تۇرالمىسا، بىر دانە مىكىيان ياكى بىر پاخلان ئوغرىلاپ كېلىنىپ ، ئايال ياتقان ئۆينىڭ تۈڭلىكىدە بوغۇزلىنىپ ، قېنى ئايالنىڭ بەدىنىگە ئاققۇزىلىدۇ.ئاندىن تۇغۇتلۇق ئايالغا تاماق يىگۈزىلىدۇ.تاماقتىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ بارلىق ئەزالىرى كېسەلنىڭ كارۋىتى ئاستىغا كۆمۈلىدۇ.بۇ جەرياندا قۇرئاندىن دۇرۇتلار ئوقۇلىدۇ.


شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى



http://tiwish.hostzi.com/?paged=2

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24053
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:37:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
100 يىلدىن كىيىنمۇ بىزدە زور ئۆزگىرىشلەر بولماپتۇ.100 يىل نىمە قىلدۇق بىز؟

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2553
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21657
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9887 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن . بۇ تېمىنى ناھايىتى ياخشى يوللاپسىز .
ل.ې.ھۆگبېرىي بىلەن داۋىد گۇستافسۇن  ئىككىيلەن ، يات بىللەت يات ئەل كىشىلىرى تۇرۇپ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشۇنۇپتۇ . ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى خارەكتىرىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىپ بېرىپتۇ .   
    تېمىدىكى مۇنۇ سۆزلەر ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان . : ئۇلار قارىماققا دىنغا تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىنلا ئېتىقاد قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بۇ بەندىلەر ئۆزىنى قايرىپ قويۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بولغان تەسىرنى بەكرەك ئويلىشاتتى.

        بۇ خىل ئىسلام دىنىدىنمۇ ھالقىغان جاھىل كونسېرۋاتىزملىق ئۇلارنىڭ قان –قېنىغا ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچنى ئۆلتۈرۈپ، بارلىق تەتقىقات، ئىزلىنىش، ئىلگىرىلەشنى چەكلەپ قويغان.

   بۇلاردا بىرەر ئەسۋاپ توغرىسىدا كەشپ قىلىش، ياخشىلاش ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش مەۋجۈت ئەمەس  .ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىيەت تېمىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلۇنۇش ئەھۋاللىرى ئاز ئۇچرايدۇ.ئۇيغۇرلار كۆرىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىتاپلار ئەرەپچە ۋە پارىسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، دىن ،پال سېلىش ۋە سېھىرگەرلىك تېمىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن.

     ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىڭىزداقانداق تەسىراتقا كېلەرسىز؟ تېمىدىكى ئېيتىلغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسسىپ تۈردىكى خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرى بولسىمۇ لېكىن ناھايىتى توغرئېيتىلغان .گەرچە ھازىر ئۇيغۇرلىرىمىزدا ئۆزگىرىش زور دىسەكمۇ زادى قانچىلىك ؟ تېمىدا ئېيتىلغان پاسسىپلىق چەمبىرىكىدىن چىقالىغانلار زادى قانچىلىك ؟ 1000 ، 10000 ، 5000000 ؟؟؟؟؟؟؟؟

  قالدى گەپلەرنى ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن يازاي . 

  



ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋرۇپالىقنىڭ بەرگەن باھاسىنىڭ ھەممىسىنى 100% قوبۇل قىلماسلىق كېرەك....

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  shakira كە 2010-10-20 04:37 PMئەۋەتىلدى  :
100 يىلدىن كىيىنمۇ بىزدە زور ئۆزگىرىشلەر بولماپتۇ.100 يىل نىمە قىلدۇق بىز؟
سىز ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھىس قىلمىدىم دىسىڭىز مەن بۇ پىكرىڭىزگە قۇشۇلمايمەن . بىلىۋىلىڭ ، "باشقىلارنى پۇتۇنلەي ئېتىراپ قىلىش ،ئۆزىنى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان بىلەن باراۋەر " بۇنى يازغان يۇڭباش بىز توغرۇلۇق قانچىلىك تەتقىق قىلدى ئۇنىسى نامەلۇم ،لېكىن بىر مىللەتنى ئەمەس بىر ئادەمنى چۈشىنىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان روياپقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس . يادىڭىزدا تۇتۇڭ ئىنكارچىلىق بىزدىكى ئەجەللىك كەمچىلىكلەرنىڭ بىرى . بىز سۈيۈملۇك مىللىتىمىزنى چۇشكۇنلەشتۇرمەي ،ئىلھام بىرىشىمىز كىرەك .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13800
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:47:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى باھالىرى  توغرىدەك  قىلامدۇ نىمە؟؟

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................
pomixqik بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:48:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياردەم مەزمۇنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 1388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10770
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6900 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 04:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى  ئىز.ئويغانغان  زئىمىن رومانىدا  ئۆز ئورنىنى تاپقان ھازىر21 ئەسىر  ماكان  زامان  ئالماشتى .   قولىمزدىكى نانى تۇتۇپ يەيدىغان  باشقىلارغا  بوزەك بولمايدىغان  داۋلىلشدغان زامان

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24053
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  albax كە 2010-10-20 04:46 PMئەۋەتىلدى  :

سىز ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھىس قىلمىدىم دىسىڭىز مەن بۇ پىكرىڭىزگە قۇشۇلمايمەن . بىلىۋىلىڭ ، "باشقىلارنى پۇتۇنلەي ئېتىراپ قىلىش ،ئۆزىنى پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان بىلەن باراۋەر " بۇنى يازغان يۇڭباش بىز توغرۇلۇق قانچىلىك تەتقىق قىلدى ئۇنىسى نامەلۇم ،لېكىن بىر مىللەتنى ئەمەس بىر ئادەمنى چۈشىنىشمۇ ئۇنچىۋالا ئاسان روياپقا چىقىدىغان ئىش ئەمەس . يادىڭىزدا تۇتۇڭ ئىنكارچىلىق بىزدىكى ئەجەللىك كەمچىلىكلەرنىڭ بىرى . بىز سۈيۈملۇك مىللىتىمىزنى چۇشكۇنلەشتۇرمەي ،ئىلھام بىرىشىمىز كىرەك .
مەن ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق دىمىدىم،زور ئۆزگىرىش دىدىم.
زور سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىشىمنىڭ زۈرۈرىيىتى يوقتۇ؟ئىنكاسىمنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا سۆزلەپ كىتىپسىز.ھىچكىم مىللەتنى چۈشكۈنلەشتۈرگىنى يوق.سىز باشقىلارغا قالپاق كىيدۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ.شوئار توۋلاش ئاسان ھە.

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش