مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 11

تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11379
تۆھپە نۇمۇرى: 443
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 03:10:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەكلىماكان، خوراز، ئۈرۈمچى
‹باللادا›
ھەبىبۇللا توختى

چەكسىزلىك چەكسىز  
چېچىلغان ماكان،  
ئاڭا تۇتاشقان -
ئاخىرقى زامان.  
ئەجەبمۇ سىرلىق بۇ تەكلىماكان.
بۇ تەكلىماكان -
ئۇيقۇغا چۆمگەن
ئۇيقۇسىز شەھەر.  
جۇشقۇن جەسەتتەك
تۇيغۇسىز شەھەر؛
ياتار پەرۋاسىز،
تالايدۇ بوران،
ھۇۋلار شىۋىرغان ...

بۇ تەكلىماكان -
كۆز ياشقا يېقىن،
دېڭىزدىن يىراق؛   
مەرمەر دېڭىزى،  
ئاتلانتىك ئوكيان
بەكمۇ يىراقتا.   
نەمخۇش ساھىللار،
دالا تامىقى،  
بىر مۆتىۋەرنىڭ ئېسىل قارمىقى،
غەمسىز ئوقۇلغان ئەركىن ناخشىلار،  
يوقتۇر بۇ يەردە.
چۈنكى بۇ قۇملۇق ماڭالماس قېيىق،
سۇسىز چۆل دېمەك يوق ئالتۇن بېلىق.
توغراقزارلىقتا بولۇشى مۇمكىن -
پادىشا تۈلكە، مەدىكار ئېيىق،   
بوۋام ئېيتقاندەك.

بارخان باغرىدا ئۇيقۇچان مەھەللە.
پەرىشتە كەلسە چىللايدۇ خوراز.
جاڭگالغا ماڭار   
پادىچى بالا، بىر توپ مۆڭ كالا.  
ناخشا توۋلىغاچ -  
غەمكىن ئوتۇنچى ماڭار ئوتۇنغا:  
« ئاھ خۇدا بەندەم دېسەڭ،
تۇزچى، ئوتۇنچى قىلمىغىن.
ئالتە ئېشەكنى ھەيدىتىپ،  
چۆللەردە ۋەيران قىلمىغىن »
پۇتلىرى ھارماس ئۇلاق،  
بىلىكى ياستۇق ئاڭا.
دۆۋە قۇم دەل پەر تۆشەك،
چىقسا ئاي - نۇرلۇق چىراق ...
خوراز چىللايدۇ ...
  
قۇرۇپ قالغان ئاپئاق ئىسكىلىت،  
بەكمۇ مەغرۇر ياتار ھىجىيىپ،
ئاۋۇل تىكىپ ساتۇق بۇغراخان   
گۈلخان سېلىپ ئۆتكەن دالىدا.
ئوتۇنچىنىڭ جەسىتى چوقۇم،
بەش بالىسى كۇلۇڭ ئالدىدا
تېپىلمايدۇ ئەمدى بەرىبىر،
كەر بالانى نۇرغا تولدۇرغان -
ھۈسەينەمدەك مەڭگۈلۈك جەسەت.  
بۇ قانداق جەسەت؟
ئۇ قانداق جەسەت؟  
بولدى قويغىنا،
جەسەتكىمۇ قىلمايلى ھەسەت.

ماڭا ئەگەشمە كۆڭۈلسىز پاراڭ،
سورىساڭ مەن بىر سۆيۈملۈك ساراڭ.  
ئىزدەپ يۈرىمەن ھېلىقى شەھەرنى،   
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەرنى.  

بوۋاينىڭ سۆزى:  
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام  
قوشۇن تارتقانچە كەلسە بىر جايغا،
سېپىل ئالدىدا ئېگىز بىر مۇنار،  
مۇنار ئۈستىدە بىر سەگەك خوراز -
چىللاپتۇ، شۇ ئان باشلىنىپتۇ جەڭ.  
  
موماينىڭ سۆزى:  
خورازسىز ئەل ئاداشقان پادا،   
ئەتراپىدا چىلبۆرە ھۇۋلار.  
ئەركەك مىجەز سەگەك خورازدىن  
يالماۋۇز ھەم ئىبلىسمۇ قاچار.  
ئاڭلىغىن بالام،  
چىقما تالاغا نەسلىك گۇگۇمدا  
توغراقلىق ئارا جىن - شاياتۇن بار.   
يالماۋۇزمۇ بار
چىنتۆمۈر ئاكاڭ چاپسا شەمشەردە،
ھەر بىر بېشى مىڭ بوپ يارالغان.

نەۋرىسى ئېيتار:   
ئېيتقىنا موما  
شۇنچە كەڭرى تەكلىماكاندا  
بۇرۇنلاردا يوقمىكەن خوراز؟!  
موماي كۆزىگە ياش يۇقار شۇ ئان:  
كەچۈرگىن بالام جىنلار ئۆزگىرىپ -
خوراز ئالدىغا بوپ كەلگەن مىكىيان.
ئاتقان چېغى تاڭ  
ئاچچىقلاپ بالا غىلتاڭ خورازلارغا،
تاش ئاتقاچ ئاڭا،
يالىڭاياقلا ماڭار مەكتەپكە،
موماي قالىدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا.  
لايپاس ئاققان لاي سۇلۇق ئۆستەڭ،
مىسىردىكى نىلغا ئوخشىماس.  
نىل قۇيۇلار ئەرەبلەرنىڭ قەلبىگە.
بىراق ئۇ جايدا
دىللار چاڭقاق، نىلمۇ توختىماس.
پۇراپ تۇرغان قۇمچاقلىق كۆلچەك  
ئوخشىماس ھەرگىز -
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلۇغ مۇساغا،
( سالام ئۇ زاتقا )
خوراز چىللىغان نۇرلۇق سەھەردە،  
ماماتقا باي قايناق سەپەردە،
ئۆز قوينىدىن يول بەرگەن دېڭىز -   
قىزىل دېڭىزغا.  
قىزىل دېڭىز مويسىپىت دېڭىز،
دولقۇنلىرى تەلۋە قىسمەتتەك،   
سۈيى ئاچچىق چىن ھەقىقەتتەك.
قوينى داغدام يول كەلگەندە مۇسا،
پىرئەۋىن شۇ سۇدا جېنىدىن جۇدا.   
تەلۋە پىرئەۋىن   
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا   
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا.   
ئۇنى ئۆلۈمگە باشلىغان مۇسا -
ئۆزى پەپىلەپ چوڭ قىلغان بالا.
ئەجەبمۇ ئاچچىق ھەقىقەت دېگەن.
بىراق بۇ جايدا،
لاي سۇلۇق ئۆستەڭ -
كۈتەر شاۋقۇنسىز،  
خوراز چىللىسا ئېتىزغا ماڭغان -
ئورۇق ئۆكۈزنى، غەمكىن قوشچىنى،
چاڭقاق پادىنى،
دەرستىن قالغان گۆدەك بالىنى.
توغراق چىراي، قويدەك مۆڭ بالا،
قۇلاق سال ماڭا!  
سەندەك چاغدا - گۆدەكلىكىدە   
بەكمۇ جەسۇر، شوخ ئىدى مۇسا ...  
جاۋاب
پاك ساددىلىق بۇلغىغان جاي بۇ،
مەلئۇن پىرئەۋىن چۈنكى بۇ جايدا -  
باقماپتىكەن مۇسا كەبىي شوخ،  
جەسۇر، زىرەك بىرەر مەرد بالا.   

خوراز چىللىسا چىقىدۇ قۇياش،  
قانغا بوياپ چەكسىز بارخاننى.  
مەكتەپنىڭ يولى يېتىمسىرايدۇ،
« قېرى ئەپەندى » ھالسىراپ كېلىپ -  
ئۆينى سورايدۇ.
قوناقلىق بىلەن قاچىدۇ بالا،
كۈتەر ئېتىزدا ئاتا، قوش، كالا.  
خوراز چىللايدۇ،
ئۆتىدۇ يىللار  
ئاۋاتلاشقانچە ھاشارنىڭ يولى.  

گۈزەل ئۈرۈمچى خورازسىز شەھەر،
مۇزدەك باغرىڭغا
ھېسسىياتسىز چۇقانلار بىلەن -
غالجىرلارچە كىرەر باستۇرۇپ
تۈتەك باسقان خورازسىز سەھەر.
ئوخشايمىز شۇ چاغ   
ئۆزىمىزگە، بىر - بىرىمىزگە؛  
ئارقا كوچاڭ قەلبىمىزدۇر دەل،   
چىرايىمىز پار - پۇر بىنايىڭ،   
نېرۋىمىزدۇر نەغمە - نەۋايىڭ.
جاھالەتنىڭ شېرىن كەيپىدە -   
ناخشا توۋلاپ تۇرۇپ چىقارغان   
تىنىقىمىز تۈتەك ھاۋايىڭ ...
روھىمىزغا ئوخشايدۇ ئەجەب،   
بايلار كىرمەس، مۇساپىر تولا
بەكمۇ رەڭدار غېرىب مەسچىتىڭ ...   

سورىساڭ گەر مېنى، مەن پەقەت -  
قوينۇڭدىكى بىر گۆدەك بالا.
قاراپ باق ماڭا:
ئارمان قاچىلاپ خورجۇنلىرىمغا،
كۆزۈمدەك خۇنۈك جەنۇبتىن كەلدىم.
ئەشۇ جەنۇبتىن ئۇزاتتى دادام  
سىيلاپ بېشىمنى -  
تارىخىمىزدەك قاداق قولىدا.
ئۇزاتتى ئانام،  
سۇ ۋە دۇئا، سۈتتە يۇغۇرۇپ،
مېھرىدەكلا ئاتەش تونۇردا -  
تاۋلاپ توقاچنى.  
مۇز رەڭ شەنبە، مۇز رەڭ ياتاقتا   
بۇ قۇياشسىز جۇل ئۈرۈمچىدە -
ساندۇق ئۇپۇقۇم، شۇ توقاچ - قۇياش.

قالدى قەشقەردە  
مەغرۇر ھېيتگاھ،  
لاي ئاققان تۈمەن،  
تەمكىن « ئوردا ئالدى »   
ياسانچۇق سەمەن.
ھېيتگاھ ئالدىدا قالدى تىزىلىپ
مىسكىن مەدىكار، ئۆكتەم تىلەمچى،
نوچى تۇماقچى،  
چىبەرقۇت يۈزلۈك كۇلالچى بوۋاي،
ئوغلى ھوقۇقدار قېرىماس موماي.

خىلۋەت يېزامدا
ئوماق پاقلىنىم ئوينايتتى تاقلاپ،
كەپسىز ئوغلاقلار قېچىپ نايناقلاپ،  
قەلبىمدەك سۈزۈك ئېقىن بويىدا.  
مىسكىن كەپەمدە بوۋامدىن قالغان -
قېرى خورىزىم چىللايتتى تاڭدا.  

يەر شارىنىڭ قۇرغاق لېۋىگە
قىستۇرۇلغان شېرىن موخۇركا -  
بەدبۇي سانائەت،
ئاتىلىقنى ئايرىپ ئاتىدىن،  
ئاتىسىزنى يوق قىلدى تامام.

دۈمچەك بولۇپ يۆتەلگەچ شەھەر،  
ئىپلاس راكتىن بەرگەندەك خەۋەر،
ئۈرۈمچىدىن كەتتى يىراقلاپ،
خوراز لەرزان چىللىغان سەھەر.

گۈللۈك قەپەس كۆندۈرگەن يولۋاس،  
ئۇخلاپ ياتار بىر كۈن كەچكىچە.
مىجەزىنى يوقاتمىغان شىر -
خىرىلدايدۇ ئادەم كەتكۈچە.
گۆش چوقۇلاپ ئاۋارە بۈركۈت،
بۆرە سۆڭەك غاجار يانپاشلاپ.
تىپىرلايدۇ مىسكىن توشقانلار،
قەپەسلەرنى يۇمشاق تاتىلاپ.
ھەشەمەتلىك قان رەڭ قەپەستە،
مەرۋايىت دان چېچىلغان پەستە؛
توك چۆجىسى - ئاتىسىز خورازلار  
چىللىيالماي تۇرار شۈمشىيىپ،  
توڭ قاغىدەك قىلىشىپ غاق - غاق.  
چىللاپ كەتتى باشقىلار قانداق؟!  
ھەم ئاتا ھەم ئانىسىز جانىۋار -
چىللىيالماي، دان يەپ، غاقىلداپ -  
ناجىنىسقا ئايلىنار شۇنداق.

نۇرلۇق ئېرانىڭ بوسۇغىسىدا،   
بىر - بىرىگە قاراپ شۈمشىيىپ،  
قېتىپ قېلىشقان
شەھەرسىز خوراز، خورازسىز شەھەر.

تەلۋە، مىسكىن بۇ گۈزەل شەھەر،
تەبىئەتتىن يىراق بىر جايدا،
بىر بوۋاينىڭ تەمكىن چۈشىدە:
تاش يۈز، تاش قول ھەم تاش يۈرەكلىك،
تاش كۆزىدە شېغىل يىغىلغان،  
نادانلىقنىڭ قاتلاملىرىدا -
ئۇخلاپ يېتىپ تاشقا ئايلانغان
تاش بەدەنلىك، تاش ھېسسىياتلىق -
دېمەككى - تاش ئادەملەر تولغان -  
تاش شەھەرگە كەتتى ئايلىنىپ.


1999 - يىل ئاپرىل - ماي. ئۈرۈمچى
مەنبە: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق (2 ــ 3) قوش سانى


ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىشچان باشقۇرغۇچى ئەستايىدىل باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 22557
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 7773 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خورازلارنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس ، نۇرغۇن شەھەر ، ناھىيەلەردىمۇ ئاڭلانماس بۇلۇپ قالدى .

ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ، يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟ كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ، بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟

يۇقال مۇھەببەت!ي

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14632
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9406
تۆھپە نۇمۇرى: 280
توردا: 1021 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2011-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مايەگىمۇ يوللاپ بولغان گەپ دىگىنە..... [s:80]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3266
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8234
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 291 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ھازىر يېزىلاردىن باشقا جايلاردا خوراز چىللىمايدىغۇ دەيمەن``(`شەھەرلەردىكى تۇخۇ بازىرىنى ھېساپقا ئامىغاندا)

سەن كۈتكەن كەلگىچە سىنى كۈتكەننى كىتىپ قالمىسۇن!؟~

ھەق گەپ ئاچچىق ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7770
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22551
تۆھپە نۇمۇرى: 2754
توردا: 7964 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنمۇ يوللانغان ياخشى تىما بۇ.  مەندە ئىلكىتابى بار.  
لازىم بولسا يوللاپ بېرەي.
چ چ : 136858660

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1311
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12304
تۆھپە نۇمۇرى: 1077
توردا: 13878 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:24:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خورازلارنىڭ چىللىشى ئاڭلانماس بوپ كەتتىغۇ ھازىر.

ئوگەنگۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:29:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5627
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:34:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خورازنىڭ ئورنىغا سائەت باغۇ..

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

ھەققي ئاق خالاتل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7957
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9271
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 05:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ، بىراق شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى توردا ئېلان قىلىشقا بولمايتىغۇ ؟ [s:95]

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ، سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم . سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ، قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم . باشقىلارنى ئۆزۈم دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى باشقىلار دەپ بىل . باشقىلارنى باشقىلار دەپ بىل ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈم دەپ  بىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9732
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5175
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-20 11:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر بۇرجىكى دىيىشكە بولىدۇ

زىمىن ئۇلۇغ،زىمىن مۇقەددەس. ئۇنىڭ بولغاچقا سەن،مەن زەبەردەست
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش