ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ ئەزىزانە ئىشتىراكچىلىرى!
تور بېكىتىمىز كىچىكلىكتىن زورىيىپ ، ئادەم سانىمىز كۈنسىرى يۇقىرلاپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يەنى مۇنبەرلەر ئارىسىدىكى سەركەردە مۇنبەرگە ئايلاندى! بۇنى يالغۇز مېنىڭ ياكى بىر قانچە ئەزانىڭ تۆھپىسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ! بۇ پۈتكۈل مىسرانداشلارنىڭ ئورتاق تېرىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىشلار! بۇ پۇرسەتتە سىلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى ،ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپەڭلارغا سەمىمى سالامىمنى يوللايمەن!
بۇ سالاملارنىڭ ئەڭ چوڭىنى يەنە شۇ جاپاكەش ،مىننەتسىز باشقۇرغۇچىلارغا سۇنىمەن!
يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئەزالارنىڭ تېمىسى ئۈن - تىنسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرى ياكى سەۋەبسىز ئۆچۈرۈش ئەھۋاللىرى بايقالغان.
بۇ ھەقتە بىز تەستىقلايدىغان ھەم تەستىقلىمايدىغان تېما ئۈچۈن مەخسۇس مەزكۇر تېمىنى يوللاپ تۇرۋاتىمەن!
تېمىڭىزنىڭ قانداق مەشغۇلاتلارغا ،كىم تەرىپىدىن مەشغۇلاتلارغا يولۇققانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز :
ماتىريال ئۆزگەرتىش -- دېگەن يەرنى چەككەندىن كىين سول تەرەپتىكى يازما مەشغۇلات خاتىرىسى دېگەننى چەكسىڭىز بارلىق مەشغۇلاتلار كۆرۈنىدۇ،قايسى باشقۇرغۇچى نېمە سەۋەبتىن ئۆچۈرگەنلىكىمۇ چىقىدۇ!
تەستىقلىنىدىغان تېما:
تېما مەنبەسى ئېنىق ئەسكەرتىلگەن، پايدىلنىش قىممىتى بار تېما
باشقا توربەتلەردىن ئېلىپ كەلگەن تۈنۈگۈن ياكى بۈگۈنكى خەۋەرلەر
ئىملاسى توغرا ،بۇرۇن يوللىنىپ باقمىغان ئىجادىي تېما
مەزمۇنى تولۇق،سۆز -جۈملىلىرى باغلاشقان ئىجادىي تېمىلار
ئەسەر مەنبەسى توغرا ئەسكەرتىلگەن ئىجادىي يازمىلار
خۇراپاتلىق ھەم سىياسىي تۈس ئالمىغان يازمىلار
تەستىقلىمايدىغان تېما:
بۈگۈن ھاۋا ئېچىلدى، يامغۇر ياغدى،دېگەنگە ئوخشاش قىلچە پايدىلنىش قىممىتى يوق تېمىلار
مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار ھەم يالغان مەنبەلىك تېمىلار
ماۋزۇ بىلەن مەزمۇن بىردەك بولمىغان <ئالامەت - كارامەت، بەك پەيزى، خوش -خەۋەر> دېگەنگە ئوخشاش غەلىتە ماۋزۇ قويۋالغان تېمىلار
ۋاقتى ئۆتكەن ھەممە مۇنبەرلەردە يوللىنىپ بولغان تېمىلار
باشقىلارنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تېمىلار
سىياسىيلىقى كۈچلۈك خەۋەر ھەم تارىخىي يازمىلار
مۇراجەتنامە تىپىدىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىشى يوق تېمىلار
ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلمىغان ئارلاشما تېمىلار
ئىملاسى ئالاھىدە خاتا بولغان،تۈزىتىش ئىمكانيتى بولمىغان تېمىلار
باشقا تورلاردىن ئەكىلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان تېمىلار
رەسىم ياكى سۈرەتلىك فىلىملار نورمال چىقمىغان تېمىلار
دۆلىتىمىز ئەربابلىرىنىڭ ھەجىۋىي رەسىملىرى يوللانغان تېمىلار
ئۇچۇر قىلماي ئۆچۈرۈلىدىغان ئىنكاسلار:
ئاخىرى بار ھېكايە - رومانلاردىكى داۋامىنى كۈتىمىز دېگەندەك ئىنكاسلار(ئاپتورنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئۆچۈرىلىدۇ)
بىر قىسىم كىيىن قۇلۇبلانغان سىياسىي خەۋەرلەردىكى ئىنكاسلار
بىر بىرىگە زىددىيەت ئۇرۇقى چاچىدىغان ئىنكاسلار
ئەخلاقسىز ھەم سەت گەپ قىلغان ئىنكاسلار
قۇرۇق سان ،ھەرىپ،چىراي ئىپادىسى بىلەن يوللانغان ئىنكاسلار
سىياسىيلىقى كۈچلۈك بولغان ئىنكاسلار
تېما يوللاشتىن بۇرۇن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللىنىپ بولغانمۇ يوق تەكشۈرۈپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز، يەنى مۇلازىمەت دېگەن يەر يېنىدا ئىزدەش كۆزنىكى بار شۇ يەر ئارقىلىق ئىزدەپ بېقىپ ھەم تېمىڭىزنى يەنە بىر نۇسقا ساقلاپ قويۇپ يوللىغايسىز!
بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن ئۆچۈرۈلگەن تېمىلارغا قارىتا چۈشەنمىگەنلەر
QQ:364103 ۋە تېلفون 13899972729 بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ!(QQ ھەم تېلفون 16 سائەتتىن 18 سائەتكىچە ئوچۇق) ئورۇنسىز گەپ-گەپ سۆزلەر بىلەن ئۇچۇر قىلماي ،ئاللاھنىڭ سالامى بىلەن نەق گەپنى يەتكۈزسىڭىز رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلىمەن!
ھەرقانداق بىر باشقۇرغۇچى قالايمىقان سەۋەبلەر بىلەن تېمىڭىزنى ئۆچۈرمەيدۇ! سىلەرنىڭمۇ تېما يوللىغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن يوللىشىڭلارنى ،ئىنكاس يازغاندا ئەقىلنى ھېسيات ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ يېزىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!
ئەگەر سەۋەبسىز تېما ئۆچۈرگۈچىلەر بولسا ۋاقتىدا مەلۇم قىلسىڭىز ،تېمىڭىز ھەقىقەتەن تەستىقلاشقا تېگىشلىك بولسا ئارقا سەھنىدىن قايتا تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بېرىمىز.
يەنە شۇنى تەكىتلەپ قۇيايكى ، مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتىلمىگەن تىمىلارغا قارتا تىما ئىگىسىگە قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەسكەرتىش بىرلىدۇ .ئەسكەرتىش بىرلىپ 2 سائەتكىچە ئىنكاس بولمىسا مەزكۇر تىما ئۈچۈرلىدۇ .
ئەگەر چۈشۈپ قالغان ،تولۇقلايدىغان مەزمۇنلار بولسا پىكىرلىشىش ،كېڭىيىش ئارقىلىق قوشساق ياكى قىسقارتساق بولىدۇ،پىكىر -تەكلىپ بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن!
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
مىسرانىم تورى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010- يىلى 10-ئاينىڭ 21- كۈنى