مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1255|ئىنكاس: 16

توۋا دىمىسە بىكار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27286
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8366 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:37:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا....ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلۇرۇم...بەش كۈن كۆرمەي كۆزۈمدىن ئۇچۇپلا كەتتىڭلار....بولدى،باشقا گەپ قىلماي بۇ تىمىنى بىر يىل بۇرۇن بۇ يەرگە يوللىغان،ھازىر سەل ئۆزگەرتىپ يەنە يوللىدىم......ئوقۇپ بىقىڭلار ھە.....

ئىشقا چىقىش،بىركۈن ئىشلەپ ئىشتىن چۈشۈش،كەچتە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەپ ئۇخلاش،ئەتىسى يەنە ئىشقا چىقىش...........مانا بۇ مىنىڭ بىركۈنلۈك ۋاقتىمنىڭ دەۋىرلىنىش خاتىرسى....

ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى،ئۇھ....بۈگۈن بىركۈن ئىشلەپ ھارغىنلىق ھىس قىلىپ قالدىم،دىمىسىمۇ كۈندە ئىشلەپ،كەيپىياتىممۇ ناچارلىشىپ ئۆزۈمدە بىر خىل روھى بىسىم شەكىللىنىپ قالغان ئىدى.ئىشخانىدىن چىقاي ،دەپ تۇرۇشۇمغا تىلفۇنۇم سايراشقا باشلىدى،كىمدۇ بۇ؟يا بالدۇر ئەمەس،يا كىيىن ئەمەس،تىلفۇننى ئىرەنچىكلىك بىلەن قۇلۇمغا ئالدىم،قارىسام كۆرۈشمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان دوستۇم ئالىيە تىلفۇن ئۇرۇپتۇ،ئۇ توي قىلغاندىن كىيىن تۈزۈك كۆرۆشۈپ باقمىغان ئىدىم.
__ۋەي،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاداش،قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
__ۋەئەلەيكۇم!سەن نەدە؟
ئاچچىغىم غۇژژىدە تۇتتى،توي قىلىپ بولۇپ سالاملىشىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ بۇ؟
__ئىشخانىدا،ئەمدى ئىشتىن چۈشەي دىگەن.
__كەچتە باشقا ئىشىڭ يوقتۇ ئاداش؟
__يوق،قانداق دەيسەن؟
__ئەمىسە ئىشخانەڭنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇر-ھە ئاداش،مەن ھازىرلا ئالغىلى بارىمەن.
مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى،ما ئاداشنى،نىمە بولغاندۇ؟تويدىن كىيىن دىدارىنى كۆرسەتمەي بۈگۈن پاراڭلىشىپ مىجەزى غەلىتە بولۇپ قاپتۇيا بۇنىڭ؟
مەن ئىشخانىدىن چىقىپ پەستە ساقلاپ تۇردۇم،ھاياللاشمايلا دوستۇم يولدىشى بىلەن ماشىنىدا كەلدى،ئالىيە ماشىنىدىن چۈشۈپلا قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى:
__ۋاي قانداقراق ئەھۋالىڭ ئاداش؟بامۇ سەن؟؟يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟
ھەيران قالدىم ،يوقاپ كەتكىنى مەن ئەمەس،ئالدىمدا تۇرغان مۇنۇ كىلىنچەك دوستۇم ئىدى.
__مەن بار ئاداش،ئۆزۈڭ ياخشى تۇرغانسەن؟
__مەن ياخشى ئاداش،ماڭە،ماشىنىغا چىق،ماڭغاچ پاراڭلىشىلى،بۈگۈنچۇ قارا تۇرغۇننىڭ بىر دوستى سورۇن ئۆتكۈزۈپتىكەن،شۇڭا سىنىمۇ بىللە بارسۇن دەپ كىلىشىم ئىدى.
__مەن ئۇلارنى تۇنۇمايدىغان تۇرسام؟بولدى ئاداش،ئۆزۈڭلار بىرىپ كىلىڭلار،مەن بارماي.
__ۋاي-ۋۇي ئاداش،ئۇلارنى مەنمۇ تۇنۇمايمەن،تۇرغۇننىڭ ئاغىينىسى ئىكەن، تۇنۇمايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا يالغۇز  ئولتۇرماي دەپ ئويلىغان،سەن بولساڭ مەنمۇ قۇرۇنۇپ قالمايمەن دىگىنە.
بوپتۇلا،ئۆزۈممۇ بارسام كۆڭلۈم ئىچىلىپ قالار بەلكىم. ئارتۇقچە تارتىشمىدىم.
__بوپتۇ ئەمىسە.
__ماۋۇ گىپىڭ قاملاشتى ئاداش،كۈندە ئۆيدە ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق جۇمۇ ئاداش،__ئۇ سۆزلىگەچ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى،مەن ماشىنىغا چىقىپ ئالىيەنىڭ يولدىشى تۇرغۇن بىلەن سالاملىشىپ قويغاندىن كىيىن ماشىنا  سىلىق يۇرۇپكەتتى.
بىز بۇ شەھەردە خىلى نامى بار،ھەشەمەتلىك بىر رىستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدۇق.ئۈچىمىز پاراڭلاشقاچ ئۈچىنجى قەۋەتكە جايلاشقان ئايرىمخانىغا قاراپ ماڭدۇق،بىر ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە تۇرغۇن ئىشىكنى يىنىك چەكتى،ئىشىكنى ئۆزى قاملاشقان،ئىگىز بويىغا ياراشتۇرۇپ يارىشىملىق كىيىنىۋالغان،بۇرۇتلۇق بىر كىشى ئاچتى.
__يائاللا تۇرغۇنجان،ھەرنىم بولسا كەلدىڭلار،سىلەرنى ساقلاپ بىزنىڭ قوساقلىرىمىزنىڭ ناغرا چالغىلى نەۋاق،قىنى يۇقىرى ئۆتۈڭلار.
ئايرىمخانىغا كىرىپلا بۇ چوڭ ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئايرىمخانىدىكى ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىدىن كۆزلىرىمنى ئاچالمايلا قالدىم.
ئايرىمخانىدا مودا ياسىنىۋالغان  ئەر-ئاياللار ئولتۇراتتى.بىز ھەممىسى بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ  بىزگە تەييارلاپ قويغان ئورنىمىزغا بىرىپ ئولتۇردۇق.
تاماقلار كەينى-كەينىدىن چىقىشقا باشلىدى،ئۈستەلنىڭ ئۈستى تاماققا توشۇپ تاماقلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە دەسلىنىپ قۇيۋاتقان ئىدى،كەينىدىن ئاق-قىزىل ھاراق-ئىچىملىكلەرمۇ ئۈستەل يۈزىدىن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تاپتى.ھەممە بەرسە تەل بولغان ئىدى.
بۇ سورۇننىڭ موللىقىغا قاراپ ساھىبخاننىڭ ئالاھىدە بىر ئىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلدىم،پەرىزىم خاتا چىقمىغان ئىدى.ساھىبخان ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممىمىزگە بىر قۇر كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپ گىلىنى يىنىك قىرىپ قويدى،بۇ ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە يىغدى،ئۆزئارا پارڭلىشىۋاتقانلارمۇ گىپىنى توختىتىپ سىاھىبخانىغا قارىدى:
__دوسلۇرۇم،ئاغىنىلىرىم،بۈگۈنكى بۇ سورۇننى قىلىپ سىلەرنى چاقىرتىشىم بىرىنجىدىن دوسلارنىڭ ئۆزئارا يىغىلىپ كۆرۈشمىگىنىمىزگە خىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ھەممىمىز ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلار بولغاندىن كىيىن  كۆرۈشىۋالايلى،مۇڭدىشىۋالايلى دەپ، ئىككىنجىدىن قىزىمنىڭ تۇغۇلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،تىخىچە ئىسىم تاللىيالماي ھەلەكتە،سىلەرنى بولسا قىزىمغا ئىسىم تاللىشىپ بىرەمدىكىن دەپ چاقىرتقان،شۇڭا سىلەردىن پىكىر ئىلىپ باقاي،دەپ بۇ ئاددىي سورۇننى ھازىرلىدىم.

كۆزۈم ئىتتىكلا<<دادا>>ساھىبخاننىڭ يىنىدىكى مودا كىيىنىپ،چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئايالغا چۈشتى،توۋا،ئەجەپ تۇغۇپ قىرىقى توشماي بىرھەپتە بولغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇۋاپتۇيا؟؟؟چىرايىدىن ھىچ بىر يەڭگىگىنىگە بىر ھەپتە بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ...
قىنىق كۆك رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ،چاچلىرىنى بۈدرە قىلۋالغان بىر ئايال خىياللىرىم ئىچىدىن تارتىپ چىقاردى:
__قىزىڭىزنىڭ ئىسمىنى زىلالە قويسىڭىز بولارمىكىن،بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا بەك يىقىملىق تەسىر بىرىدۇ جۇمۇ؟
چىپپىدە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ تىقىلىپ قالغان بىر ئايال گەپنى بۆلدى:
__ۋاييەي ئەكبەر(ساھىبخاننىڭ ئىسمى ئىكەن،بايا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى)،قىز بالا دىگەن دادىنى تارتىدۇ،دەيدىغان،ھەرنىمە بولسا سىزگە ئوخشاپ ياخشى بوپتۇ،قىزىڭىز سىزنى تارتىپ چوڭ بولسا بەك چىرايلىق قىز بولىدۇ جۇمۇ؟
ئىم،دىدىم ئىچىمدە،ما ئايال يىنىدىكى ئايالىنى كۆرمىگەندەك گەپ قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ئەجەپ كۆڭۈل ئاياشنى بىلمەيدىكىنە؟
مەن ساھىبخان <<دادا>>نىڭ يىنىدىكى ئايالغا ئوغۇرلۇقچە قارىۋالدىم،لىكىن ئۇ ئايال خىيالىدا يوق خۇددى بۇ ئايالنىڭ گىپىنى تەستىقلىغاندەك كۈلۈمسىرىگىنىچە بىشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى.ئىچى خىلى كەڭ ئايالكەن،باشقا بىرى بولسا بۇ ئايالنى گەپ بىلەن تۇيغۇزۇپ قوياتتى،دىمىسىمۇ ئايالىغا پارقىرىتىپ قۇيۇپ سىز ئايالىڭىزدىن چىرايلىق،دىگەندەك گەپنى قىلسا كىمنىڭ ئاچچىغى كەلمەيدۇ؟
ساھىبخان بولسا بىشىنى گىلدىڭلىتىپ قويدى،ھەممە ئاغىنىە-دوسلىرى بولسا ئىسىم توغرىسىدا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،مەن ئالىيەگە قارىدىم،ئۇ مىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك يىنىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىسىم تۇغۇرلۇق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

توۋا!!دەيتتىم ئىچىمدە، خەق بالىسىغا ئىسىم قويسا قارىم لارنى چاقىرىپ ئەرزان توۋلاپ ئاتا-بوۋىسىنىڭ ياكى بولمىسا كىتابتىن ياخشى مەنىگە ئىگە ئىسىملارنى تاللاپ قۇيىدىكەن،بۇ ئاداش بولسا ئەمدى رىستۇراندىن ئىسىم تىپىپ قۇيىدىغان بوپتۇدە؟ھە بوپتۇ،ھازىر ھەممە نەرسە ئورتاق بولغاندىن كىيىن ئىسىمنى ئورتاق قويسا نىمە بوپتۇ؟بەلكىم بۇمۇ بىر يىڭى مودا بولسا كىرەك.

__ئەمىسە _ساھىبخان <<دادا>>گەپ باشلىدى،_مۇھەببىتىمنىڭ قانداق پىكىرى باركىن،ھەممىمىز ئاڭلاپ باقمامدۇق؟ قىنى ماھىرە،سىزمۇ دەپ بىقىڭە؟
مۇھەببىتىم؟؟؟؟ۋۇي...مەن زاماننىڭ كەينىدە بەكلا قالدىممۇ نىمە؟ئەمدى بۇلار ئايالىنى مۇھەببىتىم دەپ ئاتاشنى مودا قىلۋالغان ئوخشىمامدۇ؟؟
يىنىدىكى ئايال بولسا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ قۇيۇپ سورۇندىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغاندەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلدى:
__مىنىڭ ئىسمىم ماھىرە بولغاندىن كىيىن مىنىڭچە قىزىڭىزغا مىنىڭكىدەك ماھىرە،دەپ قۇيۇڭ،ھەرقىتىم قىزىڭىزنى چاقىرغاندا مىنى ئەسلەپ تۇرىسىز ئەمەسمۇ؟؟؟
كاللا تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك بولدى،ھە....ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە؟؟؟؟؟پاھ-پاھ ماۋۇ يىڭىلىقنى،بالىنىڭ ئاپىسى ئائىلەم،تۇرمۇشۇم،يولدۇشۇم،دەپ بالىسىنى تۇغۇپ ئۆيدە ئولتۇرسۇن،ماۋۇ <<دادا>>بولسا  مۇھەببىتى بىلەن بۇيەردە ئىسىم تاللاپ يۇرسۇن.....مەن بۇ سۇرنغا خاتا كىلىپ قالغان ئىدىم،ئاستا كەتمەكچى بولدۇم،ئالىيەگە قارىسام ئۇ غىمىدە يوق تۈگىمەس پاراڭلىرىنى باشلىۋىتىپتۇ.
__ئالىيە ،_دىدىم بوش ئاۋازدا ئۇنى چاقىرىپ،__مەن ماڭاي ئاداش،سىلەر ئولتۇرۇڭلار.
ئالىيە ئەمدى مىنى ئىسىگە ئالغان بولسا كىرەك،ماڭا قاراپ بوش ئاۋازدا:
__سىنى زىرىكتۈرۈپ قۇيدۇم -ھە ئاداش،ماۋۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشمىگىلى خىلى بوپتىكەن،پاراڭلىشىپ قالدىم،خاپا بولما-ھە؟كىتىمەن دىگەن گەپنى قىلما ئاداش،سورۇن ئەمدى باشلاندى.
ئۇ كىتىشىمگە قەتتىي ئۇنىمىدى،بوپتۇ،يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرەرمەنكىن قىنى ،بىر ئولتۇرۇپ باقايچۇ.
تاماقلار بولسا ئەمدى يىيىلىشكە،بوتۇلكىلارنىڭ ئىغىزى ئىچىلىشقا باشلىغان ئىدى،قارىسام قىزىل ھاراقنى ئاۋۇ<<دادا>>نىڭ يىنىدىكى <<مۇھەببىتى>>قۇيۇۋاتىپتۇ،<<دادا>>بولسا ئاق ھاراقنى قۇيۇۋاتىپتۇ، قىزىل ھاراقنىڭ نۆۋىتى ئالىيەگە كەلدى،مەن ئالىيەنى ئىچمەيدۇ،دەپ ئويلىدىم،ئەپسۇس،مىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكىسچە قولىغا ئىلىپ تۈزۈتسىزلا ئىچىۋەتتى...كۆزلىرىم پىيالىدەك يوغىناپ كەتتى،ۋاي خۇدايىم ،مەن تۇنۇيدىغان ئالىيە مۇشۇمۇ يە؟؟؟يولدىشىغا قارىدىم،يولدىشى بولسا ئالىيەنىڭ ئىچەلىگىنىگە پەخىرلەنگەندەك گىدىيىپ ئولتۇراتتى،ئالىيەمۇ ئۆزىنىڭ سورۇن كۆرۈپ يۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك :<<ماۋۇ قىزىل ھاراقنىڭ ياخشىسى ئىكەن،ھە؟>>دەپ قۇيدى.مەن ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئورنى قالمىغانلىقىنى سەزدىم.
__ماۋۇ مىنىڭ سىزگە تۇتقان كۆڭلۈم،تۇنۇشقىنىمدىن خۇشالمەن،تۇرغۇن،ئالىيەلەر مىنى ياخشى تۇنۇيدۇ،قىنى ئىلىڭە؟
قارىسام ساھىبخان <<دادا>>قىزىل ھاراق يىرىم قۇيۇلغان ئىستاكاننى ماڭا تۇتقۇنىچە تۇراتتى.
مۇشۇ كەمگىچە قىزىل ھاراق تۈگۈل تىلىمنى قۇرۇيدىغان ئىچىملىكلەرنىمۇ ئىچەلمەيتتىم.
__ھە،رەھمەت،مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ باقمىغان،_مەن دەرھال ئالدىمدىكى چاي قۇيۇلغان پىيالىنى ئىلىۋالدىم،_مۇشۇنى ئىچەي.
ساھىبخان <<دادا>>قولىدىكى ئىستىكاننى ئۇزاق تەڭلەپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىمۇ،ئاستا يىغىشتۇرۇۋالدى:
__ھە..ھە...مەيلى ،بوپتۇ،زورلىمىدىم..مەيلى....
مەن پىيالىدىكى چاينى ئوتلاپ قۇيۇپ ئالدىمغا قۇيدۇم.
ئالىيە بولسا مىنى يىنىك تارتقىنىچە بوش ئاۋازدا:
__ئاداش،ئەجەپ خىجىل قىلدىڭ ئۇنى، ئىچمەي سەت بولدى جۇمۇ ئاداش.
ئاچچىغىم كەلدى، مەنمۇ ئەمدى تۈزۈتنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم ،شۇنىڭ بىلەن ئالىيەگە:
__قانچىلىك سەت بولدى ئاداش؟بىلىسەنغۇ ئاداش مىنى،ئەزەلدىن مۇشۇنداق تومپاي چوڭ بولۇپ قالغان،بۈگۈن شۇڭا يۈزۈڭنى تۈكۈپ قۇيارمەنمىكىن دەپ كەلمەي،دىگەن،ئۆزۈڭ زورلاپ تۇرىۋالدىڭ،بۇنچىۋالا مودا سورۇنغا مەن راسلا ماس كىلەلمىگۈدەكمەن ئاداش،رەھمەت سىنى ئاۋارە قىلدىم -ھە؟ئەمىسە مەن ماڭغاچ تۇراي،كىيىنچە ئالاقىلىشەمىز......مەن شۇنداق دەپلا سومكامنى ئىلىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم،باشقىلار نىمە ئىش بولغىنىنىمۇ بىلمەيتتى،بۇ سورۇندىكىلەرگە خۇش دەپ قۇيۇشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، پەسكە چۈشۈپ كىتىۋاتسام ئالىيە كەينىمدىن يۈگۇرۇپ چۈشتى،ۋە مەن بىلەن ياندىشىپ دىگۈدەك ئارقامدىن قالماي پەسكە بىللەچۈشتى:
__ۋاي..ئاداش،نىمانداق سەھرالىق ئىش كۆرمىگەندەك ئىش قىلىسەن؟بۇ قايسى زامان ئاداش؟شۇنچىلىك ئىشقىمۇ خاپا بولغان بارمۇ؟
__بولدى قىپ قال ئاداش،مەن شۇ مۇشۇنداق تومپايراق،خاپا بولما ھە؟
يولدا كىلىۋاتقان تاكسىنى توسۇپ ئۈلگۈدۈم ۋە ئالىيەنىڭ توۋلىغىنى بىلەنمۇ كارىم بولماي كىتىپ قالدىم....كىتىۋاتىمەن،بۈگۈنكى بۇ سورۇننى ئويلاپ كاللامدا ھەرخىل خىياللار...توۋا...قىزىغا ئىسىم قۇيۇش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش...ئالىيەنىڭ قىزىل ھاراقنى سۇدەك ئىچىشى....يولدىشى تۇرغۇننىڭ پەخىرلىنىپ ئولتۇرىشى...<<دادا>>نىڭ مۇھەببىتى....
يائاللا...ھەرنىمە بولسا شۇ سورۇندىن ساق-سالامەت قايتىپ چىققىنىمغا شۈكرى .....ئەمدى قانچە چارچىساممۇ غىڭ قىلماي ئۆيۈمگە بىرىپ ئوبدان ئارام ئالسام بولغۇدەك....سورۇن دىگەن مۇشۇنداق بولسا بولدى مەن بۇنىڭدىن كىيىن سورۇنغا بارمايمەن......

جەمىئىتىمىزگە قارايدىغان بولساق بۇخىل كارتىنىلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمىز،مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئايىغى زادى قانداق بولار-ھە؟ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى شەرمى-ھايانىڭ يىرتىلىپ تىتما-تىتما بولۇپ كىتىشى بىزنى نەگە ئاپىرىپ نەدىمۇ توختىتار؟؟؟؟ئەرلىرىمىزنىڭ ساداقەتسىزلىكى تىخى توي قىلمىغان قىزلارنى قانداقمۇ نىكاھقا خاتىرجەم قەدەم قويغۇزالىسۇن؟؟؟؟
بىز كىمگە ئىشىنىپ كىمگە ئىشەنمىسەك بولار؟؟؟؟

__مەلىكەدىن

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1422
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:46:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى ئىنكاس يازغۇچى  مەن ئوخشايمەن

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما ئىكەن، رەھمەت...

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3553
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19144
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:47:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلىكە قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن  مۇنبەرگە كىرىپلا يەنە سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۆرىپتىمەن .رەھمەت ھە!

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27286
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8366 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا.....شۇنچە ئىتتىك ئوقۇپ بولدۇڭلارما؟؟؟ [s:2]  [s:2]

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3553
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19144
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:48:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قىلىپ مۇنبەردىكلەرنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز جۇمۇ! [s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:2]

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1422
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9739
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەل كۈيىدە ئوقۇغان........... [s:6]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27286
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8366 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  qartikin كە 2010-06-09 09:48 PMئەۋەتىلدى  :
مۇشۇنداق قىلىپ مۇنبەردىكلەرنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز جۇمۇ! [s:2]  [s:2]  [s:2]  [s:2]
مەن ئاشۇنداق قىرىما چارتىكىن......[s:2][s:2]مەلىكىسى دەڭە،چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن.
ئەلكۈيىگە يوللىغان ئىدىم شۇ....چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم[s:2]

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17804
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 4574 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىتىقسىز سورۇنلىرمىز  ئازلىماقتا يوق كۈندىن-كۇنگە جىقلاپ كېتىپ باردۇ دېسە . رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەينەن كارتىنىسىنى يېزىپسىز  گۈلۈم .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 521
يازما سانى: 500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10588
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 3569 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 09:59:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ~~~~~! راسلا توۋا دىمىسە بىكاكەن~!  ئىشەكمۇ ئۇلاردىن ياخشى ھە..

خالىغانچە ياشا بىراق سەن يەنىلا ئۆلىسەن ، خالىغان نەرەسىنى ياخشى كۆر بىراق سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسەن ، خالىغان ئىشنى قىل بىراق سەن شۇ قىلغان ئىشلىرىڭغا قاراپ مۇكاپەتلىنسەن ياكى جازالىنسەن .!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 451
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 15467
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 1203 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 10:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى...ھى...ھى... ئانىسى دەپ قۇيۇڭ... باللا بوشراق كۈلدۈرۈڭلار ئادەمنى... [s:2]

ئۆز ئەركىم بىلەن ياشايمەن مەغرۇر ! ئەي ئىپلاس يولۇمغا قۇرساڭمۇ تۇزاق!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش