ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مىسرانىم تور بېكىتى ،مىسرانىم مۇنبىرى سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ ،تېخىمۇ ساغلام ھەم مەزمۇنلۇق بولغان ئۇيغۇرلار تورچىلىقىدىكى يارقىن نامايەندە خارەكتىرىدىكى مۇنازىرە مۇنبىرى بەرپا قىلىش ئۈچۈن،مىسرانىمدىكى تورداشلار،شۇنداقلا پۈتكۈل ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تورغا چىققۇچى تورداشلارنى رازى قىلىش مەقسىتىدە مىسرانىم تور بېكىتى مىسرانىم مۇنبىرى كۆڭۈلدىكى سۆز سەھىپىسىنى يولغا قويدى!
سەھىپە يولغا قويۇلۇش ۋاقتى:
بۇ كۆڭۈلدىكى سۆز ھەر ئاينىڭ ئوتتۇرى ھەم ھەر ئاينىڭ ئاخىرى ،جەمئىي ئىككى قېتىم يولغا قويۇلىدۇ!
سەھىپە مەسئۇلى:
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ھەم ئالىي ئەزا ياكى مۇنبەر ئەزالىرى!(مىسرانىم ئەزالىرى)
سەھىپە خاراكتىرى:
ئاۋال مەزكۇر تېما يوللىغۇچى باشقۇرغۇچى ئالدىنقى 15 كۈندىلىك ئومومىي ئەھۋالدىن خۇلاسە چىقىرىدۇ،ئاندىن ئەزالار ئەركىن پىكىر قىلسا بولىدۇ!
پىكىر قىلىش دائىرسى ھەر تەرەپلىمىلىك بولسا بولىدۇ! قارشى پىكىردە بولغۇچىلار بولسىمۇ بولىۋىردۇ! يەنى تۈۋەندىكى تەرەپلەردە يۇلۇققان مەسىللىرىڭىزگە ئىزدىنىپ تۇرۇپ ، سىز قايىل بولغىدەك جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىمىز
تۇرمۇشتا قېيىنچىلىققا ئۇچراش
پىسخىكىدىن مەسلىھەت
مىسرانىمدىكى تەلەپ -پىكىرلەر
مىسرانىمدىكى مۇشۇ ھەپتىلىك نادىرلانماي قېلىپ قالغان تېمىلار
ئائىلە تۇرمۇش
كومپىيۇتىر بىلىملىرىدىن سۇئال
مىسرانىمدا ئېرىشكەن خوشاللىق ھەم قايغۇلار
ۋاھاكازالار.....
نۆۋەتچى تۇرۇش قائىدىسى:
ھەر كۈنى كەچ 11 دىن بۇرۇن ئەتىدىكى مەزكۇر تېمىغا جاۋاب بەرگۈچى باشقۇرغۇچى ھەم نازارەتچى ئۇقتۇرىلىدۇ.
ھەر بىر شۇ كۈندىكى باشقۇرغۇچى ئەزالار سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋاقتىنى 3 سائەتتىن ئارتۇق قىلۋەتمەسلىكى كېرەك! بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا جاۋاب بېرىپ بولىشى كېرەك! كۈندىلىك مەسئۇل باشقۇرغۇچى چوقۇم باشقۇرۇش قائىدىسىگە بوي سۇنغان ئاساستا ئەزالارنى قايىل قىلارلىق جاۋاب بىلەن تەمىنلىشى كېرەك،مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلار ياكى تورداشلار سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قويغانلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندۇ!
ھەل بولۇنمىغان سۇئاللار:
ھەل بولۇنمىغان سۇئاللارغا ئىزدىنىپ 24 سائەتتىن كىيىن رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىمىز!
بىزنىڭ نىشانىمىز تورداشلارنى ئەڭ يۇقىرى تۈستە رازى قىلىش، باشقۇرغۇچى قوشۇنى بىلەن ئەزالار قوشۇنىنى ئىناق -ئىتتىپاق قىلىش ! مىسرانىمداشلارنى مىسرانىمدىن تولۇق رازى قىلىش!
بۇ سان جەريان چۈشەندۈرۈش بىلەن باشلاندى!
1-سان
ئالدىنقى بىر قانچە كۈندە بىر قىسىم تورداشلار بىر قىسىم نادىر تېمىلارغا ئالاھىدە ناچار ئىنكاسلارنى يازغانلىق ، قايتا- قايتا تەكىتلىسەكمۇ بىلمىگەنلىك سەۋەبلىك مۇنبەردە چەكلىنىش جازاسىغا ئۇچرىدى!
تورداشلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا مىسرانىم قائىدە -تۈزۈملىرىگە بوي سۇنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
alxirxahzada دېگەن توردىشىمىز ،قالايمىقان قۇرۇق ئىنكاس يېزىپ،مۇنبەر مۇھىيتىنى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن بارلىق ئارخىبى تەكشۈرۈلدى، نەتىجىدە يوللىغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىملاسى خاتا، سۆز - جۈملىلىرى باغلاشمىغان بولۇپ چىقتى. بىز يۇقىرى تۈستە ئەسكەرتىش بېرىپ ،ئىنكاسلىرىنى ئۆچۈردۇق،مەزكۇر تورداشنىڭ قاتتىق دېققەت قىلىشنى سورايمىز!
بىر قىسىم تورداشلار قىسقا ئۇچۇرىدىن پايدىلنىپ بىر قىسىم چاكىنا سۆزلەر بىلەن مۇنبەردىكى قىزلار غورۇرىغا تەگكەن،ۋاقتىنچە مەزكۇر تورداشلارنىڭ ئىسىملىكى چىقىرىلمىدى. يەنە شۇنداق خاتالىقلار سادىر قىلىنسا دەل ۋاقتىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ!
بىر قىسىم ئېسىل تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قوللاش نەتىجىسىدە بىر قىسىم ناچار ئىنكاسلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلۋىتىلدى!
تورداشلارغا تەۋسىيە قىلدىغىنىمىز ،،تىما ئوقۇش ،ياكى ئىنكاس كۆرۈش جەريانىدا ،مۇنبىرىمىز بىخەتەرلىكى ھەم ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما ئىنكاسنى كۆرگەن ھامان ، پاش قىلىش كۇنۇپكىسى بىلەن بىزگە ۋاقتىدا پاش قىلۋەتسەڭلار!
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
ھەممە ئەزالار سۇئال سورىسا ،ياكى سۇئال سورىغانلارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرسە بولىدۇ،ئالاھىدە كىشىنى قايىل قىلغۇداك جاۋابلارنى بەرگەن تورداشلارغا 200 مۇنبەر پۇلى سوۋغا قىلىندۇ! پائالىيەتتە پەقەتلا باشقۇرغۇچىلار جاۋاب بېرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس،بەلكى بۇ بىلىمىڭلارنى سىنايدىغان ئەڭ ياخشى مەيدان، كىمنىڭ قورسىقىدا ئۇماچ بولسا،سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلىگۈدەك ئىمكانىيەت بولسا جاۋاب بەرسە بولىۋىردۇ!
باش نازارەتى : بېكەت باشلىقى --- مىسرانىم
مىسرانىم تور بېكىتى باشقۇرغۇچىلار كوللىگىيسى
مىسرانىم تور بېكىتى مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010 - يىلى 10- ئاينىڭ 22 - كۈنى (جۈمە)