مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 795|ئىنكاس: 5

روزى سايىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاھ ئۇرۇش ـــ ئا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1401
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10493
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 11:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر روزى سايىت

شائىر روزى سايىت 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .
1951-يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن .روزى سايىت 1958-يىلىغىچە خوتەندە باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان . سايىتاخۇننىڭ ئائىلىسى تارقاقلاشتۇرلۇپ خوتەننىڭ بۇزاق يېزىسىدىكى جاي كەنتىگە ماكانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ،روزى سايىت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .
1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان ،كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان ، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ، 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ "يېڭى قاشتېشى" ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973-يىلى "قەشقەر گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "دېھقانمۇ داشۆگە كىردى" ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ يەنە "بارات يازغان ھېكايە " قاتارلىق بىرقانچە نەسرىي ئەسەرلەرنى  يازغان . ئۇنىڭ "يىپەك يولىدا نورۇز" ، "يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق "  قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان .
روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئۆزىمۇ بىرقانچە قېتىم ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان .
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن "قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى" ، "بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن " ، "مەرھابا" ، "مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار" ، "پاھ ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى" ، ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەينى يىللاردا يېزىلارغا يۈرگۈزۈلگەن بەزى "سول" سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزىبىر ئاقىۋەتلەرگە قارىتىلغان .  بۇ شېئىرلار ئۈنئالغۇ  لېنتىسىغا ئېلىنىپ ، "دېھقان بولماق تەس " دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ،زور تەسىر قوزغىغان . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى "روزى سايىت شېئىرلىرىدىن " دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈكۈم شېئىرلىنى نەشىر قىلدى .

ئانا تىلىم - زەر تىلىم

تىل ئالاقە قورالى ،تىل قەلبنىڭ ئەينىكى ،
تىل ئادەمنى ،ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە .
تىل غەزىنە ، تىل ھىكمەت ، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى ،
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە .

تىل نادانغا پەم بېرىپ ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ ،
ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە .
شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن ،
ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ ،بۈيۈك -تە !

ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى .
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل ، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى ، مىراسخورى -ھەقداسى.

ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار ،
مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا .
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى ،
پاراڭلاشقان ،سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا .

بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ ،
ۋاپادارلىق ،مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.
ئوغلۇم ،قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن ، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن .

مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى ،
شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل  ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە .
يۈسۈپكە "خاس ھاجىپ " لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،
مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە .

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا ،
زىمىستاننى لەنەتلەپ ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم .
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم ، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم ،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا ، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم .

مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى ،
گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.
مەن كۈلىمەن ،قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە ،
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ .

شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم ،زەر تىلىم ،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى .
زەررە كىچىك ، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن ،
مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ، ئاتومچە بار قىممىتى .

ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى ، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى ،
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى .
مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن ،
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!!

مەنبە : روزى سايىتنىڭ "ئانا تىلىم -زەر تىلىم" ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن

ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بولارسەن ساقىلىڭ بىلەن!
ئۇيغۇرت بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 11:40:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 11:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزى سايتىنىڭ دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئاساس قىلپ يازغان شېئىرىلرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن،شۇڭا كىشىلەر روزى سايىتنى << دېھقان شائىرى>> دەپ ئاتاشقان.....
روزى سايتنىڭ تەرجىمھالى توغرىسىدا تونۇشقا ئىگەبولدۇم،رەھمەت سىزگە......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1992
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8748
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-9 11:48:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ ئاشۇ شىېر نى ياخشى كۇرىمەن..؟ [s:2]

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 12:05:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ قالتىس شائىرمىزنىڭ بىرسى ئىدى،رەھمەتلىك

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

پەقەتلا سەن ئۈچۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1389
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9125
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 714 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-10 08:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرنىڭ شىئىرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى رەھمەتلىك
    توۋۋا دەيمەن بۇ بىرئەۋلاد كىملىشىپ كەتتى
    ۋىجدانىنى زەي شور بېسىپ چىملىشىپ كەتتى
    قەشقەر-خوتەن ئاشتۇزىدا ئەتلەنگەن تۇرۇپ
    يۈرۈش-تۇرۇش ئوي پىكردە رىملىشىپ كەتتى

    ئەركەكلىرى ئەردەك ئەمەس روھى زەيپانە
    ئەقلى پۇلپەز غورورى دەز نىملىشىپ كەتتى
    قىزچاقلىرى قىزدەك ئەمەسشەرمى ھايا كەم
    كۆكسى ئۇچۇق بېشى چۇۋۇق شىملىشىپ كەتتى

مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش يالغانچىلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش