مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1453|ئىنكاس: 17

يۇرتۇم قاراقاشنىڭ توي ئۆرىپ ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14733
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8059
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2011-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:02:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاشتا ئاساسلىقى توي ئىككى كۈنلۈك بولۇپ بىرىنجى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ، ئىككىنجى كۈنى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. كېلىنچەك ئاساسلىقى ئەتلەس كۆينەك كېيگۈزۈپ ئۆينىڭ بىر بۇرجىكىنى رەڭگارەڭ بىزەكلەر بىلەن بىزەپ كېلىنچەكنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇدۇ ۋە ئۆينىڭ ئەتىراپىدا دوستلىرى قاتارى ئولتۇرۇپ نەغمە ناۋا بىلەن ئۇسۇل ئويناپ يىگىت تەرەپنىڭ كىلىشىنى كۈتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپ مىھمانلىرى كىلىپ بولغۇچە سېرىق ئاش ۋە پولو بىلەن تويغا چاقىرغان مىھمانلىرنى قارشى ئالىدۇ. كەچكە يېقىن ئوغۇل تەرەپ ئەللىك ئاتمىش ياكى بىرە يۈز كىشلىك مىھمانلىرى بىلەن ناغرا سۇنايدا نەغمە قىلىپ قىزنى يۆتكىگىلى قىز تەرەپكە كىلىدۇ. ئاندىن قىز تەرەپ ئۆزىنىڭ يېقىن تۇققان ۋە خۇلۇم-خوشنامېھمانلىرى بىلەن  ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ ئەر-ئايال ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئوغۇل تەرەپ مىھمانلىرىنى قارشى ئېلىپ  قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، مىھمانلارنى <مېھمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان كۆرپە> سېلىنغان تۆرىگە باشلاپ قۇلىغا سۇ قۇيىدۇ ۋە داستىرخان سېلىنىپ سېرىق ئاش ، پولو ، ئۆپكە زاسۇي ۋە قوغۇن تاۋۇز بىلەن مىھمان قىلىدۇ. يىگىت قولدىشى قىزىقچىلىق قىلىپ يىگىتنىڭ ئولتۇرغان جايىغا ھەرخىل باھانىلەر بىلەن نەچچە قاتلاپ كۆرپە سالغىلى سالىدۇ ۋە پولوغا بېسىلغان گۆشتىن ئىككى ئۈچ پارچەئەكىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ يىگىتكە يىگۈزىدۇ. تائام ئاخىرلىشاي دىگەندە قىز تەرەپتىن بىرى كىرىپ يىگىت ۋە يىت قولدىشىنىڭ بىلىگە قىزىل رەڭلىك بەلۋاغ چىگىپ قۇيىدۇ (قىسمەن تويلاردا قىز قولدىشى، يىگىت ۋە يىگىت قولدىشىنىڭ كاستىيومىغا گۈل تاقاپ قۇيدۇ)ۋە يىگىت قولدىشىغا ئالغان سوۋغاتلارنى ئالدىدا قۇيىدۇ. (قىز-يىگىت قولدىشى ئاساسەن ئىككىدىن بولۇپ، توي كۈنىنى مۇقۇمداشتىن بۇرۇن چوڭلار تەرپىدىن دىنى بىلىمى بار ۋە ئەخلاقلىق بولغانلارنى بىكىتىدۇ. بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ نىكاھ ئىشلىردىكى بىر قىسىم پەرھىزلەرنى ئۆگۈتۈش ۋە قىز - يىگىنىڭ يۈگۈر يىتىم ئىشلىرغا مەسئۇل بۇلىدۇ.)تائام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىزنىڭ  تويلۇقىنى ئېچىپ نىكاھ ئوقۇلۇپ ئۇلارغا بەخىت تىلەپ قىزنى يۆتكەش ئۈچۈن يىگىت قولدىشى قىز قولدىشىدىن كىلىنچەكنى چىقىرىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا <قىزنىڭ ئايىغى پاتمايۋاتىدۇ> دىگەندەك باھانىلەر بىلەن يىگىت قولدىشىدىن سۆيۈنچە ياكى سوۋغا تەلەپ قىلىدۇ. يىگىت قولدىشى ئۇلارنى رازى قىلغاندىن كېيىن كېلىنچەكنى يىگىتنىڭ قېشىغا ئەكىلىپ بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ ۋە ئۆيدىن قىز قولدىشى تەرپىدىن چىرايلىق بىزەكلەر بىلەن بىزەپ قويغان كىچىك ماشىنىغا قىز-يىگىتنى چىقىرىپ  بولغىچە ئارلىقتا، يىگىت تەرەپ ئائىلىسىدىكىلەر ئاسمانغا كەمپۈت ۋە تاتلىق تۈرمىلەرنى چېشىش ئارقىلىق كىچىك بالىلارنى خۇشال قىلىپ، ئېغىزىنى تاتلىق قىلىش بىلەن تەڭ نەغمە ناۋا بىلەن توي يۆتكىلىپ شەھەر كوچىلىرنى ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا، بىر قانچە يەردە توينىڭ ئالدىنى توسۇپ قىز-يىگىتنىڭ ئۇسۇل ئويناپ بىرشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە قىز-يىگىت قولدىشى ئۇسۇل ئويناپ توساقنى ئېچىپ يىگىت ئائىلىسىگە كىلىدۇ.
قىز ۋە قىز بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ ئۆيىگە كەلگەنلەرسۇيۇق سەلەڭ تاماق بىلەن مىھمان بولىدۇ . يىگىت تەرەپتىن يېقىن تۇققان بولغان بىر قىز چىقىپ<ئاكام چىرايلىقمىكىن دىسەم يەڭگەم تېخىۇم چىرايلىق ئىكەن> دەپ كېلىنچەكنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ ۋە قىز- يىگىتكە بىر قاچىدا ئىككى قوشۇق بىلەن تاماق يىگۈزىدۇ.
تاماقتىن كېيىن بىرە سائەت ئەتىراپىدا نەغمە ناۋا قىلىپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ.
ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەندە قىز تەرەپتىن بىر قانچە خۇلۇم-خوشنىلىرى تۇخۇم، گۆش دىگەندەك يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ قىز-يىگىتنى يوقلاپ، <تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن> دىگەندەك قىز-يىگىتكەزورلاپ تويغۇچە يىگۈزگەندىن كېيىن قىز تەرەپ مىھمانلىرنىڭ يىگىت تەرەپكە ئۆتۈش ۋاختىنى مۇقۇمداپ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. يىگىت تەرەپمۇ قىز تەرەپ مىھمانلىرى كىلىپ بولغۇچە، مىھمانلىرنى ئوخشاشلا سېرىق ئاش ۋە پولو بىلەن ئۇزىتىدۇ.
كەچكە يېقىن قىز تەرەپنىڭ مىھمانلىرى كەلگەندە ئوخشاشلا ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ كۆرۈشۈپ تۆرگە باشلاپ سېرىق ئاش، پولو، ئۆپكە زاسۇي ۋە قوغۇن تاۋۇز بىلەن مىھمان قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىز تەرەپتىن مەلۇم بىرى يىگىت كۈمىچىنى يىگىتنىڭ تاپالماسلىقى ئۈچۈن مەخپى ھالدا بىر يەرگە يۇشۇرۇپ قۇيدۇ، ئاندىن يىگىت قولدىشى شۇنى ئىزدەپ تېپىۋېلىپ نەخ مەيداندا پارچىلاپ يەۋىتىدۇ.
3-كۈنى يىگىت ئۈيدىكىلىرى  بىر قانچە خۇلۇم-خوشنىلىرى بىلەن قىز-يىگىتنى ئېلىپ قىز تەرەپكە<باش تاراق> قا كىرىپ قىزنى كۆرسىتىپ چىققاندىن كىيىن توي رەسمىي تۈگەيدۇ.
مەنبە:شىكەرقىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1993
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37225
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 3641 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:11:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بىر مىللەت بولساقمۇ ھەر يەرلەرنىڭ ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ھەرخىل بۇلىدۇ - ھە ؟! رەھمەت شىكەر قىز  ، تىمىڭىزدىن يورتىڭىزنىڭ توي ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى بىلۋالدىم .

مەن ھازرغىچە ھاي

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6943
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19247
تۆھپە نۇمۇرى: 668
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2010-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 02:27:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ گۇمىنىڭ بەزى ئادەتلىرىگە ئوخشىشىپ كىتىدىكەن .

ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ نامىدىن تۇنۇمىغىن،بەلكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال تۇنۇغىنكى ئاندىن ئۇنىڭ ئەھلىنى بىلۋالالايسەن.

ئىلى دىيارى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 833
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 29449
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 03:53:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە بىزنىڭ قاراقاشتىنمۇ ناتونۇشلار خىلى بار ئىكەن ھە !

http://65933.com/10800 ئىنسانلارغا قايتا بىر يارىلىش ئىمكانيىتى بولسا ئىدى ، مەن اللادىن  يەنە ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇشنى تىلىگەن بولار ئىدىم !

ئاتا-ئانام مىنڭ بارلىقىم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3363
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9363
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 3264 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2014-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 07:03:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ئوخشىمىغان پەرىق ....................

قەدىرلىگىم. قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىكنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63974
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7998 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 10:36:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىــــــــــت ... رەسىملىرى بىلەن بىللە يوللاپ قويغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتىكەن ھە.........قۇمۇلدىكى تويغا بارغانتىم تۇققالارنىڭ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىكەن .

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 11:15:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارقاشتىن خۇتۇن ئالسام چىقىم بەك چىكتەمدۇ نىمە  ھىق [s:112] ھىـــق [s:81] ھىـــق [s:81]

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11005
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8294
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2011-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 11:16:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بىر ۋىلايەتتىن بولساقمۇ بەزى ئادەتلىرى ئوخشىمايدىكەن . مەسىلەن يىگىتتەرەپتىن بىرقىز چىقىپ ئاكام چىرايلىقمىكى دىسەم يەڭگەم چىرايلىقكەن دىگەن يېرى بىزنىڭ كېريە دە يىگىتنىڭ ئانىسى چىقىپ ئوغلۇم چىرايلىقمىكىن دىسەم كىلىنىم چىرايلىقكەن دەيدۇ  [s:79]

ئابدۇللا

21-ئەسىردىكى سىيىت نوچى !!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5662
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11053
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 12:58:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا بىزنىڭ گۇمىنىڭ قائىدىسى ياخشىكەن جۇمۇ .

باھانەڭنى قوي

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 01:52:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە يەرگە ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ياخشى .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش