مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4552|ئىنكاس: 56

مۇنبىرىمىز ئەزاسى << يازما چولپىنى>> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6503
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36992
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2765 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 04:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، موماڭلار مۇسىلىنەدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام، ھەممىڭلار تېنچلىق تۇرۇشتۇڭلارمۇ؟ مەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت -قۇت تىلەيمەن. اللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى مەڭگۈ سالامەت قىلسۇن....
     ھەممىمىزگە مەلۇمكى مىسرانىم تور بېكىتى كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىپ ئالدىنقى قاتاردىكى تور بېكەتلەر قاتارىدىى ئورۇن  ئېلىۋاتىدۇ، ئەزا سانى 10000 دىن ئېشىپ  مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارمۇ سەرخىللىشىپ، تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بارماقتا.ئەزالارنىڭ بىر -بىرىگە بولغان مېھرى -مۇھاببىتىمۇ ئاجايىپ چوڭقۇرلاشماقتا،10000دىن ئاشقان مۇشۇنداق مۇكەممەل بىر  مۇنبەردە ئەزالارنىڭ بىر -بىرىگە بولغان چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر . بۇ خىل چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىرىنچى بولۇپ ھېس قىلىپ يەتكەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى  ئۇيغۇرۇم 007  ماڭا مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ زىيارىتىنى يولغا قويۇش تەكلىبىنى بەرگەن ئىدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇزاقتىن بېرى  بۇ زىيارەت توغرۇلق ئويلۇنۇپ كەلگەن بولساممۇ ،بىراق  ھېچ پۇرسەت كەلمىگەن ئىدى، ئاخىرى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ  ئۆزىنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ،چوڭقۇر مەناغا تولغان ئۆتكۈر تىللىق شېئىرلىرى ، يۇمۇرلۇق چاخچاقلىرى بىلەن ئەزالارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ،مۇنبىرىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يازما چولپىنى   تاڭنۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم،تۆۋەندىكى تاڭنۇر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرسىنىڭ مەزمۇنى،گەرچە تور ئېتىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن مۇنبىرىمىزنىڭ باشقۇرغۇچى ئەلشىر، ئۇيغۇرجان...قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولساممۇ ،ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشى، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى، ئالدىراشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن  سۆھبەت مەزمۇنى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالغان بولىشى مۈمكىن، يېتەرسىزلىكلەر بولسا تورداشلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن......

    مۇسىلىنە:  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئىنىم تاڭنۇر، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟

 تاڭنۇر: ۋااللايكۇم ئەسسالام مۇسىلىنە ھەدە، خۇداغا شۈكرى، ئەھۋالىم ياخشى، ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىچۇ؟

 مۇسىلنە: اللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى، مېنىڭ ئەھۋالىممۇ ياخشى، مەن << مۇنبەرداشلارنى  زىيارەت قىلىپ زىيارەت ئەھۋالىنى مۇنبەرگە چىقىرىپ ،مۇنبەرداشلار ئوتتۇرىسىدىكى چىن دوستلۇق، چۈشىنىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرەي  >> دەپ ئويلىغان ئىدىم، سىزنىڭ  تېتىتمىىلق يازمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن، سىزنىڭ شېئىر يېزىش تالانتىڭىزغا قول قويىمەن،  سىزگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار، شۇ ۋەجىدىن  سىزنى زىيارەت قىلاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىلمىدىم، زىيارىتىمنى قوبۇل كۆرەرسىزمىكىن؟

تاڭنۇر: مۇنبەرداشلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئويلىرىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ، لېكىن مېنى زىيارەت قىلسىڭىز قانداق بولا؟

 مۇسىلىنە: نېمىسى قانداق بولاتتى؟ مېنىڭچە ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن،  سىزگە يالغۇز مېنىڭلا ئەمەس خېلى كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ ھۆرمىتى بار دەپ قارايمەن، شۇڭا كۆپىنچە تورداشلار سىزنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  تاڭنۇر: ئۇنداق بولسا قوشۇلاي.

 مۇسىلنە: قوشۇلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت، ئۇنداق بولسا ئالدى بىلەن مۇنبەرداشلارغا بىر سالام بېرىۋېتىپ ئاندىن سۆھبىتىمىزنى باشلامدۇق.

 تاڭنۇر: بولىدۇ ھەدە، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئابابەكرى مۇختەر باشلىق مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار، مەن تاڭنۇردىن ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام، ھەمنىڭلارنىڭ تېنى مەڭگۈ سالامەت بولسۇن.....!باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن....!

 مۇسىلىنە: تاڭنۇر ۋە ئىككىمىزدىن  مۇنبەردىكى ھەمىىڭلارغا سالام،بۇ بىر دەستە گۈل بىلەن قوشۇپ  سالامىمىزنى قوبۇل قىلىڭلار،قېنى  ئەمدى سۆھبىتىمىزنى باشلايلى.ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، ھەممىڭلارنىڭ دىققىتى <<مۇنبەرداشلار زىيارىتى>>نىڭ 1- سانىدا بولسۇن، قېنى مەرھەمەت....!

   مۇسىلىنە:  ئىسم -فامىلىڭىز نېمە؟
  تاڭنۇر:  خەيرۇللا قۇربان 
   مۇسىلىنە:  تۇغۇلغان ۋاقتىڭىز؟ 
  تاڭنۇر:    1981  -يىلى 3-ئاينىڭ 10 – كۈنى 
  مۇسىلىنە:  يۇرتىڭىز نەدە؟ 
   تاڭنۇر:  بۆرتالا 
  مۇسىلىنە:  سىز قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟ 
 تاڭنۇر:    مەن يۇرتۇمدىكى بىر تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 
 مۇسىلىنە:   ھازىر نېمە كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىۋاتىسىز؟ 
 تاڭنۇر:   مەن جەميەتكە چىققاندىن بىرى ئۆزلۈگۈمدىن ئۈگۈنۈپ بىر توي –فىلىم ئىشلەش مەركىزى ئېچىپ ئاساسەن مۇشۇ فىلىم كەسپى بىلەن شۇغۇلۇنۈپ قۇشۇمچە ئۈن- سىن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن .
 مۇسىلىنە:   قىزىقىشىڭىز نېمە؟قايسى ناخشىچى ۋە ناخشىلارنى ياقتۇرىسىز؟ 
 تاڭنۇر:  مىنىڭ قىزقىشىم ئاساسەن مۇشۇ كومپىيوتۇر بىلىملىرى ،يېڭى – يېڭى بىلىملەر بولسا تىرشىپ ئۈگەنسەم دەپلا ئويلايمەن ،
مەن ‹تاشمەممەت باتۇر› نىڭ ناخشىلىرىغا بەك ئامراق ھەم ئۇنىڭ << قورقىمەن >><< ئادەم بۇلايلى >>قاتارلىق بىر قاتار كىشىنى ئويلاندۇردىغان ئىبرەتلىك ناخشىلىرىغا ،ئۆزىنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئېيتىش ئۇسلۇبىغا بەك قىزىقىمەن .  
 مۇسىىلنە:   سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟
 تاڭنۇرمەن مىللىتىمىزنى خۈنۈكلەشتۈرۋاتقان ،ھەر قانداق بىر چېكىدىن ئاشقان ئىللەتلەرگە ئەڭ ئۆچ ، 
  مۇسىلىنە: سىز مىسرانىم مۇنبىرىگە قايسى سەۋەب بىلەن كىرگەن؟ 
  تاڭنۇر: مەن مۇنبەردىن ئەڭ ياخشى ئىلھاملارنى ئېلىپ .ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىش ،ھەم باشقىلاردىن بىلمىگەننى ئۈگۈنۈپ بىلىم سەۋيەمنى ئاشۇرۇش ،مۇنبەرداشلار ئارا مىھىر- مۇھەببەت ئورنۇتۇپ رىئاللىقا يۈزلەنگەن دوسلۇق رىشتىسى ئورنۇتۇپ چىقىش ھەم ئۆزەمدە بار بولغان تالانتنى جارى قىلدۇرۇپ تورداشلارغا مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلىپ ،تورداشلارنىڭ تەكىلىپ – پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆزەمنىڭ بىلىم سەۋىيەمنى تېخىمۇ مۇكەمەلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت 
 مۇسىلىنە:  مۇنبەردىكى ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ 
  تاڭنۇر:  مەن ئەسلى بۆرتالانىڭ <<تاڭنۇر >> دىگەن بىر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بۇلۇپ 19 ياش ۋاقتىمدا شەھەرگە يالغۇز يېنىپ كىرىپ باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ،ھەم كىيىن توي قىلىپ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدىم ،ئاتا – ئانام بولسا يەنە شۇ ‹تاڭنۇر› دىگەن يېزامدا ،مەن شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن << تاڭنۇر >> دىگەن يېزامنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇمغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ << تاڭنۇر >> دىگەن ئىسىمنى قوللانغان . 
  مۇسىلىنە  : مۇنبەرنىڭ سىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ۋە ياقتۇرىدىغان سەھىپىلىرى قايسى؟ 
  تاڭنۇر:   مۇنبەرنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان تەرەپلىرى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان تور ئەسەرلىرى ھەمدە ھەر خىل مۇنبەر پائالىيەتلىرى  يەنە مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان سەھپە بولسا<< مۇشائىرە سەھىپىسى>> ھەمدە<< شئېىر سەھپىسى >>چۈنكى <<مۇشائىرە سەھپىسى>>دە باشقىلار بىلەن تەڭ يېزىشىپ بىلىم دائىرىمىزنى ھەمدە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق دەپ قارايمەن ،ھەمدە بىللە يېزىشىپ مۇشائىرە قىلىشقان ئەزالار بىلەن نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇرغىلى، نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتكىلى بۇلىدۇ ،يەنە ئۇنىڭدىن باشقا كۈلكە – چاقچاقلارمۇ ئادەمگە بىر خىل ئاراملىق بەخىش ئىتىدۇ ،بىر كۈن ئىشلەپ چارچىغاندا تېتىملىق يېزىلغان چاقچاقلار ئادەمنىڭ ئۇسسىغان يىرىگە بارىدۇ ،چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن چاقچاخۇمار خەلق بولغاچقا بۇ ئۇقۇم ماڭىمۇ سىڭىپ كەتكەن بۇلىشى مۇقەرەر . 
   مۇسىلىنە:  مۇنبەردىكى سىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان يازغۇچىلار قايسى؟ 
   تاڭنۇر:    مەن مۇنبەردىكى ‹ كۆڭۈل › قىزنىڭ قىزقارلىق تېمىللىرىنى ،‹ئوتقاش › ئەپەندىنىڭ مۇھەببەتلىك شئېرىللىرىنى ‹ ئۈرۈكجان › نىڭ ئاچچىق تىللار بىلەن يېزىلىغان ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان تېمىللىرىنى ،...... ھەم يەنە نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ئىجادى تېمىللىرىنى ياخشى كۆرىمەن ،ھە راس سىزنىڭ رىئال تۇرمۇش كارتىنىلىرى تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرىڭىزنىمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن . 
  مۇسىلىنە :  سىز مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان قايسى ئەسەرلەرنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟ 
   تاڭنۇر:     مەن تورداشلار ئەجىر قىلىپ يولىغان ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ،مەيلى ئۇ تېما ياخشى بولسۇن ياكى ناچار بولسۇن ،،چۈنكى ھەر قانداق بىر تېما يېزىقچىلققا قىزقىدىغان ئادەمگە بىر خىل ئىلھام بىرىدۇ دەپ قارايمەن ،دىمەك شاكىلىنى تاشلاپ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت . 
  مۇسىلىنە:   مۇنبەردىكى ئەڭ يېقىن دوستىڭىز كىم؟
  تاڭنۇر: مۇنبەردىكى ھەممە ئەزالارنى مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ياخشى دوسلۇرۇم دەپ قارايمەن .مۇنبەردە ھەم چ چ دا ماڭا ياردەم قىلىپ مەدەتلەرنى بىرىپ قوللاۋاتقان كۆڭۈل، ئوغۇزخان ،شاتئاي،كۆكنۇر ، ئۈزتۈرۈك ، مەلىكە  ھەم سىز ،جاپاكەش باشقۇرغۇچى يېقىن دوسلۇرۇمغا رەھمەت ئېيتىمەن ، 
   مۇسىلىنە:  مۇنبەردىكى سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلار قايسى؟ 
   تاڭنۇر:  مۇنبەردىكى مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىش ئورۇنسىز جىدەل تېرىپ تېمىنى تېما ئىگىسىگە باغلاپ چۈشۈنۈپ ،ئىناقسىزلىق قىلىپ مۇنبەرنىڭ ھەم تېما يولىغۇچىنىڭ كەيپىياتىغا سوغۇق سۇ سىپىپ ،ئورۇنسىز مۇنازىرە قىلىپ تېمىنىڭ قۇلۇپلىنىپ ياكى تاقىلىشىغا سەۋەپچى بۇلدىغان ئىشلار .
  مۇسىلىنە: مۇنبەرگە قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنى كۆپرەك يوللاشنى ياقتۇرىسىز؟ 
  تاڭنۇر:  مەن ئادەتتە مۇنبەرگە شئېىر يوللايمەن ،يازغانلىرىم تورداشلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىسىمۇ ،لېكىن مەن شېرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياخشى كۆرىمەن ،چۈنكى ھەر قانداق بىر ئوي – پىكىرنى ،ھەم ئىپادىلىمەكچى بولغان ھىسلارنى ئىپادىلىگىلى بۇلىدۇ . 
  مۇسىلىنە: مۇنبەرداشلارنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تېمىڭىز قايسى؟
  تاڭنۇر:   مىلىتىمىزدىكى ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەر قامچىلىنپ يېزىلغان شېئىرىلىرىمنى <<تورداشلار بىر قەدەر ياقتۇرۇدى >> دەپ ئويلايمەن. 
   مۇسىلىنە:     مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق تۆھپىلەرنى  قوشتۇم دەپ ئويلايسىز؟
    تاڭنۇر: مەن ھازىرچە مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتىغا تېخىچە ياخشىراق تۆھپە قۇشالمىدىم دەپ قارايمەن ،بىراق بۇندىن كىيىن جاپالىق ئىزدىنىپ چۇقۇم بىر كىشلىك تۆھپەمنى قۇشۇپ مۇنبەر ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلالايمەن دەپ قارايمەن ،ھەم چۇقۇم شۇنداق بۇلىشىغا ئىشىنىمەن . 
  مۇسىلىنە:  مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟ 
   تاڭنۇر:  تور ئېچىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت بولماي مۇنبەرنىڭ مۇشۇنچىلىك تەرەقىياتلارغا ئىرىشمىكى ئاسانغا توختىمىدى ،بۇنى مۇنبەر قۇرغۇچىسى  ئابابەكرى مۇختەر ( مىسران)،جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ھەم كۈنى –تۇن ئىزدىنىپ مۇنبەر ئۈچۈن تېما يوللاۋاتقان بارلىق مۇنبەر سۈيەر ئەزالاردىن ئايرىلىپ قارغىلى بولمايدۇ ،مۇشۇ 10000 دىن كۆپرەك ئەزالارنىڭ تىرىشىپ قولىشى نەتىجىسىدە مىسرانىم مۇنبىرى بۇنىڭدىن كىيىن تېخمۇ زور تەرەقىياتقا ھەم يېڭىلىقلارغا ئىرشەلەيدۇ دەپ قارايمەن ، ھەم بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ بارنىڭ قەدىرىگە يىتىپ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىم ئېلىش ،ئادىل رىقابەتلىش،تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ،سورۇنى بولغان مىسرانىم مۇنبىرىنى قەدىرلەپ ،بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشۇپ مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا چاقناپ تۇرغان سەرگەردە مۇنبەر بۇلۇپ چىقىشىغا كۈچ قۇشۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،

   ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىلىم سەيناسى قۇرۇپ بەرگەن ‹ئابابەكىرى مۇختەر› گە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ......
    بارلىق تورداشلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق ،ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئالاھدىن تىلەيمەن ،بەخىت- ئامەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن ........



گاھ بورانلار ئارىسىدىن ھايات قالغان بىر تال گۈل ،

پۇراق چېچىپ ئېچىلدى ھوزۇرلانغاچ بارچە دىل

سەبىي دىللار يورىغاچ ،مەپتۇن بۇلۇپ ئۇنىڭغا ،

ئاجىز كېلۇر ھەر قاچان تەرىپلىسەم مەندە تىل .


  ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنىم تاڭنۇر بلىەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي، قالغان كەم قالغان تەرەپلەرنى تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن داۋاملىق ھەمسۆھبەتتە بولۇپ  ،مۇنبەرداشلار  ئوتتۇرىسىىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ  ئىلگىرى سۈرىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييارمەن.خەير -خوش، << مۇنبەرداشلار بىلەن سۆھبەت>>نىڭ كېيىنكى سانىدا كۆرىشەيلى.

 مەنبە : زىيارەت خاتىرسى 
  

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
uzturk + 200 تەشەككۇر .  ناھايتى ياخشى پائا
سەھرا ئوغلى + 800 تەشەككۈر ........ياخشى باشلاپسىز ھەدە، د
alga~nap + 200

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1200   باھا خاتىرىسى

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 1818
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17650
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10508 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرەيلى   [s:79]

زىيارىتىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ  .

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11837
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8851
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 541 سائەت
تىزىم: 2010-9-27
ئاخىرقى: 2011-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:08:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭنۇر    ئاكام  بىلەن  مىنىڭ  قىزقىشىم  ئوخشىشىپ  كىتىدىكەن  .

ئۇزۇن سەپەر ...

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 748
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39448
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاداشنى بىر ئوبدان چۈشىنىۋالدىم بىر بانادا..
مۇنبەردە بۇ سەھىپىنىڭ يولغا قۇيۇلغانلىقىنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن دېسە . [s:115]

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

"/ئارتۇق گەپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12071
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3670 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:16:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان كونا- يېڭى ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەزاسى ئەڭ كۆپ مۇنبەرگە ئايلانغانلىقىدىن سۆيۈنىمىز. 14000 !!!!!!!!!!!! ئېغىزدا ئېيتماق ئاسان بولغىنى بىلەن 1 دىن باشلاپ سانىسا، قانچىلىق ۋاقىت ۋە زېھنى كۈچ كېتىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، مۇشۇنىڭدەك زىيارەت پائالىيىتىنى كۆپرەك ئۇيۇشتۇرسا بولاتتىكەن. رەھمەت!!!!!!!!!!!

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئىتقاد بارچە بار

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6587
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 738
توردا: 2566 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ زىيارىتىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، كىينكى ساندا كىملەر بار؟ مۇنبەرداشلار ئۆز ـ ئارا كۆپرەك چۈشۈنۈش ھاسىل قىلساق دەپ ئويلايمەن.

ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...

~*يامان كۆزلەردى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 866
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىل زىيارەت تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك جۇمۇ ؟ مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ، ئىسىل تىما ئىگىلېرى بىلەن تۇنۇشقانلىقىمىزدىن خۇرسەنمىز .....
  سالامەت بولۇڭ مۇسلىنە ھەدە ......

كىشىنىڭ دىلى بۇزۇق بولمىسىلا خۇدا ئۇنى رەسۋا قىلمايدۇ. *ئۆزۈنى بىل ئۆزگىنى قوي *

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9819
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىشىنى قوللايمەن ، مەنمۇ تاڭنۇر بۇرادەرنى ھۆرمەتلەيمەن . ئۇ مۇنبەرنىڭ شېئىرىيەت سەھىپىسىنى بېيىتىشتا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ . مۇسلىنە ھەدەمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

جەننەت+دوزاخ = ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1098
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201532
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:24:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ كېيىنكى قېتىمدىكى زىيارەت ئوبىكىتىڭىزغا تەقەززامىز !

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

ئىسىيان مەڭگۈلۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12764
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-23 05:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى چىقىپتۇ  ئىخچام  ئەمما  كۈڭۈلدىكىنى  دەپتۇ  رەھمەت  ئىككىلىڭلارغا  .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش، يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش . يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ، دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش