ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پېقىردىن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە ئوتلۇق سالام.
مەن بۇ مۇنبەرگە كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولساممۇ، تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپلا، بۇ مۇنبەر مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىۋالغان ئېدى.بولۇپمۇ مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ئۆزئارا ئېجىل-ئېناقلىقى مېنى بەكمۇ سۆيۈندۇرگەن ئېدى.لىكىن كىم بىلسۇن، بۇئېناقلىق بىرقىسىم كونا ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرسىدىلا بولىدىكەن. بەزىبىر يېڭى ئەزالارمۇ شۇلارنىڭ كەينىدىن، ئاقنى ئاق دىسىمۇ ئاق دەپ، قارىنى ئاق دىسىمۇ ئاق دەپ يۈرىدىكەن. دەرىجىسى يۇقۇرى ئەزالارنىڭ تېمىلىرىنى ئېنكاس بىلەن توشقۇزۇپ، بەزى يېڭى ئەزالارنىڭ ئېنكاسلىرىغا بولسا قاراپمۇ قويمايدىكەن، ئېنكاس يازغان تەقدىردىمۇ، قالايمىقان ،پۈچەك ئېنكاسلارنى قالدۇرۇپ يازما سانىنى ئاشۇرۇپ يۈرىدىكەن (مەن پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم تورداشلارنى دەۋاتىمەن).
مەسىلەن مەن بايا دوستىمىز مۇسېلىنە خانقىزنىڭ تاڭنۇر بىلەن ئۆتكۈزگەن زىيارەت خاتىرسىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. نېمىشقا دىسەڭلار،مەن مۇنبەردە مۇشۇنداق بىر ئەزالار زىيارەت پائالىيتى يولغا قويۇلسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە بىر تېما يوللىغان.
تېما ئادىرسى:
https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-16898-fpage-0-page-1.Mhtml
ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم تورداشلىرىمىز بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن، بىراق يەنە بىرقىسىم تورداشلىرىمىز،مېنىڭ بۇ سەمېمىي پىكىرىمنى قەستەن ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ، دېمىگەن گەپلىرى قالمىغان ئېدى.
مانا ئەمدى بۇ پائالىيەت رەسمى يولغا قويۇلغاندا بولسا، قېنى ئۇ مۇنبەردە مۇھەببەتلىشىپ كىتىشتىن قورۇققانلار، قېنى ئۇ شەخسى سىرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشىدىن قورۇققانلار، قېنى ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرىنىڭ خەيىرلىك بولماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنلەر؟
بۇ پائالىيەتكە چۈشكەن ئېنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئالقىش، مەدىھىيە سۆزلىرى ۋە ياخشى تىلەكلەر بىلەن توشۇپتۇ، ئەجابا مېنىڭ تېمامغا يازغان ئېنكاسلارنىڭ بىرسىمۇ يوققۇ؟ مەنمۇ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ شۇ تەكلىپنى بەرگەن،لىكىن بەزى تورداشلىرىمىز ئاستىن-ئۈستۈن بولۇشۇپ تاسلا قالدى مۇنبەردە قانلىق ۋەقە تۇغدۇرغىلى....
ئاخىرىدا مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كۈتىدىغىنىم، ھەممىمىز ئەقىل ئېگىسى بولغاندىكىن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا،باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشمەي،مۇستەققىل پىكىر قىلساق.
بىر تېمىغا بىرىنجى ئىنكاس ياخشى دەپ چۈشكەن بولسا باشقىلار قارىغۇ چاشقاندەك بىر-بىرىگە ئەگىشىپ تەڭ شۇئارتولاپ، ناچار دەپ ئېنكاس يازغان بولسا ھەممىمىز تەڭ تالاپ،تېما ئېگىسىنى تېما يوللىغانغا تويغۇزۋەتمەيلى.
بۇ پائالىيەتنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىشىگە ۋە تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.