مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2296|ئىنكاس: 30

كېرىيە ھېيتكاھ چوڭ جەمەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 02:02:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدۇلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى-
كېرىيە ھېيتگاھ چوڭ جامەسى

كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى مىلادىيە 1200-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 449 كۇۋادىرات مىتىر. بۇنىڭدىن خانىقا قۇرۇلۇش كۆلىمى 3 مىڭ 60 كۇۋادىرات مىتىر، نامازگاھنىڭ تاشقى سەيناسى 10 مىڭ 439 كۇۋادىرات مىتىر، جامەنىڭ خانىقاسى 11 ئارا 153 چوڭ تۈۋرۈكتىن قۇرۇلغان بولۇپ، كۆلەم جەھەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ جامە ھېسابلانغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىنمۇ چوڭ. ئادەتتە جۈمە نامىزىغا 4 مىڭدىن 6 مىڭغىچە، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلاردا 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە ئېتىقادچى ئامما كېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ. كېرىيە جامەسى بىنا قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە يەتتە قېتىم كەڭەيتىلگەن ھەم رېمونىت قىلىنغان. ھىجرىيە 1075-يىلى (مىلادىيە 1665-يىلى) كېرىيىدىكى مۆتىۋەر دىنىي زاتلاردىن موللا تىيىپ ئاخۇنۇم، موللا غۇجىلاق ئاخۇنۇم، ئەيساق ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ رېمونىت قىلىش توغرىسىدا يەكەندىكى ئابدۇللاخانغا بىر پارچە تەكلىپ سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ خان تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، يەكەندىن مەخسۇس ئۇستىلار ئەۋەتىلىدۇ ھەم جامە ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنى كۆچۈرۈپ يەرلىك مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىپ جامەنى 2-قېتىم كېڭەيتىپ رېمونىت قىلىپ چىقىدۇ. يەكەندىن 10 تۈپ چىنار دەرىخىنى يۆتكەپ كېلىپ، جامەنىڭ سەيناسىغا سالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ جامەنى بىر مەزگىل «چىنا باغ(چىنار باغ) جامەسى» دەپمۇ ئاتاشقان. ئاشۇ چىنار دەرەخلىرىدىن تۆت-بەش تۈپى تېخى يېقىنقى زامانلارغىچە بار ئىدى. كېيىن ئۈچ-تۆت قېتىم كېڭەيتىلىپ رېمونىت قىلغاندا قۇرۇلۇشقا تاقىشىپ قېلىپ كېسىۋېتىلگەن.
ئاشۇ مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تەسەۋۋۇپچىلاردىن يەھيا غۇجا سۇپى ئاللايار ھەزرىتىم ئون نەچچە كىشىنى باشلاپ كېرىيىگە كېلىپ، كېرىيىنىڭ ئارال كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ ئىشانلىق تەرغىباتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ كېرىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر بىلەن بۇ ھېيتگاھ جامەسى ھويلىسىنىڭ شەرقى تەرىپىگە چوڭ خانىغا ۋە تىلاۋەتخانا ئۆيلەرنى سالىدۇ. بۇنىڭغا ئۇلاپلا مەھەممەترېھىم ئەلەم، ئەسلەم قازى دېگەن شەرىئەت ئۆلىمالىرى ئۇلارغا دەلمۇ-دەل قارشى تۇرۇپ جامەنىڭ غەربىي تېمىغا يۆلەپ مەھكىمە شەرئى-قازىخانا سالىدۇ. كېيىن جامەنى 3-قېتىم كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلغاندا يۇقىرىقى ھەر ئىككى قۇرۇلۇش قىلغاندا يۇقىرىقى ھەر ئىككى قۇرۇلۇش چېقىپ تاشلىنىدۇ.
1947-يىلى ھاكىم ئىسمائىلخان كېرىيە تەۋەسىدىكى مۇنەۋۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر قايسى يېزا بەگلىرىنى يىغىپ شەخسەن ئۆزى كېرىيە ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «جامەيىمىز سېلىنغىنىغا 7-8 يۈز يىل بولدى. ئارلىقتا بىر قانچە قېتىم رېمۇنىت قىلىنغان بولسىمۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر قىسىم جايلىرى يىقىلىپ چۈشۈپ، كۆرۈمسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى. ساق قالغان جايلىرىمۇ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، ھەر قايسىلىرى يۇرتىمىزنىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالىرى ھەم بايلىرى. ئەھۋالنى كۆرۈشۈپ تۇرۇپلا، جامە مۇشۇنداق خەتەرلىك ھالدا تۇرامدۇ ياكى رېمونىت قىلىش كېرەكمۇ؟ كونىلاردا "كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنىدۇ" دېگەن گەپ بار. ئالىمادىس مەسچىت بىر كۈنى تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشسە نەچچە مىڭ جامائەتنىڭ ھالى نېمە بولىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم مەسئۇل بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە مەن ھاكىم بولغاندىكىن چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، لېكىن ھەر قايسىلىرىمۇ سىرىتتا قېلىشمايلا، بۇ ھەقتە ھەر قايسىلىرىنىڭ خالىس مەسلىھەتلىرىنى ئاڭلىغۇم بار...». ھاكىمنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەجلىس ئەھلى بىردەك پىكىر قىلىپ، جامەنى چوڭ رېمونىت قىلىشقا قۇشۇلىدۇ. كېڭەيتىشتىن كېيىن ھاكىم ئىسمائىلخان 2-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ جامەنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، مەبلىغى ۋە تەشكىلى رەھبەرلىك مەسىلىلىرىنى بىكىتىپ چىقىدۇ. ھاكىم باشچىلىقىدا چوڭ جامە قۇرۇلۇشى تەمىرات (قۇرۇلۇش) ھەيئىتى قۇرىلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى باھاۋىدىن دېگەن كىشى مەسئۇل قىلىنىدۇ. 1947-يىلى 10-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 49-يىلى ئازادلىق ھارپىسىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە بۇ جامە ساپ مىللىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بويىچە كېڭەيتىپ رېمونىت قىلىنىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن 1985-، 1988-يىللىرى 6-قېتىم رېمونىت قىلىنغان، بۇ قېتىمقى رېمونىتتا ئەسلى ھالىتى ساقلاپ قېلىنغان. 1997-يىلدىن 1998-يىلغىچە شىمالى دەرۋازا تاقا قۇرۇلۇشى باشلىنپ، 227 كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدە تاقا ئىشلەندى. بۇ 7-قېتىملىق كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. شمالىي تاقنىڭ ئېگىزلىكى 24 متىىر بولۇپ، ئۇنىڭدا 3 قەۋەتلىك ئۆي، ئۆينىڭ ئۈستىدە توققۇز قوقاتقۇ ۋە بىر چوڭ گۈمبەز بار. قۇرۇلۇشنىڭ ئۇسلۇبى ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس ھەم چىرايلىق ئىشلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇشقا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتىتى 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ بەردى، قالغان 500 مىڭ يۈەننى كېرىيىدىكى جامائەتلەر ئىئانە قىلدى. بۇ جامە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئاسارە-ئەتىقە ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن.

(ئاپتۇر: كېرىيە ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ فىنسىيونېرى)
مەنبە؛ «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 3-سان
باشقۇرغۇچىلار خەتنى ئازراق چوڭايتىپ قويساڭلار بوپتىكەن مەن چوڭايتسام پەقەت بولمىدى رەھمەت .


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hokumran + 100 ياخشى تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيە دەريا بويىدىكى كونا زاراتگاھلىق- ما


كېرىيە دەريا بويىدىكى كونا زاراتگاھلىق- مازار
(ئېكىپېدىتسىيە خاتىرىسى)

  مازارنىڭ 109 يىل بۇرۇنقى ھالىتى ( ستەيىن 1901- يىلى تارتقان)
مازار- كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يۇغان توغراق بىلەن يېيىننىڭ ئوتتۇرىسىغا، كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كېرىيە- شايار، كېرىيە- كۇچا كارۋان يولىنىڭ بويىغا جايلاشقان كونا زاراتگاھلىق بۇلۇپ، ناھىيە مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 80 كىلومېتىردەك كېلىدۇ. مازارنىڭ ئەسلىي تۇلۇق ئىسمى«سەئىد بۇرھانىدىن پادىشاھىم مازىرى» بۇلۇپ، كېيىن سەئىد بۇرھانىدىن پادىشاھىم دېگەن نام تاشلىنىپ قېلىپ « چوڭ مازار» دەپ ئاتالغان. بۆگۈنكى كۆندە كىشىلەر بۇ مازارنى قىسقارتىپ چوڭ مازار ياكى مازار دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. سەئىد بۇرھانىدىن پادىشاھىم نوقتۇرېشىت، چوقتۇرېرىشتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قەتلى قىلىنغان، قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاقسۇ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن سانغۇنى بۇلۇپ، ئۇ شۇ مەزگىلدە ئارىش مازاردىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ دەريانى بويلاپ قاچقان ۋە  مۇشۇ ئورۇنغا   دەپنە قىلىنغان. مازارنىڭ غەربىي تەرىپىدە يەنە شېھىتلىك دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار. سەئىد بۇرھانىدىن پادىشاھىم مازىرى چىرا، كېرىيە، نىيە قاتارلىق جايلارنىڭ شىمالىدىكى مازارلارغا ئوخشاش داڭلىق. ئۇ ئىمامى جەففىرىم سادىق، ۋە ئارىش مازار بىلەن تەڭ قاتاردا مۇھىم تاۋابگاھ سورۇنىغا ئايلانغان.


مازارنىڭ ھازىرقى ھالىتى  
           1901- يىلى1- ئاينىڭ 9- كۆنى سىتەين كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ مازارغا كەلگەن ۋە بۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئەتىسى كېرىيىگە قايتقان. كېيىن يەنە بىر قېتىم مازارغا كەلگەن. ئۇ مازار توغرىسىدا خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان. يەنە 16 مىل يول يۈرگەندىن كېيىن، شۇ كۆنلۈك قونالغۇ« سەئىد بۇرھانىدىن پادىشاھىم» مازىرىغا يېتىپ كەلدۇق. كېرىيە ۋە خوتەن خەلقى ئارىسىدا بۇ جاي ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەن. ئازادە تۇرالغۇ ۋە مازارغا قارايدىغان بەش نەپەر شېيخنىڭ تاشقى قىياپىتى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى(1) يەكەن خانلىقى دەۋرىدە كېرىيىدە غۇجىلار جەمەتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق جەمەت ئۆتكەن. بۇ جەمەتنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولغان كېپەك غۇجىنىڭ ئەيساق ئاخۇن ۋە ئىيساق ئاخۇن قاتارلىق پەرزەنتى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېيساق  ئاخۇن  يەكەن خانلىق مەدرىسىدە ئۇقۇغان مۆتىۋەر دىنى زاد بۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دىنىي بىلىمىنىڭ كامىللىقى بىلەن كېرىيە قاتارلىق جايلاردا داڭ چىقارغان ھەم ئاخۇنلۇقۇم دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. ئۇ يەكەن خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تەركىي دۇنيالىق يولىنى تۇتۇپ، مازايى- ماشايىخلارنى تاۋاب قىلىش بىلەن ئۆتكەن. كۆنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ دەريا بويىدىكى مازارغا كېلىپ، شېيىخ بولغان. شۇنىڭ بىلەن مازار تېخىمۇ ئاۋاتلىشىپ كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلانغان.
________________________________________
(1 ) سىتەين« قۇمغا كۆمۈلگەن خوتەن خارابىلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە،317 - بەت
دەريا بويىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مازارنى ئۇلۇغلاپ، قازا قىلغاندا شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. دەريا بويىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت ھىسابلانغان توقسۇن جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى توقسۇن بىكام، بۇنىڭدىن 348 يىل بۇرۇن كېرىيىدىن دەريا بويىغا كۆچۈپ بارغان ھەمە تەكى، يۇمۇلاق باراق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەكى تام بىلەن باراق تامنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىيساق ئاخۇنلۇقۇم مازاردىكى ئۆيىگە يانداشتۇرۇپ مەسچىت، تىلاۋەتخانا ۋە قىرائەتخانا سالدۇرغان. ئىيساق ئاخۇنلۇقۇم  بۇنىڭدىن تەخمىنەن 170 يىل بۇرۇن  ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تىلاۋەتخانىسىغا دەپنە قىلىنغان.  ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە  يېقىن دوستى ۋە شاگىرتى رازى تەكى مازارنىڭ شېيىخلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. رازى تەكىنىڭ ئابلا تەكى، ئۆمەر تەكى، سادىق تەكى ۋە مەتتوختى تەكى قاتارلىق6 نەپەر پەرزەنتى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپىرى كىچىك ۋاقتىدا قازا قىلغان. رازى تەكى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئابلا تەكى دادىسى رازى تەكىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، مازارغا شېيىخ بولغان. ئۇ ئوسمان تەكى، رازى تەكى ( چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى قۇيۇلغان)، مەتسىدىق تەكى (سىدىق ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، مەتقۇربان تەكى، مايمۇنىخان تەكى، بەختىخان تەكى ۋە سەيدى تەكىدىن ئىبارەت يەتتە پەرزەنت يۆزى كۆرگەن.

مازاردىكى كونا ئىمارەت
         بۇ يىل83 ياشقا كىرگەن ئوسمان تەكىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە؛ ئۇ يەتتە ياش ۋاقتى (1933- يىلى) دا مازار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئابدۇكېرىم ئاخۇن،ئوسمان ئاخۇن، ھېلىم ھاجى، خۇجا ئاخۇن قاتارلىق 30-40 ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشقان. ھەر كۈنى مازاردىكى مەسچىتكە70-  80 دەك ئادەم جەم بولغان. قازا قىلغانلار مازارغا ئېلىپ چىقىلىپ شەمىگوغا دەپنە قىلىنغان. چوڭ دادىسى رازى ئاخۇن تەكىمۇ مازاردا شەمىگوغا قويۇلغان. ئەمما مازاردىن باشقا دەريا بويىدىكى ھەر قانداق بىر جايدا مېيىت توغراقتىن ياسالغان ئوقۇر( يەرلىك كىشىلەر كۇڭتەي دەپ ئاتايدۇ) غا سېلىنىپ يەرلىككە قويۇلغان. مازارنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۆزەل بۇلۇپ، بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ قاپاق تېرەك، توغراق، جىگدە، يۇلغۇن ۋە سۆگەت دەرەخلىرى ئۆسكەن. ئۇ چاغلاردا دەريادىكى سۇنىڭ كۆپلۈكىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتۈش بەك تەس بولغان.ھازىر بولسا دەريا سۆيى شۇ ۋاقىتتىكىدىن ئۈچ ھەسسىدەك ئازلاپ كېتىپتۇ. كېيىن بۇ يەرگە كېرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن دېھقانلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك چارۋىچىلار ھەسىنىتىم، ھەسەن- ھۆسەن، قارلۇق قاتارلىق جايلارغا بىر- بىرلەپ كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مازارنىڭ بۇرۇنقى ئاۋاتلىقى يوقۇلۇپ، چۆلدەرەپ كېتىپتۇ. مازاردا پەقەت ئۇنىڭ ئىنىسى مەتسىدىق ئاخۇن شېيىخنىڭ بالا- چاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان6 -7 دەك ئائىلە  قېپتۇ.  مەتسىدىق شېيىخ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى مەتتوختى قارىم ھازىر مازارغا شېيىخلىق قىلىپ كەلمەكتە. مەن مازارغا 3 قېتىم بېرىش جەريانىدا يەرلىك كىشىلەردىن ئىيساق ئاخۇنلۇقۇم توغرىسىدا نۇرغۇن ئەپسانە رىۋايەتلەرنى ئاڭلىدىم ۋە مازار ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردىم. 1990-يىلى مازاردا ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق مەتسىدىق ئاخۇن شېيىخ ماڭا ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم توغرىسىدا مۇنداق بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تىل تەتقىقاتىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۆز تەلەپپۇزى بۇيىچە خاتىرلىدىم.
  -چوڭلىدىن ئۇقسام ھەدەڭ، ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم يا باراقمەسكەن، يا تەكىمەسكەن.  خوي باراق بوسۇن، خوي تەكى بوسۇن جايلىغ، قالۇقلۇغ پاتىچى تازلا مازاغا كۆچەپ، ئۇلاغ باققىلى كىلىشتىن بالدۇلا مىششەدە ئېيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ بېشى باكەن. بەك ئۇقۇغان ئەدەممىش ئۇ، ۋايجىنەم، ئەۋلىيامىش تېخى. ئۆمىلاقمان خۇتەن دىگەندىن تاۋاپچىلا كىلىتتى،كىتىتتى. ھاي بالام، بى ئىشنى دەي، ئۇششالىق بىلە جىجىلىۋېلىڭ ماخما. كىن مەن ئۆلەپ قاسام ئامما دەپ قاماڭ. ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم ئالامەت ئەدەم بوغان بىلە، شوغىنىسى بەك جولتاقكەن. ئۇ مازاغا تىنەپ كەگەندە كۈزلەگدىكى يەلىك تازلىنىڭ ھەننىۋاسى ئۇنى ھېچ ياراتماپتۇ، كۆسلە. بى كۈنى مازانىڭ قېشتىكى بى تازنىڭ ئۆيدە ئەدىمىگەچىلىك بۇلاپتىكەن، كاداڭلىق قىلىشىپ بىسمۇ ئاخۇنلۇقۇمنىڭ قولغا سۇ بەمەپتۇ. دوستىغانمۇ ساماپتۇ، مەزەمو ئاماپتۇ. يامان ئەسكى شوۋىچىلا چېغۋا ئۇ، بەسە بومامتا ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇماي. ئېيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بۇلاپتۇ، خامۇشلىشىپ ئۆگزىگە قالاپ دورت ئېيتىپتۇ. ئالە شەرىڭنى، توۋا خۇدايىم ھاي، ساي ئۆتمەي ئۆگزىدىن شۇمتەكلە جىغىغاندەي سۇ چۈشۈپتۇ. ئاخۇنلۇقۇم شاپ بۇلاپ جىقىراتما سۇدا قولنى يۇپتۇ. بۇنى كۆگەن تازلا ھاڭۋاختىدەي قېپتۇ. &lsaquo&lsaquo بىز قارۇغۇ بەتىشىنىلىشىپتىمىز ، ئەۋلىيانى تۇنماپتىمىز&rsaquo&rsaquo دىشىپ ئاخۇنلۇقۇمغا ئۆزرە ئېيتىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئېتى پۇر كىتىپتۇ. قېرىغاندا ئادەم دىۋەڭشىپ، با گىپى قېچىپ كىتىتكەن، كۆڭلەمدە بانى دىدىم، ئەينا.
ماڭا مازارنىڭ تارىخى، شېيىخلارنىڭ تەزكىرىسى ۋە ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم توغرىسىدا  رىۋايەت سۆزلەپ بەرگەن مەتسىدىق ئاخۇن شېيىخ  ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1991- يىلى8- ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىر مازاردا ئۇنىڭ 73 ياشقا كىرگەن ئايالى ئايشەمخان تۇرسۇن ( لەقىمى پەشتاق ) ۋە ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر پەرزەنتى ھايات كەچۈرۈپ كەلمەكتە.دەريابۇيىدىكى سۇقما دېگەن جايدا ئولتۇرۇشلۇق 104 ياشلىق

ەتتوختى خارەت
مەتتوختى خارەت ماڭا ئېيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئىككى ئادەمگە ئايلىنىپ ئىمامى جەففىرىم سادىق بىلەن مازاردا بىرلا ۋاقىتتا جۈمە نامىزى ئۇقۇيدىغانلىقىنى، بىر كۈنى چوغ سېلىنغان پاختىنى ئوغلى ئارقىلىق كېرىيىدىكى ئاكىسى ئەيساق ئاخۇنلۇقۇمغا چىقارتسا، پاختىنىڭ كۆيۈپ كەتمەي ساپمۇ- ساق يەتكۈزۈلگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىپ بەردى. ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم توغرىسىدىكى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانە  بىلەن يۇغۇرۇلغان خىلمۇ- خىل ئۇچما پاراڭلار خەلق ئارىسىدا تاكى بۆگۈنكى كۆنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە مازار بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئانچە ئاۋات بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ سېھرى كۆچىنى يۇقاتقىنى يوق. بۇ يەرە ئەيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ تۇرا- جايلىرى خېلى مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى لەخمە شەكلىدە يەر ئاستىغا ياسالغان تىلاۋەتخانىدا 1990- يىللارغا قەدەر 20 خىلدىن ئارتۇق كونا كىتاپ ۋە چاغاتاي يېزىقىدا يېزىلغان قول يازمىلار ساقلىنىپ كەلگەن. تىلاۋەتخانىنىڭ ئۆستى تەرىپىدىكى توغراق تاختايغىمۇ چاغاتاي يېزىقىدا خەت پۆتۈلگەن بۇلۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۇ يەر- بۇ يەرلىرى قىرىۋېتىلگەن. مەتتوختى ئاخۇن شېيىخنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەرگە يېزىلغىنى مازارنىڭ قىسقىچە تارىخى ئىكەن. تىلاۋەتخانىدىكى  كىتاپ ۋە قول يازمىلار ئېكىسپىدىتسىيىچى، ئارخېلوگ ۋە ئىلمىي تەكشۆرگۈچىلەر تەرىپىدىن تا بۆگۈنكى قەدەر بايقالماي كەلگەن. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسى تارىم ئويمانلىقى رايۇنىدا

مازارنىڭ سىرتقى كۈرۈنۈشى
بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىردىن- بىر تىلاۋەتخانا بۇلىشى مۇمكىن. مەن تېلېۋىزىيە ئستانسىسىدىكى ۋاقتىمدا 1988- يىلى ئۆمەرجان ھېزىم سىنئالغۇغا ئالغان ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسى توغرىسىدىكى ماتىريال سۈرەتنى كۆپ قېتىم كۆرگەن ئىدىم. كېيىن بۇ سىنئالغۇ لېنتىسىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. سۈرەتتە شۇ ۋاقىتتىكى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇراخمان قۇربان باشچىلىقىدىكى دەريا بويىنى تەكشۈرۈش ئۆمېكى ئەزالىرىنىڭ بۇ تىلاۋەتخانىدىكى كىتاپلارنى كۆرىۋاتقان پائالىيەتلىرى بار ئىدى. كېيىن، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى كۆپ قېتىم ئىزلەپ، شۇ ۋاقىتتا تىلاۋەتخانىدا كۆرگەن كىتاپلارنىڭ قانداق كىتاپلار ئىكەنلىكىنى سۆرۆشتۈردۈم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە دىنىي كىتابلار، سامان قەغىزىگە چاغاتاي يېزىقىدا قول بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىلغان كىتابلار، ھەتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تاش مەتبەدە بېسىلغان بەزى كىتابلار بار ئىكەن. مەن مازارغا بارغان چاغلاردىمۇ بۇ كىتابلارنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلدىم ۋە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم. ئاڭلىسام، بۇ كىتابلار 1990- يىلى بىر- بىرلەپ يۇقۇلۇپ كېتىپتۇ. بۇ كىتابلارنى كىملەرنىڭ ئېلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئازاتلىقتىن بۇرۇن كېرىيىدىن مازارغا دىنىي بىلىم ئېلىشقا بارغان بەزى تالىپلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم ئۆزى ئوقۇغان يەكەن خانلىق مەدرىسىدىن بىر قىسىم كىتابلارنى ئېلىپ كېرىيىگە كەلگەن. ئۇ مازاردا ماكانلاشقاندىن كېيىن بۇ كىتابلارنى ئۆز تىلاۋاتخانىسىغا قويغان. « مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە كىتاب كۆيدۈرۈش


مازاردىكى تاشلاندۇق ئىمارەتلەر

ھەركىتى بولغاندا كېرىيىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆزلىرى ساقلاپ كەلگەن بەزى كىتابلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن مازاردىكى تىلاۋەتخانىغا يەتكۆزۈپ بەرگەن. شۇ ۋاققىتلاردا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» نىڭ بۇران- چاپقۇنلىرى تارىم ئويمانلىقىدىكى بۇ خىلۋەت، پىنھان مازاردا ئانچە داغدۇغا پەيدا  قىلمىغان. كېيىنچە، كىتاب ۋە قول يازمىلارنىڭ سانى50 نەچچە پارچىغا يەتكەن. نىمە ئۈچۈن مازارغا كەلگەن ئىكىسپىدىتسىيىچىلەر ۋە ئىلمىي تەكشۈرگۈچىلەر ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسىدىكى كىتابلارنى بايقىمىغان؟ دېگەن بۇ سۇئال كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلبەتتە. مېنىڭچە، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئەھۋال بۇلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى ئەينى ۋاقىتتا ئېيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ كېيىنكى شېيىخلىرى ۋە تالىپلىرى كىتابلارنى باشقىلاردىن سىر تۇتۇپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەخپىي ساقلىغان، بۇلۇپمۇ چەتئەل ئىكىسپىدىتسىيىچىلىرى ۋە ئىلمىي تەكشۈرگۈچىلەر بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقىتلاردا كىتابلارنى ئۇلاردىن يوشۇرغان. يەنە بىرى ئىكىسپىدىتسيىچى، ئىلمىي تەكشۈرگۈچىلەر ئات ئۆستىدە گۈل كۆرۈپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە سەل قارىغان. چۈنكى، دەريا بويىدىكى بەزى پىشقەدەملەرمۇ ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسىدا ئىلگىرى بەزى كىتابلارنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن. دەريا بويىلىقلارنىڭ مىجەز- خارەكتىرى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلار ھەر قانداق ئىشنى باشقىلاردىن سىر تۇتۇشقا ماھىر. ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۆشىنىمەن دىسىڭىز، خۇددى ئاشۇلارغا ئوخشاش سەمىمىي، ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت كىشىلەردىن بۇلىشىڭىز كېرەك. ئۇلار سىزگە ئىشەنگەندىلا ئاندىن چۈشۈنۈشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىدۇ.
تارىختا كېرىيىدە ئىككى ئۇرۇندا تىلاۋەتخانا بولغان، ئۇنىڭ بىرى قەۋمىشەھىدان تىلاۋەتخانىسى، يەنە بىرى ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسىدىن ئىبارەت. ھازىر بۇ ئىككى تىلاۋەتخانا ئىچىدە بىردىن- بىر ئېيساق ئاخۇنلۇقۇم تىلاۋەتخانىسىلا ساقلىنىپ قالغان. مازاردا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن ئېيساق ئاخۇنلۇقۇمنىڭ قورو-جايلىرى، ھېلىھەم كونا تارىختىن بىشارەت بېرىپ كەلمەكتە.
مەنبە : كېرىيە تورى


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

رىزىق تىلىمە ،بە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3681
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17782
تۆھپە نۇمۇرى: 750
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:03:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرتۇم   شۇ كېرىيە

بۇ دۇنيادا ياشىماق ئاسان، لىكىن ئۇلۇم سىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15139
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8020
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2011-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:04:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بايا كەلگەن ،بۇ مۇنبەردە ھەقىقەتەن ياخشى تېمىلار جىقكەن . دىيارىمىزدىكى بىز بىلمىگەنلەرنى مۇنبەردە بىلىۋالىدىكەنمىز. رەھمەت سىزگە.

سېغىنىشىم زادى گەپ ئاڭلىماس قاتراپ يۈرەر يۈرەك قېتىمدا ھېسىياتىمغا  پەرۋامۇ قىلماي

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:05:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيە دۆڭ مەدرىسى


كېرىيە دۆڭ مەدرىسى
مەھمۇدجان سىدىق بىلگېيار
بەدۆلەت زامانىدا كېرىيىنىڭ بازار ئىچى ھېيتگاھقا مىرمۇھەممەد ھاجىمنىڭ ئارزۇسى ۋە مەبلەخ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان دۆڭ مەدرىسە كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، قۇرۇلۇشىنىڭ ھەشەمەتلىكى، ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئوقۇتۇش تۈرىنىڭ كۆپ ھەم يېڭىلىقى بىلەن كېرىيەنىڭ مەدرىسە مائارىپىدا يۇقۇرى پەللە يارىتىپلا قالماي، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىلدىن كېينكى پەننىي مائارىپقا پۇختا ئاساس سالغان. ھازىرقى ھېيتگاھ مەھەللە كومىتېت تەۋەسىدىكى دۆڭ مەدرىسە مەسچىت،  دۆڭ مەدرىسەنىڭ مەسچىتى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مىرمۇھەممەد ھاجىم، ئۆزبېكىستاننىڭ مەرغىلان شەھىرىدىن بولۇپ دىنىي، پەننىي ئىلىمگە كامىل بۇ كىشى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق مەدرىسەلەرنى تاماملاپ، ئەرەپ دۇنياسىدىكى مەدرىسەلەردە  يەنەبىر مەزگىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن،  ئوتتۇرا دېڭىز ئەتراپى، ياۋرۇپالاردا تىجارەت ئىشلىرى بىلەن كۆپ يۇرتلارنى ئايلىنىش جەريانىدا  ئىلغار مەدەنىي تەرەققى پەرۋەر  ئاڭغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ تۈركىي تىللىق خەلقلەر يۇرتلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈپ  بېقىش مەقسىتىدە، زىيارەت ھەم تىجارەت ئشلىرى بىلەن يۇرت كېزىپ ئاخىرى كېرىيىگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا بۇ يۇرتنىڭ چوڭ، سۈيى ئەلۋەك، باغ- ۋارانلىق، قۇشلار ناۋا قىلىپ تۇرىدىغان، پۇقرالىرى ئېتىقادلىق، ھايالىق، مېھرىبان، مەرت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ مىھرى چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ جاھاننىڭ يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەرسىز نادانلىق، خۇراپىيلىق ئىچىدە نامرات ياشا ۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىدۇ- دە، بۇ يۇرتقا بىرەر خالىس ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ.
ئۇ كۆپ ئويلىنىپ مەڭگۇ ئېقىپ تۇرىدىغان مەرىپەت بۇلىقى- مەدرىسە بەرپا قىلىشنى لايىق كۆرۈپ، بۇ ئارزۇسىنى مەھكىمە شەرئىگە ئىلتىماس قىلىدۇ. ئىلتىماسى دەرھال تەستىقلىنىپ ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەھكىمە شەرئىدىن مەدرىسە بىنا قىلىشقا يەرلىكتىن سىدىق ئەلەم ئاخۇنۇمنى مەسئۇل قىلىپ، ھاجىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەشكە بۇيرۇيدۇ. جاماىەت كۆپ كېڭەش قىلىش ئارقىلىق، مەدرىسەنى دۆڭ مەسچىتنىڭ 12 مو ۋەخپىسىگە بىنا قىلىشنى لايىق كۆرۈشىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئەتراپى تېرىم، بېدىلىك، ئۈجمىلىك ئوراپ تۇرغان يانتاقلىق دۆڭ بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىشقا بەكمۇ باپ كېلەتتى.   
مىر مۇھەممەد ھاجىم يەرنى مۈلۈكىگە ئايلاندۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىش ىۈچۈن ئورنىغا ئۇرۇلۇق(ئاقيەر كۆلنىڭ ئۈستىدە) دىن 12 مو يەرنى سېتىۋېلىپ دۆڭ مەسچىتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ قۇرۇلۇشنى ئۆزى لاھىيىلەپ، بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۇپا ياغاچ قۇرۇلما، دېرىزىلىك، گەج سۇۋاق، ئوچۇق-يورۇق دەرسخانا(قۇرئان يادلايدىغان ئۆي)، يازلىق مەسچىت، قىشلىق مەسچىت، قااتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئاھادە شەكلىدە كۈن چىقىشقا قارىتىپ سېلىپ، ئالدىنى سالاسۇنلاپ توسۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كۆل(ھازىرمۇ بار) كولاپ، كۆلنىڭ جەنۇب- شىمال ئىككى تەرىپىگە ئۈچ ئاخۇنلۇقۇم ئۈچۈن ئايۋان سارايلىق ئۈچ يۈرۈش تۇرالغۇ، 30 ئېغىز تالىپلار ھوجرىسى، ئاشخانا، تاھارەت خانا، يەر ئاستى ئاشلىق ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى سالدۇرىدۇ. كۆلنىڭ چۆرىسى ھەم ئەتراپىدىكى بوش يەرلەرگە، ئېرىق ئېلىپ، قاپاق تېرەك، سۈگەت قاتارلىق ئورمانلارنى سېلىپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇ جاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا، تېرەكلەر ئاينىپ قۇچاققا پاتمايدىغان، قۇشلار ناۋا قىلىپ سايراپ تۇرىدىغان، تالىپلار ئارام ئالغاچ دەرس تەكرارلايدىغان سۈرۈن، ھاۋالىق باغچىغا ئايلىنىدۇ.
مىرمۇھەممەد ھاجىم مەدرىسەدىن باشقا 60 ئېغىزلىق ساراي،  ئاختا خانا سالدۇرۇپ، مەدرىسەگە ۋەخپە قىلىدۇ. ساراي تال بوستانلىق، ھاۋالىق شارايىتى ياخشى بولغاچقا، سودىگەرلەر، چەتئەللىكلەر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، تاۋاپچىلار چۈشىدىغان ئاساسلىق سارايغا ئايلىنىپ، مەدرىسەنىڭ پاراۋانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. يۇقىرىقى قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كىيىن، كۈن پېتىشتا تاناي يۇلىدىن، كۈن چىقىشتا قازان كۇچىسىغىچە ئەتراپىنى ئۇلىنىڭ كەڭلىكى، ئىگىزلىكى 3 مېتىر، ئۈستىنىڭ پۈتۈپ چىقىش كەڭلىكى 1 مېتىر قىلىپ تام سوقتۇرۇپ، ساراي بىلەن قوشۇپ ئاھادە ئىچىگە ئالىدۇ. تالىپلارنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن كۆلنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن توغرىسىغا ئاددىراق تام سوقۇپ، ساراي بىلەن مەدرىسەنى ئايرىۋېتىدۇ. مەدرىسەگە ئككى ئورۇنغا دەرۋازا بېكىتىپ، دەرس ۋاقتىدا تاقىلىپ، دەرستىن چۈشكەندە ئېچىپ، تالىپلارنىڭ تىنىچ- خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاساسلىق دەرۋازىسى ھېيتگاھ يولىغا قارىتىپ ئېچىلغان بولۇپ، ھازىرقى دۆڭ كۇچا ئېغىزىغا توغرا كېلىدۇ. دەرۋازىنىڭ كەڭلىكى  6 مېتىر بولۇپ، چوڭ ئىككى قانات داۋازا بېكىتىلىدۇ. دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە 3قەۋەت 12 مېتىر ئېگىزلىكتە ئەزانخانىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دەرۋازا بىرىنچى قەۋىتىنىڭ ئالدى تېمىغىچە پىششىق خىش بىلەن قوپۇرۇلۇپ، بىرىنچى قەۋىتىنىڭ قالغان   ئۈچ ئەتراپى غۇزا قىيمىلىق يېرىم سالاسۇنلۇق ھوجرا شەكىلدە چىقىرىلىپ، مەزىن ئاخۇنۇمنىڭ ئارام گاھى قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قەۋىتى ئاستى تاختاي، تۆت ئەتراپى يېرىم سالاسۇنلۇق ئەزانخانا بولۇپ، ئىككى شۇتا بىلەن چىقىلىدۇ.  ئۈچىنچى قەۋىتىگە تاختىدا مىچلاپ گۈمبەز ياساپ، سېغىز گەج بىلەن مىھراپ شەكلدە سۇۋاپ، ئۈستىگە ئاي يۇلتۇزلۇق ئۇچ چىقىرىلغان ناھايتى ھەيۋەتلىك كۆركەم گۈمبەز ياسىلىدۇ. بۇ يەردە ئوقۇلغان ئەزان بەشتوغراققىچە ئاڭلىنىدۇ.  يەنە بىر دەرۋازىسى مەدرىسەگە سۇ كىرىدىغان تاناي ئېرىق ئۈستىگە قويۇلغان كىچىكرەك دەرۋازا  بولۇپ، ئادەتتە كۆپ ئېچىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تاختا كۆۋرۈكتىن باشلاپ قازان كۇچىسىغىچە ھېيتگاھ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆي سېلىنىپ، مەدرىسەگە ۋەخپە قىلىنىپ،  ناماز ۋە رۇزىسى جايىدا، دۇرۇس كىشىلەرگە 4-5 چارەك(1 چارەك8 كىلوگرام) قۇناققا ئىجارىگە بېرىلىپ، چىققان ئاشلىق تالىپلارنىڭ تەمىناتىغا ئىشلىتىلىدۇ.
مەدرىسە تەدرىجى گۈللىنىپ قازى ئەلەم مەمتىز ئاخۇنۇم مۇددەرىس، ئاۋلا ھاجىم مۇددەرىس، مەتنىياز ھاجى ئاخۇنلۇقۇم، ياسىن قارىم  قاتارلىق  شۆھرەتلىك دىنى ئالىم-ئۆلىمالار مۇددەرىسلىك قىلىدۇ. مەدرىسەگە مەھكىمە شەرئىدىن مەخسۇس7نەپەر مۇددەرىسدىن باشقا يەنە  خاتىپ، ئىمام، مەزىن ئاخۇنۇم تەسىس قىلىنىپ، مەدرىسەنىڭ ئوقۇ  ئوقۇتۇش ھەم دىنىي پائالىيەتلىرىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ.  مەدرىسەدە قۇرئان، ئىلمى سەرف، ئىلمى نەھۋى، ئىلمى پىقھى، شەرھۇل ۋىقايە، مىشكاتۇل مەسابىھ، ئىلمۇل مەنتىق، مىفتا ھۇل ئەدەپ، قازى بەيزاۋى، ھۇججەتۇل بالىغە قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇتىلىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، مەدرىسەدە خەت يېزىش، ئوقۇشنى ئۆگىنىش، دىنىي كىتابلاردىن باشقا كىتابلارنى كۆرۈش بىدئەت دەپ قارىلىدىغان خۇراپىي قاراش، مىرمۇھەممەد ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇزۇپ تاشلىنىپ، ھېساب، ئىلمىي خەت ئۆگىتىلىپ ھەم ئۆگىنىشكە يول قويۇلۇپ، تالىپلاردىن خاتىرە قالدۇرالايدىغان، تۈرلىك ئالاقە- ھۆججەتلەرنى پۈتەلەيدىغان بولۇش تەلەپ قىلىنغان، تالىپلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۈرلىك كىتابلار ئەكەلدۈرۈلۈپ مەدرىسكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. تالىپلارنىڭ سالامەتلىكى ھەم ئوقۇتۇش مۇھىتىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش  ئۈچۈن دەرس خانا، قارىي خانىنىڭ ئاستىغا تاختاي ياتقۇزۇلۇپ، ئۈستىگە بورا سېلىپ، ھەر مېتىر ئارلىققا مۇۋاپىق ئېگىزلىكتە توغرىسىغا ئۇزۇن شال قويۇلىدۇ. تالىپلار تاھارەت ئېلىپ، جاينىمىزى ئۈستىدە ئازادە ئولتۇرۇپ، ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى شال ئۈستىدە قويۇپ، دەرس ئوقۇيدۇ. مەدرىسەدە قىش كۈنلىرى سوھور ۋاقتىدىن بامداتقىچە، بامداتتىن ناشتىغىچە، دەرس تەكرارلايدۇ. مۇددەرسلەر ناشتىدىن پىشىنگىچە، دەرس بېرىدۇ. پىشىندىن ئەسىرگىچە، دەرستە ياخشى يېتىشكەن تالىپلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەرس تەكرارلىنىدۇ. ئەسىردىن شامغىچە ئىستىراھەتكە قويۇپ بېرىلىدۇ. شامدىن خۇپتەنگىچە يەنە تەكرارلاش ئېلىپ بېرىلىپ ئاندىن ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. ياز كۈنلىرى ئەتىگەندە دەرس تەكرارلانمايدۇ.
مەدرىسەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى خاتىرىلەش، ئوقۇ- ئوقۇتۇش، تۈزۈم- تەدبىرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كىرىم- چىقىمنى دۇرۇس قىلىش،  مۇددەرىس، خاتىپ، ئىمام ۋە باشقا خادىملارنىڭ ئەھۋالىدىن تارىخ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەدرىسە قۇرۇلغاندا، 4 پارچە تۆلى(تارىخچە) تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنى ئاخۇنلۇققا، جامائەتكە، مەھكىمە شەرئىگە، قازى ئەلەمگە ۋاكالىتەن بىردىن ئادەم تۇتۇپ، ساقلىنىپ كەلگەن، ئەمما مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يىغىۋېلنىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.                                                  
مەدرىسگە قەشقەر، خوتەن تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يۇرتلاردىن باشقا چەرچەن، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، دائىملىق تالىپ 100 دىن كەم بولمىغان. مەدرىسە تاقالغىچە بولغان 80 نەچچە يىل ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ كەتكەن تالىبلارنىڭ سانى 8 مىڭدىن كۆپ بولۇپ،جۇڭگو تىببىي قامۇسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قىسمى شىنجاڭ مىللى تىبابەت قامۇسى قاتارلىق چوڭ  ھەجىملىك قامۇسلارنى يېزىشقا، تۈزۈشكە قاتناشقان، ئاپتونوم رايونلۇق مىللى تىبابەت جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ پەخرىي باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنىڭ پەخرى پروفىسسورى، بىر ئۆمۈر ئاۋامنىڭ كېسىلىنى  ھەقسىز كۆرۈپ، ئاددى، ئەرزان رېتسىپلار بىلەن كېسەل داۋالاپلا قالماي، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ كېسىلىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچى ھەم يۇقىرى پەللىسىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگو، چەتئەللەردە زور شۆھرەت  قازانغان ئالىم ئەھمەد ھاجىم؛ تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئككى يىل تۇرۇپ،تۈركىي تىللار دىۋانىنى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈشكە قاتناشقان، ئەرەپ، پارىس، ئوردۇ، ئېنگىلىز، لاتىن، ھەم خەنزۇ تىلىغا پىششىق، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومىنڭ پارىس تىلى ئوقۇتقۇچىسى، تىلشۇناس، تەتقىقاتچى، جاماىەت ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان تېۋىپ  ئوسمان ھاجىم قۇدۇق قاتارلىق ئالىملاردىن باشقا، ھازىرغىچە  ناھىيە تەۋەسىدىكى خېلى كۆپ مەسچىتلەردە دىنىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دىنىي زاتلار، ئاساسىي قاتلاملاردا تۈرلۈك تەشكىلىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ئۆتەۋاتقان بىر قىسىم  ئاساسى قاتلام كادىرلىرى، دۆلەت ئشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ دەسلەپكى ساۋادى مۇشۇ مەدرىسىدە چىققان.
مەدرىسەنىڭ مۇددەرىسلىك ۋەخپىسى  يۇرت-يۇرتلادا بولغاندىن باشقا، مۇغاللا، شەنبىبازار، لەڭگەر، گۇلاخما قاتارلىق جايلاردا 100 مو ئاخۇنلۇق ۋەخپىسى، تاغ داشماندا 400 مو خانەندىلىك (تالىپلار ۋەخپىسى) بار ئىدى. ھەر تېرىقچىلىق پەسلى باشلانغاندا تالىپلار مۇددەرىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەخپىلىرگە بېرىپ تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆز- ئۆزىنى قامدايتتى. ھۈنەر كەسىپ بىلىدىغان تالىپلار ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىپ، باشقا تالىپلارنىمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىپ، تۈرلۈك كەسپىي ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامداش، ئىگىلىگەن دىنىي بىلىملىرىنى جان بېقىشنىڭ ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇۋالماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھالال ياشاپ، ئىبادەتنى خالىس، توغرا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىلەتتى. يۇرت ئاتلاپ كەلگەن تالىپلارنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى مەدرىسە كۆتۈرگەندىن باشقا، ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ساياپ كېلىپ قالغان، بېشىغا كۈن چۈشۈپ باش پاناھسىز قالغان، بالىلارنى مەدرىسىگە قوبۇل قىلىپ پاناھىغا  ئېلىپ ھەقسىز ئوقۇتاتتى. ئىگە- چاقىسىز، يېتىم - يېسىر تالىپلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بېقىۋېلىشقا شارائىتى بار ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرىلەتتى ياكى جاماىەت باش بولۇپ مۇۋاپىق يەردىن ئۆيلەپ ۋەخپىلەردىن يەر بۆلۈپ بېرىپ، كېيىنكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇراتتى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا تالىپلار ئۆزلۈكسىز كۆپىيپ، ۋەخپىلەرنىڭ ئاشلىقى يېتىشمىگەنلىكتىن، ۋەخپە كۆپەيتىپ تالىپلرنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇددەرىس ياسىن قارىم (ئۆزبېكىستانلىق) ۋەخپە كۆپەيتىشكە مۇۋاپىق يەر ئىزدەپ يۈرۈپ توقىچاقلىق(ھازىرقى يېڭىباغ يېزىسىنىڭ لەمپە ئۆستەڭ ئەتراپى)نى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. بۇيەر، بىرەر كىم  ئىگىدارچىلىق قىلمايدىغان  توغراق، يۇلغۇنلۇق، ياۋايى ھايۋادىن باشقىنىڭ ئىزىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىغان غارا(بۈك باراقسان) قومۇشلۇق بولۇپ، سۇ باشلاپ كېلىشكە مۇۋاپىق بولغاچقا، تالىپلارنى باشلاپ كېلىپ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ، دۆڭلەرنى ئېقىتىپ بوزيەر ئېچىپ، تېرىقچىلىق قىلىپ، تالىپلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 50-يىللاردىن كېيىن، ھۆكۈمەت بۇ يەرگە كەڭ كۆلەمدە ئادەم يۆتكەپ  بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەپ چىقىرىش مەيدانى، ھەم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى قۇرىدۇ.  ياسىن قارىم تالىپلىرى بىلەن چاپقان ئۆستەڭگە پۈتۈن مۇغاللا تەۋەسىدىكى دېھقانلاردىن باشقا، مەدرىسەلەردە ئوقۇۋاتقان تالىپلەر سەپەرۋەر قىلىنىپ، مۇددەرىسلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قايتا رېممۇنت قىلىنىپ ئازادلىق ئۆستەڭ دەپ نام بېرىدۇ.  
دۆڭ مەدرىسە تاكى 1958- يىلغىچە ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىدۇ. يەر ئسلاھاتىدا ۋەخپە يەرلەر جەمئيەتلەرگە ئۆتكۈزىۋېلىنىدۇ. شۇ يىلى گۈمبەز چېقىۋېتىلىدۇ. ئىستىل تۈزۈتىش ھەركىتى باشلانغاندىن كېريىن، تالىپلار داۋاملىق ئوقۇشقا ئامالسىز قېلىپ تارقاپ كېتىپ يېڭى مەكتەبلەرگە كىرىپ يېڭىچە مائارىپ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مەدىرىسە ئامبار قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. 1970-يىللاردا مەدرىسە چېقىۋېتىلىپ ئورنى تەدرىجى باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنىدۇ.     
1980-يىلى مەدرىسە مەسچىتىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، جامائەت ساقلىنىپ قالغان كونا تاملىققا بادرا، شاخ- شۇمبا يېپىپ ناماز ئوقۇيدۇ. 1986- يىلى دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 300 كۋادرات مېتىر يەرگە پىششىق خىش، ياغاچ قۇرۇلمىلىق مەسچىت ھەم نامازگاھ سېلىپ دىنى پائالىيە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى
(بۇ ماقالە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلنىڭ2007-يىللىق 4-سانىنىڭ 71-74- بەتلىرىدە ئېلان قلىنغان.
(ئاپتور:كېرىيە ناھىلىك مۇھاجىرلار ئىشخانىسدىن)


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:10:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوتەن كېرىيە دوپپىسى


خوتەن كېرىيە دوپپىسى

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا — خوتەن كېرىيە دوپپىسى

كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت . بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى ، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ ، بۇ جەھەتتە باشقا رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى ، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كېرىيە دوپپىسى تەلپەك دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسغا ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دوپپا›› دەپ كىرگۈزۈلگەن.  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر ، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق ، سېرىق ، كۆك ، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ . ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ . تەلپەك يىڭنە ياكى قوش يىڭنە بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ . تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ . ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ . كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ . كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق ، كۈمۈش رەڭ تاشلىقى كىيىلىدىغان بولۇپ ، بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن ، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ . سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ . جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا ، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ . ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.



يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:16:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇما شەمشەركا ..................  لىكىن ئىماۋۇ كىچىك دوپپىنى بىرسى يوللاپ بوپتىكەن مۇنبەرگە .....
سىلە كېرىيەلىك بولمىساڭلا يا.....  كېرىيەنىڭ گىپى چىقىپ بولغۇچە نۇرغۇن پايدىلىق ماتىرىيال قىستۇرۇپ قويۇپسىلە  قىزىقامسىلە يا بۇ قەدىمىي يۇرتقا....
بۇرۇنقىدەك ئى مۇزىكىسىنىمۇ قىستۇرۇپ قويغان بولساڭلا ھە .........  
.....
كېرىيە


ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:18:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


كېرىيە خەلق  قوشاقلىرى

ئاتچان تاغلىرى ئىگىز،   
باغرىدا كەڭ يايلىقى.
ۋەدە بەرگەن يايرىمنىڭ،
چىن تەخسىدە قايمىقى.  
  
لۇش تېغىدىن چىقىدۇ،
ئاپئاق سۈزۈك قاشتېشى.  
بىزنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ ،  
ئۇلىما قارا قېشى.

پۇلۇ تاغنىڭ ئاتلىرى ،
چەبدەس ئىكەن، شاش ئىكەن.  
ۋاپا قىلمىغان يارنىڭ ،
باغرى قاتتىق تاش ئىكەن.

ئويتوغراق كۆك شاپتۇلىنىڭ،
تەمى تاتلىق ئۆزگىچە.
يار بىلەن ۋەدە قىلدۇق،
توي قىلىشقا كۈزگىچە.  
  
ئارال دىگەن گۈزەل جاي،
قىزىل گۈلنىڭ بازىسى.   
نىم بولغاندۇ يايرىمغا ،
كۆرۈنمەيدۇ قارىسى.

تۈگمەن كۇچا كەنتىنىڭ،
يىگىتلىرى مەرد سېخىي.   
قۇيىۋاپتۇ ئوسمىنى،  
قىزلىرىمۇ  بەك تېخى.  

قارلۇق ئۆستەڭ بويىدا،
نان ياقار ناۋاي ئۇستام.  
ئەجەپمۇ ئوبدان چىقتى،   
ھېيتكاھتىن بىر يار تۇتسام.

تاختا كۆۋرۈك بويىدا،
قايماق ساتقان چوكان قىز.  
باشقا يەردىن يار تۇتماڭ،
كۆيۈپ يۈرگەن سىزگە بىز.

تانايبېشى دىگەن يەرنىڭ،
كوچىلىرى كۆپ ئىكەن.  
نادانلىق قىلىپ قويۇپ،
مەن ياردىن تاياق يىگەن.   

يېڭىباغنىڭ قىزلىرى ،
ئات ئوينىتار بەيگىدە.   
ئەمدى تۇتقان يايرىمنىڭ،
ئەسلى يۇرتى ئەگلىدە.

بوستان شاللىق دىگەن يەر،  
گۈرۈچ ،بېلىق ماكانى.  
يارنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن،   
تارتسام مەيلى جاپانى.  

لەڭگەر ئۈزۈمى تاتلىق
تەمى تىلدىن كەتمەيدۇ.
بالدۇر تۇتقان يايرىمغا،  
ھازىرقىسى يەتمەيدۇ.   
  
شەنبازارنىڭ مىۋىسى،   
تەمى تاتلىق سەرخىلكەن.
سىنالمىغان شۇ يارنىڭ،  
ھۈنىرى كۆپ ھەرخىلكەن.   

ئاق ناۋاتتەك ئاق سۈزۈك،  
سەيۋاغنىڭ ئاق ئۈرىكى.  
بىزنى تاشلىغان يارنىڭ ،
قانداق چىدار  يۈرىكى.  

شىۋول دىگەن ئوبدان جاي،   
بېلىق تۇتسا كۆلى بار.   
گۈل بىغىمدا يايرىمنىڭ ،   
قىسىدىغان  گۈلى بار.  

لايسۇدىن ئالما ئالدىم،
قارقىدىن قۇرۇق ئوتۇن.
بېشىمغا بالا بولدى،   
بىسىناق ئالغان خوتۇن.  

دەريا بويىنىڭ توغرىقى،
قۇملۇققا خوجايىنكەن.
كۆڭلى نازۇك شۇ يارنىڭ ،
گەپ سۈزى مۇلايىمكەن.

مەنبە؛ كۆكبۇلاق ژورنىلى


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:23:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  ئوت كە 2010-10-25 03:16 AMئەۋەتىلدى  :
رەھمەت جۇما شەمشەركا ..................  لىكىن ئىماۋۇ كىچىك دوپپىنى بىرسى يوللاپ بوپتىكەن مۇنبەرگە .....
سىلە كېرىيەلىك بولمىساڭلا يا.....  كېرىيەنىڭ گىپى چىقىپ بولغۇچە نۇرغۇن پايدىلىق ماتىرىيال قىستۇرۇپ قويۇپسىلە  قىزىقامسىلە يا بۇ قەدىمىي يۇرتقا....
بۇرۇنقىدەك ئى مۇزىكىسىنىمۇ قىستۇرۇپ قويغان بولساڭلا ھە .........  
دوپپا تىكىۋاتقان ئۇ ئايئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى—كېرىيە كىچىك تەلپىكىنىڭ تىپىك ۋارىسى ›› دېگەن شەرەپلىك نامنى ئالغۇچى بۈۋى رابىيخان تۇرسۇن دېگەن ئايال شۇ !
بىنا چۇشمىگەن تۇپراقنىڭ ھەممىسىگە قىزىقىمەن ! شەھەر مەنزىرىسىگە ئۆچكەنمەن !

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:25:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيە ئاياللىرى


كېرىيە ئاياللىرى

كېرىيە ئاياللىرى ئاق ياغلىقنىڭ ئۈستىگە كىچىك تەلپەكتىن بىرنى قوندۇرۇپ كىيىۋالىدۇ. بۇنداق كىچىك تەلپەكنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئاستىنقى دىئامېتىرى ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ، تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇپ، ئادەتتە رەڭلىك خاڭدەن تاۋا ياكى زەر باسقان رەختتىن تىكىلىدۇ. بۇ تەلپەك ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، كۆپ خىل سەنئەت ۋە نەپىس ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇنداق تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنىمىخ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلندۇرۇلۇپ قويغاچقا، خۇددى گۈل بەرگىدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىدەك، ئاياللارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. بۇ كىچىك تەلپەكنىڭ كېرىيە ئاياللىرى ئارىسىدا قاچاندىن باشلاپ ئومۇملاشقانلىقى ۋە قانداق ئېھتىياج ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق يازما ماتېرىيال يوق. ئەمما كىچىك تەلپەكنىڭ ئاق ياغلىق ئۈستىگە قوندۇرۇلۇپ، ياغلىقنىڭ بىر ئۇچىدا كۆزدىن باشقا يۈزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ياپىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

كېرىيە ئاياللىرى ئەسلىدە بۇ كىچىك تەلپەكنى ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» بولغان كۈندىن ئېتىبارەن كىيىشكە باشلايدۇ. تېخى ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ. شۇڭا تەلپەكنى «جۇۋانلىق دەۋرنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل بەلگىسى» دېيىش مۇمكىن. تەلپەكنى كېرىيە ھئاياللىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كىيىدۇ. بولۇپمۇ، ئۆلۈم – يېتىم، نەزىر – چىراغلاردا، توي – تۆكۈن، ھېيت – بايرام مۇراسىملىرىدا تەلپەكسىز ئاياللارنى ئۇچرىتىش تەس. ئادەتتە ماتەم مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك بىلەن توي – تۆكۈن مۇراسىملىرىدا كىيىلىدىغان تەلپەك رەڭ جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ. يەنى، ماتەم مۇراسىملىرىغا ماس تەلپەكنىڭ تۆپىلىكى قارا ياكى قارىغا مايىل خاڭدەندىن تىكىلسە؛ توي – تۆكۈنلەردە كىيىلىدىغان تەلپەكنىڭ تۆپىلى كۆك، يېشىل، قىزىل قاتارلىق ئوچۇق رەڭلىك خاڭدەنلەردىن تىكىلىدۇ.
ھ


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش