مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوت

كېرىيە ھېيتكاھ چوڭ جەمەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:27:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرىنىڭ كې


كېرىيەدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى
ئابلەت ئابدۇللا

كېرىيە ___ قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ قەنۇبى غول لېنىيىسىگە قايلاشقان تارىخى ئۇزۇن يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ياشىغان خەلق چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەنلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان. كېيىن ھەم دېھقانچىلىق ، ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزلىرى ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بېرىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ جايلارنىڭ بەزىلىرىگە شۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ، يەنە بەزىلىرىگە شۇ جايدا ياشىغان قەبىلە، جەمەتنىڭ ئىسمى بىلەن نام قويغان. ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا بۇ ناملاردا فونىتېكىلىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ھازىرقى نامى شەكىللەنگەن. بۇ يەر - جاي ناملىرىنىڭ كۆپىنچىسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە مەن كېرىيىدىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، مەنىسى، ھازىرقى ئاتىلىشى ئۈستىدە قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنماقچىمەن:

بۇ يەردە ئالدى بىلەن گەپنى " كېرىيە " دېگەن بۇ نامدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخى خاتىرىلەردە ئېيتىلىشىچە ، ھازىرقى كېرىيە بۇرۇن <ئۇرۇنتات، ئۇدۇن، يۈتىئەن ... > دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغانىكەن. كېرىيە دېگەن ئىسىم توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر " كېرىيە " دېگەن ئاتالغۇ < كەمەك > دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر < كېيىن كەلگەنلەر > دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر < قىريەر > دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن ، دەپ قارايدۇ.

< كەمەك > دېگەن سۆزگە كەلسەك ، بۇ سۆز " ھىيلىگەر، ساختىپەز، سېھىر - جادۇ قىلغۇچى " ، " قاڭشىرى يوق، پاناق بۇرۇن " دېگەن ئىككى خىل مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن كېرىيىلىكلەرنىڭ ئاددى - ساددا ، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست خەلق ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى پاناق بولماستىن، بەلكى قاڭشارلىق، بۇغداي ئۆڭ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى < كەمەك > لەرنىڭ ئەۋلادى دېيىش ئەقىلگە سىغمايدۇ.

< كېيىن كەلگەنلەر > دېگەنگە كەلسەك، بۇ يەردە ياشىغانلار باشقا يۇرتتىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بولماستىن (تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا) ، بەلكى ئېقىن بويلىرىدا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەر. شۇڭا، " كېرىيە " دېگەن سۆزنى < كېيىن كەلگەنلەر > دېگەن سۆز بىلەن باغلاش تارىخقا ئۇيغۇن ئەمەس.

< قىريەر > دېگەن سۆزنى " كېرىيە " دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى دەپ قاراش رىئاللىققا بىر قەدەر ئۇيغۇن. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا < قىر > دېگەن سۆز [ يۇرت - ماكان ] دېگەن مەنىنى ، <يەر > دېگەن سۆز جاينىڭ داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، قەشقەرىيە، موڭغولىيە، خاقانىيە.. دېگەنلەرگە ئوخشاش. مەلۇم ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن < قىريەر > دېگەن سۆزدىكى " ق " تاۋۇشى ' ك " تاۋۇشۇغا نۆۋەتلىشىپ، " ر " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدە < كېرىيە > دېگەن نام شەكىللەنگەن ، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

كېرىيە خەلقى ئەنە شۇنداق كۆچۈش، ماكانلىشىش ، بوستانلىقلارنى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۆزى ياشىغان جايلارغا ھەر خىل ناملارنى بەرگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، ھازىرقى ناملار شەكىللەنگەن.

< مۇغاللا > : مۇغاللا ھازىر كېرىيىدىكى بىر بازارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر بۇنى قەبىلىنىڭ نامى دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ جاينى تۇنجى بولۇپ بەرپا قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن < مۇغاللا > دەپ ئاتالغان، دەپ قارايدۇ. بۇرۇن ئۇيراتلار < مۇغالا > دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قەبىلە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان بۇ جاينى < مۇغۇللا > دەپ ئاتىغان . كېيىن بۇ سۆز < مۇغاللا > بولۇپ ئۆزلەشكەن.

< قاچۇن > : بەزىلەر بۇ يەرنى سىرتتىن قېچىپ كەلگەنلەر ئولتۇراقلاشقان جاي دېسە، بەزىلەر < قاچۇن > دېگەن بۇ سۆز < قاچقۇنلار > دىن ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر < قاچۇن ئۆستەڭ > بۇرۇن < قاچا ئۆستەڭ > دەپ ئاتىلاتتى، < قاچا > دېگەن سۆز < قاچۇن> غا ئۆزگەرگەن دەپ قارايدۇ. بۇلار بىر پەرەز بولسىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇيراتلار قەبىلىسى ئىچىدە < قاچۇلى > دېگەن بىر جامىئە بار بولۇپ، ئۇلار قارلۇقلار بىلەن بىرگە كۆچۈپ ، ھازىرقى < قاچۇن> نى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۈمكىن.

< قارقى > : بۇرۇن كىشىلەر كۈن چىقىش تەرەپنى يورۇيدىغان تەرەپ، كۈن پېتىش تەرەپنى قارا بولىدىغان تەرەپ دەپ ئاتاپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا " قىر " دېگەن سۆز يۇرت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، بۇ جاي < كۈن پېتىشتىكى يۇرت > بولغاچقا، كىشىلەر < قارا قىر > دەپ ئاتىغان . كېيىنچە بۇ سۆزدىكى " ر " ۋە " ئا " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ < قارقى > بولۇپ ئۆزلەشكەن.

< شىۋول > : كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەر ئەسلىدە توغراقلىق بولۇپ، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى شىر بار ئىكەن . ھازىر بۇ يەردە شىرنى كۆرگەىلى بولمىسىمۇ، قەدىمكى توغراقلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىن بۇ يەرنىڭ قىسمەن جايلىرى بوستانلىققا ئايلىنىپ، < شىر ئوۋۇل > ، يەنى شىرلار ياشىغان جاي دەپ نام بېرىلگەن. كېيىنچە تەلەپپۇز جەريانىدا بەزى تاۋۇشلار چۈشۈپ قېلىپ < شىۋول> دەپ ئۆزلەشكەن.

< ئويتاغراق> : < ئوي > دېگەن سۆز " نېرى تەرەپتىكى " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. توغراق بولسا دەرەخنىڭ ئىسمى. ئەسلىدە بۇ جاي بىپايان توغراقلىق بولۇپ، كېرىيە دەرياسىغا يېقىن توغراقلىقن < باش توغراق > ، كېرىيە دەرياسىدىن يىراقراق بولغان توغراقلىق < ئويتوغراق > دەپ ئاتالغان ، ھەمدە شۇ بويىچە ئۆزلەشكەن.

< يەتتە باش> : بۇ ئەينى ۋاقىتلاردا كېرىيە دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى يەتتە مەھەللىنى كۆرسىتەتتى. بۇ جاي ئېقىننىڭ بېشىدىكى مەھەللە بولغاچقا، كىشىلەر < سۇ بېشىدىكى يەتتە مەھەللە > دەپ ئاتىغان. كېيىنچە بۇ ئىسىمدا مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، < يەتتە باش > دەپ ئاتالغان.

< قارا تۇغام > : بەزىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن چوڭ تۇغان سېلىنغان ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئاساسى بولمىسىمۇ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، " قارا " دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا يەنە " چىڭ، پۇختا، مەزمۇت " دېگەن مەنىلەرنى ، " تۇغام " بولسا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا " دامبا، قاش، تۇغان " دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

< قالۇق > : بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى يەتتە سۇ رايونى ۋە قەشقەردىكى قارلۇقلار مەجبۇرى كۆچۈرۈلۈپ، بىر قىسمى جەنۇبقا، يەنە بىر قىسمى كېرىيە دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنلىرى بويىغا ئولتۇراقلاشقان. بۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنت كېيىنچە شۇ قەبىلىنىڭ نامى بىلەن < قارلۇق > دەپ ئاتىلىپ، تەلەپپۇز جەريانىدا " ر " تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن < قالۇق > دەپ ئۆزلەشكەن.

<ئاتچان> : بۇ كېرىيەدىكى تاغلىق يېزا بولۇپ، < ئارتچان > دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇز ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن. " ئارت " ___ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا " تاغ باغرى " دېگەن مەنىنى، " چان " _____ جاي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كېيىن تەلەپپۇزدا " ر " تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، < ئاتچان > دەپ ئاتالغان.

< ھېيتكا > : بۇ " ھېيتگاھ " دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇپ، " ھېيت " دېگەن تۈپ سۆزنىڭ كەينىگە " گاھ " دېگەن تۈپ سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن ياسالغان . تەلەپپۇز جەريانىدا بۇ سۆز <ھېيتكا > دەپ ئۆزلەشكەن.

< ئۇرايىم كۆلى > ؛ بۇ كۆل كوئېنلۇن ( قۇرۇم ) تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 1929-يىلى ئۇرايىم ئىسىملىك كىشى بۇ كۆلنى تۇنجى بولۇپ بايقىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كىشىنىڭ نامى بىلەن < ئۇرايىم كۆلى > دەپ ئاتالغان.

يۇقۇرىدا مەن كېرىيىدىكى بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتۈم. يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىدىغان بولساق، يەنە نۇرغۇنلىغان يەر- جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، مەنىسى ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشىمىز، بۇ ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ھازىرقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىمىز مۈمكىن. پايدىلانمىلار:

[1] <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى >، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-2-توم.

[2] <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى >،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1994-4-توم.

[3] <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى >، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1996-5-توم.

[4] <قارخانىيلار تارىخىدىن بايان>.قەشقەر:قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،2000.

[5] ليۇشەنشۇ:<كېرىيىگە سەپەر>(خەنزۇچە). شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت نەشرىياتى،2002.

[6] جوڭگو خەلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كېرىيە ناھىيىلىك كومتېتى تارىخ ماتىرىياللىرى ئىشخانىسى:<كېرىيە تارىخ ماتىرىياللىرى> .2002. 1-، 2-توم (ئىچكى ماتىرىيال)


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:30:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى كېرىيە


تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى كېرىيە
ئۆمەرجان مەمتىمىن

تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتر ، جەنۇپتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 400 نەچچە كىلومېتردىن ئارتۇقراق ، كۆلىمى تەخمىنەن 337 مىڭ كۋادرات  كىلومېتر بولۇپ ، ئاقما قۇم بارخانلىرى قۇملۇقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ٪85 ىنى ئىگىلەيدۇ . كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق بولۇپ ، يىللىق ھۆل – يېغىن مىقدارى ئون مىللىمېتردىن تۆۋەن بولغاچقا ، كىشىلەر بۇ يەرنى « ھالاكەت دېڭىزى » دەپ ئاتاشقان .
تارىخىي ماتېرىياللاردىن  قارىغاندا ، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ « ھالاكەت دېڭىزى » دا جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا قاتناش يولى ئېچىلغان ، يەنى كوئىنلۇن تېغىنىڭ  شىمالىي ئېتىكىدىن باشلانغان كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزىغا قەدەر بولغان دەريا ساھىلىدىكى يېشىللىق كارىدورى  كېرىيە بوستانلىقىدىكى خەلقلەر بىلەن كۈسەن ( كۇچا) بوستانلىقىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارا بېرىش – كېلىش ۋە سودا مۇناسىۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشدا ئاساسلىق قاتناش يولى بولغان . كېرىيە بىلەن كۈسەننىڭ قاتناش يولى توغرىسىدا « خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى » دە مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ : « كۈسەن جەنۇبتا نىيە بىلەن ، غەربىي جەنۇبتا ئۇزۇنتات ( كېرىيە بەگلىكىنىڭ مەركىزى ) بىلەن تۇتىشىدۇ . كېرىيە بىلەن كۈسەننىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ ، ئۇزۇنتات شاھزادىسى لەيدەن كۈسەنگە تۇتۇق ئوغۇل قىلىنغان . ئېرىتىش سانغۇنى لى گۇاڭلى فەرغانىگە ھوجۇم قىلغاندا ئۇزۇنتاتتىن ئۆتكەن ، ئۇزۇنتات خانىشىنىڭ ئۆز شاھزادىسىنى كۈسەنگە تۇتۇق ئوغۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ كۈسەننى ئەيىبلەپ :« چەت ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان تۇرسا ، كۈسەن نىمە دەپ ئۇزۇنتاتتىن تۇتۇق ئوغۇل ئالىدۇ ، دېگەن ۋە شۇئان لەيدەننى پايتەخىتكە ئېلىپ كەتكەن » . ياڭ يىچۈەن ئەپەندى  « كېرىيە دەرياسىنىڭ يەر يۈزى تۈزۈلۈشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى » دېگەن ماقالىسىدە « خەننامە » دە خاتىرلەنگەن يۇقىرىقى سۆزلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ يەكۈن چىقىرىدۇ : « تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان كۈسەن بىلەن جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان ئۇزۇنتات ئوتتۇرىسىدا چوڭ قۇملۇق بولۇپ ئالاقە ئىشلىرىدا ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە مۇساپە بەك ئۇزاق ئىدى . شۇڭا لەيدەن لى گۇاڭلى  بىلەن پايتەخىتكە كېلىشتە چوقۇم ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان يېقىن يول بىلەن ماڭغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ يول كېيىنىكى تارىخ مەنبەلىرىدە ئىسپاتلانغان كېرىيە دەرياسى جىلغىسىدىكى يولدۇر » .
16 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخشۇناس مىرزامۇھەممەت ھەيدەر ئۆزىنىڭ « تارىخىي رەشىدى » دېگەن ئەسىرىدە كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقىنى ، شۇ ئارقىلىق دەريا ئېقىنىنى بويلاپ كەتكەن يېشىل كارىدورنىڭ جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرىدا قاتناش يولى بولۇش رولىنى ئوينىغانلىقى ۋە بۇ دەريانىڭ يەكەن دەرياسى ۋە ئودۇن دەرياسىغا ئوخشاش تارىم دەرياسى ئارقىلىق قۇملۇق ئىچىدىكى كۆل – لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىنانلىقى ناھايىتى ئېنىق قەيت قىلىنغان .
دېمەك كېرىيە – كۈسەن تەكلىماكان قاتنىشى خەن دەۋرى ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 202 – يىلى ) دىن باشلىنىپ تاكى مىلادى 16 – ئەسىرگىچە 1800 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان . ئەمما كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە كېرىيە بوستانلىقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە دەريانى توسۇپ سۇ باشلاپ بوز يەر ئېچىش ، قۇمنىڭ كۆچۈشى تۈپەيلىدىن دەريا ئېقىنى قىسقىراپ ، تارىم دەرياسىغا قۇيۇلۇش ئېغىزى قۇرۇپ كېتىپ ،  كېرىيە بوستانلىقى بىلەن كۈسەن بوستانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان . بۇ توغرىدا تارىخشۇناس يىڭ چىڭ  ئۆزىنىڭ « تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى قەدىمكى تۆت يول » دېگەن ماقالىسىدە :« كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلمايدىغانلىقىنى  ئەڭ بۇرۇن بايقىغان كىشى ئەنگىلىيىلىك فورىسىن بولۇپ ، ئۇ ئودۇنغا كېلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يازغان « 1873 – يىلى يەكەنگە بارغان ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ دوكلاتى ۋە  بۇ رايوننىڭ تارىخىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى » دېگەن ئەسىرىدە :« كېرىيە دەرياسى كېرىيە كۆلىگە قۇيۇلىدۇ . بۇ كۆلنىڭ چىقىش ئېغىزى يوق » ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ يەنە « 1896 – يىلى سېۋىن ھېدىننىڭ كېرىيە دەرياسىنى بويلاپ شىمالغا يۈرگەن چاغدا يازغان خاتىرىلىرىدىن قارىغاندا ، شۇ چاغلاردا دەريا سۈيى قارا دۆڭنىڭ شىمالىدىكى 100 كىلومېتر جايىغىچە ئېقىپ بارغان . ئىلگىرى كېرىيە دەرياسى بويىدىكى يېشىل كارىدور بولغاچقا ئودۇن بىلەن كۈسەن سودىگەرلىرى كۆپىنچە مۇشۇ يول بىلەن ماڭغان ، ئەگەر يەرلىك ئەمەلدارلار ئۆتەڭ بويىغا لەڭگەر قۇرغان بولسا جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدا  راۋان بىر يولنىڭ ھاسىل بولۇشى تەس ئەمەس ئىدى » دېگەن .
دېمەك ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بىلەن تېرىقچىلىقنىڭ كېڭىيىشى ۋە ھەر خىل كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئاخر دەريا ئېقىنى مۇساپىسىنىڭ قىسقىرشىغا ئەگىشىپ دەريانىڭ ئايىغى قۇملۇققا كىرىپ يوقالغان . شۇنىڭ بىلەن  بۇ ئېقىن يولىمۇ جەنۇپ بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش يولى بولۇش رولىنى بارا – بارا يوقاتقان . لېكىن ئېلىمىز 1995 – يىلى دۆلەتنىڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشى ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن كورلىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدىن  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ ، خوتەننىڭ نىيە ناھىيىسىگە تۇتىشىدىغان دۇنيا بويىچە قۇملۇق مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ھازىرقى زامان قۇملۇق تاشيولىنى ياساپ ، ھاياتلىق ئىزىنى بۇ « ھالاكەت دېڭىزى » غا قايتىدىن پەيدا قىلدى . بۇ يول ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېرىيە مەشرەپلىرىدىن " تاغ مەشرىپى&q


كېرىيە مەشرەپلىرىدىن " تاغ مەشرىپى"  

تاغ مەشرىپى --- تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى:

   يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھەللىدىكى پۈتۈن سازەندىلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە قىلشنى باشلىسا، نەغمە 2 ،3 سائەتتە ئاندىن توختايدۇ. نەغمە باشلىنىپ، قىز- يىگىت، ئەر- ئاياللار تەشەببۇسكار ھالدا بىر- بىرسىنى ئۇسسۇلغا تارتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇسسۇلدىن ھارغاندا، قىزىقچى مەيدانغا چىقىدۇ. تاغ مەشرىپىدىكى قىزىقچى --- مەشرەپنىڭ پاششاپلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. قىزىقچى ئويۇننى "تاز بولدى" ئويۇنىدىن باشلايدۇ. ئۇ بېشىغا سالۋا تەلپەك كىيىپ، جۇۋىسىنى تەتۈر كىيىپ، بېلىنى يىپ بىلەن باغلاپ، ئىشتىنىنى تۈرۈپ قويۇپ، پۇتىغا چورۇق كىيىپ، قولىغا ھاسا تاياق ئېلىپ، تولىمۇ ھەجۋىي قىياپەتتە گىرىم قىلىپ ۋە تاسىنىپ، تازنى دوراپ، بېشىنى قاشلاپ مەيدانغا كىرىدۇ. بىرەيلەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھال- ئەھۋال سورايدۇ ۋە بىر قەپەس پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ پۈتۈنلەي يۇمۇرىستىك تۈستە بولۇپ، بىر نەچچە سۆز ئويۇنلىرى ئورۇندىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھەجۋىي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلار، سۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ، ئۆز ئارا پاراڭلاشقانلارنىڭ پۇتىغا ھاسسىسى بىلەن ئۇرۇپ ياكى نوقۇپ، مەشرەپ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئاندىن ھەممە كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "پۇل تىلەيدۇ". پۇلى بارلار پۇل بېرىدۇ، پۇلى يوقلار قەغەز بېرىدۇ. ئۇ "پۇل تىلەپ" بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بەرگەن پۇللىرىنى شۇ كىشىگە قايتۇرىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلنى ئېلىپ، كۆزىگە سۈركۈۋېتىپ بەرگەندىن كېيىن قوينىغا سالىدۇ. بۇ جەريان پۈتۈنلەي ھەجۋىي ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىزىقچى مەشرەپ مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلى يەنە ئۆز ئارا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇسسۇل بىر ھازا قىزىغاندىن كېيىن، قىزىقچى "غاز بولدى" ئويۇنىنى باشلايدۇ. ئۇ تەتۈر ئۆرۈلگەن جۇۋىسىنىڭ بىر يېڭىنىڭ ئۇچىنى غازنىڭ شەكلىدە ياساپ، غازنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىتىپ بىر تال ياغاچ قاداپ، "غاز" نى ئوڭ قولىغا كىيىپ كىرىدۇ. سازەندىلەر دەرھال پەدىنى "شەرۋازىم" غا يۆتكەيدۇ. قىزىقچى قول ھەرىكىتىدە غازنى دوراپ بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، "غازنىڭ تۇمشۇقى" بىلەن چوقۇلاپ، ھەر بىر كىشىنى بىر كۇپلېت بېيىت ياكى قوشاق ئوقۇشقا سالىدۇ. بېيىت ياكى قوشاقنى دەرھال باشلىيالمىسا داۋاملىق چوقۇلايدۇ. ئوقۇيالمىسا جازاغا تارتىلىدۇ. "غاز بولدى" ئويۇنى تاماملانغاندىن كېيىن، قىزىقچى مەيدانغا كىرىپ، "يولۋاس كۆندۈرۈش"، "مۇرەببىم"، "بۇدۇشقاق"، "ھايۋانلار مەجلىسى"، "تۆگىگە مىنىش" قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئويۇن جەريانىدا نەغمىچىلەر ناخشا- مۇزىكىنى زادى توختاتمايدۇ. قىزىقچى ھەر قېتىملىق ئويۇندا مەشرەپ تەرتىپىنى ئۇدا بۇزغانلارنى جازاغا تارتىپ تۇرىدۇ. جازانى رىياسەتچى بەلگىلەيدۇ. رىياسەتچىگە ئايرىم ئىسىم قويۇلماي، شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئاتىلىدۇ. جازالاش ئويۇنلىرىدا "جۇۋاز قوشۇش"، "توخۇغا مىنىش"، "ئېشەككە مىنىش"، "توپاق كۆندۈرۈش"، "تەخسە چىشلەش"، "چىش تارتىش"، "چاچ چۈشۈرۈش" قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ.

تاغ مەشرىپىدە، بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ ئايرىم ئۇسسۇلى بولىدۇ. شۇ ناخشا چىققاندا شۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىر ناخشىنىڭ ئۇسسۇلى باشقا ناخشىدا ئوينالمايدۇ.

چارۋىچىلار ياز پەسىلىدە چارۋا ماللىرىنى چېقىل ئارىسىدا باقىدۇ. قىش پەسلىدە كەنتكە يېقىن جايلاردىكى يايلاقلاردا باقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئاساسەن ئائىلىسىدە تۇرىدۇ. شۇڭا "تاغ مەشرىپى" قىش پەسلىدە كۆپ ئوينىلىدۇ. تاغلىق رايونلاردا توي- تۆكۈن مەشرەپسىز ۋە ئوغلاق تارتىشسىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ.


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9363
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9985
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2759 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:33:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسكەن يەنە يوللاپ تۇراسىز،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 03:37:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  xamxarka كە 2010-10-25 03:23 AMئەۋەتىلدى  :

دوپپا تىكىۋاتقان ئۇ ئايئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى—كېرىيە كىچىك تەلپىكىنىڭ تىپىك ۋارىسى ›› دېگەن شەرەپلىك نامنى ئالغۇچى بۈۋى رابىيخان تۇرسۇن دېگەن ئايال شۇ !
بىنا چۇشمىگەن تۇپراقنىڭ ھەممىسىگە قىزىقىمەن ! شەھەر مەنزىرىسىگە ئۆچكەنمەن !
ئۇنداق بولسا دەيا بويىغىلا كەتمەمسىلە...........  ھاھاھاھا ..
بۇرۇن بىر مۇنبەردىن ساقلىۋالغان رەسىملىرى .....


دىسەم دىمىسەم بۇ باش سۈرەتمۇ دەريا بويى يېزىسىغۇ دەيمەن ...........

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 04:34:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-قەۋەت (xamxarka) نىڭ يازمىسىغا

ئايرىم تېما قىلىۋەتسىڭىزچۇ ؟

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 04:51:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:1-قەۋەت (xamxarka) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت  ZulpiKar كە 2010-10-25 04:34 AMئەۋەتىلدى 1-قەۋەت (xamxarka) نىڭ يازمىسىغا :
ئايرىم تېما قىلىۋەتسىڭىزچۇ ؟
بىر  تېمىغىلا يىغىنچاقلانسا ياخشى ئەمەسمۇ ؟

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2118
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10370
تۆھپە نۇمۇرى: 648
توردا: 5431 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 05:07:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى  كىرىيە  ھېيىتكا  جامەسىنى  يېڭىلاش ، رىمۇنىت  قىلىشقا  بىۋاستە  قاتنىشىۋاتقان    ھەم  كۈچ  چىقىرىۋاتقان  باش  ئۇستام  قەشقەردىن  مۇھەممەت  زۇنۇنۇن  ئۇستام  بولىدۇ  .

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2553
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21657
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9889 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 06:06:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرتىنىڭ تارىخىنى بىلىش ، ۋە شۇ تارىخنى دۇنياغا تارقىتىش ھەر بىر ئىنساننىڭ مەجبۇريىتى . دۇنيا پەقەت تارىخ ئارقىلىقلا بىر يۇرتنى ، بىر مىللەتنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ .

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:33:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئىنىق  چۈشنىشلىك  تەپسىلى  ياخشى  تىما  بوپتۇ  جۇمۇ [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش