مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوت

كېرىيە ھېيتكاھ چوڭ جەمەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 11:40:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيە ناھىيىسى
كېرىيە ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كېرىيەنىڭ يەر مايدانى 39،023 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا ، ئۇنىڭ نۇپۇسى 220،000.


  تارىخ
كېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە <于> (كېرىيە) دېگەن خەتنى <于田> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.

[  جۇغراپىيە
كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان 62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن. ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.


مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىقى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 12:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ‹‹ مىسرانىم مۇنبىرى ›› نىڭ مۇشۇنداق ئەۋزەللىگى ۋە تورداشلارنىڭ خالىس ئىجتىھاتى بىلەن كېرىيەنىمۇ ھەقسىز ساياھەت قىلغاندەك بولدۇم .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيىنى يەنە قۇم بېسىپ كېتەرمۇ؟


مەن تەكلىماكان بويلىرىدىكى يۇرت-مەھەللىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، گىرۋەكلىرى قۇمغا مىلىنىپ ياتقان بۇ بوستانلىق بۆلەكلىرىدىكى بوۋاي-مومايلار ئاغزىدىن «قۇم باسقان شەھەر» توغرۇلۇق تالاي ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان ھەم ئەزەلدىن بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان باشقا-باشقا يۇرت مويسىپىتلىرى ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئوتتۇرىسىدا خۇددى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەدىمىي خەلقلەر ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن «توپان بالاسى» رىۋايىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقتەك بىر ئورتاقلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يېنىش-يېنىشلاپ بايقىغانىدىم.

تەكلىماكان قۇم دېڭىزىنىڭ گىرۋەكلىرىدە خۇددى ئوتتۇرا دېڭىز، ئېگېي دېڭىزى ساھىللىرىدىكى پىرىستان شەھەرلەردەك ئۈزۈك-ئۈزۈك ھالەتتە تۇرغان ئالۋۇنسىمان يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ خالىغان بىرسىدىن تېپىش مۇمكىن بولغان «قۇم باسقان شەھەر» رىۋايىتى ئەمىلىيەتتە نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان تەكلىماكان تراگېدىيىسىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇراتتى.

بۇ ماكاندا، تەبىئەتنىڭ دەھشەتلىك چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتكەن بولسىمۇ، مەۋجۇتلۇققا بولغان قايناق مۇھاببىتىنى قىلچە سۇسلاشتۇرۇپ قويمىغان بىر قەدىمىي خەلق ئۆزلىرىنىڭ قۇم قىيانلىرى ئىچىدە لەيلەپ-چۆكۈپ يۈرۈپ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ۋە قۇم دولقۇنلىرىغا غەرق قىلىنغان گۈزەل شەھەرلىرىگە بولغان سېغىنىشلىق ھېسسىياتىنى مۇڭلۇق ناخشا-غەزەللىرىدە ھەم سىرلىق ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدە ساقلاپ كېلىۋاتاتتى.

تەكلىماكان قۇملىقى، گويە ئىنسانلارغا ئۆزىدە يۈز بەرگەن تاراگېدىيلەرنى ئۇنتۇلدۇرماقچى بولغاندەك جىمجىت ياتاتى.

بىر زامانلاردا، ئۇنىڭ نەملىك دىدارى قالمىغان قۇرغاق باغرىنى باغۇ بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىق ناىشىلىرىنى ياڭراتقان بىر ئۇلۇغ خەلق بۇ زور قۇملۇقتىن ئۈزۈل-كېسىل ئۇمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن قىلچە ئالاقىسى قالمىغاندەك، ئۆزلىرىگە نەچچە مىڭ يىللاپ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن تراگېدىيىدىن بىر يولىلا قۇتۇلغاندەك تۇيغىغا كېلىپ قالغانىدى. بىراق، تراگېدىيە يەنە داۋاملاشماقتا ئىدى.

تەكلىماكان تراگېدىيىسىنىڭ جانلىق شاھىتلىرى بولمىش بۈگۈنكى كېرىيىلىكلەرنى ئالساق، ئۇلارمۇ خۇددى باشقا بوستانلىقلاردىكى قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ قۇم ئاپىتى تۈپەيلىدىن قانچە قېتىملاپ يۇرت كۆچۈرگەنلىكىگە دائىر ئەلەملىك رىۋايەتلىرىنى سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىدا، قۇم ئاپىتىنىڭ ئۆزلىرىگە بارغانچە يېقىنلاپ كېلىۋاتقىنىنى، سۇ قوغلىشىپ كۆچۈۋېرىش جەريانىدا، جەنۇبتىكى قۇرۇم تاغلىرىغا قاپسىلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىقىنىڭمۇ ئۆمۈچۈك تورىدەك تەرەپ-تەرەپكە سوزۇلغان قۇم ئاقمىسى تەرىپىدىن ئاللىقاچان بۆلەك-بۆلەكلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمايتتى.

تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىنىڭ تەمىنى خېلى ئوبدانلا تېتىپ باققان كېرىيىلىكلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئانا تەبىئەتكە يەنە چاقچاق قىلىشقا مەجبۇر بولدى. دەسلەپ، «يەر ئىسلاھاتى» دولقۇنىغا ماسلىشىپ، كۆز يەتكۈسىز يايلاق، ئېدىرلىقلاردىكى «يېشىل مەخمەل»لەرنى ۋەيران قىلىپ، تېرىلغۇ ئېتىزلارغا ئايلاندۇردى. ئارقىدىنلا «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» داۋامىدا، بارلىق دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ پولات تاۋلىدى. نەتىجىدە، قۇرۇم تاغلىرىبىلەن تەكلىماكان قۇملىقى ئوتتۇرسىىدىكى قىسىلچاقتا ھالسىراپ ياتقان كېرىيە بوستانلىقى تېخىمۇ قاقاسلىشىپ، يامغۇر ئورنىغا قۇم ياغىدىغان مۇدھىش ۋادىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئىكولوگىيىلىك مۇھىت چۈشەنچىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن «3-ئومۇمىي يىغىن»دىن كېيىن باغ-ئورمان ئەھيا قىلىش چىڭ تۇتۇلغان بولسىمۇ، 1985-يىلىدىن باشلانغان «پاختىدىن مول-ھوسۇل ئېلىش» قىزغىنلىقىدا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش يولغا قويۇلۇپ، باغ-ئورمانلار كۆپلەپ ۋەيران قىلىۋېتىلدى (سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كېرىيە ناھىيىسىدە 1987-يىلىدىكى 15745 مو سۈنئىي ئورمان بەلۋېغى 1989-يىلىغا كەلگەندە 8280 موغا چۈشۈپ قالغان).

1990-يىلىدىن باشلاپ، كېرىيىدە يىپەكچىلىك كارخانىسى قۇرۇلغاندا، پىلە بېقىش بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇپ، نۇرغۇن يەردىكى باغ-ئورمانلار بۇزۇلۇپ، ئورنىغا ئۈجمە كۆچىتى تىكىلدى. 4-5 يىلدىن كېيىن يىپەكچىلىك كارخانىسى ۋەيران بولغاندا بولسا، ئۈجمىزارلىق بۇزۇلۇپ، تېرىلغۇ ئېتىزلىرىغا ئۆزگەرتىۋېتىلدى.

2000-يىلىدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتى بويىچە «ئۈچنى ئۆزگەرتىش» يەرلىك سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا، كېرىيە ناھىيىسىدىمۇ «بىر يېزىدا بىر سورتنى راۋاجلاندۇرۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئويتوغراق يېزىسى شاپتۇل، ياڭاق بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەچكە، بۇ يېزىدىكى ئۆرۈك، ئالما، نەشپۈت... دېگەندەك مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي كېسىپ تاشلاندى. لەڭگەر يېزىسى ئۈزۈمچىلىك بازىسى قىلىنغاچقا، ياڭاق، ئۆرۈك، بادام... قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر، ھەتتا ئويلىلاردا ئۆستۈرۈلگەن ئانار، ئەنجۇر كۆچەتلىرىمۇ پۈتۈنلەي كېسىۋىتىلدى. بۇ يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ناھايىتى يوغان بىر تۈپ ياڭاق دەرىخىمۇ مەجبۇرىي كېسىۋېتىلىپ، ئورنىغا ئۆرۈك كۆچىتى سېلىندى. ئارال يېزىسى ئۆرۈكچىلىك بازىسى قىلىنغاچقا، شاپتۇل، ئۈزۈم، ياڭاق... قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھىممىسى مەجبۇرىي چېپىپ تاشلاندى. جاي يېزىسىدا ئۆيلۈك ئارقىسىدىكى يەتتە رەت ئورماننى قالدۇرۇپ، قالغىنىنى كېسىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ناھىيىدىن ئادەم چىقىپ ھەممىنى كەستۈرۈۋەتتى. ئارقىدىنلا ناھىيە «كېسىلمەي قالغان تېرەكنىڭ ھەر تۈپى ئۈچۈن يېزا باشلىقىدىن 1000 يۈەندىن جەرىمانە ئېلىنىدۇ» دەپ بەلگىلىمە چىقاردى.

دېھقاننىڭ نېمىدىن مەنپەئەتلەنسە شۇنى كېڭەيتىشى جىنايەت ھېساپلىنىدىغان بۇنداق «يەرلىك سىياسەت»نىڭ شەرتسىز ئەمەلىيلىشىشىنى تۆۋەندىكى بىرلا كۆرۈنۈشتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

2001-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەردە، ئويتوغراق يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى قورۇسى ئىچىدە 8-10دېھقان يېزا باشلىقى ھەسەن ھېكىمنى ئارىغا ئېلىۋالغانىدى.

قالىسىلا شاڭجاڭ، ئاۋۋال تەلىپىمىزنى ئاڭلاپ باقسىلا، خوپ كۆسىلە شۇندا قىلامىز. خوپ كۆمىسىلە دېگەنلىرىنى قىللى.

گەپنىڭ ئۆزىنى دەڭلا.

گەپنىڭ پوسكاللىسى شاڭجاڭ، دادۈي يولۋۇيدىكى قېرى ئۆرۈكلىدىن ئابدان مەنپەتلىنىپ كەلگەن. ئۇ ئۆرۈكلە دىخانلىغىما ئابدان نان بەگەن، دادۈيگىما نان بەگەن. سىلە بىلمەيتىلا، ئۇ ئۈرۈكلىنى 63-يىلى ساغان. 93-يىلى ئۈرۈك شېخى بى ھاكىمنىڭ پىكىپىنى جىجىۋاتسا، ھەممىسىنى چىقاغۇزۋاتتى. بىزنىڭ دادۈي ئۈرۈكتىن ئابدان مەنپەئەتلىنىپ، كۈنەپ قېپتىمىزكەن، شۇڭا 97-يىلى شۇيولنىڭ بۇيىدىكى لىڭدەيگە ئۈرۈك سالدۇق. كىيىنكى يىلى ئۇلاتتۇق. بۇلتۇ مېۋە كۆسەتكەن. بۇيىل رەسمىي بۇلاققا كىگەن. ئەمدى شۇ ئۈرۈكنى چىقىرىۋېتىپ، شاپتۇل سالسىلە دەيتۇ. بىز تەشكىل بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەس. شۇنداغ پاقلان ئۆسكەن ئۈرۈكنى چېپپېتىسقا ھەقانداغ ئەدەمنىڭ ئىچى ئېچىشىتكەن. ئاڭلىساق بىزدىن باشقا بەزى يېزىلا ئۈرۈك بازىسى بولتمىش. شۇڭا، ئۈرۈكنى ئەتىيازلىققىچە ساقلاپ قاساق، ئەتىيازلىققا ئۈرۈك بازىسى بولۇتقان يېزىسىدىن ئەدەم كىلىپ، چىقىرىپ ئەكىتىپ، ئىشكايلىسىغا ساسۇن، بىز مۇت بىرىلى. چىقاغاندا ياردەملىشىلى، بۇنداق ئۈرۈكنى يېتىشتۇمەكمۇ تەس. يىنا كېلىپ ئۇلاغ سورتى يامان ئابداندى. ھەممىسى ياغلىغ خۇۋانا، بىكادىن-بىكا نەچچە مىڭ تۈپ ئۇلاغ ئۈرۈكنى چېپىپ ئۇتان قىلىۋاتمايلى.

بۇ تەلىپىڭلىغۇ ئۇرۇنلۇغ. لېكىن، يېزىمىزنىڭ بۇيىللىق شاپتۇل سېلىش ۋەزىپىسىنى قانداغ ئۇرۇنلايتمىزا؟ بۇغداي يىرىڭلىگە شاپتۇل سېپقويسا ئۇنماسسىلە ھېلى؟

بۇيىللىق شاپتۇل سېلىش ۋەزىپىسىگە تاقاشمايتۇ ئۇ ئۈرۈك شاڭجاڭ، ھەممىسكە شاپتۇل سالتمىز، باشقا مېۋىلىك دەرەخلىنى چىقىرۋاتىتمىز، دەپ چاپقىلى قوپتى.

بۇ ئىشنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىپ، ئاندىن سىلىگە جاۋاپ بېرەي.

يېزا باشلىقى شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا، ئىشخانىدىن ناھىيىنىڭ مۇشۇ يېزىنى نوقتا قىلىپ تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان مۇئاۋىن ھاكىمى چىقىپ كەلدى ۋە يېزا باشلىقىدىن سورىدى:

نېمە گەپا بۇ؟

يېزا باشلىقى دېھقانلارنىڭ مەقسىتى ۋە تەلىپىنى بىرمۇ بىر ئۇقتۇردى.

بۇشىڭ! چۈەنبۇ كەندىياۋ!

ھاكىم بومايتۇ، قەتئى چىپپىتىڭلا، دەيتۇ. قايدا قىتمىزا ئەمدى؟ چېپباتىلى، يېزا باشلىقىمۇ ئامالسىز قالدى.

مۇئاۋىن ھاكىمنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن سېلىنغىلى ئەمدى بەش يىل بولغان، ئۇلاپ سورتى ياخشىلانغان بىر كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۈچ تاناپ ئۆرۈك كۆچىتى شۇ كۈنىدىن قالدۇرۇلماي چېپىپتاشلاندى.

ئۇدا ئۈچ يىل داۋاملاشقان بۇ «ئۆزگەرتىش» دولقۇنىدا ئويلا-ئارام ئەتراپىدىكى ئورمانلارغا مېتىر چېكى قويۇلۇپ، چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىرى مەجبۇرىي چېپىپتاشلاندى. جاي يېزىسىدىكى ئورمان كېسىشكە مەسئۇل بولغان بىر رەھبەرنىڭ ئىسپار بېرشىچە، شۇ يېزىدا تۇنجى يىلىلا كېسىۋېتىلگەن چوڭ-كىچىك ئورمان 1 مىليون تۈپكە يەتكەن. شۇ بۇيىچە ھېسابلىغاندا، كېرىيە ناھىيىسىدىكى 15 يېزا-بازار، ئىككى مەيداندا كەم دېگەندىمۇ بىر يىلدىلا 15 مىليون تۈپ ئورمان كېسىۋېتىلگەن بولىدۇ. كېيىنكى كىيىنكى ئىككى يىلدا يەنە قانچىلىك ئورماننىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن!

ھەرقانداق بىر رايوننىڭ كۆكەرتىش ئۇسۇلى شۇ رايوننىڭ ئۆزىگە خاس ئىقلىم، كىلىمات ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. غەربىي شىمالى ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونلىرى ئەتراپىنى دېڭىز-ئوكيان، يېشىل تاغلار ئوراپ تۇرغان نەمخۇش ۋادىلارغا جايلاشقان بولغاچقا، ئۇ جايلاردا ئولتۇراق ئۆي ئەتراپىنى چىم ياتقۇزۇلغان مەيدان شەكلىدە كۆكەرتىش ئەنئەنىسى بارلىققا كەلگەن.ئوخشاشلا، تارىم- تەكلىماكان ئىتەكلىرىدىكى خەلقمۇ ئۆز يىرىنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە قۇياش نۇرى تىك چۇشىدىغان قۇرغاق ھاۋا كېلىماتىغا، ھەمىشە قۇم- بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ تۇرۇشتەك ناچار مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا، ئولتۇراق ئۆي ئەتراپىنى باغ-ئورمان ئارقىلىق كۆكەرتىش ئادىتىنى يېتىلدۇرگەن. كېرىيە خەلقى قۇم-بوراننىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئېغىر ئۇچراپ كەلگەن خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ خىل كۆكەرتىش ئەنئەنىسىگە ئەڭ ئىلمىي، ئەڭ مڭكەممەل تۈستە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنىدى. «ئۆزگەرتىش» دۇلقۇنى كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر، بۇ يۇرۇتتىكى ھەرقانداق بىر دېھقان ئۆينىڭ ئەتراپى، بولۇپمۇ ئارقا تەرىپى نەچچە ئون مېتىر قېلىنلىقتىكى «يېشىل سېپىل» بىلەن قورشىلىنىپ، ئالاھىدە كۆجۈملىشىپ تۇرغانىدى.ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! «ھويلا-ئاراملار ئەتراپىدىكى بىكار يەرلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك! بىر تۈپ تېرەك ئون يىلدىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ، ئورنىغا پاىتا تېرىسا جىق پايدا چىقىدۇ. ھويلا-ئارام ئەتراپىنى بىرەر ئادەممۇ دالدىلىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاقلىۋېتىش كېرەك!» دېگەندەك غەلىتە «بۇيرۇق»لار ھۆكۈم سۈرگەن مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، تۇرالغۇ ئۆي ئەتراپىدىكى ھاۋانى تەڭشەش، قۇم- بوران زەربىسىنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغان بۇ «يېشىل توساق»لار تەلۋىلەرچە ۋەيران قىلىنىپ، ھويلا-ئارام ئەتراپى يىراقتىن قارىسا ئىت-مۈشۈكنىمۇ ئېنىق پەرق ئەتكۈدەك دەرىجىدە تاقىرلاشتۇرۇۋېتىلدى. مۇشۇ جەرياندا، كېرىيە گويا دۇنيانىڭ ياغاچ بازىرىدەك تۈسكە كىرىپ قالدى. ھويلا، ئۆگزە، يول، بازار-رەستە... لەرنىڭ ھەممىسى دۆۋە-دۆۋە ياغاچلار بىلەن توشۇپ كەتتى. ياغاچ باھاسى بىراقلا چۈشۈپ شاپاق نەرخى بولۇپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ياغاچ سودىگەرلىرى ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋالغان كېرىيە ياغاچلىرىنى ئاۋۋال كورلىغا يۆتكەپ، ئاندىن پويىز بىلەن ئېلىپ كەتتى. ئارقىدىنلا، تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كۆچەتلىرى كەلتۈرۈلۈپ، دېھقانلارغا مەجبۇرىي سېتىلدى. بۇ جەرياندا پايدا ئالغىنى ياغاچ سودىگەرلىرى بىلەن كۆچەت سودىگىرى بولدى. دېھقان يىغلاپ قېلىۋەردى . . .

شۇ قېتىمقى ئورمان كېسىشكە قاتناشقان يەنە بەزىلەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ھويلا-ئارام ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەر مەجبۇرىي كېسىلىشكە باشلىغاندا، مەھەللە-كەنىتلەرنى ئېچىنىشلىق يىغا-زار قاپلاپ، ئۆي ئۆيلەردە ئۆلۈم ھازىسى قايناپ كەتكەن. بەزى ئۆيلەردىكى چوڭ-كىچىك ئەر-ئاياللار يېڭىلا ئۆزۈلگەن تېرەكنى قۇچاقلاپ يېتىپ:«ۋاي دادام! سىزنىڭ كەتكىنىڭىزنى تۇيماپتۇق. بۈگۈن سىزنىڭ روھىڭىز ئۆلدى دادام! سىز تىككەن تېرەك قېنى دادام! مانا ئەمدى سىزدىن ئايرىلدۇق دادام!» دەپ ھازا ئاچسا، يەنە بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا، ئۆي ئىگىلىرى دەرەخ كەسكۈچىلەرنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىشىپ تۇرۇپ:«جېنىم غوجىلىرىم بىزدىن يانمىسا ئىگىستىن يانا، مۇشۇ بى تال تېرىكىمنى قوپ قويۇشسىلا، چوڭ دادام ساغان تېرەكتى بۇ، ئونىغا پۇل بىرىلى غوجام» دېيىشىپ مۇڭ-مۇڭ يىغلاشقان. يەنە بەزى خىزىر سۈپەت بوۋايلار:«جىنىم شاڭجاڭ، ھۆكۈمەت بىز خەخكە سېمۇنىتتىن ئۆي سېپ بەمەيتكەن. بالىلىرىمىز ئۆيلۈك-ئوچاغلىق بولسا تالادا قامىسۇن، ئازراق قالدۇرۇپ كېسەيلى مازاغا ئەلەم قادىغۇدەك بوسىمۇ خادا ياغاچ قاسۇن» دەپ يالۋۇرسا، يەنە بىرمۇنچە ئاق باش مومايلار:«ۋاي توۋا،ئۆلسەك بېشىمىزغا خادا قىلغۇدەك ياغاچ بادرىمى قاممىغۇدەك، بالىلىرىمىزغا ئۆينى نېمىدە سالامىز ئەمدى» دېيىشىپ، ياقا يىرتىشىپ يىغلاشقان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ھېچكىم قۇلاق سالمىغان.

ئۈچ يىل داۋاملاشقان «دەرەخ كېسىش دولقۇنى»دا، يىلىغا ئاز بولغاندىمۇ 10 مىليون تۈپتىن دەرەخ كېسىلگەن دەپ پەرەز قىلساق، مو بېشىغا سۇندۇرغاندا، 1مو يەردە 600 تۈپتىن دەرەخ بار دېگەندىمۇ، ئۈچ يىلدا جەمئىي 50 مىڭ مو بوستانلىق نابۇت قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1مۇ يەردىكى دەرەخ ھەر كۈنى 67 كىلوگرام كاربون ئوكسىدنى سۈمۈرۈۋېلىپ، 49 كىلوگرام ئوكسىگېن قويۇپ بىرىدۇ. بىر يىلدا 500 توننا سۇنى پارغا ئايلاندۇرىدۇ. بىر يىلدا 26 توننا چاڭ-توزاننى، 48 كىلوگرام زەھەرلىك گازنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئورمان بىلەن قاپلانغان 1 مو يەر تاقىر 1 مو يەرگە قارىغاندا 20 توننا سۇنى كۆپ ساقلايدۇ. 1 مو يەردىكى ئىھاتە ئورمان 100 مو ئېتىزلىقنى قۇم -بوراندىن مۇداپىئە قىلالايدۇ. مۇشۇ قىسقا مەلۇماتتىنلا، شۇ قېتىمقى «دەرەخ كېسىش دولقۇنى»دا كېرىيە بوستانلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇچار قۇش، قۇرت-قوڭغۇزلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، ئاققان ياشلار، خورلانغان ئىنسانىي ھېسسىيات، بالىلارنىڭ چوڭ، ئېگىز دەرەخلەردىن ئالىدىغان يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش خاھىشىنىڭ نابۇت قىلىنىشى. . . بۇنىڭ سىرتىدا!

ئۈچ يىللىق ئورمان كېسىشنىڭ شاۋقۇنلىرى بېسىقماي تۇرۇپلا، خوتەن ۋىلايىتىدە، جۈملىدىن كېرىيە ناھىيىسىدە «تېرىلغۇ يەرلەرنى ئورمانغا، ئوت-چۆپكە قايتۇرۇش» يۇلتۇرۇقى مۇھىم ئىستراتېگىيە سۈپىتىدە يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، دېھقانلار ئاشلىق يەرلىرىنى ئورمانلىققا، بېدىلىككە ئۆزگەرتىش دۇلقۇنىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يېقىن كەلگۈسىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ. يۇقىرىقىدەك داۋالغۇشلۇق ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى كېرىيە بوستانلىقىنى بەكلا ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتتى.

ئۇنىڭ ئۇستىگە، «بەشتە بىر تۇتاش بولۇش» سىياسىتى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەركىنلىكىنى بوغۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشغا توسقۇن بولغاچقا، خەلق قورساق غېمىدىلا قىلىپ، مۇھىت قوغداش ئىقتىدارىنى ئىلگىرىكى دەۋىرلەردىكىدەك جارى قىلدۇرالمىدى. 2001-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم «بەشتە بىر تۇتاش تېرىش»نى «بەشتە مولازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىلگىرىكى ئەندىزە ئۆزگەرمىگەچكە، دېھقانلار يەنىلا قەددىنى رۇسلىيالمايۋاتىدۇ. كېرىيە يېزىلىرىدا ھېلىھەم:«قوناقنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن چېپىپ بولۇش»، «كۈزگىنى 10-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن تېرىپ بولۇش»، «3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن كېۋەزلىككە يوپۇق يېپىپ بولۇش»، «4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن كېۋەز ئۇرۇقىنى تېرىپ بولۇش»، «بۇغداينى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئورۇپ بولۇش»، «بۇغداي ئېڭىزىغا تىكىلگەن قوناق باشقۇرۇپ بولۇنماي تۇرۇپ خامان ئالماسلىق». . . قا ئوخشاش تۈرلۈك «مەمۇرىي بۇيرۇق»لار ھېلىھەم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

«بەشتە بىرتۇتاش تېرىش» سىياسىتىنىڭ داۋامى بولغان، دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بۇنداق مەمۇرىي بۇيرۇقلار ھازىرغىچە كېرىيىدىلا ئەمەس، پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. نەتىجىدە، دېھقانلار زىرائەت خام بولسۇن ياكى پىشقان بولسۇن، چوقۇم بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يىغىشقا مەجبۇر بولغاچقا، يەر قۇۋۋىتىنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھېساپلاشماي، ھەر مو يەرگە چوقۇم 60 تاغار ئوگانىك ئوغۇت، 40 كىلوگرام خىمىيىۋى ئوغۇت سېلىشقا مەجبۇر بولغاچقا. . . ئىشلىگەنگە چۇشلۇق نەپ ئېلىش تۇگۇل، «دادۈي قەرز»ىدىنمۇ قۇتۇلالمايۋاتىدۇ.

كېرىيە نەھىيىسى مۇغاللا بازىرى ئاياغ قاچۇن كەنتىدە 1103 نوپۇس، 235 ئائىلە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نامرات ئائىلە 230، نامرات نوپۇس 1096، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 0.8 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم 534 يۈەن، يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 360 يۈەندىن تۆۋەن 72 نامرات ئائىلە، 336 پەۋقۇلئاددە نامرات نوپۇس بار. بۇ كەنتنىڭ شۇ قەدەر نامرات بولۇشىمۇ، ئەمىلىيەتتە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى تۈرلۈك «مەمۇرىي بۇيرۇقلار» بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2002-يىلى ئەتىيازدا، كېرىيە ناھىيىلىك پارتكوم پۈتۈن ناھىيىگە «بۇغداي ئارىسىغا بېدە تېرىش» توغرىسىدىكى «مەمۇرىي بۇيرۇق»نى چىقاردى. بۇيرۇقتا، قايسى يېزا ۋەزىپىنى تولۇق ھەم ۋاقتىدا ئورۇنلىيالمىسا، شۇ يېزىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ھەم يېزا باشلىقى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقى ئېنىق ئەسكەرتىلدى. بۇ بۇيرۇق بىلەن، ناھىيىنىڭ نەچچە ئون مىڭ مولۇق ئاشلىق ئېتىزلىرى بىردىنلا بېدىلىككە ئۆزگىرىپ كەتتى. نەتىجىدە، بىر مو «بېدىلىك»نىڭ يىللىق ئىجارىسىنى 20-30 يۈەندىن ئالغىلى ئادەم چىقمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ھەتتا، يەرنىڭ كۆك پۇلى سۇ پۇلىغىمۇ چىقىش قىلالمىدى. شۇنداق قىلىپ، قارىسىغا چىقىرىلغان بىر «مەمۇرىي بۇيرۇق» بىلەن دېھقانلار يىلىغا 1 توننا ئاشلىق ئالىدىغان يەرنىڭ يىللىق قىممىتى 20-30 يۈەنگىمۇ يارىمىاس بولۇپ كەتتى. دېھقانلار بۇنىڭ دەردىنى تارتىپ بولالماي تۇرغاندا، 2003- يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا، ناھىيىلىك پارتكوم يەنە «پارنىك ياساش» بۇيرىقىنى چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا بىر مولۇق كۆلەمدىكى پارنىكتىن 3500 نى ياساش ۋەزىپىسىنى ئارتتى. نەتىجىدە، سەي-كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى بىلىدىغان دېھقان 350 كە يەتمەيدىغان بۇ ناھىيىدە كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە نۇرغۇن مەبلەغ، نۇرغۇن ئەمگەك كۈچى پارنىكقا سەرپ قىلىنغاندىن باشقا، ھەر موسىدىن 1 توننىدىن ئاشلىق ئېلىنىدىغان 5 مىڭ مودىن ئارتۇق بىنەم يەر توپا تاملارغا ئايلاندۇۇۋېتىلدى.

كېرىيە بوستانلىقىنىڭ تەقدىرى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكىلا ئىش بولۇپ قالدى. ئەگەر، يۇقىرىقىدەك نامۇۋاپىق ئەھۋاللار ۋاقتىدا تۈگىتىلمىسە، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمىسە، دېھقانلارنىڭ ئاھ- زارىغا كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، ئۇزۇنغا قالماي كېرىيىنى يەنە قۇم بېسىپ كېتىدۇ-دە، ئوتتۇرا ئېقىندىكى سۇ سەرپىياتى تېخىمۇ ئېشىپ، كېرىيە دەرياسى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇچاغدا، «تارىمنىڭ ئۆپكىسى» ھېساپلانغان دەريا بويى بوستانلىقىمۇ خارابلىشىپ، پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ، جۇملىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇھىت ئىكولوگىيىسىدە توسۇۋالغىلى بولمايدىغان يامانلىشىش يۈز بېرىدۇ.

كېرىيە بوستانلىقىنىڭ تەقدىرى ئاخىرقى ھېسابتا كېرىيە دېھقانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا، پەرۋىشىگە باغلىق. ئەگەر، كېرىيە دېھقانلىرى يەنە نامراتلىشىپ كېتىۋىرىدىكەن، ئۇلارنىڭ يەرلىك ئىگىلىك ئادەتلىرى ھەم ئەنئەنىۋىي ھويلا-ئارام مەدەنىيىتى يەنە «مەمۇرىي بۇيرۇق»لارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراۋېرىدىكەن، چوقۇمكى، يەنە بىرقانچە ئون يىل ئىچىدە كېرىيىنى قۇم بېسىپ كېتىدۇ. دېھقان دېمەك دەرەخ دېمەكتۇر! بىر تۈپ دەرەخ كۆكلىسە مىڭ دېھقان كۈلىدۇ، بىر دېھقان ئاچ قالسا مىڭ تۈپ دەرەخ ئۆلىدۇ!

ئېسىت! بىھۇدە چەيلىۋېتىلگەن جەننەت كەبى باغ-ۋارانلىرىمىز، رەھىمسىزلەرچە نابۇت قىلىۋېتىلگەن زەپ يارىشىملىق دەل-دەرەخلىرىمىز. . . مۇئەللىپ ئۈرۈمچىدىكى تار، ئاددىي ئۆيىدە تەنھا ئولتۇرۇپ، بارغانچە ھالىدىن كېتىپ قېلىۋاتقان بوستانلىقلىرىمىز ئۈچۈن ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ.

ئەي ئەزىز كېرىيە! قۇمغا يەم بولۇش سېنىڭ قىسمىتىڭمىدى؟

                                                                          2004-يىلى 25-ئىيۇن ئۈرۈمچى

مەنزىل:ئۆمەرجان ئىمىننىڭ «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق كىتابى.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

غەيۋەتخور كىشى، ئەڭ پەس كىشىدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4402
يازما سانى: 2976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76348
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 6789 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 01:21:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ھەيۋەت مەسچىت بۇ.......ۋاقىت تاپسام كۆرۈپ كەلگۈم بار.

ئىزىڭدىن ئۈنگەن تىكەن، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىنى يارا قىلۇر.

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 02:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 22قەۋەت  ~yilan~ كە 2010-10-25 01:14 PMئەۋەتىلدى  :
كېرىيىنى يەنە قۇم بېسىپ كېتەرمۇ؟
2007-يىلى نىىيەدىن ئۆتۇپ كېرىيەگە ماڭغان يولدا تامغا " باي بولاي دېسىڭىز ئاز تۇغۇپ ، كۆپ كۆچەت تىكىڭ " دەپ سۆزنى قالدۇرۇپتىكەن شۇنداق ئاچچىق كۇلىۋەتكەنتىم ! قاچانمۇ دىخاننىڭ ھالىغا يېتىدىغانلار كۆپ بولار ؟

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 07:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يېرىم كۈندەك ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ بۇ يازمىلارنى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقتىم. يۈرىكىمنى تىڭشاپ باقسام كېرىيەنى سېغىنىپتىمەن.

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 08:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن تەبىئى كۆرۈنۈشلەر ھە!!!!بىر بېرىپ  كۆرمىسەم ھىساپ ئەمەس..!!!!!!!!! [s:109]  [s:111]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11454
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-25 10:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىكى ۋاختىمدا چىقىرىلغان بولسىچۇ ما تىما، شەمشەركام بىلەن يۇرتۇمنى تازا بىر تەشۋىق قىلىۋالىدىكەنمەن.
ھېلىمۇ يوقلىقىمنى چاندۇرماپتۇ بۇ شەمشەركام ..رەھمەت ماخما [s:73]

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12720
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8128
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2011-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 12:27:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا يۇرتۇم  گۇزەل  كېرىيە   ئەجەپ   سېغىندىم   سىنى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12720
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8128
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 433 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2011-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 12:40:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتۇمدىكى   قېرىنداشلار  دوپپا تىكىۋاتقان رابىيخان تۇرسۇن دېگەن ئايال جاي  يېزا    جاي  كەنتدىن  مىنىڭ  خوشنام  بۇلىدۇ  ھەممىڭىزلەرگە  ئوتلۇق  سالام

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش