مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1268|ئىنكاس: 15

سارىكول تاجىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 02:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     سارىكوللار شىنجاڭنىڭ تاشقورغان رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىران تىللىق خەلقىلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ تاغ تاجىكلىرى دەپ ئاتىلىدىغان مىللى تۈركۈمگە تەۋە .  سارىكوللارنىڭ 2008-يىلى يىل ئاخىرىدىكى نوپۇسى 41مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە تاشقورغان ۋە ئاقتۇنىڭ تار تاجىك يېزىسىغا  25مىڭ كىشى ئولتۇراقلاشقان. يەن ئونمىڭغا يېقىن سارىكول تاشقورغانغا تۇتاش پوسكام(3500)،  يەكەن(2500)، قاغىلىق (2000)،گۇما(1000) قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. سارىكول تاجىكلىرى بىلەن قېرىنداش كېلىدىغان روشەن، شۇغنى، بارتانگىس قاتارلىق باشقا تاغ تاجىكلىرى تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر ئۇ يەردە بار سارىكوللار 10مىڭغا يەتمەيدۇ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ سارىكوللارﻧﯩﯔ ئەڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايى ھىساپلىنىدۇ .
    ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﺎﻍ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ سۈننى مەزھەپتە، ﺗﺎﻍ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮى ئۇمۇمەن شىئە ئىمائىلىيە مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، تاغ تاجىكلىرىنىڭ تىلى  ﻫﯩﻨﺪﻯ - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎئىلىسى شەرقى تىللار گۇرۇپپىسىدىكى ئىران ۋە تۈزلەڭلىك تاجىكلىرىنىڭ ئەكسىچە  ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﻥ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە  تىللاردا سۆزلىشىدۇ.  ۋە دىنى تۈزلەڭلىك تاجىكلىرىنىڭ تىلى ۋە دىنىغا ئوخشىمايدۇ،  ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﭘﺎﻣﯧﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺗﺎﻍ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ،ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ .
      تاشقورغاندىكى تاجىكلارنىڭمۇ ھەممىسىلا سارىكول ئەمەس، تاشقورغاندا يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن سارىكوللاردىن باشقا يەنە يەنە 8مىڭ ئەتراپىدا ۋاخان تاجىكلىرى، ئىككى مىڭ ئەتراپىدا شۇغنى تاجىكلىرى بار.
    ﺗﺎﺟﯩﻚ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺗﺎﺝ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ . ﺑﯘ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻕ . ﺧﻪﻥ ، ﺗﺎﯓ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ (ﭘﺎﻣﯩﺮ) ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ  ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ، ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻟﻴﺎﯞ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ، ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . XVIII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ .
  تاجىكلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە دارا ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىستىلاسىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات جەريانىدا ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ  ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯧﺮ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻤﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻣﯘﺯ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯ ﺗﺎﻏﻘﺎ  ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ . ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯧﺮ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯞﯦﺘﺴﺎ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺪﻯ . ﻣﯩﻼﺩﻯ II - III ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ، ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﺎﯞﺍﺗﺘﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﺯﻛﻪﻡ 500 ﻳﯩﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ، ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺪﻯ .
  ﻣﯩﻼﺩﻯ VIII ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، IX ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ X ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 960 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﯩﻜﻜﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻫﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ، ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ - ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﯩﺌﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻫﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .  ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺷﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﭘﺎﻣﯩﺮﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ . ﺷﯘﯕﺎ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﺮ ، ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ، ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎﺋﺎﺗﺎ ﺩﻩﭖ  ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﻧﯩﺴﺎﺭﻯ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ -- ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ -- ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﻰ -- ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
   ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ 8 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻧﺴﯩﺮ  ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ، ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﺎﻫ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﺎﻫ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1078 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻧﺴﯩﺮ  ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ . ﺋﯘ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1090 - ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯦﺮﻩﻡ ﺗﺎﻍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻣﯘﺕ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﯩﻲ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ ، ﺳﺎﻟﺠﯘﻗﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ، ﯞﻩﻫﯩﻤﻪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﻯ 1094 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻧﺴﯩﺮ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﯩﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﯨﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮ ﺋﺎﻓﺪﺍﻟﻨﯩﯔ ﻳﯚﻟﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﻣﯘﺳﺘﺎﺭﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻧﯩﺴﺎﺭﻯ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺳﻮﻻﻗﺘﺎ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﺘﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﻫ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﺎﻫ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﺵ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ، ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺳﺎﺑﺎﻫ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻻﻣﯘﺕ ﺗﯧﻐﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 4 - ﺋﻪﯞﻻﺩ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼ ﺯﯨﻜﺮﯨﻬ ﺳﺎﻻﻡ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1256 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺋﺴﺘﯧﻼﭼﯩﺴﻰ ﻫﯩﻼﻛﯘ ﺋﺎﻻﻣﯘﺕ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺭﯗﻓﯩﺪﯨﻦ ﻛﯘﺭﺷﺎﻫﻨﻰ ﻗﻪﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ~ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻻﻣﯘﺕ ﻗﻪﻟﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺭﯗﻓﯩﺪﯨﻦ ﻛﯘﺭﺷﺎﻫﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ( ﻛﯘﺭﺷﺎﻫﻨﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯘ ﮔﻪﭖ ﺑﺎﺭﻣﯩﺶ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ . ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺷﺎﻫ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺷﺎﻫ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﺧﺎﺭﺍ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺰﻭﺩﯨﻦ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﻯ ﺑﺎﺑﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ، XVIII ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭘﯩﻨﻬﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﻪﻫﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ . ﺑﯘ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺷﺎﻫ ﻣﯩﻼﺩﻯ 1756 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 1792 - ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﺮﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﯞﺭﯨﺴﻰ ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺷﺎﻫ ﻣﺎﺧﺮﺍﺗﻘﺎ ( ﺑﯘ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﯩﯔ 46 - ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ ) ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫ ﻓﺎﺱ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ، ﺑﯘ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ ﺋﻪﯞﻻﺗﺘﯩﻦ - ﺋﻪﯞﻻﺩﻗﺎ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻫﻪﺳﻪﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺷﺎﻫ ﻛﯩﺮﻣﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ، ﻣﯩﻼﺩﻯ 1840 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﻟﻜﻮﺗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻧﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ . ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺩﯦﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﺴﺎﺭﻯ ﮔﯘﺭﯗﻫﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﻏﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺷﺎﻫ ﺩﺍﺷﯩﺮ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺩﺍﻛﺎﻧﻰ ﺳﺎﻓﺎﯞﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﺭﮔﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺩﺍﻣﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻧﺎﮔﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ، 1594 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ . ﺑﯘ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﺎﺟﯩﺮﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ .
     ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ (ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ -- ﺋﺎﻳﭽﯩﯟﻩﺭ)ﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﺎﻻﻣﯘﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﭘﯩﺸﯩﯟ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘﻏﻨﺎﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ . ﻣﯩﻼﺩﻯ 1507 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﺎﻫ ﺭﺍﺩﻳﺎﺩﯨﻦ ﺑﻪﺩﻩﺧﺸﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ . ﺋﻮﻥ ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺍﻳﺒﻪﯨﺶ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻪﺩﻩﺧﺸﺎﻧﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ، 1664 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭﻟﻪﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﺑﻪﺩﻩﺧﺸﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﯘﺧﻠﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ، ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ ﻧﻪﺳﻪﺑﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ I ﻧﯩﯔ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
      سارىكول ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎئىلىيەﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﻪﺩﻩﺧﺸﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، XVI ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻪﺋﯩﺪﺳﯜﺭﻩ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، 70 ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻯ ﺟﺎﻫﺎﻧﮕﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﯚﺯﻯ ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺷﺎﺭﯨﺨﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺷﺎﻫ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ، ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﮕﻪ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ . XIX ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻏﺎﺧﺎﻥ II , ﺋﺎﻏﺎ ﺋﻪﻟﻰ ﺷﺎﻫ (ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﯩﯔ 47 - ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ) ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ . ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺩﺍﯞﺍﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ  ﺋﺎﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺟﺎﻱ  ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﻏﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ~ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
    ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﻣﯩﺮ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯩﺴﺎﺭﯨﭽﯩﻼﺭ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ .
    ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺗﺎﺟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ، ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻧﻐﺎﻥ . ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻣﯧﻴﯩﺖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺗﯩﻼﯞﯨﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﭼﯩﺮﺍﻏﺪﺍ ﺧﻪﺗﻤﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .  ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺗﻪ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﻩ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯩﻜﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻠﯩﺪﯗ . ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻜﻰ ﺗﯩﻨﭻ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺶ . ﺷﯘﯕﺎ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﻳﺪﯗ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻧﻪﺯﯨﺮ - ﭼﯩﺮﺍﻍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻏﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﺧﯘﺳﺮﺍﯞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ  ﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ، ﺩﻩﻳﺪﯗ .
 ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ، ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ، سارىكول ﺗﺎﺟﯩﻜلىرى ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺭﻭﻫ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ؛ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﯞﺍﻫﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ  ، ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻠﺌﻪﺑﻪﺕ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؛ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻱ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ، ﻗﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﻪﺭﮔﻪ  ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ ؛ ﻳﻪﺭﻣﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ، ﻗﺎﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ، ﭘﺎﺗﻘﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﮔﯩﻴﺎﻫﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﮔﯩﻴﺎﻫ ﭼﺎﺭﯞﯨﻐﺎ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﭼﺎﺭﯞﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯘﺭ ؛  ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﯧﻜﯩﺪﯗ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻏﺎ - ﻗﯘﺯﻏﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ،  ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺸﻪﻙ ، ﺗﯚﮔﻪ ، ﺋﯩﺖ ، ﻗﻮﻱ ، ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ .  ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﯩﻴﻪ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ، ﺗﺎﺟﯩﻚ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ، ﺟﺎﻫﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ . ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ۋە بەزى خۇراپاتلىقلار  مەۋجۇت.


---------------------------------------------------
مەنبە : ھاجى نۇر ھاجى بىلەن چېن گوگۇاڭ بىرلىشىپ يازغان «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .
 http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=4908

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
xamxarka + 20 مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسىمغا جاۋاپ بەرسىلە ئ

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداش مىللەتەرنى تونۇشتۇرۇش ياخشى بىر ئىش، يەنە رايۇنىمىزدا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەردىن سالار ۋە دوڭشياڭ مىللەتلىرىنىمۇ تونۇشتۇرغان بولسىڭىز ياخشى بولاتتى!!  [s:79]

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

جەننەت+دوزاخ = ھايات

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1477
يازما سانى: 1954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201567
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 3387 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلار توغرۇلۇق مۇنداق تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ماتىريالنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن .

سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !  ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!   ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !   تىلى ياتنىڭ دىلى يات !     تور دۇنياسى
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 03:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 04:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاجىكلاردا بىدئەت ئىشلار كۆپكەن ھە !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 04:19:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى بوپتۇ......ياخشى خەۋەركەن...ياخشى بىلىم..

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 05:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىسىمىنى كۆرۇپلا يىلانكام يوللىدىمىكىن دېگەنتىم !
بايا بىر ماقالىدا مۇنۇ بىر جۇملىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم !
ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز كىن ؟

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

ئوماق قىزىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 132
يازما سانى: 2063
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15107
تۆھپە نۇمۇرى: 559
توردا: 9685 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 07:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت xamxarka كە 2010-10-26 05:09 PMئەۋەتىلدى :
تېما ئىسىمىنى كۆرۇپلا يىلانكام يوللىدىمىكىن دېگەنتىم !
بايا بىر ماقالىدا مۇنۇ بىر جۇملىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم !
ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشىغۇچى تاجىكلار ئەمەلىيەتتە سارىكوللار بولۇپ، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى تاجىكلار بىلەن بىر مىللەت ئەمەس . بۇنىڭغا قانداق قارايسىز كىن ؟

بىر مىللەت ئەمەس دىگەن قانداق گەپ ئەمدى

سەنئەتكە بىرىلگەن مىللەت چۈشكۈنلەشكەن مىللەتتۇر

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 07:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ تاجىكلارنىڭ ئىتىقادى ئاجايىپ جۇمۇ .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ياسىنجان(سىرلىق)

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5357
يازما سانى: 7033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90743
تۆھپە نۇمۇرى: 1350
توردا: 6262 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-26 08:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما  يوللاپ  سىز  دوستۇم............ رەھمەت [s:79]

سىرلىق سەنئەتلىك لايىھەلەش سىتودىيسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش