ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى يېڭى باھا كۆرسەتكۈچى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 25 – ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: دۆلەت يېقىندا خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى تېز ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتىنىڭ %4لىك باھا تەڭشەش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ماي باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىغا ئاساسەن، 26 – ئۆكتەبىر سائەت 0دىن باشلاپ، بېنزىن، دىزېلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى ئايرىم – ئايرىم 230 يۈەن ۋە 220 يۈەن، يەنى، 90 – نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسىنى 0.17 يۈەن، 0 – نومۇرلۇق دىزېلنىڭ باھاسىنى 0.19 يۈەن ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى.
مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچىدىكى ماي باھاسىغا ماس كەلگەن نېفىت باھاسى خەلقئارا بازاردىكى نېفىت باھاسىدىن يەنىلا تۆۋەن ئىكەن.
ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى يېڭى باھا كۆرسەتكۈچى
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-10/27/content_109571.htm
بىر قىسىم جايلاردا بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى ئۆرلىدى
جۇڭگو نېفىت گورۇھى ۋە جۇڭگو نېفىت - خىمىيە گورۇھى يېقىندا بېيجىڭ ، گۇاڭجۇ ، نەننىڭ ، خېفېي قاتارلىق جايلاردا بېنزىن ۋە دېزىل مېيى باھاسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 20 يۈەندىن 200يۈەنگىچە ( توننىسىنى ) ئۆستۈردى .
بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە خەلقئارادا ھەر توننا ماينىڭ باھاسى تېز سۈرئەتتە 80 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەچكە ، دۆلەت ئىچىدىمۇ پىششق ماينىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋەتتى .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بېنزىن ۋە دېزىل مېيى بازارلىرىدا توپ ۋە پارچە سېتىش باھا پەرقى 300 يۈەن ( توننىسى ) دىن تۆۋەن بولۇش ھەتتا ‹‹ توپ ۋە پارچە باھاسى ئوخشاش بولۇش ›› تەك ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن .
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2010-10/15/content_107343.htm