مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1674|ئىنكاس: 14

بىر قانچە ۋىلايەتلەرنىڭ چۈشەندۈرلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9116
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:04:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خوتەن ۋىلايىتى



خوتەن ۋىلايىتى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى كەشمىر (ھىندىستاننىڭ ئەمەللىي كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ. چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  670  كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 247 مىڭ  900 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدار بىر شەھەر،. يەتتە ناھىيە (خوتەن شەھىرى، گۇما ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، لوپ ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى، كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە ئشلەپچىقىرىش  -  قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بار. مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان خوتەن شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1520 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون  504 مىڭ  800 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  97.4%  نى، خەنزۇلار 2.66% نى، باشقا مىللەتلەر  0.2% نى تەشكىل قىلىدۇ.   خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە گويا، ئۇدۇن، كېرىيە، نىيە، روڭلۇ دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەۋلادىدىن بولغان خانلارنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24  - يىلى (1759 - يىلى) خوتەن ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ  9 - يىلى ( 1983 - يىلى) خوتەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگو  9 - يىلى ( 1920 - يىلى) خوتەن دوتەي مەھكىمىسىگە تەسىس قىلىنغان. كېيىن 7 - مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن.  مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) ۋالىي مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.  1950 - يىلىنىڭ باشلىرىدا خوتەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان.  1959 - يىلى خەنزۇچىدىكى 和 (خوتەن) دېگەن خەت 和田 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن.  1979 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالى پەس، غەربىي ئېگىز، شەرقىي پەس. بۇ تاغلىق رايون  33.3% نى، چۆل - چەزىرە  63% نى، بوستانلىقلار  3.7% نى ئىگىلەيدۇ.  36 چوڭ - كىچىك دەرياسى، 58 بۇلىقى بار. يەر ئاستى سۇ بايلىقى سەككىز مىليارد  770 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئۈچ مىليارد  246 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، تىبەت قۇلۇنى، قوتاز، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، ياۋا تۆگە، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، قانتېپەر، قارلەيلىسى، رەۋەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، تانتال، لىتىي، پېرىللىي، سىندىي، نىئوبىي، سىڭىر تاش، ھاك تېشى، قاشتېشى قاتارلىقلار بار.   خوتەن ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  10.4℃ ~ 12.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  43.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 28.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2400 - 2900 سائەت، 10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى  210 ~ 024 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدرى 30 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2400 ~ 8002 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاقاس قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 30 ~ 25 كۈن.   خوتەن ۋىلايىتى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 157 مىڭ گېكتار (ئىككى مىليون 365 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  263 مىڭ  300 گېكتار (ئۈچ  مىليون  950 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان،  94 مىڭ گېكتار (بىر مىليون  240 مىڭ مو) سۈنئىي ئورما، ئىككى مىليون  492 مىڭ  300 گېكتار ( 37  مىليون 391  مىڭ مو) ئوتلاق، 17 مىڭ  200 گېكتار (258 مىڭ مو) سۈنئىي ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، ياغلىقدان ۋە ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋىلەر بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، ئېشەك، تۆگە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن يېرىم ئىنچىكە يۇڭلۇق قويىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق، يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق  - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يىپەكچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى خوتەننىڭ ئۈچ گۆھىرى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.   خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  513 - لىنىيىسى تەۋەسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تارىم قۇملۇق تاشيولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى خوتەن بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى؛ ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ،  90% دىن كۆپرەكى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ بولدى. خوتەن ئايرودرومىغا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ. ھەر ھەپتىدە قەرەللىك ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىكى پروگراممىلىق تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى مەملىكەتلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوماتىك ئۇچۇر تورىغا كىرگۈزۈلدى. كۆچمە تېلېفون، چاقىرغۇ ئاپپاراتلىرى تەڭلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھىرى، مىلىكئاۋات خارابىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قۇملۇق مەنزىرىسى، بىپايان كوئىنلۇن، چەكسىز كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى قاتارلىقلار بار.

قەشقەر ۋىلايىتى


قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شىمال تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى، غەربىي شىمال تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، ئافغانىستان، كەشىمر (پاكىستان كونتروللىقىدىكى رايون) بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى  888 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى  141 مىڭ  600 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر شەھەر،  11  ناھىيە (يەنى قەشقەر شەھىرى، قەقەر كونىشەھەر ناھىيىسى، قەشقەر يېڭشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسى، پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى، يۇپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى، پەيزىۋات ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى) بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇ بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ شتابى ۋە  21 - تۇەن - مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1473 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  3 مىليون  82 مىڭ  400 بولۇپ، ئۇيغۇرلار  89.7% نى، خەنزۇلار  8.82% نى، باشقا مىللەتلەر  1.47% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، پۇلى، يەكەن، زىفې، شىيې دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  25 - يىلى ( 1760 - يىلى) قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامبال قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ  8  - يىلى (1882 - يىلى) قەشقەر لەشكىرىي ئىشلار دوتىيى قويۇلغان. مىنگو دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 - (قەشقەر)،  10 - (يەكەن) مەمۇرىي رايۇن قۇرۇلغان. مىنگو  32 - يىلى ( 1943 ) مەمۇرىي رايون مەمۇرىي مۇپەتتىش ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن قەشقەر ۋە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاتۇش ناھىيىسى بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن باشقا ناھىيە، شەھەر بىۋاسىتە جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان.  1956 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىسى بىلەن يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋالىي مەھكىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.  1979 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   يەر تۈزۈلۈشى: غەربتىن شەرققە قىيپاش، ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. تاغ يېرى  57.1% (دېڭىز يۈزىدىن  8611 مېتىر ئېگىز بولغان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ ئاساسلىق چوققىسى چوگىر چوققىسى مەشھۇر تاغ چوققىسىدۇر). تۈزلەڭلىك  23% نى، قۇرم - چۆل  19% نى، سۇ كۆلىمى  0.9% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە زەرەپشان دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىق ئاساسلىق دەرياللار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  7 مىليارد  230 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  8 مىليارد 70 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، ياۋا ئات، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى چۈچۈكبۇيا، كىرەش، تورسۇلداق، قارلەيلىسى، ئالقات، پاقا يوپۇرماق، سېرىق يۆگەي قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىرىدىن ئاساسلىق تۆمۈر، ۋانادىي، فوسفور، بېرىلىي، سىنىك، تىتان، مىس، قوغۇشۇن، كۆمۈر، نېفىت، ئالماس، تاش پاختا، ئاق مەرمەر تاش، گەژ، چىرىمتال، تەبىئىي گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.   قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ - 11.7℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  42.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 39.1℃. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  2750  - 3000 سائەت.  10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى تۈزلەڭلىك رايونلاردا  4000℃  دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 - 240  كۈن بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 40 - 100 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 - 2700  مىللىمېتىر بولىدۇ.   قەشقەر ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 393  مىڭ 500 گېكتار ( 5 مىليون  902 مىڭ  500 مو) تېرىلغۇ يەر،  332 مىڭ  500 گېكتار ( 4 مىليون  988 مىڭ مو) ئورمان،  2 مىليون  362 مىڭ  700 گېكتار ( 35 مىليون  440 مىڭ مو) ئوتلاق بار. يەنە  1 مىليون  94 مىڭ  700 گېكتار (16 مىليون  420 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار.  282 مىڭ  700 گېكتار (4 مىليون  240 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىق بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، شال، قىچا، كۈنجۈت، خۇاسېڭ، ماش - پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئاساسلىقى قوي، كالا، ئات، ئېشەك، قېچىر، چوشقا قاتارلىقلار بار، ئاساسلىقى پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، كۆن - خۇرۇم، گىلەم، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائىتى بار. نېفىت قېزىشتا ئىستىقبالى پارلاق، ھازىر قاغىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدە كۆكيار نېفىتلىكى بار.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 -،  315 - لىنىيىسى ۋىلايەت تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ەشقەر شەھىرىدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان بار. پروگراممىلىق تېلېفون قويدۇرغان ئابونت  28  مىڭ  100 ئائىلىگە يەتتى. كۆچمە تېلېفون، گۇرۇپپا بويىچە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قونجىراپ ئېغىزى دۆلىتىمىز پاكىستان ۋە 3 - دۆلەتكە ئېچىۋەتكەن مۇھىم خەلقئارا ئېغىز.   قەشقەر ۋىلايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى. تەۋەسىدە ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئاپئاق غۇجازىرى، (ئىپارخان مازىرىمۇ دېيىلىدۇ)، ھېيتكار جامەسى، ئەسكى ھېسار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، <قۇتاتقۇبلىك> نىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى، بەنچاۋ شەھىرى خاراببىسى، خانىئۆي قەدىمكى قەلئەسى، <تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ ئاپتورى مەھمۇد قەشقەرى مازىرى. شېھىتىيار قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، توققۇز ساراي قەدىمكى قەلئەسى خارابىسى قاتارلىقلار بار.

ئاقسۇ ۋىلايىتى


ئاقسۇ ۋىلايىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي جەنۇب تەرىپى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان، قىرغىزستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 235 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن  510 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى تەخمىنەن  350 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 132 مىڭ  500 كۋادرات كىلومېتىر، ئۇنىڭغا بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (ئاقسۇ شەھىرى، ئۇنسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى) قارايدۇ. ۋىلايەت تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك  1 - شىسىنىڭ شتابى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق 17  تۇەن -  مەيدان بار. ۋىلايەت مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1008  كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 857  مىڭ 100. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  76.65% نى، خەنزۇلار  22.07% نى، باشقا مىللەتلەر  1.28% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كۇسەن، قۇم، ئۇنسۇ، سەپىرباي، دۆلەتلىرىنىڭ يېرى بولغان، غەربىي رايون قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇم ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل ئەلاۋدىدىن بولغان خان چاغاتاينىڭ سۇيۇغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى (1759 - يىلى) ئاقسۇ خان ئامبىلى قويۇلغان. شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاقسۇ دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگو مەزگىلىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ  4 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون (بىرقەدەر داڭلىق چوققىلاردىن تەڭرىتاغنىڭ ئاساسلىق چوققىسى تۆمۈر چوققىسى بار، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 7435.29 مېتىر كېلىدۇ). ئوتتۇرا قىسمى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا، جەنۇبىي قىسمى قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە  تاغ يېرى 22.63% نى، تۈزلەڭلىك ۋە دېلتا  48.72%. قۇملۇق  28.65% نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئاقسۇ دەرياسى، ئۈگەن دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى  6 مىليارد  382 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى مىقدارى  7 مىليارد  885 مىليون كۇب مېتىر. ياۋا ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىى ياۋا تۆگە، موڭغۇل قۇلىنى، يىلپىز، ئاق تۇرنا، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى شىنجاڭ ئارچىسى، داغال قارىغاي، توغراق، چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، قارلەيلىسى ۋە چاكاندا قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۇز، ھاك تاش، گەج، فوسفور، مانگان، تۆمۈر، گرانت تاش، فلوگوپىت، مولىبدېن، ئاليۇمىن، ۋانادىي، ئۇران، ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىقلار بار.   ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىقلىمى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ.) يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  11.4℃ ~ 9.8℃ (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ  9.1℃ ~ 7.1℃). ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  2600 ~ 3000  سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4400℃ ~ 3300℃. قىروسىز مەزگىلى  190 ~ 250 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايونلارنىڭ  200 ~ 300 مىللىمېتىر. تۈرلەرنىڭ  40 ~ 70 مىللىمېتىر (باي ئويمانلىقى بىلەن ئۇچتۇرپان ئويمانلىقىنىڭ 90 مىللىمېتىر ئەتراپىدا).   ئاقسۇ دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ۋىلايەت. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  326 مىڭ  400  گېكتار (4 مىليون  896 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى  2 مىليون  221 مىڭ گېكتار (33 مىليون  332 مىڭ  500 مو)، ئورمان كۆلىمى  314 مىڭ گېكتار (4  مىليون 710 مىڭ مو). يەنە ئۆزلەشتۈرۈشكە بولىدىغان 1 مىليون  699 مىڭ گېكتار ( 25 مىليون  485  مىڭ مو) قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال پاختا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە شالنىڭ قەدىمدىن <تارتۇق گۈرۈچى> دېگەن نامى بار، ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك ىلىپ بېكىتلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چارۋىچىلىقىداقوي، كالا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئاساسلىقى توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائەت، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇككەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولىنىڭ  314 - لىنىيىسى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  217 - لىنىيىسى جەنۇبتا كۇچادا ئاخىرلىشىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تۇتاشقان ھەم كېسىشكەن قاتناش تورى شەكىللەندۈرۈلدى. ئاقسۇ، كۇچا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ تۇرىدۇ.  44000 پروگراممىلىق تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە كۆچمە تېلېفون ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.   ئاقسۇ قەدىمكى <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم ئۆتەيول بولۇپ، ۋىلايەت تەۋەسىدە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئورنىدىن  59 ى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر داڭلىقلىرىدىن قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا مىڭئۆيى، كۇسەن قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلار بار.

قۇمۇل ۋىلايىتى


قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى  137 مىڭ  600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا  1 شەھەر،  2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  446 مىڭ  300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  19.96% نى، خەنزۇلار  66.69% نى، باشقا مىللەتلەر  13.35% نى تەشكىل قىلىدۇ.   قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار قەدىمدە <كۇنمۇ> دەپ ئاتالغان. ئۇسۇن خان مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 16 - يىلى (73 - يىلى يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگوەن 4 - يىلى (630  - يىلى) غەربىي ئىۋىرغۇل ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. جېنگوەننىڭ 6 - يىلى (632 - يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتىلىپ، گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې  4 - يىلى  (1406 - يىلى) قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ  24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (4188 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ  2  - يىلى (1913 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، جېندى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  23 - يىلى (1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنغان.  1943 - يىلى قۇمۇل ۋالىي مەھكمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.  1970  - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   يەر تۈزۈلۈشى: شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇپ، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە چۆل - باياۋان. تاغ يېرى 70.5% نى، تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈك  29.5% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەتتە شۇنازۇر كۆلى، بارىكۆل، تۇزكۆل قاتارلىق تەبىئىي كۆل ۋ  140  تىن ئارتۇق دەريا، تاغ بۇلىقى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقداردىن  1 مىليارد  350 مىليون كۇب مېتىر.  ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قۇلان، ياۋا تۆگە، يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۈلەيسۈن، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى چاچ سەي، زاراڭزا، سوغىگۈل، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى، ماندارىن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، نېكىل، ئالتۇن، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار.   قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. بارىكۆل ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئاراتۈرۈك ئويمانلىقى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. قۇمۇل ئويمانلىقى بىلەن نوم كۆلى قاتارلىق چۆللەر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  9.9℃ ~ 0.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 43.6℃ ، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 ~ 3400 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  1700℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 102 ~ 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 ~ 10 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول. سەنتاڭخۇ كۆلى بىلەن نوم كۆلىدە يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى ئوتتۇرىچە 100 كۈندىن ئاشىدۇ.   بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى  46 مىڭ  400 گېكتار (696 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى  90 مىڭ  100 گېكتار (1 مىليون  351 مىڭ  500  مو)، ئوتلاق كۆلىمى  4 مىليون  193 مىڭ  600 گېكتار (62 مىليون  904 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىش باب كېلىدىغان  266 مىڭ  700 گېكتار (4 مىليون مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە، ئىشەكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالتۇن قېزىش، نىئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىقلار بار.   قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ۋىلايەتكە جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز لاۋيېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.   بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بەلسۇنغۇل جىلغىسىدىكى ئىپتىدائىي قىيا تاش ئويمىلىرى، قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرى، خۇەنسەيگۇ جىلغىسىدىكى خەن سۇلالىسى، خۇيۋاڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش، سارچوقا قاتارلىقلار بار.

تۇرپان ۋىلايىتى


تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىغا جايلاشقان. شەرقى تەرىپى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ۋە جۇنۇبىي تەرىپى بايىنغۇلىن مووڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 240 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى  69 مىڭ  700 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭىغا  1 شەھەر،  2 ناھىيە (يەنى تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، توخسۇن ناھىيىسى) قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە بىۋاسىتە قاراشلىق  221 - تۇەن - مەيدانى بار. تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق تۇرپان شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  180 كىلومېتىر كېلىدۇ.  1995  - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 524  مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  71.00% نى، خەنزۇلار  22.32% نى، باشقا مىللەتلەر  6.68% نى تەشكىل قىلىدۇ.   تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن ئالدى قانقىل قەبىلىسىنىڭ يېرى ئىدى. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ دەۋرىدىن جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگىچە بۇ يەردە ئىدىقۇت ۋىلايىتى ۋە ئىدىقۇت دۆلىتى قۇرۇلغان. تاڭ دەۋرىدە قۇجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. سوڭ، لياۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە بۇ يەر ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا تەۋە بولغان، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قۇجۇ دالالەت بېگى قويۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 12 - يىلى (1886 - يىلى) تۇرپان بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان ۋە دىخۇا مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ  2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۇرپان ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاراشەھەر دىخۇر مەمۇرىي رايونىغا قارىغان.  1958 - يىلى تۇرپان ۋىلايىتى قۇرۇلغان.   يەر تۈزۈلۈشى شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بۇ يەردە ھەم قاپساللىق كەتكەن ئويمانلىق، شىمالدا دېڭىز يۈزىدىن  800 مېتىر ئېگىز يالقۇن تاغ بار، جەنۇبىدا دېڭىز يۈزىدىن  154 مېتىر تۆۋەن ئايدىڭ كۆل بار. تاغ يېرى 14% نى، تۈزلەڭلىك  9% نى، چۆللۈك  77%  نى  ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق 9  دەرياسى بار. يەر ئۈستى بايلىقى 584 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى  1  مىليارد 111 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا تۆگە، يىلپىز، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك  300 نەچچە خىلى بولۇپ، بۇنىڭ  ئىچىدىكى دورا ئۆسۈملۈكى ئاساسلىقى چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، سۇغىگۈل،قار لەيلىسى قاتارلىقلار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ئالتۇن، مىس، قەلەي، قوغۇشۇن، كۆمۈر، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، لكالاىي سېلىتىرا، ناتردىيلىق سېلىتىرا، كۋارتس قۇم قاتارلىقلار بار.   تۇرپان ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق رايون ئىقلىمىغا كىرىدۇ، قەدىمدىن <ئوت يۇرت> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى  1.9℃ ~ 31.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن  120 كۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى  3000 ~ 3200 سائەت،  10℃  يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000 ~ 5000، قىروسىز مەزگىلى 260 ~ 290 كۈن. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى  9.6 ~ 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2700 ~ 3700 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول،  30  چاقىرىملىق شامال رايونىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 180.2 كۈن بوران چىقىدۇ.   بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 42 مىڭ  600 گېكتار (639 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر،  70 مىڭ گېكتار (1 مىليون 50 مىڭ مو) ئورمان، 782  مىڭ  500 گېكتار (11 مىليون  737  مىڭ 500 مو) يايلاق بار. يەنە  100 مىڭ گېكتار (1  مىليون  500 مىڭ مو) دېھقانچىلىقتا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى كېۋەز، ئۈزۈم، بۇغداي، قوناق، كۆكتات قاتارلىقلار بار. بۇلار ئىچىدە ئۈزۈم، قوغۇن، كېۋەز مەھسۇلاتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بۇ جاينى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋەئكېسپورت بازىسى قاتارىغا كىرگۈزدى. چارۋىچىلىقتا دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىسىدىن ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاساسلىقى تۇز - خىمىيە سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا توقۇمچىلىقى، قېزىلما بايلىقلىرىنى قېزىش قاتارلىقلار بار.   تۇرپان ۋىلايىتىنىىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى بىر قەدەر ياخشى. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ. دۆلەت تاشيولىنىڭ  312 -، 314 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ، تۇرپان - ئۈرۈمچى - داخۇاڭشەن ئالىي دەرىجىلىك تاشيولى بار. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق كابىلى بۇ ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 17 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان.   تۇرپان قەدىمكى زاماندا <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. ئاساسلىقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى (يەنى ئىمىن مۇنارى) قاتارلىقلار؛ ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن كارىز سەيلىگاھى، يالقۇن تاغ، ئايدىڭكۆل، بۇيلۇق قاتارلىقلار بار.

ئالتاي ۋىلايىتى


ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسىمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق، غەرب، شىمال تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستان، روسىيە، موڭغۇلىيە بىەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1109 كىلومېتىر). جەنۇب تەرىپى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي تەرىپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 420 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 467 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 116 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ئالتاي ۋىلايىتىگە 1 شەھەر، 6 ناھىيە (يەنى ئالتاي شەھىرى، بۇرجىن ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، كۆكتوقاي ناھىيىسى، قابا ناھىيىسى، چېڭگىل ناھىيىسى، جىمىنەي ناھىيىسى) قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ 9 تۇەن - مەيدانى بار. مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي، ئالتاي شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 675 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 542 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 51.0%  نى، ئۇيغۇرلار 1.87% نى، خەنزۇلار  41.74% نى، باشقا مىللەتلەر  5.39% نى تەشكىل قىلىدۇ.   ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاراشلىق جايلار شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شىمالىي ھونلار قويان خانلىقىنىڭ سۇيۇرغانلىق يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتۇنتاغ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. غەربىي لىياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي قىسىم بازا مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ ئۈستۈن ئاستانە دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوگداي خابا ۋەئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان ۋە بېشبالىق ۋاقىتلىق دىۋان ۋازارىتىگە قارىغان. كېيىن لىڭبېي ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئالتاي ئورانغاي مۇئاۋىن باش بۇغې، باش بۇغى قاتارلىق ئەمەلدارلار قويۇلغان. قۇمدۇ مەسلىھەتچى ئامبالغا قاراپ، ئۇلاستاي چېگرىنى تىنچلاندۇرغۇچى سول قانات مۇئاۋىن سانغۇنىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈ 32 - يىلى (1906 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلى قويۇلۇپ، بىۋاسىتە چىڭ ئوردىسى ۋالىيلار مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئالاھىدە رايون قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارىغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) شىنجاڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاشەن دوتەي مەھكمىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 22 - يىلى (1933 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمسى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 35 - يىلى (1946 - يىلى) ئاشەن مەمۇرىي رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇدا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرلغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسى، ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، شەرقىي شىمال تەرىپى ئېگىز، غەربىي جەنۇب تەرىپى پەس. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 93% نى، قۇملۇق 7% نى، تۈزلەڭلىك 45% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئىككى چوڭ كۆل (داڭلىق ئۇلۇڭگۈر كۆلى، كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 745 كۋادرات كىلومېتىر ۋە 45 كۋادرات كىلومېتىر) بار. چوڭ سۇ سىستېمىسى (ئېرتىش دەرياسى، ئۇلۇڭگۈر دەرياسى) بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 760 مىليون  كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر يىلپىز،قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، بۇغا، قانداغاي، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكتىن چۈچۈكبۇيا، پەربۇت، چاكاندا، توشقان زەردىكى، قۇرۇتئوت قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلىرىدىن 42 خىلى بايقالدى، ئۇ ئېلىمىزدىكى گرانىت بېگماتىن تىپىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، رەڭلىك مېتال، قىممەت باھالىق مېتال ۋە ياقۇت، قاش تېشى چىقىدىغا مۇھىم رايون.   ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، تاغلىق رايونلار تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ، ئىككىنچى دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ ئىقلىمى، سوغۇق بەلۋاغ ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۆتىدىل، نەملىك ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلار مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.3℃ ~ 0.2℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 51.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى  3150 ~ 2800 سائەت، قىروسىز مەزگىل 150 ~ 70 كۈن. ۋادىسى ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوندا  600 ~ 200 مىللىمېتىر، دەريا ۋادىسى ۋە ئويمانلىقتا  170 ~ 120 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى  2300 ~ 1500 مىللىمېتىر.   ئالتاي چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ۋىلايەت. ھازىر 118 مىڭ گېكتار (1 مىليون 770 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 1 مىليون 66 مىڭ 700 گېكتار (16 مىليون مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغا قاقاس يەر، 577 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 660 مىڭ مو) ئورمانلىق، 064 مىڭ گېكتار (9 مىليون 600 مىڭ مو) ئورمان بىنا قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 10 مىليون 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار.ل چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم گۆش ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئالتاينىڭ چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي ئاساسلىق چارۋا ھېسابلىنىدۇ. بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىمۇ ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. شۇڭا ۋىلايەت يەنە ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم سۇ مەھسۇلالتىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق، ھەرخىل پۇرچاق، قىزىلچا بار. سانائىتىدىن كانچىلىق، خرومچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسى مۇئەسسەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 216 - لىيىسى ئالتايدىن باشلىنىدۇ، ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. ئالتاي ئايرودورمىدىن قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىگە قاتناپ تۇرىدۇ. ۋىلايەت، ناھىيىلەردە پروگراممىلىق تېلېفون يولغا قويۇلدى، ئوپتىكىلىق، سانلىق مىكرولۇق،كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق زامانىۋى خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىلدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ تايكەشكېن، قىزىلتاغ ئېغىزى دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى موڭغۇلىيىگە، جىمىنەي، ئاختۆبېك دېگەن ئىككى چېگرا ئېغىزى قازاقسىتانغا ئېچىۋېتىلدى.   ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قىياتاش رەسىملىرى كارىدورى، شەمىرشەك قەبرىستانلىقى، يايلاق تاش ھەيكىلى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قاناس كۆلى مەزىرىسى مۇھاپىزەت رايونى، تاڭبالى كۆلى، بۇرۇلتوقاي ئارشاڭ تېغى ئارشىڭى قاتارلىقلار بار.

تارغاتاي ۋىلايىتى


  تارغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي، شەرقىي شىمالى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى، غەربىي جەنۇبى ئايرىم - ئايرىم  ھالدا بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى، غەربىي شىمالى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسى 784 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 300 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 437 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 93 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 شەھەر، 5 ناھىيە (يەنى چۆچەك شەھىرى، دۇربىلجىن ناھىيىسى، شىخۇ شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى، 9 - شىسى مەمۇرىيىتى ۋە 7 - شىسى، 8 - شىسى، 9 - شىسى، 10 - شىسىنىڭ 30 - تۇەن مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - چۆچەك شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 637 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 203 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 17.75% نى، ئۇيغۇرلار 3.34% نى، خەنزۇلار 69.91% نى، باشقا مىللەتلەر 9.0% نى تەشكىل قىلىدۇ.   تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان، سۇلالىسى دەۋرىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرغۇتلار، جۇڭغارلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ چيەنلوڭ 29 - يىلى (1764 - يىلى) بۇ يەردە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14 - يىلى (1888 - يىلى) تارباغاتاي تەمىنات يانداش ئايماق بېگى قىسقارتىلىپ، تاربااتاي ياردەمچى ئەمىنىيە بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 5 - يىلى (6191 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭغا چۆچەك، شىخۇ، ساۋەن 3 ناھىيە قارىغان. مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) تارباغاتاي دوتەيلىكى تارباغاتاي مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن، مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. 1971 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.   تارباغاتاينىڭ يەر تۈزۈلۈش جەنۇب، شىمالى ئېگىز، شەرقى، ئوتتۇرىسى پەس، شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق رايون (مۇزلۇق ككلىمى 106.9  كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ)، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسمى جۇڭغار ئويمانلىقىغا تەۋە. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى تەخمىنەن 40% نى، تۈزلەڭلىك ۋە فۇملۇق تەخمىنەن 40% نى، ئويمانلىق، ئېدىرلىق 20% نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەرياسىدىن  107 سى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى  6  مىليارد 100  مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليارد  10 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئالتاي ئاق توشقىنى، سېرىق بۈركۈن، دۇغداق، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا بادام، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، سوغىگۈل، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى تۆمۈر، كۆمۈر، خروم، نېفىت، ئالتۇن، تۇز، بېنتونىت، ھاكتاش قاتارلىقلار بار.   تارباغاتاي ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. تارباغاتاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.3℃ ~ 2.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 42.6℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى  185 ~ 130 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوننىڭ  500 ~ 300 مىللىمېتىر، ئويمانلىقنىڭ  280 ~ 150  مىللىمېتىر؛ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 ~ 1600  مىللىمېتىر.   بۇ ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر 217 مىڭ 100 گېكتار (4 مىليون 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 780 مىڭ گېكتار (11 مىليون 700 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 5 مىليون 720  مىڭ 700 گېكتار (85 مىڭ 810 مىڭ 500 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (001 مىليون مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 1 مىليون 526 مىڭ گېكتار (22 مىليون 830 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشق اباب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، قىچا، ھەرخىل پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چىۋە، كككتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى، دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئاتنى  ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باشباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى ۋە تولى تىۋىتلىق ئۆچكىسى بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تۇز - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.   تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ۋىلايەتنىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتكەن لەنجۇ - شىجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلۈكى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى بىلەن ئۆلكە تاشيولىنىڭ 122 - لىنىيىسى ۋە ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى بىر قەدەر قولايلىق قاتناش تورى شەكىللەندۈرگەن. چۆچەك ئايرودورومىغا ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ، بۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قەرەللىك ئۇچۇپ تۇرىدۇ. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى تارباغاتايدىن ئۆتىدۇ. شىمالىي  شىنجاڭ ئوپتىكا كابىلىنىڭ چۆچەك - ماراماي بۆلىكى ئىشلىتىشكە باشلىدى. سىفىرلىق مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش، كۆچمە ئالاقىلىشىش ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يەر شارى پونكىتى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە باشلىدى، 5 ناھىيە، 2 شەھەردە 54 مىڭ تېلېفون پۈتۈنلەي پروگراممىلاشتۇرۇلدى ھەمدە تارباغاتايدىن قازاقىستاننىڭ شەمەي ئوبلاستى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا نۇقتىلار ئارا ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلدى.   ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شارسۇلاما بۇتخانىسى، داغۇرلارنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش خاتىرە مۇنارى، مانې خانلىقىنىڭ قەدىمى تۇرالغۇسى، قاناك مەسچىتى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىسى، ئۇسۇنلار قەدىمكى قەبرىستانلىق خارابىسى قاتارلىقلار بار، ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جالىرىدىن كويغولىن ئورمىنى، جيۈليەن بۇلىقى، قارىغاي جىلغىسى، بۇغا مۈڭگۈزى داۋىنى قاتارلىقلار بار.


ئىلى ۋىلايىتى


      ئىلى ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەربىيى قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقىي جەنۇبىي قىسمى ۋىلايىتى، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالىي قىسمى بورتالا موڭغۇل ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قىسمى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 432 كىلومېتىر). شەرقىدن غەربىگىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 350 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان كەڭلىكى 180 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 56 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر، ۋىلايەتكە بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى) قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شىسىنىڭ شتابى ۋە 19 يېزا ئىگىلىك - دېھقانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 700 كىلومېتىر، 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون 965 مىڭ 800 بولۇپ، ئۇيغۇرلار% 26.8 نى، خەنزۇلار% 32.8 نى، قازاقلار% 23.1 ىنى، باشقا مىللەتلەر% 17.28 تەشكىل قىلىدۇ.   ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار غەربىي ۋە شەرقىي خەن دەۋرلىرىدىن قىن دەۋرىگىچە ئۇيسۇن ۋە ھونلارنىڭ يېرى ئىدى. سۈي ۋە تاڭ دەۋرلىرىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بېشبالىق قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيراق موڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. مىڭ دەۋرىدە ئۇيرات مۇڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ 25 - يىلى (1760 - يىلى) ئىلىدا مەسلىھەت ۋەزىرى ۋە ئىش بېجىرىش ۋەزىرى تۇرۇغۇزۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 27 - يىلى (1762 - يىلى) ئىلى جياڭجۈنى تەيىنلەنگەن. ئۇ، كۈرەقەلئەسىدە تۇرغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 14 - يىلى (1888 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان، ئىلى مەھكىمىسى قۇرۇلغان.  مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەيلىكى ئايرىلىپ، ئىلى دوتەيلىكى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 01 - يىلى (1921 - يىلى) 2 - مەمۇرىي رايونغا ئۆزگەرتىلگەن. مىنگونىڭ 27 - يىلى (9381 - يىلى) ئىلى ۋىلايىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 5195 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەسلىدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ناھىيە - شەھەرلەر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولغان. 1975 - يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئورگىنى كۈيتۈن شەھىرىگە يۆتكىلىپ ئىلى ۋىلايىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1979 - يىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئورگىنى شەھىرىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەم ئىلى ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1984 - يىلى ئىلى ۋىلايىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا شەرقىي ئېگىز ھەم تار، غەربىي پەس ھەم كەڭ بولۇپ، تاغلىق جايلار% 68.54 نى، ئېدىرلىق 10.31% نى، تۈزلەڭلىك% 21.15 نى ئىگىلەيدۇ. ئاساسلىق دەريا - ئېقىنلاردىن ئىلى دەرياسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى قاتارلىقلار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 14 مىليارد 550 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 4 مىليارد  945 مىليون كۇب مېتىر، يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، تۆت پۇتلۇق قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، قىزىل تۈلكە، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، چۈچۈك بۇيا، ھىڭ، قار لەيلىسى، چوغلۇق، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىرىدىن كۆمۈر، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، ھاك تېشى، خرۇستال قاتارلىقلار بار.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىقلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا، مۆتىدىل سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا، سوغۇق بەلۋاغنىڭ نەم كىلىمات ئىقلىمىغا ۋە مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ مۆتىدىل قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 2.9 ~℃ 9.1، ئەڭ يۇقىرى تېمېپىراتۇرا℃ 40.2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى  130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 303 مىڭ 200 مو) تېرىلغۇ يەر، 407 مىڭ 300 گېكتار (6 مىليون 110 مىڭ مو) ئورمانلىق، 3 مىليون 419 مىڭ 300 گېكتار (51 مىليون 290 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 4 مىليون 900 مىڭ گېكتار (73 مىليون 500 مىڭ مو) بوز يەر بار. ئاساسىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 231 -، 218 - لىنىيىلىرى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. غۇلجا شەھىرىدە يەنە قەرەللىك ھالدا بىۋاسىتە ئالمائاتاغا بارىدىغان خەلقئارالىق  يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بار. غۇلجا ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى ئايروپىلان قونالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلىنىڭ ئۈرۈمچى - ئىلى بۆلىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، شەھەر، ناھىيىلەردىكى تېلېاونلار پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىلىق تېلېفون 67 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. بۇ ۋىلايەتتىكى قورغاس، دۆلەت، مۇزارتتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك ر - دەرىجىلىك پورت ە غۇلجا يولوچىلار قاتناش بېكىتىدىن ئىبارەت 2 - دەرىجىلىك پورت ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئۇسۇن توپا قەبرىستانلىقى، ئالمىلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى. تۇغلۇق تۆمۈر خان مازىرى، سۇلتان ئۇۋەيسىخان مازىرى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار بار، كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى، تاڭبالو ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.℃ 40.2    ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا -℃ 43.2. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2700 ~ 3000 سائەت، قىروسىز مەزگىلى  130 ~ 180 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى، دەريا ساھىلىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ 200 ~ 300 مىللىمېتىر؛ دەريا ساھىللىرنىڭ تاغقا يېقىن جايلىرى، ئوتتۇرا تاغلىق رايونلار ۋە ئوچۇق ئويمانلىقلارنىڭ 350 ~ 800 مىلىمېتىر؛ سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1260 ~ 0190 مىللىمېتىر.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر 286 مىڭ 900 گېكتار (4 مىليون 303 مىڭ 200 مو) تېرىلغۇ يەر، 407 مىڭ 300 گېكتار (6 مىليون 110 مىڭ مو) ئورمانلىق، 3 مىليون 419 مىڭ 300 گېكتار (51 مىليون 290 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 4 مىليون 900 مىڭ گېكتار (73 مىليون 500 مىڭ مو) بوز يەر بار. ئاساسىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، مايلىقدان، قىزىلچا، زىغىر، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. زىغىر، تاماكا، ئالما قاتارلىقلار ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوي، كالا، ئات قاتارلىق چارۋىلار بېقىلىدۇ. بۇلاردىن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى بىر قەدەر داڭلىق. يۇڭ توقۇمچىلىق، خۇرۇمچىلىق، كەندىر توقۇمىچىلىق، ھاراق ئېچىتىش، كۆمۈركان، ئېلېكتر ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، شېكەر ئىشلەش، ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت تۈرلىرى بار.   ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت يولىنىڭ 231 -، 218 - لىنىيىلىرى ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە، يېزىلاردىكى يوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. غۇلجا شەھىرىدە يەنە قەرەللىك ھالدا بىۋاسىتە ئالمائاتاغا بارىدىغان خەلقئارالىق  يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بار. غۇلجا ئايرودرومىغا ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى ئايروپىلان قونالايدۇ، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بار. ئاسىيا، ياۋروپا نۇر كابىلىنىڭ ئۈرۈمچى - ئىلى بۆلىكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، شەھەر، ناھىيىلەردىكى تېلېاونلار پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، پروگراممىلىق تېلېفون 67 مىڭ توچكىغا يېتىدۇ، سىمسىز چاقىرغۇ، كۆچمە تېلېفون قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قويۇلغان. بۇ ۋىلايەتتىكى قورغاس، دۆلەت، مۇزارتتىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتلىك ر - دەرىجىلىك پورت ە غۇلجا يولوچىلار قاتناش بېكىتىدىن ئىبارەت 2 - دەرىجىلىك پورت ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى بولۇپ قالدى. بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن ئۇسۇن توپا قەبرىستانلىقى، ئالمىلىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، گېدىڭ تېغى ئابىدىسى، خۇييۈەنجۇڭ دۇمباق مۇنارى. تۇغلۇق تۆمۈر خان مازىرى، سۇلتان ئۇۋەيسىخان مازىرى، ئالتۇن چوققا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىقلار بار، كىچىك يوپۇرماقلىق ئاق موم قوغداش رايونى، تاڭبالو ئارشىڭى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلار بار.

مەنبە-بىلقۇت تورى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
menggutax + 20
ZULPEHAR + 20 بەك ياخشى تىما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 40   باھا خاتىرىسى

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئۆز تەقدىرىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13754
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9759
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 404 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت  قىرىندىشىم  نۇرغۇن  جايلارنىڭ  جۇغراپىيىسى  
بىلەن  تۇنۇشىۋالدىم   سىزگە كۆپ  رەخمەت [s:79]

ئادەمنىڭ مەيلىگە باقمايدۇ جاھان، ھەر بىر كۈن ئالىدۇ سەندىن ئىمتاھان. يىتىسەن مەنزىلگە يىراق بولسىمۇ ، ھاياتتا  تاللىساڭ توغرا بىر نىشان. غەيرەت قىل،ئۆمۈر مەنزىلى، باشقىلار قىلغان ئىشلارنى سەن چوقۇم قىلالايسەن.

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:43:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇمۇل توغۇرىسىدا قۇمۇل مۇقامى ، نەزمىلىرى ، بېيتىلىرى ، قوشاقلىرى ، 12تاغ ھەققىدە چۇشەنچە قۇمۇلدىكى توي - تۆكۇن ئۆلۇم يېتىم قائىدىلىرى ، ھەر خىل مەشرەپ . قۇمۇلدىكى مازارلىق قۇمۇل تارىخى ، قۇمۇل يەرلىك شىۋىلىرى . كەشتچىلىك . ھەر خىل ساياھەت ئورۇنلىرى .دىخانچىلىق چارۋىچىلىق ، كان مەھسۇلاتلىرى ......
بىر پۇتۇن يوغان تېما چىققۇدەك ! [s:86] بىرەر كۇن مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ بىر تېما قىلىپ يوللايچۇ راس ! [s:69]

يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

سۇلغانگۈل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 262
يازما سانى: 2517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14741
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 4096 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-27 11:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىلا خۇتەن ۋىلايىتىنى تۇنۇشتۇرۇپسىز . رەھمەت سىزگە .
يۇرتۇم بىلەن تۇنۇشىۋالدىم .....

ئىشەنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە . بىلىپ سۆيگىن . كىيىن ئېچىنما .

خىياللىرىم-ماڭا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9165
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8539
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 320 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 01:10:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت يۇرتۇمنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا

ئوغوللار قەسەم قىلمايدۇ-ئوغوللارنىڭ ھەربىر سوزى قەسەمدۇر

جان پولات

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15444
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8014
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2010-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 01:24:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم قولىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن

بىلىم-كۈچ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7521
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10934
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 4544 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 01:33:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا دىيارىمىزنى تېخىمۇ ياخشى بىلىۋالدۇق.تەشەككۈر!

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 966
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12801
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 876 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 02:50:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ھەربىر ناھىيەنى بىرمۇ بىر تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇشقا تىگىشلىك

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

ياردەم مەزمۇنى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 622
يازما سانى: 3154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18460
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 10678 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:29:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە  بىلىۋالدىم  [s:79]

ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-م

ئۈمىتسىزلىك بار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6387
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9227
تۆھپە نۇمۇرى: 378
توردا: 2601 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2012-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 03:40:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئاتۇش ۋىلايىتىنىڭ يوقما ؟ [s:102]  [s:102]  [s:102]

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش