ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى.
يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان مۇنبىرىمىز ئۈزلۈكسىز خىزمەت قىلىپ ، مۇنبەر مۇھىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى سىلەرگە ئايان. ئالدىنقى كۈنى بارلىق مېداللارنى يىغىۋېلىپ ، مېداللارنىڭ تۈرى، شەكلى ، ئىسمى ۋە خاراكتىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ، مېداللارنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيتىنى ئاشۇرماقچى بولغان ئىدۇق . نۆۋەتتە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق سەھىپىلەرگە ماس ھالدا بىر قاتار مېداللار ئىسىملىكى تۈزۈپ چىقىلدى . بىراق كۆپچىلىك تورداشلار بۇ تۈرلەرنىڭ سەل كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ، مېداللار تۈرىنى ئازلىتىش ياكى بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش پىكىرىنى بەرگەچكە ، مەزكۇر تېمىدا راي سىناش ئارقىلىق ، تورداشلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق. بۇ مۇنبىرىمىزدىكى تۇنجى قېتىملىق مېدال ئۆزگەرتىش ئىشى بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر . كۆپ سانلىق تورداشلارنىڭ رايى بويىچە مېداللار تۈرى بېكىتىلگەندىكىن ، ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە مېداللار تۈرى ۋە تۈزىمى ئۆزگەرمەيدۇ. تۆۋەندە ، پىلانىمىزدىكى مېداللار تۈرى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈپ بېرىلدى.
مېدال ئىسمى - مېدال بېرىلىدىغان ئەزا
مىسرانىم مۇخبىرى - خەۋەر ئۇچۇرلار سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
ئالاھىدە تەرجىمان - ئۆزى ئەھمىيەتلىك نەرسىلەرنى كۆپ تەرجىمە قىلغان ئەزالارغا بېرىلىدۇ.
ماھىر قەلەمكەش - ھېكايە رومان ، نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
شېئىريەت پەرۋانىسى - شېئىريەت گۈلزارى .
كۈلكە ئەلچىسى - ھەقىقى قىزىقارلىق ، سەۋىيەلىك يۇمۇر لەتىپىلەرنى كۆپ يوللىغۇچى.
روھىيەت قازغۇچى - پىسخىكا سوئاللىرىنىڭ ئەمەس ، پىسخىكا بىلىمىگە ئائىت نادىر تېمىلار ئېگىسى.
تەپەككۇر قازغۇچى - ئەھمىيەتلىك مۇنازىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، مۇنازىرىنى ياخشى يېتەكلەپ ماڭغۇچىلار
قابىل تەدبىركار - ياردەم كېرەكلەرگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان ۋە قىلالىغانلار .
مىسرانىم مەلىكىسى - خانىم قىزلار سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
ئىناقلىق ئەلچىسى - تۇرمۇش-ئائىلە، دوستلۇق-مۇھەببەت سەھىپىلىرىنىڭ سەركىسى.
مىسرانىم كۈيچىسى - ئاۋازلىق ئەسەرلەر،رادىئو ساداسى،ناخشا-مۇزىكا سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
رەسىم ئۇستىسى - ئاز ئۇچرايدىغان نادىر رەسىم ۋە لايىھەلەرنى كۆپ يوللىغۇچى .
تارىخ قازغۇچى - تارىخ،دۇنيا،مەدەنىيەت سەھىپىلىرىنىڭ سەركىسى
قابىل مۇئەللىم - پەن ۋە مائارىپ سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
مىسرانىم ئادۋوكاتى - قانۇن ۋە پۇقرا سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
ساغلاملىق ئەلچىسى - ساغلاملىق ۋە رېتسىپلار سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
تائام ئۇستىسى - تائاملار سەھىپىسىنىڭ سەركىسى.
كومپيۇتېر ئۇستىسى - كومپيۇتېر،يۇمشاق دېتال،توربىلىملىرى سەھىپىسنىڭ سەركىسى.
====================================================
يۇقارقى مېداللار بولسا ھەر قايسى سەھىپىلەردىكى ئارتۇقچىلىقى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ، تېمىلىرى قايىل قىلارلىق ، ئىجادچانلىققا ئىگە ۋە بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەن ئەزالارغىلا بېرىلىدۇ . تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى .
====================================================
مۇنازىرە يېتەكچىسى - نادىر ئىنكاسچى،قايىل قىلىش كۈچى بار ئىلمىي ئىنكاسلارنى يازغۇچى.
ئاناتىل قوغدىغۇچىسى- ئىملاسى توغرا ، گىرامماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق خاتالىقى يوق ئەزالار.
مىسرانىم شاھزادىسى - چوڭ سۈپەت، ئېغىر بېسىق ،مېغىزلىق گەپ قىلىدىغان شاھزادەسۈپەت ئەزالار.
مىسرانىم مەستانىسى - توردىكى ۋاقتى كۆپ ، دەرىجىسى يۇقىرى ئەزالار.
مىسرانىم تۆھپىكارى - ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى كۆپ يوللىغان ئەزالار.
ئوقۇمۇشلۇق ئەزا - نادىر ئىجادى تېمىسى 15تىن ئاشقانلار ئىچىدە نادىر تېمىسى ئەڭ كۆپ ئەزا .
ئۆمۈرلۈك شەرەپ - مەلۇم خاس تېمىنى،خىزمەتنى ، پائالىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئۇتۇق قازانغانلار .
====================================================
يۇقارقى مېداللار بولسا ئەزالارنى كۆزىتىش ۋە بايقاش جەريانىدا بېرىلىدۇ . بەلگىلىك ۋاقىتتا خۇلاسە قىلىنىدۇ.
====================================================
مېداللار تۈرىنىڭ كۆپلىگى ھەققىدىكى تولۇقلىما؛
بۇ مېدالنىڭ تۈرى كۆپ بولغىنى بىلەن قالايمىقان تارقىتىلمايدۇ .تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن سەھىپىلەردە تېخى مېدال ئېلىشقا شەرتى توشىدىغان ئەزا يوق . مەسىلەن ، شېئىريەت سەھىپىسىدە نەچچە يۈز نەپەر شېئىر يوللىغۇچى ئەزالار بار . بۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئۈچ نەپەر ئاپتور مېدال بېرىش ئۆلچىمىگە توشتى . شېئىريەت سەھىپىسىنىڭ تاللاش ئۆلچىمى مەتبۇئات ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولسا بولدىكى ھەرگىز تۆۋەن بولمىدى .باشقا سەھىپىلەردە مېدالنى ئۇنچە كۆپ ئېلىش ئەلۋەتتە ئاسان بولمايدۇ، مەقسەد مۇنبەردىكى ھەرقايسى سەھىپىلەرگە يوللىنىدىغان تېمىلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، ۋە ھەر سەھىپىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكى بار ئەزالارنى بايقاپ چىقىش ۋە يېتىشتۈرۈش .
مېدال تارقىتىلىدىغان ئەزالار تېما يوللىغان سانىغا ئەمەس ، تېمىسىنىڭ سەۋىيەسىگە يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ تارقىتىلغاچقا، مېدال يەنىلا پاخاللىشىپ كەتمەيدۇ . بەزى مېداللارغا مۇۋاپىق ئەزا چىقمىسا ، تاكى شۇ مېدالغا لايىق ئەزا چىققۇچە شۇ تۈردىكى مېدال ھېچكىمگە تارقىتىلماي تۇرىدۇ. مېدال تۈرىنىڭ كۆپلىگى پەقەت مۇنبەردىكى ماس سەھىپىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى . بۇ پەقەت مۇنبەردىكى بەزى سەھىپىلەرنىڭ چۆلدەرەپ قالماي ، بارلىق سەھىپىلىرىدە مۇنازىرە قىزغىنلىقى بولۇشى ئۈچۈن .
مېدال رەسىملىرىنى بۇرۇنقىدىن كۆركەم قىلىپ لاھىيلىنىۋاتىدۇ
ئاخىرقى قارارنى يەنىلا كەڭ تورداشلار بەلگىلىسۇن ، قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى كۈتىمىز .
يەنە قوشىدىغان ياكى ئازلىتىدىغان مېداللار بولسا ئىنكاس سۈپىتىدە يازغايسىلەر
مىسرانىم تور بېكىتى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار كوللىكتىپى
2010 - يىلى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى