مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2268|ئىنكاس: 35

دۇنيادا ھەممىدىن.........بولماق تەس (چاقچاق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىر مىللەتتە ساپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3333
يازما سانى: 1137
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 19860
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 5347 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 10:37:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادا ھەممىدىن.........بولماق تەس




     مەرھۇم شائىرىمىز روزى سايىتنىڭ <دېققان بولماق تەس> دېگەن شېئىرى ئاجايىپ ئېسىل شېئىر ئىدى. بىز ئۇ شېئىردىن زور تەربىيىۋى زوق ئالغان ئىدۇق.
     ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ داڭلىق كۈلدۇرگە ئارتىسلىرىمىز يەنە <........بولماق تاس> دېگەن شېئىرى چاقچاق بىلەن بىزگە چوڭقۇر كۈلكە ئاتا قىلدى.

      قېنى دوستلار، بىزمۇ ئۆزىمىزگە تەس كېلۋاتقان ئىشلار توغۇرلۇق شېئىرى چاقچاق قىلىشىپ دەردىمىزنى تۆككەچ، مۇنبەردىكىلەرگە كۈلكە ئاتا قىلايلى ھەم مۇنبەرنى يەنە بىر جانلاندۇرايلى.


    

داڭلىق كۈلدۇرگە ئارتىسلىرىمىز يەنە <........بولماق تاس> دېگەن شېئىرى




پالتىدا ظۇرغاندا سۇنمىساث تېخى،
ظوچاق تۈۋىدة قونمىساث تېخى،
ظىگىسىنىڭ ظةجىرىنى سأيمىسةث تېخى،
ظوچاقتا پاراسلاپ كأيمىسةث تېخى،
دۇنيادا هةممىدىن ظوتۇن بولماق تةس.


ظوخشىتىپ تامىقىڭنى ظةتمىسةم تېخى،
باللىرىڭنىڭ دةردىگة يةتمىسةم تېخى،
مةس بوپ كةلسةث چوث ظأيگة كةتمىسةم تېخى،
دۇنيادا هةممىدىن خوتۇن بولماق.




مېنىڭمۇ دەردىم لىققىدە جۇمۇ.....

<دۇنيادا ھەممىدىن.........بولماق تەس>



بةش دصسة يةتتىدة كةلمىسة تېخى،
يصثى كىيىم كىيىپ كةلمىسة تېخى،
سۈزۈلۈپ تةبةسسۇم قىلمىسا تېخى،
تاماقنى زورلىسا يصمىسة تېخى،
ساظةتلةپ قۇرۇق گةپ ساتمىسا تېخى،
دۇنيادا هةممىدىن مېهمان بولماق تةس.




قېنى سىزمۇ ھەمدەم بولىڭە دوستۇم.

بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمىد بار.

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 10:51:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



دىدار بولماق تەس

رۇزىكام ئېيتقانتى "دېھقان بولماق تەس" ،
بىرلىرى ئېيتىشار "خوتۇن بولماق تەس".
ئەركەكلەر قاخشايدۇ ، ئەركەك بولماق تەس ،
قويۇڭلار ئۇ گەپنى ئەمدى بولدى بەس !
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس ...

شېئىر يازسا دوستلارغا ياقمىسا تېخى ،
"تاز" بولسىمۇ شېئىرىغا قاتمىسا تېخى .
بەش بالىسى نان دەيدۇ ، باقمىسا تېخى ،
كىگىز ، پالاز، گىلەمنى قاخمىسا تېخى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

دۇمبالايدۇ ھە دىسە ، ئۆيىدىكى چال ،
جاۋاپلاشسا، -تەڭ تۇردۇڭ چىق !خېتىڭنى ئال !
ساقچىلارمۇ ئارلىشىپ بولالمايدۇ دال ،
شۇڭا رەڭگى زەپىران ، جۇدۇن تەككەن تال .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

قوشتىن چىقسا ھىلىلا سۆرەمگە قاتار ،
ئاش پىشمىسا ۋاختىدا ساپلىقنى ئاتار .
كۈتكەچ خوش ! دەپ ئېرىنى يانپاشلاپ ياتار ،
كىيىم دىسە ھۈرپىيەر، چىقمايدۇ ماتار .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

باللارنىڭ جېدىلى ، بۇزۇپ چېچىشى ،
بىرىنى ساقايتسا بىرنىڭ يېتىشى .
نەدە بار دىدارنىڭ خۇشال ئۆتىشى ،
دەرتلىرى ئاز كېلىپ چالنىڭ تىركىشى ،
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئۆي ئىشىدىن ئېشىنسا تالانىڭ ئىشى ،
ئارام نەدە دىدارغا يازۇ ھەم قىشى .
"ئەركەك" بولماي تويدىغۇ ، بولغانغا چىشى ،
دەرتكە تولدى شۇ سەۋەپ ئىچى ھەم تېشى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئەزەلدىن بىلمەيدۇ مەشرەپ توي -تۆكۈن ،
قولىنى كۆسەي قىپ چىقىرار تۈتۈن .
كويلىدىن ساق پېتى چىقارمىش پۈتۈن ،
ئاغرىسا يېتىۋال دىمەيدۇ كۈتۈن .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

قالسىمۇ ھېرىقىپ ، ئىنجىقلاپ بەزەن ،
چۆكۈرۈپ بېشىنى ئىشلەيدۇ بەلەن .
چىقىپلا قالسا گەر ئىشىدىن ئېۋەن ،
"شاگاڭ"نىڭ ئورنىغا تەييارمىش لېۋەن .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

كۆرۈپ باققان يوق تېخى مائاش "كا" رىنى ،
غەزىنىگە تۆك دەيدۇ يانچۇقىڭدا بارىنى .
قۇرۇق دىسە يانچۇقۇم كۆتىرىدۇ ئارىنى ،
چىگىپ بولدى قانچىلاپ ، نازۇك كۆڭۈل تارىنى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئۇ خۇددى قىشلاقتا دۈگدەيگەن قوزا ،
نان نەدە قوساققا ، تۇتىدۇ رۇزا .
ئېتىزدىن كېلەلمەي تېرىيدۇ غوزا ،
تاغىرى توشمىسا كىيىدۇ موزا .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

سەھەردە سىيىرنى ساغار چىلەكلەپ ،
بازاردا سۈت ، تۇخۇم ساتار سىۋەتلەپ .
قېتىقنى توشۇيدۇ قەۋەت -قەۋەتلەپ ،
پايدىسى شۇ ئاڭا كالا تىزەكلەپ ...
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

بار ئۇنىڭ "جېفاڭجۈن" بەرگەن جۇۋىسى ،
سوغۇقنى ياپىدۇ ئۆتۈك قونجىسى .
يۆگىسە پايتىما كەتمەس مانجىسى ،
ياق دىسە ئەگىيدۇ چالنىڭ قامچىسى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

نان يېقىپ تونۇردا قوللىرى كۆسەي ،
يوق ئۇنىڭ خىيالى دەرىجە ئۆسەي .
گۆش نەدە قىيمىغا توغرايدۇ جۇسەي ،
چىدايدۇ ھەممىگە يىسىمۇ سۇ سەي .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ياداتتى دىدارنى چالنىڭ قاۋىشى ،
ھۆل چىۋىق قولىدا دائىم ساۋىشى .
يۇلۇنغان چاچلارنى ئىڭراپ تارىشى ،
ئىدىغۇ ئۇ ئەسلى مۆمىن ياۋىشى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

بالنىستتا يېتىپ چال قالدىم تەس كۈندە ،
قاقاھلاپ كۈلگەن يوق يېقىملىق ئۈندە .
ھالىدىن خەۋەر ئېپ ياتمايمەن تۈندە .
پۇتىنى يۇپ ئۈچ ۋاق تۆكىمەن يۈندە ...
تەس ئىكەن يەنىلا دىدار

رۇزىكام ئېيتقانتى "دېھقان بولماق تەس" ،
بىرلىرى ئېيتىشار "خوتۇن بولماق تەس".
ئەركەكلەر قاخشايدۇ ، ئەركەك بولماق تەس ،
قويۇڭلار ئۇ گەپنى ئەمدى بولدى بەس !
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس ...

شېئىر يازسا دوستلارغا ياقمىسا تېخى ،
"تاز" بولسىمۇ شېئىرىغا قاتمىسا تېخى .
بەش بالىسى نان دەيدۇ ، باقمىسا تېخى ،
كىگىز ، پالاز، گىلەمنى قاخمىسا تېخى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

دۇمبالايدۇ ھە دىسە ، ئۆيىدىكى چال ،
جاۋاپلاشسا، -تەڭ تۇردۇڭ چىق !خېتىڭنى ئال !
ساقچىلارمۇ ئارلىشىپ بولالمايدۇ دال ،
شۇڭا رەڭگى زەپىران ، جۇدۇن تەككەن تال .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

قوشتىن چىقسا ھىلىلا سۆرەمگە قاتار ،
ئاش پىشمىسا ۋاختىدا ساپلىقنى ئاتار .
كۈتكەچ خوش ! دەپ ئېرىنى يانپاشلاپ ياتار ،
كىيىم دىسە ھۈرپىيەر، چىقمايدۇ ماتار .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

باللارنىڭ جېدىلى ، بۇزۇپ چېچىشى ،
بىرىنى ساقايتسا بىرنىڭ يېتىشى .
نەدە بار دىدارنىڭ خۇشال ئۆتىشى ،
دەرتلىرى ئاز كېلىپ چالنىڭ تىركىشى ،
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئۆي ئىشىدىن ئېشىنسا تالانىڭ ئىشى ،
ئارام نەدە دىدارغا يازۇ ھەم قىشى .
"ئەركەك" بولماي تويدىغۇ ، بولغانغا چىشى ،
دەرتكە تولدى شۇ سەۋەپ ئىچى ھەم تېشى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئەزەلدىن بىلمەيدۇ مەشرەپ توي -تۆكۈن ،
قولىنى كۆسەي قىپ چىقىرار تۈتۈن .
كويلىدىن ساق پېتى چىقارمىش پۈتۈن ،
ئاغرىسا يېتىۋال دىمەيدۇ كۈتۈن .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

قالسىمۇ ھېرىقىپ ، ئىنجىقلاپ بەزەن ،
چۆكۈرۈپ بېشىنى ئىشلەيدۇ بەلەن .
چىقىپلا قالسا گەر ئىشىدىن ئېۋەن ،
"شاگاڭ"نىڭ ئورنىغا تەييارمىش لېۋەن .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

ئۇ خۇددى قىشلاقتا دۈگدەيگەن قوزا ،
نان نەدە قوساققا ، تۇتىدۇ رۇزا .
ئېتىزدىن كېلەلمەي تېرىيدۇ غوزا ،
تاغىرى توشمىسا كىيىدۇ موزا .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

بار ئۇنىڭ "جېفاڭجۈن" بەرگەن جۇۋىسى ،
سوغۇقنى ياپىدۇ ئۆتۈك قونجىسى .
يۆگىسە پايتىما كەتمەس مانجىسى ،
ياق دىسە ئەگىيدۇ چالنىڭ قامچىسى .
دۇنيادا ھەممىدىن دىدار بولماق تەس .

سەنەم مۇنبىرىدىكى باغرىم تېمىسى

جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

خەق دەيدۇ ئاشپەز سەن قورسىقىڭ توق
قولۇڭدا ئېسىل ھۈنەر غەم ئەندىشەڭ يوق
لېكىنزە تاماق يىگۈدەك ھىچ بىر ۋاقىت يوق
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس.

خېرىدارغا ئىللىق چىراي ئاچمىسام تېخى
چاخچاق قىلىپ كۆڭلىنى ئالمىسام تېخى
كۈلگەندە مەنمۇ تەڭ كۈلمىسەم تېخى
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

بىرى كىرىپ دەيدۇ ماڭا، بىر نەچچە تەخسە سەي
يەنە بىرى ۋارقىراۋاتقان بىر بوتولكا مەي
دىگەن نەرسە چىقمىسا ۋاقتىدا، دەپ كەتتى ھەي-ھەي
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

بەزىدە ئازغىنە پۇلدىن كەچمىسەم تېخى
كەچكەندە بۇلىمەن ئاندىن بىر سېخى
كەچمىسەم دەيدىكەن ئىنتايىن گىرى
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

ئاشخانا ئېچىپ تاپقان پۇلۇممۇ چاغلىق
پۇل تاپالماي تاس قالدىم ساتقىلى ياغلىق
خەق دەيدۇ بۇ شەھەر سەن بولساڭ تاغلىق
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

بىرى كەلگەن باج پۇلىنى تۆلىمەمسەن دەپ
بىرى كەلگەن رەسمىيەتنى ئۆتىمەمسەن دەپ
قورساق ئاچتى-جان قاچتى، سەي قورۇمامسەن دەپ
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

تۆنۆگۈن كەلدى بىرسى، ئىس-تۈتەك پۇلىغا
بۈگۈن كەلدى بىرسى ، تازلىق پۇلىغا
كەلسىلا دەيدۇ، ئەخلەتنى تۆكۈڭ ئورىغا
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس

ئۇن- ياغ پۇلىنى ياندىن چىقارسام
سەي-گۆش پۇلىنى ياندىن چىقارسام
خەق يىسە بىكارغا مەن پۇل چىقارسام
جاھاندا ھەممىدىن ئاشپەز بولماق تەس


خوتۇن بولماق تەس

مەن ئۆزەم شىئىرغا قىلىمەن ھەۋەس،
شىئىر يازسام يالغاننى توقۇغان ئەمەس،
تۇرمۇشتا ئايالنىڭ خىزمىتى چەبدەس،
ئەرلەرنىڭ كوزىغۇ ئەمەستى ئەلەس،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

بىر يۇرەك سوز ئىيتاي سالغىن سەن قۇلاق،
ئالدىراپ ئاغزىمغا ياپما سەن تۇۋاق،
توختىماي توي-چايدا سەن ئىچتىڭ ھاراق،
ئويلىنىپ ئۆزەڭگە قويغىن بىر سوراق،
ئويدىكى ئايالىڭ ئەمەستۇر مۇناق،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

ئاياللار ئەزەلدىن ئانا ۋارىسى،
ئائىلە ئۇلارنىڭ يۇرەك پارىسى.
باياشات يۇرگىنىڭ ئۇنىڭ سايىسى،
سالدىڭ سەن ئۇنىڭغا يۇرەك يارىسى،
ۋاقىتسىز ئۇزۇلدى ياشلىق تارىسى،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

قىز ۋاقتى ئوتەتتى ئويناپ خوش بولوپ،
كوڭول شاش يۇرەتتى شاتلىققا تولوپ،
يىگىتلەر كويەتتى، يىراقتا تۇرۇپ،
توي قىلىپ پۇتىغا سالدى ئۇ قۇلۇپ،
ئوتتى ئۇ قۇلۇپنى ئالالماي يۇلۇپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

قوناقنى تىرىسا بۇغداي ئۇنمەيدۇ،
بۇغۇ بىر ھەقىقەت ئۆزگەرتىلمەيدۇ،
ھەيرانمەن بەزىلەر بۇنى بىلمەيدۇ،
بۇيرۇق قىپ قىز تۇغماي، ئوغول تۇغ دەيدۇ،
قىز تۇغسا نەچچە ئاي گەپمۇ قىلمايدۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

كىچىدە مەس كىلىپ <خوتۇن قوپ> دەيدۇ،
<قوساق ئاچ قازانغا سالغىن چوپ> دەيدۇ،
قوپمىسا ئىلاج يوق قۇربى يەتمەيدۇ،
مىڭ جاپا ئاش سالسا ئۇخلاپ يىمەيدۇ،
بۇنىڭغا كىمنىڭ قورسىغى كوپمەيدۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

كۇن ئوتەر ئەرلەرنىڭ ھاراقلا ئىچىش،
مەس كىرسە بۇ ئويدە ئۇرۇش ۋە چىقىش،
خوتۇنغا ۋەزىيپە تاياقلا يىيىش،
ھەيرانمەن مۇنو سۇز ھەدىستە بامىش،
خوتۇنغا ئىرىنىڭ تايىغى ھالالمىش،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

ماڭار ئۇ يەسلىگە بالا كوتۇرۇپ،
ئىشلەيدۇ خىزمەتنى باشنى چۆكۇرۇپ،
ئىشتىن كەپ ئالدىراپ ئوينى سۇپۇرۇپ،
ئەتسىمۇ تاماقنى چۇشتە يۇكۇنۇپ.
تىللايدۇ بۇ ئىشىڭ خام دەپ تۈكۇرۇپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

بەزىدە كۇن كۇنلەپ ئويگە كىرمىسە،
ئاش ئەتسە بۇ ئىشىڭ خام دەپ يىمىسە،
نان ئالسا ناۋايدىن تىخى كۇنلىسە،
خوتۇننىڭ كوڭلىنى ئاچاي دىمىسە،
بۇ دەرىتنى جاھاندا ھىچكىم بىلمىسە،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

قىينانا ئالىيىپ تۇرۇپ سىلكىشى،
يارىماس كىلىننىڭ قىلغان ھەر ئىشى،
ئىرىنىڭ قاپاقنى تۇرۇپ تىللىشى،
بالىنىڭ ئانا دەپ يىغلاپ كىتىشى،
مازاق قىىپ خورازنىڭ سەھەر چىللىشى،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

بۇ دەرىتتىن بۇ ئويدىن غەملەرگە پىتىپ،
چىدىماي ئازاپقا ھالىدىن كىتىپ،
قالسىمۇ نىمجان بوپ كارۋاتتا يىتىپ،
قىينىئانا توختىماس ئاۋاز ياڭرىتىپ،
قىزىنى تىللايدۇ ئاڭا ئاڭلىتىپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

جاپادا قىرىدى يۇزلەردە قورۇق،
دەپ ئوتكەچ بىر ئومۇر دەپ ئىرىم قۇللۇق،
ئويلايدۇ ئۇ پەقەت ئەر دىگەن ئۇلۇق،
ئىرىنىڭ بەختىگە تىلەيدۇ يۇروق،
ئۇ بىلگەچ ھەممىدىن يامان دەپ تۇللۇق،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

دىدىممەن ئاھ خۇدا كوردۇڭمۇ بۇنى؟،
نىمىشقا ئايال قىپ ياراتتىڭ ئۇنى؟
ئويلاپ باق ئايالنىڭ تۇمۇرمۇ جىنى،
بەندىلەر باراۋار دىگىنىڭ قىنى،
ئايالنىڭ ئوخشاشلا ئىسلامغۇ دىنى،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.

ئويلودۇم شۇ ئەرلەر خوتۇن بوپ باقسا،
ئىشتىن كەپ كىچىدە سەي قورۇپ باقسا،
ھەر شەنبە بىر دوۋە كىر يۇيۇپ باقسا،
توققۇزئاي قوساقنى كوتۇرۇپ باقسا،
ئىنجىڭلاپ جاپادا بىر تۇغۇپ باقسا،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.


ئادەم بولماق تەس

بەزىلەر دىيىشتى << ھاراق ئىچمەك تەس>>،
بەزىلەر دىيىشتى << ئايال بولماق تەس >>.
رۇزىئاكام دەپ ئۆتتى <<دېھقان بولماق تەس>>،
م،ھۇشۇر دىگەندەك << ئالىم بولماق تەس>>.
مەن دەيمەن ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئىقرارمەن، راسىتلا تەس دېھقانمۇ بولماق،
چىن ئانا-پەرۋىشكار باغۋنمۇ بولماق،
ئىلىمدە يول ئاچقان ئالىممۇ بولماق،
خەلىققە نۇر چاچقان رەھبەرمۇ بولماق،
ھەممىدىن ھەقىقىي ئادەم بولماق تەس.

ئادەمسەن جانلىقنىڭ شاھى ئولۇقى ،
ئەقىل ۋە بىلىمدە يىتۈك-تولۇقى،
سىنىڭدە جاھاننىڭمەنە يۇرۇقى،
كۆپ شۇڭا ئىش_ئىزىڭ سۇئال سۇرۇقى،
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس.

بولىسەن ھۆنەرۋەن يا دېھقان مۇقۇم،
يا ئالىم، يا رەھبەر، قۇماندان چۇقۇم،
ئادەملىك بولمىسا ئۇ ئارتقان <<تۇقۇم>>.
چۈشەنسەڭ ئادەملىك مىڭ پاتمان ئۇقۇم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-ئۆز قەلبىڭ، ئۆز تىلىڭ بىلەن،
ئادەملىك-ئۆزقەۋمىڭ، ئۆز خىلىڭ بىلەن،
ئادەملىك-ئۆز يۇرتۇڭ، ئۆز ئېلىڭ بىلەن ،
ئادەملىك-ئەل سۆيۈش چىن دىلىڭ بىلەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-روھىڭنى پاكلاشتا دائىم،
ئادالەت يولىنى ياقلاشيا دائىم،
ئار-نۇمۇس، ۋىجداننى ساقلاشتا دائىم،
ئەل مىھرى، ئەجرىنى ئاقلاشتا دائىم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك-ئەڭ ئالىي نىسىۋەڭ-ھەققىڭ،
ئادەملىك-مۇقەددەس ھۆقۇقىڭ-ئەركىڭ،
ئەخلاقىڭ، پەزىلىڭدە زىننىتىڭ-نەرقىڭ،
ئەمگىكىڭ، ئەجرىڭدە قىممىتىڭ،نەرقىڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

نىمە بوپ شان-شەرەپ كۆكىدە ئۇچساڭ،
رەھبەر بوپ ھەتتاكى جاھاننى قۇچساڭ،
يۇقايدۇ ئادەملىك يولىدىن ئازساڭ،
كار قىلماس بوينىڭغا مىڭ تۇمار ئاسساڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەملىك يولىنىڭ مەنزىلى ئۇزاق،
ھاياتتا كۆپ ئاڭا ئۆتكەل ۋە تۇساق،
نەپسىڭ ھەر قەدەمدە قۇرۇدۇ تۇزاق،
ئۇنىڭغا دەسسىسەڭ چۈشكىنىڭ دۇزاق،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

تۇرمۇشتا كۆپ ئۆتكەل سىنايدۇ سىنى،
ئاجايىپ خەتەرلەر ساقلايدۇ سىنى،
بوش كەلسەڭ شۇ ئانلا باپلايدۇ سىنى،
چىڭ كەلسەڭ تېخىمۇ تاۋلايدۇ سىنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ياشلىقتا بىر سىماھ قۇزغار ئىشتىياق،
سۆيگۈدىن دىلىڭغا يېقىلار چىراق،
قەلبىڭنى گۈلخاندەك ياندۇرار پىراق،
ئىزتىراپ ئەقلىڭنى قاچۇرار يىراق،
مۇھەببەت-سۆيگۈسىز ئادەم بولماق تەس.

گاھ يىغلاپ، گاھىدا كۈلۈپ كېتىسەن،
ئويلايسەن بىر ئىشنى تۇنۇپ يېتىسەن،
شۇ ئىشقا بېشىڭچە چۈكۈپ كېتىسەن،
ھاياتقا قايتىدىن كۈنۈپ كېتىسەن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ياتلىق بوپ، ئۆيلىنىپ، ئۆي تۇتماستىن ھەم،
قىلىنماس ھەل تۈپتىن ھاياتتىكى كەم،
بەخىتتىن لەۋلىرىڭ بولا-بولماي نەم،
باسىدۇ يەلكەڭنى يېڭى ئېغىر غەم،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئەڭ ئاۋال باسىدۇ ئۆي-ماكان غېمى،
ئۆي قىلساڭ چەكچەيىپ تۇرار تۆت تېمى،
نە قىلساڭ پۈتمەيدۇ چالىسى-كېمى،
باش قېتىپ، قاچىدۇ چىرايىڭ قېنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئۆيىڭگە قوشۇلسا بىر نۇمۇس-بىرجان،
پارلايدۇ كۆڭلۈڭدە يېڭى بىر ئارمان،
بىر يۈكسەك بۇرۋ چۈشۈرەر پەرمان،
چۈچۈيسەن، يەتكىدەك بولمىسا دەرمان،
ئارمانسىز، دەرمانسىز ئادەم بولماق تەس.

بالاڭنى قەدىرلەپ سۆيمىسەڭ بولماس،
ئاناڭغا-ئاتاڭغا كۆيمىسەڭ بولماس،
ھەم يەنە ئۆزىڭنى كۆرمىسەڭ بولماس،
ئەل بىلەن تەڭ سەنمۇ يۈرمىسەڭ بولماس،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

تۇرمۇشتا ئۆزىڭگە يول تاپمىقىڭ تەس،
يول تاپساڭ، تېخىمۇ پۇل اپمىقىڭ تەس،
پۇل تېپىش، خەجلەشتە بولمىساڭ پەخەس،
ئاردۇرار ئىنلىسلار باسار سىېنى نەس،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئازمىساڭ ئېزىشقا زۇرلايدۇ سېنى،
ھەر قىسمە نەيرەڭدە گوللايدۇ سېنى،
گەر ئازساڭ، ۋىقدانىڭ سوتلايدۇ سېنى،
ۋۇجۇدۇڭ ئۆرتەر ئۈتلەيدۇ سېنى،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

قىينايدۇ تۇلىمۇ تۆت بۇلۇڭ،كۇلۇڭ،
ئۆزگەتمەك بولىسەن نەچچە رەت بۇلۇڭ،
قارىساڭ ئىلىكىڭدە ئەمەستۇر رولۇڭ،
ئۆزگىرەر چۈشەنچەڭ، ئۇيۇڭ ھەم خۇيۇڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

كۆرۈسەن ھاياتنىڭ قىسمىتى تالاي،
بولىسەن گاھى بەگ، گاھىدا مالاي،
گاھىدا ياشىساڭ بەختىكە قانماي،
گاھىدا ئۆلۈممۇ كەلمەيدۇ ئوڭاي،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

بولسىمۇ ھاياتنىڭ سىرلىرى تۇلا،
ھىكمىتن تاپسىەن چۇڭقۇرراق ئويلا،
ھىكمەت شۇ: ياشاشتا ۋىجداننى بويلا،
ھاياتنى قەدىرلە ،مەيلىگە قويما،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ھاياتقا ھىجايما قۇشۇماڭنى تۈر،
ھەممىنى قەلبىڭ ۋە ئەقلىڭدىلا كۆر،
ۋىجدانغا ئەگىشىپ ئەقلىڭ بىلەن يۈر،
ئادەمدەك ياشا، ھايات پەيزىنى سۈر،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئاتاققا، شۆھرەتكە بىرىلىپ كەتسەڭ،
ئىمتىياز، ئاماتكە كىرىلىپ كەتسەڭ،
تەمەننا،كىبىردىن كىرىلىپ كەتسەڭ،
قەلبىڭگە يات رەيدە سىرلىنىپ كەتسەڭ،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

نا ئىلاج ھۇشۇڭنى تاپقان چېغىڭدا،
قارىساڭ سىياھ يوق، چىققان تېغىڭدا،
غازاڭلار ئۇچۇدۇ كۆڭۈل بېغىڭدا،
گۆشىڭنى يەيسەن قۇرۇپ يېغىڭدا،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

غۇربەتكە،كۈلپەتكە قالساڭمۇ قات-قات،
ھەرگىزمۇ قەلبىڭدىن ئۆچمىسۇن ئويات،
ئۇ ئۆچسە، تامامەن بولسەن بەربات،
ياشايسەن ئازابتا، دەرتتە ئۆمۈر بات،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئېزىقساڭ ئۆزگىنىڭ ماختاشلىرىغا،
سەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ قاخشاشلىرىغا،
ئەل ئاترقان گۇناھىڭ ئاقلاشلىرىغا،
يۇقالغان قەدىرىڭنى ساقلاشلىرىغا،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئىزىڭدىن ئۈنىدۇ تۈمەنمىڭ سۇئال،
تۈز قەددىڭ بۇلىدۇ گۇيا مەجنۇن تال،
پۇت-قۇلۇڭ، ماغدۇرسىز تىتىربان غال-غال،
ئىڭكىڭ ئۇشلاپ يۇلىسەن ساقال،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئادەم بول، ئادەمدەك بىلىپ ياشىغىن،
يۈرەكنى ئالقانغا ئېلىپ ياشىغىن ،
دىلىڭغا پۈككەننى قىلىپ ياشىغىن،
ئارزۇ ۋە ئارمانغا قېنىپ ياشىغىن،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ھاياتلىقتا ئاسانلىق، كەڭلىك زلىمە،
ھەرىكەتسىز خىيالان تەڭلىك ئىزتىمە،
قەلبىڭگە ھەرگىز ئەڭلىك ئىستىمە،
ئىستىسەڭ ئادەملىل ئىستە، تەس دىمە،
جاھاندا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.

ئويلىساڭ <<ھاياتتا تاپقىنىم نىمە؟،
ئالغىنىم نىمە ھەم ساتقىنىم نىمە؟،
يىغقىنىم نىمە ھەم قاتقىنىم نىمە>>؟،
باسمىسا قەلبىڭنى قايغۇ ، ۋەھىمە،
ئادەمسەن ، ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس.


يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!

دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 10:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا بولمىساڭلار بۇ تىما مۇشۇ يەردە توختاپ قالسا قانداق؟ ئەگەر داۋاملشتۇرۇلسا مەرھۇم ئاتاقلىق خەلق سۆيگەن شائىرنىڭ روھىغا ئۇۋال قىلغان بولىمىز.داۋاملاشتۇرغۇچى گەرچە دىققەت قىلسىمۇ بەزى سۆزلەر قاپىيە ئىتىۋارى بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ قېلىپ سۈپەتسىز تىللارنىڭ يايرىۋېلىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قالىدۇ. بۇرغۇن تەسلەر يېزىلدى........... مەرھۇم شائىرمۇ شۇ تەسلەرگە ئۆز ۋاختىدىلا جايىدا جاۋاپ بەرگەن. بۇ ئۇنداق قىلماڭ !  دىخاننىڭ شۇ تەسلىرىنى توغرا چۈشۈۈنۈڭ دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەندى بىز بولساقمۇ مەرھۇمنى ئارامىدا ياتقىلى قۇيايلى..........يا يوللىغان تىما شۇ لاياقەتكە ئىگە ئەمەس تۇرسا، ساپ ئاشۇ سايلىماي باغللاپ تاشلاپ قويغان خوخىدەك، رەتسىز، كۈرۈمسىز، يا شىر ئەمەس يا قوشاق. شۇنىمۇ تەستىقلاپتۇ تېخى ما باشقۇرغۇچى ئەپەندىلەر............

باھار يا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 10:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9117
يازما سانى: 1426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13901
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 4372 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىمارلارنى ياخشى كۈتمىسە تېخى،
خاپا بولسىمۇ، ئالايسىمۇ كۈلمىسە تېخى.
ئۇلارنىڭ دەردىگە يەتمىسە تېخى،
سەھىيە ساھەسىدە سېستىرا بولماق تەس.

دوستلىرىغا ئارلىشىپ يۈرمىسە تېخى،
سورۇنغا ماسلىشىپ كىيىنمىسە تېخى.
ياراشتۇرۇپ ئۇپا-ئەڭلىك سۈرمىسە تېخى،
سەھىيە ساھەسىدە سېستىرا بولماق تەس.
[s:64]  [s:64]  [s:112]  [s:112]  [s:87]

گەپ ئېغىزدىن چىق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3629
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەس .

گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىققان گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ!

ھايات كۈن ئۆتكۈز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6487
يازما سانى: 1368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 1537 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (saptilak) نىڭ يازمىسىغا

ئون مىڭلاپ پۇللارنى تاپمىسا تېخى ،
تاپمىسا، بىساتنى ساتمىسا تېخى .
يۆتكەشكە لىنكولىن تاپمىسا تېخى ،
كۆچۈرۈپ كەلگەندە  زالنىڭ ئىچىگە .
داراڭشىپ مۇزىكا چالمىسا تېخى ،
جۆر قىلىپ ئوينىسا تېز تانسا تېخى .
توشقۇزۇپ رومكىغا قۇيمىسا تېخى .
مەس بۇلۇپ يېقىلسا يۆلىمىسە تېخى.
...........
دۇنيادا ھەممىدىن خۇتۇن ئالماق تەس .

ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ، ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ، سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز . جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12242
يازما سانى: 1159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3264
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 567 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2011-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادا ھەممىدىن تىرىشچان بولماق تەس
[s:59]

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239285
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12473 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىللەت يازسام پۇتلايدۇ تېخى ،
رومان يازسام پۈتمەيدۇ تېخى ،
چاقچاق يازسام كۈلمەيدۇ تېخى ،
شئېىر يازسام كۈنلەيدۇ  تېخى ،
دۇنيادا ھەممىدىن تېما يازماق تەس .

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئەركىنلىك ، تېنچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7009
يازما سانى: 2078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21791
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-28 11:10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




شائېر بولماق تەس

شائېرلىق ئەزەلدىن سودا ئەمەس ،
كۆچۆرۆپ يىزىش ئەسلا  مودا ئەمەس،
ۋىجدانى يوقلار ھەرگىز توۋا دىمەس،
ھەقىقى شائېر قىلمايدۇ ھەۋەس،
تەس دىسە ھەممىدىن شائېر بولماق تەس.

كۆرگەننى يازساڭ تىخى بولمايدۇ ،
كۆرۆپ تۇرۇپ يازمىساڭ تىخى بولمايدۇ ،
شائېر لار بايلاردەك سىخى بولمايدۇ،
قەلەمدىن ئۆزگە دوستى بولمايدۇ،
تەس دىسە ھەممىدىن شائېر بولماق تەس.


جاھان نەدە قىنى بىز قالدۇق نەدە،
ئوينايمىز ھەركۈنى دەسسەپ تۆت پەدە،
تۇرىشىمىز بىر كاتەك خۇددى بىر گەمە،
ئىيتىڭلار قىنى بىز زادى قانداق بەندە، بۇ
تەس دىسە ھەممىدىن شائېر بولماق تەس.  


بەزىلەر چاغلايدۇ داھى ئۆزىنى،  
ئوچۇق تۇرسا رازى ياپمايدۇ يۈزىنى،
يا ئويىۋالغىلى بولمىسا كۆزىنى،
گەپ قىلسا تىخى تىللايدۇ بىزنى،
تەس دىسە ھەممىدىن شائېر بولماق تەس.



يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش