|
|
|
|
ـــ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ـــ
مەكتەپ بىلەن ئۈيۈم ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ تار كوچىدا سېنىڭ ۋېلىسپىتىڭنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋېلىشنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن مېنى كۈندە شۇنداق مىندۈرۈۋالساڭمۇ مەن يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
جىمجىت سىنىپتا < ماڭا ئۆيگە كىتەيلى > دېيىشىڭنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن ئەزەلدىن مېنى يالغۇز قويمىغان بولساڭمۇ يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
مۇئەللىم سۇئال سورىغاندا سېنىڭ يۇشۇرۇنچە ئالقىنىڭغا يېزىپ كۆرسىتىپ قۇيۇشىڭنى كۈتەتتىم. گەرچە مەن جاۋابىنى بىلسەممۇ، سېنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشڭنى كۈتەتتىم.
ئۈستىلىم ئالدىغا كەلگىنىمدە سېنىڭ ئۇرۇندۇقۇمنى سۈرۈتۈپ بېرىشىڭنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن ھەر كۈنى شۇنداق ئورۇندۇقۇمنى سۈرۈتۈپ بەرسەڭمۇ، يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
كۈزۈمدىن ياشلار ئەگىگەندە، <يىغلاڭغۇ مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلامدۇ>دېيىشىڭنى كۈتەتتىم. گەرچە ھەر دائىم سەن ماڭا يان بېسىم تۇرساڭمۇ يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
ئۇيۇن ئوينىغاندا سەن بىلەن بىر قارار بۇلۇشنى، سېنىڭ مېنى تاللىشىڭنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن ھەر قېتىم مېنى تاللىساڭمۇ، باشقىلار بىلەن بىر قارار بۇلۇشۇمغا ئەزەلدىن يول قۇيۇپ باقمىغان بولساڭمۇ مەن يەنىلا سەن بىلەن بىر قارار بۇلۇشنى كۈتەتتىم.
...
ـــ مەكتەپ پۈتكەندىن كېيىن ـــ
سېنىڭ ماڭا تېلغۇن قىلىپ< قانداقراق ئەھۋالىڭ >دەپ قويۇشۇڭنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن ماڭا دائىم تېلغۇن قىلىپ تۇرساڭمۇ، يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
ئاشىقلار بايرىمىدا بىرەر تال قونچاق بولسىمۇ سوۋغا قىلىڭشنى كۈتەتتىم. گەرچە بىز دوست بولساقمۇ سەندىن سوۋغا ئېلىشنى كۈتەتتىم.
قار ياققان كۈنلىرى، مېنى سەيلىگە ئېلىپ چىقىشڭنى كۈتەتتىم. گەرچە سەن مېنى سەيلىگە ئېلىپ چىقىۋاتقان بولساڭمۇ، يەنىلا سنى كۈتەتتىم.
يامغۇر ياققان كۈنلىرى مېنى ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ، مەكتەپنى ئايلاندۇرۇپ كەلسىكەن دەپ كۈتەتتىم. گەرچە سەن دائىم شۇنداق قىلىۋاتقان بولساڭمۇ، يەنىلا سېنى كۈتەتتىم.
....
مەن سېنى كۈتەتتىم، دائىم شۇنداق كۈتەتتىم، بىراق ئەزەلدىن بۇ كۈتۈشنى دوسلۇق دەپ بىلەتتىم، بىراق بۈگۈن سېنىڭ < سېنى سۆيىمەن >دېيىشىڭنى كۈتتۈم...
چۈنكى بۈگۈن ۋېلىسپىتىڭنىڭ كەينىگە مىنگىشىۋالغىنى مەن ئەمەس...
مەنبە : سۇبات
|
|
|
|
|
|