ھەر بىر قېتىم ھېيت يېقىنلاشسۇن ياكى كەلسۇن مەن داۋاملىق ئۈرۈمچىدە نوغاي مەسچىدە ئوقۇغان بىر قېتىملىق ھېيت ناماز كۈنىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن. ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي بولسىمۇ ماڭا شۇنچىكى تەسىر قىلغان بولسا كىرەك.
رۇزى ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى. مەن ئۆزۈم بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر نەۋرە تۇققۇنۇم بىلەن نوغاي مەسجىدىگە ناماز ئوقۇشقا باردۇق. مەسجىدنىڭ ئالدىغا كىلىپلا مەندە قانداقتۇر بىر پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى. چۈنكى ئۈچ قەۋەتلىك مەسجىدكە ئادەملەر سىغىشماي مەسجىد ھويلىسىغىچە،ھەتتا قاتناش توختىتىلىپ چوڭ يوغىچە كىرگەن ئىدى.مەن قار يېغىۋاتقىنىغا قارىماي بىردىن جايناماز كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقان ئاشۇ ئۇيغۇر كىشلىرىگە قاراپ ئۆز مىللىتىمنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ياكى ئېتىقادىدىن سۆيۈنگەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى مەن ئۇيغۇر.
ھېيت نامىزى ئۇقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ، يولدا توختىتىلىپ قۇيۇلغان ،يىلاندەك تىزىلغان ماشىنىلار بىردىن-بىردىن يۇلىنى داۋام ئېتىشتى. بىز نەۋرە تۇققۇنۇم ئىككىمىز مەسجىد ھويلىسىدىن ئاڭلانغان سامانى ئاڭلاپلا مەسجىد ھويلىسىغا كىردۇق.ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى بولغان بۇ ساما ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئۆزمىللىتىمنىڭ تەبرىكلەۋاتقان بۇ پائالىيتىگە ئختىيارسىز زوقلىنىپ قالدىم. چۈنكى مەن ئۇيغۇر.
مەسجىد ھويلىسى ئىچىدە ھېلىقى نەرۋە ئىنىم << ھۇشۇر قارى>> نى كۆرسىتىۋېدى، مىغىلداپ كەتكەن ئادەملەر ئارىسىدىن ئاران تاپرىم.ئۇ مەسجىد پەلەمپىيىدىن پەسكە قاراپ كىلىۋاتاتتى. بىر تىلەمچى ئۇنىڭدىن سورىدى ئۇ يانچۇقىدىن يىپيېڭى بىر يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى بىرىۋېدى .مەسجىد ھويلىسىدىكى تىلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. ئۇ ماڭغاچ قوللىرىنى تەڭلاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر يۈەن دىن بەردى. مەن ئالدىن پۇل پارچىلىۋالغان بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ قەلبىدىكى ئىماننى كۆرگەندەك بولدۇم.
مەن مەسجىد ھويلىسا تەشۋىق ۋارىقى تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولدۇم-دە تەشۋىق ۋارىقىدىن بىرنى ئالدىم. ئەسلىدە ئۇ << شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى ھاياتلىق ۋە مۇھىت ئىلمىي ئىنىستۇدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ >> جەمئىيەتكە سۇنغان مۇراجىئەتنامىسى ئىكەن.
مۇراجىئەتنامىدە شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى ئۇقۇغۇچىسى،19 ياشلىق ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۆرەك كىسىلىگە گىرىپتار بوپ قېلىپ 246 مىڭ يۈەن ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىگە ۋە ئۇنىڭ ھېلىمۇ خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى.
مۇراجىئەتنامىدە يەنە :
<< كىشى ئۆزىنىڭ ئەتىسى ۋە ئۆگىنىسى قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، كىسەللىك قانداقتۇر بىر ئارزۇ قىلىپ تېپىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ ماڭا كەلدى ماڭا كەلمىدى دىگىلى بولمايدىغان ، باشقا كەلسە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولايدىغان رېئاللىق.................
ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلار ،ئاكا ھەدىلەر ، ئىنى سىڭىللار ، سىلەرنىڭ ھەزرىتى ئەلىدەك پەرزەنتىڭلار ياكى قېرىندىشىڭلار بارغۇ؟!قەدىرلىك ساۋاقداشلار ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ ؟؟! مەكتەپتە، دەرسخانىدا، ياتاقتا بىر قانچە يىل ئىجىل بۇلۇپ ئۆتۈپ ، ئىجىل بۇلۇشۇپ قالغان ساۋاقدېشىڭلارنىڭ بىردىنلا كۆزدىن غايىپ بۇلۇپ كىتىشىنى ، يېنىڭلاردىكى ئورنىنىڭ بوس قېلىشىنى قۇبۇل قىلالامسىلەر؟؟! بۇ قورقۇنۇچلۇق ھالنى خيالىي تەسەۋۋۇرۇڭلارغا سىغدۇرالامسىلەر؟؟! ...........>> دىگندەك ئادەمنى ئويغا سالىدىغان سۆز جۈملىلەر بار ئىدى.
بىز نەۋرە تۇققۇنۇم ئىككىمىز ئاران دىگەندە 5 يۈەنلا ئىئانە قىلالىدۇق. بۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا تۇلىمۇ ئاز ياردەم ئىدى. لېكىن جەمئىيەتتە شۇنچىلىك بولسىمۇ ياردەم قىلالىساق،ھەممىمىز ياردەم قىلساق ئاز-ئازدى توپلىنىپ ،ھەزرىتى ئەلىنىڭ داۋالىنىش خراجىتىگە از-تۇلا كۈچ چىقىرالىساق، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ ياردىمىدىن رازى بولغان بۇلاتتۇق.خۇدا ئۇنىڭ كىسىلىگە شىپاھلىق بىرەر ، چۈنكى كىسەلنى بەرگەن خۇدا ئۇنىڭ داۋاسىنىمۇ بىرىدۇ ئەمەسمۇ؟؟!!
2002-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ( پەيشەنبە)
مەنبە: ئەسرارى