چ چ دىكى يالغانچى قىز
ھېكايە
خىزمەتلىرىم بىر ئاز رېتىمغا چۈشكەندىن كېيىن، كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە چ چ رىمنى ئاچتىم. ئەمدىلا مۇنبەر كۈرەي دەپ تۇراتتىم. كامىران ئىسىملىك بىر تورداش مېنى قۇشۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئۇچۇر قىپتۇ، كامىران دىگەن ئىسىمنى كۈرۈپلا ئۇنى قوشقۇم كەلمىدى. ئۇ قايتا ـ قايتا ئىلتىماس قىلىۋەرگەچكە ئۇنى قوشمايمۇ ئامال بولمىدى.
ـ مېنى بەك تۇلا قۇشۇپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ ـ گېپىمنىڭ قوپال چىققانلىقى ئۈزۈمگىمۇ ئايان ئىدى.
ـ نىمە ،مەندىن خاپا بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسىز.
ـ ياقەي...
ـ ئەمىسە ياخشى مېنىڭ ئىسىم كامىران، تۇنۇشۇپ قالايلى.
ـ ھە ـ ئۇنىڭ ئىسىمنىڭ كامىران ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ باشقىچىلا بوپ قالدىم.
ـ قايسى كامىران؟
ـ ئاقسۇلۇق كامىران. نىمە مېنى تۇنامدىكەنسىز.
ـ ياقەي، ئىسمىڭىز بىرسىنىڭ ئىسمىگە ئوخشايدىكەن.
ـ كىمنىڭ ئىسىمىغا، قارىغاندا ئۇ سىزگە مۇھىم ئادەم ئوخشايدۇ.
ـ بەلكىم، ـ تۇرۇپلا جىلە بۇلۇپ قالغاندەك ئىدىم ـ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
ـ سىز دائىملا مۇشۇنداقمۇ.
ـ قانداق ؟
ـ بەك ھاكاۋۇركەنسىز.
ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم بولمىغاچىقىمۇ گەپنى بىراقلا ئۈزۈۋەتتىم؛
ـ ئەمىسە بوپتۇ، خوش.
ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جىمىپ كەتتى.
نەچچە مىنۇتقىچە ئۇنىڭ خوش دىيىشىنى كۈتكەن بولساممۇ جىمىپلا كەتتى. ئۇنىڭ يۇرۇق چ چ رىغا قارىغىنىمچە يەنە خىيالىم كامران تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسلىگەنسىرى ئازاپلىق ھېسلار قوينىغا غەرىق بۇلاتتىم. كەيپىياتىمنى تەڭشەش ئۈچۈن مۇنبەر كۆردۈم، شۇنچە كۆپ تېمىلار ئارىسىدىن قەلبىمگە دال بولغىدەك بىرەر تېما چىقمىغاندەك، ھېچقايسى تېمىنىمۇ كۆرگۈم كەلمىدى، ئۈزۈمچە ئىچىم سىقىلىپ دوستۇمغا تېلغۇن قىلىپ، بىزە ئازادىلىك ھېس قىلغاندەك بۇلۇپ، ئۆز ئىشىم بىلەن مەشخۇل بوپ كەتتىم. شۇ تەرىقىدە كۈنلىرىم بىر خىل مەنىسىز ئۆتمەكتە ئىدى.
تۇرۇپلا چ چ رىمغا قاراپ قۇياتتىم، بىرەرى بىلەن پاراڭلىشىنى ، كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن مەسلەھەت ئېلىشنى ئويلايتىم. ئەمما مۇۋاپىقراق ئوبىكىت بولمىغاچ، بەزىلىرى يېقىن دوستۇم، بەزىلىرى تۇنۇمىغان كىشىلەر بولغاچقا يەنىلا جىمجىت ئىدىم. كامىران ئىسىملىك تۇرداشمۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك تۇردا بار ئىدى. تۇنجى قېتىملىق پاراڭدىلا ئۇنىڭغا قوپال تەككىنىم ئۈچۈنمۇ، نەچچە كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، چ چ رىمغا بىرەر پارچە ئۇچۇر يېزىپ قويمىغان ئىدى. تۇرۇپلا ئۇنىڭغا خەت يازغۇم كەلدى.
ـ ياخشىمۇسىز!
خېلى ۋاقىت ساقلىغان بولساممۇ ئۇ ئۇچۇرۇمغا جاۋاپ قايتۇرمىدى، تۇرۇپلا كۈلكە ئارلاش ئاچچىقىم كەلدى.
ـ نىمە؟ مەندىن رەنجىپ قالغان ئوخشىمامسىز.
ـ ئۇنچىلىك ئەمەسقۇ.
ـ قارىسام رەنجىگىنىڭىز ئېنىقكەن، ئۇ كۈنى كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس ئىدى، سىزگە قوپاللىق قىلىپ سالدىم، كەچۈرۈڭ.
ئۇ كۈلگەن باش سۈرەت بىلەن قۇشۇپ ـ بىلىمەن ، ھېچقىسى يوق دېگەن ئۇچۇرنى ئەۋەتتى .
ئۈزۈمچىلا كۈلىۋەتتىم، كۆڭلۈمدە بولسا ئۇ نىمىنى بىلەتتى دەپ ئويلاۋاتاتتىم.
ـ سىز نىمىنى بىلىسىز؟
ـ ئادەتتە مەنمۇ كەيپىياتىم ناچار چاغلاردا باشقىلارغا قوپال تىگىمەن.
ئۇنىڭ گىپى ئاز بولسىمۇ، ماڭا جانلىق، كۈلكىلىك بىلىندى.
ـ سىزنىڭ ئىسىمىڭىز نىمە؟
ـ مەن سىزگە دەپ بەرگەنغۇ،
ـ ھە راس ئىسمىڭىز كامىران. نىمىش قىلىسز.
ـ سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭە.
ـ پەرەز قىلىپ نىمىمۇ قىلارمەن، دىگىڭىز بولسا دەڭ، بولمىسا كۆڭلىڭىز.
ـ نىمە، يەنە رەنجىپ قالدىڭىزمۇ.
ـ ھە راس سىزنىڭ ئىسىمىڭىز نىمە،
ـ مەن ئەزەلدىن چ چ دا باشقىلارغا ھەقىقىي ئىسمىمنى دىمىگەچكە، ئادىتىم بويىچىلا ئادىلە دېدىم.
ـ ئو؟؟؟ ئۇ بۇ گەپ بىلەن تەڭ سۇئال بەلگسىنى قۇشۇپ ئەۋەتىپتۇ.
ـ نىمە، ئىسمىڭىز راس ئادىلەمۇ؟
ـ ھە ئىشەنمەيۋاتامسىز، ئۈزۈمچە خۇدۇكسىرىگەندەك خەتنىمۇ تېز ـ تېز ئۇرۇۋەتتىم.
ـ ئانچەئەمەس، سىزنىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش توردا يالغان ئىسىم ئىشلىتەمدىغاندۇ دەپ قالدىم.
ـ مەن سىزگە ئىشەنسەم سىز ماڭا ئىشەنمەمسىز.
ـ ياق، ھەر قانداق ئادەمگە ئىشەنمىسەممۇ سىزگە ئىشىنىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھال رەڭلىك ئەتىرگۈلنىڭ سۈرىتىدىن بىرنى ئەۋەتىپتۇ.
ـ قۇبۇل قىلىڭ، دوسلىقىمىزنىڭ يالدامىسى بولسۇن.
........
كۈنلىرىمىز شۇنداق بىر ـ بىرىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ، گاھىدا كۈلۈشسەك، گاھىدا ماي تارتىشىپ ئۈتەتتى، ئۇ ماڭا مېنى ئۈزىگە شۇنداق يېقىن دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ئېتىتتى، مەنمۇ ھەم ئۇنىڭغا شۇنداق ئېيىتتىم.
ـ ئادىلە سىز نىمىشقا ماڭا راس ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بەرمەيسىز ، ـ ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى مېنى سەل تەمتىرىتىپ قويغان بولسىمۇ، ئانچە زور ئەمەس ئىدى.
ـ مېنىڭ ئىسم راس ئادىلە. مەنغۇ ھازىرغىچە سىزگە يالغان سۆزلىمىدىم، ئەمما سىز ھازىرغىچە نىم ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىز.
ـ سىزگە پەرەز قىلىڭ دىگەنغۇ، سىز مەن توغۇرلۇق ئەزەلدىن ئەستاھىدىل ئويلىشىپ باقمىدىڭىز.
ـ مەن پەرەز قىلالمىدىم.
ـ ياق، سىز پەرەز قىلىشنى خالىمىدىڭىز.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى، مەن چ چ دا ئۇنى ئالداپلا كەلگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مېنىڭ سۈزۈمگە ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىغانلىقىنى بۈگۈن بىلدىم.
ـ سىز ماڭا ئەزەلدىن ئىشىنىپ باقمىدىڭىزمۇ.
ـ ياق ، ئازراق ئىشىنىپ باقتىم.
ـ ...
سىزگە راس گەپ قىلىش پۇرسىتى بېرەي، بۇ قېتىم راس گەپ قىلىڭ بۇلامدۇ.
ـ مەن سىزگەراس گەپ قىلىپ كەلگەن، ئىشەنمىسىڭىز بوپتۇ، قېنى سوراڭ، مەن يەنىلا سىزگە راس گەپ قىلىمەن.
كۇنۇپكا تاختىسىدىكى قوللىرىم شۇنداق دەۋاتقان بولسىمۇ، كۆڭلۈمدە مېنى راس گەپ قىلغۇزىمەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ ما ساراڭ دەپ خىتاپ قىلۋاتاتتىم. ئۇچۇقىنى ئېيىتقاندا مەن ئەزەلدىن چ چ دىكى دوسلۇققا ئىشەنمەيتىم، ئۇلارنىڭ پارىڭىمۇ مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس ئىدى.
ـ سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بارمۇ ؟
ـ بار، نىمىشقا بۇنداق سورايسىز. 20 دىن ھاللىقىغان مەندەك چىرايلىق قىزنىڭ ئوغۇل دوستى بولمىسا بۇلامدۇ.
ئەمەلىيەتتە مەن يالغان سۆزلىگەن ئىدىم.
ـ ئوغۇل دوستىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟
ـ ئىشلەيدۇ. ئۇ بەك ياخشى ھەم كىلىشكەن.
ـ ئۇنداقتا سىز ئۇنى ياخشى كۈرەمسىز؟
ـ ئەلۋەتتە، ئۇنى ياخشى كۆرمەم يۈرەتتىممۇ.
ـ مەن سۇئال سوراۋەرمەي، ئۈزىڭىزنىڭ مۇھەببەت ھاياتى توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەپ بېرىڭ بۇلامدۇ؟
ـ بۇلىدۇ، ـ راس گەپ قىلسام ئاشۇ چاغدا خىيالىمغا كامىران كەلدى، ئۇ مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ياخشى كۈرىدىغان، مەن ساقلاۋاتقان يىگىت ئىدى.
ـ سىزگە ئەڭ ھەقىقىي مۇھەببەت كەچمىشىمنى دەپ بېرەي.
تۇللۇقسىزدا ئۇقۇۋاتقىنىمدا كامىران ئىسىملىك بىر ساۋاغدىشىم بار ئىدى. [ ئۇ داۋامىغا تەشنامەن دىگەن ئۇيغۇرچە خەتنى ئەۋەتىپتۇ] ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ياخشى ئۈتەتتىم، بىز دوس ئىدۇق، كېينكى چاغلاردا مەن ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەم ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۈرىمەن دېدىم. ئۇ چاغلاردا مەنمۇ 19 دىن ھالقىغان ئىدىم، بىراق ئۇ جىمىپ كەتتى، مەن شۇ چاغدا ئۈزۈمنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنۇڭدىن بىراقلا يىراقلاشتىم. ئۇ بار تەرەپكە قارىسام، ئېزىپ تېزىپمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلماس بولدۇم. چ چ دىكى كامىراننڭ جىمىپ كەتكىنى كۈرۈپ ؛
ـ كامىران سىز بارمۇ ؟
ـ ھەئە، مەن بار، سىز ئۇنى راسلا ياخشى كۈرەمتىڭىز.
مېنىڭ ھەقىقىي يالغانچىلىقىم مۇشۇ سۇئال بىلەن تەڭلا باشلاندى. تۇرۇپلا ئۈزۈمنىڭ ھېسياتىنى قىلچە يۇشۇرمايلا ئاشكارلىۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ دەرھاللا گەپنى بۇرۇدۇم.
ـ ياق. مەن كېيىن بىلدىم. ئەسلى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن، ئېھسان، [ ئۇنىڭ ئىسىمى يالغان ئېيىتمىغىنىمغا ھەيرانمەن ] مېنى قوغلاشقان ئاشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدىن بىزاردەك كۈرۈنسەممۇ، كېينچە مەن كامىراننى ئەمەس، ئېھساننى ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.
ـ سىز ئەسلى كامىراننى ئەمەس ئېھساننى ياخشى كۈرەمدىكەنسىز.
ـ ھە، ئېھسان مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى راستىنلا ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، كېييىن ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدىم...
ـ ئۇنداقتا ھازىر كامىراننى ئەسلەمسىز.
ـ ياق، ئۈزۈمنى ئۇنۇڭغا يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن.
ـ كامىران سىزنى ياخشى كۆرمەمدۇ،
ئۇنىڭ بۇ سۇئالىنى ئاڭلاپ ئۈزۈمنى چۈشۈرىۋالغۇم كەلمىدى، مەن دەل كامىراننىڭ مېنى ياخشى كۈرىدىغان ـ كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە مۇشۇنداق ئىزتىراپتا قالغان ئەمەسمىدىم.
ـ ئۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ، ئەمما مېنىڭ ياخشى كۈرىدىغىنىم ئېھسان، ئېھسانمۇ مېنى ياخشى كۈرىدۇ... باشقىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.
ئارىنى خېلى كۆپ سۈكۈت قاپلىدى.
ـ مېنىڭ ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى مەن قايتاي.
چ چ دىكى كامىراننڭ بۇنداق دىيىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، ئادەتتە ئۇ بۇ چاغلاردا تېخى ئىشتىن چۈشمەيتتى.
ـ نەگە .
مېنىڭ سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ چ چ رى قارىداپ قالغان ئىدى.
ئۇنىڭ قارىداپ قالغان چ چ رىغا قارىغىنىمچە خىيالغا چۈكۈپ كەتتىم، كامىران مەن سېنى راستىنلا ياخشى كۆرمەسمەنمۇ، سەن مېنى قاچانلىققىمۇ ئىزلەپ كېلەرسەن...
يەنە بىر خىل بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە ئۆيگە قايىتتىم، ئەمدىلا قورو ئالدىغا كېلىۋېدىم، تۇنۇشلا بىر ئاۋاز يۈرەك تارىمنى تىترەتتى.
ـ ماھىرە...
بىر جۈپ كۆز ئۆز ـ ئارا تىكىلگەندە كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قالدى.
ـ كامىران.
ـ ھەئە، ياخشى تۇرۇپسەن.
ـ ھە.
ئۇ كۈزۈمگە تىكىلگىنىچە سورىدى؛ ـ سېنىڭ چ چ دىكى ئادىلە دىگىنىڭ كىم؟
ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا سورىغان سۇئالىدىن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.
ـ كامىران ..بۇ.
ئۇ قۇلۇمغا قىزىل بولاقنى تۇتقۇزۇپلا ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كىتىپ قالدى.
مەن ئۈزۈمنىڭ قانداق بۇلىۋاتقانلىقىمنى بىلەمتىم، شۇنچە كۆپ يالغان گەپلەرنى ئويلاپ يۈرەكلىرىم كۈل بۇلۇپ كەتتى.. [ مەن كامىراننى ياخشى كۈرمەيمەن ] بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقىم ئىدى.
خاس خانەمگە كىرىپ بولاقنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. ئىچىدە چىرايلىق قاتلانغا بىر پارچە خەت تۇراتتى..
[ قەدىرلىك ماھىرە
ساڭا مۇھەببەت توغرىسىدا گەپ قىلغۇم يوق، ئەمما بىر گەپنى دىمەي چىدىيالمايمەن. مەن سېنى سۆيىمەن، ئىشەن ،دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئادەممۇ سېنى مەنچىلىك سۆيمەيدۇ، مەن سېنى مېنى سۈيىدۇ دەپ ئويلايتتىم، سەندەك بىر قىزنىڭ سۈيىشىگە ئىرىشكىنىم ئۈچۈن پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم، سېنى شۇنچىلىك ئاۋايلايتىم، كۆڭلىگە ئازار يەتمىسىكەن دەپ پېيىڭدا يۈرەتتىم. ئەمما [ مەن ئېھساننى سۈيىمەن ] دىگەن ئاشۇ دەقىقىدە ياشاش ماڭا ھارام بولدى. ...
مەن سېنى سۈيىمەن، ئەمما مېنىڭ ھازىر بۇنداق دىيىش ھوقۇقۇم يوق، چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ گۈلى، سېنى مېنى سۆي دەپ زورلىمايمەن، ئەمما مېنى ئەسلەپ تۇر...
سېنىڭ مەڭگۈلۈك بەختىڭنى تىلەپ؛
ـ كامىران .]
مەنبە ؛ سۇبات