ئاچچىق ئۈزۈم
*لاياقەتسىز ئۇقۇغۇچى يوق، لاياقەتسىز ئۇقۇتقۇچىلار بار، دىگۈچىلەر ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىپ باقمىغانلاردۇر.
*تولا ئولتۇرسا بەل-ئۇمۇرتقا كىسەللىكىگە گىرىپتار بۇلىدۇ،دېگۈچىلەر ئاساسەن ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلاردۇر.
*داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيگەننىڭ ھىچبىر مەنىسى يوق ،دېگۈچىلەر ئاساسەن ئاددى كىيىم كىيگۈچىلەردۇر.
*ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچىلار تەنھەركەت قلىپ بەدىنىنى چېنىقتۇرمايدىغانلاردۇر، دېگۈچىلەر ئاساسەن پىيادە ماڭغۇچىلاردۇر.
*ئەقلى ئەمگەك بەدەنگە زىيانلىق، دىگۈچىلەر جىسمانى ئەمگەك قىلغۇچىلاردۇر.
* خىيانەت قىلمايمىز، دىگۈچىلەر ئاساسەن دىگۈدەك ئەمىلى يوقلاردۇر.
*مەغلۇبىيەت مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئانسى، دىگۈچىلەردائىم مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر.
*دوستلۇق بىرىنچى، دىگۈچىلەر مۇسابىقىدە ئىككىنچى بۇلۇپ قالغۇچىلاردۇر.
*مۇھىمى قەلبى گۈزەل بۇلۇش، دىگۈچىلەر ئاساسەن تاشقى قىياپىتى سەت كىشلەردۇر.
*شەھەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان، دىگۈچىلەر شەھەرگە كىرەلمىگەنلەردۇر.
*ئىگىزلىكنىڭ شامىلى كۆپ، دىگۈچىلەر ئاساسەن تۆۋەندە تۇرغۇچىلاردۇر.
مەنبە:تەرمىلەر ژورنىلى.