مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1383|ئىنكاس: 19

مۇھەببەت لىرىكىلىرى 3 (ناتونۇش قىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17604
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



سۆيگۈ بىر خىل ئازاپلىق دۇنيا ، ئادەم ھەقىقىي سۆيگۈگە ساپ ۋىجدان ھەم ئازابى بىلەن يىتەلەيدۇ . ئازاپسىز مۇھەببەتنى ئارمان قىلىش خۇددى تىكىنى يوق قىزىل گۈل ئىزلىگەندەك ، جاپا چەكمەي راھەتنى خىيال قىلغاندەكلا بىر ئىش .



مۇھەببەت بىر خىل تەڭداشسىز كۈچ ، ئۇنىڭ ئىلاھى قۇدرىتىنى پەقەت ، گۈزەل قەلىپ ئىگىسىلا ھېس قىلالايدۇ .



مۇھەببەت ئادەمنى ياۋۇز ياكى گۈزەل قەلىپ ئىگىسى ۋە ياكى دىۋانە ، ساراڭ ، ئەسەبىي بىر ئادەم قىلۋىتىشىمۇ مۇمكىن .



ئەگەر بۈگۈن مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنۈم بولسا مەن ھەرگىزمۇ ئەتىكى قۇياشنى كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن ، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ مەندىن ، مىنىڭ پۈتۈن مەۋجۇداتتىن ، ھەممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمغا قايغۇرمايتتىم ، بۈگۈنكى نۇرنى قەدىرلەيتتىم ، ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارايتتىم .



ئۇ ئايرىلىش ئالدىدا ماڭا ئەخمەقلەرچە بەخىت تىلىگەنغۇ ، بىراق ئۇ ئاشۇ ۋاقىتتا ھەقىقىي بەخىتنىڭ نىملىگىنى بىلىپ ئۈلگۈرگەن بولسىدى كاشكى ، ئۇنداقمۇ كىتىپ قالمىغان بولاتتى .



ئەمدى بىلدىم ، ئۆكۈنۈشكە ، زارلىنىشقا ، ئازاپلىنىشقا تىگىشلىك ئىنسان مەن ئەمەس ،بەلكى سەن . سەن پۈتۈن ھاياتىنى ، ساپ مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىشقا تەييار تۇرغان بىر كۆيۈملۈك ھەمرايىڭدىن ئايرىلدىڭ .



يۇلتۇزلارنى كۆرۋاتامسەن جىنىم ، ئۇلار ئاسمان گۈمبىزىنىڭ زىننىتى بولسا ، سەن قەلبىم باغچىسىنىڭ زىننىتىدۇرسەن ، قەلبىم قاراڭغۇلۇقلىرىغا نۇر چاچقۇچى نۇرلۇق يۇلتۇزسەن جىنىم ! يۈرىكىم قات قاتلىرىدا سامان يۇلتۇزلىرى كەبى چاراقلاپ تۇرغىن ئەبەد نۇر چىچىپ ! ھەيران قالسۇن پۈتۈن كائىنات . سەن بولغىن پادىچى يىگىت مەن بولاي توقۇمچى قىز ، تارقالسۇن سۆيگۈمىزدىن يىڭى رىۋايەت .



ئادەم شۇ قەدەر ئەخمەق كىلۇدىكى : يۈرىكىگە جۇدالىقنىڭ رەھىمسىز خەنجىرى زەردە بىلەن ئۇرۇلغان چاغدىلا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاندىن ھەقىقى چۈشىنىدۇ .



"ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى" بۇ سۆزنى كىم قىلغان بولغىيتتى ساڭا ؟!! سەن راستىنلا ئۆز تەقدىرىڭنىڭ تۆمۈرچىسى بولساڭ ، ھايات مۇساپەڭنىڭ كىيىنكى يىرىمىنى يۈرەك شەكىلدە سوقۇپ مەشۇغۇڭنىڭ كۆكسىگە تاقاپ قوي .



باغرىمدىكى جاراھەت ئىغىزىغا قارا ، ئۇ سىنىڭ بىر چاغدىكى كەشپىياتىڭ ، مەن سىنىڭ كەشپىياتىڭنى قەدىرلەپ ساقلاۋاتىمەن ، گويا سىنى قەدىرلىگەندەك ! مەن ئۇنى پات پات سىلاپ قويىمەن ، گويا سىنىڭ يۈزۈڭنى سىلىغاندەك .



سەن يىراقتىكى تەبەسسۇم ، مىنى ھەسرەتتە قويۋاتقىنى دەل سىنىڭ يىراقتىكى تەبەسسۇمىڭ .



بىز ئايرىلغان دەقىقىدىكى مەنزىرە ئىسىڭدىمۇ ؟ ئاشۇ دەقىقىدە كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن يىشىمنى كۆكسۈڭگە دەپنە قىلغانتىم . سىنىڭ كۆز ياشلىرىڭمۇ يامغۇردەك تۆكۈلۈپ ، ، كۆزلىرىڭ ماڭا قاراپ ئىنتىلمەكتە ئىدى . مەن يىگانە كۆڭلمۈمدىن ئۇرغۇپ چىققان يىگانە كۈيلىرىمگە سىنى قوشۋەتكەن ئىدىم ........... ئۇنتۇمايمەن ئاشۇ ھېجران دەقىقىسىنى.



بىراۋغا قىلغان ئەقىدەڭنىڭ خورلانغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭدا دەرھال ئۆزۈڭنى تارت ، شۇندىلا ئادىمىيلىكىڭ ۋە كىشىلىك غۇرۇرۇڭ سەندىن نەپرەتلەنمەيدۇ .



ئۆتمۈش ئۇ تەمسىز ھاياتلىق سۈيى ، زۆرۈر بولغاندا سەن ئۇنى ئىغىزىڭغا تىمىتىشقا مەجبۇر بولىسەن ، ئۇ خۇددى ئۆتكۈنچى يامغۇردەك ، سالقىن شامالدەك پەيدا بولىدۇ ،، ئەمما بىر ئۆمۈر زەمزەم سۈيى بولۇپ جىسمىڭنى پاكلىيالمايدۇ ، بوشلۇقلارنى مەڭگۈ تولدۇرالمايدۇ ، ئىنسان ھامان ئاجىز ، كۆز ئالدىدا شۈنچە كۆپ خاتالىقلار كۆرۈلۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭغا يول قويىدۇ ، ئەمما تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسنى ئىزلىمەيدۇ ، نېمە ئۈچۈن ؟ زادى نېمە ئۈچۈن ؟؟؟ نىمە ئۈچۈن ئىنسان ئۆز ئەقىدىسىگە قارشى چىقىدىغاندۇ ؟.......



قىزلار روھىنىڭ پاكلىقى -سالماقلىق ، ئازادىلىك ۋە خۇشاللىقتىن قۇرۇلغان ، ئۇ گويا قارغا ئوخشايدۇ ، مۇھەببەت بىلەن ئۇچراشسىلا ئىرىيدۇ ، مۇھەببەت ئۇنىڭ قۇياشى .



قىز كۆڭلى بىر دەريا ، بۇ دەريادا ياپيىشىل يىلتىزلىرى بىلەن قومۇرۇلغان قارغايمۇ ، سىسىپ چىرىگەن كۆتەكمۇ ئاقىدۇ ، قىز قەلبى ئاجىز ، لىكىن ئۇ كەچۈرۈش ، ئەپۇ قىلىشتا چەكسىز .


مەنبە : خاتىرەمگە كۆچۈرۋالغانلىرىم


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
anamihri + 50 ئىسىل يازمىلىرىڭىز داۋاملى ئۇزۇلمىسۇن
subijan + 10 .............لېرىكا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 60   باھا خاتىرىسى

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.
ئاركادا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 09:56:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15785
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 10:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ياخشى نەرسىلەر بار ئىكەن جۇمۇ خاتىرڭىزدە ، يەنە تۈكىڭە نىملەر بار ؟؟؟

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26698
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 10:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت قانداقتۇر سۆيۈشۈش قۇچاقلىشىش ئەمەس بەلكى ئىككى يۈرەكنىڭ بىر-بىرىگە تەشنالىق ئىلكىدە تەلپۈنۈشدۈر.
قۇچاقلىشىش سۆيۈشۈش ھايا ئۈستىگە تىكلەنگەن چىن مۇھەببەتنىڭ
بىردىنبىر شەرتى بولمىسمۇ لېكىن ئىزتىراپسىز غىدىقلاشلار تۈپەيلى ئىنسان
بەزىدە ئۇ ئىشلاردىن خالىي بولالمايدۇ ئەلۋەتتە .
شۇ تۈپەيلى ئۆزىنى ئۆزى ئەيىبلەش ھەقىقىي يېقىنچىلىققا مۇھتاج چىن سۆيگۈ
مۇھەببەتنىڭ ئۆز -ئۆزىدىن يىراقلىشدىن باشقا نەرسە ئەمەس  .
ئۆز-ئۆزىدىن يىراقلاشقان يۈرەكلەردە ئۆز -ئۆزىنى بۇرۇقتۇملۇق ئىچىگە
تاشلاشتىن باشقا نەرسە نىمە قىلسۇن ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 2308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26698
تۆھپە نۇمۇرى: 2865
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 10:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل دۇردانىلەرنى ساقلاپتىكەنسىز.تېخىمۇ ئېسىللىرىنى ساقلاڭ .
ئېسىللىرىنى ساقلاپ ئېسىل بولۇڭ ..

بەخىت ئىزدىمە بەخىت يىنىڭدىلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11044
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17604
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 10:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3-قەۋەت (arif) نىڭ يازمىسىغا

قالدۇرغان دۇردانىلىرىڭىزگە رەھمەت ،  چوقۇم ئويلىشىمەن .

ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئىگە كىشىلا مۇھەببەتنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قىتىدا ساقلىيالايدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنى قەلبىدىن چىقىرۋەتمەيدۇ ، كىشىلەر كۆپىنچە سۆز ھەركەتكە قاراپلا باھا بىرىدۇ ، بىراق ھەقىقى مۇھەببەت ئىگىسى ھەرگىزمۇ ئۆز قەلبىنى داۋراڭ سىلىپ يۈرمەيدۇ .


شەرمى ھايا ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ئىشىنىش ،ھۆرمەتلەش ئاساسىغا قۇرۇلغان مۇھەببەت  تىخىمۇ گۈزەل ، مۇكەممەل ھەم ئەبەدىي  بولىدۇ . ئۇ ھەرگىزمۇ فىزىئولوگىيلىك ئىھتىياج ئەمەس  ، بەلكى چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئەڭ سەمىمىي ، ئەڭ پاك ھېسيات .

كىشى ھەر ۋاقىت بەخىت تۇيغۇسى ئىچىدە ياشاشنى ئۈگىنۋىلىشى كىرەك.ئۆزىدە بار بولغان بەخىتننى سىزەلمىگەن كىشى ئەڭ بەخىتسىزدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15615
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8410
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1241 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 10:52:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىنم ، قارىغاندا ماڭا ئاتاپ يازغاندەك قىلىسىز ، تەتىلدە  بارغاندا  خاتىرىڭزنى كۆرۈپ باقاي ھە .... [s:114]  [s:112]  [s:112]

قورقۇنۇچلۇق بولغنى ئۈمىدسىزلىنىش ئەمەس بەلكى ئۈمىىدسىزلىك ئچىدىكى ئاشۇ ئازراق ئۈمىدنىڭمۇ يوقلىپ كىتشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4359
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9451
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-30 11:01:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزىكا بىلەن بىرلىشىپ ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىكەن...........

قۇرۇق گەپتىن ئەمەل ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 02:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھاببەت ئۇ مەڭگۇلۇك تىما .
پاك  مۇھاببەتنى قانچىلىك  كۇيلىسەك.مەدىھلىسەك ئەرزىيدۇ

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-10-31 02:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي موھەببەتلىك كۆز بىلەن پۈتۈن دۇنياغا،ھەممىگە نەزەر سىلىش پەقەت ھەقىقىي ساپ يۈرەكلەرگىلا مەنسۇپتۇر.
ياخشى يىزىپسىز ...

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش